ساغلاملىقىڭىزنى ھەم جەلىپكارلىقىڭىزنى ئاشۇرىدىغان يېمەكلىكلەر
ساغلام،ياش ھەم چىرايلىق بولۇش ئۈچۈن كىيىنىشكە ئەھمىيەت بېرىپلا قالماستىن ،يېمەكلىككىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك.تۆۋەندىكى ئالتە خىل يېمەكلىك سىزنى تېخىمۇ ساغلام ۋە جەلىپكار قىلىدۇ:
1)بېلىق گۆشى تېرىنى چىڭىتىدۇ.تېرىنى ياشارتىش ،چىڭىتىش ۋە ساغلام قىلىشتا،ھەرقانداق يېمەكلىكنىڭ ئۈنۈمى بېلىق گۆشىگە يەتمەيدۇ.ھەركۈنى 100_200گىرام بېلىق گۆشى يەپ بەرسە،بىر ھەپتە ئىچىدە يۈز،بويۇن تېرىسى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىدۇ.
2)كالا گۆشى چىراينى ياخشىلايدۇ.كالا گۆشىنى ئازراق باشپىياز بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يەپ بەرسە،تېرىنىڭ ماددا ئالمىشىشىنى ياخشىلاپ،ھۆسىن گۈزەللەشتۈرىدۇ.
3)توخۇ گۆشى چاچنى پارقىرتىدۇ.توخو گۆشى تەركىبىدە مېتىئونىن بولۇپ،چېچىڭىزنى ساغلام ۋە پارقىراق قىلىدۇ،يەنە قوناق،ئارپا ئۇمىچى قاتارلىقلارمۇ مۇشۇنداق ئۈنۈمگە ئىگە.
4)ئۆرۈك مېغىزى مۇسكۇل ۋە تىرناقنى چىڭىتىدۇ.ئۆرۈك مېغىزى تەركىبىدە ۋىتامىن يى مول بولۇپ،مۇسكۇل ۋە تىرناقنى چىڭىتىش رولىغا ئىگە.
5)ئالما چىشنى ئاقارتىدۇ.ھەركۈنى بىر تالدىن ئالما يەپ بەرسە،چىش دوختۇرىنىڭ ئالدىغا بېرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ،چۈنكى ئالما چىشنى تازىلايدۇ،چىش ئۇزاققىچە پاكىز تۇرىدۇ،يەنە ئالمىدىكى تەركىبلەر قۇرت يىگەن چىشلارنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ.
6)تۇخۇم ئاپتاپتا كۆيۈپ كېتىشتىن ساقلايدۇ.تۇخۇم تەركىبىدىكى ھۆل سېلىن ئېلېمىنتى تېرىدە ئاپتاپتىن ساقلاش قەۋىتى ھاسىل قىلىدۇ ھەم تېرە راكىغا گىرىپتار بولۇش،داغ-سەپكۈن چۈشۈش قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ئەكرەمجان مەتروسۇل تەييارلىغان
مەنبەسى:«شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»دىن ئېلىندى
يوللىغۇچى:زۇمرەت تاش