1976-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، جەنۇبىي ئافرىقىدا كەڭ كۆلەملىك توپىلاڭ يۈز بەرگەن. بۇ توپىلاڭ 1901-يىلى جەنۇبىي ئافرىقا قۇرۇلغاندىن بۇيانقى قارا تەنلىك ئامما بىلەن ساقچىلارنىڭ ئەڭ زور زوراۋانلىق توقۇنۇش ھېسابلىنىدۇ. بۇ توقۇنۇشتا ئاز دېگەندە 176 كىشى قازا قىلغان، 1228 كىشى يارىلانغان. بۇ توقۇنۇشنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى تۆۋەندىكىدەك: جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر يوھانىسبۇرگتىكى بىر كىچىك بازاردا 2000 دەك ئوقۇغۇچى ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا نامايىش قىلىپ، مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا جەنۇبىي ئافرىقا گوللاندىيە تىلىنى مەجبۇرىي ئۆتكەنلىكىگە قارشى تۇرغان. چۈنكى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قارىشىچە بۇ خىل تىلنى ئۆگەنگەنلىك ئاق تەنلىك ئاز سانلىق مىللەت ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلغانلىق ئىكەن. نامايىشچىلار ساقچىلار تەرىپىدىن قوغلانغان، 13 ياشلىق بىر ئوغۇل بالا ساقچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن، توقۇنۇش دەل مۇشۇنىدىن باشلانغان.
1975-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، تۇنجى دۇنيا ئاياللىرى يىغىنى مېكسىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ يىغىن 19-ئىيۇندىن 2-ئىيۇنغىچە ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ قېتىملىق يىغىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، تۇنجى قېتىم ئاياللار مەسىلىسىنى دۇنيا مىقياسىدا تۇرۇپ مۇزاكىرە قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ. يىغىندا «ئاياللارنىڭ باراۋەرلىك ئورنى ۋە ئاياللارنىڭ تەرەققىيات ۋە تىنچلىك مۇسابىسىدىكى تۆھپىسى خىتابنامىسى» بىلەن «دۇنيا ھەرىكەت پىلانى» نى قاراپ چىققان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 1976-يىلىدىن 1985-يىلىغىچە بولغان 10 يىلنى «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئون يىلى» قىلىپ بېكىتكەن.
1973-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، «ئاسماندىن چۈشكەن ئوت» ناملىق فوتو سۈرەت پۇلىتسېر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئامېرىكا ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇرۇش مۇخبىرى خۇاڭ گۇڭۋۇ يۇقارقى رەسىمنى تارتقان. بۇ رەسىم شۇ يىللىق پۇلىتسېر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندىن سىرت، يەنە دۇنيا ئاخبارات فوتوگرافچىلىقىدىكى ئەڭ ياخشى رەسىم بولۇپ سايلانغان. بۇ رەسىم دەل ۋېيتنام ئۇرۇشىدىن بىر كۆرۈنۈش.
1961-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، كۇۋەيت مۇستەقىل بولغان. كۇۋەيت ئەرەب مەدەنىيەت بۆشۈكىنىڭ بىرى. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، كۈۋەيت خەلقى مىللى مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنى باشلىۋەتتى. 1961-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئەنگلىيە 1899-يىلىدىكى «كۈۋەيت-ئەنگلىيە كېلىشىمى» نى ئامالسىز ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، كۈۋەيتنىڭ مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىغان. كۇۋەيت 1963-يىلى 5-ئايدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا كىرگەن.
1946-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاتوم بومبىسىنى كونترول قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئامېرىكا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشىكلاتى ئەگەر ئاتوم بومبىسىنىڭ تەرەققىياتىنى كونترول قىلسا، ئاتوم بومبىسى تەتقىقاتىنى پەقەت تىنچلىقنى ئاساس قىلغان بولسا، ئامېرىكا ئاتوم بومبىسىغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق مەخپىيەتلىكلەرنى ئاشكارىلايدىغانلىقىنى ھەمدە بار بولغان بارلىق يادرو قوراللىرىنى كۆيدۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
مەنبە- جۇڭگۇ ئۇيغۇر رادىئوسى تورى
http://www.uycnr.com/lssdjt/201106/t20110617_121273.html