دەرەختەك مەزمۇت
يىـڭى ئــەزا
ئەرلىك بايرىقى تەلئەت قادىرى ماڭالمايمەن سەن تاللىغان يوللاردا، ئۆز يولۇم بار گۈزەل، مۈشكۈل ئەبەدىي. قىلغاندىمۇ ھايات ماڭا يۈزسىزلىك، چاغلىغاندەك تۇرۇپ گويا بىر سەبىي. ئۆگەتمىگىن ساختىلىقنى مەي تۇتۇپ، جۇلالىغان قەدەھلەردە ئالدىراپ. ماڭا پەقەت زەررىچە نۇر كۇپايە، تۇرسا ئەرلىك ئۇپىقىدا يالتىراپ. مەن سۆيىمەن ھەقىقەتنى، چىنلىقنى، شۇلا ماڭا شۆھرەت، چەكسىز مۇكاپات. ئۆز تۇغىدا لەپىلدىگەن روھ ئۈچۈن، قالغانلىرى رەڭگى ئۆڭگەن ئىلتىپات. بەخت ئىزدەپ بولمىغايمەن ئاۋارە، مېنىڭ ئۈچۈن ئۆزۈم دېگەن بىر بەخت. تەخت ئىزدەپ بولمىغايمەن ئاۋارە، مەن دېگەن شاھ، ئۆزۈم دېگەن بىر تەخت. قالدىم تولا دۇنيا بىلەن زىتلىشىپ، مەن ئۆزۈمنى سۆيەلىگەچ ئاشۇنداق. گىرۋىكىدە ئەركىنلىكنىڭ، قىسمەتنىڭ، چۈنكى روھىم مېنىڭ ئۈچۈن بىر بايراق.
1994- يىل، يانۋار، ئاتۇش.
مەنبە: ئاپتورنىڭ «بىز ئىزدىگەن ئوت» ناملىق كىتابىدىن
پاش قىلىش
تارازا بارمۇ ؟
مەستانە ئـــەزا
يېتىلىۋاتقان ئەزا
ھەر كىم قىلسا ئۆ
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