مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2738|ئىنكاس: 23

قىرىلار بىناسى (ھىكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3013
يازما سانى: 178
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 8002
تۆھپە نۇمۇرى: 669
توردا: 596 سائەت
تىزىم: 2010-6-24
ئاخىرقى: 2012-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-27 01:52:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەپ ئەمدى سەن خەقنىڭ ئىشىغا ئارلىشارمەنمۇ؟ يا ئاللا ئارام كۈنلىرىم يا ئارامىدا بولمىسا؟ ئىشتىن كەلسەممۇ سەن خەقلەرنىڭ ئىشىنى قىلىپ؟ ماڭا پەقەت ئارامچىلىق يوقمۇ؟ سىلەر بىلەن خوشنا بولغانغا ئەجەپ تويدۇما؟
شۇنداق غىڭشىپ مىڭۋاتسام قوشنام سارىغان موماي ئالدىمغا ئۇچراپ قالدىم. بالام دىلمۇراتمۇ سەن، ئۆيۈڭگە تېخى كەلمەپتىكەنسەن. ئۆيگە مېھمان كىلىدىكەن شۇڭا ماڭا بازاردىن كۆكتات ۋە گۆش ئەكلىپ بەر. مانا ماۋۇ پۇل دەپلا قولۇمغا پۇلنى تۇتقۇزۇپ قويۇپ كۆزۈمدىن غايىپ بولدى.
توۋا ھوي مەن سىلەرنىڭ نىمەڭلار مىنىڭمۇ ئىشىم بارغۇ؟ قاچاندىن قاچانغىچە سىلەرنىڭ ئىشىڭلارنى قىلىمەن.
ئامال يوق ئارقىمغا يىنىپ كۆكتات بازىرىغا باردىم ۋە كىتەرلىك كۆكتات ۋە گۆش سىتىۋالغاندىن كىيىن قايتتىم. ئالدىمدىكى ئىگىز بىناغا قاراپ ئىچىمنى يەنە بىرنىملەرنى دەپ پىچىرلاشقا باشلىدىم. 6- قەۋەتكە بۇ نەرسىلەرنى ئىلىپ قاچانمۇ چىقىپ بولارمەن توۋا؟ بوپتۇ ياش بولغاندىكىن قىرى چوڭنامنىڭ مىنى تۇغۇپ بىقىپ قويغان چوڭنامنىڭ ئىشىنى قىپ بىرەي.
كۆكتاتنى سارىغان مومايغا بىرىپ ئۆيگە كىرىپ بولغۇچە  كەينىمدىن خەيرىنىسا موماي كىردى. ۋوي ئۇكام ئۆيۈمدىكى تىلۋۇزۇر چىقمايۋاتىدۇ كۆرۈپ بىقىڭا؟ تىلۋىزۇرنى ئوڭشاپ بوپ يەنە ئۆيگە كىرىپ تۇرۇشۇمغا سادىق بوۋاي كىردى ئۇكام ئەتە ئىشىڭ يوق ھەقاچان ئۈرۈمچىدىن نەۋرەم كىلىدىكەن ئەتە بىكەتكە بىرىپ ئالدىغا چىڭساڭ بوپتىكەن بۇ نەۋرەمنىڭ نۇمۇرى، گەپ قىلماي نۇمۇرنى قولۇمغا ئالدىم.
ۋاي ئەمدى دەم ئىلىش كۈنلىرىممۇ بىكار قالمىدىمغۇ مەن. خەپ مۇشۇ ئۆيدىن بىر كۆچۈپ كەتمىسەم.
ئەتىگەندە ئورنۇمدىن تۇردۇم ھەممە ئۆيگە ئەكىرىپ بىرىدىغان كۆكتاتلارنى ۋاقتىدا ئەكىرىپ بىرىپ ئەمدى تاماق ئىتىپ يەي دەپ تۇرۇشۇمغا سادىق بوۋاي كىردى، ئۇكام تىزراق ماڭساڭ بوپتىكەن نەۋرەم ساقلاپ قالمىسۇن.
ئىتىۋاتقان تامىقىمنى قويۇپ، بولىكىنى چىشلىگەچ ئۆيدىن چىقتىم. ئۇنىڭغىچە پاتىمە موماي ئۇكام بۈگۈن شەنبە چۈشتىن كىيىن بانكا ئىشلىمەيدىكەن ماۋۇ كارتىغا ماۋۇ پۇلنى قويۋەتكەچ كىرسەڭ بوپتىكەن.
يا ئاللاھ ھەي بەندىلەر نىمە ئىش بۇ مىنىڭمۇ ئۆزۈمگە چۈشلۇق ئىشىم بارغۇ؟
بوپتۇ قولۇمدىن كىلىشچە ياردەم قىلاي، ئۆز ۋاقتىدا ئىدارىغا ئۆي دەپ كىرسەم ئۇكام ئۆي قالمىدى. پەقەت مۇشۇ پىنسىيگە چىققانلار توپلاشقان بۇ بىنا قالدى، بۇ بىنادا ھەممىىسى دىگۈدەك ئاجز، ياشىنىپ قالغانلار، ئۇلار بىلەن چىقىشىپ ئۆتەلەرسەنمۇ؟ ۋاي رەھمەت، قانداق ئۆي بولسا مەيلى قانداق كىشى بولسا چىقىشىپ ئۆتەلەيمەن دەپ بىر مۇنچە ۋەدىلەرنى بىرىپ ئاران تەستە ئىرىشكەن بۇ ئۆيدىنمۇ ئەمدى رايىم ياندى.
كۈنلەر شۇنداق ئۆتمەكتە ھەر كۈنى ئەتىگەندە  ئۇلارغا كۆكتات ۋە باشقا لازىمەتلىكلىرىنى ئەكلىپ بىرىمەن، ئىشلىرى بولسا ماڭا نۇمۇس قىلىشماي دەۋىرىدۇ خۇددى مىنى تۇغۇپ چوڭ قىپ قويغان ئاتا-ئانامدەك، مەنمۇ قاقشاپ يۈرۈپ ئامالسىزلىقتىن ئىشلىرىنى قىىپ بىرىمەن.
بىر كۈنى تۇيۇقسىز موتوسىكىلىتتىن يىقىلىپ چۈشۈپ بىر پۇتۇم يىنىك دەرىجىدە يارلاندى. دوختۇرخانىدا يىتىپ قالدىم.
مانا ياتاق ئىشكىمدىن ئۈزۈلمەي قوشنىلىرىم كىرىپ تۇردى. توۋا ئۇلار ئۆز بالىسىغا يىغلىغاندەك يىغلاشقا باشلىدى. دوختۇرخانىدا بىر ھەپتىگە يىقىن ياتتىم شۇ جەرياندا ئۇلار كۈندە بىر نەچچە خىل تاماق ئىتىپ كىلىشتى. مانا سارىخان موماينىڭ قولىدا ئوخشۇتۇپ ئىتىلگەن لەغمەن؟
توۋا سارىخان موماي 6- قەۋەتتىن بۇ تاماقنى قانداق كۆتۈرۈپ كىرگەندۇ، ئۇ ئۆزى يالغۇز چۈشسىمۇ پۇتى ئاغرىيدىغان تۇرسا؟
ئەنە سادىق بوۋاي كىردى. ئۇ قولىدا شورپا كۆتۈرۈپ كىردى. ئوغلۇم دىلمۇرات بۇ شورپىنى يەڭگەڭ ئەۋەتتى. سادىق بوۋامنىڭ يۈرەك كىسىلى خىلى ئىغىر ئادەتتە ئۇزۇن يول ماڭالمايتتى. تېخى ئايسىمە مومايمۇ كىلۋاتىدۇ، توۋا ئۇ ئۆزى يالغۇز كىلۋاتىدۇ، ئۇنىڭ كۆزى ئاجىز تۇرسا نىمىشقا كەلگەندۇ. شۇ تاپتا ئۇلارنىڭ ھەممىسى كۆزۈمگە باشقىچە ئللىق كۆرۈنۈشكە باشلىدى. ئۇلار مىنىڭ ئازابىم ئۈچۈن ياش تۆكۈشلىرى ئانامنى ئەسلەتتى...
دوختۇرخانىدىن تىزراق چىقىپ كىتىشنى ئويلىدىم، ئۇلارنىڭ يەنە قانچىلىك ئىشى مىنى ساقلاپ تۇرغاندۇ؟ مەن ئۆزۈم ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلىكى ئەتراپىمدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بالىسى، ئوغلى ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلدىم. زىممەمدىكى يۈكنىڭ تېخىمۇ ئىغىر ئىكەنلىكىنى بىلدىم. بۇرۇن  شۇلارنى يوق يىرىدا تىللىغىنىمغا تولىمۇ پۇشايمان قىلدىم.
مانا ھازىر بۇ قىرىلار بىناسى مىنىڭ بىر ئائىلەم، بۇ يەرنىڭ مىنىڭ بارلىق خۇشاللىقىم جەملەنگەن... ھەر كۈنى ئوغلۇم، بالام دىگەن بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغىنىمدا ئۆزۈمنى شۇ قەدەر يىنىك ۋە خۇشال ھېس قىلىمەن....

