|
|
|
|
مىرئەخمەتجان دۆلەت كوماندىسىغا كىردى
تېڭشۈن تەنتەربىيە تورىنىڭ2011-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 10دىن 45مىنۇت ئۆتكەندىكى خەۋىرى
ئاسىيا پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، دۆلەت كوماندىسىغا قاتنىشىدىغان ماھىرلارنىڭ تېزىملىكى تاللاش مۇسابىقىسىدىن بىر ئاي بۇرۇن تاپشۇرىلىدىغان بولغاچقا ، كوماندا ئەزالىرى ئېلان قىلدى. شۇنداق قىلىپ، بۇنىڭ ئىچىگە پەخىرلىك ئوغلانىمىز مىرئەخمەتجانمۇ كىردى. بۇنىڭ بىلەن دۆلەت كوماندىسىدا پەخىرلىك ئوغلانىمىزدىن ئىككىسى بار بولدى، يەنى ئابدۇلبارى، مىرئەخمەتجان.
دۆلەت كوماندىمىز 7-ئاينىڭ 23-كۈنى ۋە 28-كۈنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا كامبودژا ۋە لائۇس بىلەن تۇتىشىدۇ. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە بىزنىڭ پەخىرلىك ئوغلانلىرىمىزنىڭ مۇسابىقە مەيدانىگە چۈشۈپ مەردانە قىياپىتىنى نامايەن قىلىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.
شام تەرجىمىسى(بىيجىڭ)
مەنبە: http://sports.qq.com/a/20110701/000363.htm
http://sports.sina.com.cn/n/2011-07-01/11005639869.shtml
|
|
|
|
|
|