
ئۇرۇق- تۇغقان، ئەل - ئاغىنە، يۇرت -قېرىنداشلار ئۆز ئارا ئۇچراشقاندا شۇنداقلار ياش قۇرامى ئۆزىدىن چوڭ بولغان تونۇش ياكى ناتونۇش ئاقساقاللارغا يولۇققاندا سالاملىشىش ھەممە خەقلەرگە ئورتاق بولغان بىرخىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ھادىسىسى ھېسابلىنىدۇ. ئەمما سالاملىشىشنىڭ شەكلى، قائىدە - يۈسۈنلىرى ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدا پەرقلىق بولىدۇ.
سالاملىشىش - ئەدەپ - ئەخلاقنىڭ مۇھىم بىر مەزمۇنى شۇڭلاشقا ئۇيغۇرلار سالام - سائەتكە يۈكسەك ئىتبار بىلەن قارايدۇ. ھەرقانداق ئاتا - ئانا ئۆز پەرزەنتلىرىگە ئادەتتە تىلى چىققاندىن باشلاپ سالاملىشىشنىڭ قائىدە- يۈسۈنلىرىنى ئۆگىتىشنى ئادەت قىلغان. چۈنكى ئۇيغۇرلاردا سالام - سائەتنى بىلمەيدىغان ياكى ئۇنىڭغا ئېتىبارسىز قارايدىغانلارنى جامائەت بىردەك ئەيىبلەشتىن تاشقىرى، ئۇنى ياخشى تەربىيىلىمىگەن ئاتا - ئانىسىنىمۇ ئەيىبلەيدۇ. قىسقىسى، ئۇيغۇرلار ئۆز - ئارا سالاملىشىشقا ئەخلاق مىزانى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىدۇ. مىلادى XIئەسىردە ياشىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بۈيۈك مۇتەپەككۇر ئالىمى، پەيلاسوپى ۋە شائىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ «قۇتادقۇ بىلىك» داستانىدا سالاملىشىشنىڭ قىممىتى ھەققىدە مۇنداق دېگەن :
سالامدۇر كىشىگە ئېسەنلىك يولى،
سالاملە قۇيۇلۇر ئېسەنلىك يولى.
سالامدۇر كىشىگە ئىمىنلىك - ئامان،
قىلىنسا سالام، ساق بۇلۇر ئۇشبۇ جان.
كۆرەڭلەپ قولۇڭنى سېلىپ كىرمىگىن،
ئىلىك ئال سالامنى، غاپىل بولمىغىن.
كېرەكتۇر كىچىكتىن ئولۇغقا ھۆرمەت،
ئۇلۇغمۇ كىچىككە قىلۇر ئەينىنى.
ئۇيغۇرلار دا ئەنئەنىۋى سالاملىشىش ئادىتى ئەر - ئاياللاردا ئوخشاش بولمايدۇ.
1. ئەرلەر ئارىسىدىكى سالاملىشىش
ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ بىرقەدەر قەدىمكى ئەنئەنىۋى سالاملىشىش قائىدىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، سالاملىشىش ھاجىتى تۇغۇلغاندا ئۆز ئارا قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش ئادىتى يوق (لېكىن مۇتلەق ئەمەس ). ئەكسىچە، سالام بەرگۈچى A تەرەپ ئوڭ قولىنى سول كۆكسىگە ئېلىپ، ھۆرمەت ۋە ئېھتىرام تۇيغۇسى بىلەن باشنى ۋە بەلنى مۇۋاپىق دەرىجىدە ئېگىپ: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەلەيكۇم دېيىش، سالام قوبۇل قىلغۇچى B تەرەپمۇ يۇقىرىقى شەكىل بىلەن: ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام دەپ سالامغا جاۋاب قايتۇرۇشقا ئادەتلەنگەن.
ئۇيغۇرلاردا ئالدى بىلەن ياش قۇرامى كىچىكلەرنىڭ ياش قۇرامى چوڭلارغا سالام بېرىشى شەرت قىلىنغان.
جامائەت توپلاشقان ئاممىۋى سورۇننىڭ ئادىدىن بىرەر ئۇلاغلىق ( ئات ياكى ئېشەك مىنگەن ) كىشى ئۆتۈشكە توغرا كەلسە، جامائەتنى تونۇش - تونۇماسلىقىدىن قەتئىي نەزەر، ئۇ كىشى مىنگەن ئېتى ياكى ئېشىكىدىن چۈشۈپ جامائەتكە سالام بېرىپ ئۇلارنىڭ ئادىدىن ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇلاغقا قايتا مىنىپ سەپىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.
ئۇيغۇرلاردا بىرەر كىشىنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۆلگۈچىنى تونۇش - تونۇماسلىقىدىن قەتئىينەزەر مۇسبەت بولغان ئۆيگە بېرىپ پەتە قىلىپ ھال سوراش ئادىتى بار. ھال سوراپ بارغۇچى كىشىنى ئۆلۈم ئىگىلىرى (ھازىدارلار ) ئىشىك ئادىدا ياكى ئۆيىدە كۈتۈۋالىدۇ. ئۆلۈم پەتىسىگە بارغۇچى كىشى ھازىدارلار بىلەن مۇسبەت تۇيغۇسى ئىچىدە بىر - بىرلەپ قول ئېلىشىپ (ھازىرقى زامان سالاملىرىدەك بىر قولىنى ئەمەس، بەلكى ھەر ئىككى تەرەپ ئىككى قولىنى ئۇزىتىپ ئۆز ئارا قوللىرىنىڭ ئۇچىنى ئاستا سىقىپ قويۇش )كۆرۈشكەندىن كېيىن قولىنى ئاجرىتىپ ھەر ئىككى تەرەپ ئېڭەكلىرىنى ياكى ساقاللىرىنى يەڭگىل سىيپاپ قويىدۇ. شۇ يوسۇندا ھازىدارلارنىڭ ھەممىسى بىلەن سالاملىشىپ بولغاندىن كېيىن دۇئا - تەكبىر قىلىدۇ.
توي تۆكۈنگە بارغاندىمۇ توي ئىگىلىرى بىلەن يۇقىرىقى قائىدە بويىچە قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ چىقىدۇ.
مەلۇم ۋاقىت كۆرۈشۈش پۇرسىتى بولمىغان يېقىن تۇغقانلار ياكى ئەل - ئاغىنىلەر ئۇچراشقاندا چوڭقۇر سېغىنىشنىڭ ئىپادىسى سۈپىتىدە قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەندىن باشقا، ئۆز ئارا قۇچاقلىشىپ تەبىئىي ۋە يەڭگىل ھالدا مەڭزىنى مەڭزىگە تەگكۈزۈپ سالاملىشىدىغان ئادەتمۇ بار. تۇغقانلار ۋە يېقىن كىشىلەر يىراق جايلارغا سەپەرگە چىقىشقا توغرا كەلگەندە ياكى سەپەردىن قايتىپ كەلگەندە كۈچلۈك سېغىنىش ھېسسىياتلىرىنى يۇقىرىقىدەك قۇچاقلىشىپ سالاملىشىش ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ.
2. ئاياللار ئارىسىدىكى سالاملىشىش
ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەنئەنىۋى سالاملىشىش ئادىتىدە ئومۇمەن، قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش ئادىتى يوق.
ئاياللار ئۆز ئارا ئۇچراشقاندا، ئالدى بىلەن ئىككى قولىنىڭ پەنجىسىنى كۆكرەك ئۈستىدىن ئالماشتۇرۇپ، بېشىنى ۋە بېلىنى يەڭگىل ئېگىپ ،ھۆرمەت تۇيغۇسى بىلەن «ئەسسالام» دەپ سالام بىلدۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ئۆز ئارا قۇچاقلىشىپ بىر - بىرىنىڭ سول مەڭزىگە ياكى ئۆزىدىن كىچىك قىزلار بولسا پېشانىسىگە ئاستا سۆيۈپ قويۇش سالاملىشىشنىڭ ئىپادىسى ھېسابلىنىدۇ . ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆز - ئارا ھال ئەھۋال سورىشىدۇ.
ئىسلام دىنىدا بالاغەت يېشىغا يەتكەن ئايال جىنسلىقلارنىڭ ئەر جىنسلىقلارغا يۈزىنى كۆرسىتىشنى «نامەھرەملىك» دېيىلىپ مەنئى قىلىنغاچقا، ئۇيغۇر ئاياللىرى يېقىن ئۇرۇق - تۇغقان ۋە بىر ئائىلىدىكى ئەر كىشىلەردىن باشقا ئەرلەر بىلەن سالاملاشمايدۇ. قىزلار بىر ئائىلىگە كېلىن بولۇپ كىرگەندىن باشلاپ، ھەر كۈنلۈكى سەھەر ئورنىدىن تۇرۇپ ھويلا - ئارامنى سۈپۈرۈپ، يۈز قوللىرىنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن ،قېيىن ئاپىسى ۋە قېيىن ئانىسىنىڭ ئالدىغا كىرىپ «ئەسسالام» دەپ سالام بەرگەندىن كېيىن، « سالامەت تۇردىلىمۇ ؟» دەپ تىنچلىق - ئامانلىق سورايدۇ. قارشى تەرەپ سالامغا جاۋاب قايتۇرغاندىن كېيىن، كېلىن ھۆرمەت بىلەن ئارقىسىغا قايتىپ ئۆزىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرىنى بېجىرىدۇ.
ئۇيغۇرلار ئۆيىگە ئەر - ئايال مېھمان چاقىرغاندا ئومۇمەن ئەرلەر ئايرىم، ئاياللار ئايرىم ئۆيدە كۈتۈلىدۇ. ئارىلاش ئولتۇرمايدۇ. ئاياللارنى ئاياللار، ئەرلەرنى ئەرلەر كۈتىدۇ (دولان يۇرتلىرىدا ئەر - ئاياللار ئارىلاش مەشرەپ ئۆتكۈزىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار ). ئايال مېھمانلار جەم بولغان ئۆيگە يەنە يېڭىدىن مېھمان كىرسە، ئۆيدىكى ئاياللار ھەممىسى ئورنىدىن تۇرىدۇ ۋە يېڭى مېھمان ھەممە ئاياللار بىلەن يۇقىرىقى سالاملىشىش قائىدىسى بويىچە كۆرۈشۈپ چىققاندىن كېيىن ئۆز ئورنىدا ئولتۇرىدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيت - بايراملىرىدا ئۆز ئارا سالاملىشىش بايرام خۇشاللىقىنىڭ بىر كونكرېت ئىپادىسى سۈپىتىدە تېخىمۇ ئەۋجىگە كۆتۈرۈلىدۇ. ھەتتا ھېيت - بايرام كۈنلىرىدە ، ئۆز ئارا ئازارىلىشىپ قالغان كىشىلەرمۇ ئۇچرىشىپ قالغاندا كۆرۈشۈپ سالاملىشىش پۇرسىتى ئارقىلىق كۆڭۈل ئازارلىقىنى كۆتۈرۈۋېتىدۇ.
يۇقىرىقىدەك ھەرخىل سالاملىشىش قائىدىلىرى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا ھازىرغىچە ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلمەكتە.
مەنبە:
http://www.hawar.cn/news/8410.html