مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 583|ئىنكاس: 3

ئەسلىمىدىن بىر تامچە! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40478
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 275
تۆھپە نۇمۇرى: 52
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2011-5-12
ئاخىرقى: 2011-6-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-27 06:48:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇلتۇر كۈز 10- ئاي بايرامدا قەشقەرگە بېرىش سەپىرىدە يولۇققان مەڭگۈ ئېسىمدىن چىقمايدىغان بىر خاتىرە ئېسىمگە كېلىپ قالدى. گەرچە قىزىقارلىق ۋە ياكى قورقۇنۇچلۇق بولمىسمۇ، ئەمما ئىنسانىي پەزىلەتكە بېرىپ تاقىلىدىغان بىر قېتىملىق ئۇنتۇلماس سەپەر!

چۈشتىن كېيىن، ماشىنا كورلىدىن قەشقەرگە قاراپ قوزغىلىپ ماڭدى. ئارىدىن ئالاھەزەل ئۈچ سائەتلەرگە يېقىن ۋاقىت ئۆتكەن بولسا كېرەك، «بۈگۈر ناھىيىسىدىن ئۆتۈپ ئازراقلا ماڭغان ۋاقىت» ئارىلىقتىكى بىر ساي يولىدا كېتىۋاتقان ئىدۇق، ماشىنىدىكى بىر ياشانغان ئايال تۇيۇقسىز قېقىلىپ ھۆتىلىپ كەتتى، دېمى سىقىلدى بولغاي نەپەس ئېلىشلىرىمۇ بەكلا قىيىنلاشقىلى تۇردى. بىر سائەتتىن ئاشقۇدەك سەپەرگە چىقىپلا قالسام كىتاب سومكامدا بارلىكىن بار، مانا بۇ قېتىممۇ بىرگە ئېلىۋالغان تۈرك يازغۇچىسى ئورخان پامۇكنىڭ «مېنىڭ ئىسمىم قىزىل» ناملىق كىتابى قولۇمدا ئىدى. موماينىڭ قىيلىنىپ ھۆتەلگەن ئاۋازى زېھنىمنى چېچىپ ئۆزىگە قاراتتى. سەكسەن ياشلاردىن ھالقىغان «مەن بىلەن بىر رەت ئارىمىزنى ئۈچ كىشىلىك كارىۋات ئايرىپ تۇرغاچقا بىر قاراشقا شۇنداقراق پەرەز قىلدىم» موماي كىچىك كارىۋاتتا كۆزلىرىنى يۇمغىنىچە ھۆتىلىپ ئوڭدا ياتاتتى. يېنىدا بولسا مەن قۇراملىق بىر قىز يەرگىلا يۈكۈنۈپ موماينىڭ قوللىرىنى تۇتۇپ ئولتۇراتتى. قاراپ ئۇلارنىڭ نەۋرە قىز ۋە موما مۇناسىۋەتتە ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولاتتى. ھاۋا ئىسسىق، ماشىنىنىڭ ھاۋا تەڭشىگۈچلىرىنىڭ ئوچۇقلىرىدىن ئىتىكلىرى كۆپ ئىدى. «ماشىنىدا چوڭلار كۆپ بولغاچقىمىكىن ھاۋا تەڭشىگۈچنى قەيەردىن قانداق ئېچىشنى ئانچە بىلىپ كەتمىسە كېرەك»... موماينىڭ ھۆتەل ئاۋازى بېسىقىپ قالدى، ئەمما يېنىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرغان قىزنىڭ «چوڭ ئانا، چوڭ ئانا كۆزۈڭنى ئاچە، ساڭا نېمە بولدى؟؟؟... » دەپ يىغلاشلىرى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. كارىۋاتقا يېقىن ئەتراپتىكىلەر :- «بۇ ئايال ئۆتۈپ كېتىپتۇ»، دېيىشتى بىر ئېغىزدىن. موماي راستىنلا ۋاقىتسىز كەتكەن ئىدى... لېكىن ئۆزىنى ئەر دەپ چاغلايدىغان، ئادەم دەپ ھېسابلايدىغان بىرەرى يېنىغا بېرىپ ھېچبولمىغاندا ئىككى ئېغىز بولسىمۇ ئايەت ئوقۇشقا يارىمىدى.
ئادەم دېگەن شۇنداق ئىنساپسىز بولىدىكەن، ئالدى كارىۋاتتا ياتقان )يولداشلىرىمىزدىن( بىرىنىڭ:- «قارىغاندا ئائىلىسىدىكىلەردىن قىزدىن باشقا بىرى يوق ئوخشايدۇ، بىچارە قىز ئەمدى قانداق قىلار؟؟؟...» دېگەنلىرىنى ئاڭلىدىم. ئەمما كۆڭلۈمگە ئەڭ ياقمىغان، نەپرىتىمنى قوزغىغان ئىش شۇ بولدىكى: ئوتتۇز بەش- ئوتتۇز ئالتە ياشلار قارىسى ئالغان بىر مائارىپچى (كېتىۋېتىپ ئايرىم ئاڭلىدىم ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكىنى) ھەدىمىزنىڭ غوتۇلداپ:- «ئۆلۈك بىلەن  بىللە ماڭامدۇق ئەمدى؟ ھەي شوپۇر ئۇستام ماشىنىنى توختىتىپ جەسەتنى چۈشىرىۋەتمەمسىز، جەسەت بىلەن بىرگە ماڭساق بىزگىمۇ خەتەر يەتمەمدۇ؟(شوپۇر ئاڭلىماسقا سېلىپ ئالدىغا قاراپ مېڭىۋەردى)»، دېگەن گېپى بولدى. ئۇلۇغ ئاللاھ بىز بەندىگە ئىماننى بەرگەن بىلەن مۇشۇ ئىنساپ دېگەنگە كەلگەندە پىخسىقلىق قىلىپتىكەن دەپ قالىمەن بەزىدە. ئايالغا ئەگىشىپ باشقىلارمۇ بىر ئىككى ئېغىزدىن غوتۇلداشقان بولدى. ئورنۇمدىن قانداق تۇرغىنىمنى بىلمەيمەن، ئاچچىقتىن تىترەپ كەتكىنىمدە ھېچنەرسىنى ئويلىماستىن ئايالنىڭ يېنىغا باردىم:- «سىز ئۆلمەيسىز شۇنداقمۇ؟ سىزنىڭ ئاتا- ئانىڭىزمۇ ئۆلمەيدۇ، قېرىنداشلىرىڭىزمۇ ئۆلمەيدۇ؟ ئۇنداقتا سىلەر قانداق ئادەم؟ سىزدە ئىنساپ دېگەن نەرسە بارمۇ ياكى يوق؟ ھەي، قېرىنداشلىرىم كۆز ئالدىڭلاردىكى بىر جاننىڭ ئىشى، كىمنىڭ بېشىدا يوق شۇ ئۆلۈم، بۇ دۇنياغا بىز پەقەتلا ۋاقىتلىق مېھمان خالاس! كۆپىنچىلىرىڭلار دادا، چوڭ دادا، ئانا ۋە چوڭ ئانا يوللۇق كىشىلەر ئىكەنسىلەر، بەزىلىرىڭلارنىڭ قولىدا كۆتىرىۋالغىنى تەسۋى...  قېنى سىلەردىكى ئىنساپ؟!»...، گەپلىرىمنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئامالسىز قالدىم، گېلىمغا ئاچچىق بىر نەرسە تىقىلىپ (ئەمدى ئارتۇق گەپ قىلما) دېگەندەك توساپلا قويدى... قىزنىڭ نالىسى، ئەتراپتىكىلەرنىڭ سوغۇق نەزىرى ئارىلىقتىكى مەن! (بۇ كۆرۈنۈش مەڭگۈ ئېسىمدىن كەتمەس بەلكىم) گەپلەرنىڭ تەسىرىدىنمۇ ئىشقىلىپ سوغۇق نەزىرى بىلەن غوتۇلداشلار جىمىقىپ كەتتى.
شوپۇر ئۇستامنىڭ يېنىغا بېرىپ سۆزلەشتىم، ماشىنىنى دەرھال ماگىزىن ئەتراپىدا بىر يەردە توختىتىشىنى دېدىم. ماشىنىدا يەنە بىر يىگىرمە ئىككى- ئۈچ ياشلار ئەتراپىدا بىر قىزمۇ بار ئىكەن (دەسلەپ كۆرمەي قاپتىمەن، پەقەت قازا قىلغۇچىنىڭ نەۋرە قىزى يىغلىغاندا ئۈستىدىكى كارىۋاتتىن بېشىنى بەسكە ئارتىلدۇرۇپ قىزغا يىغلىماڭ دېگەندە كۆردۇم) ئۇنى چاقىرىپ ماشىنىدىن چۈشتۇق، يول بويىدىكى بىر ماگىزىنغا كىرىپ قولايلىق داكىدىن ئىككى باغلام ئالدىم- دە، شوپۇر ئۇستامغا دەپ ماشىنىنى دەرھال قوزغاتقۇزدۇم. موماينىڭ يېنىدا يەنىلا شۇ قىزدىن باشقا ھېچبىرى يوق. سومكامغا سېلىۋالغان ياغلىقىمنى