مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 386|ئىنكاس: 8

سۆيۈپ قالساڭ مېنى ناۋادا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئاللاھ ساڭا يار

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35456
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4646
تۆھپە نۇمۇرى: 492
توردا: 2669 سائەت
تىزىم: 2011-3-27
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-27 09:05:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

جېنىڭ چىقىپ كېتەرمۇ شۇ تاپ ،
سۆيۈپ قالساڭ مېنى ناۋادا .
بىر ئىزىدا قالارمۇ توختاپ ،
ئېقىۋاتقان سۇلار دەريادا .


كۆزلىرىڭگە قاراپ ئولتۇرۇپ ،
كۆرەرمەنمۇ سۆيگۈ ئىزىنى .
شۇ دەقىقە ھەممىنى ئۇنتۇپ ،
سۈرەرمەنمۇ ھايات پەيزىنى .

جېنىم چىقىپ كېتەرمۇ شۇ تاپ ،
سۆيۈپ قالساڭ مېنى ناۋادا .
ھەم ئايلىنىپ كېتەرمەنمۇ مەن ،
چىن سۆيگۈدىن پۇتكەن مومياغا .


مەنبە : «شىنجاڭ ياشلىرى »ژورنىلىنىڭ 2008- يىللىق 5- سانىدىن ئېلىندى .


ئايدەككىز :سۇغا سالساڭ سۇ كۆتەرمەس مىسقال تۆمۈرنى ،ئالتۇن بېرىپ ئېلىپ بولماس قالغان كۆڭۈلنى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26007
يازما سانى: 721
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8785
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 5444 سائەت
تىزىم: 2011-1-12
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-27 11:00:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۆيۈپ قالساڭ مىنى ناۋادا ،
خىياللىرىڭ ئۆرلەر ھاۋادا .
كۈندە مىڭ رەت خىيال قىپ مىنى ،
شۇ كۈنلىرىڭ ئۆتەر تامادا .  

مۇندا بى يازسام بوغاندەك تۇرامدۇ نىمە .   ئۆزەمگە تەخەللۇس قوللانسام بولغۇدەك جۇما .  

ئۈمۈد ئۆلۈمنى يېڭىدۇ، كۆرەش زۇ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11002
يازما سانى: 727
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 26788
تۆھپە نۇمۇرى: 984
توردا: 4734 سائەت
تىزىم: 2010-9-21
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-27 11:27:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتورىچۇ؟
مەن‹‹سۆيۈپ قالسام سېنى ناۋادا›› دەپ ئاڭلىغاندەك قىلغان. تېخى بىر شېئىر توپلىمىنىڭ ماۋزۇسىغۇ دەيمەن. ئىشقىلىپ قايسى بىر كىتابدىن ‹‹سۆيۈپ قالسام سېنى ناۋادا››، ‹‹بويتاق شائىرنىڭ مەخپىيىتى›› دېگەن قۇرلارنى كۆرگىنىم ئېسىمدە. بەلكىم بىرەر كىتابتىكى ئاپتور تەرجىمىھالىدىكى تىلغا ئېلىنغان ئەسەرلەرنىڭ ئىسمى بولسا كېرەك. زادى كىمنىڭ ئەسىرى بولغۇيتى؟

رېئال تۇرمۇشتىكى شەيئى ۋە ھادىسلەرنى ئۆزگىچە بولغان ئىلھام بىلەن تەپەككۇر قىلىپ، ئاندىن ئۇنىڭدىن ئالغان تەسىراتنى، ئىلھامىمىزدىكى  شېئىرى ھېس تۇيغۇلار بىلەن يۇغۇرۇپ، قەلبىمىزدىكى گۈزەل تىل ۋە لىرىكىلار بىلەن ئىپادىلىسەك ( شېئىر )بولىدۇ. ___ تۈن لىرىكىسى

ئننە لىللەھى ۋەئ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1213
يازما سانى: 1086
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4723
تۆھپە نۇمۇرى: 362
توردا: 6501 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-27 11:33:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 2قەۋەت  tvnlirikisi كە 2011-06-27 23:27ئەۋەتىلدى  :
ئاپتورىچۇ؟
مەن‹‹سۆيۈپ قالسام سېنى ناۋادا›› دەپ ئاڭلىغاندەك قىلغان. تېخى بىر شېئىر توپلىمىنىڭ ماۋزۇسىغۇ دەيمەن. ئىشقىلىپ قايسى بىر كىتابدىن ‹‹سۆيۈپ قالسام سېنى ناۋادا››، ‹‹بويتاق شائىرنىڭ مەخپىيىتى›› دېگەن قۇرلارنى كۆرگىنىم ئېسىمدە. بەلكىم بىرەر كىتابتىكى ئاپتور تەرجىمىھالىدىكى تىلغا ئېلىنغان ئەسەرلەرنىڭ ئىسمى بولسا كېرەك. زادى كىمنىڭ ئەسىرى بولغۇيتى؟
سىزنىڭ دەۋاتقىنىڭىز ئادىل تۇنىيازنىڭ شېئىرى.

قۇياش ماڭا كۆتۈرەرمۇ تىغ،
سۆيۈپ قالسام سېنى ناۋادا.
سەن ھەققىدە بېرەرمۇ سۆزلەپ،
پورەكلىگەن گۈللەر باھاردا.

سۇ ئۇسقىلى چىقساڭ تالاغا،
يۇتۇۋالماق بولرمۇ بېلىق.
كۆرۈپ قالسا سېنى ئاھۇلار،
جان بېرەرمۇ تارتمايلا تېنىق.

زىناقلىرىڭ ئېچىلسا گۈل-گۈل،
كۆمۈلەرمۇ گۈللەرگە ئالەم؟
چاچلىرىڭنى يايساڭ دېڭىزدەك
تاڭ ئاتارمۇ بۇندا ئەي لالەم.

چۈشلىرىمگە سىغماي كۆزلىرىڭ،
چۆكتۈرەرمۇ تاشقىنلاپ مېنى.
كۆرۈپ قالسا يەپ كېتەرمۇ ئاي،
كۆزلىرىڭنىڭ چوقۇپ ئېقىنى.

كۈيلەشمەكتە تېنىق يۇلتۇزلار،
ئاي بىلەن كۈن سۆيۈشكەن چېغى.
بارمىقىڭنى ئويناپ ئولتۇرۇپ،
مۇڭداشمىدىم قانغۇدەك تېخى.

قاقشال كاككۇك گۈلى تۈۋىدە
ھەر باھاردا ساقلىدىم سېنى.
يۈرىكىڭگە ياتسام باش قويۇپ،
چۈشلىرىڭدىن ھەيدەمسەن مېنى؟

قۇياش ماڭا كۆتۈرەرمۇ تىغ،
سۆيۈپ قالسام سېنى ناۋادا.
سورىساممەن ئىسمىڭنى ،چوقۇم
ئاسمان-زېمىن بېرىدۇ سادا.

1989-يىل 6-ئاي،ئۈرۈمچى.

مەنبە
:«دېڭىزدىكى كوچا»ناملىق كىتابتىن

خام قاپاقنىڭ ئىچى لەشتۇر پارقىراپ تۇرغان بىلەن، مېغىزى شېرىن ياڭاقنىڭ تېشى قوتۇر بولغان بىلەن.

ئۈمۈد ئۆلۈمنى يېڭىدۇ، كۆرەش زۇ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11002
يازما سانى: 727
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 26788
تۆھپە نۇمۇرى: 984
توردا: 4734 سائەت
تىزىم: 2010-9-21
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-27 11:44:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 3قەۋەت  مۇرات كە 2011-06-27 23:33ئەۋەتىلدى  :

سىزنىڭ دەۋاتقىنىڭىز ئادىل تۇنىيازنىڭ شېئىرى.

قۇياش ماڭا كۆتۈرەرمۇ تىغ،
سۆيۈپ قالسام سېنى ناۋادا.
.......
توغرا، توغرا ئاپتورى ئېسىمگە كەلدى. ئادىل تۇنىيازنىڭ تەرجىمھالىدا تىلغا ئېلىنىپتىكەن بۇ شېئىر، ھەم ئوقۇپ بېقىپتىكەنمەن. ھەقىقەتەن ئېسىل شېئىر.

رېئال تۇرمۇشتىكى شەيئى ۋە ھادىسلەرنى ئۆزگىچە بولغان ئىلھام بىلەن تەپەككۇر قىلىپ، ئاندىن ئۇنىڭدىن ئالغان تەسىراتنى، ئىلھامىمىزدىكى  شېئىرى ھېس تۇيغۇلار بىلەن يۇغۇرۇپ، قەلبىمىزدىكى گۈزەل تىل ۋە لىرىكىلار بىلەن ئىپادىلىسەك ( شېئىر )بولىدۇ. ___ تۈن لىرىكىسى

سابا توي فىلىم ئ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77
يازما سانى: 3541
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 231033
تۆھپە نۇمۇرى: 2816
توردا: 11301 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-27 11:53:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Re:

مەنمۇ شىنجاڭ ياشلىرى ژورنىلىغا تېما يولىسام بۇلامدۇ نىمە ؟

ئانا تىلغا كەلگەندە خىرىس ، ئۆزگە تىلغا بولغاندا ھىرىس  ، شۇنچە يىللىق ئىسىل ئەنئەنە ، داۋام ئىتىپ بولغاندا چىرىش . ئاھ ! تىلىم دەپ يۈرەك يىغلايدۇ !؟

تارىخ قايتىلانم

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8607
يازما سانى: 154
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7861
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 3870 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2012-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-27 11:59:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Re:Re:

ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 6قەۋەت  tagnur كە 2011-06-27 23:53ئەۋەتىلدى Re: :
مەنمۇ شىنجاڭ ياشلىرى ژورنىلىغا تېما يولىسام بۇلامدۇ نىمە ؟




.......
مەنچە بولسىمۇ شىئېرلىرىڭىزنى ئەۋەتىپ باقسىڭىز بولغۇدەك

ئىتىڭنىڭ ساڭا بولغان ھېرىسلىقىنى ئۆزۈڭنىڭ قالتىسلىقىڭنىڭ دەلىلى دەپ قالما!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 479
يازما سانى: 1211
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9412
تۆھپە نۇمۇرى: 640
توردا: 3306 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-28 12:24:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناخشىسىمۇ بار !

ئېسىڭىزدە بولسۇن،بىلىمىڭىز بولمىسا ،پۇل تاپالمايسىز،پۇلىڭىز بولمىسا ،كۆيدۈم-پىشتىمغا ئوت تاپالمايسىز !

سابا توي فىلىم ئ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77
يازما سانى: 3541
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 231033
تۆھپە نۇمۇرى: 2816
توردا: 11301 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-28 12:30:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا تىلغا كەلگەندە خىرىس ، ئۆزگە تىلغا بولغاندا ھىرىس  ، شۇنچە يىللىق ئىسىل ئەنئەنە ، داۋام ئىتىپ بولغاندا چىرىش . ئاھ ! تىلىم دەپ يۈرەك يىغلايدۇ !؟
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش