ئەسسلامۇ ئەلەيكوم تورداشلار
6-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۇينالغان 2012-يىللىق لوندۇن ئولمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئاسىيا رايۇنى تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ ئىلمىز كوماندىسى بىلەن ئومان كوماندىسىنىڭ سالاھىيەت مۇسابىقىسى ئوماندا ئۇتكۇزۇلدى.مىر ئەخمەتجان يارىلىنىش سەۋەبىدىن مۇسابىقىگە چۇشمىدى.بارى پۇتۇن مەيدان مۇسابقىگەچۇشتى.مۇسابىقە باشلىنىپ ئالدىنىقى يېرىم مەيداندا مۇسابىقە نەتىجسىدە ھىچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى.كىيىنكى يېرىم مەيدان ناھايىتى كەسكىن بولدى.كىيىنكى يېرىم مەيدان باشلىنىپ 10 نەچچە مبنۇت بولغاندا بىزنىڭ ئوغلانىمىز بارى سەپدىشى تاشلاپ بەرگەن ئۈزۈن پاسنى ئەپچىللىك بىلەن ئېلىپ ئومانلىق 2 بېكنى ئۇستىلىق بىلەن ئالداپ ئۈتۈپ ۋارتار بىلەن يۇزمۇ يۇز ھالەتتە قېلىپ ۋارتارغا ئۇرۇپ كىر گۇزەلمەي ياخشى پۇرسەتنى قولدىن چقىرىپ قويدى.بۇ توپ نى ۋارتارغا ئۇدۇل تەپكەن بولسا كىرىپ كىتەتتى.ئەپسۇس .
كىين بارى ئوڭ تەرەپتىن سەبداشلىرىغا ئىسىل پاستىن بىرنى تاشلاپ بىرىپ جوڭگۇ كوماندىسغا قىممەتلىك بىر نۇمۇر ئاتا قىلىپ مۇسابىقىنى تەڭلەشتۇردى.ھەتتا مەركىزىي تىلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ چۇشەندۇرگۇچىسىمۇ ھاياجانلىق بىلەن بارىنى جوڭگۇ قەھرىمانى دەپ نەچچە رەت ماختاپ كەتتى.مۇسابىقە شۇنداق داۋاملىشىپ ئىرانلىق باش رېپىر ،ئىرانلىق ئىككى يان رىپىرلار ئومانغا يان بېسىپ ئىلىمىز كوماندا ئەزالىرىغا سېرىق قىزىل كارتا سوۋغا قىلدى.باش رىپىر بولازىۋىچ قاتتىق رىپىرلارغا نارازلىق بىلدۇرسە ئىرانلىق رېپىر بولازىۋىچقا سېرىق كارتا بەردى.ئىلىمىز كوماندىسى نەتىجىنى تەڭلەشتۇرۇپ تۇرۇشىغا رىپىرلارنىڭ ھەممىسى ئومانغا يان باستى.ئادالەتسىزلىك كۆپ.
مۇسابىقە ئاخىرىدا يەنى 92 مىنۇتتا ئىلىمىز كوماندىسنىڭ كىرگۇزگەن بىر توپنى يان رىپىر يۆۋىي دەپ ھۇكۇم قىلىپ مۇسابىقنى ۋاقىت قۇشۇپ بىرىلگەن مۇسابىقىگە سۇرەپ ئەكىردى.ئاقىۋەت ئىلىمىز كوماندىسى 9 ئادەمگە قارشى 11 ئادەم ئويناپ ئارقىمۇ ئارقىدىن 3 توپ يەپ ئېچىنىشلىق ھالدا شاللىنىپ كەتتى.بارىمۇ كوڭلى يېرىم چىرايىدا ئۇمدسىزلىنىش يىغا ئارىلاش مەيدانىدىن چۇشۇپ كەتتى. بارى ھىلىقى توپنى ئۇرالىغان بولسا چۇقۇم غەلبە قىلاتتى.
لىكىن بارىنىڭ ئىپادىى باشقا ئەزلارغا قارىغاندا ئەڭ ياخشى بولدى.چۇشەندۇرگۇچىما بارىنى ئېغىزىدىن چۇشەندۇرمەي ماختاپ تۇردى.
بارى ئۆمىدسىزلەنمەڭ.سىز بەكمۇ تېرىشتىڭىز .ھەممىسى ئىرانلىق پەسەندى رىپىرلانىڭ ئۇيۇنى
ئەمدى 2014-يىللىق دۇنيا لۇڭقسىنىڭ تاللاش مۇسابىقسى سىزگە قاراپ قالدى.ئاڭلىسام گاۋ ئەمىرنىڭ سىزنى چۇڭلار كوماندىغا ئەكىتىش ئۇيى بار كەن.داۋاملىق بىرازىلىيىگە بېرىش ئۈچۈن دۇلىتىمىزگە ۋە بىز ئۇيغۇرلارغا 2-قېتىم غەيرەت قىلىڭ .
ئۈمىدىمىز سىز دە قالدى . ھۇررا بارى ھۇررا مىرئەخمەتجان
مۇسابىقە فىلىمى:
بارى تاشلىغان پاسنىڭ كىرىپ كىتىشى:
بارىنىڭ سەۋەنلىكى
بولازىۋىچنىڭ كارتا يىيىشى
92-مىنۇتتا خۇمپەريان رېىپر بىكار قىلغان توپ
ئىرانلىق باش رىپىر
بۇياق بۇ قېتىمقى ئاسىيا لوڭقىسىدا سۈرىيە ياپونىيە مۇسابىقىسىدە ياپوننىڭ ۋارىتارىغا قىزىل كارتا بەرگەن رېپىر شۇ
مەنبەسى :
http://sports.sina.com.cn/z/LondonU23/