 |
 |
 |
 |
بارى يېشىل شەھەر كوماندىسى ئۈچۈن توپ تىپىشقا جىددى ئاتلاندى
خاڭجۇ تورى 2011-06-26 07:02:49
20نەچچە سائەتلىك ئالدىراش يول يۈرۈش، ھىرىپ-چارچاشلاردىن كىيىن، تۈنۈگۈن كەچ بىيجىڭ ۋاقتى سائەت 10دا جۇڭگۇ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۈچۈن ئاتلانغان يېشىل قورغاننىڭ كىچىك گىنرالى بارى بىلەن تاڭجىياشۇ يېۋۇ شەھىرىگە يىتىپ كەلدى. گەرچە ئۇلارنىڭ چىرايىدا قاتتىق ھارغىنلىق ئالامەتلىرى كۆرۈنۈپ تۇرسىمۇ، بۈگۈن كەچ ئوينىلىدىغان چېڭدۇ بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە چۈشۈشنى كۈتۈپ تۇرغان بارى:«مەندە مەسىلە يوق، ساغلاملىقىم ناھايىتى ياخشى. پەقەت تېرنېرىم مىنى مەيدانغا چىقارسىلا بار كۈچۈم بىلەن تىرىشىپ ئوينايمەن»دىدى.
جۇڭگۇ ئولىمپىك كوماندىسى تۈنۈگۈن شاڭخەيگە يىتىپ كەلگەندىن كىيىن بۇ كوماندىنىڭ بۈگۈندىن ئىتىبارەن تارقىلىپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلغان. بۇ جۇڭگۇ ئولىمپىك كوماندىسىنىڭ بۇ قىتىمقى تارىخى ۋەزىپىسىنى تاماملىغانلىقىدىن دېرەك بىرىدۇ. كوماندا ئەزالىرى تارقىلىشتىن بۇرۇن بىر-بىرىنى قۇچاقلىشىپ ئايرىلىشقا كۆزلىرى قىيمىغان ھالەتتە خوشلاشتى. بارى بىلەن تاڭجىياشۇ شاڭخەي جەنۇبىي ۋۇگزالىدىن پويىز ئالمىشىپ يېۋۇ شەھىرىگە يۈرۈپ كەتتى. بارى ئۇ يەردە چېڭدۇ بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ ئۆزىنىڭ يەنە بىر قىتىم تالانتىنى نامايەن قىلىدىغان كەسكىن مۇسابىقە كۈتۈپ تۇرىدۇ.
بىز بۇ ئوغلانىمىزنىڭ بۇندىن كىيىنمۇ ئادەمنى ھاياجانغا سالغۇدەك، يۈرەكنى تىترەتكۈدەك، كۆزنى ياشلاتقۇدۇك، ئۇيقىمىزدىن ئويغاتقىدەك توپ ئويناپ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا شەرەپ قۇچىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
شام تەرجىمىسى (بىيجىڭ)
مەنبە: http://hznews.hangzhou.com.cn/we ... content_3778692.htm
|
 |
 |
 |
 |
|