مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1001|ئىنكاس: 1

تارىختىكى بۈگۈن (20-ئىيۇن) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

نېمىلەرنى ئويلا

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11976
يازما سانى: 739
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16174
تۆھپە نۇمۇرى: 3127
توردا: 349 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-20 11:15:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1997-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، روسىيە پارىژ كۇلۇبىغا كىرگەن.روسىيە زۇڭتۇڭى ھىلىتسىن روسىيەنىڭ پىرىنسىپتا پارىژ كۇلۇبىنىڭ بىر ئەزاسى بولغانلىقىنى جاكارلىغان. روسىيە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ روسىيەدىن ئالغان قەرزىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. پارىژ كۇلۇبى 1961-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئاساسلىق ئەزالىرى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە قاتارلىق غەرب ئەللىرى ئىدى.

1997-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى «تەرەققىيات پروگراممىسى» نى قاراپ چىققان.«پروگرامما» دا مۇنۇلار دېيىلدى:سىجىل ئىقتىسادىي ئېشىش بارلىق دۆلەت بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى رولى ئىنتايىن مۇھىم. سىجىل تەرەققىياتنى ئەمەلگە ئاشۇرغاندىلا، ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، نامراتلىقنى، كېسەلنى، بىلىمسىزلىكنى تۈگىتىپ،كىشىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە مۇھىتنى قوغداش ئىشلىرىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

1960-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، سېنگال مۇستەقىل بولغان. 1864-يىلى سېنگال فرانسىيەنىڭ مۇستەملىكىسىدە بولغان. 1946-يىلى جەنۇبىي ئافرىقا بىرلەشمە ئىتتىپاقى سېنگال تارماق ئەترىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە مۇستەملىكىگە قارشى ھەرىكەتكە ئاتلانغان. شۇ يىلى 20-ئاۋغۇست مالى فېدېراتسىيەسىدىن چېكىنىپ چىقىپ، سېنگال جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان.

1963-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا بىلەن سوۋىت ئىتتىپاقى ئىككى دۆلەت ئارىسىدا قىزىق لىنىيە قۇرۇشنى قارار قىلغان. ئامېرىكا بىلەن سوۋىت ئىتتىپاقى ئىككى دۆلەت ئارىسىدا قىزىق نۇقتىلىق تېلىفون تەسىس قىلغان، بۇ سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدە ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ جىددىي ئىشلاردا خەۋەرلىشىش ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان، لېكىن بۇ سېستىما سىناق قىلىنغاندىن كېيىن ئىشلىتىلىشكە كىرگۈزۈلمىگەن.

مەنبە- جۇڭگۇ ئۇيغۇر رادىئوسى تورى
http://www.uycnr.com/lssdjt/201106/t20110619_121649.html

قاراڭغۇ زۇلمەتنى قاغىغاندىن كۆرە بىرەر چىراق ياققىنىڭ تۈزۈك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11227
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8060
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 150 سائەت
تىزىم: 2010-9-23
ئاخىرقى: 2011-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-21 10:43:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىۋالدۇق ، ئەجىرىڭىزگە رەھمەت

ئەسسالمۇ ئەلەيكۇم مەن بارلىق تورداشلرغا ئۇلۇغ ئاللھدىن بەخىت ، ۋە ئىنساپ تىلەيمەن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش