ئەسسەلامۇئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىرنىڭ قىزغىن ئىشتىراكچىلىرى ...
تۆۋەندە مەن ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ (ئۆزىنى ئىزدەش بوسوغىسىدا ) ناملىق كىتابىدىن ئۆزۇم ياقتۇرغان تەرمىلەرنى مىسرانىم مۇنبىرىدىكى تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى توغرا تاپتىم ... بۇ كىتابنى ئوقۇغانلار بولىشى مۇمكىن . ئوقىمىغانلارمۇ بولىشى مۇمكىن ...
ئاپتۇر ھەققىدە ئازغىنە توختىلاي ...
ئابدۇقادىر جالالىدىن 1964-يىلى 3- ئاينىڭ 11- كۇنى قەشقەرنىڭ بەشكىرەك يىزىسىدا موللا ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . 1986-يىلى قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستۇتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلىتىتىنى پۇتتۇرۇپ ، ھازىرقى شىنجاڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىقققا تەقسىملەنگەن ، 1988-يىلى شىنجان مائارىپ ئىنىستۇتىغا يۆتكىلىپ كەلگەن . ھازىر بۇ ئىنىستىتۇتنىڭ پىراففىسورى .
ئاپتۇرنىڭ ھازىرقى قەدەر ‹ شاراب تومورى › ‹ كۆيگەن دىڭىز › دىن ئىبارەت ئىككى شىئىر توپلىمى ، ‹ ئەقىل مىۋىسى ۋە شەيتان › ‹ ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرى › ناملىق ئىككى ماقالە توپلىمى بار . ئۆزىنى ئىزدەش بوسغىسىدا ناملىق بۇ كىتاب 2002-2003 يىللار ئارىلىقىدا ياپۇنيەدە كۆرگەن بىلگەنلىرى ئاساسىدا يىزىلغان بولۇپ ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۆزىنى ۋە ئۆزگىنى چۈشۈنۈش ھەققىدە چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ ...
مۇقەددىمە ئورنىدا ئىككى ئىغىز
مەن ياپۇنيەگە باردىم . كىشىلەر مەندىن ‹ سەن كىم ؟ › دەپ سورىدى ، ‹مەن ئۇيغۇر › دىسەم گاڭگىراپ قىلىشتى .
ياتلار ئاللىبۇرۇن يوقاپ كەتكەن دىنازاۋۇرنى ياخشى بىلىدۇ ، لىكىىن مىنى بىلمەيدۇ ، كىشىلەر نوپۇزى يۇزمىڭغا بارمايدىغان ئىسكىموسلارنى تونۇيدۇ . لىكىن 10 مىليون نوپۇسقا ئىگە ئۇيغۇرنى تونومايدۇ .
مەن قامۇسلارنى ۋاراقلاپ باقتىم . ‹ ئۇيغۇر › دىگەن ئىبارىنى يەتتە سەككىز قۇر بىلەنلا چۇشەندۇرۇپتۇ . تىخى بايانلارنى بەزى قامۇسلاردا تاپقىلى بولمايدۇ . چىۋىن چاشقان ، قۇرت-قوڭغۇز توغرىسىدا ھەققىدىكى بايانلار بىر ئىككى بەتتىن ئاشىدىكەن .
بۇ ئىشلار ماڭا ھار كەلدى . نومۇس قىلدىم . جاھان ماڭا تار كەلدى . ئەگەر 10 مىليون خىشتىن قەسىر سىلىشقا توغرا كەلسە ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە تارتىپ تۇرىدىغان ھەشەمەتلىك ئالەمگە پۇر كەتكۇدەك ئىمارەت پۇتىشى مۇمكىن .
مەن مەۋجۇدمەن ، لىكىن مىنىڭ مەۋجۇدلىقىمنى دۇنيا تونۇمايدۇ ، ئامرىكا نىگىر يازغۇچىسى رالف ئىللىسون ‹ كۆرۇنمەس ئادەم › ناملىق رومانىدا ( مەن ئۆزۇمدىن باشقا ھىچكىم ئەمەس ، لىكىن شۇنى بايقىدىنمكى ، مەن بىر كۆرۇنمەس ئادەم ) دەپ يازغانكەن . دەرۋەقە مەندىمۇ سوقۇپ تۇرغان ئىنسانىي يۇرەك بار ، تومۇرلىرىمدا ئىقىپ تۇرغان ئىسسىق قان بار ،مەنمۇ پىكىر قىلالايمەن . باھار پەسلىدە غۇچچىدە ئىچىلغان گۇللەرگە قاراپ خۇشال بولىمەن . لىكىن مىنى ھىچكىم تونۇمايدۇ . ئاۋازىمنى ھىچكىم ئاڭلىمايدۇ .
_____________________________________
بىز مەقسىدىمىزنى باشقىلاردىن يۇشۇرۇشقا تىرىشىۋاتىمىز . يالغانچىلىقنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ . بىراق جەمىيەت ئۇنى ماجبۇرلىغاندا ئامال بولمىدى . ئىنساننىڭ ئەسلى تەبىيىتى چىنلىقنى ياخشى كۆرگەچكە ، يالغان گەپ قىلغاندا ، مەلۇم ئۇيات كۈچى ئۆزىنىڭ تىكەنلىك قاناتلىرىنى يۇرەكنىڭ قانداقتۇر بىر يەرلىرىگە ئۇرۇپ ئۆتكەندەك بولىدۇ ، يالغانچىلىققا ئادەتلىنىپ ، ئۇنى دائىملىق كەسىپكە ئايلاندۇرىۋالغانلاردا بۇنداق سىزىم بولامدۇ يوق بىلمەيمەن ...
______________________________________
ئەخمەتجان قاسىمى ، قاتارلىق يولباشچىلار ۋە باشقا اترىخىي شەخىسلەر ھەققىدە خۇددي ئۆز ۆكزى بىلەن كۆرگەندەك سۆزلەيتتى . تارىخى بەزىدە چۇل-چۇل قىلىپ سۇندۇرۇلۇپ ، سۇنۇقلىرى ھەر تەرەپكە چىچىۋىتىلگەن بىر چىنىگە ئوخشاپ قالىدۇ . بىز پەقەت ئۇنىڭ بىر نەچچە سۇنۇقىا ئىگە ، بۇ سۇنۇقلار تارىخىتىن ئىبارەت پۇتۇن چىنىنىڭ شەكلى ھەم ھەجمىنى قىياس قىلىشىمىزدا ئىمكانىيەت بەرمىگۇدەك دەرىجىدە كىچىك بولىشى مۇمكىن . شۇنداقتىمۇ ئاشۇ چىنا ئۆزىمىزنى بىلىشىمىزدە شۇ قەدەر مۇھىم بولغانلىقتىن ، ئاشۇ ناھايىتى چەكلىك ئىمكانىيەتلەر ئاساسىدا ئۇنىڭ ئەسلى قانداق ئىكەنلىكىنى سۇرەتلەشكە مەجبۇرمىز ، بۇ سۇرەتنىڭ ئەسلىدىكى چىنىنىڭ چىن تەسۋىرىگە ئايلىنىشى ئۈچۈن ، چىنىنىڭ سۇنۇقلىرىنى تىرىك شاھىتلاردىن ، ئارخىپ ئىدارىلىرىدىن ، يەنە ئاللىقانداقتۇر پىنھان يەرلەردىن ئىزدەپ تىپىشقا توغرا كىلىدۇ ، بۇنىڭ ئۈچۈن بىر قانچە زامان كىتىشىمۇ مۇمكىن ، تارىخى يىزىش ئارخولوگىنىڭ چىنە سۇنۇقلىرىنى پاياتلاش ھارىكىتىگە ئوخشاپراق قالىدۇ ، ئەكرەك خەمىدى سانسىزلىغان شاھىتلارنىڭ بىرى ، ئۇنىڭ ئىيتقانلىرى بىزگە چىنىنىڭ نامەلۇم بىر تەرىپىدىن دىرەك بەرگەندەك قىلسىمۇ ، ئەسلىي سۇرەت يەنىلا قاراڭغۇ ..
_____________________________________
ھازىر يازغانلىرىم 20-بەتكىچە بولغان ئۆزۇمگە ياخشى ئويلۇنۇشقا تىگىشلىك دىگەن تەرمىلەر ... مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ تورداشلىرى سىلەرنىڭمۇ ئويلۇنۇپ بىقىشىڭلارنى ئۇمىد قىلىمەن ...
ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇشۇنچىلىك يىزىپ تۇراي . كەچ بولغاچقا كۆزەم ئىماچ چىماش بولاپ كەتتى . داۋاملىق يوللايمەن . خالىساڭلار ...
مەنبە ؛ ئۆزىنى ئىزدەش بوسوغىسىدا ناملىق كىتابتىن ئىلىنغان تەرمىلەر ...