|
|
|
|
شەھۋەتخورلۇقنڭ ئاقىۋىتى ( ھېكايە)
ئاشۇ كۈنى ئاغىنىلىرىمغا تېلېفون قىلىپ ئۇلارنى مېھمان قىلماقچى بولدۇم،توغرىسىنى ئېيتقاندا، يانچۇقۇم پۇلغا لىق تولۇپ ئەمەلدارلىق قالپىقمنى كۆز –كۆز قىلۋالغۇم كەلگەنىدى.ساقى جىڭلى،تۇراپ كوجاڭ ،ئابدۇل جۈجاڭ قاتارلىق شەھىرىمىزنىڭ غوللۇق ئورۇنلىرىدىكى مەنسەبدار ئاغىنىلىرىمنى (ئەمگليەتتە مەن مۇشۇ شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىغا مۇئاۋىن جۈجاڭ بولغاندىن كېيىن تونۇشقان بۇرادەرلەر ھەممىسى بۇرۇن ئۇلار ماڭا قاراپمۇ قۇيۇشمايتتى ) باشلاپ شەھرىمىزدىكى ئەڭ ئېسىل رېستۇراننىڭ ئايرىمخانىسىدىن ئۇرۇن ئالدۇق.
ئالاھەزەل بەش ئۈستەلگە توغرا كەلگۈدەك ھەرخىل سەيلەر بۇ ئالاھىدە چوڭ ئۈستەلگە خىل- خىلى بىلەن لىققىدە توشقۇزۇلشقا باشلىدى.ئارقىدىن كىرگەن پۈتۈن قوينىڭ كاۋىپى،پاھ پاھ... ئىشقىلىپ ئۈستەلدە توخۇ سۈتىدىن باشقىسىنىڭ ھەممىسى تېپىلاتتى.ئالدىنئالا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر قانچەمەكتەپلەردىكى چىرايلىق چوكانلار كىرىشكە باشلىغاندا، ھەممىمىز قىمىرلىشىپ ئولتۇرالمايلا قالدۇق .
-ئەمىسە، سورۇنىمىزنى باشلىساق،- دېدىم مەن ئۆزۈمنى مەغرۇر تۇتقان ھالدا ئورنۇمدىن تۇرۇپ ،-ئاۋال ئولتۇرغانلارنى بىر قۇر تۇنۇشتۇرۋەتسەم، بۇياق شەھەرلىك خەلق ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇل جۈجاڭ بولىدۇ ...................................
خېلى ئۇزاق تۇنۇشتۇرۇشلاردىن كېيىن يەپ-ئىچىشلەر باشلاندى .. گۆش -پولۇ،مانتا،زىخ كاۋاپ،قېزا،توخۇ، ئۆردەك كاۋاپلىرى،كەپتەر ھەتتا قۇشقاچ شورپىلىرى،قىسقۇچپاقا،راك،بېلىقلاردىن تارتىپ ھەرخىل سەيلەر ھەممىمىزنىڭ ئىشتىھاسىنى شۇنداق قوزغايتتىكى، ئەمەلدار ئاغىنىلىرىمغا ئەگىشىپ، سورۇندا قىزلارنىڭ بار -يوقلىقىغىمۇ پەرۋا قىلىشمايلا چوڭ-چوڭ بېقىشقانىدۇق. بىر –بىرىمىزنى تاماققا زورلاشنىڭمۇ ھاجىتى يوق ئىدى .تازا يەپ-ئىچىپ قورساقلار تويۇپ كىكىرىشلەردىن كېيىن،ئارىمىزدىكى ياشقا كىچىكرەك بولغان مەن قۇلۇمغا رومكىنى ئېلىپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ سورۇننى ئەۋزىگە چىقىرىدىغان قەدەھ سۆزۈمنى باشلىدىم.
-ھۆرمەتلىك ھەرقايسى باشلىقلارنىڭ بۈگۈنكى بۇ سورۇننى ئاددىي كۆرمەي سورۇنىمىزغاداخىل بۇلۇشقىنىڭلار مەن ئۈچۈن شەرەپ! ئالدى بىلەن قولۇمدىكى بۇ رومكىنى بايا كىيىنرەك كىرگەچ، تۇنۇشتۇرشقا ئۇلگۈرەلمەي قالغان شەھىرىمىزنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تۇرغۇن ئاكىغا تۇتىمەن..،ئۆزلىرىنىڭ ھېممەتلىرىدە شەھرىمىزنىڭ مائارىپى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ كېتىپ بارىدۇ.سىلىگە بىر قەدەھ تۇتاي،
-رەخمەت ،-دەپ قولىمدىكى رومكىنى ئېلىپ مېنى تۇنۇشتۇرۇشقا باشلىدى بۇ باشلىقمۇ ماختاشلاردىن ئىلھام ئېلىپ،-ئىنىمىز ياقۇپجان ئىستىقباللىق ياش. ئۇنىڭ كەلگۈسى پارلاق! ئولتۇرغان ھەممىمىز ئۇنى يېقىندىن قوللاپ، خىزمەتلىرىگە ھەمدەمدە بولايلى ،قېنى، خوشە! ھەممىمىز بىرلىكتە كۈتۈرەيلى !
ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى تەڭلا ئورنىدىن تۇرۇشتى .قىزلارنىڭمۇ قولىدا رومكا
-بىر، ئىككى، ئۇچ! خوشە! -ھەممەيلەن تەڭلا ھۇرراغا چۈشكەندىن كېىيىن ئىچىششلار باشلاندى. سورۇن قىززىپ تازا ئەۋجىگە چىقىۋاتاتتى.خانىملارنىڭ ياق دىيىشىگە ئۇنىماي«ئولچەم »بۇيىچە رومكىلار تولدۇرۇلۇپ نەچچە رەت ئايلاندۇرۇلۇپ، خېلى كۆپ ئىچىششلەردىن كېيىن، بىرى يومۇر، بىرى لەتىپە ئېيتىشىپ ئالا-تاغىل ئاۋازلار بىلەن قاقاھلاپ كۈلۈشلەر باشلاندى.ئارقىدىنلا يېقىملىق مۇزىكىغا جۈپ- جۈپ بولۇپ تانسىغا چۈشۈپ كەتتۇق.كۆزنىڭ يېغىنى يېگۈدەك بۇ چوكانلار ئىچىۋالغاچقىمۇ كۆزلىرى باشقىچىلا خۇمالىشىپ، ھەممىمىزنى تېخىمۇ قوشلاپ مەسىت قىلىپ كېتۋاتاتتى . شۇڭىمىكىن، ئەيتاۋۇر، خۇدۇمنى يۇقىتىپ، مەردلىكىم تۇتۇپ ھاراقنى بولۇشىغا كەلتۈردۈم. ئىش شۇنىڭدىن باشلاندى .بۇرۇن بۇنچە كۆپ ئىچىپ باقمىغاچقىمۇ، نوچىلىقىم بىردەمدە بېشىمغا چىقتى .شىر كەيىپ بولۇپ تۆپىلەپ ئۇلاشتۇرۇپ ئىچىپ كېتىپتىمەن.پۇت- قولۇم ئۆزۈمگە بويسۇنماي كەيىپچىلىك بېشىمغا چىقتىمۇ ئۇقمىدىم، بىر كىچىكرەك قىزغا يېپىشىپلا ۋالدىم.ئۇنىمىسا ئۇنىماي قولىدىن تارتىپ تانسىغا زورلايتتىم .خېلى ۋاقىت قېلىنلىشىپ يۈرۈپ، باشقىلار ھاي دېسىمۇ ئۇنىماي، ئۇنىڭغا كانىدەك چاپلىشۋالغىنىم غۇۋا ئېسىمدە ،ھەقاچان شۇ قىز ئاچچىقىدا تېلېفون قىلدىمۇ بىر ۋاقىتتا يۈزۈمگە تەككەن كاچاتتىن كەينىمگە گۈپلا يېقىلدىم .
