مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: 0998waris

مەشھۇر كىشىلىرىمىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21058
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6612
تۆھپە نۇمۇرى: 301
توردا: 2980 سائەت
تىزىم: 2010-12-6
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-20 01:15:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يوللىغان تىمىڭىزغا  رەھمەت قىرىندىشىم،،،ئوز مىللىتىنىڭ تارىخىنى  ۋە مەشھۇر  كىشىللىرىنى  بىلمىگەن كىشىنى  قانداقمۇ  ئادەم ھىساپلىغىلى بولسۇن ،،،مۇمكىن بولسا  خۇتەنلىك  مۇھەممەت  ئمىن  ھەزرەت توغرىسىدىمۇ  يازغان بولسىڭىز  ،،،،،مۇشۇنداق تىمىلار  نادىلىنىشقا  ئەرزىيدۇ ،،،،،،،،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40745
يازما سانى: 286
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5480
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 3103 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2013-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-20 01:34:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىڭىزغا رەھمەت. ئەپسۇس ، مەنبەسىنى ئۇنتۇپ قاپسىز.
مۇشۇنىڭغا ھەر بىر شەخىسنىڭ رەسىمىنى قوشۇپ قويغان بولسىڭىز ‹‹ خۇرازدىكى خو!››دەك ئىش بولاتتى ئەسلىي.

سەن گىلەمگە سانچىلغان يىڭنىنىڭ ئۆتكۈرلىكىدىن ئەمەس،بەلكى پۇتۇڭنىڭ چىدىماسلىقىدىن ئاغرىنىشىڭ كېرەك!
ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار بۇ يەردە!قېنى مەرھەمەت!

ئۈزىڭنى ئەر چاغلىساڭ ئۆزگىنى ش

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4943
يازما سانى: 1391
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12978
تۆھپە نۇمۇرى: 391
توردا: 1578 سائەت
تىزىم: 2010-7-27
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-20 04:00:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قوللىرىغا  دەت  كەلمىسۇن  يەنە  بەزى مەشھۇر لىرىمىز  ئۇنتۇلۇپ  قالدىمۇ  قانداق .  شۇنداق  بولسۇمۇ   ئەجرىڭىزگە  كۆپ تەشەككۈر

جاھـان بىركـۈن بـىزگـىمۇ قىلـۇر ئالدىنـى،ياۋلار بىزنىڭ ھەيۋىمىزدىن ئىزدەر دالدىنى.

مىنىڭ ئاتىمنى قۇيۇپتۇ ئاتام ھەيدەر،
دۈشمەن قىزىنى ئەسىر ئالمىسام ئاللاھۇ ئەكبەر!!!

اللە اكبر

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44489
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3143
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2011-6-15
ئاخىرقى: 2012-12-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-20 04:18:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خېلى  باركەن  ھە  مەشھۇرلار

لاالە الا اللە محمد رسولوللا

بىرسى دىدى تۇخۇم

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1550
يازما سانى: 524
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3002
تۆھپە نۇمۇرى: 601
توردا: 352 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2014-6-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-21 01:18:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سابىت داموللام بىلەن  ئابدۇل ئەزىز چىڭگىزخان داموللام،يەنە ئابلىكىم مەخسۇم ھاجىممۇ بار ئىدى.

مۇنارلار نەيزە،قۇببىلەر قالقان، مەسجىدلەر گازارما،مۇئمىنلەر ئەسكەر، بۇ ئىلاھى قۇشۇن دىنىمنى قوغدار، ئاللاھۇ ئەكبەر! ئاللاھۇ ئەكبەر!!! بىز ھەممىمىز كۆرۈنمەس قورغاندىكى مەھبۇس.........!!!

باش سۇرەت ئۆزگەر

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36506
يازما سانى: 284
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16059
تۆھپە نۇمۇرى: 1049
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2014-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-21 05:34:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سابىت داموللام ئابدۇباقى كامالى 1883 - يىلى، (ھىجىرىيە- يىلى) ئاتۇشنىڭ ئازاق كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن . باشلانغۇچ دىنىي تەربىيىنى ئازاقتا چوڭ ئەلەم ئاخۇنۇم دېگەن كىشىدىن ئالغان. كېيىن قەشقەر خانلىق مەدرىستە ئوقىغان. 1910 - يىلى ئابدۇقادىر داموللام ھەم مامۇت ئاخۇن داموللاملارنىڭ دەۋەت قىلىشى بىلەن، بۇخاراغا بېرىپ يۇقىرى مەلۇمات ئالغان. 1914 - يىلى ئوقۇشنى تاماملاپ داموللا بولۇپ يۇرتىغا قايتىش سەپىرىدە، ئىلىغا كېلىپ سۈيدۈڭدە ئىسمائىل ھاجى دېگەن كىشىنىڭ قىزى رابىيە بىلەن تويلىشىپ ئۆيلۈك بولغان. بىر نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن، << رەستە ۋەقەسى >> سەۋەبى بىلەن ئايالى رابىيە بىلەن ئاجرىشىپ، ئوغلى ئابدۇللانى ئايالىغا قالدۇرۇپ، قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن ھەمدە قەشقەرخانلىق مەدىرىستە ئۇستازى ئابدۇقادىر داموللام ھەم مەسلەكدىشى شەمسىدىن داموللام بىلەن بىللە مۇ ددەررىسلىك قىلغان .

شەمسىدىن تۈردى داموللام (1874 -- 1934) سابىت داموللام بىلەن دېمەتلىك كىشى بولۇپ، ئاتۇشنىڭ تۆركۈل كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن. قەشقەر ۋە بۇخارادىكى يۇقىرى دەرىجىلىك بىلىم يۇرىتلىرىدا ھەم ئالىملاردا ئوقۇپ، ھىندىستان، ئەرەبىستاندىكى ئاتاقلىق ئالىملار بىلەن ئىلمىي سوھبەتلەردە بولغان ئۇلارنىڭ چوڭ ھۈرمىتىگە ئېرىشكەن. شەمسىدىن داموللام سىستېمىلىق بىلىم ئالغان كىشى بولۇش سالاھىتى بىلەن، دىني ۋە پەننىي ئىلىم ساھەسىدە چوڭقۇر ئىزدەنگەن. بولۇپمۇ تىل - ئەدەبىيات، مەنتىق (لوگىكا) ، ئاسترونومىيە، شىئېرىيەت، تارىخ، جۇغراپىيە، ماتېماتىكا قاتارلىق ئىلىملەردە كامالەتكە يەتكەن . << ئولموھا توزمۇچەيىن >> ، << مۇھىمماتىز - زەۋجەيىن >> (ئاياللارغا دائىر مۇھىم ئەخلاق - پەزىلەتلەر) قاتارلىق كىتابلارنى يازغان. 1910 - ۋە 1920 - يىللىرى شىەمسىدىن داموللامنى پاناھ تارتىپ، ئۇنىڭغا شاگىرىت بولۇش ئۈچۈن قەشقەرگە كەلگەن. مەسىلەن، خوتەندىن مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا، غۇلجىدىن تىيىپزات تاھىرى، ئەينى ۋاقىتتا قەشقەر خانلىق مەدرىسكە كېلىپ، شەمسىدىن داموللامدىن دىنىي ۋە پەننىي ئىلىملەرنى ئۇگەنگەن. تەجەللى بىلەن ئالاھىدە يىقىن مۇناسىۋەتتە بولغان ھەم مۇشائىرە يىزىشىپ تۇرغان. دېمەك، غولجىدىن قايتىپ كەلگەن سابىت داموللام قەشقەردە ئۇستازى ئابدۇقادىر داموللام ۋە مەسلەكدىشى شەمسىدىن داموللام بىلەن ھەمكارلىشىپ، قەشقەر تەۋەسىدە مۇتەئەسسىىپلىككە، خۇراپاتلىققا، قۇلچىلىققا، نادانلىققا جاھانگىرلىككە قارشى ھەققانىي ھەركەتلەرنى تەشكىللىگەن .

1924 - يىلى ئابدۇقادىر داموللام سۇيىقەسىتكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، سۇيىقەسىتچىلەرنىڭ نىشانى سابىت داموللامغا مەركەزلەشكەن. بۇنى سەزگەن سابىت داموللام 1925 - يىلى ھەجگە بېرىش باھانىسى بىلەن ئىلىغا يېنىپ چىققان ھەم ئىلىدىكى مەرىپەتپەرۋەر، ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن، 1927 - يىلى، << شىرىنكالام >> دېگەن كىتابىنى تۇنجى قېتىم كۈرەدە تاش مەتبەئەدە باستۇرغان. بۇ كىتابتا نۇقتىلىق ھالدا مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ تەرجىمىھالى ۋە ئەخلاق - پەزىلەتلىرى سۆزلەنگەن. بۇ كىتاب كېيىن ھىندىستاندا بېسىلىپ تارقىتىلغان .

سابىت داموللام دىنىي ئىلىملەردە ھەم تۈركچە، ئەرەپچە، پارىسچە ئەدەبىياتنىڭ پۈتكۈل تۇرلىرىدە ئىلىم تەھسىل قىلغان بولغاچقا، مەزكۇر تىللاردا بەزىدە نەسىرىي، بەزىدە نەزمىي بىلەن سۆزلەش، يېزىش كامالىتىگە يەتكەن. ئۇ 1927 - يىلىدىن باشلاپ، غۇلجا شەھرىدە دەڭ مەسچىتىدە << قۇرئان كەرىم >> نى ئاغزاكى تەرجىمە قىلىپ، بۇ ئىشنى ئۈچ يىل داۋاملاشتۇرغان. يەنە بىر تەرەپتىن << ئىسلام قانۇنى >> ، << ئەلفىيەنىڭ شەرھىسى >> (بۇ ئىبىن مالىك دېگەن ئالىمنىڭ ئالفىيەسىگە قىلغان شەرھى ۋە ھاشىيىدۇر) ، << ئاقائىدە جەۋھەرىيە، بايان ئەل سۇننەت >> دېگەن كىتابلارنى يازغان. 1930 - يىلى غولجىدا، چۆچەكتىكى مۇرات ئەپەندىدىن تەلىم ئېلىش باھانىسى بىلەن ۋەزىيەتنى كۆزەتكىلى چىققان خوتەن قاراقاشلىق مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا بىلەن پىكىرلەشكەن. ئۇ شۇ يىلى كۈزدە قەشقەر ۋە ئاتۇشتىن چىققان شەمسىدىن داموللا، ياقۇپ ھاجى قاتارلىق يۈزدەك كىشى بىلەن بىرلىكتە ئون نەچچە ياشلىق ئوغلى ئابدۇللانى ئېلىپ ھەجگە ماڭغان .

1931- يىلى باھاردا، ئۇ ھەج تاۋابىنى ئاداقىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئىلمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن، ئوغلى بىلەن بىللە كۆپچىلىك بىلەن خوشلاشقان (بەزى كىشىلەرنىڭ دىيىشىچە، سابىت داموللام، ھەج تاۋاپ قىلىش جەريانىدا تاتار لاردىن چىققان مەشھۇر دىنىي ئالىم مۇسا جارۇللاھ بىگىيېۋ بىلەن كۆرۈشكەن . سابىت داموللام، مۇسا جارۇللاھ بىگىيېۋ، شەمسىدىن داموللام ئۈچەيلەن سابىت داموللىنىڭ << ئىسلام قانۇنى >> ناملىق كىتابى ئاساسىدا، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پادىشاھىغا دۆلەت قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزىش توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەن) . سابىت داموللام سەئۇدى ئەرەبىستانى، تۈركىيە قاتارلىق جايلاردا تەكشۈرۈش، ئۆگىنىش بىلەن بولغان ۋە ئىلمىي سۆھبەتلەرنى ئېلىپ بارغان. تۈركىيىدە ئىلمىي زىيارەتتە بولىۋاتقان چېغىدا، مىسىردا دۇنيا ئىسلام ئالىملىرى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، يىغىنغا ئۈلگۈرۈپ قاھىرەگە بارغان .

سابىت داموللام سەئۇدى ئەرەبىستانىدا، مىسىردا ۋە تۈركىيىدە ئىلمىي زىيارەتتەبولۇپ، ۋەتەنگە قايتىش ئۈچۈن يولغا چىقىپ، 1932 - يىلى ھىندىستانغا كېلىپ دېھلىدە بىر مەزگىل تۇرۇپ قالغان ھەم << ئاقائىدە جەۋھەريەت، بايان ئەل سۈننەت >> ، << ئالفىيەنىڭ شەرھىسى >> ، << شىرىن كالام >> ناملىق كىتابلىرىنى باستۇرغان.

سابىت داموللام 1932 - يىلى 12 - ئايدا، قاغىلىققا يېتىپ كەلگەن، ئاندىن ئۇدۇل خوتەنگە بارغان . 1932 - يىلى 1 - ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى، قارىقاش ئويباغ مەدىرىسىدە، مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا 1931 - يىلى 6 - ئايدا قۇرغان يوشۇرۇن تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرىدىن بىر يۈز ئوتتۇز كىشى يىغىن ئېچىپ، سابىت داموللام بىلەن قارىقاشلىق مەمەت نىياز ئەلەم ئاخۇنۇمنى ئەزالىققا قۇبۇل قىلغان ھەمدە قوزغۈلاڭ كۆتۈرۈش كۈنىنى بەلگىلەش، قوزغىلاڭچىلار رەھبەرلىرىنى سايلاش ئىشىنى مۇزاكىرىلىشىپ بىكىتكەن.

سابىت داموللام ئۆزىنىڭ چەت ئەللەردىكى ئىگىلىگەن ئەھۋاللىرىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق خۇلاسە چىقارغان:
بىرىنچى، بۈگۈنكى دۇنيا شارائىتىدا قوشنا ۋە باشقا چەت دۆلەتلەردىن ئىنقىلابىمىزغا ياردەم كۈتمەك مۇمكىن ئەمەس. مەن بۇ ھەقتە كۆپلىگەن مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بىلەن پىكىرلەشتىم،
ئىككىنچى، ئىنقىلابنىڭ قوزغۇلۇش نوقتىسى خوتەندە بولۇشى لازىم. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەن ئۇدۇل خوتەنگە كەلدىم .
سابىت داموللام رامىزان مۇناسىۋىتى بىلەن خوتەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا << قۇرئان >> ۋە ھەدىسلەردىن ۋەز ئېيتىپ، بولۇپمۇ جىھات توغرىسىدىكى تەلىماتلارنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، قوزغىلاڭ ئۈچۈن خەلق ئىچىدە ئومومىي بىر پىكىر ئېقىمى بەرپا قىلىپ، ماددىي ۋە مەنىۋى كۈچلەرنىڭ توپلىنىشىغا كۈچ چىقاردى .

1933 - يىلى 2 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، قارىقاشتا قوزغىلاڭ پارتلىغان. 1933 - يىلى 4 - ئايغىچە خوتەن تەۋەسى قوزغىلاڭچىلارنىڭ قولىغا ئۆتكەن . شۇنىڭ بىلەن 4 - ئاينىڭ 5 - كۈنى << ھۆكۈمەتى ئىسلامىيەت خوتەن >> دېگەن ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرۇلغان. سابىت داموللام قوزغىلاڭ جەريانىدا، يەكەن قوزغىلاڭچىلىرى بىلەن خوتەن قوزغىلاڭچىلىرى ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەتنى مۇۋاپپەقىيەتلىك ياراشتۇرغان .

1933 - يىلى 7 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، سابىت داموللام بىلەن مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانىڭ ئىنىسى ئىمىر ئابدۇللا (شاھ مەنسۇر) ئىككى مىڭ كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ يەكەندىن قەشقەرگە قاراپ يولغا چىققان. سابىت داموللاملار يەكەندىكى چاغدا، قەشقەردىن تۆمۈر سىجاڭنىڭ ئابدۇغوپۇر شاپتۇل داموللام باشچىلىقىدىكى تۆت ۋەكىلى يەكەنگە يېتىپ كەلگەن . ئۇلار قوزغىلاڭچىلارنىڭ قەشقەرگە بېرىشىنىڭ ھاجىتى يوقلىقى توغرىسىدا سابىت داموللاملار بىلەن كېڭىش ئۆتكۈزگەن . سابىت داموللام باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلار بۇنىڭغا قەتئىي قوشۇلمىغان .

(ئابدۇغوپۇر شاپتۇل داموللام پەيزاۋات شاپتۇللۇق كىشى بولۇپ دىنىي مەلۇماتى يۇقىرى بولغاچقا، قەشقەر تەۋەسىدە تەسىرى زور بولغان. لېكىن بۇكىشى سېپى ئۆزىدىن مۇناپىق بولۇپ، ئابدۇقادىر داموللامغا قەسىت قىلىش سۇيىقەستىگە قاتناشقان ، ئوسمان پاشا بىلەن تۆمۈر سىجاڭنى زىددىيەتكە سېلىپ، ما جەنساڭ ئۈچۈن كەتمەن چاپقان. ئۇ 1934 - يىلىدىن كېيىن، يەنى شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى دەۋرىدە ئەتىۋارلىنىپ ئىشلىتىلگەن ھەم قەشقەردە قۇرۇلغان ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى بولغان . 1935 - يىلى يازدا ئۈرۈمچىگە كېلىپ، ئۆلكە بويىچە ئېچىلغان << ئىككىنجى قېتىملىق ئاۋام كونفىرىنىيىسى >> گە قاتناشقان . قايتىپ بارغاندىن كېيىن، شېڭ شىسەيگە بولغان ئالاھىدە ئىخلاسى ھەققىدە سۆزلەپ يۈرگەن ھەم ئۇنىڭ << ئالتە بۈيۈك سىياسىتى >> نى تەشۋىق قىلغان .

1936 - يىلى 5 - ئايدا، شېڭ شىسەي قەشقەرنىڭ ۋالىسى، سوۋېت ئىتتىپاقى بولشىۋېكلار پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ باۋچەنگە تېلېگرام بېرىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئېكۇسكۇرسىيە ۋە زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن سودا - سانائەتچىلەر تەكشۈرۈش ئۆمىكى تەشكىل قىلغانلىقىنى، شۇڭا قەشقەر ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇدىرى ئابدۇغوپۇر شاپتۇل داموللامنى ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىپ بېرىش لازىملىقىنى ئۇقتۇرغان . شېڭ شىسەينىڭ ئابدۇغوپۇر شاپتۇل داموللامدىن پايدىلانماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلگەن مەھمۇت سىجاڭ ئۇنىڭ ئۈرۈمچىگە بېرىشىغا يول قويمىغان. ئۇ، 5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى كېچىدە، ئادەم ئەۋەتىپ ئابدۇغوپۇر شاپتۇل داموللىنى قەشقەر كونا شەھەرنىڭ ئۆتەڭ بازىرىدا يۇشۇرۇن ئولتۇرگۈزۈۋەتكەن. شېڭ شىسەي مەھمۇت سىجاڭنىڭ بۇ ئىشىغا غەزەپلىنىپ، مەھمۇت سىجاڭدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، مەھمۇت سىجاڭنىڭ يېقىن ئادەملىرىدىن ئابدۇراخمان ھاجى بىلەن ئەمەت قۇل ھاجىنى ساقچى ئىدارىسى ئارقىلىق قولغا ئېلىپ، ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كەتكەن.)

ئەنە شۇ ئابدۇغوپۇر شاپتۇل داموللام سابىت داموللاملار بىلەن يەكەندە قىلغان كېڭىشتىن كېيىن، بەزى كىشىلەرگە، ئۇلارنىڭ جۇمھۇرىيەت قۇرىمىز دېگىنى نېمىسى؟ ماجەنساڭلارغا كۇچى يېتەمدىكەن؟ دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنى قىلىپ، سابىت داموللامنىڭ كەينىدىن غەيۋەت قىلغان. تۆمۈر سىجاڭنىڭ ۋەكىللىرىنى كۈتۇشكە مەسئۇل بولغان بىر كىشى بۇ سۆزنى ئاڭلاپ قېلىپ، ئىمىر ئابدۇللاغا ئېيتىپ قويغان.

قەشقەردىن كەلگەن ۋەكىللەر ئەتىسى قايىتماقچى بولغاندا، ئىمىر ئابدۇللا (شاھ مانسۇر) ئابدۇغوپۇر شاپتۇل داموللامنى ئېلىپ قېلىپ نەزەربەند قىلىپ قويغان. ۋەكىللەر قەشقەرگە قايتىپ كېلىپ يەكەندىكى كېڭىشتە بولۇنغان سۆزلەرنى ۋە ئىمىر ئابدۇللانىڭ ئابدۇغوپۇر شاپتۇل داموللامنى نەزەربەند قىلىپ قويغانلىقىنى تۆمۈر سىجاڭغا يەتكۈزگەن. تۆمۈر شىجاڭ بۇنىڭغا خاپا بولۇپ، ئابدۇغوپۇر شاپتۇل داموللامنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن، قەشقەر ئولىمالىرىدىن يەنە ۋەكىللەرنى تەشكىللەپ يەكەنگە ئەۋەتكەن . ئىمىر ئابدۇللا ۋەكىللەرگە: ئابدۇغوپۇر شاپتۇلنى ھازىر قوشۇپ بېرىمىز، ئەمما بۇنىڭدىن كېيىن ئۇ پىتنە - پاسات تارقاتمىسۇن! دەپ جىكىلىگەن .

سابىت داموللام بىلەن ئىمىر ئابدۇللا يىتەكچىلىكىدىكى ئىككى مىڭ كىشىلىك قوشۇن يېڭىسارغا يېتىپ كەلگەندە، تۆمۈر سىجاڭ قەشقەردىن يېڭىسارغا كېلىپ، سابىت داموللاملارنىڭ قەشقەرگە بارماسلىقىنى ئۆتۈنىدۇ. لېكىن سابىت داموللام بىلەن ئىمىر ئابدۇللا ئۆز پىكرىدەە چىڭ تۇرۇپ، قەشقەرگە قاراپ يولغا چىقىپ، 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى قەشقەرگە يېتىپ كېلىدۇ .

قەشقەردىكى ھامىتخان لۈيجاڭ، ھەمدەمبەگ ھاجىم لۈيجاڭ، سېتىۋالدىجان (ئۆزبېك، قەشقەرگە قېچىپ كەلگەن باسمىچىلارنىڭ باشلىقى) ، كىچىك ئاخۇن تۈئەنجاڭ قاتارلىقلار ئالتە يۈزدەك ئەسكەر بىلەن، ئوسمان پاشا (لۈيجاڭ) ، ئۇراز تۈئەنجاڭلار باشچىلىقىدىكى قىرغىزلار تۆت يۈز قۇشۇن بىلەن سابىت داموللىنى كۈتۈۋالغىلى چىقىدۇ. ئون مىڭلىغان شەھەر پۇقرالىرى يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدا تۇرۇپ، ئۇنى قارشى ئېلىشىدۇ.

سابىت داموللام، ئىمىر ئابدۇللا باشچىلىقىدىكى خوتەن قوشۇنلىرى قەشقەرگە كەلگەندىن كېيىن، ئوسمان پاشا ئۇلارنى قىزغىن قارشى ئالغان بولسىمۇ، لېكىن تۆمۈر سىجاڭ ئۆزىنىڭ تەسىرىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىۋاتقانلىقىغا چىدىماي، 1933 - يىلى 7 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ھامىتخان لۈيجاڭ، ھەمدەمبەگ ھاجى، سېتىۋالدىجان، كىچىك ئاخۇنلارغا بۇيرۇق بېرىپ، سابىت داموللام ۋە شاھ مانسۇر تۇرغان ئورۇنلارنى قورشىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ ئەسكەرلىرىنى پۈتۈنلەي قورالسىزلاندۇرغان ھەمدە سابىت داموللام بىلەن شاھ مانسۇرنى ياۋاغدىكى بىر ھويلىغا نەزەربەند قىلىپ قويغان. بۇ ۋەقەدىن كېيىن، تۆمۈر سىجاڭغا ماجەنساڭدىن تارتىپ ھەممىسى قاتتىق بويسۇنۇپ، ئۇنىڭغا << سىلىڭ >> لىق تامغىسىنى تاپشۇرغان. تۆمۈر سىجاڭ بۇ تامغىنى بىر كۈن شەھەر ئايلاندۇرۇپ داغدۇغا قىلغان. بۇنىڭغا غەزەپلەنگەن ئوسمان پاشا 8 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئەسكەرلىرىنى باشلاپ، ئۆز يۇرتى قىزىل ئۇيغا چىقىپ كەتكەن. 8 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ماجەنساڭ تۆمۈر سىجاڭنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن، قەشقەر ماجەنساڭنىڭ قولىغا ئۆتكەن. سابىت داموللام بۇ چاغدا يۇرتى ئاتۇشقا چىقىپ كەتكەن. تۆمۈر سىجاڭ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئوسمان پاشا قايتىدىن قەشقەرگە كېلىپ، قەشقەرنى ئىلكىگە ئالغان ھەمدە تۆمۈر سىجاڭغا تەۋە قوشۇنلارنى ئۆزىگە قوشىۋالغان .

ئوسمان قەشقەرنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، سابىت داموللام ئاتۇشتىن قەشقەرگە كېلىپ، ئوسمان بىلەن كۆرۇشكەن. 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى قەشقەر شەھىرىدە خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەر ئىش باشقۇرۇش ئىدارىسىنى قۇرغان. 9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى بۇ ئىدارىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۆرنىغا << شەرقىي تۈركىستان مۈستەقىللىق جەمئىيىتى >> نى قۇرغان .
شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى توغرىسىدا، ئەينى مەيداندا بار بولغان سەيپىدىن ئەزىزى كېيىن << ئۆمۈر داستانى >> ناملىق ئەسلىمىسىنىڭ بىرىنچى قىسمىدا مۇنداق يازغان: << شۇنداق قىلىپ، ھىجىرىيە 1352 - يىل 7 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، مىلادى 1933 - يىل 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى قەشقەردە < شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى > قۇرۇلۇپ، كۆنچى مەھەللىسىنىڭ ئالدىدىكى مەيداندا بايراق چىقاردى. بۇ بايراق ئاي - يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ئىدى. بايراق چىقىرىپ، < جۇمھۇرىيەت > قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاش چوڭ يىغىنىدا، < ھۆكۈمەت > ئىسىملىكى، ئاساسىي قانۇن ۋە < دۆلەت شېئىرى > ئېلان قىلىندى >> .

<< قەشقەر تارىخ ماتېرىياللىرى >> نىڭ 1 - قىسمىدا چاڭ شېياڭ مۇنداق يازغان: <<11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى (ھىجىرىيە 1352 - يىل 7 - ئاينىڭ 24 - كۈنى) كېچىدە < شەرقىي تۈركىستان مۈستەقىللىق جەمئىيىتى > قەشقەر كونىشەھەردە يىغىن چاقىرىپ، < شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى > نىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. < تەشكىلىي پروگرامما > قاتارلىق ھۈججەتلەرنى ماقۇللىدى .
11 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، < شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى > ھاكىمىيىتى قەشقەر كونا شەھەرنىڭ تۈمەن دەرياسى بويىدا، يەنى ياۋاغ كۆۋرىكىنىڭ يېنىدا، يىگىرمە مىڭ كىشىلىك يىغىن ئېچىپ، بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، < شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى > ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى. سابىت داموللام ئۆزى < دۆلەت ئىشلىرى باش ۋەكىلى > بۇلدى. ئاقسۇدا تۇرىۋاتقان خوجىنىياز ھاجىغا دۆلەت رەئىسى ئورنىنى قويۇپ قويدى. سابىت داموللام ئۇزۇن سۆز قىلدى. سۆزدىن كېيىن، شەھەردە نامايىش قىلىندى.

11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، سابىت داموللام شۋېتسىيە كاتولىك دىنىي جەمئىيىتىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق ۋەكالەتخانىسىنىڭ قۇتلۇق ھاجى باش مۇھەررىر لىكىدىكى باسمىخانىسىدا < شەرقىي تۈركىستان ھەپتىلىك گېزىتى > نى (بەزىلەر < يېڭى ھايات گېزىتى > دەيدۇ) چىقاردى. يېرىم ئايدىن كېيىن، < مۇستەقىللىق > ئايلىق ژۇرنىلى چىقىرىلدى، ئۇنىڭدا، < شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى > رەھبەرلىرىنىڭ ئىسىملىكى ۋە مۇھىم ھوججەتلەر بېسىلدى، كەڭ كۆلەمدە جامائەت پىكرى تاييارلاندى >>.

يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر << ئويغانغان زېمىن >> ناملىق رومانىنىڭ 2 - قىسمىدا مۇنداق يازغان: << . . . ئۇنىڭدا جۇمھۇرىيەت رەئىسى خوجىنىياز ھاجىم دېيىلگەن كېيىن، سابىت داموللام (ئاتۇش) باش ۋەكىللىككە، جانىبېك قازى (قىرغىز) مۇئاۋىن باش ۋەكىللىككە، زېرىپ قارا ھاجى (ئۆزبىك) ئەدلىيە مىنىستىرلىكىگە، قاسىمجان ھاجى (خوتەن) خارجى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە، ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم (قەشقەر) مائارىپ مىنىستىرلىكىگە، ئابدۇللاخان(ئۆزبىك) سەھىيە مىنىستىرلىكىگە، مەھمۇت موھىتى (تۇرپان) ھەربىي قۇماندانلىققا، ئورازبېك (قىرغىز) دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىگە، يۈسۈپجان قۇربېشى (ئۆزبېك) باش شىتاپ باشلىقلىقىغا، ئۇبۇل ھەسەن ھاجى (ئاتۇش) سودا - دېھقانچىلىق مىنىستىرلىكىگە، شەمسىدن داموللام (ئاتۇش) ئەۋقاپ < ۋەخپە > ئىشلىرى مىنىستىرلىكىگە، مۇھەممىدىن ھاجى (قەشقەر) ھۆكۈمەتنىڭ باش كاتىپلىقىغا كۆرسىتىلگەنىكەن >>.

1933 - يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان << شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى >> سىتالىن ھۆكۈمىتى بىلەن شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ساراسىمگە سالغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار خوجىنىياز ھاجىغا ۋەدە بېرىپ، ئۇنى ئىندەككە كەلتۈرۈش ئارقىلىق بۇ يېڭى قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەتنى يوقىتىشنى پىلانلىغان .

1934 - يىلى 3 - ئايدا، ئۇلۇغچاتقا تەۋە ئەركەشتامدا، سىتالىن ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللىرى خوجىنىياز ھاجىنى شىنجاڭ ئۆلكىسىگە مۇئاۋىن رەئىس قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بېرىپ، بۇنىڭ ئۈچۈن، خوجىنىيازنىڭ ئۇلۇغچاتتىكى ئىسھاقبېك تۈئەنجاڭ بىلەن بىرلىشىپ ۋە شېڭ شىسەي قىسىملىرى بىلەن ماسلىشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنى تىنچلاندۇرۇشنى شەرت قىلغان. خوجىنىياز ھاجى سىتالىن ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە كۆنگەن ھەمدە سابىت داموللام قاتارلىق كىشىلەرنى قولغا ئېلىپ، شېڭ شىسەيگە تاپشۇرۇپ بېرىشكە ۋەدە قىلغان.

1934 - يىلى 4 - ئايدا، خوجىنىياز ھاجى يەكەندە زىرىپ قارى ھاجى، شەمسىدىن داموللا، ئابلاخان سۇلتانبەگ قاتارلىق تۆت كىشىنى نەزەربەند قىلغان. 4 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، مەھمۇت سىجاڭ قول ئاستىدىكى غوپۇر تۈەنجاڭنى قاغىلىققا ئەۋەتىپ، سابىت داموللامنى قولغا ئالغان. خوجىنىياز ھاجى سابىت داموللام بىلەن زىرىپ قارى ھاجىنى ئاقسۇغا يالاپ ئېلىپ كېلىپ، شېڭ شىسەينىڭ ئاقسۇدىكىى قىسىملىرىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن.

سابىت داموللامنى شېڭ شىسەيگە تاپشۇرۇپ بېرىش بەدىلىگە خوجىنىياز ھاجى شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. لېكىن، ئۇ مەھمۇت سىجاڭ قوماندانلىقىدىكى مىللىي قىسىمنى قەشقەردە قالدۇرۇشنى شەرت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن، مەھمۇت سىجاڭ قەشقەردە شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىگە تەۋە بولغان ئالتىنچى دىۋىزىيىنىڭ (كېيىنچە يەتتىنچى دىۋىزىيىگە ئۆزگەرتىلگەن) سىجاڭى بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان ئورۇنغا ئىگە بولغان.

سابىت داموللام 1934 - يىلى شېڭ شىسەينىڭ ئۈرۈمچىدىكى تۈرمىسىگە قامالغان. خوجىنىياز ھاجىمۇ 1937 - يىل 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى << ياپۇن جاھانگىرلىكىنىڭ قۇيرۇقى >> دېگەن تۆھمەت بىلەن شېڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ زىندانغا تاشلانغان . خوجىنىياز ھاجى 1938 - يىلى سىتالىن ھۆكۈمىتى تەرپىدىن تەربىيىلىنىپ ئۈرۈمچىگە - شېڭ شىسەيگە ياردەمگە ئەۋەتىلگەن ھاشىم ھاجى دېگەن كىشى تەرىپىدىن سىرتماقتا بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن . خوجىنىياز ھاجى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، كىشىلەر سابىت داموللامنىمۇ ئۆلتۈرۈلۈپ بولدى دەپ قاراشقان. لېكىن، سابىت داموللام 1940 - يىلىغا كەلگىچە ھايات ساقلانغان. 1940 - يىلى ئۈرۈمچى ئىككىنچى تۈرمىنىڭ باشلىقى لۇ بىندى ئىسىملىك خۇيزۇ سابىت داموللام بىلەن تونۇشۇپ قالغان. لۇ بىندى سابىت داموللامنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئۇنىڭغا << قۇرئان كەرىم >> بىلەن قەغەز - قەلەم ئەكىرىپ بەرگەن ھەم سابىت داموللامنىڭ ياشاش مۇھىتىنى ياخشىلاپ بەرگەن. شۇ كۈندىن باشلاپ، سابىت داموللام << قۇرئان كەرىم >> نى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە - تەفسىر قىلىشقا كىرىشكەن. ئون ئايغا يەتمىگەن ۋاقىتتا، ئۇ تەرجىمە - تەفسىرىنى تولۇق تاماملىغان.

سابىت داموللا << قۇرئان كەرىم >> نىڭ تەرجىمە - تەفسىرنى تاماملاپ ئۇزۇن ئۆتمەي، يەنى 1941 - يىلى ئەللىك سەككىز يىشىدا ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلغان.
مەنزىل: شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى تەرپىدىن نەشىر قىلىنغان< <مەمتىلى ئەپەندى >> ناملىق كىتاب .

0998ۋارىس

باش سۇرەت ئۆزگەر

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36506
يازما سانى: 284
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16059
تۆھپە نۇمۇرى: 1049
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2014-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-21 05:38:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتاقلىق ئالىم ئابدۇلھەكىم مەخسۇم
ئابدۇلھەكىم خان مەخسۇمنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 12 يىللىقىنى ئەسلەيمىز. جانابى اﷲ دىن ئابدۇلھەكىم مەخسۇمھاجىم ۋە ئاتىسى ئابدۇلجېلىل داموللاھاجىملارنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەت قىلىپ بېرىشىنى تىلەيمىز
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئۇستازى، يىتوك ئالىمى ئابدۇلھەكىم مەخسۇم 1925 - يىلى دىيارىمىزنىڭ گۇما ناھىيىسىدە ئۆز ۋاقتىدا ھەممىگە تونۇلغان ۋەتەن، مىللەتكە سادىق دىنى زات ئابدۇجىلىل داموللاھاجىم ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىم سەزگۈرەشتىلىرىنىڭ مۇقەددىمىسىنى يەنىلا بىز ئۇنىڭ دادىسى ئابدۇلجېلىل داموللاھاجىمنىڭ ھايات قىسسىلىرىنىڭ داۋامى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىمىز.

ئۆز دەۋرىدىكى سىياسىي زومىگەر شىڭ شىسەينىڭ چىرىك تۈزۈمىگە قارىشى چىققان بارلىق ۋەتەنپەرۋەر، ئېتىقادىغا سادىق كىشىلەر ئۈچۈن ئۆز ۋەتىنىنىڭ تار كىلىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت بىر پايدىسىز شارائىتنىڭ مىنۇتسىرى قىستاپ كىلىۋاتقانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان ئابدۇلجېلېل داموللام ، ئوغلى ئابدۇلھەكىم مەخسۇمنى ئۆزى بىلەن بىرگە ئېلىپ ئافغانىستانغا چىققان ۋە 1936 - يىلى مەككە مۇكەررەمەگە كىلىپ، ھەج پائالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، بىر قىسىم مەسلەكداشلىرىنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن ۋەتەنگە قايتقان. بىراق، جاللات شىڭ شسەينىڭ يالاڭ تۆشلىرى تەرىپىدىن ئابدۇلجېلىل داموللاھاجىم ئەمدىلا 11 ياشقا كىرگەن ئوغلى ئابدۇلھەكىم بىلەن بىرگە تۈرمىگە تاشلانغان.
1937 - يىلدىن 1932 - يىلىغىچە بولغان 5 يىل جەريانىدا شىڭ سىسەي ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرى تەرىپىدىن 250 مىڭدىن ئارتۇق سىياسىي مەھبۇس قاماققا ئېلىنغان ۋە ھەر خىل ئوسۇللار ئارقىلىق قەتلى قىلىنغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە شۇ دەۋرنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىگە نىسبەتەن ئەڭ خەتەرلىك سانالغان ئابدۇلجېلىل داموللاھاجىممۇ شەھىد قىلىنغان. ياش ئېتىبارى بىلەن تۇلىمۇ كىچىك دەپ قارالغان ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىم بۇ قېتىم ئۆلۈمدىن قوتۇلۇپ قالغان. 1933 ـيىلى شىمالدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋى پارتىلىغاندىن كېيىن، قاغىلىق، پوسكام ۋە تاشقۇرغان قاتارلىق رايۇنلاردا يېلىنجىشقا باشلىغان ئىنقىلاب سېپىگە كۆپ ساندىكى مەسلەكداشلىرى قاتارى ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشقان. روسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاستە ئارىلىشىشى بىلەن، ئېچىنىشلىق ئاخىرلاشقان بۇ كۆرەش ئابدۇلھەكىم مەخسۇمنىڭ 1936 - يىلىدىن 1938 ـيىلىغىچە بولغان ئىككىنچى قېتىم مەھبۇس بولۇپ تۈرمىگە تاشلىنىشىغا ۋە ئىنتايىن ئېغىر ئازاب - ئوقۇبەتلەرنى تارتىشىغا سەۋەب بولۇپ قالغان. 1938 - يىلى قورۇلغان قورچاق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئۇنى قاماقتىن بوشاتقان. ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىم تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، مىللەتنىڭ مەغلۇبىيىتى جاھالەتتىن باشقا نەرسىدە ئەمەس دېگەن تونۇشقا كىلىپ، قاغىلىقتا بىر دىنى مەكتەپ ئاچقان ۋە بۇ يەردە بىر تەرەپتىن ئوقۇغۇچىلىرىغا دىنى تەلىماتلارنى بىرىشكە باشلىغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن مىللەتنىڭ ئومۇمىي تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك جىددى مەسىلىلەر بويىچە ئوقۇغۇچىلىرىغا ئاشكار - يۈشۇرۇن ئىشارىلەرنى بىرىپ كەلگەن. 1939 - يىلى جۇڭگۇ چوڭ قورۇقلىقىدا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن كومنىستىك پارتىيەگە تەۋە قىزىل ئارمىيە شۇ يىلى 10 - ئاينىڭ 13 - كۈنى دىيارىمىزغا يىتىپ كەلگەن ۋە ھاياتى دېگەندەك تىنچ ئۆتمىگەن ئابدۇلھەكىم مەخسۇمنى يۇشۇرۇن نەزەربەنىت ئاستىغا ئالغان. ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ئۆز قارمىقىدىكى مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا تەلىم بىرىشنى ئۆزلۈكسىز داۋاملاشتۇرغان. 1955 - يىلى خوتەن، قەشقەر قاتارلىق رايۇنلاردا ھۆكۈمەتكە قارشى ئىسيانلار بولۇپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئابدۇلھەكىم مەخسۇممۇ بۇ ئىسيانلارغا ئاۋاز قوشقان دېگەن قاراش بىلەن قولغا ئېلىنىپ، تۈرمىگە تاشلانغان. 1956 - يىلى نويابىر ئېيىنىڭ ئاخىرى ئابدۇلھەكىم مەخسۇم تۈرمىدىن بوشىتىلغان. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان مەخسۇمنىڭ بۇرۇنقى ئوقۇغۇچىلىرى يەنە ئۇنىڭ ئەتراپىغا توپلىنىشقا باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ئىسلام دىنى بويىچە تەلىم تەربىيە خىزمىتىنى قايتىدىن باشلىغان. 1957 ۋە 1958 - يىللىرى خوتەن، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا يۈز بەرگەن بىر قىسىم قوزغىلاڭلاردا باشلامچىلىق بىلەن رول ئوينىغان ياكى ئالدىنقى سېپىدە خىزمەت قىلىۋاتقانلارنىڭ يەنىلا ئابدۇلھەكىم مەخسۇمنىڭ تالىبلىرى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغاندىن كېيىن، مەخسۇمنىڭ دېنى مەكتىۋى دەرھال پىچەتلىنىپ، ئوقۇغۇچىلىرى تارقىتىۋېتىلگەن، مەكتەبنىڭ بارلىق مال - مۇلكى مۇسادىرە قىلىنغان. بۇ ئىشلاردىن كېيىن ئابدۇلھەكىم مەخسۇم نەزەربەنت ئاستىغا ئېلىنغان.

جۇڭگۇ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز دەۋرىدىكى جىنايى ئىشلار جازا قانۇنىدا، ئەڭ ئۇزۇن قاماققا ئېلىش مۇددىتى 20 يىل بولۇپ، ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىم 1959 - يىلى 12 - مارتتا 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 1979 - يىلى 12 - مارتتا تۈرمىدىن چىققان ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىم، ئارىدىن كۆپ ئۆتمەيلا، بىر قارىخانا ئاچقان. دىيارىمىزنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر، ئۆزبىك، قازاق، قىرغىز، تاتار قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ پەرزەنتلىرى ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىمنىڭ ئەتراپىغا كۈنسىرى توپلىنىپ، دىنى تەلىم - تەربىيە ئېلىشقا باشلىدى.
1959 - يىلدىن تاكى 1979 - يىلىغا قەدەر، مەسجىدلەرگە كىرىش، قۇرئان ئوقۇش، ۋەز - نەسىھەت، تەبلىغ قىلىش ھەتتا جىنازە نامىزىنى ئوقۇشقا قەدەر ئىشلارنىڭ ھەممىسى چەكلەندى. 1965 - يىلى 5 - ئايدىن 1975 - يىلى 10 - ئايغىچە داۋام قىلغان 10 يىللىق مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىن ئىبارەت ئىسمى چىرايلىق، ۋۇجۇدى بەد بەشىرە ئازازۇل ھەرىكەت يۇقىرىقى چەكلىمىلەرنىڭ ئەڭ ۋايىغا يەتكەن جەريانىنى تەشكىل قىلدى. ئابدۇلھەكىم مەخسۇمنىڭ مۇستەقىل نەزىرىيەسى بويىچە مىللەتنىڭ مىللى مەۋجۇتلىقى، ئۇنىڭ دىنى جەھەتتىكى سالاھىيىتىنى قانچىلىك ئېنىق بەلگۈلىيەلىشىدە ئىدى. ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ئۆزىنىڭ بۇ خىل نەزىرىيەلىرىنى قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەردىن مىساللارنى كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئىزاھلاشقا تىرىشاتتى. ئوقۇغۇچىلىرىغا بۈگۈنكى دەۋر ئىلىم - پېنى ھەققىدە يېڭى - يېڭى ئۇچۇرلارنى بىرىشنىمۇ ئونۇتمىغان ئىدى.

1980 - يىلىدىن كېيىن، جوڭگۇدا سىرتقا قارىتا ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتى يولغا قويۇلدى ۋە دىنى جەھەتتە ئەركىنلىك بارلىقى ئېلان قىلىندى. بۇ ئابدۇلھەكىم مەخسۇمنىڭ دىنى تەلىم - تەربىيەسى ئۈچۈن ئاجايىپ شەرت - شارائىتلارنى ھازىرلاپ بەردى. مەخسۇمنىڭ يۈزلەرچە تالىبلىرىنىڭ سانى مىڭلارچە بولۇپ كەتتى. ئىلىم ئەھلىنى ھامان چىن دىلىدىن سۈيىدىغان قارغىلىق خەلقى ئىككى ئېغىزلىق ئۆيىنىڭ بىرىنى مەخسۇمنىڭ يىراق - يېقىندىن كەلگەن تالىبلىرىغا ئېچىپ بىرىپ، ئۆزلىرىنىڭ تالىبلارغا بولغان ئىززەت ۋە ئىكراملىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئادا قىلىشقا تىرىشتى.
1985 - يىلى، يەنى 39 يىلدىن كېيىن، مەككە مۇكەررەمەگە ھەج قىلىش ئۈچۈن چىقتى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانى، تۈركىيە قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ھال ئەھۋاللىشىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆز يۈرتى قارغىلىققا قايتىپ كەلدى.

دىيارىمىزدا ئابدۇلھەكىم مەخسۇمھاجىمنىڭ تۈرتكىسىدە مىڭلارچە مەدرىسلەر مەيدانغا كەلدى، ئوخشىمىغان جايلاردا ئۇنىڭ تالىبلىرى بۇ ئىشنى بار كۈچى بىلەن جانلاندۇردى. بۇ 20 ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ دىنى ساھەدىكى ئەڭ جانلىنىش كەيپىياتىنى تەشكىل قىلدى. ئابدۇلھەكىم مەخسۇمنىڭ ھەر تەرەپتىن يىتوك بىر شەخس ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايدىڭ ھەقىقەتكە ئايلاندى. مەخسۇم ئۈرۈمچىگە كىلىپ ”خىزمەت“ قىلىشقا تەكلىپ قىلىنغاندا رەت قىلغان ئىدى. چۈنكى، ئۆزى كۆنۈككەن شەھەر، ئەجرىنى بېغىشلىغان تالىبلىرى، ئەل - جامائەت، قىسقىسى، بارلىقىنى زاۋۇت، فابرىكىلارنىڭ ئىس - تۈتەكلىرى قاپلىغان ئۈرۈمچى شەھرىگە قۇربان قىلىپ بېرىش مەخسۇم ئۈچۈن ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى. ئەمما، ئىسلام دىنى ئىنىستىتوتىدىكى دىيارىمىزنىڭ ھەر تەرىپىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلىمغا بولغان ئىشتىياقىلىرى، ئۇلارنىڭ مەخسۇمھاجىمغا بولغان ئىھتىياجلىرى مانا مەن دەپ كۆرۈنۈپ تۇرغان بولغاچقا، ھاياتىدا تەلىم - تەربىيەگە ھېچ نەرسىنى تىگىشىپ باقمىغان مەخسۇم ھاجىم 1987 - يىلىدىن باشلاپ، تاكى بارىن ئىنقىلاۋى يۈز بەرگەنگە قەدەر ئۈرۈمچى ئىسلام ئىنىستىتوتىدا دەرس بىرىپ كەلدى.
1990 - يىلقى بارىن ئىنقىلاۋىدىن كېيىن، مەخسۇمنىڭ دىنى مەدرىسىسى قايتىدىن پىچەتلەندى ۋە مەدرەسە مۈلكى مۇسادىرە قىلىندى، مەخسۇمھاجىممۇ نازارەت ئاستىغا ئېلىندى. چۈنكى، بارىن ئىنقىلاۋىنىڭ ئالدى - كەينىدە مەخسۇمھاجىمنىڭ تالىبلىرىمۇ مۇئەييەن دەرىجىدە ئورۇن تۇتقان ئىدى.

ھاياتى ئاددى - ساددا، ئەمما مەنىۋى دۇنياسى تۇلىمۇ باي ئۆتكەن ئابدۇلھەكىم مەخسۇمھاجىم، بارلىغىنى تەلىم - تەربىيەگە بېغىشلىدى. مەيلى تۈرمىدە بولسۇن ياكى جەمىئىيەتتە بولسۇن، بەش ۋاقت نامىزىنى تاشلىمىدى، باشقىلارغا بىرىدىغان تەلىم - تەربىيىسىنى ئىمكانىيىتىنىڭ يىتىشىچە داۋاملاشتۇردى. شۇڭىمۇ خەلقىمىز مەخسۇمنىڭ شان - شەرىپى، ئىززەت - ھۆرمىتىنى ھامان ھەممىنىڭ ئۈستىگە قويدى. ئۇنى دىيارىمىزنىڭ نەرىگىلا بارمىسۇن، بېشىغا ئېلىپ كۆتۈردى...
مەرھۇم 1993 - يىلى 6 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، ناماز شامغا تاھارەت ئېلىپ، نامازغا تۇرىدىغان چاغدا باقى ئالەمگە سەپەر قىلدى. مەرھۇمنىڭ ۋاپات خەۋىرى تامامىي ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى قاتتىق قايغۇغا سالدى. گەرچە، مەخسۇمنىڭ نامىزىنى چىقىرىدىغان كۈنى، قاغىلىققا كىرىدىغان قاتناش يوللىرى توسۇلۇپ قالغان بولسىمۇ، يەنىلا ئون مىڭلىغان كىشىلەر ئۇنىڭ نامىزىغا قاتناشتى.... شۇنداق ئابدۇلھەكىم ئابدۇلجېلىل مەخسۇمھاجىم ۋاپات بولدى، بىراق، ئۇنىڭ مىڭلىغان تالىبلىرى دىيارىمىز مۇسۇلمانلىرىنىڭ كۆپ قاتلاملىق خاراكتىرگە ئىگە ھىمايىچىلىرىگە ئايلاندى. مەيلى ۋەتەن ئىچى ياكى سىرتىدا بولسۇن، ئۇلار ھامان خەلقىمىزنىڭ دىنى ئېتىقادىغا، مىللىي مەنپەئەتلىرىگە ساھىب چىقتى. خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا ئۇيغۇر خەلقى بىلەن ھامان بىر سەپتە تۇرۇپ، ئۇلار بىلەن تەڭ كۈلۈپ، تەڭ يىغلىدى. ئۇلار كىم ۋە قەيەردە بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ئىمكانى يار بەرگەن ھەرقانداق خىزمەتتىن باش تارتمىدى. ئۇلارنىڭ تەقدىرى قىسمەتلىرى گەرچە تۇز سۈيىدەك ئاچچىق ئۆتكەن بولسىمۇ، اﷲ دىن باشقا ھېچكىمگە ۋايسىمىدى، ھېچكىمدىن باشپاناھلىق تىلىمىدى..... مانا بۇلار مەخسۇم ھاجىم روھىنىڭ ئۇنىڭ تالىبلىرىدا يېتىلىۋاتقان ئىنتايىن ئاز بىر قىسمى ئىدى.
جانابى اﷲ دىن ئابدۇلھەكىم مەخسۇمھاجىم ۋە ئاتىسى ئابدۇلجېلىل داموللاھاجىملارنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەت قىلىپ بېرىشىنى، قىلغان ئەمەللىرىنى سەدىقە جارىيە (يەنى ساۋابى ئۈزۈلمەي يىتىپ تۇرىدىغان سەدىقە) قاتارىدا قوبۇل قىلىشىنى تىلەيمىز، ئامىن! اﷲ ئۇلارنىڭ مىڭلارچە تالىبلىرىنى ئىككى دۇنيا بەخت – سائادىتىگە ئىرىشتۈرگەي! ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن مىڭلارچە مەخسۇمھاجىملارنى يىتىشتۇرۈپ، دىنىمىزنىڭ اﷲ كۆرسەتكەن پرىنسىپلىرىنى تولۇق ئادا قىلىشقا مۇۋەپپەق ۋە مۇيەسسەر قىلغاي! ئامىن!!!!

0998ۋارىس

باش سۇرەت ئۆزگەر

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36506
يازما سانى: 284
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16059
تۆھپە نۇمۇرى: 1049
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2014-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-21 05:46:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
:سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر خەتتات

پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ قىبلىسى بولغان ئۇلۇغ كەبىنىڭ ئالتۇن ئىشىكىگە ئالتۇن بىلەن يېزىلغان خۇشخەتلەرئارىسىدا« ئابدۇرېھىم ئەمىن »دېگەن ئىسىم ھېلىھەم كۆزۈمىزگە چېلىقىدۇ. بۇ بىز سۆزىنى قىلىۋاتقان بىر ئۇيغۇر خەتتاتنىڭ نامى ئىدى. پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ قەلبى تەلپۈنۈپ تۇرىدىغان ۋە ناماز ھە م دۇئالىرىدا ئۇنىڭغا يۈزلىنىدىغان ئۇلۇغۋار قىبلىسى - كەبىنىڭ ھەر كۈنى مىڭلارچە كىشى قوللىرى بىلەن ئېسىلىپ، يۈزلىرىگە سۈرۈتۈپ كېلىۋاتقان ئالتۇن ئىشىكىگە بىر ئۇيغۇرنىڭ نامى يېزىلغانلىقى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەقىقەتەن پەخىرلىنىشكە تېگىشلىك كاتتا ئىشتۇر.
ئابدۇرېھىم ئەمىن ھاجىم ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قارغىلىق ناھىيىسىدىن بولۇپ، خەتتاتلىقنى مەككە شەھىرىدە ئۆگەنگەن ۋە 1962- يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە كەبىنىڭ يوپۇغىنى توقۇش مەخسۇس فابرىكىسى قۇرۇلغاندىن بىرى بۇ مۇئەسسەسەنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن ئىكەن.

ئابدۇرېھىم ئەمىن ھاجىم كەبىنىڭ 280 كىلو ساپ ئالتۇندىن ياسالغان ئىشىكىدىكى خۇشخەتلەرنى يازغان خەتتاتنىڭ ئۆزى ئىدى.
سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق مۇھەممەد قاسىم ھاجىم مۇنداق دەيدۇ: « خەتتات ئابدۇرېھىم ئەمىن 1925- يىلى قارغىلىقتىن بىر كىشىنىڭ ھەمراھلىقىدا سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كېلىپ، مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە «دارۇلئەيتام»دا ئوقۇغان. 1938 –يىلى مەككىگە كېلىپ يەرلەشكەن. ئۇ مەككىدە بىر ئۇستىنىڭ يېنىدا تىكىشچىلىككە شاگىرتلىققا كىرىپ تىكىشنى ئۆگەنگەن. بىز 1950- يىللىرى مەككىگە كەلگىنىمىزدە، مەككىنىڭ قەدىم كوچىلىرىدىن «بۇخارىي كوچىسى»دەپ ئاتىلىدىغان كوچىدا بىر قانچە ئۇيغۇرنىڭ دۇكىنى بولۇپ، شۇ دۇكانلارنىڭ يېنىدىكى بىر تىكىش دۇكىنىدا تىكىشچىلىك قىلىپ ئولتۇرغىنىنى كۆرگەن ئىدىم. شۇنىڭدىن 10 ياكى 15 يىل كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى شۇ ۋاقىتتىكى مىسىر رەئىسى جامال ئابدۇنناسىر بىلەن ئارىسى بۇزۇلغانلىق سەۋەب بىلەن تارىختىن بىرى مىسىردىن كېلىۋاتقان كەبىنىڭ يوپۇغىنى مەككىگە ئېلىپ كېلىشتىن توسقان ۋە كەبىنىڭ يوپۇغىنى ئۆزىمىز توقۇيمىز دېگەن مەقسەت بىلەن مەككىنىڭ ھازىرقى كونا جىددە يولىدا «كەبىنىڭ يوپۇغىنى توقۇش فابرىكىسى» نى قۇرۇپ چىققان. ئابدۇرېھىم ئەمىن سەئۇدى ئەرەبىستانى تەۋەسىدەئۇستا خەتتات بولۇپ تونۇلغانلىقتىن،ئۇ مەزكۇر فابرىكىدا كەبىنىڭ يوپۇغىغا خۇسنىخەتلەرنى يېزىش ئىشلىرىغا تەيىنلەنگەن. كېيىنچە شۇ فابرىكىنىڭ باشلىقى بولغان.»
سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى «ئىسلام دۇنياسى ئىتتىپاقى»دا خەلقئارا ئىسلام قۇرۇلتايلىرىنى بېكىتىش ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلەپ كېلىۋاتقان ۋەتەنپەرۋەر ئۇستاز رەھمەتۇللا ئەنايەتۇللانىڭ ئېيتىشىچە: ئابدۇرېھىم ھاجىم 1980- يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سابىق رەئىسى ئىسمائىل ئەھمەد سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كەلگەندە، ئىسمايىل ئەھمەد بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۇزىنىڭ قارغىلىقتىن ئىكەنلىكىنى ۋە بەزى كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىكەن.

«ھەرەمدىكى مەشھۇر ئۇيغۇرلار»دىگەن ماقالىلارنى يازغان ئەھمەد مۆمىن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە: ئابدۇرېھىم ھاجىم ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىگە ئانچە كۆپ ئارىلىشىپ كەتمەيدىغان كىشى بولغانلىقتىن كۆپ ئۇيغۇرلار ئۇنىڭ ھەققىدە بىر نەرسە بىلمەيدىكەن.
ئابدۇلئەزىز يۇنۇس ھاجىم مۇنداق دەيدۇ:« ئابدۇرېھىم ئەمىن زەگەرلىكتە بىرىنچى، توقۇمىچىلىقتا بىرىنچى ۋە خەتتاتلىقتا بىرىنچى بولغان ئادەم ئىكەن. سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى قرالى ئابدۇلئەزىز كەبىنىڭ ئىشىكىنى ئالتۇندىن قىلىش ۋە يوپۇقنى يېڭىلاشنى قارار قىلغان بولۇپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا پۈتۈپ چىقىدۇ. بۇنى كۆرگەن قرال بۇلارنى كىمنىڭ قىلغانلىقىنى سۈرۈشتە قىلىپ خەتتات ئابدۇرېھىمنى ھۇزۇرىغا چاقىرتىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن مەمنۇن بولۇپ، قانداقلا ھاجىتى بولسا راۋا قىلىپ بېرىشنى ئېيتقاندا، ئابدۇرېھىم ئەمىن، «مېنىڭ ئىسمىم كەبىنىڭ ئىشىكىگە يېزىلىپ قالسا»دىگەن تەلەپنى قويىدۇ. قرال بۇ ئادەمنىڭ ئېسىللىكىدىن تەسىرلىنىپ تەلىبىنى دەرھال قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئىسمى كەبىنىڭ ئىشىكىگە يېزىلىپ قالىدۇ. كېيىنچە ئابدۇرېھىم ئەمىن 300 دىن كۆپرەك ئادەم ئىشلەيدىغان«كەبىنىڭ يوپۇغىنى توقۇش فابرىكىسىى»غا باشلىق بولۇپ تەيىنلىنىدۇ. شۇنىڭدىن 30- 40 يىللار كېيىن ئابدۇرېھىم ئەمىن كېسەل سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولىدۇ».

ئەھمەد مۆمىن ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: «مەن بۇ كىشىنى 1980- يىلىنىڭ باشلىرىدا ئىستانبۇلنىڭ لالەلى دىگەن يېرىدىكى بىر مېھمان كۈتۈشتە كۆرگەن ئىدىم. ئۇ ۋاقىتتا بۇ كىشى 60 بىلەن 65 ياشلار ئارىسىدا ئىدى. شۇ چاغدا يېنىدا 8-10 ياشلار ئارىسىدىكى بىر بۇغداي ئۆڭلۈك قىزى بار ئىدى. ئۇ كىشىنىڭ پەرزەنتى بولمىغانلىقتىن بۇ قىزنى بىر ئەرەبتىن بېقىۋالغان ئىكەن. مەن ئۇ قىزدىن ۇيغۇرچە ئۇسسۇل ئويناپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىۋىدىم. شۇنچە چىرايلىق ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل ئويناپ بەردى»

بۇنىڭدىن ئابدۇرېھىم ھاجىمنىڭ مىللىي غۇرۇرى كۈچلۈك بىر كىشى ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىش ئانچە قىيىن ئەمەس. چۈنكى ئەرەبتىن بېقىۋالغان بىر قىزنىڭ ئۇيغۇرچە پاراڭغا جاۋاب بېرەلىشى ۋە ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل ئوينىيالىشى ئۇنىڭ ئائىلە تەربىيىسىدىن كېلىپ چىققان بىر ئىش. ئۇنىڭ ئۈستىگە 1980 – يىللاردا سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئانا ۋەتەندىكىلەرنىڭ قارام – قاتناشلىرى ئەمدىلا باشلانغان بىر ۋاقىت ئىدى. شۇ ۋاقىتلاردا بۇ جايدىكىلەر ھازىرقىدەك كۆپ ئۇيغۇرنى ئۇچرىتالمايتتى. ھازىرقىدەك سىنئالغۇ ئەسۋابلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرچە ئۇسسۇللارنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىمۇ يوق ئىدى. دىمەك بۇ ئەرەب قىزىغا ئۇيغۇر تىلىنى ۋەئۇيغۇرچە ئۇسسۇل ئويناشنى ئابدۇرېھىم ھاجىم بىلەن ئايالىنىڭ ئۆگەتكەنلىكى ئېنىق.

ئابدۇرېھىم ئەمىن ھاجىم كېيىن يەنە بىر ئوغۇل بالا بېقىۋالغان ئىكەن. ھازىر ئابدۇرېھىم ھاجىملارنىڭ مەككىدىكى چوڭ ئۆيىدە شۇ ئىككى بېقىۋالغان پەرزەنتلىرى ئولتۇرماقتا ئىكەن.
خەتتات ئابدۇرېھىم ئەمىن ھاجىم 1993- يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە ۋاپات بولغان ئىكەن.

مەنبە:مەرىپەت مۇنبىرى.

0998ۋارىس

باش سۇرەت ئۆزگەر

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36506
يازما سانى: 284
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16059
تۆھپە نۇمۇرى: 1049
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2014-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-21 05:50:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
.ۋەتەنپەرۋەر شائىرىمىز ئابدۇلئەزىز مەخسۇم

ئۇلۇغ پەيغەمبىرىم چەككەن جاھاندا ئۈممىتىم دەپ غەم.
ئۇنىڭ بىر ئۈممىتى زىنداندا ياتقاي مىللىتىم دەپ ھەم

كىشىلەر قەلبىنى ھاياجانغا سالغۇچى ئۆتكۈر شىئىر-غەزەللىرى، ئىگىلمەس-سۇنماس پىداكارانە روھى ئارقىلىق بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر پەرزەنتىلىرىنىڭ تىللىردا داستان بولۇپ كىلىۋاتقان ئىنقىلابى ۋەتەنپەرۋەر شائىرىمىز ئابدۇلئەزىز مەخسۇم، 1894-يىلى ئۇيغۇر يىڭىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ بايراقدارى، جامائەت ئەربابى، يىتىشكەن ئالىم، شۇنداقلا يىڭى زامان ئۇيغۇر مائارىپىغا ئاساس سالغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان ئابدۇلقادىر ئابدۇلۋارىس(تەخەللۇسى: غازى) داموللامنىڭ ئائىلىسىدە ئاتۇشتا دۇنياغا كەلدى.

ئابدۇلئەزىز مەخسۇم ئاتىسى ئابدۇلقادىر داموللامنىڭ ئائىلە تەربىيەسى بىلەن باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى قەشقەر شەھرىدە پۈتتۈردى. بۇ جەرياندا داموللام ۋە باشقا بىر قىسىم ئۇستازلاردىن ئەرەپ، پارىس تىللىرىنى ئۈگەندى.
ئۇنىڭدىن كىيىن ئابدۇلقادىر داموللام ئوغلى ئابدۇلئەزىز مەخسۇمنى چەتئەلدىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا تەربىيلەش مەقسىتىدە ھىندىستانغا ئەۋەتىدۇ.
20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدا ئابدۇلئەزىز مەخسۇم ھىندىستاندا ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى باشلايدۇ.
ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىق مەزگىلى ھىندىستان خەلقىنىڭ ئەنگىلىيە جاھانگىرلىكىگە قارشى ئىلىپ بىرىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك كۆرەش جەريانىغا توغرا كىلىدۇ.
ئابدۇلئەزىز مەخسۇم ھۆرلۈك، ئەركىنلىكنى ئۆزلىرىنىڭ ئالىي نىشانى قىلغان بۇ خىل پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىدۇ.
ئىزىلگەن ھىندىستان خەلقىنىڭ زۇلۇمغا قارشى ئىلىپ بارغان كۆرەش سەپلىرىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالىدۇ.

1924-يىل 8-ئايدا مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ يوشۇرۇن پىلانلىشى، ساتقىن مۇناپىقلارنىڭ قوللىشى بىلەن ئابدۇلقادىر داموللام ئۆزىنىڭ قەشقەر شەھەر كونائوردادىكى كۈتۈپخانىسىدا رەھىمسىزلەرچە قەتلى قىلىنىدۇ.
شۇ يىلى كۈز مەزگىلىدە بۇ شۇم خەۋەردىن، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بىشىغا كەلگەن پاجىئەدىن خەۋەر تاپقان ئابدۇلئەزىز مەخسۇم دادىسىنىڭ قاتىلىنى، توغرىسى ئۇيغۇر يىڭى مائارىپى ئىسلاھات ھەركىتىنىڭ قاتىلىنى تىپىپ، خەلقتىن ئىبارەت بۇ ئادىل سوت مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ ھىندىستاندىن ئانا ۋەتىنىگە قايتىپ كىلىدۇ.
ئەپسۇسكى، مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ كۆپ تەرەپلىك توسقۇنلىقى بىلەن ئۇ ئاچقان داۋا ئۈنۈمسىز ئاخىرلىشىدۇ.
  
ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ۋەتەننىڭ ئازاتلىقى ۋە ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئاتىغان ئابدۇلئەزىز مەخسۇمنىڭ 1920-يىللاردىن باشلاپ شېئىر يىزىشقا باشلىغانلىقى مەلۇم.
ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت سەمەرلىرىگە ئىتىقاد نوختىدىن قاراشنى ئۆزىنىڭ مۇتلەق سۆيگۈسىنى، بارلىقىنى ۋەتەننى، خەلقىنى، ياشلارنى، ئۆزىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى، ئار-نۇمۇسىنى، مەدەنىي مىراسلىرىنى، ئىتىقادىنى، ئومۇمەن، ۋەتەن-مىللەتكە بولغان ئىخلاسنى بىر مىنۇتمۇ ئۇنۇتمىغان شائىر، ئانا تۇپراقنى مۇستەملىكىچىلەرنىڭ تۆمۈر تاپىنىدىن تارتىپ چىقىرىش ئۇچۇن كۆرەشكە چاقىرىشتىن، جەننەت مىسالى گۈزەل ۋەتىنىنىڭ تەبىئى مەنزىرلەرىنى تەسۋىرلەشتىن، رەقىپلەرىگە نەپرەت ياغدۇرۇشتىن باشقىغا ئىشەنمىدى.
شائىرنىڭ ۋەتەنگە بولغان مۇھەببىتى، رەقىپلەرىگە بولغان نەپرىتىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولسا، كۆرەشتىكى سەۋىرچانلىقى، پىداكارلىقى، ئىسيانكارلىقىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى.
قاراڭغۇ تۈرمە، زەي زىندان، ئىغىر جىسمانىي ئەمگەك بۇ ئىتىقادلىق ئىنساننىڭ گىگانت گەۋدىسىنى ھۆرلۈك دەۋاسىدىن، ئىتىقادىدىن ۋاز كىچىشكە كۆندۈرەلمىدى.  

مىللەتنى ئويغۇتۇش، يىڭىلىققا ئىنتىلدۈرۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، خائىنلارنى قامچىلاش، زۇلۇمغا قارشى كۆرەشكە چاقىرىش، ئىنسانىيەت كىشىلىك ھوقوقىنى قوغداش-شائىر ئابدۇلئەزىز مەخسۇم شىئىرلىرىنىڭ مەركىزى تىمىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇستەبىت ھاكىمىيەتنى رەھىمسىزلەرچە قامچىلاپ تەنقىدلىگەن.
شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن بىز شائىرنىڭ شىئىرلىرىدىن تەكلىماكان ئەھلىنىڭ جىددى تەشۋىشلىرى ۋە  ئۈمىت ئىشەنچىلىرىدىن يۇغۇرۇلغان بىر غىرىپ كۈينىڭ يۈرەكنى لەززىگە سالىدىغان ياڭراق مۇزىكىسىنى ئاڭلىغاندەك بولىمىز.

ئابدۇلئەزىز مەخسۇم ياڭ زىڭشىن دەۋرىدىن باشلاپ(1914-1924)، جىن شۇرىن(1924-1933)، شىڭ سىسەي (1933-1944)، گومىنداڭ ھاكىمىيىتى(1944-1949) دەۋرلىرىدە ۋە ئازاتلىقتىن كېيىنكى تۈرلۈك «سولچىل سىياسىي ھەرىكەتلەر»(1949-؟) ئەۋج ئالغان مەزگىللەردە بولۇپ، چەتئەلدىن قايتىپ كەلگەندىن كىيىنكى 58 يىللىق ھاياتىنىڭ 43 يىلدىن كۆپرەكىنى تۇرمەلەردە ئۆتكۈزگەن ئىدى.  
شائىرنىڭ تازا جاسارەتكە تولغان چاغلىرى مىڭلىغان ئۇيغۇر ئەزىمەتلىرىنى چىرىتىپ تۈگەتكەن قاراڭغۇ كامىرلاردا، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانلىرىدا ئۆتتى.

1980-يىلى كۈز ئايلىرىدا شائىرنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقى ۋە كىسەل ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ ھۆكۈمەت ئابدۇلئەزىز مەخسۇمنى تۈرمىدىن قويۇپ بەردى.

ئابدۇلئەزىز مەخسۇمنىڭ تۈرمىدىن چىققانلىقىنى ئاڭلىغان ئانايۇرت خەلقى، قەيەرگىلا بارسا شائىرنى بىشىدا كۆتۈردى، چەكسىز ئىززەت-ئىكرام، ھۆرمەت-ئىھتىرام بىلەن قارشى ئالدى.  
شائىر ئابدۇلئەزىز مەخسۇم قەشقەر، كۇچار، غۇلجا قاتارلىق جايلاردا بىر قاتار زىيارەتتە بولغاندىن كىيىن، ئۈرۈمچىگە كىلىپ يەرلىشىدۇ.  
ئابدۇلئەزىز مەخسۇم 1982-يىلى 8-ئايدا ئۆزىنىڭ پۈتكۈل ھاياتىنى ئانا ۋەتىنى ئۈچۈن، خەلق بىلەن كۈيىنى بىللە كۈيلەپ، يىغىسىنى تەڭ يىغلاپ، كۈلكىسىنى تەڭ كۈلۈپ ئۆتكەن بۇ جاسارەتلىك ئىنسان، قانداقتۇر ھىچ كىشى چۈشۈنەلمەيدىغان، ئەقىلگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان، ئاتالمىش «پويىز ۋەقەسى»دە، ئۈرۈمچىدە ئۆزى ئۈچۈن ھاياتىدا كىچىككىنە بىر خۇۋلۇق كۆرسەتمىگەن بۇ دۇنيادىن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى.
ئىنقىلابى شائىر، مەشھۇر جامائەت ئەربابى ئابدۇلئەزىز مەخسۇم بىر دىنى ئالىم بولۇش سۈپىتى بىلەن:

<<ۋەتەن ۋە مىللەتنى سۆيمەك ئەھلى ئىسلام شانىدۇر.  
بۇ ھەقىقەت، بۇ ئادالەت تەڭرىنىڭ پەرمانىدۇر.>>  

دىگەندەك جاراڭلىق مىسرالىرى بىلەن ۋەتەنپەرۋەرلىك ساداسىنى ياڭرىتىدۇ. ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ ھەقىقى ئۈلگىسىنى يارىتىدۇ.
ئابدۇلئەزىز مەخسۇم ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلبىدە ئۆلمىدى، ئۇ مىليونلىغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ كۆرەش يولىدىكى نامايەندىسىگە ئايلاندى.
  
ياشلارغا مەدھىيە

ئابدۇلئەزىز مەخسۇم (ئەزىزى)

ياشلىق ئۆمۈرنىڭ ئەڭ گۈزەل چاغى،
قاينام ھاياتنىڭ بەك كۆركەم باغى،
ھۆرلۈك-بۇ گۈلزار باغنىڭ مىۋىسى،
ۋىجدان-تېنىدۇر. ھىممەت-ياپراغى.

ياشلىق زور نىئمەت بۈيۈك غەنىمەت
بۇ غەنىمەتنىڭ قەدرى بەك قىممەت
مىللەت-ۋەتەنگە تەقدىم قىلغاندا
ئىرۇر ئەڭ شانۇ-شەرەپلىك ھىممەت

ھەر كۈن تارىخدىن ئۇچار بىر ياپراق
ھايات شىخىدىن چۈشەر بىر ياپراق
ياشلىق دەۋرانى-شوخلۇق جەريانى
شۇل ھايات ئۈچۈن ئەڭ خۇشبۇي پۇراق

ياشلىق بىر ياقتىن ئۆتكۈر كەسكىنلىك
جۇنۇن ئارىلاش شوخلۇق ئەركىنلىك
سۇندۇرالمايدۇ ياشلىق روھىنى
تۈرلى خام-خىيال قىسمەن قىيىنچىلىق

ئوتتەك يالقۇنلاپ ياشلىق مەزگىلى
ئىچىلىپ تۇرغاي خۇش ھىدلىق گۈلى
ئەڭ شانۇ-شەرەپ ھەر بىر ياش بىلسۇن
ۋەتەن مىللەتنىڭ ئۆتكۈر بۇلبۇلى

ياشلىق ھاياتنىڭ شەرەپ-شانلىرى
ياشلار مىللەتنىڭ ئارسىلانلىرى
ۋىجدانلىق ياشلار ھەققانىيەتلىك
جەڭ مەيدانلىرىنىڭ قەھرىمانلىرى

ۋىجدان ئەسلىتەر مەقسەت نىشاننى
چىقىرىپ تاشلار قۇرۇق ئارماننى
ئەركىن ئازاتلىق يولىدا ۋىجدان
كۆزلەر ھەققانى كۆرەش مەيداننى

ياشلىق جەريانى مەۋسۇمى باھار
كۆڭۈللۈك گۈزەل رەڭگارەڭ گۈلزار
تىخىمۇ ياشناپ تىخىمۇ گۈللەپ
بولۇر بۇ گۈلزار ياشاشقا مادار

ياشلىق ھاياتنىڭ كۆركەم زامانى
شانۇ-شەۋكەتلىك گۈزەل دەۋرانى
يالقۇنلاپ تۇرغاي ئەزىز ياشلارنىڭ
ئوتلۇق يۈرەكى ئۆتكۈر ۋىجدانى

ياشلار ئىلكىگە قەلەم ئالغاندا
تىرەن ئىلھاملار كىلەر يازغاندا
بايراق كۆتۈرۈپ جەڭگە ئاتلانسا
چاقماق چاقتۇرار قىزىل مەيداندا

ياشلار جىسمانى قابىلىيەتلىك
روھى جىسمانى ئۆتكۈر خىسلەتلىك
بولسۇن ياشلاردا مىللى ھىسيات
بولسۇن شۇ چاغ زور پەزىلەتلىك

ياشلىق گۈللىرى نىمىدىن ئىبارەت
يەنى ۋىجدانى ھىممەت جاسارەت
ۋەتەنگە كۆيۈش مىللەتنى سۆيۈش
شۇ خۇشبۇي گۈللەر ئۈچۈن بىشارەت

بولسۇن ھەربىر ياش ئالىي نىيەتلىك
دىن ۋە دىيانەت ھەققانىيەتلىك
مىللىتى ئۈچۈن بولۇر ئىپتىخار
ۋىجدان ئىگىسى ئىنسانىيەتلىك

يۈزۈڭلارنى ياخشى ئاقلاڭلار
تارىخىڭلارنى ئوبدان ساقلاڭلار
ۋەتەن مىللەتنى جان دىلدىن ئاسراپ
ھەققانىي يولنى دائىم ياقلاڭلار

ئەزىز ياشلىرىم بولۇپ مەردانە
ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن كۆيۈپ پەرۋانە
قۇرۇق ئوي بىلەن خام تەمە قىلىپ
بولۇپ قالماڭلار ھەيران ۋەيرانە

ئەزىز ياشلىرىم غەييۇر ئارسىلان
ياۋلارغا قارشى جەسۇر قەھرىمان
باسقان ئىزىدىن يانماس ئوت يۈرەك
قىرىنداشلىرى ئۈچۈن دائىم مىھرىبان

ئەزىز ياشلىرىم ئۆتكۈر ۋىجدانلىق
ئىسلام دىنىنى سۆيىدۇ ئىمانلىق
مەھكەم ئىرادە قەيسەر نىشانلىق
مانا شۇ ئۆلگە تولۇق ۋىجدانلىق

ئەزىز ياشلىرىم بولسۇن بەختىيار
دىگەن تىلەكتە غايەت ئۈمىدۋار
بولغاچ <<ئەزىزى>> ياشلار شەنىگە
يىزىپ ئەسەر قىلىندى يادىكار

0998ۋارىس
ئۇيغۇرت بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-21 05:56:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش