ئايال ماشىنا ئېگىلىرى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
1. كۆرسەتكۈچ چىراققا قارىماي، ماتور سېلىندېرىنى قىرىۋېتىش
كۆپ قىسىم ئاياللار ماشىنا ھەيدىگەندە، پروبېر تاختىسىغا قاراشنى ياخشى كۆرۈپ كەتمەيدۇ. نۇرغۇنلىرى شۇنچە ئۇزۇن يىل ماشىنا ھەيدەپ تۇرۇقلۇق، سۈرئەت ئۆلچىگۈچ كۆرسىتىش چىرىقىدىن باشقا، تورمۇز چىرىقى، بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقىمىغانلىق كۆرسەتمە چىرىقى، ئاپتۇل چىرىقى، قول تورمۇز كۆرسەتمە چىرىقى قاتارلىقلارنىڭ نەدە ئىكەنلىگىنى تامامەن بىلىپ كەتمەيدۇ. بىر ئايال باھار بايرىمىدا ئۆيىگە قايتىپ مېڭىپ، يېرىم يولغا كەلگەندە ماشىنىسىنىڭ ئاپتۇلى تۈگەپ قېلىپ، كۆرسەتمە چىراغ يېنىپتۇ. بۇ چىراق يانغاندا ماشىنىنى داۋاملىق ھەيدەشكە بولمايدىغانلىقىنى ئادەتتە ماشىنا ھەيدىگەنلەرنىڭ ھەممىسى بىلىدىكەن، لېكىن بۇ ئايال بۇنى قىلچىمۇ سەزمەي، ماشىنىسىنى داۋاملىق ھەيدەپ، ماشىنا ماتورىنىڭ سېلىندېرىنى ئېغىر ھالدا قىردۇرۇۋېتىپتۇ.
كەسپ ئەھلىلىرى شۇنى چۈشەندۈرىدىكى : ئايال ماشىنا ئېگىلىرىنىڭ پېروبېر تاختىسىغا قاراشنى ياخشى كۆرمەسلىكى، ئۇلارنىڭ پروبېر تاختىسىغا قاراشنى مەنىسىز دەپ قاراپ، قىزىقماسلىقىدىن بولىدىكەن. شۇڭا ئايال ماشىنا ئېگىلىرى پېروبېر تاختىسىنى ئوبرازلىق، قىزىقارلىق، ئاۋازلىق شەكىلدە قىلىپ قۇراشتۇرغاندا، مەسىلە كۆرۈلگەن ھامان قانداق كاشىلا كۆرۈلگەنلىگىنى ۋاقتىدا بايقىيالايدىكەن. لېكىن ئەڭ مۇھىمى چۈشەندۈرىشىنى كۆپرەك ئوقۇپ، ھەرخىل كۆرسەتمە چىراقلارنىڭ ئىقتىدارىنى چۈشىنىۋېلىشى لازىم.
2. ماشىنا ھەيدىگەندە ماشىنا شامالدۇرغۇچىنىڭ توسۇلۇپ قالغانلىقىنى ئۇقماي، رادىئاتورنى ئالماشتۇرۇش.
نۇرغۇن ئايال ماشىنا ئېگىلىرىدە ماشىنا ئاسراشتىكى ئاساسىي بىلىملەر كەمچىل بولغاچقا، ئادەتتە باشقىلار قانداق ياسايمىز دىسە، شۇ بويىچە ياسىتىپ، بەزىبىر ئالدامچىلار تەرىپىدىن " چاتىقى بولمىسىمۇ چاتىقى بار دەپ كۆرسىتىش، كىچىك چاتاقنى چوڭ قىلىپ كۆرسىتىش " گە ئۇچرايدۇ. سۇن خانىم مانا مۇشۇنداق ئىشقا دۇچ كەلگەن. ئۇ بىر قېتىم ماشىنىسىنى ھەيدەپ باشقا شەھەرگە ساياھەتكە چىققان، يولدا ماتور رادىئاتورى " قايناپ كېتىپ " ، نىمە ئىشلىكىنى بىلمەي، يېقىن ئەتراپتىكى ماشىنا رىمۇنت قىلىش ئورنىغا ماشىنىسىنى رىمۇنت قىلدۇرۇشقا بەرگەن. رىمۇنتچى رادىئاتورنىڭ بۇزۇلۇپ قالغانلىقىنى، ئالماشتۇرۇش كېرەكلىكىنى ئېيتقان، سۇن خانىم شۇنىڭ بىلەن 300 يۈەن خەجلىگەن. قايتىپ كەلگەندىن كېيىن 4S دۇكىنىدىكى رىمۇنتچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئەسلىدە ماشىنا شامالدۇرغۇچىنىڭ توسۇلۇپ قالغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ماشىنا ھەيدەشنىلا بىلىپ، ماشىنا ئاسراشنى چۈشەنمىگەنلىگى ئۈچۈن ئالدانغانلىقىنى ئاندىن بىلگەن.
3. ماشىنىنى ھەددىدىن تاشقىرى ئالا - چەكمەن قىلىپ بېزىۋېلىش
كۆپلىگەن ئايال ماشىنا ئېگىلىرى ماشىنا ئىچىگە نۇرغۇن مويلۇق ئويۇنچۇق، يانفون تەگلىگى قاتارلىقلارنى قويۇۋېلىشقا ئامراق كېلىدۇ. بەزىلىرى ھەتتا پۈتۈن ماشىنا ئىچىنى بىر قېتىم بېزەپ چىقىپ، كىشىنىڭ كۆزىنى ئالا - چەكمەن قىلىۋېتىدۇ. مەسىلەن: ئورۇندۇق، ياستۇق، رول، ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكى، خوتلارنى قاپلاش، مۈرىنى ئاسراش كۆپىچىسى، سېلىنچا سېلىش قاتارلىقلار. بىر قىز ماشىنىسىنىڭ خوتى ۋە قول تورمۇزغا تىۋىتلىق قاپ كەيگۈزىۋالغان، ئويلىمىغان يەردىن بىر كۈنى ماشىنىسىنى 3- خوتتىن 4- خوتقا ئالماشتۇرماقچى بولغاندا، تىۋىتلىق قاپ سىلىق بولغاچقا قولى تېيىلىپ كېتىپ، ماشىنىنى ئارقىغا ياندۇرۇش خوتى سېلىنىپ كېتىپ، بىر قاتار ماشىنا ئارقا - ئارقىدىن سوقۇلۇش ھادىسىسى كۆرۈلۈپ، ماشىنىسىمۇ بۇزۇلغان، ئىقتىسادىي جەھەتتىنمۇ زىيان تارتقان.
كەسىپ ئەھلىلىرى شۇنى چۈشەندۈرىدىكى : ماشىنىنى لايىقىدا بېزەپ، موفتا، تورمۇز، رول قېپى، خوت دەستىسى، قول تورمۇز، ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكى قاتارلىق مۇھىم قىسىملارنى ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرماسلىق لازىم. ماشىنا ئىچىگە زىيادە كۆپ نەرسىلەرنى قويۇۋالماسلىق، كۆرۈش سىزىقىنى توسۇپ قويماسلىق لازىم.
4. بەدىنىنى رولغا ھەددىدىن زىيادە يېقىن قىلىۋېلىش
.يېڭى ئايال شوپۇرلار ماشىنا ھەيدىگەندە، ئورۇندۇقنى ئالدىغا سۈرۈپ، بەدىنىنى رولغا ھەددىدىن زىيادە يېقىن قىلىۋالىدۇ، بۇنداق قىلغاندا ماشىنا ھەيدىگەندە قول ۋە پۇت ئېگىلىپ قېلىپ، قول - پۇت ئەركىن ھەركەتلىنەلمەي، ماشىنا ھەيدەشكە تەسىر يېتىدۇ. تېخىمۇ ئېغىر بولغىنى بەدەن ئالدىغا قانچە يېقىنلاشقانسېرى كۆرۈش بۇلىڭى يوغىناپ، ئىنكاس بارغانسېرى ئاستىلايدۇ. بولۇپمۇ ئىككى ياندىكى ئەھۋاللارنى كۈزىتەلمەي، ئاسان ھادىسە كۆرىلىدۇ. ئۇندىن باشقا، تاسادىبىي ھادىسە كۆرۈلۈپ قالسا، ھەيدىگۈچى تورمۇزغا قىسىلىپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلىشى مۇمكىن.
5. ئارقىنى كۈزىتىش ئەينىكىنى گىرىم ئەينىكى قىلىۋېلىش
بۇنداق قىلغاندا كۆرۈش دائىرىسى توسالغۇغا ئۇچراپ، ئارقا تەرەپنى كۈزەتكىلى بولماي، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن ئامىللىرى كېلىپ چىقىدۇ. ئايال ماشىنا ئېگىلىرىگە شۇنى ئەسكەرتىمىزكى: ئوڭ، سول، ئوتتۇرا ئۈچ تەرەپتىكى كۈزىتىش ئەينىكىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، يول يۈرۈش جەريانىدا ھەر ۋاقىت كۈزىتىش ئەينىكىگە قاراپ بېرىشتەك ئادەتنى يېتىلدۈرىۋېلىڭ. گىرىم قىلىشقا توغرا كېلىپ قالسا، ماشىنىنى بىخەتەر يول ياقىسىغا توختۇتۇپ، گىرىم قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن ماشىنىنى ھەيدەڭ.