بېشىمغا ئارتىپ مېيىتنىڭ يېنىغا باردىم. ئاللاھ ئىگەم ھادىسىدە ھەر خىل ھالەتلەردە ئۆلگەن جەسەتلەرنىغۇ تولا كۆرگەن ئەمما ئۆز ئەجىلىدە كېتىپ قالغان بىرەرنى تېخى كۆرمىگەن ئىدىم. ئەسلىدىلا ئورۇق، ۋىجىك موماي، تېزلىكتە تارتىلىپ تېخىمۇ ۋىجىك كۆرۈنەتتى. چىرايىدا قالغان چۈشىنىكسىز بىر خىل قىيالماسلىقتەك ئىپادە ئازدۇر قالغان ئىدى. نەپەس ئېلىشى قىيىنلىشىپ بولالماي قالغان ۋاقتىدىكى ئاخىرقى ئىزنا بولسا كېرەك، كۆزلىرى يېرىم يۇمۇلغان، ئېغىزلىرىمۇ ھەم شۇنداق... موماي شۇنداق پاكىز قېرىغان ئىدى، دەقىقە ئىچىدە ئېسىمدە خىرە قالغان مومامنىڭ يېقىملىق سىماسى ئەكس ئېتىپ ئۈلگۈردى. بىلگەن ئايەتلىرىمنى ئوقۇدۇم، ھەر دائىم يېنىمدىن  ئايرىماي يادلايدىغان «سۈرە ياسىن»نى ئۈنلۈك ئوقۇدۇم. داكىدا موماينىڭ ئېڭەكلىرىنى چاتتىم، ئىككى پۇتىنىڭ باش بارمىقىنى باغلىدىم (ئىشقىلىپ بىلگىنىم بويىچە قىلدىم) يەنە بىر قىز يېنىمدا تۇرۇپ ئازدۇر ياردەملەشتى. ھېلىمۇ شۇ قىز بوپ قاپتىكەن ماشىنىدا... موماينىڭ نەۋرە قىزىنىڭ كارىۋىتىدىكى ئەدىيالنى تارتىپ ئېلىپ ئۈستىدىن يېپىپ قويدۇق. ئارىدىن بىر قانچە كىشىگە ئازراق بولسىمۇ قىرائەت قىلىپ بېرىشنى دېگەندىن كېيىن ئۇلار كارىۋىتىدا ئولتۇرۇپلا قىرائەت قىلدى.
ئەڭ مۇھىم ئىشنى ھەل قىلدۇق، ئەمدى ئىش موماينىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا خەۋەر بېرىش ئىدى، قىزغا يانفۇننى بېرىپ ئۆيدىكىلەرگە تېلېفۇن قىلىشىنى دېدىم. قىزنىڭ ئاتا- ئانىسى، ئاكىسى، يەڭگىسى قاتارلىقلار ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ دەرھال يولغا چىقىپتۇ، بارا- بارا قاراڭغۇ چۈشۈشكە باشلىدى. ماشىنىنىڭ ئارقا ئۈستى كارىۋات تەرەپنىڭ دېرىزىسىنى ئېچىپ ماشىنا ئىچىگە سومكامغا سېلىۋالغان ئەتىرنى ئېلىپ بىر قۇر  چاچتىم. قىز توختىماستىن يىغلاۋاتاتتى، ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ ئېلىۋالغان پىرەنىك ۋە بىر بوتۇلكا سۇنى بەردىم، قىز بويۇنلىرىمغا ئېسىلىپ تېخىمۇ ئېسەدەپ يىغلاپ كەتتى. كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ ياشلىرىم دومىلاپ چۈشۈشكە باشلىدى. ئۆزۈم قىزنى يىغلىماسلىققا ئۈندەپ تۇرۇپ يىغلاپ كەتتىم... شوپۇر ئۇستامنىڭ يېنىغا بېرىپ مېيىتنىڭ ئۆيىدىكىلىرى كېلىۋاتقىنىنى ماشىنىنى بەك تېز ھەيدىمەسلىكىنى، ئامال بار ئۇلارنىڭ يېتىشىۋېلىشىغا ئىمكان يارىتىپ بېرىشى دېدىم. قىرىق ياشلاردىن ھالقىغان بۇغداي ئۆڭ، ئۆسكىلەڭ چاچلىق، چىرايىدىن بىر خىل قەيسەرلىك، مېھرىبانلىق، ئاقكۆڭۈللىكى كۆرىنىپ تۇرىدىغان شۇپۇر ئاكىمىزمۇ ئوبدان ئادەم ئىكەن. يۈز بەرگەن تاساددىپىي ئىشلار ئۈستىدە بىر ئاز پاراڭلىشىپ قالدۇق، (مېنى دوختۇر چېغى دەپ ئويلاپ قاپتۇ). ماشىنا قاراڭغۇلۇق قوينىغا بارا- بارا سىڭىشىپ كېتىپ باراتتى، ماشىنىدىكىلەر بولسا بەزىلىرى ئۇيقىغا غەرق بولدى، بەزىلىرى دېرىزىدىن سىرتلارغا قارىغىنىچە خىيالغا پېتىپ يېتىشقان ئىدى. قىزنىڭ يېنىغا يەنە باردىم، ئۇنىڭ ئازابىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشتىم. ئۇلار بىر ئائىلىلىك (ئاتا- ئاتا، ئاكا- يەڭگە، مومىسى ۋە قىز)ئەسلىدە ئاتۇشتىن كورلىغا ئىشلىگىلى چىققان ئىكەن، مومىسىنىڭ سالامەتلىكى ئانچە ياخشى بولماي قالغاچقا ئۆيىدىكىلىرى قىزنى مومىسىنى ئېلىپ يۇرتقا قايتىشىنى، ئۆزلىرىنىڭ يەنە بىرەر يېرىم ئاي ئىشلەپ ئاندىن قايتىدىغىنىنى دەپ يولغا سېلىپ قويغان ئىكەن. قىز مەندىن بىر ياش چوڭ بولۇپ، بېشىغا ياراشتۇرۇپ قارا رەڭلىك باش ياغلىقى ئارتىۋالغان، ئاق يۈزلۈك، مۇلايىم قىز ئىدى، چىرايلىق كۆزلىرى يىغىدىن قىزىرىپ ئىشىپمۇ قالغان ئىدى... قىز بىلەن موماينىڭ مېيىتى يېنىدا ئولتۇرۇپ ئۇپۇق سۈزۈلگەنگە قەدەر پاراڭلاشقاچ ماڭدۇق. ئۆيىدىكىلىرى تېخىچە ماشىنىغا يېتىشىپ بولالمىغان ئىدى، ئالاھەزەل سائەت ئالتە يېرىملار ئەتراپىدا بولسا كېرەك، ئاخىرى قىزنىڭ ئاكىسىدىن يانفۇنۇمغا تېلېفۇن كەلدى. بۇ ۋاقىتتا بىز ئاتۇش شەھىرىگە ئازلا قالغان ۋاقىت ئىدى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئورنىنى دەپ بېرىشتى، ئەسلىدە ئۇلار ماشىنىدىن ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ئاتۇش تەرەپكە كېتىدىغان «قىزنىڭ دەپ بېرىشىچە» يول بويىدا ساقلاپ تۇرىدىغان بولۇپتۇ. دېگەندىكىدەك ئون- ئون بەش مىنۇتلار ماڭغاندىن كېيىن ئۇلارنى يول بويىدا كۆردۇق. شوپۇر ئاكىمىزغا ئەھۋالنى دەپ ماشىنىنى توختاتتۇق... قىز ماشىنىدىن چۈشۈپ ماڭار ۋاقتىدا يەنە بىر قېتىم ئېسىلىپ:- «ئەگەر سىز بولمىغان بولسىڭىز قانداقمۇ قىلاتتىم، ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن، قىلغانلىرىڭىز ئۈچۈن مىڭ مەرتىۋە رەھمەت... »دېگىنىچە يىغلاپ كەتتى....
ئالدىنقى كۈنلىرىمۇ خىزمەت ئالدىراشلىقى بىلەن ئانچە ياخشى دەم ئالالمىغان بولغاچقىمىكىن بۇ بىر كېچىمۇ ئۇخلىماي كۆزلىرىمگە قۇم چىڭداپ قويغاندەك ئېچىشىپ ئاغرىپ كېتىۋاتاتتى. بىر ئاز بولسىمۇ كۆزۈمنى يۇمۇۋېلىش ئۈچۈن كارىۋاتقا يانپاشلىدىم. نەدىمۇ بىر ئۇخلاش، ھېلىقى ھەدىمىزنىڭ مەن بىلەن پاراڭلاشقۇسى كېلىپ قاپتۇ. ياق دېمىدىم، گەپلىرىنى كۆپرەك ئاڭلاپ جىممىدە ياتتىم. نېمە دەيتتىم؟ ئۆزىنىڭ ئوقۇتقۇچى، بىر بالىسى بارلىقىنى، ساۋاقداشلار يىغىلىشى ئۈچۈن كېتىۋاتقىنىنى دېگەچ ئەقىلسىزلىق بىلەن قىلىپ قويغان گەپلىرى ئۈچۈن پۇشايمان قىلغىنىنى دېدى. ماشىنىدا كەلگۈچە ئېغىزىمغا ھېچ نەرسە سالمىغىنىمنى دەپ  ئېلىۋالغان يىمەكلىكلىرىدىن بەرمەكچى بولدى، پەقەت ئۇ بەرگەن مىنېرال سۇنىلا ئالدىم. ئاندىن ئارتۇقى ماڭا ھامان ئارتۇق!...

ئۇخلاش ئۈچۈن كۆزلىرىمنى يۇمىۋالدىم، ئەمما كۆز ئالدىمدا ھېلىقى موماي ۋە قىزنىڭ ئىككى پورتىرىتى ئالمىشىپ نامايان بولماقتا ئىدى، ماشىنىدىكى ھەر بىر كىشىنىڭ ھالىتى باشقىچە بولۇپ كۆرۈنۈپ قايتىدىن نەپرەت ۋە غەزىپىمنى قوزغاپ تۇراتتى... كاللامغا قاتار تىزىلغان سوئاللار قىلچە ئارامىمدا قويمىدى،  مىللىتىمىز ئېسىل ئەنئەنىسى بولغان ئۆرۈپ- ئادەت، قائىدە يوسۇنلىرىمىزدىن بىز يىراقلاپ كەتتۇقمۇ ياكى بىزدىن يىراقلاپ كەتتىمۇ؟! نېمە ئۈچۈن؟! بەلكىم بۇ ئازغىنە كىشىلەرنىڭ پوزىتسىيىسى، مۇئامىلىسى ئارقىلىق بىزدە كەم بولىۋاتقان، ئۇنتۇلۇشقا يۈزلىنىۋاتقان ھەقىقەتنىڭ نېمىلىكىنى بىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكىنىم بولغاندۇر دەپمۇ ئويلىدىم. شۇنداق، بىزدە ئىلغار تەرەققىياتقا يۈزلىنىش بىلەن بىرگە بارا- بارا كەم بولىۋاتقان ۋە ئۇنتىلىشقا يۈزلىنىۋاتقىنى زادى نېمە؟!؟!

25- ئىيۇن ئامراق ئىشخانام، تار ئۈستەل جوزىسى ئۈستىگە قويۇلغان كومپىيوتىر ئالدىدا، (ھەجەپ ئىسىپ كەتتى بۇگۈن بۇ ھاۋا) پىژغىرىم ئىسسىقتا نەچچە ئۇگدەپ، نەچچە ئەسلىمگە كېلىپ ئولتۇرۇپ دېگەندەك يېزىلدى.  
تۇمارىس ئەھمەد ئاگنى

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
Aychin + 100 ئەجىر

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 100   باھا خاتىرىسى

كۈندە كەلمەيدۇ سائادەت، كۈندە كەلمەس مۈشكۇلات، مۈشكۇلاتتا ئايرىلار دەل كىم قەلەم، ھەم كىم پولات؟!

كەڭ قۇرساق بولاي

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14907
يازما سانى: 2587
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17418
تۆھپە نۇمۇرى: 394
توردا: 5801 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-27 09:56:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەجەپ ياخشى ئىشنى قىلىپسىز دوستۇم،مەن شۇ خىل ئەھۋالغا يۇلۇققان بولسام ھەرگىز سىزچىلىك قىلالمىغان بولاتتىم،ماڭا بىر تەلىم بولدى بۇ تېمىڭىز،رەھمەت.ھەممەيلەن بەك شەخسىيەتچى بولۇپ كېتىۋاتامدۇ ھە،قىلالمىسىمۇ ،تەسەللىي بولىسمۇ بېرىشى كېرەكتە ئەمدى.شۇنداقمۇ؟ھەي.مېھرىبان بولىلى دوستلار.

مۇھەببەتىڭنى  بىرگە  ئاتا  قىل  ،  لىكىن  مىھرىڭنى مىڭغا  بەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17578
يازما سانى: 208
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4763
تۆھپە نۇمۇرى: 355
توردا: 2921 سائەت
تىزىم: 2010-11-14
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-28 12:21:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللا ياخشى ئىش قىلغانلارنىڭ ساۋابىنى زىيادە قىلىدۇ.

بىلسەڭ جېنىمدىن

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40641
يازما سانى: 129
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 967
تۆھپە نۇمۇرى: 153
توردا: 507 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2012-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-29 12:00:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاھ مەن بولساممۇ ئۇنچىلىك قىپ بولالمايتىم .....

بىلسەڭ جېنىمدىنمۇ ئەزىزسەن---
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش