|
|
|
|
«سۆيگەن يارى»نى ئىزدەپ پۈتۈن شىنجاڭنى ئايلىنىپ چىققان قىز كوچىدا يېتىپ قالدى
ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى: «مەجنۇنلارچە بېسىلغان قەدەم، ھەرگىزمۇ ئاسىي قەلىبنى قوغلاپ يېتەلمەيدۇ» . ئوغۇل دوستى رەھىمسىزلەرچە تاشلاپ كەتكەن مەجنۇن قىز ئۆيدە 5 كۈن ساقلىغاندىن كېيىن، ئاخىرى ئۈچ ئايغا سوزۇلغان جاپالىق «سۆيگۈ ئىزدەش» ئۇزۇن سەپىرىگە ئاتلاندى، بىراق ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا يېنىدا ھېچنىمە قالمىغانلىقى تۈپەيلى كوچىدا ئايلىنىپ قالدى.
شۇ كۈنى 15 تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، كۈيتۈن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى 110 قوماندانلىق مەركىزى، بىر مودا كىيىنگەن ياش قىزنىڭ ئىتتىپاق يولىدىكى مەيداننىڭ ئالدىدا ئۆلۈك-تىرىكلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان ھالەتتە يېتىپ قالغانلىقىدەك مەلۇمات تاپشۇرىۋالدى.
ئولىشىۋالغان ئامما قىزچاقنى تۈرتۈپ يۈرۈپ بىر قانچە مىنۇتتىن كېيىن بىھوش ياتقان قىز كۆزىنى ئاچتى، ئۇنىڭ ئاجىزلاپ كەتكەن بەدىنىگە قاراپ، تاماق يېمىگىلى ئاز دېگەندە ئۈچ كۈن بولغانلىقىنى بىلىۋېلىش تەس ئەمەس ئىدى. خەلق ساقچىلىرى ئالدىراش بولكا ۋە ئىچىملىك ئەكىلىپ قىزغا سۇندى، قىز بىر تەرەپتىن يېگەچ، بىر تەرەپتىن ئۆكسۈپ يىغلاۋاتاتتى.
قىزنىڭ ئىسمى جاڭلى(توقۇلما ئىسىم) بولۇپ، بۇ يىل 26 ياش، ئۆيى شىخۇدا، 2009-يىلى شاڭخەيدىكى بىر ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن، بۇ يىل 7-ئايدا، شىنجاڭغا قايتىدىغان پويىزدا، ئۇ ئۆزىنىڭ قەلبىدىكى ھېس تۇيغۇلارنى ئويغاتقان چۆچەكلىك يىگىت ۋاڭ لىگاڭ بىلەن تاساددىپىي تونۇشۇپ قالغان. كېيىن، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، ئىككىيلەن مۇھەببەت يولىغا قەدەم قويغان ھەمدە بىرلىكتە شىخۇغا قايتقان، جاڭلى بىر دوختۇرخانىغا كىرىپ خىزمەت قىلىشنى باشلىغان، ئوغۇل دوستى بولسا سودا-سېتىققا كىرىشكەن، ئىككىيلەننىڭ تۇرمۇشىنى گەرچە بەك باياشات دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، ئەمما تۇرمۇشى خېلى مەنىلىك داۋاملاشقان. سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، جاڭلى ئىختىيارسىز كۆز-ياشلىرىنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ كەتتى.
«بىز ئەسلىدە بۇ يىل 10-ئايدا توي قىلىشقا پۈتۈشكەن، ئەمما 3-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئۇ تۇيۇقسىزلا كېتىپ قالدى، ئۇنىڭدىن كېيىن قايتا ئۇنى كۆرۈپ باقمىدىم. بىز بىرلىكتە ئىجارە ئېلىپ تۇرىۋاتقان ئۆيدە، مەن كۈندە ئۇنىڭ رەسىمىگە قاراپ كۈن ئۆتكۈزدۈم، ئۇنى توپتوغرا بەش كۈن ساقلىدىم». كېيىن، ئۇ يىغىپ ساقلىغان 20 نەچچە مىڭ يۈەن پۇلنى ئېلىپ، ئوغۇل دوستىنى ئىزدەش سەپىرىگە ئاتلانغان، شىنجاڭدا جاڭلىنىڭ ئاياق ئىزى تەگمىگەن بىرمۇ جاي قالمىغان. 3-ئايدىن 6-ئايغىچە، جاڭلى ئوغۇل دوستىنى ئىزدەپ تېپىش ئۈچۈن، يېنىدىكى بارلىق پۇلنى خەجلەپ بولغان. 6-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئۈرۈمچىدىن ئوغۇل دوستىنىڭ دېرىكىنى ئالالمىغان جاڭلى كۈيتۈنگە كېلىپ داۋاملىق ئىزدىمەكچى بولغان، ئۈچ كۈن ياتىدىغان يەر ۋە يەيدىغان نەرسە تاپالمىغان جاڭلى، ئاخىرى يول بويىدا ھوشىدىن كەتكەن.
خەلق ساقچىلىرى توردىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق شۇنى بايقىدى، جاڭلىنىڭ قولىدا كۆتۈرىۋالغان ئوغۇل دوستى ۋاڭ لىگاڭنىڭ كىملىكىنىڭ كۆپەيتىلمە نۇسخىسىغا قارىغاندا، بۇ كىملىك ساختا كىملىك بولۇپ، بۇ چاغدا ھەقىقى ئەھۋالنى ئۇققان جاڭلى ھۆڭرەپ يىغلاپ تۇرۇپ: «ئەسلىدە، ئۇ مېنى ئىزچىل ئالداپ كەپتىكەن» دېدى.
كۈيتۈن مۇھىت تازىلىقى باشقارمىسىدا خىزمەت قىلىدىغان گۈلنار جاڭلىنى كۆرگەندىن كېيىن ئىچى سىيرىلىپ كۆز ياشلىرىنى توختىتىۋالالمىدى ۋە ئۇنى ئۆيىگە ئېلىپ بېرىپ يۇيۇندۇرۇپ پاكىزە كىيىملەرنى ئالماشتۇرۇپ بەردى. خەلق ساقچىسى لىيۇخەي يېنىدىن 40 يۈەن چىقىرىپ جاڭلىغا بەردى، شۇ كۈنى 19 دا، جاڭلى شىخۇغا قايتىدىغان ماشىنىغا ئولتۇرۇپ ئۆيىگە قايتىپ كەتتى .مەنبە: تورداشلار كۇلۇبى
|
|
|
|
|
|