دوسلارنىڭ تەپەككۈر ئويۇننى ئويناش جەريانىدا دادىللىق بىلەن تەسەۋۋۇر قىلىپ،
مەسىلىلەرنى كۆپ نۇقتىدىن كۈزىتىپ.
ئەقىلىي خۇلاسە چىقىرالايدىغانلىقىڭلارغا ئىشىنىمەن..
1.ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان تىراگېدىيە |
بىر ئادەم ئۇخلاشتىن بۇرۇن چىراقنى ئۆچۈرۈپ يېتىپتۇ.ئەتىسى ئەتىگەندە ئويغىنىپ ،
رادىئودىن بىر مەيدان قورقۇنىچلىق ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى،يۈزدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ تالاپەتكە
ئۇچىرىغانلىقىنى ئاڭلاپتۇ.
ئۇ، بۇ ئىشنىڭ پۇتۇنلەي ئۆزىنىڭ خاتالىقى ئىكەنلىكىنى بىلىپتۇ.
لېكىن ئۇ بىر كىچە ئويغانماي ياكى تۈن سەيلىسى قىلماي ئۇخلىغانكەن .
بۇ زادى نىمە ئىش ؟
ئىككى بالا ئىسكىلات ئۆگزسىدە ئويناۋاتقاندا ،ئىسكىلات ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ ،ئىككى بالا يەرگە يىقىلىدۇ،
ئۇلار ئۈستىۋېشىدىكى چاڭ-توزانلارنى قېقىشتۇرىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر بالىنىڭ يۈزى مەينەت
بولۇپ كەتكەن .
لېكىن ، يەنە بىر بالىنىڭ يۈزى پاكىز ئىدى.
بىراق ئاشۇ يۈزى پاكىز بالا يۈزىنى يۇيىدۇ. بۇ نىمە ئۈچۈن ؟
ئەسكەرتىش؛ 1 .ئۇلار سوغۇق سۈ ئارقىلىق بەدىندىكى ئىششىقلارنى قايتۇرمايدۇ. چۈنكى
ھەر ئىككىسى يارلانمىغان .
. 2.ئىككىلىسىلا پاسكىنا قولى بىلەن يۈزىنى تۇتمىغان.
3. يەر يۈزى چاڭ-توزانغا توشقان ،لېكىن ئۇلاردىن تەر ئاقىدۇ.
4.ئۇلارنىڭ يۈزى يەرگە تەگمىگەن.
سىز بىر پويىزنى ھەيدەپ كېتىۋاتىسىز بىرىنچى بېكەتكە كېلىپ توختىغاندا 25 ئادەم چىقىدۇ.
ئىككىنچى بېكەتكە كەلگەندە 55 ئادەم چىقىدۇ، 43 ئادەم چۈشىدۇ .
ئ ۇنىڭدىن كېيىنكى بىكەت ئۈرۈمچى بېكىتى بولۇپ بۇ پويىزنىڭ ئاخىرقى بېكىتى ئىدى .
بۇ يەرگە كەلگەن شوپۇر پويىزدىن چۈشۈپ قول يۇيۇش ئۆيىگە كىرىپ ئەينەككە قارايدۇ.
پويىز شوپۇرىنىڭ كۆزى قانداق رەڭدە ؟ بەك ئاسان.
‹قىزىقارلىق تەپەككۇر ئويۇنلىرى› كىتابىدىن ئىلىندى.