1997-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئەنگلىيەلىك ئالىملار دېڭىز قولتۇقى ئۇنىۋېرسال كېسەللىكىنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىققان. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئېلان قىلىنىشىچە، 1991-يىلى پارس قولتۇقى ئۇرۇشىغا قاتناشقان نەچچە مىڭ ئەنگلىيە، ئامېرىكا ۋە كانادا ئەسكەرلىرىنىڭ ھەرخىل نېرۋا كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغانلىقىنىڭ سەۋەبى دەل ئۇرۇشتا ئىشلەتكەن ۋاكسىنا ۋە ھاشارەت ئۆلتۈرۈش دورىسى ئارىسىدا ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىلگەنلىك ئىكەن.
1985-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى چېگرا ساياھىتىنى كونترول قىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان «سىچېگىن شەرتنامىسى» نى ئىمزالىغان. بۇ كېلىشىم گېرمانىيەنىڭ سىچېگىن بازىرىدا ئىمزالانغاچقا شۇ نام بويىچە ئېلىپ بېرىلغان. كېلىشىمنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:كېلىشىم ئىمزالىغان دۆلەت پۇقرالىرىنى چېگرادا تەكشۈرۈشكە بولمايدۇ. 2.چەت ئەللىكلەر ئەگەر كېلىشىمنامىدىكى زېمىنغا كىرسە، كېلىشىم ئىمزالىغان زېمىندا ئەركىن ھەرىكەت قىلسا بولىدۇ. 3. ساقچى بىلەن ئەدلىيە بىرلىشىش تۈزۈمىنى تۇرغۇزۇپ، قانۇنسىز قىلمىشلارنىڭ دىلو ئارخىبىنى تۇرغۇزۇش كېرەك. بۇ كېلىشىمنى باشتا گېرمانىيە، فرانسىيە قاتارلىق بەش دۆلەت تۈزگەن، كېيىن ئاۋستىرىيە، ئىتالىيە، ئىسپانىيە، پورتىگالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بۇ كېلىشىمگە كىرگەن.
1981-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئىسرائىلىيە يادرو بومبىسى ياساش ئىقتىدارى بارلىقىنى ئېيتقان. شۇ يىلى 7-ئىيۇن ئىسرائىلىيە ئايروپىلانى باغدادتىكى رېئاكسىيە جۇغلانمىسىغا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە يادرو بومبىسىنى ياساش ئىقتىدارى بارلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئىسرائىلىيەنىڭ دۆلت مۇداپىيە مىنىستىرى تەكىتلەپ:ئەرەب دۆلەتلىرى يادرو بومبىسى ياسىمىسىلا، ئىسرائىلىيە ئالدىراپ يادرو بومبىسى ياسىمايدۇ دېدى.
1932-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، تايلاند ئاساسىي قانۇن تىكلىگەن. ئاساسىي قانۇندا«دۆلەت ھوقۇقى خەلققە مەنسۇپ» لىقى تەكىتلەندى.
1911-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، فىلىم ئېلىمىز خەلقى ئارىسىدا تۇنجى قېتىم قويۇلغان. ئىسپانىيەلىك توماس شاڭخەي خۇڭكوۋ تىياتىرخانىسىدا فىلىم قويغان.
1904-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، نيۇ يوركتىكى «گېنىرال سىلوكۇم» ناملىق ساياھەت پاراخوتىغا ئوت كېتىپ، 693 كىشى قازا قىلغان. بۇ قېتىملىق ئوت ئاپىتىنىڭ ئېنىق سەۋەبى تېپىلمىغان. شۇ ۋاقىتتا پاراخوتتىكى قۇتقۇزۇش بالونلىرى كونىراپ كەتكەچكە، تېگىپ قويسىلا پارچىلىنىپ كېتەتتى. شۇڭا نۇرۇن كىشىلەر قۇتقۇزۇلمايلا تىرىك كۆتۈپ كەتكەن.
1901-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، پىكاسسونىڭ ئەسىرى تۇنجى بولۇپ پارىژدا كۆرگەزمىگە قويۇلغان. 1881-يىلى 25-ئۆكتەبىر پىكاسسو دۇنياغا كەلگەن. ئۇ 1973-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى فرانسىيەدە ۋاپات بولغان. پىكاسسو ئىسپانىيەنىڭ داڭلىق ھازىرقى زامان ئۇسلۇبى رەسسامى. ئىسپانىيەنىڭ ماگارا شەھىرىدە تۇغۇلغان. كىچىكىدىنلا رەسىم سىزىشقا قىزىقاتتى. ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى «ئاۋىگنوندىكى قىزلار»-پىكاسسونىڭ تۇنجى سترولۇق ئەسىرى. بۇ رەسىمدىكى قىزلارنىڭ چىرايى ۋە بەدىنى باشتا ئاجىرتىۋېتىلگەن، ئاندىن بۇ گېئومېتىرىيىلىك شەكىللەر قايتىدىن گۇرۇپپىلانغان. پىكاسسو كۆك رەڭنى ئەڭ ياخشى كۆرىدۇ، شۇڭا تۆۋەنكى قاتلام تۇرمۇشىنى تەسۋىرلىگەندە كۆك رەڭنى ئاساس قىلغان. 1949-يىلقى دۇنيا تىنچلىق يىغىنىنىڭ تەشۋىقات رەسىمى «تىنچلىق كەپتىرى» نى پىكاسسو سىزغان. پىكاسسونىڭ ئىجادچانلىقى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئۆمرىدە 1800 ئارتۇق ماي بوياق رەسىمى، 70 مىڭدىن ئارتۇق سىدام سىزما سىزغان. ئەسەرلىرىنىڭ غەرب سەنئىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى ئىنتايىن زور. پىكاسسو فرانسىيەدە ئالەمدىن ئۆتكەن.
مەنبە- جۇڭگۇ ئۇيغۇر رادىئوسى تورى
http://www.uycnr.com/lssdjt/201106/t20110623_122648.html