كۆز ئالدىمدا تۇرار يالتىراپ،
يار كۆزىدىن ئاققان ياش-مەلھەم.
ئۇرغۇپ ئۇندىن دىلنىڭ ھەسرىتى،
سىرغىپ گويا ياپراقتىن شەبنەم.
بوقۇلدايدۇ ئاچچىق نالە-زار،
ئازاپ،زەرداپ كۆتۈرۈپ پەريات.
ئەزەر دىلنى مىسكىن بىر تۇيغۇ،
ئۆلدى نىچۈن شاتلىق-ئىشتىياق.
مۇھەببەتنىڭ سېھرى-قۇدرىتى،
ئارمان بىرلە تۇرار تاۋلىنىپ.
ئاچچىق خىيال قۇچقان كۆڭۈلنى،
قويدى تەقدىر ئۇچقۇن چاچرىتىپ.
بولۇپ قالدى ھىجران كۆز يېشى،
شۇ مۇھەببەت قىزغىن سۆھبىتى.
دىل قېتىدا تۇنجۇققان سۆيگۈ-
ئۆتكەن قىزغىن ۋىسال قىممىتى.
تۆھمەت ياساپ ساختا سۆيگۈمۇ،
مۇڭ،پىغاننى تۇرار ئۇلغايتىپ.
شىرىن كۆڭۈل،ئۈزۈلمەس رىشتە،
ۋىسال خاراپ تەتۈر تاناسىپ.
2011-يىل1-ئىيۇل (دىيارى كەلپىن)