ئەر باشقۇرۇش تۈزۈمى
(ئايال باشقۇرۇش تۈزۈمى) ناملىق تېمىغا تەقلىد
زامان تەرەققىي قىلغانسىرى ئەرلەردە ئائىلىگە بولغان مەسئۇلىيەت ئاجىزلاپ، بىر قىسىم ئەرلەردە توي قىلىشتىن بۇرۇن ئانىسىغا، توي قىلغاندىن كېيىن خوتۇنىغا يۆلىنىۋالىدىغان ئادەت شەكىللىنىپ قالدى، ئەلمىساقتىن تارتىپ ئەركەكلەر ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى بولۇپ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئائىلىسىدىكەرنىڭ تۇرمۇشىنى قامداپ ئاتىلىق، ئەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۆزىگە مەجبۇرىيەت بىلىپ تىنىم تاپماي مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ كەلگەن، ئەمما بىزگە كەلگەندە بۇ ئەنئەنە ئۆزگۈرۈشكە باشلىدى، دۆلەت بارلىق گىراژدانلارنى قانۇن بىلەن، ئىدارە-ئورۇنلار ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى قائىدە-تۈزۈم ئارقىلىق باشقۇرىدۇ. خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ يېڭىلاش ، ئاۋام پۇقرانىڭ ئائىلە ئىنتىزامىنى تەرتىپكە سېلىپ، ئائىلىلەرنىڭ نورمال تەرتىپىنى ساقلاش ۋە بىر قىسىم ئەرلەرنىڭ مەسئۇلىيەت، مەجبۇرىيىتىنى ئەسلىتىش زۆزۈرىيىتىدىن مەزكۇر «تۈزۈم» تۈزۈپ چىقىلدى.مەزكۇر تۈزۈم چوڭ- كىچىك شەھەر، ناھىيە بازارلىرىدىكى بىر قىسىم مەسئۇلىيەتسىز ئەرلەرگە تەدبىقلىنىدۇ. بارلىق مۇنبەر ئەركەكلىرى ۋاقىبلىنىشى، مۇنبەرگە كىرمەيدىغان مەسئۇلىيەتسىز ئەرلەرنى بۇ تۈزۈمدىن خەۋەردار قىلىشى ۋاجىپتۇر.
1. ئەرلەرنىڭ ئايالىنى سۆيۈش ۋە ئۇنى قەتئىي ھىمايە قىلىش، ئايالىنىڭ ئائىلىدىكى ئورنىنى مۇستەھكەملەش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ. ئائىلىۋى مەشغۇلات ۋاقتىغا قاتتىق ئەمەل قىلىش، ئايالى ناشتىلىق تەييارلاۋاتقاندا ھورۇنلۇق بىلەن ئۇخلاپ ياتماسلىق، بالىلارنى ئويغۇتۇش ۋە ئۇلارنىڭ يۈز كۆزلىرىنى يۇيۇپ ناشتا قىلىشىغا نازارەتچىلىك قىلىش، بۇ جەھەتتە لىڭتاسمىلىق قىلماسلىق، غۇدۇرىماسلىقى لازىم.
2. ئەر بولغۇچى داۋاملىق تەربىيلىنىپ تۇرۇشى، ئۆزىنىڭ كەسپىي ئېڭىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈشتىن سىرت، يەنە ئائىلىگە بولغان مەجبۇرىيەت ۋە مەسئۇلىيىتىنى داۋاملىق يادىلاپ تۇرۇشى كېرەك.
3. ئەر بولغۇچى ھەر ۋاقىت ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈپ يۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى، چاچ ساقاللىرىنى ۋاختى ۋاختىدا ياسىتىپ پاكىز يۈرۈشى، ئائىلىدە رەتسىز ، قالايمىقان كىيىنىپ يۈرمەسلىكى (ئۇخلاش كىيىمى بۇنىڭ سىرتىدا)، سىرتقا چىققاندا، بارىدىغان سورۇنغا ماسلاشتۇرۇپ كىيىم كىيىشى، ئىشقا بارغاندا تەنھەركەت كىيىمى، ساياھەتكە چىققاندا كاستىيوم بۇرۇلكا كىيىۋالماسلىقى شەرت. كۆينەكلىرىنىڭ تۈگمىسىنى تولۇق ئېتىشى، مەيدىسىنى كوچا لۈكچەكلىرىدەك ئېچىۋالماسلىقى، ساڭگۇل-سۇڭگۇل، ئالا-بۇلىماچ كىيىملەرنى كىيىپ يۈرمەسلىكى، ئۆيگە كىرگەندە مىھرىبان ئەر، سىرىتقا چىققاندا ۋاپادار ئەر بولۇشى كېرەك.
4. خىزمەتتە بولسا، ھەر ئايلىق ئىش ھەققى، مۇكاپاتى ۋە بارلىق كىرىملىرىنىڭ ھەممىسىنى چوقۇم تولۇقى بىلەن ئايالىغا تاپشۇرۇشى ھەم بۇنىڭغا قارشى ئىدىيىدە بولماسلىقى، يوشۇرۇن پۇل ساقلىماسلىقى كېرەك. ئائىلىنىڭ مالىيە مېنىستىرلىك ھوقۇقىنى ئايالىدىن تالاشماسلىقى، كىرىم چىقىمغا ئورتاق مەسئۇل بولۇشى كېرەك.
5. ئايالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئورنىدا كۆرۈپ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈشى، ئاسرىشى ، ھۆرمەتلىشى لازىم. ھەدىسىلا بىرتەرەپلىمە ھالدا ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۈچۈن كەتمەن چېپىپ ئائىلىنىڭ ئىناق كەيپىياتىغا تەسىر يەتكۈزىشىگە، ئايالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى قېينىئانا، قېينىئاتا دەپ ئاتىشىغا رۇخسەت يوق.
6. ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى نەزەردە تۇتۇپ ئەرلەرنىڭ تۈرلۈك ناملاردىكى قاتار چايلارغا قاتنشىشى قەتئىي مەنئىي قىلىنىدۇ. ئاغىينىلەر يىغىلدۇق دەپ ۋاقىت، پۇل ئىسراپ قىلماسلىقى، سىرىتتا ئىسراپ قىلغان ۋاقتىنى ۋە ئىقتىسادنى ئائىلىسىگە سەرپ قىلىشى لازىم.
7. ئائىلىدە ئايالىنىڭ مالىيە مېنىستىرىلىق نوپۇزى گەۋدىلىنىشى، خەج خىراجىتىگە زىيادە چەك قويۇلماسلىقى لازىم. ئايالىنى بىر كويلۇق چىڭسەي ئالدىم، بەش موچەنلىك يۇمغاقسۈت ئالدىم دەپ چىقىم دەپتىرى يېزىپ مېڭىشقا مەجبۇرلىماسلىقى لازىم.
8. ئايالىغا داۋاملىق تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشى ، ئايالىنىڭ خىزمەت ۋە باشقا سەۋەپلەردىن كۆڭلى ئازار يېگەندە ئېرىنمەستىن تەسەللىي بېرىپ ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تۇرۇشى شەرت.
9. ھە دېسىلا ھاراق ئىچىپ، تاماكا چېكىپ، ئۆيدىن زېرىكسە تورخانىلارغا ، قاۋاقخانىلارغا كىرىۋېلىپ تۈنەپ تەن سالامەتلىكىگە تەسىر يېتىپ ئاغرىپ قېلىپ، ئائىلىنىڭ ئومۇمىي كەيپىياتىغا، ئىقتىسادىغا زىيان يەتكۈزىشىگە رۇخسەت يوق. ئائىلىدىكىلەرگە باش بولۇپ كۆپ ھەرىكەت قىلىش،نورمال تاماقلىنىش ۋە ياخشى تۇرمۇش ئادىتى يىتلدۈرۈش ئارقىلىق ئومۇمى ساغلاملىققا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
10. ئەر بولغۇچى ئۆز پەرزەنتىنى كۈندە مەكتەپكە ئېلىپ بېرىش ۋە قايتۇرۇپ كېلىش ۋەزىپىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىشى، ھەرقانداق سەۋەبلەر بىلەن كېچىكتۈرمەسلىكى؛ ئارام كۈنلىرى ئائىلىسىدىكەرنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنىڭ مول بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى، ئائىلىسىدىكىلەرنى سىرىتتا ئوينۇتۇپ پەرزەنتىنىڭ كۆپرەك تەبىئەت بىلەت ئۇچرىشىپ تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.
11. ئەر بولغۇچىنىڭ ئائىلىنىڭ تازىلىقىغا داۋاملىق نازارەتچىلىك قىلىش مەسئۇلىيىتى بار. ئەگەر ئايالىنىڭ ھورۇنلۇق قىلىشى سەۋەپلىك ئائىلە تازلىقىدىن مەسىلە كۆرۈلسە ئايالىغا تېرىكمەي، زېرىكمەي نەسىھەت قىلىش، ئەجداتلىرىمىزنىڭ پاكىزلىك توغرىسىدىكى ھېكمەتلىرىنى ئايالى چۈشىنىپ قوبۇل قىلغانغا قەدەر چۈشەندۈرىشى كېرەك.
12. ھېيت-بايرامدىن باشقا كۈنلىرى ئۆيگە ئايالىنىڭ خەۋىرى يوق ئەھۋال ئاستىدا خالىغانچە مېھمان باشلاپ كېلىشىگە ، بولۇپمۇ ھاراقكەش، قىمارۋاز دوستلىرىنى باشلاپ كېلىپ تاڭ ئاتقۇچە قىيا-چىيا قىلىپ ئائىلە ئەزالىرى ۋە خولۇم-خوشنىلارنىڭ نورمال دەم ئېلىشىغا تەسىر يەتكۈزىشىگە رۇخسەت يوق.
13. يات ئاياللارغا يامان نىيەت بىلەن قارىماسلىقى، قاراش زۆرۈر بولغاندا قاراش ۋاقتى ھەر قېتىمدا بەش سېكونىتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، ئايال ساۋاقداشلىرى بىلەن خەت يېزىشماسلىقى، كۆرۈشمەسلىكى ۋە توردا ئۇچراشماسلىقى؛ باشقا ھەرقانداق ئاياللارنىڭ ئالدىدا ئەرلىك سالاپىتىنى ساقلىشى، ھەر خىل باھانە سەۋەپلەر بىلەن باشقا ئاياللار بىلەن يالغۇز ئۇچراشماسلىقى كېرەك. ئەگەر ئايالىغا ۋاپاسىزلىق قىلىش قىلمىشى ئايالى تەرىپىدىن بايقىلىپ قالسا، ئائىلىدە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بېرىلىدۇ ھەم ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى چوڭقۇر تونۇپ قىلمىشىغا تۆۋە قىلمىغۇچە جازا ئېلىپ تاشلانمايدۇ.
14. ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن ھاراق، تاماكا ،قىمار ۋە زەھەر بىلەن ئۇچرىشىشقا قەتئىي بولمايدۇ، قالايمىقان ئەرلەر بىلەن دوست بولۇشقا ، ياكى ئايالى ياقتۇرمايدىغان ھەرقانداق ئىش بىلەن شۇغۇللىنىشقا بولمايدۇ. مۇبادا مۇشۇنداق قىلمىشى بايقىلىپ قالسا، دەرھال ئۆزىنى تەكشۈرىشى شەرت.
15.ئائىلىسىدە ئانىسىغا يۆلىنىپ چوڭ بولغان يىگىتلەر ئۆيلەنمەكچى بولغاندا قىز تەرەپنىڭ خىزمىتىنىڭ بار يوقلۇقى، ئالىدىغان مائاشىنىڭ تۆۋەن يۇقىرىلىقىنى قىز تاللاش ئۆلچىمى قىلىۋالماسلىقى لازىم، چۈنكى ئەر دېگەنلىك ئەركەك دېگەنلىك، ئەركەك دېگەنلىك بىر ئاجىزەنى ھەقلەپ نىكاھلاپ ئالغاندىن كىيىن چوقۇم ئۇنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى تەلەپلىرىنى قاندۇرۇپ ئائىلىسى ئۈچۈن ھەر قانداق جاپا مۇشەققەتتىن قورقمايدىغان باتۇر بولۇش دېگەنلىكتۇر.
مەنبە: قەلەم