شۇ ئارىدا بىرسىنىڭ ئۇستىۋېشىمغا قۇسىۋەتكىنى كۆرمەمسىلەر ؟! ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇنى راسا كېلىشتۈرۈپ ئۇرۇپ كەتتىم ،ياقىسىدىن تۇتۇپ قاڭسىق قۇسۇقلىرىنى يۈزلىرىگە سۇۋىدىم. ئۈستەللەردىكى نازۇ -نېممەتلەرنى بولۇشىغا ئۈستى- بېشىغا تۆكتۈم....قارىمامسىلەر مېنىڭ بۇ نوچىلىقىمنى! مېنى ھېچكىشى تۇتىۋالالماي قالغاچقا، ئاخىرى سىرتتىن تونۇش-بىلىشلەرنى چاقىرتىپ كېلىپ مېنى كۆتۈرۈپ دېگۈدەك ئۆيۈمگە ئەكەپ قويۇپتۇ.
ئۆيگە كەلگەندە ، خوتۇنۇمنىڭ بۇ ھالىمنى كۆرۇپ ئاچچىقىدا قانداق بولۇپ كەتكىنىنى ئەسلا تەسەۋۇر قىلالايمەن!!! كېيىنكى ئىشلار ئېسىمدە يوق.....
- نېمە قىلىق بۇ! خىجىل بولسىلىرى بولمامدۇ ، قانداقمۇ يۈزىمىزنى كۆتۈرۈپ يۈرۈيمىز ئەمدى! باشلىقنى شۇنداقمۇ ئۇرىۋەتكەن بارمۇ؟!!! -خوتۇنۇمنىڭ ئەتتىگەندە يىغلاپ تۇرۇپ دېگەن سۆزلىرىدىن ئاخشام مەن بولۇشىغا ئۇرغان كىشىنىڭ تۇرغۇن باشلىق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇم-دە، بېشىم پىررىدە قايغاندەك بولدى .كەينىمگە سەنتۈرىلىپ كەتتىم............................
ئېسىمگە كەلسەم، دوختۇرخانىدا كېسەل كارۋىتىدا ياتىمەن.ئاڭلىسام ، بۇ « ئىلتىپاتىم» ئۈچۈن مېنى مەلۇم بىر يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتىگە ئادەتتىكى كادىر قىلىپ چۈشۈرۈپ قۇيۇپتۇ. ھېلىقى قىز ئۇقۇتقۇچىنىڭ ئاتا- ئانىسى ئۆيۈمگە كېلېپ خېلى جىدەل قىلغانمىش ،(قىزىمنىڭ تويلىشىدىغان يىگىتى يېنىۋالدى دەپ.....) بۇنى ئاڭلىغان خوتۇنۇم ئەتىسىلا بوقچىسىنى چىگىپ، بالىلانى ئېلىپ ئانسنىڭ ئۆيىگە كېتىۋاپتۇ. گاراڭلىقتىن ساقىيىپ قارىسام، يېنىمدا ياشانغان بىچارە ئاپام يىغلاپ ئولتۇرىدۇ .ئۇنىڭ چىرايىغا قانداق قاراشنىمۇ بىلمەيتتىم..... ھەي، ئېسىت!!!دېدىم . ئىچىمدە بىر ئازاب مېنى بەكمۇ قىينايتتى .ئەمما پۇشايمان قىلغان بىلەنمۇ ھېچ ئىش ئەسلا ئۆز ئورنىغا كېلەمدۇ؟ تويە ،توي،ئۇيۇنغا! ئەمەلگە! خۇتۇن-قىزلاغا توي!!!!!!! دەپ ئۈنۈمنى چىقىرالماي يىغلاۋاتتىم.
رەسىمنى لاھىلىگۈچى سۇبات
مەنبە: قەلىمىم .
|
|
|
|
|
|