بېلازېۋېچ:بارى سەندە تالانت بار، كىيىن چوڭ مۇسابىقىلەردىمۇ سىنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىمەن.
جېجياڭ ئەتتىگەنلىك خەۋەرلەر گېزىتى خەۋىرى
2011-06-25 04:40:46
نىمە ئۈچۈن شۇنچە يۈگۈرۈپمۇ ھارمايسىز؟
چۈنكى مەن گۆش يىيىشنى ياخشى كۆرىمەن.
بارى جېجياڭ ئەتتىگەنلىك خەۋەرلەر گېزىتىنىڭ مۇخبىرى شېيېفاڭنىڭ سورىغان سۇئالىغا شۇنداق جاۋاب بەردى.
دۆلەتلىك ئولىمپىك كوماندىسى ئومان ئولىمپىك كوماندىسى بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدە پۈتۈن قان تەرىنى سەرىپ قىلىپ لوندۇن ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە كىرىش سالاھىتىگە ئىگە بولالماي قالغان بولسىمۇ، لىكىن ئۇلارنىڭ جاسارىتى نۇرغۇنلىغان توپ مەستانىللىرىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بارى ھەيۋەتلىك «بۆرە پادىشاھ»نىڭ رولىنى ئوينىدى. ئۇنىڭدىكى قەتئىيلىك چىقىپ تۇرغان جەڭگىۋار كۆرەش قىلىش ئىرادىسى، شۇنداقلا يۈگۈرۈپ ھارمايدىغان ئالغا ئىنتىلىشچانلىقى بارلىق كۆرۈرمەنلەر ھەمدە مەيداندىكى بارلىق توپ مەستانىللىرىنىڭ قەلبىگە يىشىل قورغاننى قوغدايدىغان كىچىك ئەزىمەت دىگەن نام سىڭىپ كەتكەن ئىدى.
تۈنۈگۈن مۇخبىر QQ ئارقىلىق بارى بىلەن پاراڭلاشقاندا،مۇخبىرغا لوندۇنغا بىرىش ئارزۇسىنىڭ كۈپۈككە ئايلانغانلىقىنى ، بۇ جەڭگىۋار يىگىتنىڭ قاتتىق كۆڭلى يىرىم بولغان ھالدا « مەن لوندۇن ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىششنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتىم، لىكىن ئۇنداق بولماي قالدى. ھىچ بولمىغاندا ياپۇنىيە، كورىيە بىلەن مۇسابىقىلىشەلىگەن بولساق، ئەمما بۇنداق پۇرسەت بىزگە قالمىدى» دىگەن.
بارى ئومان بىلەن بولغان مۇسابىقىدە توختۇلۇپ ئەپسۇسلانغان ھالدا« بۇ قىتىمقى مۇسابىقىدە مىنىڭمۇ سەۋەنلىكىم كۆپ بولدى، ئۆزۈم ئالداپ ئۆتكەن توپنى ئۇرالىغان بولسام بەلىكىم ئەھۋال ھازىرقىغا ئوخشاش بولماس ئىدى» دىدى.
ئارزۇ يوققا چىقتى، جۇڭگۇ ئولىمپىك كوماندىسىمۇ تارقىلىپ كىتىش ئالدىدا تۇرماقتا. جۇڭگۇ پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسى رىپىرنىڭ خاتا ھۆكۈمىنى ئاسىيا پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسىگە ئىنكاس قىلىشنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، توختامنى ئۆزلىگىدىن بىكار قىلغان بېلازېۋېچ تۈنۈگۈن چۈشتە ئۆزىنىڭ يۇرتى كىرودىيەگە قايتىپ كەتتى.
بېلازېۋېچ خوشلىشش ئالدىدا بارلىق پۇتبۇلچىلار بىلەن قۇچاقلىشىپ خوشلاشتى، بارى بىلەن خوشلىشش ۋاقتىدا ئۇنىڭغا ئالاھىدە قىلىپ«بارى سەندە تۇغما تالانت بار، مەن سىنىڭ بۇندىن كىيىنمۇ دۆلەت سىرتىدىكى بىرلەشمە مۇسابىقىلەردە توپ ئوينىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇ چاغدا سىنى كۆرەلىسەم تولىمۇ خۇشال بولىمەن، چۈنكى مەن سىنى تەربىيلەپ يىتۈشتۈرگەن» دىدى.
مۇسابىقە جەريانىدا بارلىق توپچىلارنىڭ كۈچى قالمىغان ئەھۋال ئاستىدا پەقەت بارىنىڭلا تولۇپ تاشقان جاسارىتى، كۈچ-قۇۋۋىتىنى ئىشقا سىلىپ ئوينىغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. بارى ئۆزىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ئىشقا سالغان بەدەن قۇۋۋىتى ھەققىدە كۈلۈپ تۇرۇپ:«چۈنكى مەن گۈش يىيىشنى ياخشى كۆرىمەن. ئەمىلىيەتتە ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن، لىكىن بۇنى ئاتا-ئانامدىن قالغان تۇغما ئىقتىدار دەپ قارايمەن» دىدى.
شۇنداق بارى ئۆزىنىڭ شۇ خىل تۇغما تالانتىنى تولۇق نامايەن قىلدى.گەرچە ئۇنىڭ بىر قىسىم تىخنىكىللىرى قوپالراق بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ جەڭگىۋار كۆرەش قىلىش ئىرادىسى، چىدام-غەيرىتى، بەدىنى، جىسمانىي كۈچ ۋە ئىقتىدارىغا تايىنىپ مۇسابىقە جەريانىدا كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا يارقىن بىر سىمانى ھىس قىلدۇردى. بارى ئەشۇنداق تىرىشچانلىقلىرى ئارقىلىق ئۆزىگە گۈزەل بىر مەنزىرە بەرپا قىلىش بىلەن بىرگە ئاتا-ئانىسىغىمۇ جاۋاپ قايتۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالمىغان ئىدى. ئۇنىڭ دىيىشىچە ئۇ ئۆزى تاپقان پۇللار بىلەن ئاتا-ئانىسىغا ئۈرۈمچىدىن بىر يۈرۈش ئۆي ئىلىپ بەرگەن.
بۈگۈن ئەتتىگەن جۇڭگۇ ئولىمپىك كوماندىسى دۆلىتىمىزگە قايتىپ كىلىشتى. بۇ ھەپتە بۇ يىشىل قورغانچىمىزنى دۆلەت ئىچىدىكى بىرلەشمە مۇسابىقىلەر كۈتۈپ تۇرىدۇ. بىز كىلىشكەن بۇ يىگىتنى يەنە مۇسابىقىلەردە كۆرەلەيمىز.
بۇ ماقالىنىڭ كىلىش مەنبەسى
http://sports.163.com/11/0625/04/77CAHFVL00051C89.html
شام تەرجىمىسى( بىيجىڭ )
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى