مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1977|ئىنكاس: 0

دۇنيادا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان 10چوڭ شەخ  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

سۆز كۈمۈشتۇر،سۈ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35975
يازما سانى: 319
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4604
تۆھپە نۇمۇرى: 99
توردا: 559 سائەت
تىزىم: 2011-4-1
ئاخىرقى: 2015-1-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-18 12:06:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1-جوئاكۋىن گۇزمانJoaquìn Guzmàn   
دۇنيادا 1-نومۇرلۇق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان شەخىس.مىكسىكىدىكى زورلۇق تەسىرىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق ئامېرىكىغا كوكايىن ۋە نەشە ئەتكەس قىلىشقا ئادەتلەنگەن.ئۇنىڭ مېىكىسىكنىڭ غەربىي شىمالىدىكى تاغلىق رايۇن دۇراڭگو(Durango)دا ھەرىكەت قىلىدىغانلىقى قىياس قىلىنماقتا.ئۇ 2001-يىلى قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ئامېرىكىغا ئۆتكۈزۈلۈپ بېرىلمەكچى بولغىنىدا مىكسىكا تۈرمىسىدىن قېچىپ چىققان.ھازىر 53ياش بولۇپ مىكسىكىدا سىنالوئا گورۇھىغا رەھبىەرلىك قىلىۋاتىدۇ. )
2-ئايمان ئەلزاۋاھىرى    
ئۇ بازا تەسكىلاتىنىڭ رەھبەرلىك ئورنىغا چىققان بولسۇن ياكى بولمىسۇن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇنى 1998-يىلى ئامېرىكىنىڭ تانزانىيە ۋە كېنىيەدىكى ئەلچىخانىسىنى پارتىلىتىشنى پىلانلىغان دەپ ئەيىبلەپ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان.ئۇ ئىلگىرى بىن لادىننىڭ ياردەمچىسى بولۇپ ،بىن لادىن ئۆلگەندىن كېيىن ئۇ بازا تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى دەپ قارالماقتا.
3-داۋۇد ئىبراھىم ھىندىستاندا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان 1-نومۇرلۇق شەخىس .ھىنىدىستان تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ 5000كىشىدن تەشكىللەنگەن جىنايەتچى تەشىكلات د-گورۇھىغا رەھبەرلىك قىلىدۇ.ئېيتىلىشىچە بۇگورۇھ زەھەر سودىسىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكىچە ھەرقانداق سودىنى قىلىدىغان بولۇپ ھەرىكەت دائىرىسى پاكىستان ،ھىندىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى.ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئېيتىشىچە ،ئۇ بازا تەشكىلاتىنىڭ ئەتكەسچىلىكىگە شېرىك،شۇنداقلا 2008-يىلىدىكى بومباي ۋەقەسىنى پەيدا قىلغان دەپ قارالغان لەشكەرى تەيبەگىمۇ ياردەم قىلغان دەپ قارالغان.داۋۇد ئىبراھىم 1993-يىلىدىكى 257ئادەم ئۆلۈپ 713ئادەم يارىلانغان بومباي ۋەقەسىنى تەشكىللىگەن دەپ ئەيىبلەنگەن .گەرچە پاكىستان ھۆكۈمىتى ئىنكار قىلغان بولسىمۇ ئۇنىڭ پاكىسىتاندا ئىكەنلىكى ۋە ئاخبارات ئورۇنلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى قىياس قىلىنماقتا.   
4-سېمىيون موگىلىۋىچSemion Mogilevich   
2008-يىلى گىرىم بويۇملىرىنى پارچە سېتىش سودىسىدا باج ئوغۇرلاش جىنايىتى بىلەن رۇسىيە ھۆكۈمىتى قولغا ئالغان.ئادۇۋكاتىنىڭ ئاقلىشى بىلەن 2009-يىلى قويۇپ بېرىلگەن.ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 150مىلىيۇنلۇق ساختا پايچېكىگە چېتىشلىقى بار دەپ قاراپ ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ ئامېرىكا-رۇسىيە ئوتتۇرسىدا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى ئېمزالانمىغان بولغاچقا  ئۆتكۈزۈۋالالمىغان.FBIنىڭ قارىشىچە ئۇنىڭ جىنايىتى پەقەت ساختا پايچېكىلا بولماستىن ئۇ ئادەم ياللاپ قاتىللىق قىلش،قورال -ياراق ئەتكەسچىلىكى ،يادرو ماتېرىيالى ئەتكەسچىلىكىگە چېتىلىدىكەن.موگىلىۋىچ بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلغان بولسىمۇ FBIئۇنى يەنىلا تەھىدتلىك جىنايەتچى دەپ قاراپ كەلمەكتە.   
5-ناسىر ئەلۋۇخەيشى   
ئوساما بىن لادىننىڭ سابىق كاتىپى بولۇپ بازا تەشكىلاتىنىڭ يەمەندىكى قابىل رەھبىرى.2006-يىلى ئۇ يەمەننىڭ ناھايىتى بىخەتەر دەپ قارالغان تۈرمىسىدىن قېچىپ چىققان بولۇپ،ئادەم قوبۇل قىلىش ۋە مەبلەغ توپلاش خىزمىتىنى قىلىدۇ.بازا تەشكىلاتىنىڭ ئەرەب يېرىم ئارىلدىكى تارمىقى ئۆمەر فەرۇق ئابدۇلمۇتەللىبنىڭ ئىچ كىيىم بومبسى ۋە قەسى ۋە ئابدۇلھەكىم مۇھەممەدنىڭ  لىتىل روك ھەربىي گازارما ۋەقەسى ئارقىلىق ئامېرىكىغا ھۇجۇم قىلىش نىيتىنى ئاشكارىلىغان.  
6-ماتتىئو مىسسىنا دىنارو(Matteo Messina Denaro)    
ئىتالىيە قارا قول گورۇھىنىڭ كاتتىبېشى.باشقا مافىيا كاتتىباشلىرىنى ئىتالىيە ساقچىلىرى ئارقا-ئارقىدىن تۇتقان بولسىمۇ  ئۇ ئەركىن ئازادە يۈرمەكتە.   
7-ئالىمجان توختاخونۇۋ  ئۇ ئەسلى ئۈزبېكىستانلىق .ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇنى زەھەر سودىسى ،قانۇنسىز قورال -ياراق سېتىش ۋە ئوغىرلانغان قاتناش قوراللىرىنى ئەتكەس قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ياۋرۇ-ئاسىيا جىنايەت گورۇھىغا قاتناشقان دەپ قارايدۇ.ئۇ ئۇتاھتا ئۆتكۈزۈلگەن گۈزەللەر تاللاش مۇسابىقىسىدىن تارتىپ ئولىمپىكقىچە ئارىلاشقان دەپ ئەيىبلەنگەن.2002-يىلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئولىمپىك مۇسابىقىسى مۇز تېيىلىش تۈرىدە رېپىرغا پارا بەرگەن دەپ ئەيىبلىگەن.ئۇ ئىتالىيەدە قولغا ئېلىنغاندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆتكۈزۈۋېلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ  لىكىن ئىتالىيە تەرەپ توختاخۇنۇۋنى قويىۋەتكەن.  
8-فېلىسىن كابۇگا   
ئۇ ئىنسانىيەت تارىخدا ئەڭ ئېغىر بولغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتىنى مەبلەغ جەھەتتىن قوللىغان دەپ ئەيىبلەنگەن.رىۋاندا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى ئۇنى 1994-يىلى 800مىڭ رىۋاندالىق قىرغىن قىلىنغان 1949-يىلى ئېمزالانغان جەنۋە ئەھدىنامىسىگە قارشى ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى بىلەن چېتىشلىقى بار دەپ ئەيىبلىگەن.
9-جوسىف كونى   
ئۇ ئۇگاندادىكى تەڭرى قارشىلىق كۆرسىتىش ئارمىيسىنىڭ رەھبىرى بولۇپ ،بۇ پارتىزان تەشكىلات ئۇگاندادا دىن ۋە ھاكىيەت بىرلەشكەن ھاكىمىيەت قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.بۇ تەشكىلات كونگو دېمۇكىراتىك جۇمھۇرىيتى ،ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيتى ۋە سۇداندا ھەرىكەت قىلىدىغان بولۇپ ،2مىلىيۇندىن ئارتۇق ئادەمنى كۆچۈرگەن،60مىڭ ئادەمنىڭ مەجبۇرى ئەسكەرلىككە ئالغان بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە 30مىڭى بالا.ئۇ ئۇلارنى قاتىللىق قىلىش،باسقۇنچىلىق قىلىش ،ئەزالىرىنى كېىسىش ۋە جىنسىي قۇل قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ.ئۇ يەنە بالا ئەسكەرلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنى ئۆلتۈرۈشنى بۇ تەسكىلاتقا كىرىش يولى دەپ قارايدۇ.بۇ تەشكىلات 2008-يىلدىن بىرى تەخمىنەن 2400پۇقرانى ئۆلتۈرگەن.
10-دوكار ئۆمەرۇۋ   
رۇسىيەنىڭ ئوساما بىن لادىنى بولۇپ رۇسىيەنىڭ جەنۇبىدا ئىسلام خەلىپىلىكىنى قۇرۇشنى مەقسەت قىلغان كاۋكاز ئەمىرلىكىنىڭ رەھبىرى.ئۆمەرۇۋ ئەسلى چېچىنىيە بۆلگۈنچىسى بولۇپ ،ھازىر موسكىۋا مېتروسىغا ھۇجۇم قىلىپ 40ئادەمنىڭ ئۆلىشىگە سەۋەبچى بولغان تېرورچى.رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئۇنى دومودېروۋو ئايرىپورتى ۋەقەسى بىلەن ئەيىبلىگەن.5-ئايدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇنى تۇتۇپ بەرگۈچىلەرگە 5مىلىيۇن دوللار ئىنئام بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. 
مەنبە:فوربوس تورى                           ئىلىپ كىلىنگەن مەنبە:http://www.yultuzlar.com/read.php?tid=2298#tpc  

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
rafki + 1 قالتىس

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 1   باھا خاتىرىسى

سۆز كۈمۈشتۇر،سۈكۈت ئالتۇن.....
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش