ھاراقنىڭ زىينى چەندان كۆپەيدى،
ئىچكەنلەر ئىچىدە ‹‹شەيتان››كۆپەيدى.
ئۆزىنى‹‹ئاقىل››دەپ چاغلىغانلارمۇ،
قەدەھكە باش ئۇردى،نادان كۆپەيدى.
ھاراقنىڭ زىيىنى چەندان كۆپەيدى،
ئىچكەنلەر ئىچىدە نۇقسان كۆپەيدى.
ئائىلە،تۇرمۇشنىڭ سېپى بۇزۇلۇپ،
جاھاندىن جاق تويغان سەرسان كۆپەيدى.
ھاراقنىڭ زىينى چەندان كۆپەيدى،
پىتنىخور،ئالدامچى،يالغان كۆپەيدى.
زىيانلىق نەرسىگەئۇرۇپ ئۆزىنى،
ياش تۇرۇپ ئەقلىدىن ئازغان كۆپەيدى.
ھاراقنىڭ زىينى چەندان كۆپەيدى،
ئىچكەنلەر ئىچىدە چانغان كۆپەيدى.
پەپىلەپ چوڭ قىلغان،تەربىيە بەرگەن،
ئاتىغا-ئانىغا يانغان كۆپەيدى.
ھاراقنىڭ زىينى-ئەيىب كۆپەيدى،
ۋۇجۇدى چىرىگەن زەئىپ كۆپەيدى.
پات-پات دېگۈدەك چاتاقلار چىقىپ،
ئۈلۈم-يىتىم شۇنداقلا مېيىپ كۆپەيدى.
ھاراقنىڭ زىيىنى ئاشۇردى پىغان،
ھېچكىمنىڭ كۆڭلىنى قويمىدى ئامان.
شۇنداقكەن،ھەممىمىز بىر نىيەت بىلەن،
تۇسۇشقا قىلايلى چارە ۋە ئىمكان.
ھاراق توغىرسىدا قىستۇرما