ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ئاداش. تىلغۇندا دىيىشكەن گەپلەرنى بىردەمدە بۇ يەرگە سۆرەپ ئېلىپ چىقىپسەنغۇ.
بۇ ئىشىڭ قاملاشماي قاپتۇ. ماڭا دەپ قويساڭچۇ. كۆڭلىمدىكىنى جىقىراق سۆزلەپ بىرەتتىم. بۇلاپتۇ. ھېلىمۇ بۇ يەردە قالغىنىنى دەپ بىرەي.
بۇ دۇنيادا ھەر خىل ئادەملەر بار دىيىلسىمۇ ، لىكىن ئۇلار ماھىيەت جەھەتتىن ئوخشاش، لىكىن خاراكتىر جەھەتتىن ئىككى خلغىلا ئايرىشقا بۇلىدۇ. مۇنبەردىكى 40 مىڭ قېرىنداشلارنىمۇ ھەم شۇنداق. كۆڭۈل راستىنلا مۇنبەردىكى بەزى ئىشلارنى ئەينەنلام دەپ ئۆتۈپتۇ. بۇنداق ئىشلار ئادەتتىكى تۇرمۇشلاردىمۇ مەۋجۇت. ئىشخانىڭىزدا ئولتۇرغىنىڭىزدا 2 كىشى (4 كىشى دىمەي تۇرايلى) بىرلەشسە چۇقۇم غەيۋەت كىلىپ چىقىدۇ. ئىلىم پەن، سىياسى، جەمىيەت ئىشلىرىدا سۆزلىشىدىغانلىرى مۇنبەردىكى مۇشۇنداق تىمىنى كۆرىدىغانلار ئاز چىققاندەك ئاز سالماقنى ئىگەللەيدۇ. غەيۋەت قىلىش ئۇ ئىنسانلاردىكى ئەڭ چوڭ ‹‹ئارتۇقچىلىق››! مۇنبىرىمىزدە بىر تىمىغا ئىنكاس يېزىشتا ، بىرىنجىدىن ئادەم ئۆزىنىڭ ئويلىغىنىنى يازىدۇ. ئەگەر شۇ ئىنكاس يازغۇچى تىمىنى ھەقىقى چۈشىنىپ ئوقۇغان بولسىلا چۇقۇم ئۇ ، تىمىدىن ئۆزىگە تەسىر قىلغان ئىشلىرىنى يازىدۇ. مۇنازىرە خاراكتىرلىك بولسا، ئۇ چۇقۇم ئۆزىنىڭ كۆز قارشىنى يازىدۇ. ئادەم دىگەننىڭ ئۆز ئالدىغا شەخسى كۆز قارشى ، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بىر مەيدانى بۇلىشى كىرەكتە. بۇ دۇنيادىكى نەرسىلەرمۇ ئىككى ئادەمگە ئىككى خىل تەسىر بەرگىنىدەك، تىمىمۇ ،سىز يازغان ئىنكاسمۇ باشقىلارغا ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك بولماسلىقى مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ شۇنىڭغا قارىتا ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى يازىدۇ. ئۇنى قوپۇپ بەزىلەر خاتا ئەيىپلەپ بىكاردىنلا كۆڭۈلسىزلىك چىقىپ قالىدۇ. دوست يىغىلىتىپ دۈشمەن كۈلدۈرۈپ ، دەپ سىزگە ئېيتىلغان گەپ قانچىكى زەھەرلىك بولسا ئۇ گەپنىڭ سىزگە تەسىر قلىش ئۈنۈمى شۇنچە چوڭ بۇلىدۇ.
نادانلار بىلەن تەڭ بولماسلىق. بۇنى بەلكىم ھەقىقى تۇرمۇشنى چۈشەنگەن ئادەمنىڭ ئىسىل پەزىلىتى دىيىش كىرەك. مۇنبىرىمىزدە نادانلارنىمۇ ئاز دىيىشكە بولمايدۇ. كىم نىمە دىسە ئۇنىڭكىنى راست دىيىش ، ئۆز ئالىدغا مۇقىم مەيدانى ، كۆز قارشى بولمايدىغان ئەزالىرىمىزمۇ يوق ئەمەس. بىر ئادەم ئۈستىدىن غەيۋەت قىلىش، ئادەتتىكى بىر تىمىنى ئاپىرىپ ، ئەخلاققا، دىنغا، مىللەتكە چېتىۋېلىشنىڭ ئەلۋەتتە ئەھمىيتى يوق.
ئىنكاس بىر ئادەمگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. مۇنبەر دىگەن بىر مەۋھۇم دۇنيا. كىم قانداق بۇ بىر ئاللاھقا، ئاندىن قالسا شۇ كىشىنىڭ ئۆزىگە ئايان. سىز يېزىۋاتقان ئىنكاس بىلەن سىزنىڭ ھەقىقى قەلبىڭىز بىر يەردىن چىقتىمۇ؟ ياكى سىز مۇنبەردىكى ئېقىمغا ئەگىشىۋاتامسىز؟ بۇنى ئويلاپ بېقىڭلار. ئىككى تال ئىنكاسنى، تىمىنى يېزىپ مىللەتكە ئاپىرىپ چېتىۋالماڭلار. توغىرا مۇنبەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەقسىدىنى يىغىنچاقلىسا ، يەنىلا مىللەتنىڭ تەرەققىياتىغا ، مىللەتنىڭ ساپاسىغا چېتىلىدۇ. شۇڭا ئادەم ئىلمى ھالدا پىكىر يۈرگۈزگەن ياخشى.
قەلەم تۇتساڭ يۈركىڭنى تۇتۇپ باق، چۈنكى قەلەمدىن يالقۇن چىقىدۇ ئەمەسمۇ!!! قەلەم تۇتىۋاتقان ، كونۇپكا بېسىۋاتقان ھەر بىر ئەزا ھەر بىر ئىنكاسنى ، ھەر بىر تىمىنى يۈركىنى تۇتۇپ تۇرۇپ يېزىڭ. ھەقنى سۆزلەڭ. سىزنىڭ ھەق بولسىلا قالغىنىغا ئاللاھ بار. ئاللاھقا قويغان ياخشى .
بىلىقچى پىكىرلىرى. شەخسى پىكىرىم.