مەنبە: ئىجادى ئەسەر

تۇزنى تۆكمە، قىز

تەجىربىلىك ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 4902
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31359
تۆھپە نۇمۇرى: 527
توردا: 6383 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-27 12:40:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىلىم سۈيۈنۈپ كەتتى ماۋۇ ھىكايىدىن، بىزمۇ قېريىمىز ئەمەسمۇ؟
بىراق( سارىغان) مۇماي ئەمەس(سارىخان) موماي دەپ ئۆزگەرتىپ قويسىڭىز قانداق.

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

ھېچنىمە دىگۈم يو

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6322
يازما سانى: 190
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2093
تۆھپە نۇمۇرى: 603
توردا: 1018 سائەت
تىزىم: 2010-8-14
ئاخىرقى: 2012-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-27 12:47:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجەپ سۈيۈندۈم بۇ ھېكايىدىن، دېمەك ھەمىمىز مۇشۇنداق كۆيۈنۈشكە، مۇھەببەتكە، مىھرىبانلىققا مۇھتاج! شۇ سۈيۈملۈك « قېرىلار» نىڭ دۇئاسى بىلەن ھەممە ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولغۇسى!

ھېچنىمە دىگۈم يوق!

سوكاك ( كوچا )

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44543
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 737
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 186 سائەت
تىزىم: 2011-6-16
ئاخىرقى: 2011-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-27 12:49:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئۆزۈم تاپقان بالاغا ، نەگە باراي داۋاغا .

تۇزنى تۆكمە، قىز

تەجىربىلىك ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 4902
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31359
تۆھپە نۇمۇرى: 527
توردا: 6383 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-27 12:51:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 3قەۋەت  sokak كە 2011-06-27 12:49ئەۋەتىلدى  :
ھازىر جەمئىيتىمىزدە قېرىلار نىمانداق كۆپ .  ئۆلمەي ياشاۋېرەمدىغاندۇ ئۇلار .
سىلەرنىڭ ئۆيدە چوڭلار يوقمۇ- ھەي!

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

سەن ماڭانىمەتىل

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10198
يازما سانى: 308
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22246
تۆھپە نۇمۇرى: 269
توردا: 6614 سائەت
تىزىم: 2010-9-13
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-27 01:31:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[quote]ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 3قەۋەت  sokak كە 2011-06-27 12:49ئەۋەتىلدى  :
ھازىر جەمئىيتىمىزدە قېرىلار نىمانداق كۆپ .  ئۆلمەي ياشاۋېرەمدىغاندۇ ئۇلار .

اللە سىزنىڭ ئۆيىڭىزدىن باشلىسۇن .

سەن ماڭانىمەتىلىسەڭ اللەساڭا شۇنىڭ ئىككى ھەسسىنى بەرسۇن.ياخشىلىق ياكى يامانلىق بولسۇن

سوكاك ( كوچا )

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44543
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 737
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 186 سائەت
تىزىم: 2011-6-16
ئاخىرقى: 2011-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-27 01:53:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئۆزۈم تاپقان بالاغا ، نەگە باراي داۋاغا .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16702
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4260
تۆھپە نۇمۇرى: 303
توردا: 653 سائەت
تىزىم: 2010-11-7
ئاخىرقى: 2012-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-27 02:44:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 5قەۋەت  partizan1 كە 2011-06-27 13:31ئەۋەتىلدى  :
[quote]ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 3قەۋەت  sokak كە 2011-06-27 12:49ئەۋەتىلدى  :
ھازىر جەمئىيتىمىزدە قېرىلار نىمانداق كۆپ .  ئۆلمەي ياشاۋېرەمدىغاندۇ ئۇلار .

اللە سىزنىڭ ئۆيىڭىزدىن باشلىسۇن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16702
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4260
تۆھپە نۇمۇرى: 303
توردا: 653 سائەت
تىزىم: 2010-11-7
ئاخىرقى: 2012-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-27 02:46:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

5قەۋەتتىكى(partizan1) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالد

سىلە ئابدۇۋىلى ساقال ئوخشىماملا partizan1

قىزلار دىن-دىيان

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 858
يازما سانى: 221
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7422
تۆھپە نۇمۇرى: 264
توردا: 3228 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2011-12-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-27 02:48:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 3قەۋەت  sokak كە 2011-06-27 12:49ئەۋەتىلدى  :
ھازىر جەمئىيتىمىزدە قېرىلار نىمانداق كۆپ .  ئۆلمەي ياشاۋېرەمدىغاندۇ ئۇلار .


ساراڭلار دوختۇرخانىسدىن قىچىپ چىققان نەرسىمۇ نىمە ماۋۇ

ھەممە ئۇيغۇرنى جەننىتى بولسىكەن دەيمەن،
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش