ئوغۇل بالىنىڭ نەتىجىسى ئادەتتىكىچە،ھەم بەك شوخ ئىكەن.قىز بالا بولسا تىرىشچان بولۇپ نەتىجىسىمۇ سىنىپنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا ئىكەن.ئۇلار ئىككىسى بىر سىنىپتا ئوقۇيدىكەن.بىر كۈنى ھېلىقى ئوغۇل بالا دوستلىرى بىلەن پاراڭلىشىپ سىنىپىدىكى قىزلارنىڭ پارىڭىنى قىلىشىپتۇ.گەپتىن گەپ چىقىپ ئەگەر ئوغۇل بالا ھېلىقى قىز بالىنى كەلتۈرەلىسە باشقىلار ئۇنى مېھمان قىلىدىغانلىقىنى دىيىشىپتۇ.ئوغۇل بالىمۇ ئىچىدە شۇ قىزنى كەلتۈرۈشنى نىيەت قىپتۇ.ئۇ قىزلارنى قوغلاشقاندا بىرەر قىتىممۇ مەغلۇب بولۇپ باقماپتىكەن.لېكىن كەلتۈرۈپ بولغاندىن كىيىن بىر مەزگىلدىن كىيىنلا تاشلىۋىتىدىكەن. |
ئوغۇل بالا ھېلىقى قىز بالىنىڭ تىلىفون نومۇرىنى قولغا چۈشۈرگەندىن كىيىن،كۈندە كەچتە ئۇ قىز بالىغا«قەدىرلىكىم،بىز يۈرسەك بولامدۇ؟»دەپ ئۇچۇر يازىدىكەن،لېكىن قىز بالا بۇنى راست دەپ بىلمەيدىكەن.چۈنكى ئۇ ئوغۇل بالىنىڭ قانداق ئادەملىكىنى بىلىدۇ-دە.قىز ھەر قىتىم«ئەگەر مېنى ياخشى كۆرسەڭ،مەندىن يىراق تۇر»دەپ ئۇچۇر قايتۇرىدىكەن.مانا مۇشۇ تەرىقىدە بىر ئاي ئۆتكەندىن كىيىن،بىر ئاخشىمى يەنە ئوغۇل بالا يەنە قىزغا بۇرۇنقىدەكلا ئۇچۇر يېزىپتۇ.قىز بالىنىڭ كۆڭلى يېرىم بولغاچقا ئۇچۇر قايتۇرماپتۇ.ئەتىسى قىز مەكتەپكە كەلمەپتۇ.ئوغۇل بالا يەنە ھەيرانلىق ئىلكىدە ئۈمىدىنى ئۈزمەكچى بولۇپ ئۇنىڭغا ئۇچۇر يازماي تىلىفون قىپتۇ.قىز تىلىفوننى ئالماي بىسىۋىتىپتۇ.ئۇ ئۇدا ئۇرىۋىرىپتۇ.ئاخىر قىز تىلىفوننى ئاپتۇ.ئوغۇل قىزنىڭ يىغلاۋاتقانلىقىنى سېزىپ ئالدىراپ سەۋەبىنى سوراپتۇ،لېكىن قىز يەنىلا يىغلاپ تۇرۇپتۇ.ئوغۇل يەنە بىر قىتىم سورىغاندىن كىيىن قىز«مەن قارار قىلدىم،بىز يۈرەيلى»دەپتۇ.ئوغۇل بالا باشقا ھىچقانداق گەپ سورىماستىن«سەن ماڭا قوشۇلدۇڭ،ئەمدى بۇندىن كىيىن سەن مىنىڭ قىز دوستۇم بولدۇڭ» دەپتۇ. |
ئەتىسىدىن باشلاپ ئۇلار بىللە مەكتەپكە كېلىپ بىللە قايتىدىغان بوپتۇ.ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن ھېلىقى ئوغۇل بۇنىڭ باشقىلار بىلەن ئويناشقان ئىش ئەمەسلىكىنى،ئۆزىنىڭ قىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپتۇ.شۇنىڭدىن كىيىن قىزنىڭ نەتىجىسى بارغانسېرى چۈشۈشكە باشلاپتۇ.مۇئەللىم سەۋەبىنى سورىسا قىزمۇ دەپ بېرەلمەپتۇ.كىيىن مۇئەللىم ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىدىكى ئىشنى بىلىپ قىلىپ،ئوغۇل بالىنى ئىزدەپ ئۇنىڭغا مۇنداق دەپتۇ:«سەن ئۇنىڭ بۇرۇن نەتىجىسىنىڭ خېلى ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلىسەن،لېكىن ئۇنىڭ سەن ئۈچۈن ئىستىقبالىنى يوق قىلىپ قويىشىنى خالىمايدىغانسەن؟» ئوغۇل بالا بۇگەپلەرنى ئاڭلاپ ھېچنىمە دېمەستىن كەينىگە بۇرۇلۇپلا چىقىپ كىتىپتۇ.چۈشتىن كىيىنكى دەرىستىمۇ بۇرۇنقىدەك شوخلۇق قىلماي،جىمجىت ئولتۇرۇپتۇ. |
مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندىن كىيىن قىز بىلەن ئوغۇل يەنە بىللە قايتىپتۇ.لېكىن ئوغۇل بالا بۇ قىتىم ھېچقانداق سۆز قىلماپتۇ.قىز ئوغۇل بالىنىڭ قولىنى تۇتماقچى بولغاندا ئوغۇل بالا ئۇنى سىلكىۋىتىپتۇ،قىز سەل ئاچچىقلىنىپ«زادى نېمە بولدۇڭ؟»...ئوغۇل بالا گەرچە يۈرىكى شۇنچىلىك ئازابلىنىپ تۇرسىمۇ يەنىلا«مەن سېنى ئەزەلدىن ياخشى كۆرۈپ باقمىغان،مېنىڭ سەن بىلەن يۈرگىنىم پەقەتلا باشقىلار بىلەن دو تىكىشكىنىم ئۈچۈنلا خالاس،مەن قىزلارغا ئۆچ،سېنى ياخشى كۆرۈشۈم مۇمكىن ئەمەس»دەپتۇ ھەم قىز بالىغا تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپتۇ.قىز يىغلىماپتۇ،ھەم ھاياجانلانماپتۇ.پەقەت ئۇنىڭغا كۈلۈپ تۇرۇپ«مەن سېنىڭ مۇشۇ گېپىڭنى ساقلاپ تۇرغىلى خېلى بولغان.مەنمۇ ئەزەلدىن سېنى ياخشى كۆرۈپ باقمىغانىدىم.سەن بىلەن يۈرگىنىم پەقەت ئاتا-ئانامغا ئاچچىقلاپلا خالاس.ھازىر ئۇلارمۇ ياخشى بوپ قالدى.سېنىڭمۇ كېرىكىڭ قالمىدى،ئايرىلىپ كەتسەك ئايرىلىپ كېتىلى»دەپتۇ.قىز بۇ سۆزلەرنى دېگەندە پەرۋاسىز ھالەتتە دەپتۇ.ئوغۇل بالا بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغاندىن كىيىن يۈرىكى شۇنچىلىك ئېچىشقان بولسىمۇ بارلىق ئازابلىرىنى يۇتىۋىتىپ كەينىگە بۇرۇلۇپ كىتىپ قاپتۇ.ئەمىلىيەتتە قىز بالىمۇ شۇ جايىدا خېلى ئۇزۇن تۇرۇپتۇ. |
ئوغۇل بالا قايتىپ كەلگەندىن كىيىن دوستلىرىغا«سىلەر بىلەن دىيىشكەن ئىشتا مەن يىڭىۋالدىم.ئەمدى مېنى مېھمان قىلىڭلار»دەپتۇ.بىر دوستى بىر ئىشنى سەزگەندەك ئۇنىڭدىن سوراپتۇ.«سەن ئۇ قىزنى راستىنلا ياخشى كۆرۈپ قاپسەن ھە؟!» ھېلىقى ئوغۇل بالا چىرايىغا زولاپ كۈلكە يۈگۈرتۇپ«قانداقسىگە مۇمكىن بولسۇن؟مېنىڭ بۇ يېرىمگە قىزلارنىڭ كىرەلىشى مۇمكىن ئەمەس»دەپتۇ يۈرىكىنى كۆرسىتىپ.ئەمەلىيەتتە قانداقمۇ مۇمكىن بولمىسۇن؟ھازىر ئۇنىڭ كاللىسىدا شۇ قىز بالىدىن باشقا ھېچنىمە يوق،ھەممىسى قىزلارنىڭ ۋاپاسىزلىقى. دوستلىرىمۇ ئۇنىڭغا كۈلۈپ تۇرۇپ«جۈر،ئىچەيلى،گېپىمىز ھىساب.بۇگۈن سىنى مېھمان قىلايلى»دەپتۇ.ئوغۇل بالا ئىچىۋىرىپ ئۆزىنى بىلىگۈدەك مەست بوپ كىتىپتۇ،ئۇ ئۆيىگە قايتقان ۋاقىتتا يېرىم كېچە بوپ قاپتۇ.يولدا ماشىنىلارمۇ خېلى كۆپ ئىكەن.ئۇنىڭغا يولدىكى ئۇچرىغانلا ئادەملەر ھېلىقى قىز بالىدەك كۆرۈنۈپ ئۇلارغا يىپىشىپ يالۋۇرۇپتۇ،بۇنى ئۇنىڭ دوستلىرى ھەممىسى كۆرۈپ تۇرۇپتۇ.ئەمىلىيەتتە ئۇنىڭ قىلغىنىمۇ قىزنىڭ كۆڭلىنىڭ يېرىم بولماسلىقى ئۈچۈن ئىدى. |
ئەتىسى مەكتەپكە كەلگەندە ئوغۇل بالا قىزنى باشقا بىر ئوغۇل بالىنىڭ قولىدىن يۆلەپ ئېلىپ كىرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ كۆڭلى يېرىم بولغان ھالدا سىرتقا چىقىپ كىتىپتۇ.ئۇ كوچىغا چىقىپ نىشانسىزلا مېڭىپتۇ.بىر چاغدا تىلىفونى سايراپتۇ.قىز ئۇنىڭغا مۇنداق دەپ ئۇچۇر يازغانىكەن.«سەن نەگە كەتتىڭ سېنى ئىزدەيدىغان ئىشىم بار،تېز قايتىپ كەل».ئوغۇل بالا ئۇنىڭ ئۇچۇرىنى كۆرگەن بولسىمۇ سوغۇققىنە كۈلۈپ قويۇپلا كارى بولماپتۇ.يەنە ئون مىنوت ئۆتكەندىن كىيىن يەنە ئۇچۇر كەپتۇ.ئۇچۇر يەنە قىز بالىدىن كەپتۇ.«مەن كېتىدىغان بولدۇم،ئۇنىڭ بىلەن كېتىدىغان بولدۇم».ئوغۇل بۇ ئۇچۇرنى كۆرۈپ يۈزى ئاقىرىپ،تىلىفوننى چىڭ سىقىپ بىردەم تۇرىۋەتكەندىن كىيىن«مەن سىنى ياخشى كۆرىمەن،ئەزەلدىن سېنى ياخشى كۆرۈپ كەلگەنىدىم.مەندىن ئايرىلما بولامدۇ؟»دەپ ئۇچۇر قايتۇرۇپتۇ.ئۇ قىزدىن ئايرىلىشقا چىدىماپتۇ.چۈنكى ئۇ قىز بىلەن بىللە ئۆتكەن كۈنلەرگە كۆنۈپ قاپتۇ.لېكىن قىزدىن ھېچقانداق ئۇچۇر كەلمەپتۇ. |
شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ قىز بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قاپتۇ.ئۇ قىزنىڭ ئۆيىگە بېرىپتۇ،ئۇنى يەنە بىر قىتىم كۆرمەكچى بولۇپ بېرىپتۇ،لېكىن ئۆيىدە ئادەم يوق ئىكەن.ئەتىسى ئۇ يەنە قىزنىڭ ئۆيىگە كەپتۇ.بۇ قىتىم قىزنىڭ تارتمىسىدىن بىر كۈندىلىك خاتىرىنى كۆرۈپ قاپتۇ.ئۇنىڭغا مۇنداق دەپ يېزىلغانىكەن. |
«3-ئاينىڭ 24-كۈنى.بىزنىڭ سىنىپقا بىر بالا يۆتكىلىپ كەلدى.مەن ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم.لېكىن باشقىلاردىن ئۇنى ئەسكى دەپ ئاڭلىغاچقا ئۇنىڭغا دىيىشكە پىتىنالمىدىم.3-ئاينىڭ 25-كۈنى.بۈگۈن ئۇ كىچىكىپ قالدى.مەن ئىچىمدە تىت-تىت بوپ كەتكەنىدىم.لېكىن ئۇ مۇئەللىمنى كۆزگە ئېلىپمۇ قويمىدى.مەن ئۇنىڭ مۇشۇنداق«ئەسكى»مىجەزىنى ياخشى كۆرەتتىم.6-ئاينىڭ14-كۈنى.بۈگۈن ئۇماڭا«سېنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم»دەپ ئۇچۇر يازدى.مەن ئىچىمدە شۇنداق خۇشال بولدۇم،لېكىن باشقىلاردىن ئۇنىڭ قىز بالىلار بىلەن ئويۇن ئورنىدا يۈرىدىغانلىقىنى ئاڭلىغانىدىم.شۇڭا ماڭىمۇ شۇنداق قىلمىسۇن دەپ قوشۇلمىدىم.8-ئاينىڭ 3-كۈنى.كۆڭلۈم بەكمۇ يېرىم،بۈگۈن دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتكەنىدىم،ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار بوپ قاپتىمەن.دوختۇر يىل ئاخىرىغىچە ياشىيالمايسەن دېدى.مەن تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭدىن ئايرىلىشقا چىدىيالمىدىم،شۇ كۈنى كەچتە ئۇ يەنە ماڭا ئۇچۇر يازدى،لېكىن مەن قايتۇرمىدىم.قانداق قىلىشىمنى زادىلا بىلەلمەي قالدىم.8-ئاينىڭ 4-كۈنى.بۈگۈن ئۇ مېنىڭ نېمە ئۈچۈن مەكتەپكە بارمىغانلىقىمنى سورىدى.مەن ئۇنىڭغا ھەقىقىي ئەھۋالنى دىيىشكە پىتىنالمىدىم.شۇنداق قىلىپ ئاتا-ئانام ئاجرىشىپ كەتمەكچى بولىۋاتىدۇ،دەپ ئۇنى ئالدىدىم.لېكىن مەن بۇنى قەستەن قىلمىدىم. ئۇنىڭغا مەن يۈرۈش تەلىپىنى قويدۇم.ئۇنىڭ مېنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلىمەن.لېكىن ئاخىرقى كۈنلىرىمدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇشنى ئويلىدىم.11-ئاينىڭ 21-كۈنى.تۇيۇقسىزلا ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك ھېس قىلىپ قالدىم.بۇگۈن ئۇ ماڭا ئايرىلىپ كىتىش تەلىپىنى قويدى.كۆڭلۈم شۇنچىلىك يېرىم بولدى.ئۆزۈمنىڭ قانداق قىلىپ كۈلۈپ تۇرۇپ سۆزلىگىنىمنى بىلمەيمەن.بۇرۇنلا بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلسەممۇ لېكىن رىئاللىقنى قۇبۇل قىلالمىدىم.11-ئاينىڭ 22-كۈنى.كىسىلىم بارغانسېرى ئېغىرلاپ كەتتى.قەدىرلىكىم،بۈگۈن سېنى ئەڭ ئاخىرقى قىتىم كۆرۈش ئۈچۈن كەلگەنىدىم نېمىشقا ئۆزۈڭنى كۆرسەتمەيسەن؟بۈگۈن ئاكام مېنى يۆلەپ كەلدى،بۇ پەقەت سېنى كۆرۈش ئۈچۈنلىغۇ؟!» |
توۋا...ئەسلىدە ھېلىقى چاغدىكى ئۇنى يۆلەپ كىرگەن ئۇغۇل بالا ئۇنىڭ ئاكىسىكەندە.ئوغۇل كۈندىلىك خاتىرىنى كۆرۈۋىتىپ كۆزلىرىن ياشلاپ ئېقىپتۇ.ئۇ ئەڭ ئاخىرقى قىتىم قىزنى قايتا ئىزدىمىگەنلىكىگە قاتتىق پۇشايمان قىپتۇ.ئۇ خاتىرىنى قايتا تارتمىغا سېلىپ قويۇپ،قىزنىڭ تىلىفونىنى ئېلىپ ئوقۇلمىغان بىر ئۇچۇر بارلىقىنى كۆرۈپ ئۇ ئۇچۇرنى ئېچىپتۇ.«مەن سىنى ياخشى كۆرىمەن،ئەزەلدىن سېنى ياخشى كۆرۈپ كەلگەنىدىم.مەندىن ئايرىلما بولامدۇ؟!»... ...قىز ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا يازغان ئۇچۇرىنى كۆرەلمەي بۇ ئالەمدىن كېتىپتۇ. |
ئوغۇل بالا قىلغانلىرىغا قاتتىق پۇشايمان قىلىپتۇ.ئۇ ئۆزىنىڭ تىلىفونىنى ئېلىپ قىزنىڭ تېلىفونىغا تىلىفون قىلىپ ئۆز-ئۆزىگە يىغلاپ تۇرۇپ:«ئەخمەق،ئەمىلىيەتتە مەن سېنى بەك ياخشى كۆرىمەن،مەن پەقەت سېنىڭ ئىستىقبالىڭغا تەسىر يەتمىسۇن دەپلا سەندىن ئايرىلىپ كەتمەكچى بولغان.ئەخمەق،بىز مەڭگۈ بىللە بولىمىز،ئۆلسەكمۇ تەڭ ئۆلىمىز»دەپ تېلىفوننى قويغاندىن كىيىن يىنىدىكى پىچاق بىلەن بىلىكىنى كېسىپ ئۆلىۋاپتۇ. |
ئەتىسى باشقىلار قانغا مىلىنىپ ياتقان ئوغۇل بالىنىڭ جەسىتىنى كۆرۈپتۇ،ئوغۇل بالا ئۆلۈپتۇ،لېكىن بۇنىڭ سەۋەبىنى ھېچكىم بىلەلمەپتۇ.باشقىلار پەقەت ئۇنىڭ دۈشمەنلىرى كۆپ بولغاچقا شۇلار ئۆلتۈرگەن بولىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىپتۇ. |
|
|
مەنبە:QQبوشلۇق خاتىرىسىدىن تەرجىمە قىلىندى. |
كەسكىن مۇنبىرىدىن يۆتكەلدى. |
http://kasken.com/read.php?tid=83 |