ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 9قەۋەت kok-sultan كە 2011-07-01 12:21ئەۋەتىلدى :
سالام سىزگە مەلىكە!
سېغىنغان ئوت يۈرەكتىن.
«شەبنەم» سۆيگەن سەھەردە،
غۇنچە يارغان پورەكتىن... 
سىزنى كۆرۈپ كۆك سۇلتان،
ئەسلەپ قالدىم بۇرۇننى،
شاد كۈيلەرگە جۆر بولغان،
شۇ ۋاقىتنى،تۇيغۇمنى.
ھەممە شۇنچە ئۆم-ئىناق،
خۇشال كۈلكە جاراڭلىق،
ھۆرمەتلەيتۇق ئۆز ئارا،
شۇئارىمىز ياڭراقلىق.
ئەمدى قايتا جەم بولۇپ،
كۆرۈشۈپتۇق بۇ يەردە،
دوسلۇقىمىز چىڭ بولسۇن،
مىسرانىمدا مۇنبەردە.
كۆك سۇلتان، ياخشىمۇسىز، سىزنى بۇ يەردە كۆرۈپ ناھايتتى خۇش بولدۇم، تىمىلىرىڭىزنى بىر قۇر كۆرۈپ چىقتىم، قارىغاندا مىسرانىمغا ئەزا بولغىنىڭىزغا خىلى ۋاقىتلار بوپتۇ-ھە؟ ھەرنىمە بولسا بىردىن-ئىككىدىن ھەممىڭلار كىلىۋاتىپسىلەر. بۇنىڭدىن خۇش بولدۇم. خىزمىتىمنىڭ ئالدىراشلىقى تۈپەيلى مۇنبەردە كۆپ زىيارەتتە بولالمىغانلىقىم ئۈچۈن كۆپ ئەزالارنىڭ تىمىلىرىنى ۋاقتىدا كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالماي قاپتىمەن. قايسى كۈنى ئەركزات ئەپەندىمنى كۆردۈم، بۈگۈن سىزنى كۆردۈم...