|
|
|
|
قان تىپىڭىز ئارقىلىق پىسخىكىڭىزنى بىلىشنى خالامسىز؟ ئا قان تىپىدىكىلەر
ئالاھىدىلىكى:مۇلايىم، ئېغىر-بېسىق، زىل، ئىنچىكە، كەمتەر، مېھرىبان، ھەمكارلىشىشقا، قۇربان بىرىشكە تەييار، جىمغۇر.
كەمچىلىكى: ھەممە ئىشتىن غەم يەپ، تەشۋىشلىنىپلا تۇرىدۇ. ئىرادىسى ئاجىز، ئاسانلا ھېسىياتقا بېرىلىپ كېتىدۇ، زىيادە مىسكىن، ئۈمىدسىز، نومۇسچان، بېكىنمىچىلىكى ئېغىر.
تىپىك ئالاھىدىلىكى: ئۆزىگە ئىشىنىشى كەمچىل، شۇڭا ئاسانلىقچە باشقىلارغە ئىشەنمەيدۇ، ئۆزىنى تۆۋەن كۆرىدۇ.
ئو قان تىپىدىكىلەر
ئالاھىدىلىكى: ئۆزىگە قاتتىق ئىشىنىدۇ، ھېسىيات بىلەن ئەمەس، ئەقىل بىلەن ئىش قىلىدۇ. جانلىق ،تېتىك، پۈتۈن ۋۇجودى ھاياتى كۈچكە تولغان بولۇپ، ئەمىليەتچىل، كەڭ قۇرساق، ئوچۇق-يورۇق، تۈز.
كەمچىلىكلى: جاھىڭ، ئۆزۈمچىلىك خاھىشى زىيادە كۈچلۈك.
تىپىك ئالاھىدىلىكى: ئۆزىنى زىيادە مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.
ب قان تىپىدىكىلەر
ئالاھىدىلىكى:بىغەم، خۇشخۇي، تېتىك، نازۈك، ئۈمىدۋار، قاينام-تاشقىنلىقنى خالايدۇ.
كەمچىلىكى: ھەممىگە ئېسىلىۋالىدۇ، ئاسانلا ئىرادە قىلغان ئىشىدىنيېنىپ قالىدۇ، قاپ يۈرەك، ئىرادىسىز، ھە دىسە نام قازىنىشنى قوغلىشىدۇ. كىچىككىنە ئىشلار سەۋەبىدىن ئىرادىسى بوشىشىپ قالىدۇ، ئىش-ھەركىتىنى سەل چەكتىن ئاشۇرىۋېتىدۇ.
تىپىك ئالاھىدىلىكى: ئۆزىنى ئۆزى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئىدىيسى كۈچلۈك، ئۆزىگە بەك ئىشىنىدۇ.
ئا ب قان تىپىدىكىلەر
ئالاھىدىلىكى: بۇ قان تىپىدىكىلەرنىڭ چۈشىنىش ئىقتىدارى ئالاھىدە كۈچلۈك، مۇلايىم، يېقىملىق، قىزغىن ، كىلىشتۈرۈشتۈرۈشكە ماھىر، ھېسداشلىققا، ئۆزىنى تىزگىنلەپ تۇرۇشقا، باشقىلار ئۈچۈن قۇربان بىرىش روھىغا باي.
كەمچىلىكى: ئايال بولسا مىجەزى ئىتتىك ئۆزگۈرۈپ تۇرىدۇ، ئاسانلا ئاچىقلىنىدۇ، چېچىلغاقراق، ھە دىسە ئۇنىڭدىن، بۇنىڭدىن ئاغرىنىپ يۈرىدۇ.سەل، سۆرەلمىرەك كىلىدۇ.
ئەر بولسا سوغاققان، بىپەرۋا.
تىپىك ئالاھىدىلىكى: ئايال بولسا زىيادە مۇكەممەللىكنى قوغلىشىدۇ.
ئەر بولسا ئىشنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىشكە ئامراق، ئەقلى تەپەككۈرى كۈچلۈك، ئەقىل بىلەن ئىش كۆرىدۇ.
مەنبە: ئەينەك دىگەن كىتاپتىن ئېلىندى
|
|
|
|
|
|