بۈيۈك ئۇيغۇر شائىرى، مۇتەپەككۇر نىزامىدىن ئەلىشىر ناۋائىي مىلادى 1441 – يىلى 2-ئاينىڭ9-كۈنى ھېرات (ھازىرقى ئافغانىستاننىڭ غەربىدىكى بىر شەھەر ) شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئەلىشىر ناۋايىنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرى تۆمۈرىيىلەر سارىيىغا يېقىن كىشىلەردىن بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتىسى غىياسىدىن بارلاسمۇ خوراسان شاھى ئۇبۇلقاسىم بابۇر سارىيىدا ھەربىي ئەمەلدار بولغان ئىدى .
تۆمۈرىلەر پادىشاھى شاھرۇھ ۋاپاتىدىن كېيىن ئەۋج ئالغان تاج – تەخت تالىشىش ئۇرۇشلىرىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ناۋايى ئائىلىسىنىڭ ھېراتتىن ئىراقنىڭ تەفىت شەھىرىگە كۆچۈشى سەۋەبلىك، ئەلىشىرگە ئۆز ئوقۇشىنى تەفتىدە داۋاملاشتۇرۇشقا توغرا كەلدى. ئۇ تەفت شەھىرىدە 15 – ئەسىرنىڭ مەشھۇر تارىخچىسى شەرەفىدىن ئەلى يەزدى بىلەن ئۇچراشتى ۋە ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلەردە بولدى . ئالىم ئەلىشىرنىڭ يۇقىرى تالانتى ۋە ئۆتكۈر ئەقىل – پاراسىتىگە قايىل بولۇپ، ئۇنىڭغا كۆپ ئىلھام بەردى. شەرەفىدىن ئەلى يەزدى بىلەن ئۇچرىشىش ناۋايىنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىكى ئەڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە زور ئىش بولدى.
ئەلىشىر 12 – 13 ياشلارغا كىرگەندە ئاتىسى ۋاپات بولۇپ، ئۇبۇلقاسىم بابۇرنىڭ قولىدا قالىغان ۋە ئۇنىڭ تەربىيىسىدە بولىغان . 15 يېشىدىن باشلاپ شائىرلىق بىلەن شۆھرەت قازانغان ياش ئەلشىر ھۈسەيىن بايقارا (سۇلتان ساھىبقىران ھۈسەيىن باھادىرخان ، 1469 – يىلى ھېراتتا تەختتە ئولتۇرغان، 1505 – يىلى ۋاپات بولغان، مەشھۇر شائىر بولۇپ، بىرمۇنچە شېئىر ۋە غەزەللەرنى يازغان) بىلەن بىللە ئۇبۇلقاسىم بابۇرنىڭ سارىيىدا خىزمەت قىلىشقا باشلىغان. 1456 – يىلى بابۇر بىلەن بىللە مەشھەدكە بارغان. 1457 – يىلى بابۇر ئۆلگەندىن كېيىن ، ھۈسەيىن بايقارا تەخت ئىگىلەش ئۈچۈن كۈچ ئۇيۇشتۇرۇش نىيىتىدە مەرۋىگە كەتكەن . ناۋايى مەشھەدتە قېلىپ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرغان. بۇ يەردە ئۇ ئۆز زامانىسىنىڭ مەشھۇر شائىرى كامال تۇرباتى بىلەن ئۇچرىشىغان ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن دوستلۇق ئورناتقان .
ئەلىشىر ناۋائىي گەرچە نۇرغۇن تەڭدىشى يوق مۇھەببەت مىسرالىرىنى يازغان بولسىمۇ ئۆمرىدە ئۆيلەنمىگەن. 1501 يىلى 1 – ئاينىڭ 3 – كۈنى 60 يېشىدا ھېراتتا ۋاپات بولغان .
تۆۋەندىكى ئۆزبىك قېرنداشلار ئىشلىگەن فىلىمدە ،نەۋائى ھەزرەتلىرى قەبرىسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلغان.
مەزمۇنى:ئافغانىستان غەربىگە جايلاشقان ھىرات ۋىلايىتى سۆز مۈلكىنىڭ سۇلتانى ،بۈيۈك دۆلەت ئەربابى قامۇسى ئالەم ئەمىرۇل كالام ھەزرەت ئەلىشىر نەۋائى تەۋەللۇت تاپقان جاي.ھەزرەت نەۋائى ئۆمرىنىڭ سەر مەھسۇل يىللىرىنى ھىرات شەھىرىدە ياشاپ ،تىمۇرىيلەر ھاكىمىيتىنىڭ ئىككىنچى پايتەختى ھىراتتا قېلىپ ،خۇراسان زېمىنىنىڭ گۈللەپ ياشنىشى ئۈچۈن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان مەدەنى پائالىيەتلەردە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىدى.ھىرات ۋە خۇراسان نەۋائى دەۋرىدە شەرقتە ئەڭ گۈركىرىگەن مەدەنىيەت ئوچىقىغا ئايلاندى.نەۋائى ھەزرەتلىرى 62يېشىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتى ھىراتتا ئالەمدىن ئۆتتى،ھىرات ئۆزىنىڭ سۆيۈملۈك پەرزەنتىنىڭ جەسىدىگە ئۆز باغرىدىن جاي بەردى.ئۆزبىك ئەدەبىياتى مەقامىنى كۆكلەرگە كۆتۈرگەن ئۇلۇغ نەۋائىنىڭ مازارى ئۈستىدە ئۆتكەن ئەسىرلەر داۋامىدا ئۇنىڭ شەنىگە لايىق مۆھتەشەم بىنا قۇرۇلمىدى.نەۋائىنىڭ گەۋھەرشاد بىگىم ،شارۇخ مىرزا ۋە ئۇلارنىڭ بەزى بىر پەرزەنتلىرى مازارلىرى جايلاشقان مەقبەرە يېنىدىكى مازار ئۈستىدە بۇندىن تەخمىنەن يېرىم ئەسىر ئالدىن ھىرات ۋاقىتلىق ھاكىمى تەرىپىدىن ئاددىغىنە بىر گۈمبەزلىك بىنا قۇرۇلغان ئىدى ،ھازىر ئاشۇ بىنادىن ھەم دىرەك يوق .نىمە ئۈچۈن دىگەندە بۇندىن تۆت بەش يىل ئالدىن ئۆزبىكىستان دۆلىتى نەۋائى مەقبەرىسىنى مۆھتەشەم بىر شەكىلدە قۇرۇش ئۈچۈن مەبلەغ ئاجرىتىپ ساھە بويىچە مۇتەخەسسىسلەر ۋە مۇھەندىسلەرنى ھىراتقا ئەۋەتكەن ئىدى.ئۆزبىكىستان نەۋائى مەقبەرىسى بىناسىنى بۇزۇپ تاشلاپ ،ئۇنىڭ ئورنىغا بىنا قۇرۇش ئۈچۈن ئىشقا كىرىشكەندە ئافغانىستان دۆلىتى بۇ ئىشقا ئارلىشىپ ئىش توختىتىلغان .ئافغانىستان دۆلىتىنىڭ ئېيتىشىچە ئۆزبىكىستان تەرىپىدىن قۇرۇلىدىغان مەقبەرە بىناسى تىمۇرىيلەر مىمارچىلىقى ئۇسلۇبىدا بولمىغانلىقى ئۈچۈن ،قۇرۇلۇش پائالىيتىنى توختاتقان .شۇندىن بېرى نەۋائى مەقبەرىسى ئوچۇق مازار ،مەقبەرىنى قايتا قۇرۇش ئۈچۈن ئۆزبىكىستان تەرىپىدىن ئېلىپ كېلىنگەن تېخنىڭ جاھازلىرى ھېلىھەم مازار يېنىدا كۆزگە تاشلىنىدۇ.نەۋائى ھەزرەتلىرى ئۆز غەزەللىرىنىڭ بىرىدە :
بۇزۇق قەۋرەمنى كۆرگەن ئوقچە دۇكانىغا ئوخشاتقاي ،
فىراقىڭ ئوقىدىن ئەندە كۆرۈپ پەيكانە پەر ھەريان ،
دىگەن ئىدى.ئەپسۇسكى دۇنيا ئۆزبىكلىرىنىڭ ئىپتىخارى بولغان ھەزرەت نەۋائىنىڭ بۇزۇق قەۋرىدە پەيكانە پەر ھەم كۆزگە تاشلانمايدۇ.بۇ پەقەت ئوچۇق مازار.
مەنبە:http://en.wikipedia.org/wiki/Ali-Shir_Nava'iنىڭ ئۇيغۇرچە سەھىپىسى
تۇدو (ياڭيۇ)تورى