ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم ئەھلى :
يېقىندا دىيارىمىزنىڭ ئەڭ چېتىدىكى بىر يېزىدا ئۆسمۈرلەر كوماندىسىنى قۇرغان ئىدۇق ، شۇ كوماندىنى قۇرۇش، شۇ دىھقان بالىلىرىنى پۇتبۇلچى قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك دەسمايى كىتىدىغانلىقى ھىساپلاپ كۆردىڭىزمۇ ؟ مانا مەن سىزگە تەپسىلىي ھىساپلاپ بېرەي :
بىر قۇر پۇتبۇل كىيىمى 45 يۈەن
بىر پۇتبۇل پايپقى 20يۈەن
بىر جۈپ پۇتبۇل ئايىقى 25 يۈەن
بىر پۇتبۇل توپ 30 يۈەن
جەمئىي 120 يۈەن
مانا مۇشۇ 120 يۈەن بىلەن بىر دىھقان بالىسى پۇتبۇلچىغا ئايلىنىدۇ ، مەيلى ئۇ توپنى ياخشى ئوينىسۇن ئوينىيالمىسۇن ، بۇ تۇرقى بىلەن ھەرقانداق بىر ئادەم ئۇنى «دىھقان بالىسى » دەپ ئەمەس ، «پۇتبۇلچى » (توپچى) دەپ چاقىرىدۇ . ھازىرقى تۇرمۇش شارائىتىدا 120 يۈەن ، بىر ئايال كىشىنىڭ بىر قىتىملىق چاچ ياسىتىشى ، بىر ئەرنىڭ 10 قاپ تاماكىسى ، 3 ئادەمنىڭ بىر ۋاق تامىقىدۇر ......مۇشۇ ئازغىنە 120 يۈەن بىلەن بىر دىھقان بالىسى بىر يىل پۇتبۇلچى بولۇپ تۇرالايدۇ ، ئەگەر سىز مۇشۇنداق 120 يۈەندىن ئىككىنى ، ئۈچنى خەجلىسىڭىزلا بۇ بالا ئۆسمۈرلەر كوماندسىغا كىرگىدەك (يەنى u13, u15, u17 دىگەندەك) بىر پۇتبۇلچى بولۇپ يىتىشىپ چىقالايدۇ .....
دىيارىمىز جۇڭگودا شىزاڭدىن قالسا ئەڭ كەمبەغەل رايۇن ھىساپلىنىدۇ ، 95% ئادەم يەنىلا دىھقان ....دىھقان ئەزالدىن باي دەپ قارالمايدۇ تارىختا ھەم ھازىرمۇ شۇنداق ، ئۇلارنىڭ ئالغان مول ھۇسۇلى بۇ يىلدىن ئۇ يىلغا ئاشمايدۇ ، پەقەت كۈن ئۆتكۈزۈشلە كۇپايە ، ئەلۋەتتە شۇ دىھقانلارنىڭ ئۆزيىنىدىن 120 يۈەن ئاجرىتىپ شۇ بالىسى ، شۇ نەۋرىسىگە پۇتبۇل كىيىملىرى ، ئاياقلىرى ۋە توپلارنى ئېلىپ بېرىشى مۈمكىن ئەمەس ......
شۇڭا" دىھقان بالىسنى پۇتبۇل قىلىش" ۋەزىپىسى مانا سىز بىزدەك پۇتبۇلغا قىزىقىدىغان ، خەلقنى سۆيىدىغان ، شۇنداقلا شىنجاڭ پۇتبۇلچىلىقىنى قوللايدىغانلارغا يۈكلەندى ....كۆرۈپ تۇرۋاتىمىز ، بارى ، مىرئەخمەتجان ۋە ئۆتكۈرلەر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا شىنجاڭدا ۋە ئىچكىردە ھىچكىم تۇنىمايتتى ، ئۇلارمۇ شۇ ئادەتتىكى دىھقان بالىسىدىن قىلىشمايدىغان بالىلار ئىدى ، مانا بۈگۈن كۈندە جۇڭگو پۇتبۇلچىلىقىدا نام چىقارغان ، شىنجاڭنىڭ پۇتبۇل چولپانلىرىغا ، بۇرۇن ھۆكۈمەت بەرگەن مۇسابىقە ھەققى بىلەن ياشايدىغان بالىلار ھازىر مىليۇن پۇل تاپىدىغان پۇتبۇلچىلارغا ئايلاندى ، شۇڭا ھۇررا پۇتبۇل مەستانلىرى كۇلۇبى پۈتۈن شىنجاڭدا ( دۇنيا ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا )
" دىھقان بالىسنى پۇتبۇلچى قىلىش" پائالىيىتى ئېلىپ بارماقچى . بۇ پائالىيەتكە شۇ پۇتبۇلچى بولىدىغان دىھقان بالىلىرى بىلەن پۇتبۇلچىقا مەبلەغ سالىدىغان قوللىغۇچى قاتنىشىدۇ .
پائالىيەت تەلىپى مۇنداق:
1.شىنجاڭنىڭ يېزا قىشلاقلىرىدىكى پۇتبۇلغا قىزىقىدىغان ، پۇتبۇل تىپىش ئارزۇسى بار لېكىن شارائىتى يوق بالىلارنىڭ شۇ مەكتەپدىكى ئۇقۇتقۇچىلىرى ۋە كوماندا تەشكىللىگۈچىلىرى بىزگە شۇ بالىلارنىڭ تەپسىلاتىنى ھەرخىل ۋاستىلەر بىلەن (رەسىم ، يېزىق ۋە فىلىم ) بىزگە نامايەن قىلىش كېرەك .
2. مەبلەغ سالغۇچى ئۆزى مەبلەغ سالماقچى بولغان بالىنىڭ تەپسىلاتىنى كۆرگەندىن كىيىن ، مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى بىكىتكەندىن كىيىن ، مەبلەغنى ياكى شۇ ماددىي بۇيۇمنى بىز ئارقىلىق ياكى بىۋاستە شۇ بالىنىڭ ۋاكالەتچىلىرى ئارقىلىق يەتكۈزسە بولىدۇ .
شەرت :
1. شۇ مەبلەغ سېلىنغۇچى بالىنىڭ تەپسىلاتى چىن ھەقىقىي ، شۇ بالىنىڭ ئۆزىگە تەدبىقلىنىشى كېرەك .
2. مەبلەغ ياكى ماددىي بۇرۇن شۇ بالىنىڭ ئۆزىگە ۋاقىتىدە تىگىشى كېرەك باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىشكە ياكى ساختىلىق قىلىشقا بولمايدۇ .(ھارامدىن قورقمىسىڭىز قىلىڭ )
3. مەبلەغ سېلىنغۇچى بالا شۇ مەبلەغ ۋە ماددي بۇيۇمدىن بەھرىمان بولغاندىن كىيىن ، ۋاقتىدا سۈرەت ۋە يېزىق ئۇسۇلدا تور بېتىمىزدا جاكارلىشى كېرەك .
4. مەبلەغ سالغۇچى ۋاقتىدا ماددىي بۇيۇم ۋە مەبلەغنى يەتكۈزۈش كېرەك .
5. مەبلەغ سالغۇچى شۇ مەبلەغ سېلىنغان بالىغا باشقا تەلەپلەرنى قۇيۇشقا بولمايدۇ .
يۇقارقى شەرت ۋە تەلەپلەرنى ئورۇندىيالايدىغانلارنىڭ بۇ پائالىيەتكە ۋاقتىدا قاتنىشىپ ، ئانا دىيارىمىزدىكى پۇتبۇلچى بولۇش ئارزۇسى بار بالىلارنى بىزگە ۋاقتىدا كۆرسىتىپ بىز بىلەن ئالاقە قىلىشىنى ، خەلق سۆيەر ، پۇتبۇل سۆيەر پۇتبۇل مەستانلىرىمىز ۋە بايلىرىمىزنىڭ ئۆز بالىلىرىمىزنىڭ مەيدان سىرتىدا يالاڭ ئاياق قالماسلىقى ئۈچۈن ، كۆپرەك مىھرىبانلىق يەتكۈزىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .
ھۇررا كۇلۇبىمىز بۇ پائالىيەتنى باشتىن ئاخىر نازارەت قىلىپ ۋە ياردەم قىلىپ ، ئوڭۇشلۇق ئەھمىيەتلىك ، بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ .
ئاخىرىدا شىنجاڭ پۇتبۇلچىلىقى ۋە ئۇيغۇر پۇتبۇلچىلىقىنىڭ يۈكسىلىشىگە كۈچ چىقارغان ھەربىر كىشىگە چىن دىلىمدىن رەھمەت ئىيتىمەن .
پائالىيەت مەسئۇلى : ساتتار ئابدىرىھىم
چ چ : 12425445
ئىلخەت :
12425445@qq.com
تىلفۇن : 13999273929
بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىدىغان مەبلەغ سالغۇچى ۋە مەبلەغ سېلىنغۇچى بىلەن ئالاقىسى بار كىشلەر بۇ چ چ توپىغا كىرىڭ :
6457227 چ چ توپى
مەنبە:
سىز كۆرۋاتقان بۇ تېمىنىڭ مەنبەسى★ھۇررا مۇنبىرى ★
http://urraclub.com/bbs,ئەسلى تېما ئادرىسى:
http://urraclub.com/bbs/read.php?tid=2727