مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1123|ئىنكاس: 5

ھايات دوقمۇشىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44376
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3243
تۆھپە نۇمۇرى: 909
توردا: 6065 سائەت
تىزىم: 2011-6-14
ئاخىرقى: 2012-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-18 05:18:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                               ھايات دوقمۇشىدا
                                                    (نەسىر)
بەللىرىڭ مۈكچەيگەن،جىسمىڭ خىلىلا ئاجىز،كۆزلىرىڭنىڭ نۇرى كەتكەن،قولۇڭدا قاچان كىمنىڭ ھەدىيە قىلغانلىقىنى ئۆزۈڭمۇ ئەسلىيەلمەيدىغان ھاسىنى تۇتقىنىڭچە ئالدىڭدىكى دوقمۇشقا قاراپ ئىھتىياتچانلىق بىلەن تولۇمۇ ئاستا قەدەم ئىلىپ ئالغا قاراپ كىتىۋاتاتتىڭ.
ئالدىڭدىكى ئۇ دوقمۇشنىڭ قانچىلىك يىراقلىغى ۋە ئۇ دوقمۇشقا قانچىلىك ۋاقىتتا بىرىپ بولۇشىڭنى سەن ئۆزۈڭمۇ مۆلچەرلىيەلمەيتتىڭ.قانچىلىك ھىرىپ كەتسەڭمۇ توختاپ قىلىشنى ئەسلا خالىمايتتىڭ.لىكىن مۇشۇنداق چاغلاردا ئەتراپىڭدىكىلەرگە قاراپ ئۆزۈڭنىڭ ئۆتمۈشىنى ئىسىڭگە ئالالىغىنىڭچە ئەسلەپ قوياتتىڭ.بالىلىق-ئۆسمۈرلىك چاغلىرىڭ تولۇمۇ خۇشال،غەمسىز، شاتلىق ئىچىدە ئوتكىنى ھىلھەم ئىسىڭدە ئىدى.لىكىن ياشلىق دەۋرىڭگە قەدەم قويغاندىن باشلاپ ھەر خىل مەسۇليەت-مەجبۇريەتلەرنىڭ كۇندىن كۈنگە ئىشىپ بىرۋاتقانلىغىنى ھەر ۋاقىت بىلىپ تۇراتتىڭ.بولۇپمۇ ئوقۇش ھاياتىڭنى ئاخىرلاشتۇرۇپ جەمىيەت قاينىمىغا قەدەم باسقىنىڭدا سىنى تۈرلىك-تۇمەن ئىشلارنىڭ كۈتۈپ تۇرغىنىنى،ھەممە ئىشلارنى ئۆز يولى بىلەن  مۇاپىق بىر تەرەپ قىلىشنىڭ زۆرۇللىگىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەن ئىدىڭ.قىسقىسى سەن ھايات مۇساپەڭدىكى بىر دوقمۇشتىن يەنە بىر دوقمۇشقا بىرىپ بولغىچە ئارلىقنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىگنى،بۇ مۇساپەڭنىڭ ئوڭۇشلۇق ياكى ئوڭۇشسىز بولۇدىغانلىغىنى، شۇ مۇساپىنى باسماي تۇرۇپ بىلگىلى بولماردىغانلىغىنى تونۇۋالدىڭ.
شۇنداق قىلىپ سەن تۇرمۇش ھەلەكچىلىگىدە توي قىلدىڭ،بالىلىق بولدىڭ.بالىلىرىڭنى ياخشى تەربىيلەپ قاتارغا قوشۇش، ئايىلە ۋە جەمىيەتتىكى ئورنۇڭنى مۇستەھكەملەش ،شۇنىڭغا ئوخشاش بىرقاتار ئايىغى چىقمايدىغان ئىشلار بىلەن ھايات مۇساپەڭنى داۋاملاشتۇرۇپ كىلىۋاتىسەن.ھەش-پەش دىگىچە مانا نەۋرەڭمۇ خۇددى سىنىڭ ياش چاغلىرىڭدىكىدەك جۇشقۇن كەيپىيات ئىچىدە ئورنۇڭنى بىسىپ ئارقاڭدىن كىلۋاتماقتا.
ئومومەن سەن تۇغۇلۇپ باشلىغان ھايات دوقمۇشىدىن تاكى ھاياتىڭنىڭ ئاخىرقى دوقمۇشىغىچە بولغان  ئەڭ چوڭ مۇساپە لىنيىسىدىكى تۇرلىك كىچىك دوقمۇشلاردا ئۆزۈڭنىڭ قىسمەن ئىرادىسىزلىكىڭ ۋە تۈرلىك ئامىللار تۈپەيلى كىلىپ چىققان ئىلاجىسىزلىقلىرىڭنى ھىساپقا ئالمىغاندا ئۆز غايەڭ ئۈچۈن توختىماي ئىزدىنىشتەك مىخلىق رويۇڭدىن ئەۋلاتلىرىڭ پەخىرلىنىدۇ ئەلۋەتتە.
ھەرقانداق بىر ھايات دوقمۇش مۇساپەڭنى مەيلى مۇئاپىقيەتلك ۋەياكى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇشىڭدىن قەتتى نەزەر،شۇ مۇساپىنى بىسىش جەريانىدىكى تەجىربە-ساۋاقلارنى كىيىنكى دوقمۇش مۇساپەڭدە ئۆرنەك قىلىپ كەلدىڭ.
مانا ھازىر ئۆمۈرۈڭدىكى بۇنداق دوقمۇشلارنى ساناپ تۈگىتەلمىسەڭمۇ ۋە شۇ جەرياندا يەكۈنلەپ چىققان قىممەتلىك تەجىربىلىرىڭ كۆپ بولسىمۇ يەنىلا ئالدىڭدىكى دوقمۇشتىن زادى قاياققا مىڭىشتا سەل ئىكىلىنىپ قالدىڭ،لىكىن بۇ مۇساپە يولىدا ھەرگىز ئارقىغا مىڭىش مۈمكىن بولمايدىغانلىغىنى ياخشى بىلگەچكە كۆپ ئىكىلىنىپ تۇرماستىنلا بۇ دوقمۇشتىن يەنە بىر دوقمۇشقا دادىل قەدەم بىلەن سەپەرگە ئاتلاندىڭ.
گەۋدەڭ بارغانچە مۈكچىيىپ كىچىگلەپ ئاستا-ئاستا يەرگە پىتىپ كىتىۋاتقاندەك تۇيغۇ بىرەتتى.

مەنبە:ئۆزۈمنىڭ يازمىسى

ئالاھىدە تۆھپە مۇنازىرە يېتەكچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22705
يازما سانى: 2587
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1272
تۆھپە نۇمۇرى: 652
توردا: 8340 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2012-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-18 06:19:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھايات تولىمۇ قىسقا بولىدىكەن، كىچىك ۋاقتىمىزدا قاچان چوڭ بولامىز دەپ ئويلايدىكەنمىز، چوڭ بولغاندا شۇ كىچىك سەبى ۋاقتىلىرىمىزنى ئويلايدىكەنمىز، بىراق ۋاقىت تەكرالانمايدۇ. چوڭ بولدۇق، ئاتا- ئانا بولغاندا يەنە بىر مەسئۇليەت بىزنى كۈتۈۋېلىدىكەن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7273
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5898
تۆھپە نۇمۇرى: 432
توردا: 389 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2011-11-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-18 06:28:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنى دەيمەن ،،ئادەم دۇنيادا ھەرخىل قىسمەتكە دۇچ كىلدىكەن ،،،
تۇرمۇش ئادەمنى ئالدىغا سىلۋالسا ئەڭ خەتەرلىىككەن

سنىڭ ئۇچۇن ھەممنى قېلالمەيمەن

ھۆپۆپۆپ چۈش

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 395
يازما سانى: 607
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3010
تۆھپە نۇمۇرى: 615
توردا: 667 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-18 06:32:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چىكىلگەن تۇخۇم

https://uyghur-archive.com/misranim/data/attachment/forum/201202/29/150634t92emg9149zijg94.gif

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5544
يازما سانى: 1354
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23379
تۆھپە نۇمۇرى: 2775
توردا: 1832 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-18 07:13:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەڭشەلمىگەن جاھان .ھەر قىسمەت ھەر ئوي ..نى كويلارغا سالمايدۇ دەيسىز .....
http://www.21uqur.com/movie.asp

ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار كۆزنىكى http://www.21uqur.com
ساغلاملىق مەسلىھەت باغچىسى -شىنجاڭ تىببىي
دورا تور ى
http://www.xjyiyao.tv/main.asp

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39239
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 59
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2011-4-30
ئاخىرقى: 2011-12-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-12 04:20:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ، بالا ۋاقىت نىمىدىگەن گۈزەل ھە! شۇنداق  غەم-ئەندىشىسىز.   بۇدۇنيا كىمگە يۈك ئارتمايدۇ  دەيسىز؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش