مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1623|ئىنكاس: 0

تارىختا  ئەجداتلىرىمىز قۇرغان خانلىق  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18979
يازما سانى: 1656
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14965
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2775 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-25 01:46:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ  ئەجدادى ۋە قېرىنداشلىرى   ھېسابلىنىدىغان ھونلار ،ساكلار ، تۈركلەر، سالجۇق ئوغۇزلىرى قاتارلىقلار تارىختا نۇرغۇن سەلتەنەتلىك خانلىق -ئىمپىرىيەلەرنى قۇرۇپ ، دۇنيا تارىخىدا شانلىق ئىزلارنى قالدۇرغان.، ئۇيغۇرلار، تۈركلەر،  ھونلار  جوڭگۇنىڭ 5000يىللىق تارىخىدىمۇ زور رول ئويناپ ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان. مەن تۆۋەندە  بىر تارىخ ھەۋەسكارى بولۇش سۈپىتىمدە ئۆزۈمنىڭ توپلىغان ماتىرياللىرىم ئاساسىدا  بۇلارنىڭ بىر قىسمىنى تونىشتۇرماقچى . تورداشلارنىڭ  خاتالىقلىرىمنى كۆرسىتىپ  بېرىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن.
ساك ئىمپىرىيىسى
مىلادىدىن يەتتە ئەسر بۇرۇن ئوتتۇرا ئاسىيادا ئالپ ئەر تۇڭا دېگەن بىر بۈيۈك خاقان ئۆتكەن. ئۇ بىر ئۆمۈر ئۆز ۋەتىنى بولغان مەركىزىي ئاسيانى ئىران پادىشاھلىرىنىڭ تاجاۋۇزىدىن ساقلاش ئۈچۈن كۈرەش قىلپ ئاخىرى جەڭدە قۇربان بولغان. ئۇ ئىران تارىخلىرىدا ئاپراسىياپ دەپ ئاتالغان،ئىرانلىقلار ئۆزىنىڭ شەرقىدىكى تۈركىي قەۋىملەر-ساكلار ياشىغان ئۇتتۇرائاسىيادىن كاسپىي دېڭىزىغىچە بولغان كەڭ  زېمىننى تۇران دەپ ئاتىغان.  ئالپ ئەر تۇڭا مىلادىدىن بۇرۇنقى 7-ئەسردىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 2-ئەسىرگىچە داۋام قىلغان ساك (تۇران) ئىمپريىسىنىڭ مەشھۇر  خاقانىدۇر. تارىخىمىزدىكى مەشھۇر ۋەتەنپەرۋەر ئايال پادىشاھ ئاپراسىياپنىڭ ئەۋلادى بولۇپ  ،ئۇ ئۆز خەلقىگە باشلامچىلىق قىلىپ ،مىلادىدىن بۇرۇنقى 529-يىلى تۇران  زېمىنىغا تاجاۋۇز قىلغان ئىران ئەھمانىيلار سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى كەيكاۋۇسنى مەغلىۇپ قىلىپ ئۆلتۈرگەن. ئسكەندەر زۇلقەرنەيىن شەرىققە يۈرۈش قىلىپ بۇجايغا كەلگەندە ئۇنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقانلار دەل شۇ ساكلار ئىدى.
ھون ئىمپىرىيىسى
ھونلار ناھايىتى قەدىمكى زامانلاردىلا  جۇڭگو تاىخ كىتابلىرىدا قەيت قىلنغان.ھونلار ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى ئەجدادىدۇر. ئۇلار قەدىمكى  زامانلادىن  تارتىپ ئوتتۇرا تۈلەڭلىكتىكى ھەرقايسى بەگلىك سۇلالىلەرگە تەھدىت سېلىپ كەلگەن. سەددىچىىن سېپىلىمۇ ھونلاردىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن سوقۇلغانىدى.  مىلادىدىن بۇرۇنقى 240-يىلىغا كەلگەندە ئۇلار بۈيۈك ھون ئىمپىرىيىسىنى قۇرۇپ چىقتى . باتۇر تەڭرىقۇت مودۇ نىڭ (  مىلادىدىن بۇرۇنقى 216-يىلدىن  مىلادىدىن بۇرۇنقى 174-يىلغىچەتەخىتتە ئولتۇرغان)دەۋرىدە تازا كۈچىيىپ شەرىقتە تىنىچ ئوكيانغا،غەرپتە كاسپىي دېڭىزىۋە ئىرانغا،شىمالدا سىبىرىيىدىكى يەنسەي دەريا بويلىرىغا،جەنۇپتا سەددىچىىن سېپىلىغا قەدەر بولغان كەڭ زىمىنغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان  . خەن  سۇلالىسىنىڭ مەشھۇر پادىشاھى  خەنۋۇدى  دەۋرىدە ،خەن سۇلالىسى كۈچىيىپ،ئىلگىرىكى  ھونلارغا بوزەك بولۇپ ئامالسىزيولغا قويغان قۇدىدارچىلىق سىياسىتىدىن ۋاز كېچىپ،ھونلارغا ئارقا-ئارقىدىن قاقشاتقۇچ زەربىلەرنى بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن ھونلار بارا-بارا ئاجىزلىشىپ كەتتى. ئارىدا مەلۇم ۋاقىت يەنە كۈچەيگەن بولسىمۇ بىراق بۇرۇنقى سەلتەنەتىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمىدى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 48-يىلدىن كىيىن شىمالىي ھونلار ۋە جەنۇبىي ھونلاردەپ ئككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى. جەنۇبىي ھونلار خەن سۇلالىسىگە ئەل بولۇپ   خۇاشيا مىللىتىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى بولۇپ قالدى.  شىمالىي ھونلار  بولسا داۋملىق غەرىپكە سىلجىپ دۆلەت قۇرۇپ، مىلادى374-يلىلاغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇردى.ھونلارنىڭ بىر تارمىقى داۋاملىق غەرپكە كۆچۈپ ،مىلادى375-يىلى ياۋرۇپادا ياۋرۇپا ھون ئىمپريىسىنى قۇردى .ئاتىللانىڭ ۋاقتىدائۇلار ياۋرۇپانىڭ كۆپ قىسمىنى بويسۇندۇرۇپ،رۇم ئىمپىريىسىگە زور تەھدىت ئېلىپ كەلدى. مىلادى 468-يىلى بۇ ئىمپريىمۇ زاۋال تاپتى.
كۆك تۈرك قاغانلىقى
تۈركلەر ئېلىمىز-جوڭگۇنىڭ  شىمالىدا ياشىغان قەدىمقى مىللەت .ھون ئىمپىرىيسى ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا تۇرۇپ كەلگەنىدى.مىلادىنىڭ 535-يىلى تۈرىكلەر ،شەرقىي ئۇيغۇر قەبلىىلىرى،ئوغۇزلار،ئاۋارلارنىڭ قالدۇق قىسمىنى ئۆزىگە قۇشۇۋېلىپ كۆك تۈرك قاغانلىقىنى قۇرۇپ چىقتى.تازا گۈللەنگەن چاغلىرىدا(550-يىلىدىن600-يللار) شەرىقتە تىنىچ ئوكيانغا،غەرپتە قارا دېڭىزغا،شىمالدا بايقال كۆلى  بويلىرىغا،جەنۇپتا سەددىچىىن سېپىلىغا قەدەر بولغان كەڭ زىمىنغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان  .مىلادى 600-يىلى غەربي تۈركلەر ۋە شەرقىي تۈرىكلەر دەپ ئىككىگە بۆلىنىپ كەتكەن.غەربي ۋەشەرقىي تۈرك خاقانلىقلىرى   كۆك تۈرك قاغانلىقىنىڭ سەلتەنەتىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولغان بولسىمۇ بىراق ئارمانغا چۇشلۇق دەرمانى بولمىغان. غەربىي تۈرك قاغانلىقى 742-يىلى،شەرقىي تۈرك قاغانلىقى 745-يىلى ئاخرلاشقان.
ئۇرخۇن -ئۇيغۇر خانلىقى
ئۇيغۇرلار جۇڭگو تارىخ مەنبەلىرىدە دىڭلىڭ،تېلىي ۋە تۇرالار دەپ ئاتىلىپ كەلگەن بولۇپ تاڭ دەۋرىدە ئۇيغۇر  دەپ ئاتلىشقا باشلىغان ،ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ھون ئىمپىرىيىسى ۋە تۈرك قاغانلىقى دەۋرىدە ،بۇ لارنى تەشكىل قىلغۇچى مۇھىم قەبىلىلەردىن ئىدى.
مىلادىنىڭ 646-يىلى تۈمىد ئلتەبىر قاغان ئۆزىنى ئۇيغۇر قاغانى دەپ ئاتاپ ئۇرخۇن -ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئاساسىنى سالدى. 745-يىلغىچە بۇخانلىق كۆپ چاغلاردامۇستەقىل ،بەزىدە شەرقىي تۈرك قاغانلىقىغا بېقىنش ھالىتىدە تۇرۇپ كەلدى.745-يىلى قۇتلۇق بىلگە قاغان دەۋرىدە شەرقىي تۈرك قاغانلىقىغنى يوقىتىپ ئۇنىڭ زېمىنلىرىنى ئۆزىگە قوشىۋالدى.شەرىقتە تىنىچ ھىنگان تاغلىرىغا،غەرپتە پەرغانە ۋەيەتتەسۇرايونىغا،شىمالدا بايقال كۆلى  بويلىرىغا،جەنۇپتا سەددىچىىن سېپىلىغا قەدەر بولغان كەڭ زىمىنغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان .بۇخانلىق تاڭ سۇلالىسى بىلەن دوستانە مۇناسىۋەتتە بولدى.
755-يىلى ئۆڭلۈك ئسيان كۆتۈردى،تاڭ ھاكىمىيىتى خەۋپ ئاستىدا قېلىپ ئۇيغۇر خاقانى بايانچۇرغا ئەلچى ئەۋەتىپ ياردەم سورىدى.بايانچۇر قاغان ئوغلى يابغۇ تېكىنگە 50مىڭ ئاتلىق چەۋەندازنى قوشۇپ ئەۋەتتى. بۇلار ئېسيانچىلارنى سۈر-توقاي قىلىپ چاڭئەن ۋە لوياڭنى ئۇلاردىن تارتىۋالدى.759-يىلى ئۆڭلۈكنىڭ قول ئاستىدىكى سۆيگۈن ئېسيان كۆتۈرۈپ تاڭ خاندانلىقى يەنە بىر قىتىم ھالاكەت گردابىغا بېرىپ قالغاندا ،تاڭ دەيزۇڭ يەنە ياردەم  بېرىشنى ئۆتۈندى. بۆگۆ خاقان  قوشۇن تارتىپ كېلىپ 762-يىلى ئسيانچىلارنى تەلـتۆكۈس يوقىتىپ تاڭ ھاكىمىيىتىنى قۇتقۇزۇپ قالدى. جوڭگۇنىڭ بىرلىكى ساقلاپ قېلىندى.بولۇپمۇ جوڭگۇ خەلقى بالايىئاپەتتىن خالاس بولدى. چۈنكى ئۈڭلۈك-سۆيگۈن توپلىڭىدىن بۇرۇن جوڭگۇنىڭ ئاھلىسى 53مىليون دەپ خاتىرلەنگەن بولۇپ ،يەتتە يىللىق  توپىلاڭ ،ئاچارچىلىق ، كېسەللىك سەۋەبىدىن پەقەت 17مىليون ئادەملا قالغان!
شۇڭا  ئۇيغۇرلارنىڭ  بۇ تۆھپىسى جۇڭخۇا ئېلىنىڭ ئۇزاق تارىخىدا ناھايىتى  مۇھم ئورۇن ئالدى. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ تۆھپىسى ئۈچۈن تاڭ سۇلالىسى چاڭئەن ،لوياڭ ئىككى پايتەخىتتىكى بايلىقلارىن خالىغانچە ئېلىپ كېتىشكە رۇخسەت قىلغانىدى ۋە جوڭگۇ مەلىكىلىرىنى ئۇيغۇر قاغانلىرىغا ياتلىق قىلىپ ،قۇدا- باجىلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى. 840-يىلى ئۇيغۇر خانلىقىىدا مىسلىسز تەبىئي ئاپەت ۋە ۋابا كېسىلى سەۋەبىدىن ھەددى -ھېسابسىز چارۋاۋە ئادەملەر قىرىلىپ كەتتى. قۇلۇقباغا دېگەن كىشى تەخىتنى تاتېۋېلىش ئۈچۈن يەنسەي (ئاناساي) قىرغىزلىرىنىڭ 100مىڭ كىشلىك قوشۇنىنى باشلاپ كېلىپ ،ئۆز ۋەتىنىنى مۇنقەرز قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار غەرىبكە- شۇ جايلاردا ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىنىڭ قىشىغا كۆچتى.
ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى
840-يىلى پان تېكىن باشچىلىقىدا غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇرلار تۇرپان ،بەشبالىق قاتارلىق جايلارنى ئگەللەپ،بۇجايلاردا بۇرۇندىن ياشاپ كېلىۋاتقان قرىنداشلىرى بىلەن بىرلىكتە 850-يىلى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرۇپ چىقتى .قارا خانىيلار ئېسلامىيەتنى قۇبۇل قىلغاندا ،ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى بۇددىزىم  ئتىقادىنى ساقلاپ قالدى.940-يللىرى سۇتۇق بۇغراخان ئېدىقۇت ئۇيغۇرلىرىغا  قۇشۇن تارتقاندا ،ئۇلار بۇددا ئېتىقادىنى ساقلاپ قېلىش شەرتى بىلەن قارا خانىيلار غا بويسۇندى .شۇندىن كېيىىن ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن قارا خانىيلار  پات-پات تۇتۇشۇپ تۇردى. لېكىن ئايرىم چاغلارنى ھىسابقا ئالمىغاندا ،ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى مۇستەقىلىقىنى ساقلاپ قالدى. ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى بۇددىزىم مەدەنيىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ ،تۇرپاننى مۇھىم مەدەنىيەت ئوچاقلىرىدىن بىرىگە ئايلاندۇرغانىدى.ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىنىڭ بىناكارلىق ،رەسساملىق  ئشلىرى راۋاجلانغانىدى. خەلق پاراۋان ياشايتتى. بۇددىزىم ئەدەبىياتىمۇ ئالاھىدە تەرەققىياتلاغا  ئېرىشتى. بۇددا رىۋايەتلىرىگە ئائىت 730بەتلىك چوڭ ئەسەر -«ئالتۇن يارۇق » 10-ئەسردە  ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىىقىدا ياشىغان شائىر ۋە تەرجىمان سىڭقۇسەلى تۇتۇڭ خەنزۇچىدىن قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىغا ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمەقىلغانىدى. بۇخانلىق 1125-يلىغا كەلگەندە  قىتانلارغا بېقىندى بولۇپ قالدى . قىتانلارنىڭ بېقىندىلىقىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن  ئىدىقۇت خانى بارچۇق ئارتتىكىن 1209-يىلى چىڭگىزخانغا بەيئەت قىلدى.1335-يىلى چاغاتاي خانلىقىغا قوشۇۋېتىلدى.
قارا خانىيلار  سۇلالىسى
850-يىلىدىن 880-يىلغىچە ئۇيغۇرلارنىڭ ياغما قەبىلىسىدىن بولغان كۆل بىلگە قاراخان چىگىل،قارلۇق قاتارلىق قەبىلىلەرنى بىرلەشتۈرۈپ  قارا خانىيلار  سۇلالىسىنىڭ ئاساسىنى سالدى920.-يىلى سۇتۇق بۇغراخان سامانى شاھزادىسى ئەبۇ نەسر سامانىنىڭ تەسىرىدە ئسلامىيەتنى قۇبۇل قىلغاندىن تارتىپ ،960-يىلى ئىسلام دىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بىكىتىلگىچە ،ئسلام دىنى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا چۇڭقۇر يلتىز تارتىپ، يىڭى بىر مەدەنىيەت-تۈرك-ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيىتى بارلىققاكېلىپ راۋاجلاندى.ئۇيغۇرلارنىڭ ئجتىمائىي ۋە سىياسىي ھاياتىدا زور ئۆزگىرشلەر بارلىققاكەلدى.خوتەن ۋە ئىدىقۇت بۇددىست ئۇيغۇرلىرى بىلەن قەشقەرنى مەركەز قىلغان  قارا خانىيلار  ئۇتتۇرىسىدا ئۇزۇنغا سوزۇلغان قانلىق ئۇرۇشلار يۈزبەردى .ئاخرىدا خوتەن ئسلامغاكىردى. ئىدىقۇت بولسا بۇددا ئېتىقادىنى ساقلاپ قېلىش شەرتى بىلەن قارا خانىيلارغا بويسۇندى .1040-يىلغىچە قاراخانىيلار تازا گۈللەندى.بۇچاغدا قاراخانىيلار تارىم -ئىلى ۋادىلىرى، ماۋەرە ئنەھرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۇتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا  ھۆكۈمرانلىق قىلدى. قاراخانى قۇشۇنلىرى غەزنەۋىلەر  (960-يىلىدىن 1187-يىلغىچە ھۆكۈم سۈرگەن) بىلەن خۇراساننى (ئىراندا) تالىشىپ بىرنەچچە قېتىم تۇتۇشقان بولسىمۇ ،مۇۋەپپىقيەت قازىنالمىدى. 1040-يىلى خان جەمەتىدىكىلەر ئۆزئارا پېتىشماي ،نەتىجىدە غەربىي ئىلكخان مۇھەممەت ئىبنى ناسىر سەمەرقەنتنى پايتەخىت قلىپ  مۇستەقىللىق ئېلان قىلدى. شۇنڭ بىلەن بىر پۇتۈن ،قۇدرەتلىك قارا خانىيلار ئىككىگە بۆلۈندى.شۇندىن كېيىن   قارا خانىيلار  بارا-بارا ئاجىزلىششىقاقاراپ ماڭدى. بىردەم  غەزنەۋىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىسا،بەزىدە سەلجۇقىيلارغا قارام  بولۇپ قالدى. 1136-يىلى غەربىي لىياۋ (قارا قىتان) خانى يوللىغ تاشىن قەشقەرنى بېسىۋىلىپ شەرقىي قاراخانىيلارنى ئۆزىگە قارام قىلىۋالدى. غەربىي لىياۋ (قارا قىتان)خانلىقى 1125-يىلىدىن 1211-يىلغىچە ھۆكۈم سۈرگەن.غەربىي قاراخانىيلار بولسا 1141-يىلى سەلجۇق سۇلتانى سەنجەر بىلەن بىرلىشىپ كاتۋان چۆلىدە غەربىي لىياۋ (قارا قىتان)خانلىقى بىلەن جەڭ قىلىپ مەغلۇپ بولدى ۋە  سېلىق تۆلەش ھىسابىغا  مۇستەقىللىقىنى ئاران ساقلاپ قالدى. 1211-يىلى نايمان شاھزادىسى كۈچلۈكخان غەربىي لىياۋ (قارا قىتان)خانلىقىنى يوقاتتى ۋە قەشقەرنى بېسىۋىلىپ شەرقىي قاراخانىيلارنىىمۇ ئۈزۈل-كېسىل يوقاتتى.
خارازىم شاھلار دۆلىتى(1172-يىلىدىن 1231-يىلغىچە ھۆكۈم سۈرگەن)نىڭ شاھى-مۇھەممەت 1212-يىلى ئوسمان بۇغراخاننى ئۆلتۈرۈپ غەربىي قاراخانىيلار نى يوقاتتى.
ئلگىرى -كېيىن 360يىلچە  مەۋجۇت بولغان قاراخانىيلار دەۋرى ،ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىكى مىسلىسىز ئالتۇن دەۋر ھېسابلىنىدۇ. بۇدەۋردە جەمئىيەت نىسبەتەن تىنچ بولغانلىقى ،ئىقتىساد راۋاجلانغانلىقى شۇنىڭدەك خاقانلارنىڭ تولىسى ئىلم -مەرىپەتنى قەدرلەيدىغان ،ئادالەتپەرۋەر بولغاچقا ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرائاسىيا خەلقلىرى ئىچىدىن شەرق ئارىستوتىلى دەپ ئاتالغان ئەبۇ نەسر فارابى،بۈيۈك ئالىم ،تلشۇناس مەھمۇت قەشقەرى،مۇتەپەككۈرئالىم،پەيلاسوپ،دۆلەت ئەربابى يۈسۈپ خاس ھاجىپ، پەيلاسوپ ،مەشھۇر تىبابەت ئالىمى ئەبۇ ئەلى ئىبنى سىنا، مەشھۇر ئالىم ئەبۇرەيھان بىرونى قاتارلىق ئىلم يۇلتۇزلىرى ئىلم ئاسمىنىنىڭ ئەڭ چوققىسىدىن ئورۇن ئالدى. بۇدەۋردە ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرائاسىيا خەلقلىرىدە بارلىققا كەلگەن ئىلم-پەن مۇۋاپىقيەتلىرى ئەينى زاماندا  دۇنيانىڭ  ئەڭ يۇقىرى سەۋىىيىسىگە ۋەكىللىك قىغانىدى.
سەلجۇقىيلار ئىمپىرىيىسى
ئوغۇزلار تۈكىي قەۋملەردىن بىرى بولۇپ، تۈرۈك قاغانلىقى ۋە ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە بۇخانلىقلارنىڭ تەركىبىدىكى قەبىلىىلەردىن ئىدى.840-يىلى ئۇيغۇرلار غەربكە كۆچكەندە بىللە كۆچكەن ئوغۇزلار ئارال دېڭىزى ۋە كاسپىي دېىڭزىنىڭ شىمالىغا كېلىپ ،كۈچ توپلاپ ئوغۇز خانلىقىنى قۇردى.(990-يىلىدىن1040-يىلغىچە ھۆكۈم سۈرگەن)  ،ئۇلار بوۋىسى سەلچۇق بەگنىڭ نامى بىلەن سەلجۇقىيلار دەپ ئاتالدى. 1040-يىلى بۇخانلىق كۈچىيىپ ئىمپىرىيىگە ئايلاندى. 1055-يىلى توغرۇلبەگ زامانىدا سەلجۇقىيلار ئابباسىيلار خەلپىلىگىنىڭ پايتەختى باغداتنى ئېلىپ پۈتكۈل ئسلام شەرقىنىڭ ئالي ھۆكۈمرانى بولدى.خەلىپە پەقەت دىنىي داھىلا بولدى.1071-يىلى سۇلتان ئالپ ئارسلان دەۋرىدە مالازگىرىد ئۇرۇشىدا50مىڭ كىشلىك سەلجۇق باتۇرلىرى 200مىڭ كىشىلىك شەرقىي رىم قۇشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ،شەرقىي رۇم ئمپىراتۇرى رومان دىئوگنىسنى ئەسر ئالدى. سەلجۇقىيلار نىڭ بۇ غەلبىسى پۈتۈ ن دۇنيانى ھەيرەتتە قالدۇردى،بولۇپمۇ خىرستىئان دۇنياسى ۋەھىمىدە قالدى.  مالازگىرىد ئۇرۇشى  دۇنيا ئۇرۇش تارىخىدائازسانلىق كۆپ سانلىقنى يەڭگەن ناھايىتى مەشھۇر ئۇرۇشلارنىڭ بىرىدۇر.
سۇلتان مەلىك شاھ دەۋرىدە سەلجۇقىيلار ئىمپىرىيىسى ئەڭ يۇقۇرى باسقۇچقايەتتى. زېمىنى ئىران،ئافغانسىتان،شىمالىي  ھىندىستان،ماۋەرە ئۇننەھرى ،جەنۇبىي كاۋكاز، داغىستان،ئانادۇلۇ(كىچىك ئاسىيا)،ئىراق، سۈرىيە،ئەرەبىستان قاتارلىق 15مىليون كىۋادرات كىلومىتردىن ئاشقانىدى. مەلك شاھتىن كېيىن   سەلجۇقىيلار ئىمپىرىيىسى  ئالتۇن دەۋرى كەلمەسكەكەتتى. ئىچكى  جەھەتتىكى  تەخت تالىشىش كۈرەشلىرىنىڭ  نەتىجىسىدە ئاجىزلىشىپ،1157-يىلىغا كەلگەندە تارىخ سەھنىسىدىن چېكىندى. سەلجۇقىيلار ئىمپىرىيىسى بۇنداق زەپەر قازىنىشىدا  سۇلتان ئالپ ئارسلان ۋەسۇلتان مەلىك شاھلارنىڭ
ۋەزىرى ،ئۇتتۇرائەسر ئسلام دۇنياسىدائەڭ ئۇلۇغ ،پاراسەتلىك دۆلەت ئەربابى بولۇپ تونۇلغان نىزامىلمۈلىكنىڭ  تۆھپىلىرى بەكمۇ چوڭ بولدى.ئۇنىڭ «سىياسەتنەمە»  دېگەن مەشھۇر ئەسىرى بار.
سەئىدىيە خانلىقى
چىڭگىزخان ئۇتتۇرا ئاسىيانى ئىستىلا قىلغاندىن كېيىن  ،بۇ جايلارنى ئوغلى چاغاتايغا ئايرىپ بەرگەن. مۈڭغۇللار بۇجايلارغا ھۆكۈمرانلىق  قىلىش جەريانىدا ئۆزىدىن مەدەنىيەتتە كۆپ ئلغار بولغان ئۇيغۇرلاردىن كۆپ نەرسىلەرنى قوبۇل قىلدى .بولۇپمۇ 1340-يىللىرى شەرقىي چاغاتاي خانى تۇغلۇق تېمۇرخان ئسلامغاكىرىپ،160مىڭ ئۆيلۈك مۇڭغۇلنى مۇسۇلمان قىلدى.شۇنىڭ بىلەن مۇڭغۇللارنىڭ ئاسمىياتسىيە بولۇشى تېزلىشىپ ،ئاخىرىدا ئۇيغۇرلىشىپ كەتتى . تۇغلۇق تۆمۈر نەسلىدىن بولغان شاھزادە سەئىد 1514-يىلى مىرزا ئابابەكرى دوغلاتنى يېڭىپ سەئىدىيە ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرۇپ ،يەكەننى ئاستانە قىلدى.خانلىق تازا گۈللەنگەن چاغلاردا،جۇڭغارلار ھۆكۈمرانلىقىدىكى شىمالىي شىنجاڭنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىدىن بۆلەك ،قۇمۇلدىن تارتىپ خوتەنگىچە بولغان بارلىق زېمىننى،پەرغانە،يەتتەسۇ رايونى،ۋە كەشمىرلەرگىچە بولغان كەڭ تېرىتورىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانىدى. بۇدەۋرلەردە سۇلتان سەئىدخان، سۇلتان ئابۇرەشىتخان قاتارلىق ئاقىل ۋە دانا خانلارنىڭ ئادالەت بىلەن يۇرت سورىشى نەتىجىسىدە،مالىمانچىلىقلار تۈپەيلى ۋەيران بولغان خەلق ئىگلىكى تىز ئەسلىگە كېلىپ،قارا خانىيلاردىن كېيىن پەيدابولغان  مەدەنىيەت ئۈزۈكچىلىكى ئوڭشىلىپ، 2-قىتىملىق گۈلىنىش دەۋرىگە قەدەم قويدى.  قېدىرخان يەركەندى،خانىش ئاماننىساخانلار باشچىلىقىدا ئۇيغۇر12مۇقامى رەتلەندى. مىرزا ھەيدەر كوراگانىدەك تارىخشۇناسلار، قېدىرخان يەركەندى،خانىش ئاماننىساخانلار دەك شائىر لار،مۇزىكىشۇناسلار مەيدانغا كەلدى. بىراق سوپى -ئىشانلارنىڭ جاھالەتلىك تەركىي دۇنياچىلىق قارىشىنىڭ ئەۋج ئېلىپ ،خەلقنى پەن-مەدەنىيەت،ساپ ئىمان-ئېتقادتىن بەزدۈرۈشى بىلەن بۇ يۈكسىلىش تىزلا پەسكويغا چۈشۈپ قالدى.خانلىقنىڭ ئاخرقى يىللىرىدىكى سوپى -ئىشانلارنىڭ ھاكىمىيەت تەمەسىدىكى مالمانچىلىقلىرى نەتىجىسىدە،1678-يىلى ئاپاق خوجىنىڭ يول باشلىشى بىلەن جۇڭغارلار ئاستانىنى ئىېلىپ،ئاخىرقى سۇلتان ئسمائىل خاننى ئەسر قىلدى.170يىل دەۋر سۈرگەن سەئىدىيە خانلىقى  ھالاك بولدى.

مەنبە:  ئۆزۈم توپلىغان تارىخىي ماتىرياللار











   

ھازىرغىچە 5 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
durus + 100 ياخشى .
zarim + 50 توۋا نىمىشقا قۇلۇپلايدىغاندۇ ؟؟؟؟
quttikin + 10 ئېسىل تىما!
maxal20 + 100 يادلايلى ما تارىخنى
tarimjan102 + 50 تارىخ بىز دىمەكتۇر ..رەخمەت

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 310   باھا خاتىرىسى

مەسلەكداشلىق مىللەتداشلىقتىن ئەلا!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش