مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2826|ئىنكاس: 21

زامان ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى(2) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

دىللار پەقەت ئال

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30340
يازما سانى: 1065
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12042
تۆھپە نۇمۇرى: 3185
توردا: 7509 سائەت
تىزىم: 2011-2-14
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-16 03:06:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
/read.php?tid-52933.shtmlبىشى



بۈگۈن دۈشەنبە ئەتىگەن مەن نەچچە ئون يىلدىن بۇيان مېنى ئىشقا ئاپىرىپ ئەكىلىۋاتقان يولدا ئۆز خىياللىرىم بىلەن مۇڭدىشىپ كېتىۋاتىمەن. ئادەتتە ئىشقا بېرىش ئۈچۈن كوچا ئابتوبۇسىدا ئولتۇرسام قۇلايلىق. بىراق ۋاقتىم قىستاپ قالمىسىلا پىيادە مېڭىپ، يېقىن سىردىشىم بولغان خىياللىرىم بىلەن مۇڭدىشىپ مېڭىشنى ياخشى كۆرىمەن. بۇنداق چاغلاردا مەن ئادەم جىق چوڭ كوچىلاردا كېتىۋېتىپمۇ شۇ كوچىدا ھەتتا پۈتۈن بىر شەھەردە ئۆزۈم يالغۇز كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلىمەن. ھەتتا بەزىدە خىياللىرىمدىن ئايرىلغۇم كەلمەي، ئالدىمدىكى يوللارنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇنراق بولۇشىنى تىلەيمەن. بۈگۈنمۇ، ئاخشامقى قوشنامنىڭ مەست بولۇۋېلىپ دېگەن سۆزلىرىنى خىيالىم بىلەن مۇلاھىزە قىلىپ كېتىۋاتاتتىم. « چاقچاقمۇ يېرىم ھەقىقەت » دېگەندەك ئادەم مەست بولغاندا راست سۆزلەيدۇ، بەزى ئاياللىرىمىزنىڭ يولدىن چىقىپ كېتىشىگە كۆپ ھاللاردا ئەرلەر سەۋەبچى بولىدۇ. قوشنام سانىيەمۇ ئېرىگە ئىتائەتمەن ناھايىتى ھايالىق چوكان ئىدى. ئەنە قاراڭ ھاراق ئىچىپتىكەن مۈشۈكتىن يولۋاسقا ئايلىنىپ قاپتۇ. بىر ھېسابتا ئۇنىڭ ئېرىدەك ئۆزىنى بىلمەيدىغان ئەرلەرنى شۇنداق ئەدەپلەپ قويغانمۇ تۈزۈك ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ئەپتىنى كۆرمەمدىغان سۇغا چۈشكەن مۈشۈككىلا ئوخشاپ قاپتۇ. . . خىياللىرىم تۈگىمەي تۇرۇپلا ئېگىز بىنانىڭ ئالدىغا كېلىپ قالدىم. مەن بىنانىڭ ئىچىگە كىرىپ، لىفىتتا 15 - قەۋەتكە چىقىپ ئىشخانامغا كىرىپ كومپيۇتېرنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئولتۇرۇپمۇ بىر ھازاغىچە خىياللىرىم بىلەن خوشلىشىپ بولالمايۋاتاتتىم.
_ سىزنىڭ تېلېفونىڭىز .
_ سۇنۇلغان تېلېفوننىڭ تۇرۇپكىسى مېنى خىيالدىن ئويغاتتى.
_ ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم؟ _ دېدىم تۇرۇپكىنى قولۇمغا ئېلىپ.
_ ۋەي، بارمۇ سەن؟ _ قۇلىقىم تۈۋىدە جفراڭلىغان ئاۋاز مېڭەمنى زىڭىلدىتىۋەتتى. قانداق قائىدە ئوقمايدىغاندۇ؟ مۇسۇلماننىڭ سالىمىنى قىلسىمۇ ، يەنە ۋەي دەپ سەت جفرقىراپ، ئىچىمدە غۇدۇراپ تۇرسام، قارشى تەرەپ يەنە ۋاقىردى.
_ ھەر، مەن خالىدە ئاۋازىمنى تونۇمىدىڭمۇ؟
_ ھە، نېمانچە ئەنسىز ۋارقىرايسەن!
_ ئاداش مەن سېختا، زاۋۇتنىڭ ئاۋازى بەك كۈچلۈك بولغاچقا ئاڭلانماي قالمىسۇن دەپ، بۈگۈن كەچتە مېھراينىڭ باغاق چېيىى ئىدى، « يېڭى ئەسىر رېستورانى » دا ساۋاقداش قىزلارنىڭ ھەممىسىنى چاقىرغان، سىلەرنىڭ قىزلارغا سەن دەپ قويغان بولساڭ بوپتىكەن، كەچتە ئىشتىن چۈشۈپلا بېرىڭلار.
_ بولىدۇ، مەن باشقىلارغا يەتكۈزۈپ قوياي.
_ بولىدۇ كەچتە كۆرۈشەيلى.
_ خوش.
تېلېفون تورۇپكىسىنى قۇيۇۋېتىپ بۇ ھەپتىلىك تۇنجى « ھاشار » نىڭ ۋاقتىنى يېقىن ئارىلىشىدىغان « بىزنىڭ قىزلار » غا ئۇقتۇرۇۋېتىش ئۈچۈن تېلېفون تۇرۇپكىسىنى قايتىدىن قولۇمغا ئالدىم.
ھەممىمىز ئىشتىن چۈشۈپ دېيىشىۋالغان بېكەتتە ئۇچرىشىپ « يېڭى ئەسر رېستورانى » غا كەلدۇق. مېھراي ئۇچىسىغا قىممەت باھالىق كىيىم كىيىپ، پەردازخانىدا گىرىم قىلدۇرغان بولۇپ كۆزلىرىگە چاپلىغان يالغان كىرپىكلەر بىلەن ماگزىندىكى قونچاققىلا ئوخشاپ قاپتۇ. ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغان زۇڭتۇڭ، ۋەزىر، كاسسىرلىرىمۇ ئالاھىدە ياسىنىشىۋالغانىدى.
_ چايدا بۇنچە ياسىنىشىۋاپتۇ. تويدا قانداق قىلار؟
_ ئاداش ھازىر چايلاردا پەردازخانىلاردا گىرىم قىلدۇرۇپ « ئېسىل » كىيىم كىيىپ، تويدا دوختۇرخانىلاردا ھۆسىن ئۆزگەرتىش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرۇپ، كىيىمنى ئارىيەتكە ئېلىپ كىيىدىغان بوپتۇ، - دېدى ئىچىمىزدىكى ھەييار دوستىمىز زېھناي.
_ ھۆسىن ئۆزگەرتىش ئوپېراتسىيىسى قىلدا بىر ھەپتىدە ساقىيامدىكەن؟ _ دەپ قىزىقىپ سورىدى نېمە مودا بولسا، شۇنى دورايدىغان بىچارە زېۋەر.
_ ساقايسا قىلامتىڭ ؟ _ سورىدى يەنە بىرسى.
_ ئەمدى ئاداش بىر نېمە دەپ بولمايدۇ، « غورا غورىنى كۆرۈپ ئالا بوپتۇ » دېگەندەك، بۇ قېتىم مېھراي قىلسا، بىزلەرگە كەلگىچە ئۇ ئىشلارمۇ ئومۇملىشىپ كەتسە قىلماي ئامال قانچە ؟ . . .
بىز شۇنداق تالاش - تارتىش، مەززىسى يوق قىزىق گەپلەر بىلەن بىردەم ئولتۇرغاندىن كېيىن ئۈستەللەرگە قورۇمىلار كېلىشكە باشلىدى. سوغۇق - ئىسسىق بولۇپ ئون خىل قورۇما ۋە ئون نەچچە قاتلىما، ھور نان ئارتۇقچە نېزىقاشسىزلا يېيىلىپ بولدى. بۈگۈن بۇ قىرىق نەچچە ئۈستەللىك رېستوراندا باغاق چاي، قوشنىلار چېيى، خرۇستال چاي، « گىرىم چاي ». يۇرتلۇقلار چېيى، ساۋاقداشلار چېيى دېگەندەك، چايلار بىلەن ئوتتۇز نەچچە ئۈستەل ئايال مېھمانلار بىلەن تولغان بولۇپ، ئاۋۇ چەتتىكى بىر ئۈستەلدە يەتتە- سەككىز ئەر مېھماندىن بىرلا ئۈستەل مېھمان ئولتۇراتتى. قىززىق، ئاياللار شۇنداق كەڭ - كۇشادە ، ۋارقىرىشىپ، كۈلكىلەر بىلەن ئولتۇرىدۇ. ئەرلەر خۇددى ئاياللاردىن ھېيىققاندەك جىمجىت گەپ قىلىشسىمۇ باشلىرىنى يېقىن قىلىشىپ قۇلاقلىرىغا پىچىرلىشىۋاتقاندەك، مەن شۇنداق ئويلاپ تۇراتتى.
_ چولپان قارا ئاۋۇ ئايرىمخانىغا 1 يېنىمدىكى ئايشەم مېنى نۇقىدى .
_ نېمە بوپتۇ ؟ مەن بۇرۇلۇپ بىز ئولتۇرغان ئۈستەلنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئايرىمىانىنىڭ ئىشىكى ئوچۇق تۇراتتى .ئۇ ئايرىمخانىدا ئورۇنىۋالغان ئىككى تونۇش ئايال يەنە تونۇمايدىغان بىرنەچچە ئاياللار بىلەن ئولتۇراتتى .مەن ئايشەمگە قاراپ :
_ ئۇلار ئايرىمخانىدا سىرتتىن كەلگەن مېھمانلىرىنى مېھمان قىلىۋېتىپتىغۇ ؟_دېدىم
_ ئۇنى بىلدىم ، ئاداش ئاشۇنداق يوغان ياغلىقنى چىگىپ ،ئۇزۇن كۆڭلەكنى كىيىگەن ئادەم ،ئۆيىدە نامىزىنى ئوقۇماي، رېستۇراندا نېمە بار دەيمەندە! _ ئايشەمنىڭ گېپىگە قوشۇلۇپلا مەرۋان سۆزلىدى :
_ شۇ ئەمەسمۇ ، جالاپ قېرىسا بۈۋۈم بوپتۇ ، قىماۋاز قېرىسا ئىمام بوپتۇ دېگەندەك بۇ مەريەممۇ بۇلتۇرلاردا تېىخى ئويۇننىڭ قېپى يېرىپ يۈرەتتىغۇ ؟ ئەمدى بىردەمدىلا ئىسلامچە دەمدۇ ، ئىمان ئېتتى دەمدىكەن بىرنېمە دېگەنلەركەن بۇ !
_ۋاي شۇ ئويناپ كۈنۈپ قالغاندىكىن يەنە مېھرىنى ئۈزەلمەي رېستۇراننىڭ ئايرىمخانىسىدا ئولتۇرۇپتۇدە ...
_ سىلەرچە ئۇلار مەڭگۈ شۇنداق ئويناپ ئۆتىۋەرسە بولامتى؟ ئوينىسا ئېرىڭلاردىن كۈنلەپ ،جالاپ دېسەڭلار ، توغرا يولنى تاپسا يەنە چىدىمىساڭلار ، ئەمدى قانداق قىلسا بولار ؟ ئۇلارمۇ ئادەم ، پەرىشتە ئەمەس نۇقسانسىز بولىدىغان ، رېستۇرانغا كىرگەن بولسا يە بىلمەستىن كىرىپ قالغاندۇ يە، ئۇ سىرتتىن كەلگەن مېھمانلىرىنى مېھمان قىلىش ئۈچۈن ئامالسىز كىرگەندۇ ؟ ئۇلار قانداقلا بولمىسۇن ئەۋرەتلىرىنى يېپىپ ھايا بىلەن كىرىپتۇ ، بىزچۇ؟ يالاڭباش ، كالتە يەڭ ، مەيدىلىرىمىز ئوچۇق ئولتۇرۇپ ئۇلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلساق گۇناھنىڭ ئۈستىگە گۇناھ قىلمايلى -دوستەكلەر -دېدىم سەل قايناپ .
_ ياق، ئەمدى دەيمەن ئىسلامدا ماڭغاندىكىن توغرا ماڭسۇن دەيمىنا؟-ئايشەم ماڭا دومسايغاندەك قارىدى
_ ئىسلامنى ئۇنچىلىك چۈشەنگەن ئادەم سەن نېمىشقا ماڭمايسەن ؟ سېنى ئاللاھ ياراتمىغانمۇ ؟ قىيامەت كۈنى ساڭا سوراق يوقمىكەن ؟ بىز ھەرقانداق ئىشنى تەۋسىيە قىلىشتا ئاۋۋال ئۆزۈمىز ئورۇنداپ ئاندىن باشقىلارنى بۇ ئىشقا چاقىرساق بولىدۇ .بىز ئۆزۈمىز ماڭالمىغاندىكىن ، ئۆزۈمىزنى بىلەيلى باشقىلارنى كولىمايلى .- مەن يەنە نېمىلەرنى دەيتتىمكىن گۇلناز كۆڭۈلسىزلىك بولمىسۇن دېدىمۇ گەپنى باشقا يەرگە بۇرىۋەتتى .
_ ھەي ئاۋۇ ئەرلەرگە نېمە باركەن بۇ رېستوراندا ، - دېدى بىرسى.
_ شۇ ئەمەسمۇ ئۆيىدە بالىلىرىنى باقماي، خوتۇن كىشىنىڭ ئارىسىغا كىرىۋالغىنىنى. . .
_ ھەقاچان چىرايلىق چوكانلارنىڭ ئويۇنلىرىنى كۆرۈپ كۆزىنىڭ پىتىنى ئۆلتۈرگىلى كەلگەن بويتاقلاردۇر تايىنلىق . . .
ۋەيت . . . ، _ چوكانلار قاقاقلىشىپ كۈلۈشتى.
_ ماۋۇ ئىچىمىزدىكى تۇل چوكانلارغا تونۇشتۇرۇپ قويامدۇق - يە؟
_ ھەي ھازىرقى ئەرلەرچۇ ئايال ئالماقچى بولسا ، بۇرۇنقىدەك ياخشى ئايالمىكەن، نېمە بولۇپ تۇل قاپتىكەن دەپ سورىماي، نېمە خىزمىتى بار؟ نەچچە مائاش ئالىدۇ؟ بانكىدا قانچىلىىك پۇلى بار دەپ سورايدىغان تۇرسا، ئەرگە تېگىپ نېمە قىلىدۇ، ھۆكۈمەت بېرىۋاتقان مائاشىمىز دېگەن ئەر !
_ شۇ ئەمەسمۇ، بۇنداق چۆگەي ئەرلەردىن شۇ مائاشىمىز ياخشى، ۋەيت ! ! . . .
يېنىمىزدىكى ئۈستەلدە ئولتۇرغان بىر ئۈستەللىك داڭدار چوكانلار چەينەككە دەملىۋالغان چايلىرىنىڭ كۈچى بىلەن بەس - بەستە شاڭخوغا چۈشكەنىدى.
رېستوراندىن ئۇزاپ چىقىپ « بىزنىڭ قىزلار » دىن ئۆيلىرى يىراقلىرى ئاپتوبوس بىلەن كېتىشتى. قالغان نەچچىمىز ھاۋا بەك ياخشىكەن، يېگەن تاماقلىرىمىزنى سىڭدۈرگەچ بىردەم پاراڭلىشىپ ماڭايلى، دېيىشىپ ئاستا مېڭىشتۇق.
_ ھەي سائەت تېخى سەككىز بولماپتۇ، مۇشۇنداق بالدۇر ئۆيگە بېرىۋېلىپ نېمە قىلارمىز؟ بىر يەردە ئولتۇرۇپ پاراڭلاشساق بوپتىكەن - دېدى ئايشەم ئۆز ئۆيى تەرەپكە ئايرىلىپ، ماڭىدىغان دوقمۇشقا كەلگەندە بىزگە قاراپ ئايرىلغۇسى كەلمەي.
_ ئەجەپ كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلدىڭ، چۈشتە ئېرىم بىلەن سوقۇشۇپ قالغانتىم، مېنىڭمۇ ئۆيگە بالدۇر قايتقۇم يوق، بولسا شۇنداق قىلايلى _ دېدى گۈلنازمۇ دەرھاللا ئايشەمنىڭ تەكلىپىنى قۇۋۋەتلەپ.
_ بىزنىڭ ئۆيگە بېرىپ ئولتۇرايلى، - دېدى مەرۋانە. ھەممىمىز ئۇنىڭغا ئېرىڭچۇ ؟ دېگەن مەنىدە قاراشتۇق.
_ ئۆيدە ئۇ يوق، يولغا چىقىپ كەتتى.
_ بىزنىڭ ئۆيگە بېرىپ ئولتۇرايلى دېدى مەرۋان.
بىز مەرۋاننىڭ چىرايلىق بېزەلگەن ئازادە مېھمانخانىسىدا ئۆزىمىزنى تاشلاپ ئولتۇرۇپ، ئۇزاق، ئۇزاق كۆرۈشمىگەن دوستلاردەك پاراڭغا چۈشتۇق.
ئۈستەلگە قىزىرىپ پىشقان نان بىلەن ئىككى خىل قورۇما قورۇپ كىرگەن مەرۋان چاي قويۇۋېتىپ:
_ خانىملار، ئادەم ئالدايدىغان تاتلىق - پاتلىقلارنى تىزمىدىم. بۈگۈن ھەممىمىزنىڭ ئىچىمىز توشۇپ قالغاندەك تۇرىدۇ، شۇڭا مۇشۇ ئاچچىق - چۈچۈك قورۇمىلارنى زاكوسكا قىلىپ . . .
ئۇ بىزگە قاراپ ھەييارلىق بىلەن ھىجايدى. . .
_ ۋاي ئاداش، ئادەمنى بەكلا چۈشىنىسەن جۇمۇ؟

    _ قۇيە ،مەن بۈگۈن راسا بىر مەس بولۇپ باقايچۇ ؟_دېدى ئايشەم .
    _مېنىڭمۇ پىغانىم ئۆرلەپ قاپتىكەن ، ئىچسەك ئىچتۇق !_ گۈلنازمۇ شۇنداق دېگەچ مۈرىسىدىكى يەلپۈنۈپ تۇرغان چاچلىرىنى يۆگەپ چازا قىستى . _ سەنچۇ چولپان ؟
    _سىلەرنىڭ دەردىڭلارنى ئاڭلايدىغانغا ئادەم كېرەك ئەمەسما ؟مەن ئاڭلاي _دېدىم ئېغىر ئۇھ تارتىپ .
    _سەن بىزنىڭ دەردىمىزنى ئاڭلاي دەيسەنۇ ، بىراق ئۆزۈڭ نەچچە ھەسسە دەرتمەن كۆرۈنىسەن !_دېدى مەرۋان .
    _بۇنىڭ نېمە دەردى بولار ؟ئۇرۇپ سوقىۋالغاندەك يۇۋاش ھەم ھوقۇقدار ئېرى تۇرسا ، ئىسىل داچىدەك ئۆيى ، نەگ باراي دېسە ماشىنىسى ، نەگە باردىڭ نەدە تۇردۇڭدېمىسە ، ئېرىنى تىزگىنەكتەك باشقۇرىۋاتسا ...
    _ ۋاي دوستەكلەر ، شۇ تېزگىنەكتەك باشقۇرىلىدىغان ئەرنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق دەردى بار مەن بەزىدە ئوقۇمىغان دۆت ئايال بولۇپ قالسامچۇ ؟ دەپ ئويلايمەن !...
    _ بىزگە ئوخشاش بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرىدىغان ۋاتىلداق خوتۇن بولۇشنى خالامسەن ؟... ھاا...ئايشەم مېنىڭ گەپلىرىمگە كۈلۈپ :
    _مەرۋان ، قۇيە ھارىقىڭنى ئاۋۋال ئىچىۋېلىپ ، ئاندىن مۇڭدىشايلى -دېدى .
    مەرۋان ئانار رەڭگىدىكى قىپ-قىزىل سۇيۇقلۇقنى خرۇستال رۇمكىلارغا قۇيۇشقا باشلىدى .
    _ بىرىنچى رۇمكىنى نېمە ئۈچۈن ئىچىمىز ؟
    _ھەممىمىزنىڭ ھەممىمىزنىڭ بەختى ئۈچۈن خوشاللىقى ئۈچۈن كۆتۈرەيلى !
    _ خوشە!خرۇستال رۇمكىلارنىڭ بىر-بىرىگە تەككەندىكى جىرىڭلىغان ئاۋازلىرى ناھايىتى سۈزۈك ئاڭلاندى .
    رومكىلار ئۈچ رەت ئايلانغاندىن كېيىن ئايشەم سۆز باشلىدى :
    _ ئاداشلار سىلەر بىلمەيسىلەر مەن ئەرگە تەگمىگەن خوتۇن ئالغان ، تالانىڭمۇ ئۆينىڭمۇ ئىشىغا ئۆزۈم چاپىمەن ،ئۇ قاچانلا قارىساڭلار مەست يۈرگەن ، يەنە تېخى گەپ يۇغان ...بۇ ھاراقكەشتىن خويمۇ تويدۇم . نېمانچە شور پىشانىدۇرمەن ؟!ھەممە گەپنى سىلەرگە دەپ بولالمايمەن ... ئايشەم قولىدىكى رۇمكىنىئويناپ ئولتۇرۇپ يىغلامسىرىغاندەك سۆزلەيتتى .
    _ ئاداش سەن يەنە شۈكۈر قىلغىن ، سېنىڭ ئېرىڭغۇ ھاراق ئىچسىمۇ ، يەنە دەتتىكام دەپ ئاتمايدىغاندۇ ؟مېنىڭ ئاتمايدىغۇ؟ مېنىڭ ئېرىم بىر قېتىمدىلا قىرىق مىڭنىئۇتتۇرۇۋېتىپ، ئۈچ يىل بولدى، مائاش قەغىزى خەقتە، قەرزگە ئىشلەۋاتىدۇ. مەن بىر مائاشىم بىلەن ئۇنى ئىككى بالامغا قوشۇپ بېقىۋاتىمەن، - دېدى زېھنايمۇ خىيالغا پاتقان ھالدا. ئۇ ھاراق ئىچسە شۇنداق ئېغىر - بېسىق بولۇپ كېتەتتى.
    _ سىلەرنىڭ دەردىڭلار ، مېنىڭ دەردىمگە ياماقمۇ بولالمىغۇدەك « دېسەم گەپ بولىدۇ، دېمىسەم دەرد » ، قۇيە ئاداش ھارىقىڭنى . . . گۈلناز كۈلكىگىمۇ، يىغىغىمۇ ئوخشىمايدىغان بىر قىياپەتتە قۇرۇق رومكىسىنى مەرۋانغا تەڭلىدى.
    _ سەن بولدى قىلامسەنكىن گۈلناز، چىرايىڭغا بەكلا چىقىپ كېتىپتۇ ، - دېدى مەرۋان گۈلنازنىڭ رومكىسىغا قىزىل سۇيۇقلۇقنى قۇيغاچ.
    _ مېنىڭ ناخشا ئېيتقۇم كېلىۋاتىدۇ، مەرۋان دۇتىرىڭنى ئاچىقە ! - دېدى گۈلناز مەرۋانغا قاراپ.
    _ مانا ئەمدى سورۇنىمىز قىزىيدىغان بولدى. چالە ئاداش، ماڭا سېنىڭ ناخشاڭدىن باشقىسى كېرەك ئەمەس، - دېدىم مەرۋاننىڭ ئېسىقلىق دۇتىرىنى ئۆزۈم گۈلنازغا سۇنغاچ.
    گۈلناز قولۇمدىن دۇتارنى ئېلىپ، بىردەم تىرىڭشىتىپ تەڭشىۋالغاندىن كېيىن، ئاپئاق لەغمەن جىزىسىدەك نازۇك بارماقلىرىنى دۇتارنىڭ تارىسىغا ئۇرۇۋېدى، ئۇنىڭ بارماقلىرى دۇتارنىڭ تارىسىغا ئەمەس مېنىڭ يۈرەك تارلىرىمغا تەگكەندەك، يۈرەكلىرىم يېنىك تىتىرەشكە، ئارقىدىن ئېسەدەشكە باشلىدى. مېنىڭ يۈرۈكىمنىڭ ئېسەدەشلىرىنى مۇنۇ دۇتتارنىڭ ئېغىر دەردلىك ساداسى، گۈلنازنىڭ يىغلىغاندەك ئېيتىۋاتقان مۇڭلۇق نىداسى بېسىۋالدى.
    ھاراق ئىچىدۇ دەيدۇ،
    تاماكا چېكىدۇ دەيدۇ.
    ھەركىم ھەر نېمە دەيدۇ،
    دەرد كەلگەننى بىلمەيدۇ.

    باغ ئارىلاپ شامال كەلدى،
    تاغ ئارىلاپ بوران كەلدى.
    ئاچ ئانا ئىشىكىڭنى،
    دەردى بار قىزىڭ كەلدى.

    شۇئان رەھمەتلىك ئانام ئېسىمگە كەلدى. ئاتا - ئانا دېگەن ئادەمگە مەقسەتسىز كۆيۈنىدىكەن، ئاتا - ئانىدىن كېيىن ھەرقانچە ئۇرۇق - تۇغقانلىرىڭ بولسىمۇ، ئاتا - ئاناڭغا ئەركىلىگەندەك ئەركىلىيەلمەيدىكەنسەن، شۇتاپتا ئانام بولغان بولسا ئاشۇ دوزاخ ئۆيگە، ھېلىقى ئون يىل بىر قازاندا قايناتسىمۇ قېنىمىز قوشۇلمايدىغان ئاۋۇ ئەر بار ئۆيگە بارماي، ئۇدۇل ئانامنىڭ يېنىغا كېتىپ قۇچىقىغا ئۆزۈمنى ئېتىپ بىر يىغلىۋالغان بولسام . . . مەن دۇتار بىلەن ناخشا ئاڭلىساملا بالىلىق چاغلىرىمنى ئېسىمگە ئالىمەن. ھەيرانمەن، شۇ بالىلىق چاغلىرىمدا ئاپام ئېلىپ بارغان تويلاردا دۇتار ئاڭلىشاممۇ يىغلىغۇم كېلەتتى. ئۆزۈمچە مىسكىنلىشىپ كېتەتتىم. مانا ئەمدى يېشىم چوڭىيىپ، دەرد - ئەلەملەرنى يەتكىچە تارتىۋاتقان ھازىرمۇ دۇتارنى ئاڭلىسام خۇددى دەردى ئىچىمگە پاتمىغان ئادەم ئاۋازىنى چىقىرىپ ھازى ئېچىپ يىغلىۋالغاندەك، باشتا پىغانلىرىم ئۆرلەپ ئاخىرىدا يېنىكلىشىپ قالىمەن.
    دۇتارنىڭ شىپپىدە توختىشى بىلەن مېنىڭ خىياللىرىممۇ ئۈزۈلدى. مەن گۈلنازغا قارىدىم. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن تۆكۈلگەن ياشلار ئاللىقاچان يۈزلىرىنى بويلاپ تامچىۋاتاتتى. دۇتارنى قۇچاغلاپ ئولتۇرۇپ مەرۋانغا سۆزلەۋاتاتتى.
    _ سەن بىلمەيسەن مەرۋان، مېنىڭ يۈرىكىم مۇشۇ رومكىدىكى ھارىقىڭدەك قان - زەرداپقا تولدى . . . مەن بەك چىداملىق ئايال جۇمۇ . . . بىلەمسىلەر ، مەن باتۇر ئايال . . . سىلەر بىلىسىلەر . . . بىراق ماڭا دېمەپسىلەر . . . بۇ سىلەرنىڭ دوستلۇقىڭلارمۇ ياكى . . . بىلمىدىم . . .
    _ گۈلناز قولىغا رومكىنى ئېلىپ ھاراقنى گۈپپىدە كۆتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن يۈزلىرىنى توسىغىنىچە ئىسەدەشكە باشلىدى.
    _ گۈلناز سەن مەست بولۇپ قالدىڭ، بىردەم يېتىۋالامسەن ؟
    _ ياق، مەن ھازىر ھەقىقىي ئادەم بولدۇم. سىلەرگە نەچچە ۋاقىتتىن بېرى يۈرۈكىمنى يەپ كېلىۋاتقان دەردلىرىمنى نومۇسنى قايرىپ قويۇپ تۇرۇپ دېيەلمىدىم . . . سىلەرچۇ؟ سىلەر ئادەم ئەمەس، دوستۇممۇ ئەمەس، تاماشالىرىمنى كۆرۈشتۈڭ! مېنى قانداق قىلاركىن دەپ سۈكۈت قىلىشتىڭ! ئۇ ئۆزىنى سافاغا تاشلاپ يىغلاشقا باشلىدى. ئۇنىڭ يىغىسى مېنىڭ يۈرۈكىمنى پارا- پارە قىلىۋەتتى. كۆزلىرىمدىن تۆكۈلگەن ياش يۈزلىرىمنى يۇيۇشقا باشلىدى. مەنلا ئەمەس ، ئۇلارمۇ ئۈنسىز ياش تۆكۈۋاتاتتى.
    _ سەن بىزنى ئازابلانمىدى دەۋاتامسەن، ئاداش؟ بىز سەندىن بۇرۇنلا بۇ ئىشنى بىلگەندە ئازابلانغان، بىراق راستىنلا ساڭا دېيىشكە پېتىنالمىدۇق ھەم فۇرقەتنى تۈزۈلۈپ كېتەر، دەپ كۈتتۇق.
    _ سەن ئېرىڭگە خۇداغا ئىشەنگەندەك ئىشىنىدىغان تۇرساڭ، ساڭا قانداقمۇ ئۇ گەپنى دېيەلەيمىز؟ ! جېنىم ئاداش، ئايشەم شۇنداق دەپ گۈلنازنىڭ چاچلىرىنى سىلاپ ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ يىغلاشقا باشلىدى. ئۇلارغا قاراپ ئېزىلىپ ئولتۇرۇپ تۇيۇقسىز ئاخشامقى قوشنامنىڭ قىلىقلىرى ئېسىمگە كېلىپ قالدى. دەرھال مەرۋاننىڭ قۇيۇۋاتقان بوتۇلكىسىغا قارىدىم.
    _ ئەجەپ قاراپ كەتتىڭغۇ؟
    _ قۇيۇۋاتقىنىڭ نېمە ؟
    _ ۋېيلۇڭ، . . ئاران ئون بىر گرادۇسلۇق. . .مەرۋان ئاستا قۇلىقىمغا پىچىرلىدى :
    _ ئۇنىڭدىن كۈچلۈكرەكىنى ئىچكۈڭ بارمىدى يا ؟
    _ خۇدايا توۋا دېگىن. . .
    _ مەن ئۇلارغا بوزەك بولماي، ئۆچ ئالاي دەيمەن. چولپان سەن ماڭا بىر پارچە ئەرز يېزىپ بەرگىن- گۈلنازنىڭ مەستلىك ھە يىغىدىن قىزىرىپ خۇمارلىشىپ كەتكەن قاپقارا كىرپىكلىرى ئارىسىدىكى كۆك كۆزلىرىگە قارىدىم.
    _ گۈلناز سەن فۇرقەتتىن ئاجراشماقچىمۇ؟
    _ ياق!
    _ ئەمىسە نېمىشقا ئەرز يازىسەن؟!
    _ مەن ئۇلارنى خەلقئالەم ئالدىدا رەسۋا قىلماقچى . . .
    ئاندىن ئۇ خوتۇندىن فۇرقەتنى تارتىۋالماقچى.
    _ فۇرقەتتىن مېھرىڭنى ئۈزەلمەيدىغان، ئائىلەڭنى ساقلاپ قالىدىغان يېرىڭ بولسا، ئۇلارنى ئەرز قىلما! قۇلىقىڭنى گفز، كۆزۈڭنى قارىغۇ قىلىپ، ئەڭ ۋاپادارلىقىڭ، ئەپۇۋانلىقىڭ بىلەن تۇرمۇشۇڭنى داۋاملاشتۇر، شۇنداق قىلساڭ فۇرقەت ھامان سېنىڭ يېنىڭغا قايتىپ كېلىدۇ.
    _ غورورۇمنى مۇشۇنچىلىك دەپسەندە قىلغىنىممۇ يېتەر . . . مەن ئۇنداق گۆش باش ئەمەس.
    _ ئېرىمنى باشقا بىر خوتۇن يەنە كېلىپ ئۆزىدىن ئون ياش چوڭ خوتۇن تارتىۋالماقچى دەپ سوتلاردا ئەرز قىلىپ يۈرۈش ساڭا نومۇس ئەمەسمۇ؟ . . . غورۇرۇڭ كۆتۈرەمدۇ؟ مېنىڭچە ئېرىڭنىڭ مۇشۇ يولغا مېڭىشىدا سېنىڭمۇ سەۋەنلىكىڭ بار ، - دېدىم مەن.


--- چولپان سەن دوستۇم ئەمەسكەنسەن ، خەپ سېنىڭ ئېرىڭنىڭ بۇزۇلمىغىنىنى كۆرەرمەن ، --- دىدى گۈلناز قوللىرىنى پىشانەمگە نوقۇپ تۇرۇپ .

--- گۈلناز سەن مەست بولۇپ قالدىڭ ، سەن ئەتىگىچە ياخشىراق ئويلان ، چولپاننىڭ گېپىنىڭ ئاساسى باردەك تۇرىدۇ ، --- مەرۋان رۇمكىغا ھاراق قويۇۋېتىپ شۇنداق دىدى .

---مەرۋان ، سەن مېنىڭ ئالدىمدا ئاز سۆزلە ، مەنمۇ ساڭا ئوخشاش كۆڭلۈمنى تالادا خوش قىلىپ يۈرسەم ياخشى بولامتى ؟ ! مەن سەندىن نەپرەتلىنىمەن ، سەن ئەڭ خەتەرلىك خوتۇن بولۇپ كەتتىڭ ...

--- شۇنداق ، سىلەر مەندىن نەپرەتلەنسەڭلار بولىدۇ . چۈنكى مەن ئۆيدە ئېرى ، تالادا ئاشنىسى بار خوتۇن ! بىراق نىمىشقا مۇشۇنداق بولۇپ قالدىم ؟ قايسىڭ بىلىسەن ؟ سېنىڭغۇ ئېرىڭ ئۆزىدىن ئون ياش چوڭ پۇلى بار سودىگەر خوتۇن بىلەن تېپىشىۋاپتۇ ، بۇنى ئاڭلىغىنىڭىزغا ساراڭ بولاي دەپسەن ، مېنىڭ ئىرىم بەش يىلنىڭ ئالدىدا بىر خەنزۇ قىزدىن بالا تېپىپ قويۇپ ، ئۇ خەنزۇ قىزغا ئون مىڭ يۈئەن تۆلەم تۆلەپ ، بالىسىنى ئالغۇزۇپ ئېرىمنى قوتقۇزۇپ قالغىنىمنى بىلىشەمتىڭ ؟ ! نىمىشقا شۇنداق بولۇپ قالدىم ؟ ئاشۇ بىر تال قىزىمنىڭ كەلگۈسى بەختى ... ئون يىللىق ئائىلىمىزنى ساقلاپ قېلىش ... قېرىپ قالغان ئاتا - ئانىمىزنى ئاياش ... جەمىيەتتە سۆز - چۆچەك قىلىشتىن نومۇس قىلىپ ... بىراق ، بۇ ئېتىقادى يوق ئەردىن كۆڭلۈم سۇ ئىچمىدى ، بارغانسېرى يىراقلىشىپ كەتتۇق . كۆرۈنۈشتە بىز ناھايىتى ئىناق ، ئەمىلىيەتتە بىز ياخشى ئۆتىۋاتقان قوشنىلار ...

مەرۋان ناھايىتى ھوزۇرلىنىپ سۆزلەۋاتقاندەك بىخارامان ئولتۇراتتى .

--- مېنىڭ ئېرىم ھاراق ئىچسىمۇ يەنە ياخشىكەن جۇمۇ ، شۈكۈر قىلاي ، --- ئايشەم شۇنداق دەپ ھەممىمىزگە تەكشى قارىۋالدى .

--- ئاداش مېنىڭ ئېرىممۇ قىماردا ئۇتتۇرۋەتكەن بولسىمۇ بىراق تالادا ئادىمى يوق ، شۈكۈر دەي جۇمۇ ؟ دىدى --- زېھنايمۇ سەل ئېسىگە كەلگەندەك بولۇپ .

--- مەنمۇ دىلشاتتىن بەزىدە تەسىرلىنىپ قالىمەن . كېچىلىرى مەھەللىگە مەست كېلىپ ، ئۆيگە تېلىفۇن قىلسام پەسكە چۈشۈپ مېنى يۆلەپ تۆتىنچى قەۋەتكە ئېلىپ چىقىدۇ . قۇسسام قۇسۇقلىرىمغا قاچا تۇتىدۇ ، كېچىلىرى ئۇسساپ كەتتىم ، دەپ توۋلىسام ناۋات سېلىپ تەييارلاپ قويغان سوغۇق چايلارنى ئەپكېلىپ ئىچكۈزىدۇ .

مەرۋانمۇ ناھايىتى مەمنۇنلۇق تۇيغۇسىدا ماختىنىۋاتاتتى . سائىتىمگە قارىسام ئون بىردىن ئېشىپتۇ .

--- ئاداشلار ئۆزىمىزنى ئاقلاپ ئېرىمىزنى ماختاپمۇ بولدۇق ، ئەمدى ئىچىمىزمۇ بوشىغاندۇ قايتامدۇق ؟ ! -- دىدىم ئۇلارغا .

ئايدىڭ كېچە، ئېغىر قەدەملەر بىلەن ئۆيۈمگە كېتىۋاتىمەن .
خىيالىمدا ئۇنىڭغا : << سەن بىر چاغدا ، سەن مېنىڭ كىملىكىمنى بىلمەيۋاتىسەن ، ئەتراپىڭدا پەرۋانە بولۇپ يۈرگەن نەچچە يىگىتنى يۇغۇرساڭمۇ ، مەندەك سۇباتتىن بىرسى چىقمايدۇ . دىگەندە سېنى تولا پو ئاتمىغىنە دىگىنىم ئېسىڭدىمۇ ؟ بۈگۈن مېنىڭ ساڭا شۇنداق پو ئاتقۇم كېلىۋاتىدۇ . بۈگۈنكى سورۇندىكى بۇ چوكانلارنى يۇغۇرسىمۇ مەندەك چولپاننىڭ يېرىمىمۇ چىقمىغۇدەك ... مۇھەببەت - نەپرەت ، ئېتىقات مەيدانى مۇستەھكەم بولمىغان ئادەملەر شۇنداق بولامدۇ -يا ؟ >> مەن خىيالىمدا ئۇنىڭ بىلەن مۇڭدىشىپ كېلىۋاتىمەن ، كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلسام ، ئۆيگە قايتقۇم يوق ، ھەيرانمەن ، نەچچە سائەتتىن بېرى ئەرلىرى ئۈستىدىن يىغلاپ شىكايەت قىلغان دوستلىرىم ئۆيىگە ، ئەرلىرىنىڭ يېنىغا ئالدىراش تاكسى توسۇپ كېتىشتى . ئەمما ئۇلارنىڭ دەردىنى تىڭشاپ ئولتۇرغان خاتىرجەم ئائىلەم ، لاياقەتلىك ئېرىم بولغان مەن دوستلىرىمنى ئۇزۇتۇپ قويۇپ ، ئۇزۇنغا سوزۇلغان سىمونت يولدا يالغۇز كېتىۋېتىپ ، ئۆيۈمنىڭ مەن ماڭغانسېرى يىراقلاپ كېتىشىنى تىلەۋاتىمەن . ئىشىككە ئاچقۇچۇمنى سېلىپ ئېچىپ ئۆيگە كىرگىنىمدە ، ئىشىكتىن كىرگەندىلا ، ئۇدۇل كۆرىنىدىغان خۇرۇم سافادا ئۇ ئوڭدىسىغا يېتىپ تېلىۋېزور كۆرۈۋېتىپتۇ .

--- بىر يەردە تازا ئىچىشكەن ئوخشىمامسىلەر ؟

مەن ئۇدۇلۇمدىكى سافادا پوشكال خېمىرىدەك ساقىپ ياتقان مۇرادقا لەپپىدى قارىدىم . ئۇنىڭ نۇرسىز كۆزلىرى ماڭا ئىپادىسىز تىكىلىپ تۇراتتى .

--- ئاچچىقىڭىز كەلدىمۇ ؟

--- ياقەي ، سوراپ قويدۇم ، ھازىر ئىچىشنى بىلمىگەن ئاياللار ياشاشنى بىلمىگەن ھىساپلىنىدۇ .

ئۇنىڭ يېقىمسىز ئاھاڭدا سۆزلىگەن لاۋزا گەپلىرى كەيپىمنى ئۇچۇردى .

--- سىزمۇ شۇنداق قارامسىز ؟

---سىز خەلقئارالىق ئاڭغا ئىگە مەندەك ئېرىڭىزنىڭ بولغىنىدىن پەخىرلەنسىڭىز بولىدۇ .

مەن ئۇنىڭغا قارىغىنىمچە بىر ھازا تۇرۇپ كەتتىم .

--- قانداق ، مەن پەخىرلىنىشىڭىزگە ئەرزىمدىكەنمەن ؟

ئۇنىڭ قايتىلاپ سورىغان سۇئاللىرىدىن خۇددى جوڭيى دورىسى ئىچكەندەك سەسكىنىپ كەتتىم .

--- سىلەردەك ئەرلەرنىڭ قولىغا قالغان بىز ئاياللارنىڭ كېلەچەگى قانداق بولار ؟ --- دىدىم ئەلەم بىلەن .

--- بىزدەك ئەرلەرنىڭ قولىدا ئۆزىڭىز ئاسىيادا تۇرۇپ ياۋروپالىقتەك ياشاۋاتقانسىز ؟ ! --- دىدى ئۇ ساپادىن لىككىدە تۇرۇپ مەغرۇرانە قىياپەتتە .

--- بىردەم كۆزۈمگە كۆرۈنمىسڭىز بولۇپتىكەن ؟ ! --- دەۋەتتىم ئاخىرى ئۇنىڭ بىلەن گەپ تالاشقىم كەلمەي .

--- بولىدۇ ، مەن كۆزىڭىزدىن بىردەم يوقىلاي . ئەمما ھېلىلا ئۆز پۇتىڭىز بىلەن يېنىمغا كىرىسىز ... ئۇ شۇنداق دىگەچ ساپما كەشىنى شىپىلداتقىنىچە ياتاق ئۆيگە كىرىپ كەتتى .

ئۇنىڭ ناھايىتى ئىشەنچ بىلەن دىگەن ئاخىرقى سۆزلىرى مېنىڭ جاراھەتلىك قەلبىمنى تۇز سۈيى قۇيغاندەك ئېچىشتۇردى . ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم . بالكونغا چىقىپ ئوچۇق دەرىزىلەردىن ئاسمانغا قارىدىم . ئاي ماڭا مۇلايىم جىلۋىلىنىپ قاراپ تۇراتتى . يۇلتۇزلار بولسا ئاينىڭ ئەتراپىدا خۇددى غەمسىز بالىلاردەك جىمىرلىشىپ تۇراتتى . شۇئان ئېسىمگە بىر ناخشا كەلدى .

كىچىگىمدىن يۇلتۇزۇمنى ئىزدەيتتىم ،

ھەر ئاخشىمى تەلمۈرۈپ مەن ئاسمانغا .

تاپالمىدىم ، توۋا دەيمەن بەختىمنى ،

مېنىڭ بەختىم نىمە قىلسۇن ئاسماندا .

تۇيۇقسىز ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم ئېسىمگە كېلىپ قالدى . كېچە سائەت ئون بولىشى بىلەن ياتاقلارنىڭ توكى بىردەك ئۆچۈرۈلەتتى . ئۇيقۇمىز قاچقان كۈنلىرى بىز كارۋاتلىرىمىزدا ئوڭدا يېتىۋېلىپ ، ناخشا ئېيتىشاتتۇق . ناخشىنى زۇمرەت بىلەن چىمەنگۈل ياخشى ئېيتاتتى . بىز ئۇلارغا ئەگىشەتتۇق . شۇ تاپتا ئوقۇغۇچىلىق ھاياتنى ، سۆيۈملىك ياتاقنى ھەم دوستلىرىمنى شۇنداق سېغىندىمكى ...

--- بۈگۈن ئۇيقۇڭىز كەلمىگۈدەك بىرەر ئىش بولغانمىدى ؟ --- ئۇنىڭ يېقىمسىز ئاۋازى خىياللىرىمنى بۆلىۋەتتى . كەينىمگە قايرىلىپ قارىماستىنلا ، ئۇيقۇم كەلسە نەچچە ئۆي بىكار تۇرمامدۇ ، غەم قىلماي ئۇخلاۋېرىڭ ! --- دىدىم قوپاللا ...

--- سىرتتا بىرەرسى باردەكلا كۆزىڭىزنى سىرتتىن ئۈزەلمەيلا قاپسىزغۇ ؟ --- سۈكۈت قىلدىم .

--- ھەقاچان بۈگۈن دوستلىرىڭىز بىلەن جەم بولۇپ ، ئىچىشكەچ كونا يىگىتلىرىڭلارنىڭ گېپىنى قىلىشقانسىلەر ؟ شۇڭا كونا ئوتلار تۇتىشىپ ئۆچۈرەلمەيۋاتامسىزكىن دەيمىنا ؟ !

ئارقامغا ئۆرۈلۈپ ئۇنىڭغا قارىدىم . ئۇ كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى . ئۇنىڭ زەھەردەك ئاچچىق سۆزلىرى يۈرىگىمگە يىڭنىدەك سانجىلىپ ، كۆز ئالدىم قاراڭغۇلاشقاندەك بولۇپ كەتتى . شۇ تاپتا مەن ئۇنىڭ ئورۇنسىز سېسىق گەپ قىلىشنىڭ ئورنىغا سىرتتىن يۈزلىرىمنى قىزارتىپ كېچىدە لەلەڭشىپ كىرگەن چېغىمدىلا : << ئايال كىشى تۇرۇپ ، يېرىم كېچىگىچە نەگە باردىڭ ؟ ھاراق ئىچكۈچە ئېشەكنىڭ سۈدۈكىنى ئىچسەڭ بولمامدۇ ؟ >> دەپ تەستىكىمگە نەچچىنى ئۇرغان بولسىمۇ ، يېنىكلەپ قالغان ھەم ئۇنىڭ ئەرلىكىدىن مەمننۇن بولغان ، يىغلاپ تۇرۇپ گۇناھىمنى تۇنۇغان بولار ئىدىم . ئەمما ، ئۇنىڭدا ئۇنچىلىك ئاڭ ، ئۇنچىلىك ئېتىقاد نىمە قىلسۇن ؟ مەن قەلبىمدىكى بارلىق غەزىپىمنى كۆزلىرىمگە يىغىپ ، ئۇنىڭغا مىقتەك قادىلىپ تۇرۇپ :

---شۇنداق قەلبىمدىكى ئوت لاۋۇلداپ كۈيىۋاتىدۇ ، ئەركەك بولسىڭىز ئۇ ئوتنى ئۆزىڭىز ئۆچۈرمەمسىز ؟ --- دىدىم .

ئۇنىڭ چىرايلىرى قارىداپ ، كۆزلىرىدىن ھىچىنىمىگە ئوخشىمايدىغان ئاجايىپ بىر ئۇچقۇن چاقنىدى . مەن ئۇنىڭ ئادەمنى بىزار قىلىدىغان كۆزلىرىگە قاراپ تۇرۇپ ، رەھمەتلىك ئانامنىڭ << قىز بالا دىگەن ئەركىشىنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قارىمايدىغان ، گەپ ياندۇرمايدىغان ، بولمىسا يامان بولىدۇ >> دىگەن سۆزىنى ئېسىمگە ئالدىم . ئىچىمدىلا ئاللاھقا : << ئېھ ! قۇدرىتى ئۇلۇغ ، ئادەمنى ، ئالەمنى ياراتقان ئاللاھ ، ئالدىمدىكى مۇنۇ بەندەڭنى ئەرلا قىلىپ ياراتماي ، ئەركەك قىلغان بولساڭچۇ ئۇنىڭغا ۋىژدان ، ئېتىقاد ، ئەقىل ، مۇھەببەت ۋە نەپرەت دىگەندەك ئوغۇل بالا ئۈچۈن مۇھىم نەرسىلەرنى تولۇق بەرگەن بولساڭ ، مەنمۇ ھۆرمىتىم بىلەن لەپپىدە بىر قاراپ ، يەرگە قارىۋالماسمىدىم ؟ ئۇنىڭغا بۇنچە تىكىلىپ قاراشقا قۇربىتىم يېتەمتى ؟ ! مەيلىم بولامتى ؟ ! ... >> دەپ نىدا قىلدىم .
ھاياتنىڭ ئۆزگەرمەس رېتىمى بويىچە ، بۈگۈن شۇنچە روھسىز ئورنۇمدىن تۇرغان بولساممۇ ، تېزراق بۇ " دوزاق " تىن چىقىپ كېتىشكە ئالدىردىم . نەچچە يىلدىن بۇيان بولۇپمۇ مۇشۇ نەچچە ئايدىن بۇيان پۈتۈن ئەقلىم بىلەن ئويلاۋاتقان تەقدىرىمگە بۈگۈن بىر كېچە كىرپىك قاقماي ئولتۇرۇپ ، ئۆز تەغدىرىم ئۈستىدە ئەڭ ئاخىرقى قارارىمنى چىقىرىپ ، مۇراتتىن ئاجرىشىش ئەرزىمنى سوتقا تاپشۇردۇم ، ئەركىنلىك نىمە دىگەن ياخشى - ھە ! ياش چاغلىرىمدا باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىنى " دوزاق " قا ئوخشاتسا ھەيران قاپتىكەنمەن . توۋا كۆڭۈلسىز تۇرمۇش دىگەن ھەقىقەتەن قېنىڭنى چىقارماي جېنىڭنى ئالىدىغان ، قاڭسىق ، ئازاپلىق ، " دوزاق " كەن ئەمەسمۇ ؟ شۇنداق خىياللار بىلەن كېتىۋاتسام ، يانفۇنۇم سايرىدى .

--- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !

--- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، چولپان تېنچلىقمۇ سەن ، مەن خەدىچە .

--- خۇداغا شۈكۈر ، ئاداش ئۆزۈڭچۇ ؟ بالىلىرىڭ تېنچلىقمۇ ؟

--- تېنچلىق ئاداش ، مەن ساڭا بىر گەپ قىلىمەن ، قورقۇپ كەتمىگىن جۇمۇ ؟

--- ئادەمنى ئەنسىرەتمەي تېزراق دىگىنە نىمە بولدى ؟

--- چىمەن كېسەل بولۇپ يېتىپ قالدى ، سەن بۈگۈندىن قالماي ، بولسا ھازىرلا يولغا چىقمىساڭ بولمايدۇ .

--- شۇنچە جىددىمۇ ؟

--- شۇنداق ئاداش ، ئەھۋالى ئېغىر ، ئۇ سېنى نەچچە قېتىم سورىدى ، بەلكىم ئۇنى ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشۈڭ بولۇپ قالارمىكىن ؟

بېشىمدىن بىر چىلەك سۇنى قۇيۇۋەتكەندەك ئەندىكىپ كەتتىم .

--- نىمە دەيسەن ، مەن ھازىرلا ئىشخانامغا بېرىپ رۇخسەت سوراپ ماڭاي .

يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاش يولدا مەن ئولتۇرغان ئاپتوبۇس ئۇچقاندەك كېتىپ بارىدۇ . شوپۇرنىڭ بېشىنىڭ ئۈستىگىلا ئورنىتىلغان تېلىۋېزوردا كۆڭۈلنى ئېلىشتۇرغىدەك گۇمپا - گۇمپاڭ مۇشلىشىدىغان فىلىم قويۇلىۋاتىدۇ . مەن كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمۇپ چىمەن توغرىسىدا ئويلاۋاتىمەن .

--- سىزمۇ مۇشۇ سىنىپتىمۇ ؟

مەن كەينىمگە ئۆرۈلۈپ يېقىملىق ئاۋاز چىققان تەرەپكە قارىدىم . تەبىئى بۈدرە بولسا كېرەك ، ئىككى تال ئۆرۈۋالغان چاچلىرى تولغىشىپ دولىسىغا چۈشۈپ تۇرغان ، بېشىغا ھال رەڭ گاز ياغلىق چېگىپ ، ئۇچىسىغا تەنتەربىيە كىيىمى كىيىپ ، مەيدىسىدە شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى دىگەن ئىزنەك تاقىۋالغان ، غۇنچە بوي چىرايلىق بولغاندىمۇ ئاجايىپ چىرايلىق بىر قىز ماڭا تاتلىق تەبەسسۈم قىلىپ تۇراتتى .

--- ھەئە ، مەنمۇ مۇشۇ سىنىپتا .

--- سىزنىڭ ئىسمىڭىز نىمە ؟ نەلىك ؟

--- مەن مايتاغلىق ، ئىسمىم چولپان .

--- مەن خوتەن شەھەر ئىچىدىن ، ئىسمىم چىمەنگۈل .

--- مەن سىزنىڭ تەلەپپۇزىڭىزدىنلا خوتەنلىك ئىكەنلىكىڭىزنى بىلگەنتىم .

--- مەن سىزنى ئۈرۈمچىلىكمىكىن دەپ قاپتىمەن .

بىز ئالى مەكتەپنىڭ بوسۇغىسىدىلا شۇنداق تونۇشقان ئىدۇق . ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر زېھنى ، تىرىشچانلىقى ھەم خۇش ئاۋازى ، چىقىشقاقلىقى بىلەن سىنىپتىلا ئەمەس فاكۇلتېتلاردىمۇ تېزلا تونۇلۇپ كەتكەن ئىدى . ئۇ دۇتتار چېلىپ ناخشا ئېيتىدىغان بولسا ئوغۇللارنىلا ئەمەس بىز قىزلارنىمۇ نادامەت چەكتۈرۈپ قوياتتى .

--- يائاللا چىمەنگۈل ، ئوغۇل بالا بولغان بولسام چوقۇم سېنى ئالاتتىم ! --- دەپ چاقچاق قىلاتتى خەدىچە .

--- خەپ چىمەن مەن سېنى ئىنىمغا ئېلىپ بېرىپ كېلىن قىلىۋالمايدىغان بولسام ، --- دەيتتىم مەنمۇ ئۇنىڭغا ھەۋىسىم كېلىپ ...

--- ئاداش ئىنىڭ كىچىك تۇرسا مەيلىما ؟ مايتاغلىقنىڭغۇ پۇلى جىق كەتسەم كەتتىم ! -- دەيتتى ئۇمۇ چاقچاق قىلىپ .

--- ھەي سىلەر ئاڭلىمىغانمۇ ، << سەتنىڭ قىلىقى سەت >> دەپ ، ئاجايىپ ۋاپادار ئايال بولىمەن جۇمۇ ؟ ... رەھىمە بىلەن چىمەننىڭ چاقچاقلىرى ئاخىرى كارۋاتتا پومداقلىشىپ ، بىر - بىرىنى قىچىقلاشلارغا ئۆزگىرىپ كېتەتتى .

ئالى مەكتەپنىڭ تۆتىنچى يىللىقىغىچە ، ئەتراپىدا پەرۋانە بولغان نۇرغۇن يىگىتلەرنى رەت قىلغان چىمەن ئاخىرى ، خوشنا سىنىپتىكى تۇرپانلىق يىگىت بىلەن مۇھەببەتلىشىپ قالدى .

--- قىز بالا دىگەن << ئوقتا توختامسەن پوقتا ؟ دىسە پوقتا >> دىگەن شۇدە ، شۇنچە ياخشى بالىلارنى رەت قىلسا بىرەر دۆلەتنىڭ شاھزادىسىگە تېگەمدىكىن دەپتىكەنمەن ئۇنى ، ھىلىقى تۇرپانلىق بىلەن يۈرىۋاپتۇ مۇنۇ بەغەرەز ، --- دەپ غۇدۇرىدى رەھىمە بىر كۈنى سىرتتىن كىرىپلا .

--- كىمنى دەيسەن ؟ دىدىم رەھىمەگە قاراپ .

--- مۇنۇ سېنىڭ كېلىن ئاغىچاڭ ، رەھىمە مېنىڭ ئاستىمدىكى چىمەننىڭ كارۋېتىنى شەرەتلىدى .

--- قايسى تۇرپانلىق بىلەن ؟ --- سورىدى خەدىچە قىزىقىپ .

--- ۋاي قايسى بولاتتى ، سادىغاڭ كېتەيلەر ، ئاخپارات سىنىپىدىكى ھېلىقى بۇرۇتلۇق خۇشتار دىگەن شالۋاقچۇ ؟ !

<< قىز بالىنىڭ ئەرگە تەگكىسى كەلسە ، كۆزى كۆرمەپتۇ >> دەپ ،چىمەن بىزنىڭ ھەر خىل ئۇسۇلدا خۇشتارنىڭ ئۆزىگە لايىق ئەمەسلىكىنى دېگىنىمىز بىلەن ئۆزىنىڭكىنى راست قىلىپ ، مۇھەببەت قاينىمىغا چۆكۈپلا كەتتى . ئاخىرى ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خۇشتار بىلەن تۇرپانغا بۆلۈنۈپ كەتكەن ئىدى . ئەلكۈيى مۇنازىرە مۇنبىرىدىن كۈچۈرۈلدى .
ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بەش يىلدىن كېيىن مەن خىزمەت بىلەن تۇرپانغا بارغىنىمدا ئۇنى ئىزلىدىم . شۇ چاغدا ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى تۆت ياشقا كىرىپتۇ ، چىرايلىرى ناھايىتى سۇلغۇن ، مېنى كۆرۈپلا بوينۇمغا ئېسىلىپ يىغلاپ كەتتى . ئۇنىڭ ھىلىقى كۈلكىلەر تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان كۆزلىرىدىنن ياش توختىماي ئاقاتتى . ئۇ كۈنلەردە ، مەنمۇ ئاپام تۈگەپ كېتىپ دادام ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان ، توي قىلىپ بولۇپ دەردىمنى ئۆزۈم بىلىدىغان مەزگىللىرىم بولغاچقا ، تازا يىغلاڭغۇ بولۇپ قالغان ئىدىم . ئۇنىڭ ئۈششۈك تەككەن گۈلدەك ۋاقىتسىز سولاشقان چىرايىدىكى سۇلغۇنلىققا قاراپلا يۈرەكلىرىم ئېچىشىپ كەتتى . ئۇنىڭغا نىمە دىيىشىمنى بىلەلمىدىم ، ئەمدى نىمە دىسەممۇ ئورنىغا كەلمەيتتى .

مەن بارغان كۈنىمۇ خۇشتار بىر كېچە ئۆيىگە كىرمىدى .

--- كېچىلىرى مۇشۇنداق ئۆيگە كىرمىسە قانداق بولىدۇ ؟ كۆرۈشكەن بولسام بىرگەپ قىلىپ قوياركەنمەن --- دىدىم ئۇنىڭغا .

--- ئاداش ئۇنىڭ بۇنداق ئىشلىرىغا كۆنۈپ كەتتىم ، ھىچقىسى يوق ! --- دىدى ماڭا سۇس تەبەسسۈم بىلەن .

--- قىزلار ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئەرگە تەگسە شۇنداق چىداملىق بولامدۇ - يا ؟ دىدىم ئۇنىڭ كۆڭلىنى ياساپ .

--- بەلكىم ، دىگىنىڭ ئورۇنلىقتۇر ، ئەمما مەنمۇ قانچىلىك چىدارمەنكى ، مېنىڭچە سەن توغرا قىلىپسەن ، << ياخشى كۆرگەننىڭ قۇلى بولغىچە ، ياخشى كۆرمىگەننىڭ گۈلى بول >> دەپتىكەن ، ئۇ تۇرمۇشلارغىمۇ كۆنۈپ كېتىسەن ، --- دىدى .

---كۆنۈپ كەتكەن بولسام ياخشى بولاتتى ، --- دىدىم ئېغىر ئۇھ تارتىپ .

--- نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا رەھىمە تېلېفۇن قىلىپتىكەن ، ئۇ ... ئۇ ...

چىمەن گېپىنىڭ ئاخىرىنى دىيەلمەستىن ماڭا مەنىلىك قارىدى .

--- رەھىمە سۇبات بىلەن توي قىلىدىغان بوپتۇ ! --- دىدىم چىمەنگە قاراپ .

--- سەن ئاخىرى ئاڭلاپسەندە ؟ ! --- چىمەن ھودۇققىنىدىن كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى .

--- مەن ئۆزۈم سۇباتقا رەھىمە بىلەن توي قىلىشنى تەۋسىيە قىلىپ خەت يازغان ئىدىم .

--- نىمىشقا ؟

--- رەھىمە ماڭا خەت يېزىپتۇ ، ئۇ ناھايىتى سەمىمىلىك بىلەن كۆڭلىدىكى گەپلەرنى دەپتۇ . مەن ئۇنىڭ سۇباتنى ياقتۇردىغانلىقىنى بىلەتتىم ، ئەمما ، بۇنچىلىك ياخشى كۆرىدۇ دەپ ئويلىماپتىكەنمەن . شۇنىڭ بىلەن ئىككىسىگە تەڭلا خەت يېزىۋەتتىم .

--- مەن ئامال بولسا ئۇنىڭ تويىغا بېرىشقا تىرىشىمەن ، سەنمۇ بارالامسەن ؟ --- چىمەن ماڭا سىنچى كۆزلىرىنى تىكتى .

--- سەن نىمانچە نادان چىمەن ؟ سۇبات ئىككىمىز شارائىت تۈپەيلى ئامالسىز ئايرىلدۇق . مەن رەھىمەگە سۇباتنىڭ جىسمىنى بەردىم. ئۇنىڭ روھىنى بېرىش مېنىڭ ياكى سۇباتنىڭ ئىختىيارىدىكى ئىش ئەمەسكەن ، بىزنىڭ جىسمىمىز گەرچە باشقا ئادەملەرگە تەۋە بولۇپ كەتسىمۇ روھىمىزنى ھىچكىم ئايرىيالمىغۇدەك ، بۇ ئاللا سالغان ئوتنى بەندىنىڭ ئۆچۈرەلىشى مۈمكىن ئەمەس ئوخشايدۇ . ئىش ئۇنداق تۇرسا ، ئۇنىڭ تويىغا بارالارمەنمۇ ؟ بولسا ، ئۇنىڭ تويىنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى بىلمەي قالسام دەيمەن . ھەي چىمەن ساڭا ھەرقانچە دىسىممۇ چۈشەنمەيسەن ، چۈنكى سەن ياخشى كۆرگەن ئادىمىڭدىن ئايرىلىشنىڭ تەمىنى تېتىپ باقمىدىڭ ، --- دىدىم مەن .
داۋامى بار  
مەنبە  ؛زامان  ئاخرىنڭ  ئاياللرى  دىگەن  كىتاپتىن  ئىلندى.

  گۇلباھار  سىدىق  ئابباس،

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
altunboxuk + 100 كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈپسىز،  رەھمەت

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 100   باھا خاتىرىسى

ئۈلۇمدىن قورۇقمايمەن .ئەمما.گورۇمدە يالغۇزلۇقتىن قاراڭغۇلىقتىن گۇرنىڭ ئازاۋېدىن قورقىمەن

نىمە ئۈچۈن ياشىد

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19940
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3051
تۆھپە نۇمۇرى: 212
توردا: 170 سائەت
تىزىم: 2010-12-1
ئاخىرقى: 2011-6-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-16 04:21:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27897
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3589
تۆھپە نۇمۇرى: 221
توردا: 1699 سائەت
تىزىم: 2011-1-26
ئاخىرقى: 2012-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-16 04:24:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ كىتاپنى بەك ياقتۇرۇپ ئوقۇغانتىم !
بۇ يەردە يەنە ئۇچراتتىم ،،ئوقۇسا يەنە ئوقۇغۇسى كىلىدىغان ياخشى كىتاپ ---بۇ !!!
رەھمەت ،

سىزگە ساتقىنلىق قىلغان ئادەمنى ئۇچراتقاندا ئۇنىڭغا كۇلۇمسىرەڭ !!!

ۋاقىت! قەدىمىڭنى

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22604
يازما سانى: 661
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5471
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 4594 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-16 04:44:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك تەسىرلىك ئىكەن، بەك ياقتۇردۇم، ھازىرقى زاماندىكى ئەر- ئاياللارنىڭ تۇرمۇشى تولىمۇ ئەمەلىيەتچىل تەسۋىرلىنىپتۇ.
ھازىرقى ئائىلە تۇرمۇشىدا بولۇپمۇ 25 ياش بىلەن 35 ياش ئارلىقىدىكى ياش ئەر- ئاياللار ئوتتۇرسىدا كىرزىس ھەقىقەتەنمۇ كۆپ!  
ئۇلۇغ ئاللاھ! ئاشۇ ئەرلىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ، ئىمان ئاتا قىلسىلا!

باشتا ئوقۇغان چىغىمدا مەن تېخى سىزنىڭ  شەخسى سەرگۈزەشتىڭىز ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمەن، كىيىن بىلدىم، ھىكايە- رومانلىقىنى! قانچە ئۇزۇندىمۇ ئۇرۇپ بولغانسىز! رەھمەت سزگە! گۈلبەر! داۋامىغا تەشنامەن! چوقۇم ئاخىرغىچە ئوقۇيمەن!

بەخىت ئۇ ئەتىراپىڭىزدىلا، ئەمما ئۇنى ھېس قىلالىشىڭىزدا!!!

ۋاقىت! قەدىمىڭنى

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22604
يازما سانى: 661
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5471
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 4594 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-16 04:55:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھە راس گۈلبەر خانقىز! بۇ ئەسەرنى يوللىغاندا ‹‹ زامان ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى 1، 2 ، 3 ، 4 ›› دىگەندەك ناملار بىلەن يوللىسىڭىز بوپتىكەن، بولمىسا، قايسى بېشى، قايسى ئاخىرى بىلمەي قالىدىكەنمىز، مەن ئەمدى كۆرۈپتىمەن، بېشىنى ھازىر ئوقۇدۇم! رەھمەت!

بەخىت ئۇ ئەتىراپىڭىزدىلا، ئەمما ئۇنى ھېس قىلالىشىڭىزدا!!!

ئانا تىلنى بىلمى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1408
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10609
تۆھپە نۇمۇرى: 1170
توردا: 2382 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-16 05:09:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما ئىگىسىدىن سوراپ باقسام، سىز بۇ ئەسەرنى كىتابتىن قايتا ئۇرۇۋاتامسىز ياكى ۋورد ھۆججىتى بارمۇ؟ ئەگەر بولمىسا بۇنداق قايتا ئۇرۇپ يۈرمەڭ، بۇ ئەسەرنىڭ ۋورد ھۆججىتى مەندە بار. يوللاپ بەرسەم بولىدۇ.
مەقسىتىمنى خاتا چۈشىنىۋالمىغايسىز، مەن پەقەت شۇ ئىشنى قايتىلاپ ۋاقىت ئىسراپچىلىقى بولمىسىكەن دەيمەن.

ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسى ھەرىكەتتە: http://blog.ilqut.com ئىش بولسا ئېلخەت يوللاڭ: Yasynjan@Gmail.com

اللە نىڭ بەرگەن

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41400
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 289
تۆھپە نۇمۇرى: 98
توردا: 705 سائەت
تىزىم: 2011-5-20
ئاخىرقى: 2011-7-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-16 05:11:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ياخشى ئەسەر ئكەن.ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت.

بىز كۈتمەيمىز قىز باللاردىن باشقىنى كېرەك ئەمەس بىزگە ئارتۇق شوخلۇغۇڭ <قىز> ئۇ نىمە مەنىسىنى بىلىپ ئۆت ساڭا مەنسۇپ غۇرۇرۇڭ ھەم پاكلىغىڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8864
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5770
تۆھپە نۇمۇرى: 272
توردا: 3558 سائەت
تىزىم: 2010-9-2
ئاخىرقى: 2012-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-16 05:27:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنىڭغا ئوخشاش خوتۇنى مەست كىرسە ناۋات سېلىپ چاي دەملەيدىغان لىڭتاسما،ئەركەكلىكى يوق لامزەللىلەرنىڭ دەستىدىن جاھان بۇزۇلۇۋاتىدۇ. ئەر دېگەن بىر ئائىلىنىڭ تۈۋرىكى، ئايالىنى قوغداش ھەم باشقۇرۇش ئۇنىڭ مەسئۇلىيتى. بىراق بەزى ئاياللار بۇنى چۈشەنمەيدۇ. ئەرلىرىنىڭ ئۆزىنى قاتتىق تۇتىشنى. ئاشۇنداق تۇترۇقسىز چايلارغا بارغىلى قويماسلىقىنى، زىيادە ئوچۇق كىيىم كىيىشىنى چەكلىشىنى، كۆيۈنگەنلىك دەپ ئەمەس، ئەركىنلىكىنى چەكلىگەنلىك ، ئارتۇقچە ئىشلارغا ئېسىلىۋالغانلىق دەپ قارايدۇ.  بىراق زېھنىنى ۋە ئىقتىسادىنى تايىنى يوق ئولتۇرۇشلارغا سەرپ قىلىپ، ھاراقتىن ئىبارەت ئادەمنى نەس ھەم پەس قىلىدىغان نەرسىنىڭ كەيپىنى سۈرۈۋاتقاندا ئۆزىنىڭ بىر ئانا ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. ئۇلار تۇرمۇشى مەنىسىزدەك، ئىقتىسادىي يېتىشمەي ئۆزىنىڭ ئارزۇ قىلغىنىدەك كۈنگە ئېرىشەلمىگىنىدىن ئاغرىنىدۇ ھەم ئۆزلىرىنى تۇرمۇشىنى باي ئاياللارنىڭ تۇرمۇشى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ھەممىنى ئېرىنىڭ يارامسىزلىقىدىن كۆرۈپ ئاخىردا ئاجرىشىنىڭ باھانىسى قىلىۋالىدۇ.

ئۆمۈد بىلەن ياشاش كېرەك

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3299
يازما سانى: 889
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9061
تۆھپە نۇمۇرى: 316
توردا: 7579 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-16 05:29:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسەرغۇ ياخشىكەن . لىكىن بەزى بىر ئۆچكىسىنى يىمەي  ،شاكىلىنى يەيدىغانلار  يامان يولغا مىڭىپ قالارمۇ دەپ ئويلاپ قالدىم .

جەننەتكە ئاشىق

ھاياتلىكتىكى ئازاپ ئازاپ ئەمەس

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28022
يازما سانى: 539
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5022
تۆھپە نۇمۇرى: 308
توردا: 1410 سائەت
تىزىم: 2011-1-27
ئاخىرقى: 2012-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-16 05:29:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانا بۇ ھازىرقى  تۇرمۇش ،ھازىرقى  ھايات .......!
                  ئاياللىنىڭ يولدىن چىقىشى ،ئاياللانىڭ ئەرلەدىن كۆپ نىسبەتنى ئىگەللىشى ،ئاياللىق ئىپپەت -نۇمۇسنىڭ ئاياللا قەلبىدىن كۇتۇرلىشى ،ئەرلەدىكى  ئەرلىك غۇرۇرنىڭ يوقىلىشى ،ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا بولغان ھۈكۇمرانلىق ئورنىنىڭ سۇسلىشىشى ، ئاخىرقى زاماننىڭ ئالامەتلىرى ...........!

               تىمىدا يېزىلغان بەزى ئەھۋاللا ھەقىقەتەن ئادەمنى ئېچىندۇردۇ ،بىز ئەرلەر ئەرلەرگە خاس ،ئەرلىك غۇرۇر ۋىجدانىمىز بىلەن ياشىغاندا بەلكىم ئاياللىرمىزدىن بىزدىن رازى بولغان ،بىزگە پۈتۈن مىھرى -مۇھەببىتىنى ئاتا قىلىپ ئىللىق ئائىلە قۇرغان ،ھازىرقىدەك يامان يوللاردىن ،ئىرىدىن بولسىمۇ ئەيمىنىپ يامان قىلمىش ،يامان يوللارغا ماڭمىغان بولاتتى .

                تىمىنى ئۇقۇۋىتىپ ئاساسەن دىگۇدەك ئائىلە قۇرغان بىر ئائىلىنىڭ ۋەيران بولغىنىنى ،مىھرى -مۇھەببەت قالمىغىنى ،شۇنداق بولسىمۇ دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ پەقەت شەكىلگىلا ئۆي تۇتۇپ ئۇرۇق- تۇققان ،يار- بۇرادەرلىرى ،خېزمەتداشلىرى ئالدىدا شەكىلگە بەخىتلىك كۇرنىدىغانلىقىنى تۇنۇپ يەتتىم ،

ئاخىردا شۇنداق دىگۈم كەلىدىكى ؛ دىلىڭنى بەلكىم ئازراق ئىسلام ئۇرۇقلىرى قاپلىغان بولسا ئىدى ئازراق ھايا بىلەن بولسىمۇ  ھارام دىيىلگەن نەرسىنى ئىچمىگەن ، غەيۋەت قىلمىغان ،زىنا ئالدىدا ئولتۇرمىغان ، قىمار ئوينىمىغان ،سەن ئەر ئەركەكتەك  ،ئۇ ئايال ئايالدەك ياشىىغان بولاتتى .

ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخىنى ئۇنتۇش ئاسىيلىقتۇر . دىلىڭدا ئىمان يوق. پەخەس بول ساڭا ھەر-ھەر جايدا قاپقان قۇرۇقلۇق.

تارازا بارمۇ ؟

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36554
يازما سانى: 2023
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11740
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 4694 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2012-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-16 08:49:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاياللار ئاياللارنى يولدىن چىقىرىدۇ،
ئۇلارنى بۇزۇق ئەرلەر يولدىن تپىۋالىدۇ

ئاللاھ &nbs

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37445
يازما سانى: 1105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : -1
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2011-4-13
ئاخىرقى: 2011-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-16 09:04:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسلامى بىلىملىرىمىزنى كۈچەيتسەك ، بۇ ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلاتتى .

قالغان ئۆمرۈمنى ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش بىلەن بىرگە ، يولدىشىمنى رازى قىلىپ . ئۈچ ئوغلۇمنى ئىسلام قائىدىسى بۇيىچە تەربىيلەپ، ئاتا_ئانامنىڭ ئۈمۈدىنى ئاقلىسام دەيمەن . ئۇلۇغ ئاللاھ نىيىتىمگە يەتكۈزگەي.

ئۆزەڭنى بىل، ئۆز

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42201
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 317
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3463 سائەت
تىزىم: 2011-5-26
ئاخىرقى: 2011-12-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-16 09:13:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەربىيىۋى ئەھمىيىتى تولىمۇ كۆپ ،ئاجايىپ ئېسىل كىتاپ بۇ، مەن ئىككى قىتىم ئوقۇپ چىقتىم، يەنىلا ئوقۇغۇم كىلىدۇ، ئەجرىڭىزگە رەخمەت ...

سەن باشقىلاردىن ۋاپا تەلەپ قىلغان ئىكەنسەن،ئاۋال ئۆزۇڭدە ۋاپانى ھازىرلا...... قەلبىڭنى ۋاپا بىلەن تولدۇر......

دىللار پەقەت ئال

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30340
يازما سانى: 1065
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12042
تۆھپە نۇمۇرى: 3185
توردا: 7509 سائەت
تىزىم: 2011-2-14
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-16 09:28:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
2-قىسىمىنڭ  داۋامى
سۇبات ، سۇبات ، مەن بۇ ئىسىمنى قاچاندىن بېرى قانچە قېتىملاپ زىكرى قىلغاندىمەن_ھە؟ ئۇ ماڭا كەڭ قۇچاق ئېچڭپ كېلىۋاتسا ، نېمىشقا خوشال بولمايمەن ؟...ئەمدې بىزنىڭ بىرگە ياشىشېمىزغا ھىچكىم ۋە ھېچنېمە توسقۇنلۇق قىلمايدېغۇ ؟ قولۇمغا تېلېفۇننى ئېلېپلا ىۇنېڭ ئاۋازېنې ئاڭلاپ باقايمۇ ؟ ئاڭلېغۇم يوقمۇ ؟ بار ، شۇنداق ىاڭلېغۇم بار ، ئەمما ... ىۇنى ئۇنتۇپ كەتتېڭمۇ ؟ ياق مەن ئۇنى ئۇنتۇيالمېدېم ... ئۇنېڭغا دەيدېغان سۆزلېرېڭ يوقمۇ ؟ بار ، مەن قانچىلېغان قېتىم ئۇنېڭ بىلەن چىلان رەڭگې چاينې دەملەپ ئۇدۇلمۇ - ئۇدۇل ئولتۇرۇپ ئۇزاقتېن - ئۇزاق مۇڭدېشىشنې ، ئۇنېڭغا قەلبىمدە تولۇپ كەتكەن مۇڭلىرېمنې يىغلاپ ھەم كۈلۈپ تۇرۇپ سۆزلەپ بېرېشنې ئويلېغان ؟ ئۇنىڭ بىلەن ياندىشىپ ماڭغان ئۇزۇن كوچېلارنى گەپ ئارىقىدا مېنى تېرىكتۈرسە ئۇنىڭ مۈرىلىرىگە يېنىڭ مۇشتلاپ ئەركىلەشلىرىمنى ، بىرەر خاپېلىقلارغا دوچ كېلېپ ھال ئېيتسام ، سالماق تەلەپپۇزدا تەسەللې بېرىشلىرىنى  ، كەينىدىن پو ئېتېپ كۈلدۈرۈپ خاپېلىقلىرىمنى ئاللىقاياقلارغا ئۇچۇرۋېتىشلىرىنى ... مەن تىخى ىۇنتۇپ كىتەلمىدىم . شۇنىڭغا قارىغاندا مەن ئۇنىڭ بېلەن خىيالىمدا بىرگە ياشاپ كۆنۈپ قاپتېمەن . مەن قايسې بېر كېتاپتېن خاتېرەمگە كۆچۈرېۋالغان << ئارزۇ مەڭگۈ يەتكىلى بولمايدېغان گۈزەللىك ئېلاھې ، ئۇ بىز ئېرىشەلمېگەنلىكىمىز ئۈچۈن گۈزەل ، ئېنتېلگىنىمىز  ئۈچۈن شېرېن ، ئەمما بېز ئېرىشەلمىسەكمۇ ، يېقېنلىشالايمىز >> دېگەن سۆزلەر ئېېسېمگە كېلېپ قالدې . ئادەم خوشال بولسىمۇ قايغۇرسىمۇ ھامان يېقىن دوستلىرىنى سېغىنىدۇ . شەخسەن مەن خوشاللېق ھەم خاپېلېقتا دوستلېرېم بېلەن ئورتاقلىشىشنى تۇرمۇشىمنىڭ مۇھىم مەزمۇنې دەپ قارايمەن . خوشاللېقنې كۈلكەم ، خاپېلېقنې يېغام بېلەن قوبۇل قېلېپ ئادەتلېنېپ قاپتېمەن . بۈگۈنكى بۇ مۈجېمەل كەيپېياتېمنېمۇ خەدېچەگە دەپ ئىچ پۇشۇغۇمدىن چىقىشقا ئالدىرىدىم . قېزېمنې يەسلىدېن ئېلېپ ، ئۆيگە كىرىشىمگە تېلېفۇنۇم جېرېڭلىدى .
       _ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
_ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ،ياخشىمۇ سەن چولپان ؟
_ئاللاغا شۈكرى ئاداش
_ ئۆزۈڭچۇ ؟ بالىلار تېشلىقتۇ ؟ دڭلشات ئىشلەۋاتامدۇ ؟
_ ھەئە ، ھەممىسى تېچلىق ،
_ مەنمۇ ساڭا تېلفۇن قىلاي دەپ تۇراتتىم _ قانداق بىرەر ئىش بىلەنمۇ ؟
_ ياق ،ئۆزۈمچە ،سەن بىلەن مۇڭداشقۇم كېلىپچۇ ؟
- مەنمۇ سەن بىلەن مۇڭداشقاچ ، چىمەننىڭ يىل نەزىرسىنى قانداق قىلىش توغرىسىدا مەسلىھەتلەشكىلى تېلفۇن قىلىشىمتى ،
_ سىلەر ئۆزۈڭلار قانداق ئويلاۋاتىسىلەر ؟
_بىز بۇ يەردىكى ساۋاغداشلار ،سەن ھېلىقى 15 كۈنلىك دەم ئېلىشىڭنى ئېلىپ كەلسەڭ ، تۇرپانغا بېرىپ ئۆز ئۆيىدە نەزىرسىنى بېرىپ كېلەيلىمىكىن دېگەنتۇق !سېنىڭ شارائىتىڭ يار بېرەمۇ ؟
_ ھەممە مەسلىھەتلەرنى پىشۇرۇپ بولۇپ ، مەندىن بولامدۇ دەپ سورىغىچە ، كەل نەزىر قىلىمىز دەپ بۇيرۇق قىلساڭ بولمىدىمۇ ؟_دېدىم كۈلۈپ  تۇرۇپ
_ئۇنداق دېسەڭ بولمايدۇ ،ئىشلار يەنىلا سېنىڭ قوشۇلىشىڭ بىلەن بولىدۇ ،چۈنكى سەندە ھامىيلىق ھوقۇقى بار ئەمەسمۇ _ دېدى خەدىچەمۇ چاقچاق قىلىپ .
_ قېنى بۇ ئىشنى يەنە ئويلىشىپ بىر نەرسە دېيىشەرمىز -دېدىم مەن مۈجمەل قىلىپ .
_ يەنە نېمىسىنى مەسلىھەتلىشەرمىز ئاداش ؟!-دېدى خەدىچە سوزۇپ .
_ ئەسلى ئىسلام دىنىدا ئۇنداق نەزىر بېرىش يوق ئىش ئىكەن شۇڭە نەزىر قىلمىساقمىكىن دېگەن خىيالدا ئىدىم ._دېدىم
_ئاداش ئەلمىساقتىن تارتىپ ئاتا-بوۋىمىز قىلىپ كېلىۋاتقان ئىشنى ئىسلامدا يوق دېگىنىڭ نېمىسى ؟_خەدىچەنىڭ نارازىلىق ئاۋازى تېلفۇندا جاراڭلاپ كەتتى .
  _سەن  شۇ ئاتا-بوۋاڭغا ئەگىشەمسەن ياكى ئاللانىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنامسەن ؟
_ئاتا-بوۋىمىزمۇ ئەلھەمدۇللا مۇسۇلمان تۇرسا ؟ ئۇلارغا ئەگەشسەك نېمىشقا خاتا بولىدىكەن،
_ ئاداش مەن بۇ ئىشنىڭ خاتالىقىنى بىلسەممۇ سېنى قايىل قىلغىدەك دەرىجىدە چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىگىدەكمەن .كەچىرگىن بۇ ئىشلارنى كېيىنرەك بىرنەرسە دىيىشەيلىچۇ ؟!_'
_ قاچانلىققا ؟
_ زۇمرەت كەلدىمۇ ،كەلمىدىمۇ ؟
_ زۇمرەت كەلدى  كەلدى ،ئاخشام تېلفۇن قىپتىكەن ساڭىمۇ تېلفۇن قىلىمەن دەۋاتقان ھەقاچان بۈگۈنلەتىن قىلىپ قالارمىكىن ...
_بولمىسا ھېلىراق ئۆزۈم قىلارمەن -دېدىم
_چولپان مەن ساڭا يېڭى بىر خەۋەر يەتكۈزمەكچى ،-دېدى خەدىچە ئالدىراپلا ئۇنىڭ ئاۋازىدىن بىر خوشاللىق چىقىپ تۇراتتى .
_ھە ،يەنە بىرەر ئالى ئۇنۋانغا ئېرىشتىڭمۇ ،ياكى ئەمىلىڭ ئۆسەمدىكەن ؟_دېدىم
_ يائاللا سەن مېنى بەك ئەمەل خۇمار ئويلايسەن ھە ؟بۇ دېگېن ساڭا مۇناسىۋەتلىك خەۋەر !;
  _قېنى دېمەمسەن ئەمىسە !
_سۇبات بىلەن رەھىەمە ئاللىقاچان ئاجرىشىپ بولغانكەن !
_سەن قانداق بىلدىڭ ؟
_ سۇبات ئۆتكەندە بىر كىتاۋىنى نەشىرگە  ئېلىپ كەپتىكەن ،شۇ چاغدا دىلشاتقا ئۆزى دەپتۇ . بەزى ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ،رەھىمە ئۆزى يولدىن چىقىپ ئاخىر بولماي ،ھېلىقى پۇلغا ئامراق مىجەزى ئۇنى چەتئەللىك بىر پۇلدارغا رىشتىنى باغلاپ ئېلىپ چىقىپ كەتكەن چېغى ،تۇققان يوقلاپ چىقىپ كەتكىنى يالغانكەن ،_خەدىچە ئاۋازىنى پەس چىقىرىپ شۇنداق دېدى  
_مەنمۇ خەۋەر تاپتىم ! _قاچان ! _ بۈگۈن مەن سۇباتنىڭ خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم .
_خېتىدە نېمە دەپتۇ ؟
_شۇ نېمە دەيتتى... مەن خەدىچەگە مەقسەتنى ئۇقتۇرالماي سەل تەمتىرىدىم
_نېمە بولدۇڭ نېمانچە تەمتىرەيسەن ، يۈزى ئېچىلمىغان قىزىۋالىدەك ؟_ ۋاي ئاداش ،مەقسەت يەنە شۇ كونا گەپلەر ئادەم چوڭ بوپ قالغاندا بۇ گەپلەرنى دېيىشمۇ ئەپسىزكەن ..._دېدىم كۈلگۈم كېلىپ .
- سەن قانداق قىلاي دەيسەن ؟
_ بىلمىدىم ...سېنىڭچە مەن قانداق قىلسام بولىدۇ ؟!
_ ئەگەر مەندىن مەسلەھەت سورىساڭ ، ئۆز بەختىڭنى ئۆز قولۇڭغا ئال دەيمەن .)
-توۋا دېگىن مەن ئۇنداق قىلالمايمەن . "
_ سەن نەچچە يىلدىن ئۇنىڭ پىراقىدا ئاز پۇچىلاندىڭمۇ ؟ئەمدى بۇ ساڭا مەنسۇپ بولغاندا نېمىگە ھال تاتىسەن ؟ھا...ھا...يۈرۈكىمدىن چىققان كۈلكەم بۇ ئاددىي خانەمدە جاراڭلاپ كەتتى
_قارا سېنى خوشاللىقىڭ ئىچىڭگە سىغماي قاپتۇ ، يەنە ھال تارتىۋاتىسەن ...
  _راست دېدىڭ ، مەن نەچچە يىلدىن بىر غايىنى قوغلۇشۇپ ئۈمىد بىلەن كېتىۋاتقانكەنمەن ، مانا ئەمدى مەن ھىچقانداق توسالغۇسىز ئۇنىڭغا ئېرىشىدىغانلىقىمنى بىلگەندىن كېيىن نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي قالدىم . بەلكىم بىز خىيالىمىزدىلا بىرگەياشىساق ، مۇھەببىتىمىز تېخىمۇ گۈزەل بولامدىكىن دەيمەن ...
_بولدى بۇ ئىشلارنى سەن باشقىچە ئويلاپ ۋاقتىڭنى ئىسراپ قىلما ،سەن ئالدىڭغا قاراپ يەنى كۆڭلۈڭ نېمىدە خوش بولسا شۇنى قوغلاپ مېڭىۋەر ، قالغان ئىشلارنى دىلشات ئىككىمىز توغۇرلايمىز _دېدى  
  _خەدىچە ،مەن ھازىر بۇرۇنقىدەك كۆڭلۈم نېمىدە خوش بولسا شۇنى قىلسام دەيدىغان رومانتىك چولپان ئەمەس ،مەن ھازىر قايسى ئىشلارنى قىلسام كۆڭلۈم خاتىرجەملىك ھېس قىلىدىكىن دېگەننى ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم .
_ساڭا بىرەر ئىش تەسىر قىلدىمۇ نېمە ، نېمە بولدۇڭ !-خەدىچەنىڭ ئاۋازىدىن تېرىككىنى بىلىنىپ تۇراتتى
-دوستىمىز چىمەننىڭ ئۆلۈمىدىنمۇ چوڭ ئىش بولامدۇ ئاداش؟!ئۇنىڭ سەكراتتىكى پۇشايمانلىق ئازابلىرى ، قىينىلىشلىرى زادى ئېسىمدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكىنى يوق ! ئاللاھ بىزگە ئىبرەت بولسۇن دەپ چىمەننى كۆز ئالدىمىزدا شۇ ھالەتتە ئېلىپ كەتتى ئاداش بىز يەنە ئويغانمىساق ....
_ ئۇ دېگىنىڭغۇ توغرا ئەمما بىزدە نېمە ئامال ئىشلىمىسەك  بولمىغان ...زۇمرەتتەك چەتئەلدە بولمىساق يە ؟ شۇڭا ھازىرچە دىلىمىزدا بىلىپ تۇرۇپ دەم ئېلىشقا چىققاندا زۇمرەتنى يوقلىغاچ ھەرەمگە بېرىپ ھەج قىلىپ گۇناھىمىزنى يۇيىۋالارمىز
_ ساڭا دەم ئېلىشقا چىققىچە ھەرەمگە بارغىچە ياشايسەن دەپ ئۇختۇرۇش كەلدىمۇ ؟! تۈنۈەۈن كۆرگەن ئادەم  بۈگۈن يوق تۇرسا ... ئاداش
_ بولدى قىلە ئادەمنى قوقاتماي ئاداش ...
  خەدىچەنىڭ تېلفۇنىنى قويىۋېتىپ ئولتۇرۇپ كەتتىم ، خىياللىرىم زۇمرەت بىلەن خەدىچەنىڭ ئوتتۇرىسىدا قايسىنىڭ توغرىدۇ دېگەندەك دىلىغۇللۇقتا تەمتىرەۋاتاتتى
تېلفۇننىڭ جىرىڭلىشى مېنى خيالدىن سۈزىۋالدى .
_ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،
_ۋەلەكسالام ، ئاداش مەن ،
_ مۇشۇ يېشىڭدىمۇ سالامنىمۇ توغرا دىيەلمەمسەن ،ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام دېمەمسەن ، مەن تېلفۇندىلا مەرۋانغا كايىدىم .
_ئاداش بىز ئەمدى سەندەك ئەدەبىيات ئوقۇمىغان بولغاندىكىن ...ھى  ...كۈلدى : ?
_ بۇنىڭغا ئەدەبىيات ئوقۇش كەتمەيدۇ ... دىت كېتىدۇ
_ بولدى ئاداش ، بۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلاي ،قارا بىز نەچچىمىز بىردەم مۇڭدىشايلى دېگەنتۇق .
_ نېمە بوپتىكەنسىلەر ؟بىرەر سەۋەپ بارمۇ يە؟!
_ شۇ  روشەن يېقىندا ئۇنۋان ئالماقچىكەنتۇق شۇنىڭ مەسلەھەت چېيى ..
_زاۋۇتتا نېمە ئۇنۋانكەن ئۇنىڭغا بېرىدىغان ؟_دېدىم ھەيران بولۇپ
_زاۋۇتتىن ئەمەس ،سوتتىن ئۆزى ئىلتىماس قىلىپ ئالماقچىكەن ! قالغان گەپنى كۆرۈشكەندە دېيىشەيلى ئاداش
_ ھە نەگە بارماقچى
_<ئاتۇش ساماۋەر شورپىخانىسى >نىڭ 5-ئايرىمخانىسىغا ، بىز كەپ بولدۇق !
_ مەن گۈلنىگار نى ئورۇنلاشتۇرالىسام باراي .
_ سەن باش مەسلىھەتچىلىككە تەيىنلەندىڭ كەلمىسەڭ بولمايدۇ ، بولمىسا قىزىڭنى بىزنىڭ ئۆيگە تاكسىدىلا ئەكىلىۋەت قىزىم بار قاراپ تۇرىدۇ .
_ قېنى قاراپ باقاي            ،
  مەن تېلفۇننى قويىۋېتىپقانداق قىلىشىم كېرەكلىكىنى ئويلاپ ئولتۇرغىنىمدا ، ئۇدۇل قوشنام ئىشىكىمنى  چېكىپ كىرىپ كەلدى .- L1 W' r. n* Z7 q
_نېمە خىيالغا پېتىپ ئولتۇرۇپ كەتتىڭىز ؟_دېدى قوشنام .
_قىزلار تېلاۇن قىپتىكەن بىريەردە ئولتۇرايلى دەپ قىزىمنى سىڭلىمغا ئاپىرىپ بېرەي دېسەن كېچىلىك سىمىنىغا چىقىپ كەتتى ، نەگە ئاپىرىشىمنى بىلەلمەي ئولتۇرىشىم ئىدى بارماي دېسەم پەقەت ئۇنىمايۋاتىدۇ ،_دېدىم .
_ مەن ئۆيدە بار تۇرسام ، بىزنىڭ ئۆيدە ئۇخلاپ تۇرسۇن كەلگەندە ئېچىقىپ كەتمەمسىز ؟_دېدى
  مەن چوكانلار  ئولتۇرغان ئايرىمخانىغا كىرگىنىمدە دائىم ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان بەش-ئالتە  دوستلىرىمنىڭ ھەممىسى تويغا كەلگەندەك ياسىنىپ لەۋسۇرۇخ سۈرىۋالغان لەۋلىرىنى پۈرۈشتۈرۈشۈپ پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇشىپتىكەن .مەن ئولتۇرغاندىن كېيىم شورپىغا گۆش ۋە كۆكتاتلارنى سېلىشتى .بىز بىر باشتىن تاماقلانغان پاراڭغا چۈشتۇق .:
_توۋا دەيمەن ئاداشلار ،بىز ھاراقكەش قىماۋاز ئەرلىرىمىزنىڭ زۇلىمىغا چىداپ ئۆي تۇتىۋاتساق ،ماۋۇ بېشى ئىششىپ قالغان روشەن ئېرىنى ناماز ئوقۇپ مەسچىتتىن كەلمەيدىغان بولىۋالدى دەپ ئاجرىشىمەن دەيدۇ _دېدى ئايشەم  بىزگە نارازىلىك بىلەن شىكايەت قىلىپ .
_ سەنمۇ ئىشلارنى تولۇق بىلمەي تۇرۇپ گۇنانى روشەنگە قويما ئايشەم ، بۇنىڭمۇ ئاساسى بولمىسا بىكاردىن ئاجرىشامدۇ ؟!_دېدى مەرۋان  روشەنگە ھېسداشلىق قىلغاندەك قىياپەتتە .9 _ بولدى بۇ يەردە روشەن بولغاندىكىن ئۆزى سۆزلىسۇنا ! _دېدى گۈلناز روشەننى ئىڭىكى بىلەن ئىما قىلىپ .
_روشەن گىرىمنى بەك قېنىق قىلىۋالغاچقا  ،خۇددى رەڭگى قېنىق بېرىلىپ كەتكەن تېلۋېزور ئېكرانىدىكى  سەھنە ئارتىسىنى كۆرۈۋاتقاندەك خىيالدا بولۇپ قالدىم .ئۇ لەۋسۇرۇخلىرى تېشىغا ياراپ كەتكەن لەۋلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ ھال ئېيتىۋاتاتتى .
_ مەنمۇ  ياخشى كۆرۈپ تەككەن ئېرىمدىن ،ئاجرىشىپ ئوننەچچە يىلللىق ئائىلەمنى  بۇزۇپ 12ياشقا كىرىپ قالغان قىزىمنى ىيىتىم قىلىشنى خالىمايتتىم .ئەمما ، ئۇ بارغانسىرى ماڭا بولغان بېسىمنى بەك ئېغىرلىتىۋەتتى ، ھە دىسە ياغلىق چىگ ،ناماز ئوقى ،پۈتۈن كىيىپ يۈر دېگەن ... تېخى نەچچە قېتىم گىرىم  بۇيۇملىرىمنىمۇ دېرىزىدىن تاشلىۋەتتى  ... روشەن كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ ئۆمچەيگەن ئىدى كۆزلىرىدىكى سۈرمە كىرپىكلىرىدىكى لاكلار كۆز ئەتراپىنى قارا قىلىشقا ئۆلگۈردى .
ئىنسان دېگەن ئەجەپ چىدىماس نەرسىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم روشەننىڭ ئۈمچەيگەن بىچارە ھالىغا قاراپ ، بىر چاغلاردا ئېرىنى تويلاردا ھاراڭ ئىچىۋالسا مېنى تونۇمايدۇ ، باشقا قىز -ئاياللارنى تانسىغا تارتىپ ئويناۋېرىدۇ ،ھەتتا بەزىدە تويدا مېنى تاشلاپ قويۇپ باشقا ئولتۇرۇشلارغا كېتىپ قېلىپ تويدىن ئېرى يوق تۇل خوتۇندەك يالغۇز قايتىمەن ،مەن بىلەن پەقەت كارى يوق ،چوقۇم بىرەر ئاشنىسى بار دەپ ئېرىدىن گۇمانلىنىپ يۈرەتتى ،شۇڭا تاپقان پۇلىنى ئۆزىنى گۈزەل ھەم ياش كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىشلىتەتتى .2
  _باش مەسلىھەتچى خېنىم ئۆزىڭىز  بۇ يەردە بولغان بىلەن كۆڭلىڭىز باشقا يەردىمۇ قانداق ؟ چوڭقۇر خىيالغا پېتىپ كەتتىڭىزغۇ ؟_دېدى مەرۋان مېنى مۈرىسى بىلەن بوش ئىتتىرىپ .
_ بۇ ھەقاچان تۇل خوتۇنلار جەمىيىتىمىزگە يەنە بىر ئەزا قوشۇلىدىغان بولدى ،بۇنى قايسى ئورۇنغا ئورۇنلاشتۇرسام بولار دەپ غەم قىلىۋاتامدىكىن ؟ _دېدى ئايشەم گەپتانلىق قىلىپ  ،چوكانلار پارەققىدە كۈلۈشتى .:
_راستىنلا غەم قىلىۋاتىمەن دوستەكلە ،روشەن ئەسلى ئېرىنىڭ بۇرۇنقىدەك ھېلىقى ھالەتتىكى ۋاقتىدا ئېرىدىن زىرىككەن بولسا بولاتتى . ئەمدى ئېرى ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن توغرا يولنى تېپىپ ، بۇنى ئىككى دۇنيالىق بەختكە ئېرىشتۈرەي دېسە ،بۇ ئېرىدىن ئاجرىشىمەن دەۋاتىدۇ ، بىز راستىنلا ئۆزۈمىزگە ئۆزۈمىز زۇلۇم قىلغۇچىلاركەنمىز جۇمۇ ؟!_دېدىم ئۆز-ۆزۈمگە سۆزلىگەندەك .
_چولپان سەن نېمىنداق بېشىڭغا ئىش كەپ باقمىغاندەك گەپ قىلىسەن ؟ ئېرىم مېنى بەختلىك قىلسا ئاجرىشىدىغان بېشىم ئىششىپ قالمىدى مېنىڭ ،ئۇ ماڭا زۇلۇم قېلىۋاتىدۇ ،زۇلۇم !_روشەن ئېرىنىڭ ئاچچىقىنى مەندىن ئالماقچىدەك زەردە بىلەن سۆزلىدى .
_ئاداش كامىل ئايال _ئائىلىنىڭ زىننىتى ،ئەرنىڭ بەختى ئۇنىڭ پەزىلىتى بىلەن ئائىلىسى بەختكە گۈلزارلىقىغا ئايلىنىدۇ .سەن ئۇنداق نادانلىق قىلماي ، يولدىشىڭنى يەنىمۇ چوڭقۇرراق چۈشىنىش ئۈچۈن تىرىشىپباق ، ئۇ نېمە ئۈچۈن سېنى شۇنداق ئىشلارنى قىلىشقا زورلاپ زۇلۇم قىلىۋېتىپتۇ ؟ سەن ئېنىق سورىدىڭمۇ ؟_دېدىم روشەنگە
_چۈشەندىم ،بۇ دۇنيا ۋاقىتلىق دۇنيامىش ، ئۆلگەندىن كېيىن مەڭگۈلىك ئۆلمەيدىغان دۇنياغا بارامىش ، مېنىڭ شۇ دۇنيادا دوزاققا كىرىپ كەتمەسلىكىم ئۈچۈن ، ماڭا كۆيۈنىپ ، مېنىڭ مۇشۇنداق مەدەنىي كىيىپ ،گىرىم قىلىپ يۈرىشىمنى  خالىمايدىكەن ،بۇنداق يۈرسەم ئۇنىڭغىمۇ گۇناھ يېزىلىدىكەن ،ئەمما مەن ياسانماي ،گىرىم قىلماي قانداق ياشايمەن ،مەن ئۆلىدىغان چاغدا سەكراتتا ياتقاندىمۇ گىرىم قىلىۋېلىپ ياتامدىمەنكى دەيمەن ،گۈزەللىكنى سۆيۈشمۇ ئايال كىشى ئۈچۈن ياخشى ئالاھىدىلىكقۇ ؟ ئۇ دوزاققا چۈشۈشتىن بەك قورقىۋاتقان چېغى ...؟!روشەن مەسخىرىلىك كۈلدى
_ئۇنىڭ شۇ گەپلىرىگە سەن نېمە دەپ جاۋاپ بەردىڭ ؟_-
_ كۈلۈپ كەتتىم ،ماڭا كۆيەنگىنىڭمۇ ؟ كۈنلەمچىلىكىڭ تۇتۇپ چىرايلىق يۈرىشىمگە چىدىمايۋاتقانسەن ھەقاچان ،قانداق يۈرسەم بۇ ئۆزۈمنىڭ ئەركىنلىكى ،بۇ ئاياللار ئازان زامان ، ئۆتمۈشۈڭ ئەمەس بۇ ئاياللارنى خارلايدىغان دېدىم ،ئەگەر شۇنداق قىلىۋەرسەڭ ئاياللار بىرلەشمىسىگە ئەرز قىلىمەن دېدىم تازا !
_ ئۇ نېمە دېدى؟
- ئەگەر مېنىڭ دېگەنلىرىمگە كۆنمىسەڭ ،سەن ئويلىشىپ بولغىچەبىر ئاي ۋاقىت بېرەي  ئۆي ئايرىپ تۇرايلى دەپ قىزىمنى يېنىمغا ئەكىرىپ قويۇپ ياتاق ئايرىپ چىقىپ كەتتى ... .
_يەنە كۆنمىسەڭ قانداق قىلىدىكەن  ؟_دېدى مەرۋان ئاغزىنى قىيسىق قىلىپ كۈلۈپ
_بەش كۈن ۋاقىت قالدى شۇڭغىچە يەنە كۆنمىسەم مەن بىلەن ئاجرىشىدىكەن ،چۈنكى مۇسۇلمان مۇشرىك بىلەن ئۆي تۇتسا يەنە دوزاققا كىرىدىغان ئوخشايدۇ ،ھى...ھى... روشەن كۈلىۋالغاندىن كېيىن خۇددى ئەزرائىلدىن خەت كەلگەندەكلا ، ئۇنىڭ ئاغزىدا ،ئۆلۈم .جەننەت .دوزاقتىن باشقا گەپ يوق ،ئىچىمنى سىقىپ ...
_ بۇنداق قىلسا مەنمۇ چىدىماسمەن ، دوزاققا كىرەمدۇ جەننەتكە كىرەمدۇ ئۆلگەندە بىر گەپ بولمامدۇ ، ئۇ دۇنيانى كىم كۆرەپتۇ ئاداش ،نېسىدىن تەلىيىمىز يوق مۇشۇ نەقنىڭ غېمىنى يەپ تۇرايلى ... ئاداش بولدى ئاجراشساڭ ئاجرىشە مەن قوشۇلدۇم ! مەرۋان  قولىدىكى چەينەككە دەملىۋالغان قىزىل ھارىقىنى روشەننىڭ ئىستاكىنىغا قۇيغاچ شۇنداق دېدى .
_ مەن دەيمەن بىز دوزاققا كىرسەكمۇ ئادەتتىكى دوزاققا كىرمەيمىز ،ئەڭ زامانىۋىسىغا كىرەمىزمىكىن دەيمەن  ! ئاداش قۇيە ،ھارىقىڭنى ھامان دوزاققا كىرگەندىكىن ئىچىۋالايلى ! دېگىنىچە ئىستاكاندىكى قىزىل سۇيۇقلۇقنى ئاغزىغا ئاپاردى .
_ ھەي ، ئاغزىڭلارغا بېقىپ سۆزلەڭلار جۇمۇ ، ئاغزىڭلاردىن سائەت چىقىپ كەتمىسۇن يەنە !_ئايشەم غەزەپ بىلەن شۇنداق دېدى .
مەن بۇ سورۇنغا كەلگىنىم ئۈچۈن ناھايىتىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا ، ئورنۇمدىن تۇردۇم ،« ئۆلگەن قەلپلەردە ئېتىقاد ۋە ئىمان بولمايدۇ »قايسىبىر كىتاپتىن ئوقۇغان بۇ دانە سۆز خۇددى ئاغرىق توختۇتىش دورىسىدەك ، بۇ سورۇندىكى كىچىكىمدىن بىرگە تال -چىۋىقنى ئات ئېتىپ بىللە ئوينىغان دوستلىرىمگە بولغان رىشتىمنى ئۈزەلمەسلىكتەك ئاجىزلىقىمغا شىپا بېرىپ ، ئورنۇمدىن دەس تۇرۇپ كەتتىم .
_ نەگە ئالدىرايسەن ؟ ئۆيدە ئېرىڭ بولمىسا يە ،قورقىدىغان ... -دېدى گۇلناز پېشىمدىن تارتىپ .  
_ بۇ ئېرى بار چاغدىمۇ قورقمايتىغۇ ؟-مەرۋان تەڭشىلىپ ئېغىزلىرىدىن شۆلگەيلىرى ئاقىدىغاندەكلا ھىجىيىپ قارىدى .
_ شۇنداق مەن ئىنساندىن قورقۇپ باقمىغانتىم ،ئەمما ياراتقان ئىگەم ئاللاھتىن قورقىۋاتىمەن ،ئەمدى سىلەرنىڭ شالتاقلىرىڭلارنى ئۆزۈمگە چاچراتقىم يوق ، بۇ مېنىڭ سىلەر بىلەن ئولتۇرغان ئەڭ ئاخىرقى سورۇنۇم بوپ قالسۇن !_دېدىم كېسىملا .
_ۋاي-ۋۇي بىزنىڭ چولپانمۇ مېنىڭ ئېرىمدەكلا گەپ قىلىدىغان بولۇپ قاپتىغۇ ،قاچاندىن بۇيان  سەنمۇ ئۆلۈمنى ئەسلەيدىغان بولۇپ قالدىڭ ئاداش... ماڭا قارا بىز تېخى ئۆلمەيمىز ،ئوينايمىز ،قېرىپ چىشلىرىمىز چۈشۈپ موماي بولغاندا ،ئاپىلىرىمىزدەك ھەرەمگە بېرىپلا گۇناھلىرىمىزنى يۇيىۋالىمىز ،ھا...ھا...ھا...  سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا بىز جەننەتكە كىرىپ كېتەمدۇق تېخى ،ئاللاغا ئارقا ئىشىك قىلىپ ،ھا...ھا...
_ئاغزىڭنى يۇم ،سەن قاچان ئۆلىدىغىنىڭنى بىلەمتىڭ ؟_دېدىم غەزەپتىن تىترەپ
- شۇنداق مېنىڭ بەك ئۇزۇن ياشىغۇم بار ... ئۆلگۈم يوق ...!
جىمجىت يۇلتۇزلۇق كېچە ، ئۇدۇلدىكى بىنادىكى ئۆيلەرنىڭ چىرىغى ئۆچكىلى نەۋاق ، قىزىمنى ئۇخلىتىپ قويۇپ بالكونغا چىقىپ ، يۆلەنچۈكلىك ئورۇندۇققا ئۆزۈمنى تاششششلاپ ئاسماندىكى جمىرلىشىپ كۆز قىسىشىۋاتقان يۇلتۇزلارغا قارىغىنىمچە ئۈنسىز ئولتۇردۇم .پەستە دەرەخلەرگە قۇيىلىۋاتقانسۇنىڭ يېقىملىق شىلدىرلىشىدىن باشقا سادا يوق ئىدى .# i" d/ ?0 ~( f# L
  نېمە ئۈچۈن ؟ قانداق قىلىشىم كېرەك ؟دېگەندەك سۇئاللار  ماڭا ئارام بەرمەي ئۇيقۇمنى قاچۇرغان ئىدى .ئەتتىگەندىكى سۇباتتىن كەلگەن خەتنىڭ خوشاللىقى خۇددى كۈن ئولتۇرغاندىن كېيىنكى كەچكى شەپەقتەك بارغانسېرى سۇسلاپ ،كۆڭلۈمدە چوڭقۇر ، چارىسىز قاراڭغۇلۇق پەيدا بولىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىۋاتىمەن . دوستۇم چىمەننىڭ ۋاپاتى ،ئۇنىڭ قىزىغا ئانا بولۇش ،مۇراتتىن ئاجرىشىش  بۇ ئىشلارنىڭ ھەاممىسى مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە يۈز بېرىپتۇ .بۇ يىلنىڭ گاھ قاراڭغۇ گاھ ئايدىڭ كېچىلىرى بىر-بىرلەپ خىيالىمدىن ئۆتتى .ئاقرىشىش بۇ مېنىڭ قارىشىمدا ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇپ كۆڭۈلسىز تۇرمۇشۇمغا خاتىمە بېرىش بولسڭمۇ ئەمما بۇ يەنىلا بىر ھايات سەپىرىمدىكى مەغلۇبىيات ئىدى .شۇڭا بۇ مەغلۇبىيىتىم سەۋەبىدىن، تۇققانلىرىمدىن ياكى جەمىيەتتىكى باشقىلارنىڭ ئىشىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلىدىغان زۇۋاندارلارنىڭ  نۇرغۇن ئاچچىق-چۈچىك گەپ سۆزلەرنى ئاڭلاشتىن قېچىپ قۇتۇلالمىدىم .دوستۇم چىمەننىڭ قىزىنى بالا قىلىۋېلىشىممۇ  باشقىلارنىڭ كۆپ ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ ئىشنىڭ تېگى-تەكتىنى سۈرۈشتۈرىدىغان ، مەقسىدىمنى بىلگىسى كېلىدىغان قىززىق تېمىغا ئايلاندى . قىزىمنى يېتىلەپ كېتىۋاتسام تەپ تارتماي كىمنىڭ قىزىسىز ؟ نەدىن تېپىۋالدى ؟ مەن بېقىۋالسام بوپتىكەن بۇ ئۇماق قىزنى دەپ يۈرۈكىمگە تىغ ئۇرىدىغان ئىشلار غا يولۇققاندا ،بەزىدە يۈزۈمچىلا < تۇغۇۋالمىغىچە بالا بولماس ،سېتىۋالمىغىچە مال بوماس > دەپتىكەن دېگەن تېمسىللەرنى كەلتۈرۈلگەندە يۈرىكىم ۋىژىلداپ ئىچىشىپ گۈلنىگارنى باغرىمغا مەھكەم باسقۇم ، بارغانچە مېھرىم چۈشۈپ كېتىۋاتقان قىزىمنى بىرسى مەندىن تارتىۋالىدىغاندەك قەلبىمنى ئەنسىزلىك بىسىۋېلىپ ، ئاللاھ مۇشۇ قىزنى مەن ئۆزۈم تۇققان بولسامچۇ ؟! دەپ ئۆكسىگەن ۋاقىتلىرىم بولدى .بىر ئويلىسام بۇ بىر يىل دېگەن نېمە دېگەن ئۇزۇن !؟ يائاللاھ ، ئادەم  بىر قارىساڭ ناھايىتى چىدامسىز ،بىر ئويلىساڭ ناھايىتى چىداملىق مەخلۇقكەن ! مەن مۇراتتىن ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن مەن ئۆز-ئۆزۈمگە ئىگە بولىدىغان قانۇنلۇق يالغۇزلۇققا ئېرىشكەندىن كېيىن ، ئۆزۈمنى بەك غېرپ ھېس قىلىدىغان سۇباتنى سائىم ئەلەيدىغان بولۇپ قالدىم .بۇ چەكسىز يالغۇزلۇق مېنىڭ روھىمنى قورشاپ يۈرىكىم كەچ كۈزدىكى غازاڭ بولغان يوپۇرماقتەك تىترىگەندە ،بىر چاغلاردا قەلبىمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر جايلىرىغا كۆمۈۋەتكەنچوغنىڭ ئۇچقۇنداپ قېلىشىنى توسۇش ئۈچۈن ،يېنىمدا پۇشۇلداپ ئۇخلاۋاتقان قىزىمنى باغرىمغا چىڭ باستىم . ۋۇجۇدۇمدا شۇئان يەنە بىر يېڭى ھارارەت پەيدا بولدى .بۇ ھەممە -ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان ئانىلىق مۇھەببەت ، مېنى يەنە بىر شىرىن ھۇشسىزلاندۇرغۇچى لەززەتكە چۈمۈلدۈردى .ئاللاھقا مىڭلارچە شۈكرى ! ئاللاھ سەن مەندەك بىر بەختسىز ئايالغا مۇشۇ قىزنى بەرمىگەن بولساڭ ،يالغۇزلۇقتا قانچىلىك قاغجىراپ كېتەر بولغۇيتىم ؟قىزىم ئىككىمىزگە بىر-بىرىمىزگە بولغان ئاننا بالىلىق مۇھەببەتنى بەرمىگەن بولساڭ يەنە قانچىلىك ئازابلارغا قالار ئىدىم ؟ چۈنكى بۇ دۇنيا سەن بەرگەن مۇھەببەت بىلەن گۈزەل ئەمەسمۇ ؟!  ئاللاھقا شۇنداق شۈكۈرلەرنى ئېتىۋاتقاندا چىمەننىڭ قىزىنى ماڭا تاپشۇرغان چاغدىكى ئۇلۇغ ئارمانلىرى يادىمغا كەلدى . مەن شۇ مىنۇتتا چىمەننىڭ سەكراتتىكى بىچارە ھالىتىنى كۆرەۋېتىپ ، قىزىنى چوقۇم ئاللاغا يارىغىدەك تەربىيەلەشنى چىن  دىلىمدىن  ماقۇللاپ ۋەدە بەرگەن ئىدىم .ئەمما ئۆزۈم تېخى نەدىن كەلدىم نەگەە بارىمەن؟ دېگەن سۇئاللارنى يېشىپ بولالماي ، مۇسۇلمان بولۇشنىڭ قەدىمىنى چوڭراق باسالماي ، چالا-پۇلا ئۆگۈنىۋالغان 3-4ئايەت بىلەن بىر ۋاق نامازنى ئوقۇپ كاتتا ئىش قىلغاندەك باشقىلارغا تەنبىھ بېرىپ يۈرەىنىم قىززىق ...!خىيالىمغا بۇ ئىشلار كەلگەندە يۈزلىرىم خجىللىقتىن چىمىلدىغاندەك بولۇپ پىسىڭڭىدە كۈلۈپ سالدىم ..توۋا روشەننىڭ ساراڭلىقىنى كۆرمەمدىغان ، مەرۋانمۇ يودىن چىقىپ كەتكەندەك قىلىدۇ ، بىر چاغدا گۈلنازنىڭ ئۇنى يولدىن چىققان ئەسكى خوتۇن دېگىنى بىكار ئەمەس ئوخشايدۇ «قازانغا يولۇقساڭ قارىسى يۇقار » دەپ ئۇلار بىلەن بىر ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ يەنە ... ھەي ئاخشام شۇ سورۇنغا بارمىسام بوپتىكەن ،بىكار ئۇلار بىلەنمۇ رەنجىشتىم ھەم ئۆزۈممۇ ئاچچىق يۇتۇپ قالدىم .ئەڭ يامىنى ئۇلارنىڭ شۇ گۇناھلىرىغا شىرىك بوپ قالدىم ....ھە راست سۇباتنىڭ خېتىگە جاۋاپ يېزىشىم كېرەكقۇ؟ نېمە دەپ يازسام بولاركىن  ؟قېنى قولۇمغا قەلەپ ئېلىپ باقمايمۇ ؟مەن شۇ  مەقسەت بىلەن ئورنىمدىن تۇرۇپ ، ئۆيگە كىرىپ يېزىق ئۈستىلىمنىڭ چىرىغىنى يېقىپ ئۈستەلگە مۈكچەيدىم ."  
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سۇبات ! يازغان خېتىڭنى تاپشۇرۇپ ئالدىم . سۇبات ساڭا خەت يازمىغىلى 8 يىل بوپتۇ .ھېلىمۇ ئېسىمدە مەن ساڭا شۇ ئاخىرقى خەتنى كەچ كۈزنىڭ بىر يامغۇرلۇق كۈنى يىغلاپ ئولتۇرۇپ يېزىپ ،شۇ يامغۇردا ۋېلسىپىتلىك پوچتىخانىغا بېرىپ سېلىۋەتكەن ئىدىم .مەن شۇ خەتنى شۇ كۈنى سېلىۋەتمىسەم ،ئەتىسى نىيىتىمدىن يېنىپ قېلىشىمدىن ئەنسىرىگەن ئىدىم .چۈنكى كۆز ئالدىمدا ناھايىتى بىچارە سۆيگۈ  تىلەمچىسى بولغان رەھىمە تىترەپ تۇرغان قوللىرىنى ماڭا ئۇزۇتۇپ تۇراتتى .« ئئاداش سىلەر بەرىبىر بىرگە بولالمايسىلەر ،ئۆزۈڭنىڭمۇ ،سۇباتنىڭمۇ ،مېنىڭمۇ بەختىمگە ئولتۇرما ، ساڭا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتۇڭدىن سۇباتچىلىك بىرسى چىقماسمۇ ؟!سۇباتنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ قېرىپ قالدى .ئۇلار بىر تال ئوغلىنى سېنىڭ يېنىڭغا ئەۋەتىپ بەرسە ئۆزلىرى قانداق قىلىدۇ ؟سۇباتنىڭ سېنى دەپ ۋاپاسىز  ئوغۇل بولۇپ قېلىشىنى خالىمايدىغانسەن ؟...»'
   سۇبات شۇ چاغدا رەھىمەنىڭ ئاتا-ئاناڭ توغرىسىدا دېگەن سۆزلىرى ماڭا بەكرەك تەسىر قىلغان ئىدى .چۈنكى ئاتا-ئانىمىزنى رازى قىلماي ئېرىشكەن بەختىمىزنىڭ ئۆمرى قانچىلىك بولار؟ دېپ ئويلاپ قالدىم .شۇ كۈنلەردىكى ئازابلىرىمنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن سۇبات ! سېنىڭمۇ ماڭا ئوخشاشلا قىيىن ئەھۋالدا قالغانلىقىڭنى ئويلاپ ساڭا مەسلىھەتمۇ سالماستىنلا ئايرىلىش خېتىنى يېزىپ سېلىۋەتتىم .يىغلاپ ئولتۇرۇپ 12 بەت خەت يازغان ئىدىم . . سەندىن 15 ۋاراق خەت كەلدى ، ئىشخانىدىكىلەر شۇ چاغدا سىزگە  بىرسى پوۋېست يېزىپ ئەۋەتتىمۇ نېمە ؟ دىيىشىپ قالغان ئىدى .خەتلىرىڭنى ئوقۇپ توختىماي مىشىلداپ يىغلايتتىم ..ئەمما ئەمما سېنىڭ ۋاپاسىز ئوغۇل بولۇپ قالماسلىقىڭ ئۈچۈن يىغلاپ يۈرۈپ توي قىلىۋېتىش  ئۈچۈنلا توي قىلىش قارارىغا كەلگەن ئىدىم . ..ئويلىسام مەن شۇ شۇ چاغلاردا بەكلا نادان ئىكەنمەن .ئوقۇش بىلەنلا يۈرۈپ سەن بىلەن مۇھەببەتلەشكەندىمۇ بەك ھايا پەردىشەپ بىلەن يۈرگەچكە ، توي دېگەن بۇ ئۇقۇمنىڭ ئۇنچىۋالا ئىنچىكە ھۈجەيرىلەردىن تەركىپ تاپقان مۇرەككەپ ئاتالغۇلىغىنى بىلمىگەچكە شۇ توينىڭ ئەتىدىلا مەن توي قىلغانلىقىم ئۈچۈن پۇشايمان قىلىپ ، پۈتۈن ئالەم قازاننى دۈم كۆمتۈرۈپ قويغاندەك قاپ-قاراڭغۇ كۆرۈنۈپ كەتكەنتى .
مەن شۇندىلا ئاتا-ئانامنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن مەڭگۈلۈك بەختىمدىن ۋاز كەچكەنلىكىمنى تونۇپ  يەتتىم . بۇ كۆڭۈلسىز تۇرمۇش ماڭا تۇزى يوق ئاشتەك شۇنچىلىك لاۋزا بىلىندىكى مەن «ئىچىمدە روزا تۇتۇپ ،تېشىمدا ھېيت ئويناپ »7 يىل بولغاندا غايەت زور باتۇرلۇق بىلەن بۇ قورغاندىن نۇرغۇن ئىقتىسادى زىيان بەدىلىگە يېنىپ چىقتىم .. )
  سۇبات مۇھاببەت بىر خىل شىرىن ئازاب دېمەكتۇر . ھەقىقى مۇھاببەت  مەڭگۈ تۈپ-تۈز يولدا ماڭالمايدىكەن  
ئۇ قانچە ئوڭۇشسىزلىققا يولۇققانسېرى شۇنچە كۈچىيىدىكەن ھەم مۇكەممەللىشىدىكەن .. ئەمما سۇبات شۇنىمۇ  نەزىرىمىزدىن ساقىت قىلماسلىقىمىز كېرەككى ، بىز ھاياتىمىزنىڭ مەڭگۈ قاتىلانمايدىغان ئەڭ گۈزەل پەسلى ياشلىق دەۋرىمىزدە .ھەم غەمسىز ئالى مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى ۋاقتىمىزدا بىر-بىرىمىزنى سۆيگەن ،مۇھەببەتلەشكەن ، ئەمما ئارلىقتا بىز 9 يىل بىر-بىرىمىزدىن ئايرىلىپ باشقا ئادەملەر بىلەن بىرگە ياشاشقا مەجبۇر بولدۇق .تەغدىر يەنە چۆگىلەپ ئىككىمىزنىڭ رىسقىنى قوشماقچى بولىۋاتىدۇ .. بىرىنچى تۇرمۇشتىغۇ ياخشى كۆرمىگەن ،چۈشەنمىگەن ئادەم بىلەن ئادەم بىلەن چىقىشالماي مەغلۇپ بولدۇق دەيلى ،ئىككىنچى تۇرمۇشتا بىر-بىرىمىزگە شۇنچەزارىقىپ ئېرىشىپ ،بىر ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن كېلىشەلمىدەكچۇ ؟ بىز بىرىمىزنى ياخشى كۆرگەن بىلەن ئالدىمىزدىكى سېنىڭ ئوغلۇڭ بىلەن مېنىڭ قىزىمچۇ ؟ ئۇلار بىزنى ياخشى كۆرەلەرمۇ ؟بىر-بىرى بىلەن چىقىشالارمۇ ؟« ياتنىڭ ياندىن ،تۇققاننىڭ جاندىن ئۆتەر » سېگەندەك بىز ئىككىمىز بۇ تۇرمۇشتا مەغلۇپ بولساق، ھەر ئىككىلىمىزگە نىسبەتەن  ھاياتنىڭ مەنىسى قالمايدۇ ،باشقىلارنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كېتىمىز .ئۇنىڭ ئۈستىەە يېشىمىزمۇ چوڭىيىپ قالدى ، سەن غۇلجىدا ئەرلىك ئورنىڭنى پەش قىلىدىغان ،قولۇڭنى ئۆي ئىشىغا ئەگمەيدىغان خارەكتىرگە ئىگە ھەم كۈنۈك ، مەن غۇلجا ئاياللىرىدەك ئۇنچە چىۋەر چەبدەس ئەمەىس ئەركە ئۆگۈنىپ قالغان ...
  مەن ئويلايمەن ئارزۇ بىر ئېرىشەلمىگىنىمىز ئۈچۈن شۇنچە سۆيۈملۈك ھەم شۇنچە قەدىرلىك ...شۇڭا بىز خىياللىرىمىزدىلا بىر-بىرىمىزنى ئەسلەپ ئۆتسەك ،مەن دەيمان مەن ئەقلىمنى بىلسەم بىزنىڭ جۇڭگو كومۇنىزىمغا يېتىمىز دەپ كۈرەش قىلىۋاتقان تا ھازىرغىچە كومۇنڭزڭمغا يېتىپ بولالمىدۇقبىر-بىرىنى ھەقىقىي ياخشى كۆرۈدىغانلارنىڭ ۋىسالغا ئېرىشىپ بەىىىىىتلىك بولالىشى شۇ كومۇنڭزڭمغا يېتىشتەك مەۋھۇم نەرسىمىكىن دەپ ئويلايمەن .مېنىڭچە مۇھەببەت روھقا مەنسۇپ بولغاندا تېخىمۇ قەدىرلىك بولىدۇ .  سۇبات سەنمۇ سوغۇققانلىق بىلەن ئويلاپ باق ،بەلكىم رەھىمە قايتىپ كېلىپ قالسا ئوغلۇڭلارنى بىرگە باقارسىلەر .سېنىڭ ساپ مۇھەببىتىڭ ماڭا تېگىل بولدى . مەن خىيالىمدا مەڭگۈ سەن بىلەن بەختلىك ،ساڭا ئاللاھتىن خاتىرجەملىك تىلەپ ساۋاغدىشىڭ چولپان
2001-يىل 18-مارت مايتاغ5
مەن خەتنى يېزىپ بولۇپ ئورۇندۇقۇمنىڭ يۆلەنچىكىگە يۆلىنىپ بىر ھازا ئولتۇردۇم .ئادەم بەزىدە شۇنداق بىر يالغۇزلۇقنى خالاپ قالىدىكەنكى ،بۇنداق چاغدا پاشىنىڭ گىڭىلدىشىنىمۇ تېتىمايدۇ .شۇ تاپ مەن شۇنداق تىمتاسلىق ئىچىدە سۈكۈتكە چۆمگەن ئىدىم ..سۇباتنىڭ بۇ خېتى بىلەن كۆڭلۈمنىڭ پىنھان جايلىرىغا  كۈمۈلۈپ قالغان خاتىرلىرىمنى  قايتا ۋاراقلاپ ،يۈرۈكىمدىكى  ئەمدىلا ئېغىز ئېلىپ ساقىياي دېگەن يارام قايتا قانىغاندەك قىلاتتى .كۆزلىرىمنىڭ ئەتراپى ھەسرەتلىك ئىچىشىپ يۈرىكىم پىغانلىق ئېسەدەشكە باشلىدى .مۇشۇ مىنۇتتا ماڭا تەسەللى  بولغىدەك ھېچنەرسە يوقتەك شۇنچىلىك كۆڭلۈم يېرىم بولدىكى ...بىر ھازاغىچە ئۈنسىز ياش تۆكتۈم ..بىر چاغدا يۈرىكىمنىڭ ئېسەدەشلىرى توختاپ .ئېغىر ئۇھ تارتقان ھالدا مەقسەتسىزلا يېزىق ئۈستىلىمنىڭ تارتمىسىنى ئاچتىم ..كۆزۈم يېشىل رەڭلىك قېلىم خاتىرىەە چۈشتى ،مەن خاتىرىنى قولۇمغا ئالدىم  بۇ مېنىڭ كۈندىلىك خاتىرەم ئىدى. ئۇنى ئىشخانىدا ساقلايتتىم قانداق بولۇپ بۇ ئۆيگە ئەكەلگەندىمەن ؟ ھە ئۆتكەندە ئىشخانىمىزدىكى تارتمىلىك ئۈتەللىرىمىزنى كومپىيوتېرنىڭ ئۈستىلىگە ئالماشتۇرغاندا خاتىرەمنى ئۆيگە ياندۇرۇپ كەپتىكەنمەندە ، شۇ خىياللار بىلەن خاتىرەمنى ئېچىپ  ، سۇباتقا ئاتاپ يازغان بەتلەرگە كۆز تاشلىدىم .
  سالام سۇبات !ياخشىمۇ سەن ؟!ساڭا بولغان چەكسىز سېغىنىشىمنى ،تۈگىمەس مۇڭلىرىمنى ،مۇشۇ خاتىرەمگە تۈكۈش ئارقىلىق ئۆزۈمگە تەسەللى بېرىش ئۈچۈن قولۇمغا قەلەم ئالدىم .7
  شۇ تاپتا سىرتتا سىم-سىم يامغۇر يېغىۋاتىدۇ .مەن يامغۇرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ نۇرغۇن خياللارنى سۈردۈم . يېزىق ئۈستۈلىمدىكى قېلىن ئەينەكنىڭ ئاستىدا ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىمىزدە چۈشكەن سۈرەتلەر ماڭا سەن بىلەن بىرگە ئۆتكەن ئەڭ گۈزەل دەقىقىلەرنى ھامان يادىمغا سېلىپ تۇرىدۇ .پات-پات شۇ چاغدىكى كۈلكىلەرنى چىمەننىڭ شىئېرلىرىنى ،دىلشاتنىڭ مۇڭلۇق ناخشىلىرىنى ،سېنىڭ زەي سالماي ئاتىدىغان پولىرىڭنى يادىمغا كېلىپ ، تاتلىق ئازابلار ئىچىدە پۇچىلىنىمەن .بەزىدە كۈنۈم-كۈنۈم خىيال بىلەن ياشايمان .يولدا كېتىۋېتىپ ،تاماق ئېتىۋېتىپ ، ئىشخانىدا كومپىيوتېر ئېكرانىغا قاراپ ئولتۇرۇپ خيالغا پېتىپ قالىمەن ..مۇشۇ كۈنلەردە خىياللا ماڭا ئەڭ ياخشى ، ئەڭ زور تەسەللى ، ئەڭ ئىشەنچىلىك سىرداش بولۇپ قالدى ... 1998-يىل سېنتەبىر   مايتاغ7
سۇبات ياخشىمۇ سەن ؟ كۈنلىرىم يەنە شۇنداق تۇز سالمىغان ئاشتەك تەمسىز  ،ناھيىتىمۇ مەنىسىز كېتىپ بارىدۇ .بۈگۈن يەنە ئىشخانامغا كېلىپ بۇ باغرى كەڭرى خاتىرەمنى ئېچىپ سەن بىلەن مۇڭداشقۇم كەلدى . ئاخشام ھىندىستاننىڭ بىر فىلىمىنى كۆرۈپ ماڭا بەك تەسىر قىلدى ئۇ « 1942-يىلدىكى مۇھەببەت » فىلىم ئىكەن . مەن ھىندىستان پاكىستان دېگەن يەرلەرنىڭ كىنولىرىنى ئانچە كۇرۇپ كەتمەيتتىم . ئەمما بۇ فىلىمى ماڭا تەسىر قىلىپ قالدى كىنو ھىندىستاننى ئەنگىلىيە مۇستەملىكە قىلىۋالغان چاغنى ئارقا كۆرۈنىش قىلغان بولۇپ فىلىمدا قاملاشقان  بىر يىگىت قولى باغلانغان ھالدا دارغا ئاسقىنى ئېلىپ ماڭغاندا ئانىسى ئوغلى بىلەن خوشلاشقىلى ئوغلىنىڭ ئالدىغا  كېلىدۇ .شۇ چاغدا ئوغۇل ئانىسىغا قىيالمىغان ھالدا قاراپ «-ئانا مەن سىزگە ھېچ ئىش قىلىپ بېرەلمىدىم !»دېدى ئانا بولسا كۆزىگە ياش ئالماستىن « ئوغلۇم دۇنيادا ئۆز ۋەتىنى ئۈچۈن جېنىنى قۇربان قىلىشتەك چوڭ  ئىش يوق ،  مەن سەندىن رازى -»دېدى شۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا پۈتۈن ۋۇجۇدۇمغا تىترەك ئولۇشۇپ كۆزلىرىمگە يىغا ياماشتى .ئوغۇل ئانىسىنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ ئىككى ئۈچ قەدەم مېڭىشىغا خائىن دادىسى ئوغلىغا «_ئوغلۇم سەن ئۆزۈڭ بىلىدىغان مىللى مۇناپىقلارنى دەپ بەرسەڭ جېنىڭ ئامان قالاتتى _دېگەندە ئوغۇل دادىسىغا نەپرەت بىلەن تىكىلىپ _دادا مەن پەقەت بىرلا مىللىي مۇناپىقنى تونۇيمەن ئۇ بولسىمۇ سىز !_»دېدى . شۇ مىنۇتتا مەن ئۆزۈمنىڭ قايسى دەرىجىدە ھاياجانلانغىنىمنى بىلمەيمەن .كۆزۈمدىن تۆكۈلگەن ياشلار يۈزلىرىمنى يۇياتتى ... ئاھ خۇدا بۇ ياشلار قاچانغىچە تۆكۈلەر ، بۇ يۈرەكلەر قاچانغىچە ئېسەدەر ؟...يېنىمدا بولغان بولساڭ مۇشۇ فىلىمنى كۆرگەندىكى ھاياجىنىمىزمۇ  چوقۇم ئوخشاش بولاتتى . ئەمما مەن بۇ جەھەتلەردە ئۆزۈم بىلەن قارىمۇ قارشى بىر مۇناپىق بىلەن بىر ئۆيدە ياشاۋاتىمەن ئەمەسمۇ  ؟!
چۈشلىرىمدە پات-پات سەن بىلەن ئۇچرىشىپ قالىمەن . بەزىدە كۆزۈمنى يۇمساملا ماڭا قاراپ كۈلىسەن ،ئەمدى گەپ قىلاي دەپ تەمشىلىپلا ئويغۇنىپ كېتىمەن ، توۋا بۇ چۈشۈممىدۇ ،خيالىممىدۇ ؟
  1999-يىل نويابىر مايتاغ5
سالام سۇبات سەن بىلەن ھال-مۇڭ بولمىغىلى خېلى كۈنلەر بوپتۇ .بۈگۈن مايتاغدا قار يېغىۋاتىدۇ . مەن كومپىيوتېردىن ناخشا ئاڭلاپ ئولتۇرىمەن
.ياشىماق مۈشكۈل سەپەر بۇ ،
يوللاردا ھەمرايىڭ بولاي .7
ئەسلى زاتىم چىن ۋاپادار ،
ئىشقىڭدا پەرھادىڭ بولاي ....  
    ياشىماق مۈشكۈل سەپەر بۇ ، يوللاردا ھەمرايىڭ بولاي ...دېگەن مىسرالار مېنى يىغلاتتى .مۇشۇ مىسرالارنى ئاڭلىساملا غۇلجىسا بىر تەتىلدە بىرگە ئۆتكەن كۆڭۈللۈك كۈنلەرنى ئەسكە ئالىمەن .جىلىليۈزىگە مېنىڭ  ئوتتۇرا مەكتەپتىكى دوستۇمنى ئىزدەپ چىققان ۋاقتىمىز ئېسىمگە  كېلىدۇ .بىز دوستۇمنىڭ ئۆيىنى ئاران تېپىپ بارساق ئۇقا بىر يېزىغا ئىشلىگىلى كېتىپتۇ .مەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ لەسسىدە بولدۇم .سەن مېنىڭ بۇ ھالىتىمنى كۆرۈپ :
_ئۇ دوستۇڭ بىلەن زادى بەك كۆرۈشكىڭ بارمىتى ؟_دەپ سورىدىڭ  
_ئاتايىن كۆرۈشكىنى كەلگەندىكىن كۆرۈشۈپ كەتدەم ياخشى بولاتتى- دېدىم مەن ساڭا دومسۇيۇپ .
بىز يەنە ئۈچ چاقلىق موتۇغا كىرا قىلىپ ئۇ دوستۇم ئىشلەۋاتقان يەرگە ماڭدۇق .بىز موتودىن چۈشۈپ قېلىپ بارىدىغان يەرنى سورىداق . بىز بارىدىغان مەنزىلىمىزگە كەلمەستىن خېلى بالدۇرلا چۈشۈپ قاپتۇق .
_ ۋاي-ۋۇي مۇشۇ ئىسسىقتا بۇ سەھرايى قىيامەتنىڭ يوللىرىنى قاچان تۈگىتەرمىز ؟-دېدىم چىرايلىرىمنى پۈرۈشتۈرۈپ
_ ماڭا قارىغىنا چولپان ، دېدىڭ ئۈنلۈك كىلىپ .مەن ساڭا قارىدىم سەن ناھايىتى تەمكىن قىياپەتتە تۇرۇپ :
_يېنىڭدا مەن سۇباتلا بولىدىكەنمەن قانچىلىك ئۈزۈن يول بولسىمۇ  سەن ھارمايدەن جۇمۇ !_دېدىڭدە قولۇمدىكى سومكامنى قول ئۇزۇتۇپ ئەكەل سومكاڭنى مەن كۆتۈرىۋالاي ئۇششۇك ھېرىپ قالمىغىن _دېدىڭ مەغرۇر كۈلۈپ .
  - ۋۇي غۇلجۇلۇقلارغانىڭ خارەكتىرىگە قارشى بىر ئىشنى قىلىپ سومكامنى كۆتۈرىۋالدىڭغۇ ؟_دېدىم مەن سېنى گەپكە سالماقچى بولۇپ .3
_ئكزۈممۇ ھەيران سېنىڭ ئالدىڭغا كەلسەملا ئىرادەمگە خىلاپ ئىشلارنى قىلىپ سالىمەن . بۇ قورقۇش ئەمەس كۆيۈنىش ھەم ھۆرمەت ،قانداقلا بولمىدۇن دەن دېگەن مېھماندە !-دېدىڭ . شۇنداق پاراڭلار بىلەن شاھىدە ئىشلەيدىغان جايغىمۇ بېرىپ قاپتۇق . سۇبات سەن ھەقىقەتەن راس سەپتىكەنسەن ئادەم ئۆزى چۈشەنگەن ياخشى كۆرگەن ئادىمى بىلەن قانچىلىك ئۇزۇن يوللاربولسڭمۇ  ۋايسىماي باسالايدىكەن ، ئۇنىڭ ئەكسىچە بولسا باغۇ-بوستانلاردا يۈرسىمۇ قاغجىراپ كېتىدىكەن !مۇشۇنداق چاغلاردا قانغىدەك بىر يىغلىۋېلىشمۇ ئادەمگە كۆپ ئارام بولىدىكەن ...
1999-يىلى 30-يانۋار  مايتاغ
سۇبات ! بىلەمسەن بۈگۈن مەن ئېرىدىن ئاجراشقان تۇل ئايال بولۇپ قالدىم .توۋا مەن بۇرۇن ئەخلاقلىق ياخشى قىزلار پەقەت بىر يىگىت بىلەنلا مۇھەببەتلىشىپ ،شۇنىڭ بىلەن توي قىلىشى كېرەك دەپ ئويلايتتىم ..شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن مەن سېنىڭ تەكلىۋىنى قۇبۇل قىلغاندا بەك ئويلاشقان ھەم ئۆزۈمگە ھاياتنىڭ بۇ ئۇزۇن مۇساپىسىدە سۇباتقا چوققۇم ۋاپادار كۆيۈمچان ئايال بولىمەن دەپ ۋەدە قىلغان ئىدىم .سېنىڭ بىلەن سەر قانداق ئېغىر كۈنلەردىمۇ يېنىڭدا بولۇشنى مەقسەت قىلغانتىم .ئەپسۇس رىسقىمىز قوشۇلمىدى .«قورققان يەردە جىىن بار »دېگەندەك تەغدىر ېنى يۈرەەن يىگىتىدىن ئايرىلغانلا ئەمەس ،1-ئېرىدىن ئاجراشقان تۇل ئايال قىلىپ قويدى .مەن شۇلارنى ئويلىدام تەغدىرىمگە ئېچىنىمەن .ئەمما 7 يىل ئۆزۈم ياخشى كۆرمىگەن ئەر بىلەن بىر ئۆيدە ياشاپ تارتقان ئازابلىرىمنى ئويلىسام ئاللاھنىڭ ئوڭۇشلۇق  يول بېرىپ ئاجرىشىۋالغانلىقىمدىن راھەتلىنىپ قىز دەۋرىمگە قايتىپ قالغاندەك  ئۆزۈمنى بەختىيار ھېس قىلىمەن .تەغدىرىمەە تەن بېرىپ ، مۇھەببەت روھقا تەئەللۇق ،مېنىڭ روھىم ئەڭ پاك ،ئەڭ چەكسىز  مۇھەببىتى بىلەن ھەقىقىي ئەركەك سۇباتنى سۆيۈدۇ دەپ ئۆزۈمگە تەسەللى بېرىمەن .
1999-يىل 27-ئاپرىل مايتاغ
سۇبات ھېچقاچان سېنى بۈگۈنكىدەك سېغىنمىغان بولغىيتتىم ؟بىلەمدەن مەن ئەرلەرگە  بەك ئۆچ بوپ كەتتىم .قولۇمدىن كەلسە ئەشۇ  پەسكەش شەخسىيەتچى ئەرلەرنى مەڭگۈ كۆرمىسەم ، ئەمەلگە ئامراق بۇ تەخسىكەشنى بىر يەرگەئەمىلىنى  ئۆستۈرۈپ ئەكەتسىمۇ مەيلىتى ، مەن ئۈچۈن بەرىبىر كۆزۈم كۆرمىسىلا ،ئۆزۈمنى خاپىلىقتىن ئېلىپ قاچقانسېرى خۇددى خوتۇن كىشىدەك  مەن بىلەنلا ئېيتىشىپ ئارم بەرمەيدۇ ،  ئالدىمدا قىلغان ئىشلىرىمدىن قۇسۇر ئىزدىسە يوق يېرىمدە تىنماي غەيۋىتىمنى قىلىدۇ .« يوغانچى ،» دەپ بېرىپتۇ .بۇنداق دېگنىدىنغۇ رەنقىمىدىم «سۇيۇق ، شالتاق » بولغاندىن بۇنداق لاتا كۇسكۇس غۇرۇرىنى ئىشت يەپ كەتكەن ئېتىقادسىز ئەرلەرگە يوغانچىلىق قىلغان ئەلۋەتتە توغرا ،شۇنداققۇ ؟!  بۈگۈن غەزىۋىم پەلەككە يېتىپتىكەن ،بىكاردىنلا  ئەتتىگەندە كوچا خوتۇنلىرىدەك ۋاتىلدىغانتى ، مىجەزىمگە ماس كەلمىگەن ھالدا ھازازۇل خوتۇنلاردەك جاۋىلداپ يىغلاپ سۆزلەپ ، قىلمىشلىرىنى بىر ئاشكارىلاپتىكەنمەن ،  ئاغزىم ئېچىلىپتۇ كۆزۈم يۇمۇلۇپتۇ ... سۆزلەپتىمەنكى ئىچىم بوشاپ يەڭگىللەپ قاپتىمەن . نەچچە ۋاقتىن نومۇس قىلىپ ،گەپ قىلمىسام مېنى بەك گۇمۇش كۆرگەن چېغى مانا ئەمدى پۇتى كۆيگەن توخۇدەك ئالدىمدا پاي-پېتەك بوپ كەتتى .توۋا ھازىر نېمىشكە ئارلەر جىق ئەركەكلەر ئاز قالدى ؟ ئاشۇنداق زەيپانە ئەرلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان ئاياللىرىمىزنىڭ  كۈنى قانداق بولار ؟ شۇڭا ئاياللىرىمىز كوچىغا چىقىپ كېتىۋاتمامدۇ ؟! ئۇنىڭ ئەدىپىنى بەرگەن بولساممۇ يەنىلا ناھەق خاپىلىققا ئۇچرىغىنىم ئۈچۈن قەلبىم ئازار يىدى . ئىشخانىدىن چىقىپ كېتىۋېتىپ ئۈمچىيىپ يىغلىدىم .سەن يېنىمدا بولغان بولساڭ مەن مۇشۇنداق بولارمىدىم ؟ مېنى ئېرى يوق تۇل خوتۇن دەپ  تومۇرۇمنى تۇتۇپ باقماقچىمىكىنە ؟ توۋا مەن ئۇنداق ئەرلەردىن ئوننى ئەكەپ بەرسىمۇ سېنىڭ ئېلىۋەتكەن تىرنىقىڭغا تەڭ قىلمايمەن سۇبات ! ئەگەر سەن يېنىمدا بولغان بولسام بۇنداق ناھەقچىلىككە يولۇققۇنىمنى بىلسەڭ ماڭا قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ئۈگىتەتتىڭ ھەمدە چولپان سېنىڭ يېنىڭدا مەنلا بولىدىكەنمەن ھېچكىم سېنى تاك ئېتىپ چېكەلمەيدۇ ،كۆز يېشىڭنى سۈرتۈپ سېلىقى كۈلكەڭنى كۈلىۋېتە ؟!_دەپ مېنى كۈلدۈرەتتىڭ .مەن سېنىڭ مۈرەڭنى نۇقۇپ تۇرۇپ :_پوچى دەپ ئەركىلەپ كۈلەتتىم ،كۈلەتتىم .يەنە كۈلەتتىم ....
  خاتىرىلەرنى ئوقۇپ مۇشۇ بەتلىرىگە كەلگەندە قۇلۇغۇمغا مۇڭلۇق ئەزان ئاۋازى ئاڭلاندى .چۈچۈپ سائىتىمگە قارىدىم . 3:15 مىنۇت ئۆتۈپتۇ .شۇ چاغدىلا كۆزلىرىمنىڭ قۇم قۇيغاندەك چىڭقىلىپ ئىچىشىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدىم ،خاتىرەمنى تاتمامغا سېلىپ قويۇپ ،بامدات نامىزىغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن ئورنىمدىن تۇردۇم"
      
بۈگۈن شەنبە ئەتىگەندە ئۇيقۇمغا قېنىپ تۇرۇپ گۈلنىگارنى يۇيۇپ بولۇپ، تالادا ئوينىغىلى چىقىرىۋېتىپ، ئۆيلەرنى بىرەر قۇر تازىلاپتىمەن. ئەمدى كىر - قاتلارنى يۇيۇش ئۈچۈن، كىرئالغۇنىڭ قېشىغا كېلىشىمگە تېلېفونۇم جىرىڭلىدى.
  _ ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم؟
  _ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ھەدە تېچلىقمۇ؟ - بۇ سىڭلىمنىڭ ئاۋازى ئىدى.
  _ ئاللاغا شۈكرى ، ئۆزۈڭچۇ؟ *
  - مەنمۇ ياخشى، ھەدە نېمە قىلىۋاتىسەن؟
  _ ئەتىگەندە ئۆيلەرنى بىرەر قۇر تازىلاپتىمەن، گۈلنىگارنى يۇيۇپتىمەن، ئەمدى كىر يۇيۇش ئۈچۈن كىرئالغۇنىڭ يېنىغا كېلىشىمتى، سەنچۇ؟ :
  _ ئاخشام، 12 گە ( 3 - سېمىنىغا ) چىققانىدىم،  چۈشلۈك تاماق ئېتىش پەقەت خۇشياقمىدى،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىلشاتمۇ بىر ئاغىنىسىنىڭ تويىغا قارشىمەن دەپ ئەتتىگەنلا ئۆيدىن چىقىپ كەتتى .  چېھرايغا  تېلېفون قىلسام ئۇمۇ  تېخى تاماققا تەمشەلمەپتۇ،ئۇنىڭ يولدىشىمۇ بۈەۈن چۈشتە سىمىنا قوشۇپ ئىلەپ چۈشتە قايتمايدىكەن ، بالىلارنى ئېلىپ تېز تاماقخانىغا بېرىپ كۆڭلىمىز  تارتقان تاماقلاردىن ئېغىز  تەگكەچ  بىرەردەم مۇڭدىشىپ كېلەيلىمىكىن ، دەپ ساڭا تېلېفون قىلىشىمتى.
  _ بۇ پىلانىڭلار ماڭىمۇ خۇش ياقتى، نەگە بارىمىز؟
  - مارسقا بارايلى، شۇ يەرنىڭ تامىقى ياخشى. ;
  _ بولىدۇ، شۇ يەردە ئۇچرىشامدۇق؟!:
  _ ھەئە، سائەت 12 گە ئۈلگۈرۈپ، خاننى ئېلىپ بارغىن.
    مەن سىڭلىم چىنارنىڭ تېلېفونىنى قويۇپ بولۇپ، سائەتكە قارىسام نەق 11 بوپتۇ، كىرلەرنى كەچتە يۇيۇپ، ھازىر  يۇيۇنۇۋېلىشنى توغرا تاپتىم. ئۆزۈم يۇيۇنۇپ بولۇپ، گۈلنىگارنى چاقىرىپ كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇشقا باشلىدىم. قىزىم كىيىملىرىنى كىيگەچ توختىماي سۇئال سورايتتى:
  _ ئاپا نەگە بارىمىز؟ باغچىغىمۇ؟
  _ ياق قىزىم، چىنار ئاپىڭىز، چېھراي ئاپىڭىز، مېھراي، زىھناي ھەدىلىرىڭىز بىلەن رېستورانغا تاماق يېگىلى بارىمىز.
  _ پاھ، مەن مېھراي ھەدەم بىلەن ئوينايمەن، زېھناي ھەدەم بىلەن ئوينىمايمەن. . . ! - دېدى گۈلنىگار كىيىم كىيگەچ.
  _ نېمىشكە؟ ھەر ئىككىلىسى ئوخشاش نەۋرە ھەدىلىرىڭىزغۇ؟ ئۇلار سىزگە بەك ئامراققۇ؟
  - شۇ زېھناي ھەدەم مېنى كۆرسىلا چېچىمنى تاراپ قويىمەن دەپ ئاغىرتىۋېتىدىكەن. . . سىز دەپ قويۇڭە، بۈگۈن ئۇنداق قىلمىسۇن!
  _ بولىدۇ، ئۇماق قوزام، سىزنىڭ چېچىڭىز بۈدرە، چىرايلىق بولغاچقا سىزگە ئامراقلىق قىلىپ، سىزنى ياساپ قويغۇسى كېلىدىكەن. بولىدۇ، مەن دەپ قوياي.
  بىز ئانا - بالا ئىككىمىز شۇنداق پاراڭلاشقاچ جابدۇنۋاتساق،ئىشىكىم يېنىك چېكىلدى. ئىشىكنى ئاچسام ئۇدۇل قوشنام ھۆرنىسا ھاجىم.
  _ ھە، كېلىڭ، ھاجىم!
  _ بىر يەرگە جابدۇنغانمۇ نېمە؟ - دېدى ھاجىم بىزگە قاراپ.
  _ ھە، سىڭىللىرىم بىلەن چۈشلۈك تاماققا سىرتقا چىقماقچىتۇق، شۇڭا. . .
  _ قاچان كېلەرسىز؟
  _ قانداق بىرەر ئىش بارمىتى؟
  _ بۈگۈن پىشىن نامىزىدىن كېيىن ئۆيۈمدە خەتمە ئۆتكۈزەي دەپ بۈۋۈملەرنى چاقىرىپ قويغانىتىم، شۇڭا سىزنىمۇ قاتنىشىپ بېرەمدىكىن دەپ كىرىشىمتى.
  __ ۋاي خۇدا بۇنداق ساۋابلىق ئىشقا قاتناشمامدىغان، مەن تاماقنى يەپ بولۇپلا، ھايال بولمايلا كېلىمەن، ئاندىن كىرەي.
  قوشنامنى ئۇزۇتۇپ قويۇپ، قىزىم بىلەن رېستورانغا ماڭدىم. تاماق ئۈستىلىگە كۆڭلىمىز تارتقان نەچچە خىل غىزالاردىن بۇيرۇتۇپ، يەپ بولغاندىن كېيىن، قىزىم سىڭىللىرىمنىڭ قىزلىرى بىلەن ئوينىغىلى چىقىپ كەتتى. بىز ئاچا - سىڭىللار ئۇ ياق - بۇياقتىن پاراڭلىشىشقا باشلىدۇق.
  _ ھەدە، ھېلىقى سەن بىلەن ئارىلىشىدىغان روشەن ھەدەم نېمە بولۇپ كەتتى؟ - دېدى چىنار قاشلىرىنى ئۇچۇرۇپ.
  _ نېمە بولۇپ كېتىپتۇ؟ 1
  _ تۈنۈگۈن بانكىت چېيىمىز بار ئىدى. رېستورانغا بارغان، قارىساق ئۇ شۇنداق چاكىنا كىيىۋاپتۇ،  تانسا  باشلىنار - باشلانماستىن سىرتلىقمىكىن، كۆرمىگەنلا بىر ئەر بىلەن تانسا ئويناۋاتىدۇ، مەستلىكىدىن پۇتلىرىنى ئاران -ئاران يۆتكەيدۇ- ھە؟ ! ئىسىت، ئايدەك چىرايى بىلەن كۆزەمگە پوقتەك كۆرۈنۈپ كەتتى، يېشى 30 دىن ئاشقان ئايالمۇ شۇنداق سەتلىشەمدۇ؟ «ئۇنىڭ ئېرى گەپ قىلمامدىكىنا؟' دەپ ئەتراپتىكىلەر لەنەت ئوقۇپ كەتتى.
  _ چىنار ھەدە، سەن تېخى بىلمەمسەن؟ ھازىر ئۇ دېگەن ئادەتتىكى ئىشلار بولۇپ قاپتۇ، ئۆتكەندە بىزنىڭ سېختىكى بىر سەتەڭ ئاچاشمۇ دوستلىرى بىلەن ئولتۇرۇپ تازا ئىچىشىپ مەس بولۇپ قاپتۇ. دوستلىرى بىر تاكسىنى توسۇپ، سېلىپ قويۇپتۇ. ئۇ تاكسىغا چىقىپلا ئۇخلاپ قاپتۇ. تاكسى شوپۇرى خەنزۇ بولغاچقا ئۇ ئويغىتالماي، نەگە ئاپىرىشىنى بىلەلمەي، ئۇدۇل ساقچىخانىغا ئاپىرىپتۇ. ئۇيغۇر ساقچىلار ئۇ ئايالنى تونۇپ، ئېرىگە تېلېفون قىپتىكەن. ئېرى كېلىپ ئايالىنى ئۆيگە ئېلىپ كېتىپتۇ. ئۇ ئاچاش بۇ گەپنى« قىزىق ئىش بولدى » دەپ سېمىنىدىكىلەرگە سۆزلەپ بەرگەنتى، مەن ھەيران بولۇپ:
  « ئېرىڭىز ئۆيگە بېرىپ سىزدىن رەنجىمىدىمۇ؟» - دېسەم، « شۇ كۈنى ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتكەنىدىم، ئېرىم ئەتىسى مەندىن ئەپۇ سورىدى. - دەيدۇ.
  _ ئۇ نېمىگە ئەپۇ سورىدى ؟ - دېسەم  _ ئېرىم 15 مىڭ يۈەن پۇلنى قىمارغا ئۇتتۇرۋېتىپتىكەن مەن شۇنىڭغا يامانلاپ چىقىپ جىق ئىچىۋاپتىمەن ، ئۇ بۇندىن كېيىن قىمار ئوينىمايمەن دەپ ئەپۇ سورىدى  - دەيدۇ. » سېخىمىزدىكى بەزىلەر:
  « ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ » دېگەندەك ئېرىڭىزنى تازا جايلاپسىز، جايىدا ئۆچ ئاپسىز! دەپ قۇۋۋەتلىدى. *
  _ ھەدە، مەرۋان ھەدەممۇ بەك ئېشىپ كەتتى جۇمۇ، ئىشلەۋاتقاندۇ، يېغىنلاردىمۇ  قولىدىن تېلېفون چۈشۈرمەيدۇ، كىچىك قىزلاردەك، ئۇچۇر يوللاپلا ئولتۇرغان ،ئېرى تۇرۇپ كىچىك بالىلار بىلەنمۇ ئارىلىشىۋېرىدىكەن دېسە؟
  _ جېنىم سىڭىللىرىم، ئاخبارات يەتكۈزۈش يىغىنىغا چاقىرىلغاندەك سۆزلەپلا كەتتىڭلارغۇ؟ خەقنىڭ گېپىنى قىلمىساق ئۆزۈمىزنىڭ مۇڭى يوقمىدى؟ خەقنى قويۇپ ئۆزىمىز توغرىسىدا مۇڭدىشايلى . - دېدىم تېرىككەندەك تەلەپپۇزدا.
  __ « كالىنىڭ مۆڭگۈزىگە ئۇرسا تۇيىقى سىرقىرايدۇ ' دېگەندەك دوستلىرىڭنىڭ گېپىنى قىلىپ قويساق ھەجەپ تېرىكىپ كەتتىڭ! ئۇنچىۋالا رەنجىگىدەك سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولمىساڭ!
    __ جېنىم .ئۇكام، ئۇلارنىڭ گېپىنى قىلغانغا ئەمەس، باشقىلارنىڭ گېپىنى قىلىپ نېمە قىلارمىز دەيمەنغۇ؟ ھازىر مەنمۇ ئۇلارغا ئانچە ئارىلاشمايمەن. - دېدىم ئىچىم ئاچچىق بولۇپ. قول تېلېفونوم سايرىدى. ئالسام قوشنام ئىكەن.
  _ بۈگۈن ھۆرنىساخان ھاجىمنىڭ ئۆيىدە خەتمە بار ئىدى، مەن قارىشىپ بەرمەكچى ئىدىم، مەن قايتاي دېدىم ، ئۇلاردىن ھوزۇر سوراپ.
  _ يائاللاھ، ئەمدى بىر جەم بولغاندا، ھەدە سەن پەقەت بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغان بولۇپ قالدىڭ جۇمۇ؟ ئەمدى ئۇ ھاجىمغا ئەگىشىپ بۈۋۈم بولۇپ كەتمە يەنە ! - دېدى چىنار كىنايە قىلىپ. "
  - ۋاي، ئۇكام ھاجىمغا ئەگىشىپ بۈۋۈم بولسام تېخى ياخشى ئەمەسمۇ؟ - دېدىم جىددىي ھالدا.
  _ ۋاي، مەن شۇ ھاجىملارغا ئۆچ، ناماز ئوقۇپ تۇرۇپ يەنەھەممە گۇنالىق ئىشلارنى شۇلار قىلغان  ! ئۇنىڭدىن بىزدەك ناماز ئوقۇمىسىمۇ يامانلىق ئويلىمايدىغانلار ياخشى!
  - بولدى، بىلمەي تۇرۇپ ئاغزىڭغا كەلگەنچە بىلجىرلىما !  مەن قىزىمنى چاقىرىشىمغا قىزلار چۇقۇرۇشۇپ ھەممىسى كىرىشتى.
  -  ئاپا، مەن يەنە بىردەم  ئوينايچۇ؟ - گۈلنىگار ماڭا يېلىنغان ھالدا ئەركىلىدى.
  _ ھەدە، سەن كېتىۋەر، گۈلنىگار بىز بىلەن قالسۇن! ھەدىلىرى بىلەن ئوينىۋالسۇن، ئەتە ئاپىرىپ قويايلى - دېدى چىنار.
  _ ئاپا، ماقۇل دەڭە؟ بولمىسا مەن يەنە سىزنى كىتاب ئوقۇغۇزماي، خەت يازغۇزماي خاپا قىلىپ سالىدىكەنمەن ؟ ! - گلنىگارنىڭ تاتلىق گەپلىرىگە سىڭىللىرىم كۈلۈپ كەتتى. ئۆزۈمنىڭمۇ ئىچىم كۆيۈپ مەڭزىلىرىگە تويماي سۆيدۈم . )
  - ئەمىسە ھەدىلىرىڭىز بىلەن ئۇرۇشماي، گېپىنى ئاڭلاپ ئويناڭ! - دەپ تاپىلاپ ئۆيگە قايتتىم.
  قوشنامنىڭ ئۆيىگە كىرسەم، يوغان ياغلىق چېگىپ، ئۇزۇن كۆينەك كىيىشكەن بۈۋىملەردىن 9 - 10 دەك ئاياللار ئولتۇرۇپ، تەسۋىلىرىنى تۇتۇپ، خەتمە باشلايمىز دەپ ئولتۇرۇشۇپتىكەن.
  _ بۈۋۈم ئاۋۋال بىرەر سىركايىلدىن ئۇسسۇزلۇق ئېچىپ ئاندىن باشلىمامدۇ؟ _ دېدى ھۆرنىسا ھاجىم ناھايىتى سىپايە ئاۋازدا ئاۋازىنى سوزۇپ.
  _ ھاجىم ھازىرلا چۈشلۈك تاماق يىدۇق، چاي ئىچكىدەكمۇ ئۇسساپ كەتمىدۇق. ئاۋۋال خەتمىنى ئوقۇيلى، ئوقۇپ بولۇپ ئاندىن ئىچسەكمۇ بولار،- دېدى يۈزلىرى سۈزۈك، چىرايى پارقىراپ تۇرىدىغان ۋىجىككىنە كەلگەن پاتەمخان بۈۋۈم ھەممە ئاياللارنىڭ بېشى سۈپىتىدە سالماق ئاۋازدا جاۋاب بېرىپ.
دەل شۇ چاغدا ئاشخانا ئۆيدىن چۆگۈننىڭ قاينىغانلىق ئاۋازى ئاڭلاندى. مەن ئالدىراپ ئاشخانىغا چىقىپ، گاز ئوچاقنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرۈپ قايناقسۇنى چايدانلارغا ئېلىۋەتتىم. شۇ ۋاغدا بۈۋۈملەرنىڭ ئومۇمىي خوردەك سوزۇپ ئوقۇغان ئاۋازى ئاڭلاندى. ئاڭغىچە ھاجىمنىڭ چوڭ قىزى كىرىپ: _ چولپان ھەدە، سىز كىرىپ خەتمىگە قاتنىشىڭ، بۇ يەردىكى ئىشلارنى مەن قىلاي ، - دە پئۇنىمىغىنىمغا ئۇنىماي مېھمانخانا تەرەپكە ئىتتەردى. كەڭ گىلەم سېلىنغان ئۆيدە يەكەنداز ئۈستىدە ئولتۇرغان بۈۋۈملەر ئىككى قولى بىلەن ياقىلىرىنى تۇتۇۋېلىپ، يىغلاپ بىر نەرسە دەۋرتىپتۇ. پاتەمخان بۇۋۇمنىڭ ئاۋازى سۈزۈك، جاراڭلىق چىقىدىكەن. قالغانلىرى شۇ بۈۋامگە ئەگىشىدىكەن. ھاجىم ماڭا ئولتۇرپ ئەگىشىشنى ئىشارەت قىلدى. مەن پەگادىكى كۆرپىدە ئولتۇرۇپ قوللىرىم بىلەن ئۇلارغا ئوخشاش ياقىلىرىمغا ئېسىلدىم. '
  __ خۇدايا، خۇدا بەندەڭ ئاسىي، گۇناھكار، گۇناھلىرىمنى كەچۈرگەيسەن، توۋا قىلدىم، توۋا قىلدىم، توۋىلىرىمنى قوبۇل قىلغايسەن، قۇلۇم بىلەن تۇتۇپ قىلغان گۇناھلىرىمغا توۋا قىلدىم، پۇتلىرىم بىلەن مېڭىپ قىلغان گۇناھلىرىمغا توۋا قىلدىم، كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ قىلغان گۇناھلىرىمغا توۋا قىلدىم، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن قىلغان گۇناھلىرىمغا توۋا قىلدىم، زىناغا قارىغان كۆزلىرىمگە قوغۇشۇن قويۇلسۇن، غەيۋەت قىلغان تىللىرىمغا ئوتلار يېقىلسۇن، ئىبارا خۇدايا، خۇدابەندە، بەندەڭ ئاسىي گۇناھكار، پەيغەمبىرىمىز م . مۇستاپانىڭ ھۆرمىتىدىن رەھمەت قىلغايسەن. بەندەڭنىڭ بېشىغا كەلگەن بالالارنى كۆتۈرۋەتكەيسەن. . .
  ھۇ. . . بىز ئاجىز. . . بىز ئاسىي. . . ھۇ. .  . ئەمدى ھەممىسى ئېسىدىن ئېسەدەپ يىغلاشقا ، ئاۋازلىق يىغلاشقا باشلىدى. مېنىمۇ ئىختىيارسىز يىغا باستى، كۆزلىرىمدىن تۆكۈلگەن ياشلار يۈزلىرىمدىن ئېقىپ، ئېڭەكلىرىمدە قوشۇلۇپ ، ئېتەكلىرىمگە تۆكۈلمەكتە. . . يائاللاھ گۇناھ. . . راستىنلا گۇناھلىرىم ئىككى يەلكەمنى بېسىۋالغاندەك مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ ئۈنسىز ياش تۆكتۈم. خەتمە داۋام قىلماقتا ئىدى.

ئۈلۇمدىن قورۇقمايمەن .ئەمما.گورۇمدە يالغۇزلۇقتىن قاراڭغۇلىقتىن گۇرنىڭ ئازاۋېدىن قورقىمەن

ئاتۇش ۋاسكىتبول

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26880
يازما سانى: 1330
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1629
تۆھپە نۇمۇرى: 754
توردا: 1256 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-16 09:30:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بۇ كىتابنىڭ مۇقاۋىسىنى كۆرۈپلا سىتىۋالغان . ھەممە ھىكايە قىسمنى تولۇق ئوقۇپ چىققان . مۇنبەردە بۇ تىمىنى يوللىغان ھەدەش سىز شۇ گۈلباھار خانىممۇ يا ؟ ئەگەر سىز شۇ بولسىڭىز ، مىنىڭ سىزگە ھۆرمىتىم بەك چوڭ ، سىزنىڭ تۇرمۇشتىكى ھەر تەرەپتىن ئىلىپ يازغان ھەر قانداق ھىكايىڭىزنى شۇنداق ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن . چۈنكى ئشىلەتكەن تىل ئاددى لىكىن جانلىق ، كىشنى بەك جىق ئويغا ئىلىپ كەلمەستىن بەلكى تۇرمۇشقا ، شۇ ھىكايىگە ئۆزىنى ئۇنتۇلدۇرغان ھالدا ئەككىرىپ كىتىدۇ . مەن بىر كىرىۋالدىممۇ بولدى چىققۇم كەلمەي قالىدۇ . شۇنداق ھىكايە ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ئەچچىقىدىغان ئادەم بولمىسا .......ھەي بەك تەس جۇما لىكىن .

تۈگەشسە يۈرگۈم ، ساقتۇر قۇرالىم . يېقىلدىم ۋە لېكىن مەغلۇب بولمىدىم .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش