مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6085|ئىنكاس: 26

تور دۇنياسىدىكى كەچۈرمىشلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئىنساننى ياراتقۇچى بىر ئاللا !

مەستانە ئـــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26107
يازما سانى: 1575
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10223
تۆھپە نۇمۇرى: 592
توردا: 7685 سائەت
تىزىم: 2011-1-13
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-27 01:21:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىرنىڭ قىزغىن ئىشتىراكچىلىرى ...

(ئىجادىي يازما )
2009-يىلى  يازنىڭ ئىسسىق كۇنلىرى ئىدى ، ئاپتۇزدىنمۇ چۇشتۇم ،  ئۇرۇمچى قانداق جايكى دەپ  ھەر تەرەپكە  قارايتتىم . قارىسام  ئادەتتە  ھەممە ئادەمنىڭ ئاغزىدىن چۇشمەيدىغان  ئۇرۇمچى  مۇشۇنداق شەھەرمىدۇ دەپ ھەيران قالدىم . يوللىرى  يۇرتۇمنىڭ يوللىرىدىنمۇ كىچىك  ئادەملەر كۆپ . يولدا ماشىنىلار مىغىلداپ تۇرىدىغان  ،  لىكىن مەن كىشىلەردىن ئاڭلىغان  ؛ ئاسماننى ئىس قاپلىغىنىدىن  قۇشمۇ ئۇچالمايدۇ ، ھاۋاسى ساپ ئەمەس  دىگەن گەپلەرنىمۇ ئاڭلىغان .  ھەم  ناھايىتى  ھەيۋەت شەھەر  نەگە  قايلىسا  ئىگىز بىنالار  كۆرىنىدۇ . يوللىرىمۇ نەچچە قەۋەت دەپ ئاڭلىغان شەھەر  مىنىڭ ئاڭلىغىنىمدەك چىقمىدى .  تەرەققىي قىلغان يەرلىرىدە بىنالار  قەد كۆتىرىدىغان  ، قىلمىغان يەرلىرىدە قەۋەتلىك بىنالىرىنى كۆرگىلى بولمايدىغان ئىكەنلىكىنى  كۆردۇم .  شۇنىڭ بىلەن  ئاڭلىغانلىرىمنى  بىر قۇر  ئەسلىگەچ  كىرا ماشىنىسىدا  ئۇرۇمچىكى تاغامنىڭ ئۆيىگە  يول ئالدۇق .
ئۆيگىمۇ كەپ بولدۇق ، دۇككانمۇ  يىقىنلا يەردە بولغاچقا  ناھايىتى قۇلايلىق ئىدى .  دۇككانمۇ  چوڭ بولۇپ ، ئاساسەن  توپ ساتىدىغان  ئىسكىلات دىسەكمۇ بولدۇ . يۇك تاقلىرىمىزنى ئىسكىلاتقا  چۇشۇرۇپ قويۇپ ، ئسىكىلاتتا  ئازراق ئىش بولغاچقا  ئىشقا  مەشغۇل بولدۇق . شۇنىڭ بىلەن بىر كۈن ئۆتتى .
ئەتىسى ئەتىگەندە  بامداد نامىزىنى ئوقۇپ بىر ئاز  دەم ئالغاندىن كىيىن  ، ئىسكىلاتنى ئىچىپ  ئولتۇردۇق . ئىسكىلاتتا  خىرىدارلار  دائىم كىرىپ تۇرمىغاچقا  كومپۇيۇتۇر تور دىگەنلەر  بار ئىدى . يىڭى چىققان ۋاقىتتا  كومپۇيۇتۇرنى ئىشلىتەلىسەممۇ مەن ئۈچۈن  تورغا چىقىش دىگەن  ئاللىقانداقتۇر بىر  ئالاھىدە  ئادەملەر  مەلۇم نەرسىگە  تىزىملىتىش ئارقىلىق  كىرىپ  ھەممە  نەرسىنى ئىزدىسە تىپىلىدىغان ، تورغا چىقىش ناھايىتى تەس ئىش دەپ ئويلايتتىم . چ چ ئىلىش دىگەننى  پۇلغا ئالىدۇ  ئىلىش ناھايىتى تەس دەپ بىلەتتىم ... ئاكامغا دەپ چ چ دىن بىرنى  ئەپ بىرىشىنى دىدىم . ئاكاممۇ بىر دوستىغا دەپ ئىىلىپ بەردى . مەنمۇ بىر چچ لىق بولاپ قالدىم . ئەمدە  تور بەت كۆرۇش ،  ئاكام نىمە تور بەت ئاچسا شۇنى كۆرىدىغان  نىمە ئوقىسا شۇنى ئوقۇپ يۇردۇم  .   بىر نەچچە كۇندىن كىيىن ئاكامنىڭ ئىشى چىقىپ  تور ماڭىلا قالدى . شۇنىڭ بىلەن  تور بەتنى ئىچىپ بىرىنچى بولۇپ كىرگىنىم شەنبەم مۇنبىرى  بولغىنى بولدى .  ھەم نۇرغۇن نەرسىلەرنى كۆرۈپ باشقىلارنىڭ  ئىنكاس  ئارقىلىق ئۆز  پىكرىنى قالدۇرغىنىنى كۆرۈپ  مىنىڭ مۇ شۇنداق  قىلغۇم كەلدىدە ئاكامغا مۇنبەرگە  ئەزا بولاپ بىرىشنى ئىيتتىم .
ئەتىسى شۇنىڭ بىلەن ئاكام  ئىككەيلەن  مۇنبەرگە  ئەزا بولۇشنى باشلىدۇق . ئۇ چاغدا شەنبەم ئەزالىرى 40000 يىتىپ قالغان ۋاقىت بولۇپ قايسى ئىسىمنى يازساق بار دەيدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئاكام sapra دەپلا يىزىپ تىزىملىتىپ قويدى . توردىكى تۇنجى ئىسمىم sapra  بولدى . تىمىلارنىمۇ كۆرۈپ ئاساسەن كۆرگەن تىمىلىرىمنىڭ ھەممىگە ئىنكاس دىگەننى قالدۇماي يىزىپ  دەرىجەممۇ خىلى ئۆسۇپ قالغان . ئادەمنىڭ جىقلىقىدىن تىما ئىنكاسمۇ جىق بولىدىكەن . ياخشى  مەزمۇنلۇق ئىنكاستىن  قۇرۇق ئىنكاس تىمىلارنىڭ جىقلى مىنى  تازا زىرىكتۇردى . شۇنىڭ بىلەن ئىزدەپ يۇرۇپ ئۇيغۇر چ چ مۇنبىرىگە ئۇچراتتىم دە  ئۆزۇم تىزىملىتىشنى  قارار قىلدىم   ،
ئۇ چاغدا تىزىملىتىش دىسەك  ئىلخەت دەيدىغان يىرىگە  قانداق يىزىشنى بىلمەي ئەڭ تەس كىلىدىغىنى شۇ ئىدى . لىكىن بۇ ۋاقىتتا مەن ئالدىغا بىر خالىغان بىر ئىسىمنى يىزىپ ئوتتۇرىغا  ئالفا بەلگىسىنى قويۇپ ئاخىرىغا قىسقا بىرەر سۆز يىزىپ چىكىت كوم بىلەم ئاياغلاشتۇساق بولىدىكەن دەپلا  شۇنداقلا  تىزىملاتتىم . بۇ قىتىم  ياۋايى دەپ يازدىمدە  تىزىملاتتىم . شۇ ئىسىمنى ئەڭ ياقتۇراتتىم .   شۇنىڭ بىلەن ئەڭ جىق كىرىدىغىنى  ئۇيغۇر چ چ مۇنبىرى بولدى .  ئۇ چاغىدىمۇ ھەممە كىشىنىڭ چ چ غا زور ئىشيىتاق بىلەن  ھەپىلىشىدىغان ھەم  يىڭىلىقلار  يوللىنىپ تۇرىدىغان ۋاقىت بولغاچقا  تىمىلار ماڭا  ناھايىتى ياراپ كىتەتتى . ئۆزۇممۇ  كىچىكىمدىن ئىلىكتۇرۇنلۇق نەرسىلەرگە . يەنى فىزىكا ، بىئولوگىيە دىگەندەكلەرگە ئەڭ قىزىقاتتىم . شۇڭا بۇ چ چ  بىلەنمۇ  ناھايىتى چىقىشىپ كەتتىم .  چ چ نىڭمۇ بەلگە يۇرۇتۇش دىگەن تىمىلىرىنى بىرمۇ بىر قىلىپ نۇرغۇم بەلگىلەرنى يۇرۇتتۇم ھەپىلىشىپ يۇرۇپ . چ چ رىمغىمۇ تەنھا دەپ ئىسىم قويۋالدىم . كىيىن يىگانە دەپ ئۆزگەرتتىم .  ئۆزۇم  بۇرۇن رەسىمگە بولغان قىزىقىشىم  يۇقىرى بولغاچقىمۇ چ چ نىڭ بوشلۇقىنى  ناھايىتى چىرايلىق ياىسۋاغىنىنى كۆسەم ، شۇ كىشنى  ناھايىتى تالانتلىق دەپ ھىسابلايتتىم . يەنە بىر قىلىدىغان ئىشىم بولسا  كىرگەن مۇنبەردە  قىزلارنىڭ ئارخىۋىدىكى چ چ نومۇرىنى قىتىپ ، شۇلار بىلەن  پاراڭلىشىپ  توردىن دوس تۇتۇپ يۇرۇش ئىدى .

شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر چ چ مۇنبىرىدىكى ھاياتىم باشلاندى ، ئاساسى جەھەتتىن  چ چ دىگەن نەرسىنىڭ قانداق ئىشىلا بولسۇن قىلالايدىغان تىخنىكىلارنى  بىلىپ يەتتىم . تور دىگەن مەۋھۇم دۇنيا ، ئۇنىڭدا  ھەرخىل  تور تەڭگىلىرىنى  چ چ تەڭگىلىرىنى ھەقسىز  قىتىش  دىتاللىرى  ناھايىتى ئەۋىج ئالغان ۋاقىت ئىدى . مىنىڭ  چ چ توغرىسىدا ھەم  ئۇنداق نەرسىلەرنى قانداق ياسىلىدىغنىنى بىلگەنكىمۇ  ئۇلارمۇ  ماڭا پەقەت ئالدامچىلىق دەپ بىلىندى . شۇنداقلىرىمۇ باردۇ بەلكىم . لىكىن چ چ رىمنى ئاكام ئىلىپ بەرگەچكە  ھەم ئىشلەتكىنىمگە ئۇزۇم بولغاچقا  باشقا چ چ ئىشلىتىشنى خالىمىدىم . ھەم كىيىن چ چ نىڭ بىخەتەرلىك سۇئالى  دىگەندەك نەرسىلەرنى بىلگەن چىقىغمدا چ چ رىمنىڭ بىخەتەرلىك سۇئالىنى ئاللىبۇرۇن ئۇنتۇپ كىتىپتۇ ئاكام ....
شۇنىڭ بىلەن  ئوغۇرلىنىپ كىتىشىدىن قورقۇپ ئۇنداق نەرسىلەرگە يىقىن يولىمىدىم . كىيىن ئۇ مۇنبەردە  ئالىي ئەزامۇ بوپ قالدىم .ھەم چ چ بىلەن ھەپىلىشىپ مۇنبەرگە تىخى  يوللانىمىغا  تىخنىكىلارنىڭ بارلىقىنى بىلىپ شۇلارنى  دەرىسلىك قىلىپ يوللىدىم . ھەم بەلگە يۇرۇتۇش تىمىلىرىنىڭ تولۇق ئەمەسلىكىنى بىلىپ ، شۇلارنىمۇ  بىلگىنىمچە يوللىدىم . شۇنىڭ بىلەن مەن مۇنبەردىكى  چ چ بىلىمى خىلى يۇقىرى  بىر ئەزاغا  ئايلاندىم .
توۋا دىسە ، مۇشۇ مۇنبەردىن بىر نەرسە ئۈگۈنۈپ ، يەنە شۇ مۇنبەردىن ئۈگەننى شۇ مۇنبەردە ئىشلىتپ تىخىنىكىلىق ئەزاغا ئايلاندىم . كىيىن ئويلىسام كۈلگۇم كىلىدۇ ....
ئۇ ۋاقىتلاردا  تىما ئىنكاس يىزىشىم  ئازلاپ ئاساسەن مۇنبەر ئارقا بىتىدە  تىما تەستىقلاپ كۇن ئۆتكۇزدۇم . باشقۇرغۇچىلارغىمۇ قاتتىق تەلەپ بار ئىدى . شۇڭا  كۇندە  چىقىپ تىما تەستىقلاپ  ھەپتىدە 2   3  تىما  تەستىقلاپ كۈن ئۆتكۇزدۇم . ھەم چ چ قىزلارنى قىتىپ باشقا مۇنبەردىن ھەم  تورخانىغا كىرگەندە   ، بىر يەر بارغۇ  تورخانىدىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان شۇ يەر ئارقىلىپ  ئۆزۇم بىلەن تەڭ دىمەتلىكلەنى قىتىپ  گەپكە سىلىپ يۇردۇم ...
بىكار زىرىككەندە  بىر سالام بەرسەك  نەدە نىمىش قىلغانلىقىنى  ھەممىنى  سوراپ بوسا  ئىچ قانىنى تۆكۋەتكۇدەك پاراڭلىشىپ  تورغا چىقساملا  زىرىكمەيدىغان بولۇپ قالدىم .  ئىسكىلاتتىمۇ  تورنى  ئاكاملا ئىلۋاسا  ئاران قوپىدىغان ، بوسا ئولتاغىنىمغا نەچچە سائەت بولسىمۇ ھۇمۇيۇپ ئاران قوپىدىغان  ھالەتكە كەپ قالغان ئىدىم .
كۆپىنچىسى  تورخانىدا  كۆپرەك كىرىدىغان بولدۇم ... ھەم  تورخانىدا  بەزەن كىشىلەرنى كۆردۇمكى  كومپۇيۇتۇر  ئالدىدا  ئولتۇردىمۇ چ چ دىن باشقا  نەسىنى ئاچماي  بىر نەچچە چ چ  لارنى ئىچىپ  كامىرالىق  باشقىلار بىلەن  پاراڭلىشىپ كىتىدىغان  ، ھەتتا  6  7  ئادەم بىلەن بىر دودا  پارڭلىشىپ كىتىدىغانلىقىنى . ئاۋازلىق  گەپلىرىنىڭ ناھايىتى مۇلايىم خۇددىي  نىمە دىسەم بولاكى ئىشقىلىپ  يىقىملىق ئىدى . لىكىن شۇ گەپنى قىلغان كىشى  ئۇنىڭ توردا شۇنداق پاراڭلىشىدىغان  نۇرغۇن كىشىلەر ئىچىدىكى بىرسى ئىدى ... مەن بولسام  نەدە  تىخىنىكا باردۇ نەدە  ياخشى نەرسىلەر بار  شۇنى ئۈگىنۋاسام دەپ  تور ئارلاپ يۇرەتتىم ...خىلى نەرسىلەرنىمۇ بىلىپ قالدىم ...
كىيىن مۇنبەردە   باشقۇرغۇچى بولغاچقا  مىنىڭ چ چ رىمنى قىتىۋىلىپ مەندىن تەلىم سورايدىغانلارمۇ جىقايدى . شۇنىڭ بىلەن چ چ دىگەننى ئاچساملا ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ قالدىم . بىر قىتىمدا 4   5   ئادەم بىلەنمۇ پاراشلىشىپ ئۇلگۇرۇپ بولالمايدىغان بوپ قالدىم . شۇنىڭ بىلەن بىر نەچچە ھەپتە  چ چ رىمنى يۇشۇرۇن قىلىپ چىقىدىغان بولغاننىڭىزى  سەل بىسىقىپ  ئۇف  دىدىم ..... شۇ ۋاقىتلاردا  شۇ 7  8  كىشى بىلەن پاراڭلىشىپ يۇرگەنلەر   قانداقمۇ  ئۈلگۈگەندۇ دەپ ئىچىمدە  ئويلاپ قالدىم ....
كىيىن  چىقىۋەسەممۇ  جىق خەت كەلمەيدىغان  بولدى . ئۇ ۋاقىتلاردا  سەلكىن مۇنبىرىدە  تىمىلار  ئىنكاسلار   ناھايىتى كۈچلۇك ھەم  ياخشىكەن دەپ ئاڭلاپ ئۇ مۇنبەرگىمۇ  ئەزا بولدۇم . ھەم  ئىنكاسلارنىڭ ناھايىتى جانلىقلىقىنى كۈرۈپ مەنمۇ ياخشى  تىمىلارغا  ياخشى ئىنكاسلارنى يازىدىغان  بولدۇم .  جانلىق ئىنكاس يازغان  قىزلار بىلەن  پاراڭلىشىپ ئۇلار بىلەن مۇزاكىرىلىشىش ئۈچۈن  ئۇلارنىڭمۇ چ چ رىنى قىتىپ يۇردۇم .  تىتىملىق ئىنكاس يازىدىغان  ئەزالار ئاساسەن  چ چ سىنى يازمايدىغىنىنى بىلدىم . لىكىن يازىدىغىنىمۇ بار ئىدى  . بۇ ۋاقىتلار شۇ سەلكىندە  تىما كۆرۈپ ئىنكاس يىزىش بىلەن ئۆتتى ...

شۇنداق قىلىپ  ئۇيغۇر چ چ مۇنبىرىگە ئاساسەن چ چ تىخنىكىلىرى  يوللىنىپ بولغاچقا  ئەزەلدىنلا  كۆپ ئەزا يوق مۇنبەر  شامال چىقسا بوران گۈكىرەيدىغان بوپ قالغان ئىدى .  شۇنىڭ بىلەن  ئۇيغۇر چ چ غا كىرسەممۇ  ئاز كىرپ  سەلكىندە ئىقىپ يۇردۇم .

مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن مۇنبەرلەر تاقىلىپ ،  ئىچىلماس بولۇپ قالدى . شۇنىڭ بىلەن كۇنۇمنى كومپۇيتۇردا  ئويۇن ئويناش بىلەن ئۆتكۇزدۇم .  قانداقلا  ياخشى چوڭ سىغىمدىكى ئويۇن بولسۇن ، چۈشۈردۈممۇ  چوقۇم تۇگىتىپ ئوينىدىم . بۇ جەرياندا  ئويۇنغا بولغان تونۇشۇممۇ ياخشىلىنىشقا باشلىدى .  كىيىن  سەۋەبلەرمۇ تۇگەپ  مۇنبەرلەر  ئەسلىگە كەلدى . قارىدىم  ئۇيغۇر چ چ مۇنبرى بۇرۇنقى ئەزا جەريانى ئەسلىگە  كەلگەچكە  بۇرۇنقى ئىسىمدا تىزىملىتىپ  ئىچىلمايدىغان چاغدىكى  بىلگەن تىخنىكىلىرىمنى  يوللاپ يانا بىر قىتىم چ چ ئۇستىسى بولۇپ  باشقۇرغۇچى بولۇپ يۇردۇم .  باشقا مۇنبەرلەر  ئاساسەن  ئالمىشى كەتكەن بولۇپ ،  ئاساسلىق مىسرانىم مۇنبىرى ئەڭ چوڭ بولۇپ قالغان ۋاقىت ئىدى . ھەم  شۇنىڭدىن كىيىن  تور دۇنياسىدا  مەلۇم بىر  كەسىپ توغرىسىدا  قۇرۇلغان  تور بىكەتلەر  كۆپىيىشكە باشلىدى . بىر مەزگىل شۇ  تورلاردا  خىلى بىلىملەرنى ئىگەللىدىم . ھەم مىسرانىمنى ئۇچراتتىم . ئۇ چاقىتلاردا چ چ دا  كىشىلەر جىق چىقمايدىغان بوپ قالغان بولۇپ يانا  زىرىكىشكە باشلىدىم . چىققانلىرىنىڭ ھەممىسى  كىمۇ سىز دىگەن  جاۋابى  ئاچچىقىمنى كەلتۇردىدە  ۋا  مىڭىش دەپ  ماڭىدىغان جايىنى  قارا تىزىملىك قىلدىم ...
كىيىن ئۇيغۇر چ چ مۇنبىرىدە  نەفىسە ئىسىملىك بىر قىز  تىزىملىتىپ كىردى . بۇرۇنلىرى  بۇ مۇنبەرگە  قىزلار  ئاساسىي جەھەتتىن يوق بولغاچقا  ماڭا بىر خىل تۇيۇلدى .  شۇنىڭ بىلەن  ئۇنىڭغا ئالاھىدە كۆڭۇل بولۇپ ، ئىنكاسلىرىغا قارشى ئىنكاسلارنى يىزىپ يۇردۇم . ھەم چ چ سىنى قاچىلىدىم . مۇنبەردىكى ئىسىملىرىمىزنى  دىيىشىپ  تونۇشۇپمۇ قالدۇق . بۇ قىز  باشقا بۇرۇن  خەت يىزىشقا كىشىلەردەك  خەتنى ئاستا يازمايدىغان بولۇپ ، بۇنىڭدىن  مەن  كومپۇيۇتۇرنى خىلى پىششىق دەپ ئويلىدىم .  
بۇ چاغدا  مەن  ئۇرۇمچىگە چىققىلى ئاللىبۇرۇن 2 يىل بولۇپ بولغان ئىدى . خەتنى  ئانچى مۇنچە قاراپلا  تىز ئۇرالايدىغان . چ چ توغرۇلۇق ھەر قانداق ئىشلارنى  بىلەلەيدىغان بولغان بولۇپ ، ئۇ چاغدا   6 ئايدەك خەنزۇچە كۇرىسىتا  ئوقۇدۇم .    خەنزۇچە  سەۋىيەممۇ خىلى يۇقىرىلىدى . لىكىن  خەتنى كۆرۇپ تونۇپ مەنىسى بىلسەممۇ لىكىن  خەنزۇنىڭ ئالدىغا كەسەم  گاچا بولۇپ قالاتتىم .  سۆزلىيەلمەيتتىم .  خۇددىي  تونۇيدىغان بىر يەدە كۆرسە  نىمە قىلىدغىنىنى  بىلسەممۇ لىكىن ئىسمىنى بىلمەيدىغان خەتلەر  ناھايىتى جىقايدى .  شۇڭا  كومپۇيۇتۇردا خەنزۇچە خەتلەرنى ئوقۇشنىڭ ھاجىتى بولمىغاچقا  كومپۇيۇتۇردا  خىلى  بىلىملەرگە  ئىگە بولدۇم .  
شۇ  ئەسنادا  نەفىسە ناملىق تورداش بىلەنمۇ ئومدانلا  چىقىشىپ قالدۇق . توردا بولساقلار كۆرىشىدىغان ،  ھەر قىتىم چىققاندا  ناھايىتى قىزغىن پاراڭلاشقىنىمىزدىن  خىلى ۋاقىتلارغىچە مۇنبەردىكى ئىسمىمىزنى ئاتاپلا  يۇرۇپتۇق .  بۇرۇننىڭىزى مەن  بىرسى بىلەن چ چ  دا مۇنداق  قىزغىن پاراڭلىشىپ باقمىغاچقىمۇ  بىر خىللا تۇيۇلدى ...
كىيىن كۇنلەر مۇشۇ تەرىقىدە  ئۆتىۋەردى . بىز قەشقەر باللىرى  گەپكە  ئۇستا كىلەمدۇق ياكى  تىگى بار گەپلەرنى قىلىپ ھىلى  كۈلۈشۈپ  ، ھىلى  قىيدىشىپ  بىر نەچچە كۇن گەپ قىلىشماي ، ئارقىدىن  ئۆزۇم  ئامراقمۇ ياكى  بەك يىقىن تۇيۇلۇپ قالدىمۇ چىدىماي يانا خەت يىزىپ  ئەپلىشىپ قالاتتۇق .  بەزىدە ئۇ ھىچ ئىش يوقتەكلا  بۇرۇنقىدەكلا خەت يىزىۋىرەتتى . مەن سەۋەبىنى سورىسام  ئەسلىگىم يوق . ئۇنتۇپ كەتتىم دەپ يۇرىۋىرەتتى . شۇنىڭ بىلەن  ئىچىمدە بىر خىللا  بولۇپ  يۇردۇم . يانا  شۇنداق قىزغىن  پاراڭغا چۇشەتتۇق .  
ئۇ ۋاقىتلاردا  توردا   ئاللىقانداقتۇر  مۇھەببەت  ئەسەرلىرى . ھەرخىل پاھىشە قىز  ، سىتودىنت قىز ، ياكى  ئۇ يەردىن باشلانغا مۇھەببەت  بۇ يەردىن باشلانغان مۇھەببەت  دىگەندەك  تور  ئەسەرلىرى  تۇنجى يوللانغان ۋاقىتلار  ئىدى . شۇ ۋاقىتلاردا  شۇ ئەسەرلەرگە  چۆكۈپلا  كىتەتتۇق . بىر بىرسىمىزگە  ئەۋەتىشىپ ،  ئوقۇپ خۇددىي  شۇ  ئەسەرگە  چۆكۈپلا  كىتەتتىم .  ھىلى بەزى ئەسەرلەرنى كۆرۈپ  ئاچچىقىم كىلىپ  . ھازىرقى بولۇۋاتقان ئىشلاردىن ئۈمىدىمنى ئۈزەتتىم . ئۇ چاغدا  يەنىلا  چ چ دا پاراڭلىشىش ئارقىلىق  تەسەللىيلەرگە  ئىرىشىپ ،  ھەم  بەزەن  ياخشى ئەسەرلەرنى كۆرۈپ  كۈچ-قۇۋۋىتىم ئىشىم  ئىشەنچىم  يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ ، ئۈمىد  پەيدا بولاتتى . شۇ ۋاقىتلار  يەنىلا ماڭا شۇ  چ چ دىكى ئاشۇ قىز  ئەڭ يىقىن بىلىنەتتى ...
شۇنداق  ۋاقىتلاردا   ئۆزۇم ئۆزۇمگە  ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندەك بولدۇم . نىمىلىكىن بولمىسۇن مەن كىشىلەرنىڭ  سۆزلىرىگە قاراپ  ئۇنىڭ  مىجەزى ۋە  خاراكتىرىنى بىلىپ يىتەلەيتتىم .   شۇڭا  ئۇنى ياخشى كۆرسەممۇ  ئۇنىڭ ئوغۇل دوستى بارلىقىنى بىلگەچكە  ، كۆڭلۇمنىڭ بىر يەرلىرى  يىرىم يۇرەتتىم .
ھەم  ئوقۇغان ھەرخىل ئەسەرلەردىكى  مۇھەببەتنىڭ نەچچە خىل بولىدىغانلىقىنى  ،  ياخشى كۆرگەن  قىزىنىڭ مۇھەببىتىنى  ئۆزىنىڭ  قىلىۋىلىش  ياكى ئۇنىڭ بەخىتلىك بولغىنىنى كۆرۈپ  ئۆزىنىڭ ئازابى ئارقىلىق  ياخشى كۆرگەن قىزىنىڭ  بەختلىك قىلىش دىگەندەك  خىياللار  كاللامغا كىلىپ  يەنە بەزەن يەرلەردىن   ئۈمىد  ئىشەنچ ھاسىل بولاتتى .
مۇشۇ ئەتىياز  ۋاقىتلىرى  بىر كۇنى  مەن چ چ دا ئۇنى ساقلاپ تۇرسام  چىقتى . يەنە سالاملىشىپ قىزغىن پاراڭغا  چۇشتۇق . بىر ۋاقىتتا ئۇ  ئۆزىنىڭ مەكتەپتە  باشقا  ساۋاقداشلىرى بىلەن تۇغۇلغان ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى  دىدى ،  مەن  راستىنى دىسەم تۇغۇلغان كۇن دىگەنلەرگە  ناھايىتى ئۈچ بولۇپ ، مەن ھەرگىز ئۆتكۈزمىدىم  دىسەم يالغان گەپ بولدۇ ، كىچىك ۋاقتىمدا بىر قىتىم ئۆتكۇزگەن ،  كىيىن  بۇنداق  ئىشلارنىڭ  خىرىستىيانلارنىڭ  قىلىدىغان  ئىشى  ئىكەنلىكىنى  بىلىپ يەتكەندىن كىيىن  ھەرگىز  ئۆتكۈزمەيدىغان بولدۇم .  ئائىلەم  دادام تىجارەتچى ئانام ئۆي ئايالى ئىدى .  شۇڭا  ئۆيدە  ئىسلام تەربىيەسى  بار ئىدى . بىر مەزگىلى  قۇرئانمۇ ئوقۇغان . ھەم قۇرئاننى قارىسام ئوقۇيالايدىغان  بولدۇم . ھەم  ھەرخىل ھەدىس كىتابلارنى  كۆرىدىغان  بولدۇم .  شۇڭا  مەندە  شۇنداق  يات مىللەتتىن كىرگەن  ئىسلامدا چەكلەنگەن ھەر بىر ئىشقا  قارشى تۇراتتىم .
ھەم  شۇ ۋاقىتلاردا  مۇنبەرلەردە  ئەزالارنىڭ بىر بىرسىنىڭ تۇغۇلغان  كۇنىنى تەبرىكلەپ ، تەبرىك تىمىسى  ناھايىتى جىق يوللانغان ۋاقىتلار  ئىدى .  30% تىمىلار شۇنداق تىمىلار بولۇپ ، مەن كىرىپ بەزەنلىرىنى ئاغزىمنىڭ ئۇچىدىلا  تەبرىكلىسەممۇ  جىقلىرىدا  بۇنداق  قىلىشنىڭ توغرا  ئەمەسلكىنى  توغرىسىدا  ئىنكاس  قالدۇراتتىم . بەزەن  ئەزالارنىڭ  ئانىڭىزنىڭ سىزنى تۇغقان كۇنى دەپ  سۆزلەرنى قىتىپ قويغىنىنى كۈرۈپ  ،  ئىچىمدە  سۈيۈنۈپ  شۇلارنىڭ گىپىگە  قارىتا  ئىنكاس  يازاتتىم .  
ئانىدىن  ئۇلۇغ ئىنسان بارمۇ دۇنيادا ،  ئىسلامدىمۇ  ئانا رازى ئاللا رازى ، جەننەت ئانىلارنىڭ  پۇت ئاستىدا  دىيلىپ  ئانىنىڭ ئۇلۇغ بىر ئىنسان ئىكەنلىكىنى  تەكىتلىنەتتى . شۇڭا  بۇنداق  ئانىڭىزنىڭ سىزنى تۇغقا كۈنىگە  مۇبارەكلىگەنلەرنى  كۆرسەم  سۈيۈنۈپ كىتەتتىم .
لىكىن ئويلاپ قالىمەن . شۇ تۇغۇلغان كۇنىنى تەبرىكلىگە  ئەزالار  يا بىر  ئىنسانىيەتكە  زور بىر تۆھپىلەرنى  يارىتىپ  كىشى قەلبىدىن ئورۇن ئالغان بولسا  شۇ كىشىنى ياد ئىتىش ئۈچۈن  شۇنداق قىلسا  ، نەدىكى كىملىكىنى بىلگىلى بولمىغا  ئەزالارنىڭ  تۇغۇلغان كۇنىنى  تەبرىكلەپ  ئاتايىتەن  شىئىرلارنى يىزىشىپ كىتىدىكەن .
ئۇ ماڭا  تۇغۇلغان كۇنىنى  ئۆتكىزىدىغانلىقىنى  دىگەندە مەن  ئۆتكەزمەسلىكىنى   ، بۇنىڭ خىرىستىيانلارنىڭ  ئىشى ئىكەنلىكىنى ئىيتىپ  قارشى تۇردۇم . ئۇمۇ ھەم  ئۆزىنىڭ ئۆتكۈزۈشنى خالىمايدىغانلىقىنى  دىدى . مەن شۇڭا  ئۆتكەزمەڭ دىسەم چوقۇم تىرىشىمەن  دىدى . شۇنىڭ بىلەن كىيىن بىر كۇنى  ئۇنىڭ چ چ بوشلۇقىغا  چىقارغا  تۇغۇلغان كۇن خاتىرىسى سۇرەتلىرىنى كۈرۈپ  شۇنداق  بىر قىسىملا بولۇپ قالدىمكى  ئىچىم ئىچىشىپ كەتتى .
كىيىن ئۇنىڭدىن سورىسام  كۈردىڭىزما دەيدۇ . ھەئە دىسەم ئىشەنمىدى . ئاچچىقىم كەلدىيۇ  لىكىن  چاندۇرمىدىم ... مەخپى نومۇر سالغانتىم كۈرمىدىڭىز دەپ تۇرۋالدى . مەن  كۆرەلەيمەن  دەپ  ئۇنىڭ بىلەن  قىيىشتىم . ھەم  نىمىشقا  ئۆتكەزگەنلىكىنى  سورىسام  دوسلىرىم زورلاپ دەپ بانا سەۋەپ كۆرسەتتى . بۇنى راس شۇنداقمۇ  ياكى  باشقا  سەۋەپمۇ بىلمىدىم . لىكىن  ئۇنىڭدىن كىيىن ئۇنداق قىلمايدىغانلىقىنى  دىدى . لىكىن مەن  ئۇنىڭدىن  رەسىملەرنى  شۇ  ۋاقىتلارنى ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن رەسىملەرنى ساقلىۋالدىڭىزمۇ دەپ   تەنە ئارىلاش  سورىدىم .
ئۇ  يۇيىۋىتىمەن دىدىيۇ  ئازراقلا بىر قىسمىنى يۇيۇپ قالغىنى  بار ئىدى ...  ئۇنىڭدىن قايتا  سورىدىم . لىكىن ئۇنىڭ جاۋابى ؛ مىنىڭ ئاچچىقىمنى كەلتۇردى .  ئۇرۇشۇپمۇ قالدىم . لىكىن مەن  يەنىلا چىدىماي ئۇنىڭغا بولدى بۇ ئىشلىرىڭىز بىلەن كارىم يوق دىسەم  ماقۇل دىدى . كارىممۇ بولمىدى شۇنداق قىلىپ . كىيىن قايلىسام  يۇيىۋىتىپتۇ . بۇنىڭغا مىنىڭ چىڭ تۇرغىنىم ئۈچۈن دىمەيمەن . چۇنكى ئىككەيلەن ئىككى  شەھەردە  باشقا  ئىشلار  تەسىر قىلغاندۇ بەلكىم ...

كىيىن  كۇنلەر يانا شۇ تەرىقىدە  ئۆتىۋەردى . كىيىن مىسرانىم مۇنبىرى   شىئىريەت مۇنبىرىدەك    يىرىمى دىگۇدەك  شىئرلار  يوللىنىدىغان بولۇپ قالدى . بىشىدا   ئانچى مۇنچە كىردىم . ئىنكاسلارنىمۇ يازدىم .  ھەم  كىرىپ تۇراتتىم . جىقلىرى  مۇھەببەت ياكى دەت-ئەلەم  شئىرلىرى ئىدى . بىشىدا  قىزىقتىم . كىيىن  توردا  بۇنداق بىر  جۇملە سۆزلەرنى ئاڭلاپ  شىئىرنىمۇ  ئوقۇماس بولدۇم .

كۆرگەن  جۇملىلەر .
تارىختىن ساۋاقكى ، ئەرلىرى زەيپانىلەشكەن  ئەلنىڭ ، ئاياللىرى  رەسۋالىشىدۇ . ئاياللىرى شەھۋانىلەشكەن  ئالنىڭ ئەۋلادلىرى  گۇمراھلىشىدۇ .
شائىرلىرى مۇھەببەتنى كۇيلەيدىغان  ئەلنىڭ  ئاشىق-مەشۇقلىرى كۆپ . ھەقىقەتنى مەدھىيەلەيدىغان ئەلنىڭ قەھرىمانلىرى كۆپ ...
تارىختىن ساۋاقكى بىلىمخۇمار  خەلىق  ، يەھۇدىلاردەك تارىخنىڭ بوران چاپقۇنلىرىدىمۇ  ئامان  قالىدۇ . چەكتىن ئاشقان سەنئەتخۇمار  خەلق  سىگانلاردەك  سەرسان بولىدۇ ....
ئاخىرىنى ئوكىسىڭىز  بۇ ئادرىستىن كىرىڭ .
http://user.qzone.qq.com/964633153/blog/1307156929

شۇلارنى كۈرۈپ  ، مۇھەببەت  شئىرلىرىنى كۆرمەس بولدۇم . لىكىن ياخشى  ھەككەنىيەتنى مەدھىيەلەيدىغان  شئىرلارمۇ بار . مۇھەببەت شئىرىلىرىنى يازىدىغانلارنىڭ  ئىلھامى شۇنچىلىك بىر مەزگىلدىن كىيىن  تەدرىجى ئازلاپ ھازىر شىئىر كۆرگىلى بولمايدۇ . لىكىن  ھەققانيەتنى مەدھىيەلەپ يازىدىغان  شائىرلىرىمىز بار . ئىلھاملىرى ئۆچمەيدۇ . ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغان ئۇتۇقلۇق  كۇنلىرىگە  خۇشاللىق تىلەيمەن .
مۇشۇنداق ئۇتۇپ كۇنلەر  بىر بىرىنىڭ كەينىدىن  بىر بىرى ئۆتتى . بىر مەزگىللەردە  نەفىسە تورداشنىڭ  ئىسلامغا يىقىنلىغۇسى بارلىقىنى ، ياغلىق ئارتقۇسى بارلىقىنى ئىيتتى  . مەن ناھايىتى  خۇشال بولدۇم . چۇنكى ھازىرقى جەمىيەتتە  بۇنداق قىزلارنىڭ  ئۆزلىكىدىن بۇنداق دىيىشى ھەقىقەتەن  خۇشاللىنارلىق ئىش  ئىدى .   لىكىن  كىيىنچە شۇنداق قىلىدغىنىنى ئىيتقاندا مەن تىزراق شۇنداق قىلىشىنى  ئىيتتىم . ھەم بولسا  ھىجاپ  ئاتىشىنى  ئىيتتىم . لىكىن ئۇ كىيىن خىزمەتكە چىققاندا  يانا داۋاملاشتۇرالمىسام بولمايدۇ دەپ  يۇردى .... مەنمۇ ئەمسە ياغلىق ئارتىڭ ئەمسە دىدىم دە ... باشقا  ئىش توغرىسىدا  دە تالاش قىلمىدىم ...
داۋامىنى كىيىنچە يوللارمەن...

مەنبە ؛ بىشىمدىن ئۆتكەن ئىشلار .

ئىسلامىي رەسىملەر ئامبىرىغا مەھەممەت
بىر كىچىك تاش ئەينەكنى سۇندۇرۇشقا يىتەرلىك،
بىر ئىغىز گەپ يۈرەكنى ئاغرىتىشقا يىتەرلىك،
بىر نەچچە سىكونت ياخشى كۈرۈشكە يىتەرلىك.
بىر خاتا چۇشەنچە دوسلۇقنىڭ بۇزۇلىشىغا.

سوكاك ( كوچا )

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44543
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 737
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 186 سائەت
تىزىم: 2011-6-16
ئاخىرقى: 2011-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-27 12:56:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئۆزۈم تاپقان بالاغا ، نەگە باراي داۋاغا .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29588
يازما سانى: 286
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3911
تۆھپە نۇمۇرى: 605
توردا: 432 سائەت
تىزىم: 2011-2-8
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-27 01:20:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز قەشقەرلىك ئوخشايسىز ھە ياۋايى0998
بۇ راس كەچۈرمىشىڭىزمۇ
ھەقىقەتەن كۆڭۈللۈك ئۆتۈپتۇ ھە بۇ كۈنلىرىڭىز

بىر ياخشىلىق ئۇنتۇلماس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31248
يازما سانى: 268
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2112
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 4797 سائەت
تىزىم: 2011-2-21
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-27 03:33:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى  كۆرۇپ باقايلى ..................

سىز نىمىگە ئىرىشتىڭىز.......... گۈل ئۈزۈلسە گۈزەل ئەمەس شېخىدا تۇرسا گۈزەل

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30830
يازما سانى: 504
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3305
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 534 سائەت
تىزىم: 2011-2-18
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-27 04:38:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمە بۇ ........يا تېما ياخشى ئەمەس ، يا پىكىر ياخشى ئەمەس  ........ كىشىنى ھاياجانغا سالغۇدەك ....... تېما ... ئنىكاسلارنى ئاجايىپ سېغىندىم ...!

ئۇلۇغ ئاللاھ ماڭا سەۋىر ئاتا قىلىغىن !

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 594
يازما سانى: 926
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9447
تۆھپە نۇمۇرى: 276
توردا: 7026 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-27 05:08:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبىرىمىز ئەزاسى ياۋايى 0998نىڭ كەچۈرمىشلىرى ئاجايىپكەن ھە .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21525
يازما سانى: 219
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5090
تۆھپە نۇمۇرى: 323
توردا: 3938 سائەت
تىزىم: 2010-12-9
ئاخىرقى: 2012-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-27 05:22:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى  كۆرۇپ باقايلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35044
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 161
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 267 سائەت
تىزىم: 2011-3-24
ئاخىرقى: 2012-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-27 09:35:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى كۈتىمىز تىزرەك يوللاڭ     ياۋايى 0998

مېھراي

ئازاپلىرىم،مېنى

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10299
يازما سانى: 627
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11903
تۆھپە نۇمۇرى: 301
توردا: 8862 سائەت
تىزىم: 2010-9-14
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-27 09:59:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاقتىڭىز يەتسە ئەسىرىڭىزدىكى ئىملا خاتالىقىنى تۈزىتىپ قويسىڭىز بوپتىكەن،خەت خاتالىقىنىڭ جىقلىقىدىن يېرىمغا كەلگۈچە ئوقۇپ داۋامىنى ئوقۇشقا رايىم بارمىغان بولسىمۇ زورلاپ تۇرۇپ ئوقۇپ چىقتىم!!!!!!!!!!!!!!

شامال ئېيتىدۇ:ئەقىدەڭنى ماڭا بەر.

ئىنساننى ياراتقۇچى بىر ئاللا !

مەستانە ئـــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26107
يازما سانى: 1575
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10223
تۆھپە نۇمۇرى: 592
توردا: 7685 سائەت
تىزىم: 2011-1-13
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-27 11:20:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

8قەۋەتتىكى(چېچەك) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قال

ھەقىقەتەن شۇنداق بولىشى مۇمكىن ...مىنىڭ بۇنداق جىق تىما يوللىشىم تۇنجى قىتىملىقى بولغاچقا  توغرا چۇشىنىڭلار ... بۇ پەقەت  قانچىلىك يازالايمەن شۇنى سىناپ بىقىش ئۈچۈن  يازغانتىم ...تازا ياخشى چىقمىغىنى ماڭا ئايان ...

ئىسلامىي رەسىملەر ئامبىرىغا مەھەممەت
بىر كىچىك تاش ئەينەكنى سۇندۇرۇشقا يىتەرلىك،
بىر ئىغىز گەپ يۈرەكنى ئاغرىتىشقا يىتەرلىك،
بىر نەچچە سىكونت ياخشى كۈرۈشكە يىتەرلىك.
بىر خاتا چۇشەنچە دوسلۇقنىڭ بۇزۇلىشىغا.

بىلسەڭ جېنىمدىن

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40641
يازما سانى: 129
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 967
تۆھپە نۇمۇرى: 153
توردا: 507 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2012-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-29 12:12:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە ناھايتى ياخشى چىقىپتۇ ....

بىلسەڭ جېنىمدىنمۇ ئەزىزسەن---

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45982
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 86
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 225 سائەت
تىزىم: 2011-6-28
ئاخىرقى: 2011-7-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-29 12:34:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشىلىقىغۇ ياخشىكە     لىكىن سىزنىڭ نىمە دىمەكچى ئىكەنلىكىڭىزنى زادى بىلەلمىدىم،  بولسا ئەسكەرتىش بەرسىڭىز ~~!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39930
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2011-5-7
ئاخىرقى: 2011-7-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-29 04:09:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىنى كۈرۈپ بىراقلا باھا بىرەي

تۈنۈگۈن تارىخ ،بۈگۈن رىئاللىق ،ئەتە كەلگۈسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41519
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 463 سائەت
تىزىم: 2011-5-21
ئاخىرقى: 2011-8-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-29 09:06:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامنى كۈرۈپ باقايلى،ئەمما سىز بىزگە نىمە دىمەكچى تازا بىلەلمەي قالدىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6215
يازما سانى: 188
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6457
تۆھپە نۇمۇرى: 267
توردا: 1886 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2011-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-30 11:46:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنچىلىك باش ئاخىرى يوق ، زادى نىمە دىمەكچى

قەدىرلە قەدرىڭنى بىلگەن قەدىرلىكنى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش