بالىنىڭ ئاكتىپ لىق بىلەن ئالغا ئىلگىرلىشىگە ياردەم بېرىدىغان6جۈملە
1-‹‹سەن كەلگۈسىدە قالتىس ئادەم بولىسەن.››-بۇخىل ئىلھاملاندۇرۇش بالىدا ئاجايىپ تەسىر پەيدا قىلىدۇ.
2-‹‹قورقىما سەن چوقۇم قىلالايسەن››-بۇخىل ئىلھاملاندۇرۇش بالىنىڭ ئەڭ زور روھى تۈۋرىكى بولالايدۇ.
3-‹‹بۈگۈن تۈنۈگۈنكىگە قارىغاندا تېخىمۇ غەيرەت قىل›› -ھەربىر ماختاش يەنە بىر ئىلگىرلەشنى ئېلىپ كېلىدۇ.
4-‹‹قىزى بولسا نىمە دىگەن ياخشى››-ئاتا ئا نا كۆپرەك قىزىنى ئىتىراپ قىلىشى،ۋە ئىلتىپات كۆرسىتىپ تۇرۇشى كېرەك.
5-‹‹سەن بىر ئەقىلىق بالا چوقۇم نەتىجىگە ئېرىشەلەيسەن››-نەتىجىسى ناچار بالىڭىزنىڭ ئىرادە تىكلىشىگە ئىلھام بېرىڭ.
6-‹‹سەن چوقۇم كىشلىك ھاياتتا كۈچلۈكلەردىن بولۇپ قالىسەن››-بالىڭىزنىڭ مەردانىلىق بىلەن قىيىنچىلىقلارغا يۈزلىنىشىگە ئىلھام بېرىڭ .
بالىنى تولۇپ تاشقان ئىشەنچىگە ئىگە قىلىدىغان 7جۈملە
1-بالام، سەن ئاۋۋالقىدەكلا ناھايىتى قالتىس.-بۇ بالىنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇشتا ئاكتىپ رول ئوينايدۇ.
2-بالام،سەن ئازراقمۇ دۆت ئەمەس.-ھۆرمەت ۋە ئىشىنىش بالنىڭ ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ.
3-قېنى، مەن چوقۇم قىلالايمەن دېگىن.-توغرا بولغان يېتەكلەش بالىنىڭ ئىشەنىچ تۇرغۇزۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.
4-سېنىڭ پالانى جەھەتتىكى ئىختىدارىڭىدىن بەكلا پەخرلىنىمەن.-ئارتۇقچىلىقىنى مۇئەييەن لەشتۈرۈش بالىنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇرىدۇ.
5-سېنىڭ ئۈگۈنۈش ئىشەنچىڭنى قايتۇرۇپ كېلەلەيدىغىنىڭغا ئىشىنىمەن.-بالىڭىزنىڭ قايتىدىن ئۈگۈنۈش ئىشەنچىسىنى تىكلىشىگە ياردەم قىلىڭ.
6-سەن كەلگۈسىدە ئۇلۇغلاردىن بولۇپ قالىسەن،داۋاملىق تىرىشقىن.-بىشارەتلىك سۆزلەر بىلەن بالىڭىزنىڭ ئىشەنچىسىنى يېتىلدۈرۈڭ.
7-بالام بىزمۇ سىناپ باقامدۇق.-بالىڭىزنى بىرئشلارغا دىلغۇل بولۇش ھېسياتىدىن قۇتۇلدۇرۇڭ.
بالىنىڭ ئالى جاناپ ئەخلاقىنى يېتۈلدۇرىدىغان 8جۈملە
1-گۈزەل ئەخلاق ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدا يۇقۇرى نۇمۇر ئېلىشتىنمۇ موھىم-بالىڭىزغا ئادىمىلىك ئەخلاقنىڭ موھىم ئىكەنلىنى بىلدۈرۈڭ.
2-سەمىمىلىك ئادەمنىڭ بىرنچى گۈزەل ئەخلاقى-بالىڭىزدا يۈكسەك ئەخلاق-پەزىلەت ۋە سەمىمىلىك يېتۈلدۈرۈڭ.
3-رىقابەتتىكى ئادىللىق ئەڭ قىممەتلىك-بالىڭىزنى ئادىل ،شەخسىيەتسىز خاراكتىرىنى يېتۈلدۈرۈشكە يېتەكلەڭ.
4-مەيلى نىمىلا ئىش قىل ئاۋۋال ۋىجدانىڭدىن سوراپ باق-بالىڭىزغا ۋىجدان بىلەن ئىش قىلىشنى ئۈگۈتۈڭ.
5-رەھمەت دىيىشنى ئۈگۈنۈۋال قوزام-بالىڭىزغامىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى ئۈگۈتۈڭ.
6-سەن ئاتا ئاناڭغا كۆيۈنۈشنى بىلىسەن ،مەن بۇنۇڭدىن بەكلا خوش.-بالىڭىزنىڭ ئاتا ئانىنى ھۆرمەتلەش تۇيغۇسىنى قوزغاڭ.
7-سېنىڭ باشقىلارغاھېسداشلىق قىلىشنى بىلىدىغانلىقىڭدىن بەكلا خوشالمەن.-بالىڭىزغا باشقىلارغا ھېسداشلىق قىلىشنى ئۈگۈتۈڭ.
8-سېنىڭ بىر ئەدەپلىك بالا بولىشىڭنى ئارزۇ قىلمەن.-بالىڭىزغا باشقىلارغا ئەدەپلىك مۇئامىلە قىلىشنى ئەسكەرتىپ تۇرۇڭ.
بالىنى ئاكتىپ ئۈگۈنۈشكە يېتەكلەيدىغان7جۈملە
1-نىمىلا ئىش قىل چوقۇم پىلانىڭ بولسۇن،ئۈگۈنۈشمۇ ئوخشاش- بالىڭىزغا ئۈگۈنۈش پىلانى تۈزۈشنى ئۈگۈتۈڭ.
2-ۋاقىتنى قەدىرلە، بۇ ھاياتنى قەدىرلىگەنلىك-بالىڭىزغا ھەربىر مىنۇتنى قەدىرلەشنى ئۈەۈتۈڭ.
3-سەن يەنە ياخشىراق ئويلاپ باق-بالىڭىزغا ئويلىنىش ۋە پىكىر يۈر ەۈزۈشنى ئۈگۈتۈڭ.
4-سەن بىر سۇئالنى ئوتتۇرغا قوي،ئاندىن مەن سېنى مۇكاپاتلايمەن-بالىڭىزنى يۈرەكلىك ھالداسۇئال قويالايدىغان،سۇئال سوراشقا ماھىر قىلىپ تەربىلەڭ.
5-ئۆزەڭنىڭ ئويلىغىنى بويىچە ئىش قىل-بالىڭىز ئەركىنلىكنى ئۈگەنسۇن.
6-تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ بولۇپ ئاندىن ئوينا بولمىسا خاتىرجەم ئوينىيالمايسەن-ئويۇن قېپى بالىڭىزنى ئاكتىپلىق بىلەن ئۈگۈنۈشكە يېتەكلەڭ.
7-پەقەت تىرىشساڭلا كېلەر قېتىم ئىمتىھاننى ياخشى بېرەلەيسەن-نەتىجىسى ياخشى بولمىغان بالىڭىزغاتوغرا مۇئامىلەقىلىڭ.شۇندىلا بالىڭىزنىڭ ئىشەنچى ئاشىدۇ.
مەنبە:ئۆزۇممۇ بىلمەيمەن .توردىن ساقلىۋالغان
http://www.akillar.com/bbs/forum ... d&tid=10816