ھاكىم كەلگۈدەك...
( ھېكايە )
ئەتتىگەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ يولغا چىقىشىمغىلا خۇددى كېچىدىن يامغۇر
ياققاندەكلا سۇ سېپىپ تازلانغان يوللارنى كۆرۇپ ھەيران قالدىم.گۇرجەك سۈپۇرگىلەرنى كۆرىۋالغان بىر توپ ئادەم لاي ـ لاتقىلار بىلەن تىنىپ كەتكىلى خېلى يىللار بولغان ئۆستەڭ تېگىنى تازلاۋاتاتتى.
كەنت مەھەللە كومىتېتىدىكى خىزمەتچى خادىملار بولسا ئالدىراش ھالدا ئۆي ـ ئۆيلەرنى ئارىلاپ ،ئىشىك بېشىغا ‹باقمىچىلىق كەسپى چوڭ ئائىلىسى›،‹پىلانلىق توغۇتقا رىئايە قىلغان شەرەپلىك ئائىلە›،‹پەن ـ تېخنىكىدا ئۈلگە كۆرسىتىش ئائىلىسى›،مەدەنىيەتلىك ئائىلە › ... دېگەنگە ئوخشاش خەتلەر يېزىلغان تاختىلارنى قاداۋاتاتتى. مويسىپىت بوۋاي- مومايلار خۇددى ھېيت - بايرامدا ياسانغاندەك پاكىزە،يېڭى كىيىملەرنى كىيىۋالغان بولۇپ،يوقىرى گىرادوسلۇق كۆزەينەكلەرنى تاقىغان ھالدا ھاسىغا تايىنىپ كوچا ئارىلاۋاتاتتى. نېمىلەرنىدۇ دېيىشىپ ،خۇددى بىر بىرىگە نامەلۇم بىر پايدىلىق خۇش خەۋەر يەتكۈزۇشكەندەك قىلاتتى.
ـ كۆزىڭىز ساق تۇرسىمۇ يەنە كۆزەينەك تاقىۋالغىنڭىز نېمىسى؟ـ سورىدىم مەن كۆزەينەك تاقاپ ھاسىغا تايىنىۋالغان چوڭ ئاتامدىن.
ـ كەنت تەشكىلىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بولمامدۇ بالام، يەرنى ئېگىز ـ پەس كۆرسىتىدىغان بۇ نەرسىنى تاقاپ يول مېڭىشتا قىينىلىۋاتىمەن، بېشىم قېيىپ كېتىۋاتىدۇ شۇ تاپتا! ـ دېدى چوڭ ئاتام ماڭا يەرنىڭ تېگىدىن قاراپ.
ـ نېمە دەپ شۇنداق قىلغۇدەكسىلەر؟ـ سورىدىم ھېچنەرسىنى چۇشىنەلمەي .
ـ كەنت تەشكىلىنىڭ دېيىشچە يۇقۇرىدىن تەكشۇرۇشكە ھاكىم كەلگۇدەك،بىز ياشانغانلار مۇشۇنداق كۆزەينەك تاقاپ،ھاسا تايىنىۋالساق ،مەدەنىي كۆرۇنگۈدەكمىشمىز!...
بىر خىل گاڭگىراش ئىچىدە قالغان بولساممۇ چوڭ ئاتامنىڭ ئېغىزىدىن ‹ھاكىم كېلىدىگەن› دېگەن ۋەزنى ئېغىر خەۋەرنى ئاڭلاپ قايتا سوراۋېرىشكە پېتىنالمىدىم. چۈنكى ھەردائىم كەنتىمىزگە تەكشۇرگۇچىلەر كېلىدىغاننىڭ خەۋىرى بولسلا،كەنت تەشكىلىي تەرىپىدىن بىر تۇتاش ھالدا بالىلار،ياشلار، ياشانغانلار ۋە ئاياللار خاس ھالدا رەڭگى،نۇسخىسى بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن كېيىم كېچەكلەر نىسىگە سېتىپ بېرىلەتتى.تەكشۈرۈش كەتكەندىن كېيىن پۇلىنى بازار باھاسىدىن نەچچە ھەسسە ئۆرلىتىپ يىغىۋالغاننى ئاز دەپ، تەكشۇرگۈچىلەر كەلگەن ۋاقىتتا كەنت تەشكىلى يېڭىدىن سېتىپ بەرگەن يېڭى كىيىملەرنى ۋاقتىدا كىيىىپ،ياسىنىپ چىقمىغانلارغا كەنت تەشكىلى تەرىپىدىن جەرىمانە قويىلاتتى. شۇلارنى ئويلاپ دېمىم ئىچىمگە چۈشۈپ كەتتى.
مەن خىيالغا پاتقان ھالدا قوتاندىكى چارۋا ماللارغا چۆپ سېلىپ بىرىش ئۈچۈن قويان ئۆگزىسىگە چىقىۋىدىم،ھويلا ئىشىكى ئالدىدا ئاللىكىملەرنىڭ مېنى چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى.
ـ بىرە ئىشىڭلار بارمىدى؟ ـ سورىدىم مەن ئىشىك ئالدىغا توپلاشقان كەنت كادىرلىرى بىلەن بىر قۇر ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن.
ـ بۇ كىيىنىشىڭىز پەقەت قاملاشماپتۇ ئۇكام،_دېدى چاچلىرىنى قاتۇرۇپ تارىۋالغان كەنت كادىرلىرىدىن بىرەيلەن ماڭا دوق قىلغىنىچە قاپاقلىرىنى تۈرۈپ،ـ قاپقارا كاستىيوم ـ بورۇلكا كىيىۋالغاندىكىن ئىچىڭىزگە پاكىز ئاق كۆڭلەكتىن بىرنى كىيىپ گالىستۇك تاقىۋالسىڭىز بولمامدۇ!؟
ـ نېمە دەپ شۇنداق قىلغۇدەكمەن،ياكى بۈگۈن ھېيت بولمىسا،ـ دېدىم مەن سەل ئاچچىقىم كىلىپ .
ـ بۈگۈن كەنتىمىزگە خىزمەت تەكشۇرۇپ ھاكىم كېلىدۇ، ھاكىم!...
ـ شۇنداق بولسا نېمەبوپتۇ،ئۇلارنىڭ ئالدىدا بۇنداق ياسالمىلىق قىلىپ كېتىشنىڭ نېمە زۇرۇريىتى بار ؟
ــ ئەلۋاتتە زۆرۇريىتى بار دە! شۇنداق ياسانسىڭىز، كەنتىمىزنىڭ مەدەنىيەتلىك كەنىت كوللىكتىۋى بولۇپ باھالىنىشىغا بىر كىشلىك تۆھپە قوشقان بولىسىز ، ئەگەردە ئاق كۆڭلەك بىلەن گالىستۇك بولمىسا مانا بۇنى ئېلىپ ھازىرلا كىيىۋېىلىڭ،ھېساب ـ كىتابنى تەكشۇرۇش كەتكەندىن كېيىن دېيىشىۋالارمىز !- ئۇلار شۇنداق دېيىشكىنىچە ماڭا بىر ئاق كۆڭلەك بىلەن گالىستۇكنى سۇندى.كەنىتنىڭ بۇغالتىرى ھېسابات خاتىرىسىگە بىر نېمىلەرنى يازغاندىن كېيىن دەپتەرنى ماڭا سۇندى. مەن دەپتەرگە ئىمزا قويدۇم، ئۇلار كېتىپ قېلىشتى.
- ئاۋۋال كۆڭلىكىىزنى كىيىۋېلىڭ،ئاندىن گالىستىكۇڭىزنى مەن تاقاپ قوياي! ئۆيدىن چىقىۋاتقان ئايالنى كۆرۇپ كەينىمگە داجىدىم.
ـ ۋۇي،تونىيالماي قالدىڭىزما،تولا خۇپسەنلىك قىلماڭە،مەن ئايالىڭىز ئارزىگۇل!
راسىتتىنلا ئۆز كۆزۇمگە ئىشەنمەيۋاتاتتىم.چۈنكى ئايالىم ئارزىگۇلنىڭ ئۇچىسىغا كىيىۋالغان كالتە يوپكا بىلەن ئېگىز پاشنىلىق توپلەي،پاخپايتىپ سېرىق رەڭدە بويىۋالغان چاچلىرى ئۇنى خۇددى كېنو ئىكرانىدا لىپ قىلىپلا بىر كۆرۇنۇپ يوقاپ كېتىدىغان كېنو ئارتىسلىرىغىلا ئوخشىتىپ قويغان ئىدى.دائىم بۈۋىمچىلەپ چىگىۋالىدىغان ياغلىقىنى بېشىغا ئارتمىغان ئىدى.
ـ بۇ كېيىملەرنى قاچان سېتىۋالغان ؟ـ سورىدىم مەن ئالاقىزادە بولۇپ .
ـ ھېلىلا كەنت تەشكىلىدىن سېتىپ بەردى،پۇلىسىنى كۈزگىچە پاختا ساتقاندا ھېسابلاشقۇدەكمىز!...دېدى ئايالىم ماڭا خۇددى بىرەر ئىشنى خاتا قىلىپ قويغاندەك ئالاقىزادىلىك ئىچىدە يەرنىڭ تېگىدىن قاراپ.
-دەرھال كىيىملىرىڭنى ئالماشتۇرۇپ،بېشىڭغا ياغلىقىڭنى ئارتىۋال، ئانام كۆرۇپ قالسا كۆرۈپ قالسا خاپا بولۇپ قالمامدۇ!...
ـ مىنىڭمۇ شۇنداق قىلغۇم بار ،لېكىن ماڭىمۇ ئامال يوق-دە،بۇ دىگەن كەنت تەشكىلىي بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇرغان ئىش تۇرسا،كەنتىمىزدىكى ئاياللارنىڭ ھەممىسىگە مۇشۇنداق كىيىم تارقىتىپ بېرىپتۇ...
ـ ئۇلار نېمە دەپ شۇنداق قىلغۇدەك !؟
ـ مۇشۇنداق ياسانساق ھاكىمنىڭ كۆزىگە مەدەنىي كۆرۇنگىدەكمىشىز،ۋۇي سىز تېخى بىخەۋەرما،كەنتىمىزگە ھاكىم كەلگۈدەك...
ـ نېمە،بىزنى يەنە قەرزگە بوغۇپ ھاكىم كەلگۈدەكما؟!شۇ گەپنىڭ ئېغىزىمدىن قانداقلارچە چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئۆزەممۇ سەزمەي قېلىۋاتاتتىم
-شۇنداق،كەنتىمىزگە خىزمەت تەكشۈرۈپ ھاكىم كەلگۈدەك!...-ئايالىمنىڭ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن كۆزلىرىدىن ئېتىلىپ چىققان ھەسرەت ياشلىرى ئۇنىڭ
بۆرتۈپ چىققان مەڭزىنى بويلاپ تۆۋەنگە سىيرىلماقتا ئىدى...
مەنبە: ئۆزۈم ياغان ئىجادى ئەسەر، بۇ ھېكايە «شىنجاڭ خەلق قۇرۇلتىيى» ژورنىلىنىڭ 2009- يىللىق 6-سانىدا ئېلان قىلىنغان.