مۇۋاپىق جاۋاب
مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى بىر بالىدىن سورىدى:
_ ئەرلەر يۇقىرى ئاۋاز ۋە ئەرلەر تۆۋەن ئاۋاز دىگەنگە كەلتۈرۈڭ .
ئوقۇغۇچى جاۋاب بەردى:
_دادامنىڭ ئانامنى تىللىغاندىكى ئاۋازى ئەلەر يۇقىرى ئاۋاز ، دادامنىڭ باشلىقىنىڭ ئالدىدا گەپ قىلغاندىكى ئاۋازى ئەرلەر تۆۋەن ئاۋاز.
شىمالىي مۇز ئوكياننى تەكشۈرگۈچى
بالىسى دادسىغا :
_ مەن چوڭ بولغاندا شىمالىي مۇز ئوكياننى تەكشۈرگۈچى بولىمەن ،_ دېدى.
ئۇنداقتا بەك ياخشىغۇ! ،_ دېدى دادىسى .
_ شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ھازىردىن باشلاپ مەشق قىلاي دەيمەن.
_ قانداق مەشىق ئۇ ؟
_ ھازىردىن باشلاپ كۈنىگە بىر تالدىن بىڭگۇر يەپ مەشىق قىلسام، كەلگۈسىدە شىمالىي مۇز ئوكياننىڭ سوغۇقلىرىغا بەرداشلىق بېرەلەيمەن .
ئۇرۇش قېتىم سانى
_ ئىسپانىيىدە 15-ئەسىردە قانچە قېتىم ئۇرۇش بولغان ؟ _ دەپ سوراپتۇ تارىخ مۇئەللىمى.
_ ئالتە قېتىم ئۇرۇش بولغان ، _ دەپ جاۋاب بېرىپتۇ بىر ئوقۇغۇچى.
_ قايسى ئالتە قېتىم ئۇرۇش بولغان ؟ _ سوراپتۇ مۇئەللىم .
_ بىرىنچى قېتىملىق ، ئىككىنىچى قېتىملىق ، ئۈچىنچى قېتىملىق، تۆتىنچى قېتىملىق، بەشىنچى قېتىملىق،ئەڭ ئاخىرقىسى ئالتىنچى قېتىملىق، _ دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئوقۇغۇچى .
ئىمتىھان نومۇرى
بىر مەۋسۇملۇق ئوقۇش ئاخىرلاشقاندا، ئوغلى ئۆيگە يۈگۈرۈپ كىرگىنىچە:
_ يۈز نۇمۇر ئالدىم ، _ دەپ ۋارقىراپتۇ .
خۇشال بولغان ئاپىسى ئوغلىنى سۆيۈپ باغرىغا باسقىنىچە سوراپتۇ :
_ قايسى دەرستىن يۈز نومۇر ئالدىڭ ؟
_ ماتېماتىكىدىن ئەللىك، يېزىقچىلىقتىن يىگىرمە ئۈچ، تارىختىن يەتتە، جۇغراپىيىدىن ئون ئالتە نۇمۇر ،يەنە خەنزۇچىدىن ، _ دەپتۇ ئۇ پەس ئاۋاز بىلەن ، _ تۆت نۇمۇر .
لاپ
_ بىزنىڭ بۇ يەردە قىشتا بەك سوغۇق بولىدۇ .ئەگەر ئىنەكنىڭ قورسىقىغا مەش قويۇپ قويۇلمىسا ،ئەمچىكىدىن مارەژنى چىقىدۇ .
_ ئۇنداق بولسا نېمە بوپتۇ ! بىزنىڭ يۇرتتا ياز كۈنى شۇنداق ئىسسىق بولىدىكى، مېكىيانلار پىششىق تۇخۇم كاكىلاپ قويمىسۇن دەپ ، شامالدۇرغۇچ بىلەن سەگىتىپ تۇرىمىز.
يېڭى بايرام
بىر زالىم پادىشاھ بولۇپ،ئۇ بىر كۈنى ئامراق بىر كېنىزىكىدىن:
_ مەن قاچان ئۆلىمەن، دەپ بېرەلەمسەن ؟ _ دەپ سوراپتۇ .
كېنىزەك تەمتىرمەي تۇرۇپ :
_ سىز چۇقۇم بىر بايرام كۈنى ئۆلىسىز ، _ دەپتۇ .
پادىشاھ:
_ مېنىڭ بايرام كۈنى ئۆلىدىغانلىقىمنى سەن قانداق بىلىسەن ؟ _ دەپ سوراپتىكەن . كېنىزەك :
_ مەيلى سىز قايسى كۈنى ئۆلۈڭ ، دەل سىز ئۆلگەن كۈنىگىز پۈتۈن مەملىكەتكە بايرام بولىدۇ ، _ دەپتۇ .
ئىنگلىزچىنى ئازراق بىلىمەن
بىر بۇلاڭچى گۇمان بىلەن سوت مەھكىمىسىگە چاقىرتىلىپتۇ . سوتچى ئەپەندى ئۇنىڭدىن ئىنگلىزچە سۆزلەشنى بىلىدىغان ياكى بىلمەيدىغانلىقىنى سورىغانىكەن . ئۇ :
_ ئازراق بىلىمەن ، _ دەپتۇ .
ئىنگلىزچە نېمە دېيەلەيسەن ؟ _ دەپ سوراپتۇ سوتچى ئەپەندى .
_ پۇلۇڭنىڭ ھەممىسىنى چىقار ! _ دەپ ۋارقىراپتۇ بۇلاڭچى .
قايسى چوڭ؟
_ ئىككى بىلەن بەشنىڭ قايسى چوڭ ؟ _ دەپ سوراپتۇ بەشىنىچى ئوغلى دادىسىدىن .
_ ئەلۋەتتە بەش چوڭ - دە ! _ دەپ جاۋاب بېرىپتۇ دادىسى .
_ ئۇنداق بولسا ، ئىككىنچى ئاكام نېمىشقا مېنى ئاكام دېمەيدۇ ؟
مەنبە : تور دۇنياسى