مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5844|ئىنكاس: 31

ئۈلۈم ئالدىدىكى پەرىشتە(پوۋىسىت) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يۇرتۇم 0997گە چەكس

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35801
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 252
تۆھپە نۇمۇرى: 9
توردا: 137 سائەت
تىزىم: 2011-3-30
ئاخىرقى: 2011-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-16 12:02:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

  ئۈلۈم ئالدىدىكى پەرىشتە



پوۋىسىت

ئاپتۇرى: زىرەك (تۈركى)

* مۇقەددىمە *

بىلمدىم جاھاننىڭ خۇۋلىقى نېمە؟
ئەي يۈرەك بىھۇدە ۋەھىمە يىمە.
قان زەرداپ يۈتسەڭمۇ ۋىجدانلىق ياشا،
" تەغدىرنىڭ پۈتكىنى شۇ ئىكەن" دىمە.




                                                                                            " شەپقەت" تىن " پەرىشتە " گە


توۋا، ھايات نىمانچە چۈشىنىكسىز، نىمانچە سىرلىق-ھە! ھايات مۇساپەمنى ئويلىسام بەزىدە كۈلۈپ كېتىمەن،بەزىدە ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يېغلايمەن.ئارقامغا قارىسام بىر تالاي يوللارنى بېسىپ بولغاندەك،ئۆزەمنى قېرىپ ھالسىراپ كەتكەندەك ھېس قىلىمەن. ئالدىمغا قارىسام مەن تېخى ھايات مۇساپەمنىڭ ھېچقانچە يولىنى بىسىپ بولالمىغاندەك، مەن بېسىشقا تىگىشلىك يوللار ناھايتى ئۇزۇندەك ھېس قىلىمەن. لېكىن بۇ رەھىمسىز رىئاللىق مېنى شۇ بېسىپ بولالمىغان يوللاردىن بىرقلا ئۇچۇرۇپ، مېنى ئاللبۇرۇن ئەڭ ئاخىرقى مەنزىلگە يەتكۈزۇپ بولغان ئىدى.مېنىڭ پۇتۇن جىسمىمنى ئاللقانداق زەھەرلىك ھاشارەتلەر توختاۋسىز چېقىۋاتقاندەك بىلىنمەكتە.مەن ئالدىمدىكى گىرىم ئۈستىلگە كىلىپ ئولتۇردۇم. ئۈستەلدە ئانار شەربىتىنىڭ بوتولكىسى................شۇئان بوغۇزۇمغا بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك بولۇپ،دىماقلىرىم ئېچىشىپ قاپقارا شەھلا كۆزلىرىمگە سايە تاشلاپ تۇرغان مايسىدەك ئۇزۇن كىرپىكلىرىمدىن زۇمراتتەك ياش تامچىسى سىرغىپ يۇمران مەڭزىمدە سوغۇق بىرخىل سىزىم پەيدا قىلىپ خىيال كەپتىرىمنى ئۆتمۇشۇمگە يولغا سالغان ئىدى.


*يۇشۇرۇن سۆيگۈ*





توۋا! مەن ئەجەپ خوشال بولالمايمەنغۇ؟مىنىڭ بۇ چوڭ، گۈزەل شەھەرگە بىلىم ئېلىشقا كىلىشتىن بۇرۇنقى خوشاللىق ھېسلرىم نەلەرگە كەتتىكىنە،ھەۋەسلىرىم،قىزىقىشلىرىمچۇ؟!.... بولدى،ئۇنچە كۆپ ئويلاپ كەتمەي، ھىچ بولمىغاندا 6يىللق ساۋاقدىشىم ئۆركەش بولسىمۇ بارغۇ؟ ئاشۇ ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىمدا ئۇنىڭ بىلەن خېلى ياخشى ئۆتۈپتىكەنمەن.ئەمدى بۇ يەرگە كەلگەندە بىر يۇرتلۇق ھەم ساۋاقداش بولۇپ قالدۇق، شۇ بىلىم ئېلىش ئارزۇ-ئستەكلىرىنى دىمىسە كىممۇ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ بۇ يات شەھەرگە كەلسۇن، خەيىر بۇ كۈلەرمۇ ئۆتۈپ كىتەر......بۇ ئاقسۇلۇق يۇرتداش قىزمۇ خېلى بولۇپ قۇيدىغاندەك قىلىدۇ،ئۇنىڭ بىلەن دوسىت بولۇپ قويساممۇ بولغۇدەك.....توۋا يۇرتتىن ئايرىلسا ئەجەپ ياتسىرايدىكەن دىسە كىشى......."شۇ خىيالدىن ئويغىنىپ ئەتراپىمغا قارىدىم، ئالتە كىشلىك قوش قەۋەتلىك ئادەمىسىز كارۋاتلا ماڭا ھەمراھ بولۇپ قالغان ئىدى.تىزىمغا ئالدۇرغان تۇنجى كۈنىلا بۇنداق ھاردۇق يېتىشىنى ھەم يالغۇزسىراپ قېلىشىمنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم.بۇ ئەمدىلا تۇنۇشقان يېڭى ياتاقداشلار "تازىمۇ بىر ھاڭۋاقتى خىيال پەرەس بىر قىزكەن" دەپ قالدىمۇ قانداق؟ ئۇلار ئاللىبۇرۇن چىقىپ كەتكەن ئىدى. سىنىپقا چىقىدىغان ۋاقىتمۇ تۇشۇپ قاپتۇغۇ،ئالدىراپ خىيال يىپىمنى ئۈزۈپ ئەينەككە قاراشقىمۇ ئۈلگۈرمەي سىنىپقا قاراپ يول ئالدىم. ئىشىك ئالدىغا كەلگىنىمدە سىنىپ مەسئۇلىمىز ھەر جايدىن كەلگەن ساۋاقداشلار بىلەن ئۆز-ئارا تۇنۇشۇش ۋە تۇنۇشتۇرۇشنى ئاللبۇرۇن باشلاپ بولغان ئىدى.
خىجىلچىلىقتا ئاستا ئىشىكنى چەكتىم،مۇئەللىمنىڭ "كىرىڭ"دىگەن رۇخسىتىدىن كىيىن سىنىپقا كىردىم ھەرخىل نەزەردە ماڭا تىكىلۋاتقان جۈپ-جۈپ كۆزلەر، ھەرخىل چىرايلار، پۇتلىرىم ئالمىشىپ ھازىرلا يېقىلىپ چۈشىدىغاندەك، تولىمۇ تەستە مۇئەللىم ئىما قىلغان بوش ئورۇنغا بېرىپ ئولتۇرۇپ ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ سەل ئەسلىمگە كەلگەندەك بولدۇم. پۇت-قوللىرىم تېخى بوشقىنە تىترەۋاتاتتى، يېنىمدىكى دەل ھېلىقى مەن دوست بولۇشنى كۆڭلۈمگە پۈككەن بىر يۇرتلۇق قىز، ئالدىمدا ئۆركەش،ئۇنىڭ يېنىدىكى نامەلۇم بىر ئوغۇل، مەن ئارانلا ئوغۇرلۇقچە شۇلارغا سەپسېلىپ ئۈلگۈردۇم. بۇچاغدا تۇنۇشتۇرۇش نۆۋىتى ئۆركەشكە كەلگەن ئىدى.
-قۇتلۇق ئىسمىم ئۆركەش مۇبارەك فامىلەم ياقۇپ ئاقسۇ دىيارىدىن.
-پىقىرنىڭ نام شەرپى شەپقەت قەدىمى شەھەر قەشقەردىن.
بۇ ئككىسىنىڭ تۇنۇشتۇرشىدىن ساۋاقداشلار ئىككى قېتىم كۈلۋەتتى. مەنمۇ كۈلكىدىن ئۆزەمنى تەستە توختىتىپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۆزەمنى تۇنۇشتۇردۇم.
-ئىسىم-فامىلەم پەرىشتە كامىل ئاقسۇدىن.
ھەي بۇقىزنى تۇنۇمسەن خېلى بولىدىكەن دىسە،....(ئالدىمدىكى شەپقەت دىگىنى ئۆركەشكە شۇنداق دەپ شۇنداق پىچىرلىماقتا ئىدى.)
-ئىسىم-فامىلەم پەزىلەت توختى ئاقسۇدىن.
ماۋۇ خېنىمۇ ئاقسۇلۇقكىنە، قايلا سېرىقلىقىغا باقماي ئىسمى پەزىلەتكەن تېخى ......
-ئىسىم-فامىلەم ئالىمجان ناسىر غۇلجىدىن
ماۋۇ ئاداش ھېسامنىڭ چەۋرىسىمۇ نىمە؟ قايلىسام جىڭلاپ قويغاندەكلا قىلىدۇ، توققۇزتارادىن ئوخشىمامدا؟...
-ئىسىم-فامىلەم شەھىدە رۇزى تۇرپاندىن
بۇ قىىزنى نىمە دەي ئەمدى، توقسۇندىنمىكىن دىسەم ئۇرۇقسىز ئۈزۈمدەكلا تۇرىدۇ، ئۈزۈمچىدىنمىكىن دەي دىسەم شامال چىقسا قويىدىغان تىيەكتەك يانپاشلا تۇرىدۇ،........
...................................................
...................................................
ساۋاقداشلار ئۆز-ئارا بىر قېتىم تۇنۇشۇپ چىقتۇق. "كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن يەنىمۇ چوڭقۇر تۇنۇش ھاسىل قىلىش پۇرسىتى كۆپ كىلىدۇ. ئۆز-ئارا ئىناق،ئىتتپاق ئۆتۈشىڭلارنى،تىرىشىپ ئوقۇپ سىلەردىن ئەڭ زور ئۈمىد كۈتكەن كىشلەرنىڭ ئارزۇسىنى ۋە ئۆزەڭلارنىڭ قىممەتلىك ياشلىقىڭلارنى قەدىرلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن...................بولدى، مەن چىقىپ كېتەي ئۆز-ئار تۇنۇش ھاسىل قىلۋېلىڭلار ئەتە كۆزۈشەيلى." مۇئەللىم شۇنداق دەپ بىز بىلەن خوشلىشىپ چىقىپ كەتتى.
ساۋاقداشلار ئۆز-ئارا يۇرتلۇقلانى سورىشىشقا باشلىدى. مەن سۈكۈت ئىچىدە ئولتۇراتتىم،"ھەي يۈرتۋازلىق باشلىنىدىكەن-دە".............
-ھەي پەرىشتە! ھەي پەرىشتە! يىلى چىقىپ كەتكەن توپتەك ئولتۇرۇپ كەتىڭغۇ؟-دىدى ئۆركەش ماڭا قاراپ،-بىز ئاقسۇلۇق ئارانلا ئۈچ ئىكەنمىز دەپ كۆڭلۈڭ يېرىم بولۇپ قالدىما؟ خاتىرجەم بولۇڭلار مەن ئىكىڭلارغا ئاقسۇلۇقنىڭ ئازلىقىنى ھېس قىلدۇرمايمەن. مېنى ئوبدان بىلىسەنغۇ؟ مەن بىكار كەلمىدىم بۇ يەرگە......
-ھەي ئاغىينە يۇرتۋازلىق قىلمىساڭ قانداق؟ دىدى-شەپقەت،-ئەمدى كەپكالدۇق بۇيەگە قايلا، ياخشى ئۆتەيلى، باشقىچىرەك گەپ قىلمامسەن، مەن مۇشۇ يۇرتۋازلىققا بەك ئۆچ، بۇ ھەممىسى بىر شىنجاڭغۇ؟ ھەممىمىز ئۇيغۇر مىللىتىدىنغۇ؟.......ئادەم كۆڭلىنى خوش قىلدىغان گەپ بولسا قىلە. پەرىشتە يىلى چىقىپ كەتكەن توپتەك ئولتۇرۇپ كەتىڭغۇ؟ دىمەيسەن، پەرىشتە ماكچىيىپ قالغان كاۋىدەك ئولتۇرۇپ كەتتىڭىزغۇ؟ دەيسەن. قانداق دىدىم ساۋاقداش؟
مەن ئۇنىڭ مېنى زاڭلىق قىلغىنىدىن خاپا بولغان  بولساممۇ بىراق يۇرتۋازلىققا ئۆچلىكىدىن خېلى سۆيۈندۈم.
- توغرا ........ دەك دىمەمسەن ئۇنى-دىدىم ئۇنىڭ سۆزىنى تەستىقلاپ. ئەسىلىي ئۇنىڭغا "توغرا، دىۋانىلەردەك دىمەمسەن ئۇنى"دىمەكچى ئىدىم، بىراق ئۇنىڭ يۇرتۋازلىققا ئۆچلىكىدىن سۈيۈنگەچكىمۇ؟! ياكى يېڭى تۇنۇشقاندا دەپ كۆڭلىنى ئايدىممۇ؟! تىلىمنىڭ ئۇچىغىلا كىلىپ قالغان سۆزۈمنىڭ مېغىزىنى ئىچىمگە يۈتۋېتىپ شاكىلىنى ئېيتتىم.
-نىمە دىگىنىڭىز بۇ؟ شۇنداقمۇ گەپ قىلامسىز؟-دىدى پەزىلەت ئۇنىڭ گىپىدىن خاپا بولغاندەك، سەل ئۆڭۈپ.
-شەپقەتمۇ چاقچاق قىلىپ دەپ قويدى.-چۈشەندۈردى ئۆركەش.- مەن توغرا دىمەپتىمەن، قاراڭلارچۇ؟ پەرىشتە بىلەن ئىككىمىز 6يىللىق ساۋاقداش، ھەم دوست، مەقسىتىم شۇكى بۇنىڭدىن كىيىكى ئۆگىنىش، تۇرمۇشلاردا ياخشى ئۆتۈپ كەتسەك دىمەكچى  ...............................................
ھەقىقەتەن كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن يىتىرقاشلار قارا بولۇت تارقىغاندەك غايىپ بولۇپ ساۋاقداشلار تولىمۇ ئىناق بىر چوڭ ئائىلە كوللىكتىپى بولۇپ كەتكەن ئىدى. دىگەندەك بىز تۆتىمىزمۇ خېلى يېقىن دوست بولۇپ قالغان ئىدۇق. ئۆزەمنىڭ تىرشچانلىقىدىنمۇ ياكى شەپقەتنىڭ "پەرىشتە بولسۇن، سىنىپىمىزدا ئۆگىنىشتە بولسۇن، ئىسم ۋە جىسمىنىڭ گۈزەەللىكىدە بولسۇن ئۇ ھەممىنىڭ ئالدى بولغاندىن كىيىن سىنىپمىزغا باش بولسا تازا قاملاشقان ئىش بولىدۇ...." دىگەن سۆزىنىڭ ۋەزىنى ئېغىر كەلدىمۇ بىلمىدىم، خاپا بولۇپ قارشى پىكىر بايان قىلىشقا ئۈلگۈمەيلا ياتىقىدىكى ئوغۇللارنىڭ قوللاپ قوشۇلىشىغا ئەگىشىپ ساۋاقداشلار تەستىقىتن ئۆتكۈزۈپ ئۈلگۈردى. مۇئەللىمۇ نېرى-بىرىسىنى سوراپ ئولتۇرمايلا قارارنى ئېلان قىلدى. شۇنداق قىلىپ مەن سىنىپ باشلىقى بولۇپ قالدىم.  ئالىي مەكتەپتىكىى مەقسىتىم پەقەت بىرلا"نەتىجىلىك ئوقۇش پۇتۇرۈش " ئىدى. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بىر يىلنى غەلبىلىك تاماملىدۇق.
شەپقەت شۇنداق شوخ، قىزىقچى، خۇشخۇي، تىرىشچان بالا ئىدى.
ئۇ دائىم ئۆگنىش قىلۋاتسام نۇقۇپ قوياتتى ياكى بوش ئاۋازدا ئىسمىمنى چاقىرىپ قوياتتى.
-نىمە؟ دەپ ئارقامغا بورۇلاتتىم، خاپا بولۇپ.
-نىمە بولدى؟ كىم سىنى ئارقاڭغا قارا دىدى، ھە دىسەڭلا بولمىدىمۇ؟
ئۇنىڭ بۇ گىپىدىن ئەرۋايىم قىرىق گەز ئۇچتى،ئاچچىقىتىن نىمە دىيىشىمنى بىلمەي تازا بىر چەكچىيۋېتىپ ئالدىمغا قاراپ ئۈنسىز ئولتۇردۇم.
- ئەمدى بىر قارىغنا ؟! ئۇنداق قىلما !
- ۋاي، ۋاي، ۋاي، ۋاي سىنىڭ ئاپاڭ قانداقراق ئايالدۇ؟ داداڭچۇ؟ سېنى ئاپاڭ قانداق تۇغقان بولغۇيتى. ھەي !!!كاساپەت.... ئۇ شوخلۇق بىلەن ھەييارلاچە كۈلۈپ بېشىنى چايقاپ بىر قۇلىنى كۆكرىكىگە قۇتاتتى.
-ھۇ ساراڭ! ئىششىڭنى قىلە. نىمە جېنىمغا تىگىدۇ ماۋۇ، دەرھال ئالدىمغا قاردىم.
-ھەي قارا، قارا-دىدى ئۇ چاپىنىمدىن تارتىپ.
-نىمە دەيسەن؟ كەينىمگە بورۇلدۇم زەرد بىلەن.
-ھى ھى ھى سىنىڭ قوشىماڭنى تۈرۈپ خاپا بولغان قىياپىتىڭ بەڭ پەچەت جۇما، سېنىڭ شۇ تۇرقۇڭنى كۆسەم ناھايتى شاتلىنىپ كىتىمەن.
-ھەي قىزىپ قالمغانسەن؟
-راست خاپا بولساڭ شۇنداق ئۇماق بولۇپ كىتىسەن؟
-ئۇ راست دەيدۇ؟-دىدى ئۆركەشمۇ تەستىقلاپ.
-ئىككىلىسى قىزىپ قالدىمۇ نىمە؟ ئاخشام ئىشەك سۈيدىكى ئىچىۋالمىغانسىلە؟
- ھەي نىمە دەيسەن،  خۇددى مەھەلىمىزدىكى ئىمام ، مەزىنلەردەكلا گەپ قىلىدىكەنسەن،  بىزنىڭ ئىچمەيدىغان، چەكمەيدىغانلىقىمىزنى بىلىپ تۇرۇپ....لىكىن سۆزىڭنىڭ يېرىمى توغرا، راست قىزىپ قالدۇق، ئەمما بېشىمىز ئەمەس بۇ يەردە ئوت كۈيۋاتىدۇ؟ ئۇ شۇنداق دىگەچ قۇلۇمنى تارتىپ كۆكرىكىگە ياقتى.دەرھال قۇلۇمنى تارتىپ ئۇنىڭغا ئالىيىپ تۇرۇپ دىدىم.
-راسلا بېشىڭغا كېسەك چۈشۈپتۇ سېنىڭ، شىمالىي قۇتۇپتەك مۇزلۇق تۇرمامدۇ؟ قېلىنراق كىيىنىپ يۈر،  بولمىسا ئۆچەككە كىرەلمىگەن چاشقاندەك ،يولدا قالغان "تىلەمچىدەك" قېتىپ قالمىغىن يەنە. ئۆركەش مانىڭغا ئوبدانراق كۆڭۈل بۆلۈپ قوي............
-بولىدۇ، پەرىشتەم،سەن ئۈچۈن قۇلۇم كۆكسۈمدە، ئوتقا كىر دىسەڭ ئوتتا، سۇغا كىر دىسەڭ سۇدا بارمەن.
-ئۇ ئىككى ساراڭ راسلا ئالجىپتۇ؟ نىمانداق ماسلاشقان چىلبۆرىلەر بۇ-ھە!-دىدى پەزىلەت................
-بۇ سېرىق تۈككە نىمە بولدى ئەمدى؟.....
-ھەي زۇۋانىڭنى يىغ، بۇ گەپنى قالايمىقان ھەممە يەردە دىيىشكە بولىغان تەشۋىقات شۇئارى دەپ قالدىڭما؟ ئاممىۋى سورۇندا ئىككىنچى دەپ سالدىغان بولساڭ....،نىمانداق قۇپال نىمىلەر بۇ؟ قىزلارغىمۇ شۇنداق چاقچاق قىلغان بارمۇ؟ مەدەنىيەت ئۆگىنۋاتقىنىمىزنى ئۇنتۇپ قالماڭلار؟...ماۋۇ قەشقەرلىك دىگەننىڭغۇ سېسىق گەپ قىلىشتا كىنىشكىسى بار نىمىلەر بۇ، ئىككى لېۋىگە خىش قويسىلا ھاجەتخانا پۈتىدۇ.
-بولدى قىلىڭلار دىدىم،-مەن گەپنىڭ ئۇلغىيىپ كتىشىدىن ئەنسىرەپ.ئۇلارمۇ بېسىقتى.   
كۈنلەر بىرخىل رىتىمدا ئۆتمەكتە ئىدى. بىزنىڭ دوستلۇقىمىز كۈنسايىن كۈچىيۋاتقان بولسا كېرەك، بەزى كۈنلىرى ئۇلاردىن بىرەرسى ئاللىقانداق سەۋەپلەر بىلەن دەرسكە چىقماي قالسا تۇرۇپلا ئۇنىڭغا نىمە بولغاندۇ؟ ئاغرىپ قالغانمىدۇ؟ ....دىيىشىپ قالاتتۇق. دەرھال ئۆركەش بولمىسا شەپقەتنى، شەپقەت، بولمىسا ئۆركەشنى سەۋەبىنى تەپسىلىي ئىگەللەپ كىلىشكە بۇيرۇيتتۇق. ھەتتا بەزىدە پۇللىرىمىز تۈگەپ ئۆيدىن پۇل سېلىپ بولغۇچە بىر- بىرىمىزنى پۇل بىلەن تەمنلەيتۇق.(كۆپىنچە ئىككى يىگىتنىڭ  پۇلى تىزرەك تۈگەپ كىتەتتى)بۇنداق ئىشلاردا بىر-بىرىمىزدىن قىلچە تارتىنمايتۇق. ئۇلار ئەتىسى كىلىپلا مۇغامبەرلەرچە ھەييارلىق بىلەن "بىزدىن ئەنسىردىڭلامۇ؟ ياكى ئەسلەپ يېغلىدىڭلامۇ؟"دەپ سورايتى. بىزدىن سادا چىقمغاندىن كىيىن "چىشقاق چىۋىنلارنىڭ گەپ قىلماي كەتكىنىنى كۆرۈڭ، ھىلى ئولىشىسىلەرغۇ؟...مەن بىلمەمدىم "كۆيگەندىن كۆنگەن يامان دىگەننى""دەپ قۇياتتى.
بىر كۈنى كەچلىك مۇزاكىردە تۇيۇقسىز توك كەتتى، سىنىپ ئىچى بالىلارنىڭ ئەڭ ئەركىن دۇنياسىغا ئايلانغان ئىدى. پەزىلەتنىڭ نىملەرنى خىيال قىلىغىنى ماڭا نامەلۇم. لىكىن، مەن ئالدىمىزدىكى ئۇلۇغ ئايەم قۇربان ھېيتىدا بىر كۈن بۇرۇن سوراپ ئائىلەمگە قايتىش، ئاتا-ئانامغا ھېيتلىق نىمىلەرنى سېتۋېلىشنى ئويلاۋاتاتتىم.
شەپقەتنىڭ-چىشقاق چىۋىنلارنىڭ گەپ قىلمايسىلەرغۇ؟پۇسەت غەنىمەت جۇما. توك يىلدا پەقەت بىر ئىككى قېتىم كىتىدۇ. نىمە خىيال سۈرۈپ كەتتىڭلار؟قىزلارنىڭغۇ بويىغا يەتكەندىن كىيىن خىيالى كۆپىيدۇ! دىگەن گىپىدىن تەڭلا خيالدىن ئويغاندۇق.مەن ھېيتتا بىر كۈن بۇرۇن ئۆيگە قايتىشنى، ئاپام-داداملاغا نىمىلەرنى سېتۋېلىشنى ئويلاۋاتىمەن.سىز گەپنى نەدىن تاپىسىز، قىلمايدىغان گىپىڭىزمۇ يوق. ئەگەر قۇرۇق گەپنى پۇلغا ئالدىغان ئىش بولسا بۇ مەكتەپ ھاياتىدا بەكمۇ باياشاد ياشايدىكەنمىز ئەپسۇس!....
-بۇ قېتىم ئۆيىڭلاغا بىر ھېيتلاپ باراي دەپ ئويلىسام قىزغىنىپسەندە،ھەي!
-قارشى ئالىمەن. بارغىن ئاقسۇنى بىر ئوينىتايلى-ھە ئۆركەش.
-گىپىڭ راست ھە؟
-ۋاي مەن قاچان يالغان گەپ قىلىپ باققان ساڭا، سەنلا يېنۋالمىساڭ. مەن ئاۋال بېرىپ تەييارلىق قىلىپ تۇرمامدىم.
-چاتاق يوق، بۇ گىپىڭ بولىدۇ، چىشقاق چىۋىن.
-ھە دىگەننىڭ ئورنىدا چىشقاق چىۋىن دەۋىردىكەنسىلەر ؟ئادەمنىڭ چىششىغا تىگىپ. -دىدى پەزىلەت.
-ماڭا قارا چاپلىما مەن قاچان سىلەرنىڭ چىشىڭلارغا تەگدىم. ھىچقاچان لەۋلىرىمىز تىگشمىدىغۇ؟ھى ھى ھى
-پوق يەپسەن. بېشىنى يەيدىغان، بۇنىڭ ئاغزىدىنغۇ ياخشى گەپ چىقمايديغۇ زادى، ئادەمنى خوشال قىلغىنىدىن خاپا قىلغىنى جىق. بىز چىۋىن بولساق سەنلەر پاشىمۇ؟
-توغرا، بىز پاشا، بىراق!؟..دەپ گىپىنى توختىتۋلدى ئۆركەش.
-ھە دىمەمسەن؟
-بىراق بىز ئەكەك پاشا بۇنىسى ئىسىڭلاردا بولسۇن.....
-مۇشۇ "ئەركەك"دىگەننى دۇنيا بويىچە ئىككىڭلاردەك چوڭ بىلدىغان ئەرلەر يوقمىكىن دەيمەن-دىدىم مەن،كىنايە ئارلاش، سۆزىمنىڭ ئاخىرنى تەسەۋۋۇر قىلۋالدىمۇ،بىلمىدىم .گەپنى باشقا ياققا بۇرىدى؛
-پاراڭ سالماڭلار مەن سىلەرگە ئاۋال بىر شېئر، ئاندىن بىر ھېكايە ئېتىپ بىرەي-دىدى شەپقەت بىر خىل سوزۇپ ئارقىدىنلا ناھايتى تىزلىك بىلەن لىكىن يۈرىكىنىڭ دەردى بارلار ئاستا كىتىپ قالساڭلار بولىدۇ؟ئاندىن ۋەزىنلىك سۆزلەشكە باشلىدى:



سېغىنىش

ۋۇجۇدۇمدا ئوتلۇق سېغىنىش،
كۈتۈشلەرنى ئىللىتار ھەردەم.
سەھەردىكى ئاقۇش تۇماندىن،
گۈل بەرگىدە مۇزلىغان شەبنەم.

چىغىر يولدا كىلىمەن تەنھا،
يۈرۈگۈمدە يېلىنجار گۈلخان.
بەڭباس ھېسلار بەرمەي ھېچ ئارام،
تۇمۇرۇمدا دولقۇنلار قىيان.

گۇگۇم چۈشەر كۆزنەكلىرىمدىن،
كىرپىكىمدە ئاداققى شەپەق.
سېغىنىشنىڭ يۇمران شولىسى،
ھېسلىرىمنى قىلماقتا مەلەق.

قاراقلاردىن پارلىغان ئۇچقۇن،
يۈرۈگۈمدە ئويغىتار ئارمان.
نىگاھىمدا شۇ قىيا قاراش،
ئىزتىراپتا تۇنجىقار دەرمان.



-بۇ كىمنىڭ شېئرى، ئەجەپ پەچەتقۇ!-سورىدى، پەزىلەت.


- يازغۇچىنىڭ! بۇ قەلبىمدىكى ئادىمىمگە بېغىشلانغان، سورىمايلا قۇيۇڭ، سىز ساقچى ئەمەسقۇ؟
- ئەجەپ گىپىڭ سېسىق بۇ ئاغزىڭلا بولىدىكەن باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى ئىلىپ بولۇشىڭغا كۆزۈم يەتمەيدۇ،-دىدى پەزىلەت جاۋابەن.   
- ئەمدى ھېكايەم بەك قورقۇنۇچلۇق، ناۋادا ئۈلەپ كەتسەڭلار ئۇچاغدا سۆيگۈمنىڭ قاتىلى بولۇپ قالمدىم .پەرىشتە سەن دىققەت قىل پەرىشتەم، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىرلا بالىغۇ سەن.
-خاتىرجەم بولۇپ باشلا، سىنىڭ ھېكايەڭدىن قورقۇدىغان ئادەممۇ مەن.سىلەر خېلى كۆپ بالىغۇ؟ سەن بالا بولارسەن يا؟ سەنسىز ئۆيىڭدىكىلەرگە "بالا" ئازلىق قىلمايدىغۇ؟ سەندىن قۇتۇلسا بىر بالادىن قۇتۇلىدۇ؟.....
- ۋاي پەرىشتەم سېسىق گەپنى سەنمۇ ئۆگىنۋاپسەنغۇ،-دىدى ئۆركەش.
- بولدى سەن يامان ،پاراڭ قىلماڭلا باشلاي، باشلدىم ئەمسە، دىققەت.ئۈچ، ئىككى، بىر
بىركۈنى بىر قىزچاق مەكتەپتىن يېنىپ چوڭ ئانىسىنىڭ ئۆيگە باماقچى بولۇپ مېڭىپتۇ. ئۇ يولدا دوستلىرى بىلەن ئويناپ كەچ كىرگەننىمۇ سەزمەپتۇ. بىر چاغدا قارىسا كۈن كەچ بولۇپ كەتكەن،شۇنىڭ بىلەن ئۇ دەرھال يولىغا راۋان بولۇپتۇ، قىزچاق مېڭىپ-مېڭىپ يولدىن ئادىشىپ قېلىپ بىر چوڭ ئورمانلىققا كىرىپ قېلىپ قاياققا مېڭىشنى بىلەلمەي تۇرۇپ قاپتۇ. ئۆيىگە قايتاي دىسە ئۆيىدىن بەك يىراقلاپ كەتكەندەك، قورقىنىدىن كۆزلىرىگە ياش ئاپتۇ، يولدا ئوينىغىنىغا پۇشايمان قىلىپتۇ، ئۇ بۇنداق تۇرەۋەرسە ياخشى بولمايدىغىنىغى، يىرتقۇچلارنىڭ ئۆزىنى يېۋىتىشىدىن قورقۇپ ئۈمىد بىلەن يىراقلارغا نەزەر ساپتۇ، بىراق قاراڭقۇلۇقتىن باشقا ھىچنىمىنى پەرق ئىتەلمەپتۇ، ئۇ ئاخىرى ئۇدۇل كەلگەن يولغا قاراپ مېڭىپتۇ، بىرھازا ماڭغاندىن كىيىن ناھايتى كومشىيىپ كەتكەن، ئىغىزى ئۆڭكۈردەك يوغان،كۆزلىرىدىن ئوت چاقناپ تۇردىغان قېرى بىر ئالۋاستى مومايغا ئۇچىراپ قاپتۇ. ئۇ پۇتۇن كۈچى بىلەن قېچىپتۇ، قېچىپتۇ،قاچا-قاچا ھېرىپ ھالى قالمىغاندا توختاپ ئەتراپقا قارسا ھىچكىم يوق، يىراقتىن بىر چىراق يۇرىقىدەك نۇر كۆرۇنۇپتۇ، ئۇ ئەڭ ئاخىرقى ئۈمىد بىلەن شۇ يۇرۇقلۇققا قاراپ مېڭىپتۇ. يېقىن كىلىپ قارىسا مومىسى ئوت قالاپ ئولتۇرغۇدەكمىش. قىزنىڭ خوشاللىقىدىن كۆزلىرىگە ياش ئاپتۇ-دە ئالدىراپ تىنەپ ئۆزى يۇلۇققان ئاۋارچىلىقنى مومىسغا بايان قىلىشقا باشلاپتۇ. "يولدا ئېزىپ قېلىپ بىر ئالۋاستى مومايغا ئۇچىراپ قالدىم..........." ئۇ شۇلارنى دىگەچ مومىسىنىڭ يېنىغا كىلىپ ئۆزىنى مومىسىنىڭ ئىللىق باغرىغا ئاتماقچى بولۇشىغا "ھېلقى ئالۋاستى موماي مەن شۇ" دىگىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ قىزغا ئېتىلپتۇ ئالۋاستى موماي .....
-ئاپەي ..... !!! .- دىدىم مەن ئۆزەممۇ بىلمگەن ھالدا ئۇنڭغا ئېىلىپ،ئەتراپ گۆردەك قاپقاراڭغۇ بولغاچقىمۇ، ئۆزەمنى تۇتۋالالماي قورقىنىمدىن ئېسىدەپ يېغلىۋەتتىم. موماي ماڭا ئىسىلۋالغاندەك يۈرۈگۈم ھازىرلا قېپىدىن چىقىپ كىتىدىغادەك تىمىسىز سوقماقتا ئىدى. ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىتنىڭ ئۆتكىنىنى بىلمەيمەن. پەقەت شەپقەتنىڭ چاچلىرىمنى سىلاپ قۇلىقىمغا لېۋىنى يېقىن ئەپكىلىپ" خاپا بولماڭ پەرىشتەم،" دىگەندە چىققان ئىللىق تىنىقنىڭ يۈزىمگە ئۇرۇلۇپ بىرخىل غەلىتە سىزىمنىڭ تىنىمنى "جىغغدە"قىلىپ شۈركەندۈرگەنلىكىدىن چۈچۈپ ئۆزەممنى تارتتىم. شۇ تاپتا كاللام قۇپقۇرۇق بولۇپ قالغان ئىدى.كەينى-كەينىدىن كاللامغا كىرۋالغان تەگسىز خىياللار مىنى گاراڭ قىلىپ قويغان ئىدى. مەن ساۋاقداشلارنىڭ ياتاققا چىقىپ دەم ئېلشىنى ئيتىپلا دەرھال سىنىپتىن چىقىپ كەتتىم. تىمتاس كېچىدە ياتاق بىناسىغا قاراپ جىمجىت كىتۋاتىمەن. "توۋا قانداق قىلىپ ئۇنىڭغا ئېسىلىپ سالغاندىمەن؟ باشقىلار كۆرۈپ قالغانمىدۇ؟ پەزىلەتمىغۇ مەندىنمۇ بەك يىغلاپ كەتكەن ئىدى؟ ئۇ ئۆزىنى ئوڭشاپ بولغىچە مەن ئاللبۇرۇن ئۆزەمنى ئوڭشاپ بولغان.......ئۆركەشچۇ؟..........." خۇددى ئەتراپىمدا نۇرغۇن كۆزلەر مېنى زاڭلىق قىلۋاتقاندەك يۈزلىرىم ئويۇشۇپ، نۇمۇستىن يەنە كۆزۈمگە ياش كەلدى.يۈگۈرگەن پېتىلا ياتاققا ئۆزەمنى ئاتتىم.كېچىچە ئۇخلىيالمىدىم.شۇنداق كۆزۈمنى يۇمساملا شۇ مەنزىرە، ھەتتا مەن ئۇيقۇسىز كىچە ھەمرا بولدىغان ئايمۇ مېنى مازەك قىلۋاتقاندەك تۇيۇلماقتا ئىدى..................
ئەتىسىدىن باشلاپ مەن ئۇنىڭغا بېشىمنى كۆتۈرۈپ قاراپ گەپ قىلىشقا جۈئەت قىلالمىدىم. بىر ھەپتە شۇ تەرقىدە ئۆتۇپ كەتتى. مەن بىر كۈن بۇرۇن رۇخسەت سوراپ قايتىش ئۈچۈن يولغا چىقىتم، بۇ قېتىم پەزىلەتلا مېنى ئۇزۇتۇپ چىقىتى. ئاپتۇبۇس بىرخىل سۈرئەتتە يولۇچىلارنى بوۋاق بالىنى تەۋەتكەندەك ينىك تەۋرىتىپ كىتىپ بارماقتا. يەنە خىيالىمدا ئۇنىڭ بۇرۇن ئۆيگە قايتاشىمىزدا ئاپتۇبۇس،پويىزلادىكى يۇمۇرىستىك پاراڭلىرى، ئادەمنىڭ قۇرساقلىرىنى ئاغىرتىپ، ئۈچەي باغرىنى ئۈزۋەتكۈدەك كۈلدۈرىدىغان قىزىقارلىق يۇمۇرلىرى،ئادەمنى خاپا قىلىپ كۆڭۈل ئېچىشلىرى كۆز ئالدىمدىن بىر-بىرلەپ ئۆتۈشكە باشلىدى. بۇ قېتىملىق ئۆيگە قايتىشىم ئۇنىڭ بىلەن تۇنۇشقاندىن كىيىنىكى ئەڭ زېرىكىشلىك سەپىرىم بولۇپ قالغان ئىدى. نىمىشقا ئۇنى ئەسلەپ قالىمەن. ئۆركەشمۇ شۇنچە قىلىپ كىتىدىغۇ؟.......................... ئاپتۇبۇستىن چۈشۈپلا، جاۋاپسىز سۇئاللارنى ئاپتۇبۇس بىلەن قۇشۇپ يولغا سېلىپ ئاتا-ئاناملار بىلەن جەم بولۇش خوشاللىقىدا كىچىك كىرا ماشنىسى تۇسۇپ ئۆيگە قاراپ يۈرۈپ كەتتىم.




* ئىزھار قىلالمىغان سۆيگۈ *





مېنىڭ قايىتىپ كىلىشىم ئۆيىمىزنى خوشاللققا تولدۇرغان ئىدى. ئۆيىمىزدىن ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلەردىن مېنى كۆرگەچ ۋە ھېيتلىغاچ كەلگەنلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمىدى. قۇربان ھېتينىڭ ئىككىنچى كۈنى ئاپام مىنى بازارغا ئېلىپ چىقىتى، ئۇنىڭ كەينىدىن دۇكان ئارلاپ مېڭىپ ھەيران قېلىۋاتاتتىم. "ئاپا دادامغىمۇ مۇشۇنداق ياش سېتۇدنتلارغا لايىق كىلدىغان كىيىملەرنى كۈرىمىزما؟ دادام ھېيتلىق ئېلىپ بولغان بولغۇيتتى، مەنمۇ ئەپكەلدىمغۇ؟ ماڭا كىيم ئېلىپ بېرىدىغان ئوخشايدۇ دەپ چىقىپتىمەن تېخى......نەدىكى نەرسىلەرنى كۆرىدىكەنسىز!؟... "-دىدىم خاپا بولغاندەك ئەركىلەپ.
-قىزىم تېلغۇندا بىر ساۋاقدىشىم ھېيتلاپ كىلىدۇ دەۋاتمامتىڭىز؟ ئۆيگە مېھمان كەلسە نازۇ-مېمەت بىلەنلا يولغا سالساق بولماس؟ يەنە كىلىپ بۇ ئۇلۇغ ئايەم تۇرسا.
تۇيۇقسىز كىلىشتىن بۇرۇن تېلغۇندا ئاپامغا شۇنداق دېگىنىم ئىسىمگە كەلدى. نىمىشقا ئۇنداق دىگەندىمەن. راست گەپنى قىلسام ئۇنىڭ كىلش-كەلمەسلىكىگە ئېنىق بىر نەرسە دىيەلمەيتىم.
-قىزىم بۇ كۆينەك بولامدىكەن.- ئاپامنىڭ بۇگىپىگە، "بولغۇدەك" دەپلا جاۋاپ بەردىم. ۋە كۆڭلىمدە "بولدى كەلسە ۋەدەم بويىچە كۆڭۈللۇك ئوينىتىپ ئۇزىتاي، كەلمەي قالسا ئومۇ مەيلى...........بۈگۈن مانا  ھېيتنىڭ 2-كۈنى، ئۇلار راس كەلمەمدىغاندۇ؟.............."ئويلاپ ئۈلگۈردۇم. شۇنداق قىلىپ بىز شەپقەت، ئۆركەش ۋە ماڭا ئالغان كىيىملەرنى ئېلىپ ئۆيگە قايتتۇق. كىم بىلسۇن ئۇلار ئاللبۇرۇن ئۆيگە كىلىپ دادام بىلەن پاراڭغا چۈشۈپ كەتكەن ئىدى. بىز ئۆيگە كىرىپ ئۇلار بىلەن سالاملاشتۇق. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن"قانداق كەلمەسمىكىن دىگەنمىدىڭ؟ مەن ئۇنداق ۋەدىسىدە تۇرمايدىغانلادىن ئەمەس......"دىگەنلەر كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئۇلارغا پاراڭلاشقاچ ئولتۇرۇپ تۇرۇشنى ئېيتىپ ئاپام ئىككىمىز تاماققا تۇتۇش قىلدۇق. ئاۋال چۆچۈرە ئاندىن پولونى داستىخانغا كەلتۇدۈم. دادام پات-پات "ھە شەپقەت ئوغلۇم ئالە پولو دىگەن ئوغۇل بالىنىڭ بۇغۇزى"دىسە ئارقدىلا "ئۆركەشجان بالام سەن يىمىسەڭ مېھمان قانداق يەيدۇ. سەن ئۆز بولغاندىن كىيىن چوڭ-چوڭ ئالمامسەن"دەپ قۇياتتى. تاماق يىيىلىپ دۇئادىن كىيىن ئۆركەش دادام -ئاپاملارغا ساۋاقداشلارنىڭ ئۆيىگە پەتلەپ بارمىساق بولمايدىغانلىقىنى ئىيتىپ مېڭىشقا تەييارلاندى. مەن كىيملىرىمنى ئالماشتۇرۇپ بولغىچە ئاپام ئۇلارغا ھېيتلىقىنىمۇ بىرىپ، ئۇلارنىڭ ئۇنمىغىنىغا قويماي كىيىملەرنى ئالماشتۇرغۇزۇپ چوڭ-كىچىكلىكىنىمۇ سىناپ ئۈلگۈرگەن ئىدى.(بۇنڭدىكى مەقسەت ماس كەلمىسە ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن  ئىدى.) بۇ كىيىم خۇددى ئۆلچەپ ئالغاندەكلا كەلگەن ئىدى، بىز خوشلىشىپ ئۆيدىن چىقتۇق.
-ھە ئەمدى قاياققا باشلايسىەن پەرىشتەم. مەن ئەتە ئۆيگە قايتىمەن جۇما، بۈگۈن ۋەدەڭگە ئەمەل قىلىپ ئىسىمدىن چىقمغۇدەك ئوينىتىسەن.-دىدى شەپقەت.
- كۆڭلۈڭ قاياققا تارتىدۇ؟
- مۇشۇ كاۋىلار يۇرتىغىلا ئېغۋاتىدىغۇ تاڭ. ئۇ شۇنداق دىگىنچە يۈزۇمگە تەتۇر شاپلاق بىلەن بوشقىنە بىرنى ئۇردى.
- ۋۇ ئوسال، قىپقىزىل ساراڭكەنغۇ بۇ؟ كۇوچىدا ئادەم شۇنچە كۆپ تۇرسا.
شۇ ئارىدا ئۆركەش:- ھەي، شەپقەت جىددى تېلغۇن كىلىپ قالدى ئۆيگە قايتاي، كەچۈرگىن!-دىدى
تېلغۇنىنى يانچۇقىغا سالغاچ. –سىلەر بىردەم ئايلىنىپ سائەت 6:30 ئۇدۇللا xxx رېستۇرانىغا بېرىڭلار، بۈگۈن شۇ يەردە تۇلۇق ئوتتۇردىكى ساۋاقداشلار شەپقەتنى كۈتۋېلىش يۈزىسىدىن ئايەملىك داستىخان راسلىغان،سەۋەب كۆرسىتىشكە يول يوق.شۇ يەردە كۆرۈشەيلى-ئۇ شۇنداق دىگىنىچە كىرا ماشنىسى توستى.
-بولدى كېرەك يوق، ھېلىمۇ تۈنۈگۈندىن باشلاپ ماڭا ھەمراھ بولۇپ ئۆيدە كۆپ تۇرمۇدۇڭ. سەن ئاۋال قايتقىن مەن پەرىشتە بىلەن بىردەم ئاقسۇنىڭ كوچىسىنى چىڭدىۋېتىپ ئاندىن بارايلى. خاتىرجەم بولۇپ قايتىۋەر.
ئۇ شۇنداق دەپ ئۆركەشنى يولغا سالدى. مەن ئۇنى خەلق مەيدانى دىگەندەك جايلارنى ئايلاندۇرۇپ، ئۆيدىكىلەرنىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كىيىن  دىيىشىپ قويغان ۋاقىتقا ئۈلگۈرۈپ رېستۇرانغا يىتىپ كەلدۇق. بىرىنىچى قەۋەت چوڭ زال،يەر ئاستى ئايرىم خانىلىق بۇ راستۇران شەھەر بويىچە رېستۇرانلارنىڭ ئالدى ئىدى. بۇ يەرلەرگە ئاپام بىلەن بىر قانچە قېتىملا توي-تۆكۈنلەرگە كىلىپ باققان ئىدىم. بىز زالدىن ئورۇن تۇتۇپ ئولتۇرغان ساۋاقداشلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشى بىلەن 14كىشلىك ئايلانما ئۇرۇندۇققا كىلىپ جايلاشتۇق. ئارقىدىنلا تۇلۇق ئوتتۇردىكى ساۋاقدىشىم مىرادىل سەھنىگە چىقىپ سورىنىمزنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كىيىن ئالا- بۇلماش چىراقلار يېنىپ، قۇياشنىڭ پېتىشىدىن كىيىن قالغانلىقىدىن پۇشايمان قىلغان رېستۇران ئۆزىنىڭ "جەزىبدار"لىقىنى نامايەن قىلىشقا باشلىدى. نىمىشقىدۇر مۇشۇنداق سورۇنلار بىلەن پەقەتلا خوشۇم يوق، ھەقىقەتەن ئېچىلىپ ئۇلتۇرۇشقا تاۋىم يوق ئىدى، "خالىمىسا ئەمسە بۇ يەردە نىمە بار؟"دىيىشىڭلار مۇمكىن راستىنى دىسەم مەن شەپقەتنى دەپلا كەلگەن ئىدىم، ئۇ نىمىلا دىمىگەن بىلەن ئەتىلا ماڭىدۇ ئەمەسمۇ؟ شۇ ئەسنادا مىركامىلنىڭ سۆزى خىيالىمنى ئۈزۈپ قويدى.
-بۇ سورۇندا ئەڭ ھۆرمەتلىك ئادەممۇ پەرىشتە، ھەممىمىزنى تۇنۇيدىغىنىمۇ پەرىشتە،بۇنداق سورۇننى خالىمايدىغان لىكىن چوڭ شەھەرلەردىن شۇ ئىلغار مەدەنىيەتنى ئۆزىگە سىڭدۈرۈپ كەلگەن دوستىمىزمۇ-دەل پەرشتە. بۇ پەرىشتە بۈگۈن "3تە تۇلۇق پەرىشتە"بولۇپتۇ، مەن بۇنىڭدىن ئالەمچە خوشال، شۇڭا بۈگۈن پەرىشتە سورۇننى باشلاپ بەرسۇن، قانداق دىدىم . شاۋاقداشلارنىڭ تەڭلا –بولىدۇ- دىگەن تەستىقى بىلەن جۈپ-جۈپ كۆزلەر ماڭا تىكىلگەن ئىدى. مەن بۇ كۈتۈلمىگەنلىكتىن سەل ئولتۇرۇپقىنە ئورنۇمدىن تۇردۇم، سۆزىمنى باشلىدىم؛
-بۇگۈن قۇربان ھىېيت مۇناسىۋىتى بىلەن تۇلۇق ئوتتۇردىكى ۋە ئالي مەكتەپتىكى ساۋاقداشلىرىمىز بىر يەرگە جەم
بولۇپ بۇ سورۇندا ئولتۇرۇپتىمىز، مەن ئالدى بىلەن مۇشۇ سورۇننى تۈزۈپ ساۋاقداشلانى دىدارلىشىش پۈرسىتىگە ئىگە قىلغان ئۆركەش بىلەن مىرادىلغا بارلىق ساۋاقداشلار نامىدىن كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. مەن بۇ ئاۋال بۇ ساۋاقدىشىمىزنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتەي ، ئىسمى شەپقەت، ئۆزى قەشقەردىن يۇرتقا قايتىش يولىدا ئۆركەش تۇتۇپ قاپتۇ، ئەتە يولغا چىقىدۇ. ........مەن ساۋاقداشلارنى تۇنۇشتۇرۇپ بولۇپ ئەمدى ئورۇن ئېلىپ ئولتۇرشۇمغا
مۇزىكا باشلاندى، يىگىتلەر قىزلارنى تارتىپ باھاردىكى كېپىنەكلەردەك لەرزان ئۇسۇلغا چۈشتى. مەن ساۋاقدىشىم رەنا بىلەن ئالي مەكتەپ تۇرمۇشىمىزنى بايان قىلىشىشقا چۈشۈپ كەتتۇق. مۇزىكا ئاياقلاشتى. ھەممەيلەن ئورنىغا كىلىپ ئولتۇرۇشقاندىن كىيىن مىرادىل ئالدىن تەييارلاپ قويغان بولسا كېرەك،ئۈستەل ئاستىدىن "ئىلى ئالاھدە ھارىقى"دىن ئىككى بوتولكا، قىزىل ئۈزۈم ھارقىدىن ئىككى بوتولكا ئېلىپ رومكىلارنى تەقلەپ قىزىلنى مېنىڭ ئالدىمغا، ئاقنى ئۆزىنىڭ ئالدىغا قۇيۇپ ؛
-بۈگۈن ئوغۇللارغا مەن، قىزلارغا پەرىشتە ھۆنىرىمىزنى كۆرسىتىمىز، مىھمانلارنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلاپ ئۇز ئولتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن-دىدى ئۇ خوتەن شىۋىسى ئارلاش.(ئۇ خوتەندە ئوقۇيتى)
-مىرادىل بۈگۈن مەن بۇ سورۇندا قىزلارغا باشلىقما؟-دىدىم مەن ئۇچۇقلا قىلىپ.
-شۇنداق پەرىشتەم-دىدى ئۇ رازىمەنلىك بىلەن ھىجىيىپ.
-گىپىڭ گەپ ؟
-كىم مېنى گىپىدە تۇرمايدۇ دەيدۇ؟ ئۇنىمۇ سوراش كىتەمدۇ؟
-ئەمسە مەن تېخى سنى، خوتەندىن ئىبارەت بىر دىن كۈچلۈك بولغان شەھەردە بىلىم ئېلۋاتقان بولغاندىن كىيىن، خېلى ياخشى ئادەتلەرنى ئۆزىگە سىڭدۈردى دەپ ئويلىسام مەن ئويلىغاندىمۇ ئاشۇرۇپ سىڭدۈرۈپسەن. ئۇ ئۆزۈڭنىڭ ئىشى، ئۈرۈمچىدىمۇ بۇنداق ئىش يوق دەپ ئېيتالمايمەن، بىراق مەن بۇنداق ئادەتنى ئۆگەنمىدىم. كەچۇر بۇگۈن بۇ سورۇندا قىزلار قىزىلىمۇ، كۆكمۇ، يېشىلمۇ دىگەندەك نەرسىلەرنى ئىچمەيدۇ؟ لىكىن ئانار شەربىتى كەم بولسا بولمايدۇ؟ بىز شۇنى ئىچىمىز، قانداق دىدىم قىزلار؟!-دىدىم قىزلارغا سۇئال نەزىردە تىكىلىپ، ھەممىسى تەڭلا خوشاللىقىدىن "شۇنداق، شۇنداق ....."دەپ چۇرقىرشىپ كەتتى. ئۇنىڭ باشقىچە پىكىرى بولسىمۇ ئېيتالمىدى-دە، ھاراقنى قۇيۇپ ئۆزى بىر "خوشە!"نى  كۈتۈرۋاتقاندىن كىيىن تەرتىپ بويىچە ئايلاندۇرۇشقا باشلىدى.
ھاراق دەل شەپقەتكە كەلدى، ئۇ تەڭلىمەكتە، شەپقەت خىجىللىق، تەڭقىسلىق ئارلاش تۇرۇپ ماڭا قارىسا، تۇرۇپ ئۆركەشكە قارايتى،
-ھوي، شەپقەت ھاجى قىزلارغا بويۈن قىسمايلى، قىزىلىغىمۇ ئۆگىنەلمىگەن ئادەم ئاقنى قانداق كۆتۈرسۈن،(مېنى دىمەكچى) ئۆركەشكىمۇ بار، بىلسەم ئۇمۇ يېڭى ئۆگەنچە ئۆز نىسىۋېسىنى ئاران كۈتۈرەرمىكىن.- سورۇننى كۈلكە ئاۋازى بىر ئالدى. شەپقەت دەرھال ، "ئاغىينىلەر تۇنجى تۇنۇشقانلىقىمىزنىڭ ئۈچۈن خوشە!"نىڭ شەرپىگە رومكىنى كۈتۈرۋەتتى. ئۇنىڭ سۇ ئىچكەن خورازدەك ئاسمانغا قارپ بىر رومكا سۇيۇقلۇقنى يۈتىۋېتىشى بىلەن تەڭ تۇمۇرلىرىمغا ئاچچىق سۇيۇقلۇق سىڭىپ بېرۋاتقاندەك كۆز جىيەكلىرىم ئېچىشىپ كەتتى. بۇ ھاراق ئىچمەيدىغان ئادەمنى تەڭقىسلىقتا قۇيۇپ ئىچىشكە مەجبۇر قىلغىندىمۇ ياكى باشقا سەۋەپتىمۇ مەندە ئېنىق بىر تۇيغۇ يوق ئىدى.
ئۇسۇل ،تانسا، ۋالىس دىگەندەكلەر ئوينالماقتا، مەن ئاللىقانداقتۇر بىر گادىرماش خىياللار ئىلكىدە مۇئەللەقتە لەيلىمەكتىمەن. قانچىىلىك ۋاقىت ئۆتكەنلىكىنى بىلمەيمەن، پەقەت شەپقەتنىڭ مىنى "پەرىشتەم"دىگەن ئاۋازىدىن بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭ ئالدىمدا مېنى ئۇسۇلغا تارتىپ تۇرغىنىنى كۆرگىنىمدىلا خىيالدىن سۇغۇرلۇپ چىققان ئىدىم. ئۇ ئۇسۇلغا ناھايتى ئۇستا ئىدى. مەكتەپتىمۇ سىنىپلاردا پائالىيەت قىلىپ قالساق ئىككىمىزسىز ساۋاقداشلار سورۇننى ئاياقلاشتۇرمايتى. مەندە خۇددى گۈناھكار ئادەمدەك ئۇنىڭغا قاراشقىمۇ جۈرئەت قالمىغان ئىدى، ئۇسۇل ئەمدى ئاياقلىشىپ ئولتۇرۇپ تۇرشۇمغا يەنە مۇزىكا باشلاندى، ئالدىمدا مىركامىل پەيدا بولدى، ئۇ خېلى تەڭشىلىپ قالغان بولۇپ ئۆزىنى ئارانلا تۇتۇپ تۇرغاندەك قىلاتتى. ئەسلى ئەزەلدىن تانسا ئويناشنى خالىمايدىغان مەن، بايا شەپقەت بىلەن ئۆركەش ئەزەلدىن ئىچمەيدىغان ھاراقىنى ئىچىشكە مەجبۇر بولغاندەك ئۇنىڭ بىلەن تانسا ئويناشقا مەجبۇر بولدۇم، مەن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ چۆرگىلەۋاتىمەن، ۋاقىت بىر ئىزدا توختاپ قالغاندەك مۇزىكا ئاياقلاشماي مېنى چىۋىن يەۋالغان ئادەمدەك بىئارام قىلماقتا ئىدى. ئۇنىڭ قوللىرى توختامسىز مىدىرماقتا ئىدى. بەدىنىمنى تۇمەن مىڭ قۇرت-قۇڭغۇزلار چىرمىۋالغاندەك، ھەممە ئادەم قاراپ تۇرغان بۇ سورۇندا خورلانغادەك چىدىغۇسىز تۇيغۇدا چۆرگىلىمەكتىمەن، كۆز چاناقلىرىمدىن توختامىسىز ياشلار تۈكۈلمەكتە. ئۇ ھىچ ئىش بولمىغادەك ماڭا ؛
-پەرىشتە ساڭا دەيدىغان گىپىم بار، مەن سېنىڭ ئۇتۇڭدا.....
دەل شۇ چاغدا مۇزىكا ئاياقلاشتى ئاللاغا مىڭ شۇكرى ئېيتىپ، مۇزىكا ئاياقىشىشى بىلەنلا ئۆزەمنى ئاران تۇتۇپ باشقىلارغا مىجەزىمنىڭ يوقلىقىنى ئېيتىپ ئۇنمىغىنىغا قويماي سورىندىن قايتىپ چىقىتىم. كەينىمدىن بىرسىىنىڭ چىققىنىنى ھىس قىلدىم بىراق قاراشقا جۈرئەت قىلالمىدىم، مىركامىل بولۇپ قالسا قانداق قىلارمەن،شۇ خىيالدا بەدەنلىرىم تىكەنلەشكەندەك بولۇپ تىز-تىز قەدەم ئېلىشقا باشلىدىم. ئۆينىڭ ئارلىقىمۇ ئانچە يىراق ئەمەس ئىدى.
-پەرىشتەم توختا، بۇ مەن شەپقەت-ئۇنىڭ ئاۋازىدىن دەرھال كەينىمگە بۇررۇلدۇم. راس نەچچە ئون مېتىر كەينىمدىلا ئۇ چوڭ-چوڭ قەدەملىرى بىلەن كىلۋاتاتتى. ئۆزەمچىلا بىرخىل خاتىرجەملىك تۇيغۇسى پەيدا بولۇپ كۆڭلۈم جايىغا چۈشكەندەك بولدى.
بۇك باراقسان ئۆسكەن فىرانسىيە دەرىخى ئارىسىدىن غۇۋا نۇرىنى تاشلاپ تۇرغان ئاسفالىت يولدا ئىككىمىز قالغان ئىدۇق. زىمىستان قىشتىكى شىۋىرغانلىق ئاچچىق شامال، قار ئۇچقۇنلىرىنى ئۇچۇرۇپ يۈزلەرگە يىڭنە سانجىغاندەك ئۇراتتى. "ھەي ئۈرۈمچىدىكى شۇ سوغۇقلاردا تىترەپ قويمغان ئىدۇق. ئەجەپ توڭلاتتى بۇ شىۋىرغان" ئۇ چاپىنىنى سېلىپ مېنىڭ ئۈستمگە ئارتتى. "ساڭا سوغۇق ئۆتۈپ كىتىدۇ؟ بولدى مەن توڭلىمدىم"دىدىم مەن رەت قىلىپ. "ئۇنداق بولمايدۇ، خاتىجەم بول، سېنىڭ ھېيتلىقىڭدا شۇنداق بىر ئاتەشتەك ھاراراتلىك قۇياشنىڭ تەپتى بار......."
-نەدىكى گەپنى قىلدىكەنسەن. –ئەسلى بايىقى كۆڭىلسىزلىك بولمىغان بولسا كەلتۈرۈپ بىر چاقچاق قىلىپ قويغان بولاتتىم،لىكىن مەن يەنىلا ئۇنىڭ ئالىدا ئۆزەمنى گۈناھكارلىق تۇيغۇسىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلالمايۋاتاتتىم.
-سېنىڭ ئاۋازىڭ نېمە دىگەن يېقىملىق-ھە! سېنىڭ ئىسمىڭ، جىسمىڭ، يۇرۇش-تۇرۇشۇڭ، ئشقىلىپ بارچە خۇلۇقىڭ شۇنداق سالاپەتلىك، شۇنچىلىك گۈزەل، شۇنچىلىك جەزىبدار.......
-ئۇنداق دېمىسەڭچۇ؟ ئۇچۇپ كەتمەي يانا.
-بولدى مەن راستىلا ئەتە قايتىمەن. بىزنىڭ يۇرتقا بارامسەن.
-شۇنداق دىگىنىڭگە رەھمەت. بۇ قېتىم بارماي، كىيىن بېرىشقىمۇ پۇرسەت بولۇپ قالار.
-گىپىڭ راست ھە؟
-راست، بىلسەنغۇ ئەزەلدىن يالغان سۆزلەيدىغان ئادىتىم يوقلىقىنى.
-رەھمەت ساڭا، سېنى ئاپىرىپ قۇياي كەچ بولۇپ كەتتى. "دادم-ئاپاملار" ئەنسىرەپ كەتمىسۇن يەنە.
-ساراڭدەكلا گەپ قىلدىكەنسەن. مەس بوپسەن-ھە؟
-ياق، مەن ساق، ساڭا دەيدىغان بىر گىپىم بار ئىدى.......-ئۇنىڭ كۆزلىرى ھەممىنى ئېيتقاندەك بىرخىل سىزىم مېنى تولىمۇ غەلىتە بىر تۇيغۇ قوينىغا تارتماقتا ئىدى. دەرھال سۆزنى بۆلدۇم.
-مانا ئۆيگىمۇ كىلىپ قالدۇق. سوغۇق مىڭەڭنى ئالغىلى تۇتۇپتۇ. مە چاپىنىڭنى دەرھال كىيىپ ئۆركەشنىڭكىگە قايىت.
-ئۇ ئۆيگە قانداق قايتىمەن. بولدى مۇشۇ ئەتراپتىن بىر ياتاق ئېلىپ يېتىپ قالاي.
ئىككىمىز خوشلىشىپ ، ئۇ قايتىپ كەتتى. ئۆيگە قايتىپ كىرىپ ئىسسىق يوتقانغا بۇركىنىپ تەگسىز خىياللار ئىلكىدە ئۇيقۇغا كەتتىم. بۇ ئايەممۇ ئۇرۇق-تۇغقانلار ، دوست-بۇرادەلەر ئارا ھېيتلىشىش بىلەن ناھايتى تېز ئۆتۈپ كەتتى. مەكتەپكىمۇ قايتىپ كەلدۇق.
كۈنلەر بىر-بىرىنى قوغلىشىپ ئۆتمەكتە. مانا بۇ ئوقۇش ھاياتىمىزمۇ ئاخىرلىشايلا دەپ قالغان ئىدى. بىر كۈنى مەكتەپ بويىچە ئاقسۇلۇقلار يىغلىشى بولدى. يۇرتۋازلىققا ئۆچلىكىمدە يەنە كىلىپ ھېلىقى يۈرۈگىمنى يارا قىلغان ھېيتتىكى يىغىلىش بۇ سورۇنغا باماسلىقنى قارار قىلغان ئىدىم. "كەچتە بىرگە بارامدۇق پەرىشتەم"دىدى ئۆركەش، مەن بۇنداق يۇرتۋازلىقتىن بىزار يەنە كىلىپ..... بارمايمىكىن دەيمەن.
-ئۇنداق قىلساق بولماس نەچچە ھەپتە قالدى. پىراكتىكىغا چىقىپ كىتىمىز، بۇنداق ئولتۇرۇش پۇرسىتىمۇ ئەمدى يوق، دائىم شۇنداق سورۇنغا بارمايمۇ ئوقۇشىمىز پۇتتى. باشقىلارنىڭ سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى توغرا چۇشنەمدۇ؟ قانداق ئويلاپ قالىدۇ؟ ھېلىمۇ سىزنى ھاكاۋۇر دەۋاتسا..........
ئۇنىڭسىزمۇ پەزىلەتتىن يۇرتداشلارنىڭ مەن توغۇرلۇق "ئۆزى پەرىشتىدەك چىرايلىق بولغان بىلەن قىلىقى سەت، بىر يۇرتلۇقلارنى كۆزگە ئىلمايدۇ، ھاكاۋۇر......................."دىگەنلىرىنى كۆپ ئاڭلىغان ئىدىم. "بوپتۇ بارساممۇ باراي بۇ ئەڭ ئاخىرقى يىغىلىشقۇ؟"دىگەنلەرنى ئويلاپ ئۆركەشكە ماقۇللۇق بىلدۈردم.




*كۈتۈلمگەن قىسمەت *





ئىس-تۈتەك قاپلاپ كەتكەن رەڭگارەڭ چىراق دۇنياسىدا ھەممىسى تۇلۇق يىغىلىپ بولغان ئىكەن. مېنىڭ بۇ قاڭسىق پۇراقلىق بۇلغانغان ھاۋا بىلەن تولغان ماكانغا قەدەم بېسىشىم ئۇلارنى خوشاللىققا چۆمۈدۈردىمۇ ياكى ھەيران قالدۇردىمۇ بىلمىدىم سورۇن يېتەكچىسىنىڭ "مەكتىپىمىزنىڭ پەرىشتىسى، ئۆگىنىش نەمۇنچىسى، كۆزگە كۆرنگەن داڭلىق سېتودىت پەرىشتەنى قىزغىن قارشى ئالايلى!" دىگەن قارشى ئېلىش باياناتىنىڭ تۈرتكىسىدە"گۈلدۈراس" چاۋاكلار ئىلكىدە ئەللەيلەندىم. بۇ سۇرۇندا بەزى قىزلار بىلەن ئوغۇللانى پەرقلەندۈگىلى بولمايتى.  ئىچىشمۇ ئوخشاش، نۇمۇس قىلماي چىكىشلىرىمۇ ئوخشاشلا، يۈرۈكۈم تۇز سېپىلگەن جاراھەتتەك ئېچىشاتتى. ئاللىقانداق بىر بۇلۇڭلاردا ئوخشاش جىنىسلىقلارنىڭ غەلىتە قىلىقلىرنىمۇ كۆزدىن ساقىت قىلغىلى بولمايتى، كۆڭلىم يەنە ئىلەشكەندەك بولدى، مىللىتىمنىڭ بۇ ھالىتىگە قاراپ يەنە بىر قېتىم ئېچىندىم، نەدىمۇ يۇرتداشلار يىغىلىشى بولسۇن، مەن تۇنمايدىغاندەك، ھەممىسى جۈپ تارتىشىپ ھەممە يۇرتلۇقلارنى كۆرگىلى بولاتتى. كەلگىنىمگە شۇنداق پۇشايمان قىلدىم. بۇ ۋاقىت قاچان تۇشار؟ خەپ مۇشۇ ئۆركەش بىلەن پەزىلەتنىڭ كۆڭلىنى دەپ......پۇتۇن خىيالىم شۇنىڭدا قالغان ئىدى. ئۆركەش بىلەن بىر قانچە قول تانسا، بىرقانچە قول ئۇسۇل ئويناپ ئۇنىڭغا مىجەزىمنىڭ يوقلىقىنى ئېتيىپ ئاللاقانداقتۇر بىر خىياللارنى قىلىپ ئولتۇراتتىم. تۇيۇقسىز بىرسى ئالدىمغا كىلىپ تانسىغا تەكلىپ قىلدى. "ئويناي دىسەم پەقەتلا رايىم يوق، ئوينىماي دىسەم ئەدەپسىزلىك بولۇپ قالدىغاندەك......."ئىككى خىيال بىلەن ئورنۇمدىن تۇردۇم. قەلبىمدە توختىماي ئۆزەمگە نەپرەت ئوقۇيتۇم"سەن بىر ساراڭ، سېنى بۇ يەرگە بىر كىشى زولاپ ئەپكەلگەنمىدى، سەن بۇ يەرنىڭ مۇشۇنداقلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ كەلدىڭغۇ؟ مۇشۇ قۇيۇق، ئاچچىق تۇمانلا بۇيەرنىڭ قانداق جايلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇرمامدۇ؟ ھەممە ئىشنىڭ يولىدا بولۇشىنى ئۈمىد قلاتتىڭغۇ ئۇيغۇر قىزى....."بىر قول تانسىنىڭ قانداق ئاخىرلاشقانلىقىنى سەزمەيلا قالغان ئىدىم. يەنە مۇزىكا باشلىنىش بىلەن تەڭلا ئۇ يەنە ئالىدىمدا پەيدا بولدى. "كەچۇرۇڭ مىجەزىم يوق....."گىپىم ئاخرلاشمايلا "ۋۇ بۇزۇق تېخى نىزىرقاپ كەتتىڭما!" دىگەن سۆز بىلەن تەڭ يۈزۈمگە تەككەن بىر تەستەكتىن غەزەپ ئۇچقۇنلىرى كۆزلىرىمدىن چاقناپ كەتتى، ئونىڭغا قاردىم -يۈ، قۇلۇمغا قانداق بولۇپ چىقىپ قالغىنىنى، نىمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن. "پاڭ "قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئۇنىڭ موزاي يالاپ قويغاندەڭ مايلاپ تارۋالغان چاچلىرىنىڭ ئارىسىدىن چىققان قىپقىزىل قانلار سىرغىپ چۈشۈشكە باشلىدى. "ماۋۇ جالاپنى تېخى مېنى ئۇرۋاتامسەن... "يەنە ئۇرماقچى بولغان قوللىرىنى بوشلۇقتا لەيلىتىپ قۇيۇپ، دەرھال ئۆزەمنى سىرتتقا ئاتتىم. ئۇنىڭ بىر تەستىكى بۇ ئاھانەتلىك ھاقارەتلەر ئالدىدا پالاق بىلەن يەلپۈپ قويغاندەكمۇ بىلنمىدى، كۆزلىرىمدىن خورلۇق ھېسلىرى تاراملاپ تۈكۈلمەكتە ئىدى. قۇلۇمدا ئۇنىڭ سېسىق قېنىنى ئاققۇزغان ئانار شەربىتىنىڭ بوتولكىىسى مەھكەم ئاجىرىماي تۇراتتى. شۇ ئارىدا ئالدىمدا شەپقەت پەيدا بولدى. ئۇنى كۈرۈپ ئۆزەمنى تۇتۇۋالالماي يۈزۇمنى تۇتقىنىمچە تېخمۇ ئېسىدەپ يېغلاپ كەتتىم. "قانغىچە يېغلىۋېلىڭ! يېنىڭزدا مەن بار پەرىشتەم" ئۇ شۇنداق دىگىنچە مېنى ئۆزىگە تارتتى، مەنمۇ ئىختىيارسىزلا ئۇنىڭ ئىللىق باغىرىغا تاشلىنىپ قانغۇچە يېغلىدىم. راستىنلا بايامقى خورلۇق ھېسلىرىم تاراپ خېلىلا يىنىكلىشىپ قالغان ئىدىم.   
- ئېيتە كىم سىنى خاپا قىلدى، ئۇنى تۇغۇلغىنىغا تويغۇزۋەتمىسەم ئادەم بالىسى بولمايمەن.....
-بولدى قىل.مەن ئۆزەم ئەدىپىنى بىرىپ چىقتىم.
ئۇ قوللىرىمىنى لەۋلىرىگە يېقىپ تۇرۇپ:- ياراتقان ئۇلۇغ ئاللا ئىگەم مۇشۇ باتۇر، چاققان قوللىرىڭىغا دەرت بەرمىسۇن. مۇشۇ بوتولكا بىلەن كاللا ياردىڭىما، ئەپكىلە بۇ تۇتىيا تەۋەرۈكنى ئۆزەم ساقلىمسام بولمايدۇ-. دىگەندىلا قۇلۇمدا ھېلىمۇ شۇ بوتولكىنى تاشلىۋەتمەي تۇرغىنىمنى ئاندىن بلىدىم.
-بەرمەمسەن ، خاتىرجەم بول ئۇ ئەمدى كەلمەيدۇ. كەلسىمۇ مەن بار، مېنىمۇ بىرنى سالاي بۇنداق سۆيگەن پەرىشتىسىنى قوغدىيالمىغان سويمىنى دەپ ئويلاۋاتمايدىغانسەن.
ئۇنىڭ شۇنداق شوخ ھەركەتلەر بىلەن قىلغان بۇ سۆزلىرىدىن كۈلۋەتتىم ۋە بوتولكىنى ئۇنىڭغا بەردىم.
-ئوبدان ساقلا، مېنىڭ ئاچچىقىمنى كەلتۈرۈشتىن بۇرۇن بۇ بوتولكىنى بىر قېتىم قولۇڭغا ئېلىشىڭنى تەۋسيە قىلىمەن.
- بولىدۇ، خوتۇن: -دىدى ئۇ شوخلۇق بىلەن سۇزۇپ.
- ھەي! كىم سىزنىڭ خوتۇنۇڭكەن، مېنىڭ قەلبىمدە ئاق ئاتلىق شاھزادىدىن بىرسى ئاللبۇرۇن ئورۇن ئېلىپ بولغان، سىنىڭ قەلبىمدىكى ئورنىڭىز پەقەت دوستلۇق كاتېكۇريىسىگە تەۋە بۇنى بىلۋال.
- چاقچاق قىلما، مەن سىنى ئاللبۇرۇن ئاتا- ئاناڭدىن سوراپ بولغان:دىدى ئۇ مۇغامبەرلەرچە كۈلۈمسرەپ.
-نىمە؟ "قەلەندەر"نىڭغۇ سورىمايدىغان نەرسىسى يوق زادى؟ لىكىن بۇ گىپىڭگە كىممۇ ئىشەنسۇن. سەندە ئۇنداق جۈرئەت يوق.
-ئىشەنمىسەڭ تېلفۇن قىلدىم ھازىرلا سورا بۇ گەپ راسمۇ؟ دەپ، مانا تېلغۇن.
-ھەي، ھەي، نىمانداق بشەم ئادەمسەن، مەن نىمە دەپ سورايمەن.
-پەرىشتە بولدى ،چاقچاق قىلىشمايلى، بەلكىم مەن تۇغۇلىشىمدىن شۇنداق ئامەتلىك بولسام كېرەك. بۇ قاراردىكى بالىلارنىڭ ھەممىسىنى" قەلەندەر"نىڭ نامرات يۇرتىغا تۆھپە قۇشۇشقا سەدىقە بىرۋېتىپتۇ. شۇنداق ئاڭلىدىم. خاتالاشمىغانلا بولسام، قەلبىڭدە ئورۇن ئالغان ئاق ئاتلىق شاھزادە ئۆكەش ئەمەستۇ، ئۇ بەدبەخ مۇھاببىتىنى مەندىن بۇرۇن ئىزھار قىلىپ بوپتۇ-دە. بۇمۇ بولغىنى ئەمدى ئۇچۇق ئاشكارە تالىشىشىدىكەنمىز-دە، بۇ رىقابەتكە تولغان دۇنيا، ئاغرىنىش يوق لىكىن قاراپ تۇرۇڭ مۇشۇ سۈيۈملۇك بوتولكىنى تۇتۇپ تۇرۇپ ۋەدە بىرىمەنكى سەن چۇقۇم ماڭا مەنسۇپ بولىسەن...................
-پەزىلەت ئۇنىڭغا مۇھتاج،ئۇ قىز ئۆركەشنىڭ  دردىگە شىپالىق ئاتا قىلىشىنى كۈتۋاتقىلى نىزامان، شەپقەت، بىز ئۆركەشكە خىزمەت ئىشلەيلى، دوسلۇقىمىزنى بۇزمغان ئاساستا ئۇلارنى بەخىت بوستانىدىكى بىر جۈپلەرگە ئايلاندۇرايلى.
-ھەي ئەمسە سىنىڭ قەلبىڭزدىن ئورۇن ئالغان قانداق ئاق ئاتلىق سېرىق تۈك ئۇ.....- دىدى شەپقەت جىددى تەلەپپۇز بىلەن.
ئۇنىڭ جىددىيلەشكەن قىياپىتىگە قاراپ قىستاپ كەلگەن كۈلكەمنى يۇشۇرۇپ قالالمىدىم"ھا ھا ھا ھا.........."
- ۋاي شەيتان مېنىمۇ ئالدىغۇدەك ئادەم تۇغۇلۇپتۇ-دە بۇ دۇنياغا................

بەخىت بۆشۈكىدە ئەللەيلىنىپ تاتلىق ھېسلارغا چۈمۈلۈپ شادىمان ئۆتۈۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە
"بىر خوشاللققا بىر خاپىلىق" دىگەندەك بۇ يۈرتتىن كەلگەن ئۇشۇمتۇت مۇسبەتلىك خەۋەر قۇلاق تۇۋىمدە بارغانچە جاراڭلىق ياڭرايتى. "كۈتۈلمىگەن قاتناش ۋەقەسى!!!..." بېشىم پىرقىراپ، كۆزلىرىم خىرەلەشتى،................. باشقا ئىشلا ئىسىمدە يوق.
قۇياش كۈلرەڭ بۇلۇتلار قېتىغا چۆكۋاتاتتى. پەردىلىرى قىيا قايرىلغان سۈزۈك كۆزنەكتىن چۈشۋاتقان گۇگۇم شولىسىدا ياتاق ئىچىدىكى بارلىق نەرسىلەر شۇنداق غۇۋا كۆرۈنەتتى. مېنىڭ مىسكىن كۆڭلۈممۇ گۇگۇمدەك تۇتۇق، ئەلەملىك ياشلىرىم كۆزجىيەكلىرىمنى لازا سۈيى قۇيۇلغاندەك ئېچىشتۇراتتى، "ئاخىرى ھۇشىڭىزغا كەلدىڭىز" ئۇنىڭ يۈزىدە، گەز باغلاپ كەتكەن قېلىن لەۋلىرىدە شادىيانە بىر تەبەسسۇم پەيدا بولدى.  دوختۇرلارمۇ بېشىمدا تۇرىشاتتى .
-مەن نىمە بولدۇم؟ دوختۇرخانىدا ياتىمەنغۇ، مېنى نىمىشقا يۇرتقا يولغا سېلىپ قويمىدىڭىز، سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي شەپقەت مىنى يۇرتقا يولغا سېلىپ قۇيۇڭ، مېنىڭ جەسىتىمنىڭ بۇيەردە قېلىشىنى خالىمەيمەن، مېنى ئاپام-داداملار چاقىرۋاتىدۇ، ئەنە ئىللىق قۇچىقىنى كەڭ ئىچىپ مېنى كۈتىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ پۈتۈن ئەزالىرى زەخمە يەپتۇ، ئۇلارغا مەندىن باشقا قارايدىغان ئادەم يوق، مەن ئۇلارنىڭ خىزمىتىى قىلمىسام بولمايدۇ، نىمە ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆلۈمى قاتتىق تەسىر قىپتۇ؟ ھاھاھاھاھاھا............. ئۆزەڭنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۆلگەندۇ، ۋۇ ساراڭ..........

ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكىنى بىلمەيمەن بۇ قېتىم كۆزۈمنى ئاچقىنىمدا ئۇنىڭ قىزىرىپ ئىشىپ كەتكەن كۆزلىرىدىن توختامسىز ياش قۇيۇلۋاتاتتى، ئۇ، ئۆركەش، پەزىلەت مىنى ئېلىپ ئاپتۇبۇسقا چىقىتى، كۆزلىرىم ئاللقانداق بىر نوقتىغا تىكىلگەن، كاللام قۇپقۇرۇق، ھەممە مەن ئۈچۈن ناھايتى يېقىمسىز، سوغوق كۆرۇنىدۇ، ئەتراپىمدىكى ھەممە نەرسە مېنى زاڭلىق قىلۋاتقاندەك، سوغۇق نەزىردە قاراۋاتقاندەك ھېس قىلىمەن.
ئاخىرى ئۇلارنىڭ يېنىغا كەلگىنىمدە ماڭا پەقەت ئىككى دۆڭرەڭ تۇپۇلۇقىنى نىشان قىلىپ قالدۇرۇپ كەتكەن ئىدى. نىمىشقىدۇر ئۈن سېلىپ يىغلىغۇم كەلمىدى، لىكىن كۆزلىرىمدىن يامغۇردەك ياشلار نەمسىز يەرگە ئۈسىز سڭمەكتە ئىدى. قايتىپ كەلگەن ئۈچىنچى كۈنى شەپقەت تۇپراق بىشىغا ئەتگەن سۈبىھىدىلا ھەمراھ بولۇپ چىقتى. قايتىپ كەلگەن بۇ بىر كۈننى يەنلا ئوخشاش ئاش-نانسىز، ئۈنسىز ياش تۆكۈش بىلەن ئۆتكۈزدۇم. مىھرىبان ئاتا-ئانام يېزىدىكى شىرەم بىر تۇغقانلارنىڭ ئۆيىگە كېسەل يوقلىغىلى بېرىپ كەچ كىرگەندە قايتىپ كىلۋاتقاندا قاتناش ۋەقەسىدە بەخىتكە قارشى ۋاپات بوپتۇ. قوشنا-قۇلۇملارنىڭ بۇ بايانلىرى كىچىك چاغلىرىمىزدا بىزگە چاقچاق قىلىپ "سېنى داداڭ بىر ئادەمدىن بىر جىڭ كىپەككە تىگىشىپ بېقىۋاپتىكەن. داداڭ ئەمدى كەلمەيدىكەن كۆزىنى قاغا چۇقۇۋاپتۇ........"دىگەندەك گەپلەر بىلەن ئادەم ئالدىغان سۆزدەكلا بىلنەتتى. ھازىرلا ئۇلار خۇش تەبەسسۇم بىلەن ئالدىمدا پەيدا بولدىغاندەكلا. شەپقەت پات-پات مەن ئولتۇغان ئۆيگە كىرىپ چىقىپ كىتەتتى. كەچ كىرىپ گۇگۇم پەردىسى ئەتراپنى ياپتى. ئېسىمنى يىغقۇچە بولغان گاراڭلىق، ھەركەتسىزلىك ئىچىدە قانچىلىك ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيمەن، بىردىنلا سان-ساناقسىز چىكىتلەردەك، كىچىك يۇلتۇزلاردەك پارقىراق نەرسىلەرنىڭ يەر يۈزىنى قاپلاپ تۇشمۇ-تۇشتىن ماڭا يېقىنلاپ كىلۋاتقانلىقىنى ھېس قىلۋاتقاندەك قىلاتتىم. مەن ئوخشاشلا ئۈن تىنسىز ياش تۆكمەكتە ئىدىم. ئەل ئويقۇغا كەتكەن چېغى، شۇ ئەسنادا ئىشىك ينىك چىكىلدى. ئارقىدىنلا ئۇ كىرىپ كەلدى ۋە يېنىمدا ئولتۇرۇپ :
-ئۇنداق قىلما پەرىشتە، ئۆزەڭنىمۇ، مىنىمۇ، باشقىلارنىمۇ قىينىما، سىنىڭ مۇشۇنداق كۈن-كۈلەپ ئاش-نان يېمەي، ئۈنسىز ياش تۆكۈنىڭنى ئاتا-ئاناڭ كۆرسە خوشال بولارمۇ؟ ئۇلارنى باقى ئالەمدە خاتىرجەم ياتقىلى قوي. بۇنداق قىلىش ئىسلامدىمۇ ياخشى ئەمەس، سەۋىر قىل. مەن چىقىپ كىتەي بار ئاۋازىڭنى قۇيۋېتىپ قانغۇچە يىغلا، بولمايدىكەن مېنىمۇ كۆرەلمەيسەن........
ئۇ ئىشكنى شۇنداق قاتتىق ياپتىكى پۇتۇن جىسمىمۇ تىتىرەپ كەتكەندەك، ئۆيمۇ تىترەپ كەتتكەندەك بىلىندى   
.پاڭڭىدە يېغلىۋەتتىم. ..............................
مەن تولىمۇ گۇڭگا بولغان خىياللار ئىچىدىن بىر نەرسىنى تېپىشقا تىرىشۋاتاتتىم. ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا كېچە دادامنىڭ چۈشۈمدە ماڭا دىگەن "قىزىم كۆڭلىڭنى بۇزما، بىزنى ئاللا ئىگەم بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان، ئادەم ھامان بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىدۇ، بالدۇر ياكى كىيىن خوشلىشىش بۇ پەقەت ۋاقىت مەسلىسى. ھاياتلار يەنە ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ياشايدۇ. سەنمۇ چوڭ بولۇپ قالدىڭ شەپقەت سېنىڭ ھاياتىڭنىڭ ھەقىقى شەپقەتچىسى بولالايدۇ......سەن ياخشى ئوقۇ...... "دىگەن نەسھىتىدىن يەنە ئۆزەمگىمۇ ئېنىق بولمىغان بىر نەرسىنى ئىزدەۋاتقاندەك قىلاتتىم. ئەسلىي مەن يەنىلا ئاتا-ئانامنىڭ ھاياتلىقىنى ئىزدەۋاتقان ئىكەنمەن. شەپقەتكە ئىچ-قارنىمنى تۆككۈم، ھەممە نەرسە توغرىسىدا سۆزلىگۈم، تېخى ئېيتىپ ئۈلگۈرمىگەن بالىلقتىكى شېرىن چۈشلىرىمنى، ياشلىقتىكى بەڭباشلىقلىرىمنى، ئاتا-ئانام ھەققىدىكى ئارزۇ-ھەۋەسلىرىمنى، كەچمىش-كەچۈرمۈشلىرىمنى،سۆيگۈ-ئازابلىرىمنى.....سۆزلەپ بەرگۈم كېلەتتى. بىر قارىسام ئۇشتۇمتۇت قوينى نامەلۇم قاراڭغۇلۇققا يۇلۇققان ئادەمدە بولىدىغان تەمتىرەش ئەقلىمگە ئاقۇش مانان ياياتتى. شەپقەتنىڭ ئالدىمدا ماڭا تەلمۇرۇپ تۇرغانلىقىنى بىلمەيمەن. ئۇ تولىمۇ دىلكەش، مېھرىبان بولۇپ قالغاندەك تۇيۇلدى. ئۇئاخىرى ئېغىز ئاچتى؛
- پەرىشتە، بۇ دۇنيادا ئۆز-ئۆزىگە تەسەللى بىرىشتىن قىيىن ئىش بولمىسا كېرەك. سېنىڭ كۆڭلىڭنى چۈشىنىمەن. بىلەمسەن، ئادەملەر ئاجايىپ قىزىق، ئۆزى ھەل قىلالمىغان ئىشنى تەقدىر دەپ ئاتىشىدۇ. ھەركىم ئۆز ئەركىنلىكىنىڭ خۇجايىنى، سەنمۇ ھەم مەنمۇ شۇ... كىشلەر ھەمىشە ۋاقىتنى ئارقىغا ياندۇرغىلى بولسا ھەممىنى يېڭى باشتىن باشلىسام دەپ ئۆكىنىدۇ، لىكىن تۈكۈرگەن تۈكۈرۈكنى ئېغىزغا ئالغىلى بولمايدۇ-دە. سەن مۇشۇ يەردە مەڭگۈلۈك قېلىشنى خالىمىساڭ مەنمۇ سەن بىلەن قالىمەن. شۇنداق بولسىمۇ ئاۋال مەكتەپكە قايتىشىمىز كېرەكتە؟!...... مەن شۇنداق قىلىپ  ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەر ۋە ئۇلارنىڭ زورلىشى بىلەن15-كۈنى مەكتەپكە قايتتىم..............



* ئەلۋىدا ھايات  *





بىردىنلا ئىشىك چىكىلىپ ئەمىدىلا 5ياشنىڭ قارسىنى ئالغان ئۇماق قىزىم مىھرىئاي خىيال كەپتىرىمنى قايتۇرۇپ، كىرىپ كەلدى،
-ئاپا سىزنى بىي ئاكاش ئىزدەپ كەپتۇ.
شەپقەت!!! مەن روھىم چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك تۇرۇپ قالدىم. ئۇنى شۇنچە خورلۇقلارغا، ئازاپ-ئوقۇبەتلەرگە، ئىزا-ئاھانەتلەرگە، كەمسىتىشلەرگە چىداپ كۈتمىگەنمىدىم، ئۇنى قانداق يولغا سېلىشىم كېرەك. بىرى ئۇنىڭغا يولسىزلىق قىلىپ، قاتتىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ كۆڭۈلنى ئاغرىتىپ يولغا سېلىش. يەنە بىرى ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتماي تاتلىق گەپلەر بىلەن ئالداپ يولغا سېلىش. قېنى ئۇ نىملەرنى دەيدۇ، ئاڭلاپ بېقىپ ئاندىن شۇنىڭغا بېقىپ يول تۇتمامدىم. شۇلارنى ئويلاپ ئۆزەمنى دەرھال ئوڭشاپ ئۇنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ ئۈلگۈردۈم. كۆڭلۈم « شەپقەت كەچۈرۈڭ، سىزنى ئەسلى بۇنداق پاسكىنا ئايالنىڭ مەينەت ئۆيىدە ئولتۇرغۇزۇپ ساپ تىنىڭىزنى بۇلغاپ قويغۇم يوق ئىدى، مانا بۇ ئىنساننىڭ ئاجىزلىقى بولسا كېرەك، بەزىدە ئادەم ئۆزى خالىمىغان، كۆڭلى كۈتەرمەيدىغان ئىشنى قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالىدىكەن، خۇددى ھېلقى ھېيتتىكىدەك....................»دەپ توختامسىز پىچىرلايتتى.
- سىز ئارتۇق گەپ قىلماڭ، ئۆركەشلەردىن ھەممنى ئاڭلىدىم. – دىدى ئۇ ئاردىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ، بىز قايتايلى، ئاتا-ئاناممۇ سىزنى كىتىشكە زورلاپ خاتا قىلغانلىقىنى تۇنۇپ يەتتى. ئەسلى ئۇلارمۇ كەلمەكچى ئىدى لىكىن سالامەتلىكى يار بەرمىدى..............
مەن ئۇلاردىن ئاللبۇرۇن ئاغرىنىپ بولغان، ھازىر مەن ھەرقانداق بىر ئىنساندىن ئاغرىنمايتىم. ئۇنىڭ بۇ تۇرقىغا قاراپ «ئالداش» تاكتىكىسىنى قوللانمىسام بولمايدىغانلىقىنى تۇنۇپ يەتتىم. دىمىسىمۇ ئۇ، مۇشۇ قاراڭغۇ زىنداندا ئاز بولمىغان رىيازەتلەرنى چەكمىدى. كۆز ئالدىمدىكى ياداڭغۇلىشىپ تاتارغان چىراي........ ھەممىنى ئېيتىپ تۇرمامدۇ؟ .................
- شەپقەت مەن بۇنداقلا ماڭالمايمەن تۇرمۇش ھەلەكچىلكىدە كىچىك بولسىمۇ ھال-ئوقەت قىلىپ كىلۋاتقان ئىدىم. ئەمدى ئۇ ئشلارنى قىلمايمەن، سىز ئاۋال بالىنى ئېلىپ مېڭىپ تۇرۇڭ، مەن دۇكاننى ئۆتكۈزۋېتىپلا ئاندىن خاتىرجەم كىتىمەن...................
ئۇ بىر ھازا ئولتۇرغاندىن كىيىن بۇ پىكىرىمگە قۇشۇلدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئۇنىڭ «بىر كۈن تۇرۇپ ئۇرۇق-تۇغقانلار بىلەن كۆرۈشۇپ ماڭاي» دىگىنىگە قويماي بېلەت ئېلىپ كىلىشكە بۇيرۇپ، دەرھال قىزىمنىڭ نەرسىلىرىنى يىغىشتۇرۇشقا باشلىدىم. ئۇزۇندىن بېرى ئۆزەمنى قانچە سۇلغۇن، قانچە ئېغىر ھىس قىلغان بولسام مانا بۈگۈن شۇنداق يىنىك، شۇنداق ئازادە ھس قىلماقتا ئىدىم. ئۇمۇ تىزلا قايتىپ كەلدى، مەن ھە دىگەننىڭ ئورنىدا ئۇلارنى تىزرەك مېڭىشقا ئۈندەيتىم. قىزىم بۇ ئىشلاردىن سەل ھەيران قېلۋاتقان بولسا كېرەك، سەبىيلەرچە ماڭا تىكىلىپ «ئاپا نەگە بايىمىز؟ سەن بايمامسەن؟......... »دەپ سوراپ قۇياتتى. مەن قىزىمغا ئۇنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئۇ كىشىنىڭ دادىسى ئىكەنلىكىنى، يىراق جايدىن بىزنى ئېلىپ كىتىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى،...........مەن ئەتىلا كەينىدىن باردىغانلىقىمنى ئېتىپ قىسقىلا چۈشەندۈرۈش بەردىم. ئېھتىمال قانداشلىق مۇناسۋەتنىڭ سېھرى كۈچى ۋە ئاتا-بالىلىق مىھرى-مۇھاببەتنىڭ ئۇلۇقلىقىدىن بولسا كېرەك. قىزىم دادىسىغا خىلىلا مىھىر سېلىپ قالغان ئىدى..............
-قىزىم سىرتقا چىقىپ ئاداشلارغا خوش دەپ قۇيۇپ كىرىڭ ھازىرلا ماڭىمىز.-دىدى شەپقەت، ئۇنىڭ پىشانىسىگە مىھرىبانلىق بىلەن بىرنى سۆيۈپ قۇيۇش، شۇئان كۆزلىرىمدىن تامچە ياشلار سىرغىپ چۈشتى. مەن ئۆزەمنى تۇتۋېلىشقا ھەر قانچە تىرىشساممۇ يەنىلا ئاتا-بالىنىڭ ئىللىق مىھرى مۇھاببىتى ئالىدا ھسياتىمنى كونتۇرول قىلىشقا ئامالسىز قالغان ئىدىم. ئۇ ئاستا كىلىپ يىرىك قوللىرى بىلەن يەلكەمدىن تۇتۇپ مېنى باغرىغا باستى ، مەنمۇ ئاڭسىز ھالدا ئونىڭغا ئىللىق باغرىغا سىڭمەكتە ئىدىم. «سېنى سۆيىمەن پەرىشتەم، ئەمدى يېڭى تۇرمۇشىمىزنى قايتىدىن باشلايلى............»ئوتلۇق لەۋلەر ئېچرقىغان بۆرىدەك ئاچكۆزلۈك بىلەن سۆيمەكتە، مېنىڭ پۈتۈن جىسمىم تۇمۇزدا قالغان مارۇژنىدەك ئىرىپ ئاللاقانداق بىر شىرىن سىزىم ئىلكىدە بوشاپلا كەتكەن ئىدىم. گىرىم ئۈستىلى ئالدىدىكى «ئانار شەربىتى بوتولكىسى»دىن گۇيا «پەرىشتە سەن ئەمدى يەنە بىر كىشىنى ئۈلۈم ھاڭىغا ئىتتەرمەكچىمۇ؟ سېنىڭ مۇھاببىتىڭ شۇمىدى؟..............»دىگەندەك بىر سادا ئاڭلانغادەك بولۇپ شۇئان ئۇنىڭ باغرىدىن قارا بىر كۈچ تۈرتكىسىدە يۇلغۇنۇپ چىقىتىم. دە-«شەپقەت مىھرىئاي كىرىپ قالىدۇ، »دىدىم، چاقماق تىزلىكىدە كاللامغا كەلگەن بۇ ئەقىلمدىن سۆيۈنگەندەك بولۇپ، دىگەندەك ئۇماق قىزىم كىرىپ كەلدى، ئۇنى ياتاق ئۆيگە ئېلىپ كىرىپ باغرىمغا مەھكەم باستىم. ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قېلىشقا كۆزۇم قىيماي كۆز ياشلىرىم يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلمەكتە،چۈنكى بۇ ئايرىلىش.......... مەن مىڭ تەسلىكتە ئۆزەمنى توختىتىپ ئۇنىڭغا يىراقتىكى ئۆيگە بېرىپلا دادىسىغا بۇ خاتىرىنى بېرىپ قۇيۇشىنى ئۇنىڭدىن بۇرۇن بىرىپ قويسا دادىسىنىڭ خاپا بولىدىغانلىقىنى قايتا-قايتا تاپلاپ، خاتىرنى سومكىسىغا سېلىپ ئۇلارنى كۆزۈم قىيمىغان ھالدا كۈلۈپ تۇرۇپ يولغا سالدىم. قەلبىم ئۈنسىز ياش تۆكمەكتە ئىدى..........................


200x-يىلى -x ئاينىڭ -xكۈنى

قەدىرلىكىم: شەپقەت

مېنىڭ بۇنداق ئاتاشقا سالاھىتىم تۇشمىسىمۇ ئاخىرقى بىر قېتىم قەغەز يۈزىدە بولسىمۇ شۇنداق ئاتىۋېلىشىمغا يول قۇيۇشىڭىزنى سورايمەن. بۇرۇن مەن بىر شوخ كىيىكتەك سەكرەپ يۇرۇيدىغان، شادىمان، چىرايىمدىن خوشاللىق چاقناپ تۇرىدىغان ئەركە قىز بولسام ھازىر ئۇنىڭ ئەكسىچە، قاچانلا قارىسا غەمكىن يۈرۈيدىغان، كىتاپلاردىن باش كۆتۈرمەيدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم................ كۈنلەر بىر-بىرىنى قوغلىشىپ ئۆتمەكتە. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە پىراكتىكا ۋاقتىمىزمۇ تۇشۇپ خىزمەتكىمۇ تەقسىم قىلىنىپ تۇرمۇشىمىز خېلى ئىزىغا چۇشۇپ قالغان ئىدى. تېخى ئۆرەش بىلەن پەزىلەت، سەن بىلەن مەنمۇ بىر ئوبدان ئائىلىمۇ قۇرۋالدۇق. ئۇلارنىڭ تۇيى ناھايتى ئوڭۇشلۇق بولغىنى بىلەن بىزنىڭ ئونداق ئاسانغا چۈشمىدى. سنىڭ ئاتا-ئاناڭ مېنى يېتىم كۆرۈپ قالدىمۇ، ياكى ئۆزىنىڭ يېقىن بىر تۇغقىنىنىڭ ھېلىقى قىزىنى كىلىن قىلغۇسى بارمۇ بىلمىدىم ئىشقىلىپ مېنى تولىمۇ تەستە قۇبۇل قىلغاندى. مەن بۇ ئىشلارنىڭ تەپسىلاتىنى باشقىلاردىن ئاڭلاپ تۇردۇم. سنىڭ بۇ ئىشلارغا ئاز كۈچ سەرىپ قىلمىغانلىقىنى بىلەتتىم. مىنىڭ شۇنچە خورلۇقلارغا چىداپ ياشىشىم(ئاتا-ئاناڭىنىڭ مېنى قۇبۇل قىلمىغانلىقىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە)پەقەت سنىڭ ماڭا بولغان چەكسىز مۇھاببتىڭىز ۋە ئۆركەش بىلەن پەزىلەتنىڭ ئۈمىدلىك تەسەللىلىرى سەۋەپ بولۇپ، مەندە ھاياتىمنى قايتىدىن باشلاش ئىستەكلىرى بىخلىنۋاتاتتى.
مۇئەللەقتە ئېسىلىپ تۇرغان تۇلۇنئاي ياسىداق ھۇجىرنىڭ ئوتتۇرسىدىكى جۈپ ياستۇق قۇيۇلغان قوش كىشلىك كارۋاتتا بىر نوقتىغا تىكىلگىنچە خىيال دۇنياسىغا غەرىق بولغان سېنى تېخىمۇ مۇڭلۇق كۆرسىتىپ تۇراتتى. ئاستا بېرىپ سنىڭ پىشقان، ھارارەتلىك جىسمىڭىزنى مەھكەم قۇچاقلىدىم. ئۇ شۇئان خىيالدىن ئويغىنىپ ماڭا تىكىلدىڭىز -دە.
- ھە نىمە بولدىڭ پەرىشتەم.-دىدىڭ چاچلىرىمنى سىلاپ تۇرۇپ.
- شەپقەت، مەن سىنى بەكمۇ ھالسىرتىپ قويدىممۇ قانداق، مەن بۇگۈندىن باشلاپ سىزگە ھەقىقى خوتۇن، ئائىلەڭدىكىلەرگە ھەقىقى بىر كىلىنلىك بۇرچۇمنى يەنىمۇ پۇتۇن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئادا قىلىمەن. ئۇيغۇر ئاياللىرىدا بولۇشقا تىگىشلىك پەزىلەتلەنى ئۆزمگە مۇجەسسەملەپ، مىللىتىمنىڭ شانلىق سەھىپىسىدە ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرالمىساممۇ، سنىڭ ۋە دوست-بۇرادەرلەرنىڭ، ئاتا-ئانىلىرىڭنىڭ، كەڭ جامائەتنىڭ ئالدىدا سېنى بىر كىشلىك ئىززەت-ئېھرامغا نائىل قىلىمەن........................
-ساڭا ئىشىنىمەن پەرىشتەم.........
شۇ دەقىقىدىن باشلاپ مەن ئاشۇ ئۇلۇغ ۋەدەمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆرەش قىلۋاتقان كۈنلەرنى بىردە ئۆركەشنىڭ ئۇشتۇمتۇت ئېلىپ كەلگەن خەۋىردىن بېشىم «پىررىدە»قايدى. قۇلۇمدىكى تاماق تەخسىسىنىڭ قانداق چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى بىلمەي مەڭدەپلا قالدىم. خېلىدىن كىيىن ئىسىمنى يىغىپ قارىسام تېخى يېرىمىمۇ يىيىلمىگەن ئاش بىلەن تەخسە يەردە ياتاتتى.............
بىز ھەر تەرەپلەرگە قاتىرىغان بولساقمۇ، خەجلىگەن پۇلىمىز ئاشۇ قارانىيەت «زەھەر»سودىگەرلىرىنىڭ مەينەت پۇلىدىن ئاز بولۇپ قالدىمۇ، سەن ناھەق 7يىللىق قاراڭغۇ زىندانغا تاشلاندىڭ، سنىڭ قانداق قىلىپ بۇ ئىشلارغا ئارلىشىپ قالغانلىقىڭزنى ھىچقايسىمىز ئويلاپ بىلەلمىدۇق لىكىن مېنىڭ بىر نۇقتىنى بىلگۈم بار ئىدى، ئاخىر سۈرۈشتۇرۇپ  بىلدىم.  سېنڭ بىر دۇستۇڭ سەندىن پايدىلنىپتۇ، بۇ ئىشلارغا ھىچ ئەقلىم يەتمىگەنگە ئوخشاش، مەن بۇ يەرگە بەك تۇنۇش بولمىغاچقا باشقىسىغىمۇ قۇدرىتىم يەتمىدى.  "مەن، سەن ئىككى قېتىم تۇلۇق ئوتتۇردىكى ساۋاقدىشىم، ھازىر ئىچكىردە سودا قىلىدۇ، ئازراق ئىش بىلەن كەپتۇ............"  دىگەن چېغغىڭدىلا كۆڭلۈم بىر شۇملۇقنى سەزگەندەك بولغان، لىكىن بەك گۈمانخور ئىكەنسەن دىيىشىڭدىن قورقۇپ ياق سېنى ئەقىل ئىگىسى بولغاندىن كىيىن ئۆزىمۇ بىلىدۇ دەپ دىمىگەن. ئادەمنى شۇنداق بىر غەپلەت باسىدىغان چاغلار كىلىدىكەن مەنمۇ ئۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس ئەلۋەتتە، سەن نىمىشقىمۇ ئۇنىڭ گىپىگە كىرىپ شۇ نىجىس بولاقنى (ئاق تاماكا)نى باشقىلارغا يەتكۈزۈپ بەرگەنسەن، بىلدىم ئۇ لەنىتى بۇنى تۇتۇپ تۇر ھازىرلا ھاجەت قىپ كىلىمەن دەپ سېنىڭ سادىلىقىڭدىن، ئاقكۆڭۈلىكىڭدىن پايدىلىنىپتۇ، خۇددى مەندىن باشقىلار پايدىلانغاندەكلا، سەنمۇ ئۇنى ساقلىدىم دەپ ساقچىنى ساقلاپسەن، ئىشىنىمەن بىلگەن بولساڭ چۇقۇم ساقچىدىن ئاۋال سەن مەلۇم قىلاتتىڭ.....
شۇندىلا بۇ دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىنى رەزىللىك قاپلاپ كەتكەندەك ھېس قىلساممۇ، ھامان بىر كۈنى قانۇن ئالىدىدا ئاشۇ ئىپلاس قارا قوللارنىڭ كىشەنلىندىغىنغا ئىشىنەتتىم.
شۇ كۈنى ئەسلى ساڭا ئائىلىمىزدە يەنە بىر جاننىڭ ئاينىغانلىقىنى، ئۇلۇغ ئاللا نىېىسپ قىلسا سنىڭمۇ بىر ئاتا، مىنىڭ بىر ئانا بولدىغانلىقىمنى ئېتماقچى ئىدىم، ئەپسۇس ئېيتىشقا ئۈلگۈرەلمىدىم. مەن ساڭا ئېيتىپ ئۈلگۈرەلمىگەن بۇ خوشاللىقنى ئاتا-ئاناڭغا ئېيتىشنى توغرا كۆرۈپ ئۆيگە باردىم، بىراق مەن ئيتپ بولغىچە  مېنىڭ بۇ ئائىلىگە ئايىقىم ياراشمىغان بولدى، ئۇ بىر ھازا "يىغلاپ قىزىم ساڭا دەي كىلىنىم سەن ئاڭلا"دەپ دەككەمنى بىرىپ ئۈلگۈردى. قان يىغام بىلەن قايتىم. قانداق ماڭغىنىمنىمۇ بىلمەيمەن.
كۈنلەر ئۆتىشى بىلەن ھامىلدرلىق سىزىكىم باشلاندى. بۇ ئىشنى ئيتيىش ئۈچۈن ئويىڭگە يەنە كەلدىم.  مەن ئېيتىپ بولغۇچە تاماق ۋاقىتدىكى كۆڭلىمنىڭ ئاينىپ بىئارامسىزلىنىشىم، بۇنى ھەممە ئشتا پىشىپ كەتكەن ئاناڭ ئالدىدا  ئاللبۇرۇن ئاشكارلاپ بولغان ئىدى.
-بۇيىڭىزدا قالىمۇ نىمە؟
-ھەئە.
-شەپقەت كىرىپ كەتكىلى بىر ئايدىن ئېشىپ كەتتىغۇ؟-دىدى ئۇ ماڭا بىرخىل گۇمانلىق نەزەردە قاراپ.
-مەن باشتىلا دىگەن چىرايلىققتا ۋاپا يوق دەپ، سىزدىن بىزگە بىرەر خوشاللىقنىڭ كىلدىغانلىقىدىن بۇ پانىلىقتا ئەسەرمۇ يوق... بۇ گۇمانلىق نەزىردە ئېيتىلغان بۇ سۆزدىن بېشىمدىن بىر چېلەك سوغۇق سۇ قۇيۇلغاندەك ئەندىكىپ كەتتىم، يۈرىكىم ئاغزىمغا تىقىلىپ قالغاندەك، كۆز ئالدىم خىرەلىشىپ، قولىقىم ۋىڭلداپ كەتتى. پۇتۇن ۋۇجۇدۇم ئوتقا تاشلانغان قىلدەك ئازاپلىق تولغانماقتا ئىدى. خۇددى قامچىلانغان ئاتتەك ۋىجدان ئازابىغا قالغان مىسكىن قەلبىم مېنى بىر دەقىقە سەۋەر قىلىشقا قويمىدى، ئۇمۇ تۇغۇپ باققان ئايالغۇ؟ يۈرەكلىرىم ئېچىشىپ، نەپسىم سىقىلدى، يۇم-يۇم ياشلىرىم بىلەن دەرھال قايتىپ چىقىپ ئۆز ئۆيىمىزگە كەلدىم. بىر ئايال كىشىگە ئۇنىڭدىمۇ ئارتۇق خورلۇق بولمىسا كېرەك. ھەرقانچە قۇلىقىمنى ئىچىمگە تىقىپ ياشىساممۇ، تۇمۇر ئىشتان ئىچىدە كۇس قۇيۇپ بەرسىمۇ پۇرىغاندەك، مەن ئەتراپىمدىكى چاكىنا گەپ سۆزلەردىن قۇتىلالمىدىم. ئادەم يالغۇز قالغاندا بىراۋنىڭ تەسەللىي بىرىشىگە، ئىلھام، مەدەت بىرىشىگە ئىنتىلدىكەن، بۇ ئادەمنىڭ خارەكتىرى بولسا كېرەك، شۇنىڭ بىلەن شۇ قەدىناس دوستلىرىمىز ئۆركەش بىلەن پەزىلەتنىڭ ھىمايىسىگە ھېرىسمەن بولۇپ قالدىم. كىم بىلسۇن بۇ ھېرىسمەنلىك بىردىنلا سنىڭ تېخى يۇرۇق دۇنياغا كۆز ئاچمىغان ھالال پۇشتىڭنى ئۆركەشنىڭ پۇشتىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن قارا قولىنى سوزدى. توۋا، ئۇلارمۇ سۆز-چۆچەكە ئىشەندى، مەن قاراپ تۇرۇپ بۇنداق رىئاللىقىنى كىلىپ چىقىپ ئۇلارنىڭ ئىناق ئائىلىسىنى ۋەيران قىلىشنى، بىگۈناھ پۈشتىمىزنىڭ پىتنە-ئېغۋانىڭ قۇربانى بولۇشىنى خالىمىدىم ...............ئايال كىشى شۇنداق قىسقا ئۆچەي، گۇمانخور كەلسە كېرەك. پەزىلەتنىڭمۇ باشقىچە قارايدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ ئۈلگۈردۈم. ئەمدى مەندە ئىسانغا ئىشەنگۈدەك تۇيغۇ قالمىغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئامالسىزلىقتىن يۇرتۇمغا قايتىپ يېڭى تۇرمۇشۇمنى باشلىدىم،خىزمەتكە تارتىشقىدەك يېرىمۇ قالمىغان ئىدى. ئەسلى ھەممىنى ئۇنتۇپ غالىپارچە ياشاپ، ئۆز ئىرادەم ۋە ساڭا بەرگەن ۋەدەم بويىچە ياشاشنى نىيەت قىلغان ئىدىم. چۈنكى سنىڭ ھامان بىر كۈن قايتىپ كىلىپ بىرگە يۈلەنچۈك بولدىغانلىقىڭنى، ئىللىق مىھرى-مۇھاببىتىڭنى ئاتا قىلشقا جۈرئەت قىلالايدىغىنىڭنى ئىشىنەتتىم.
بۇ كىچىك دۇكىنىمنىڭ تىجارىتىمۇ خېلى يامان ئەمەس كىتىپ بارغان كۈنلەرنىڭ بىردە ئوتتۇرا بوي سەل سىمىزرەك كەلگەن ئاق سېرىق 40ياشلار چاممىسىدىكى بىر كىشى داۋامىلق دۇكىنىمغا نەرسە كېرەك سېتىۋېلىش باھانىسى بىلەن ئۇدۇللا تۇنۇشۇپ قالدۇق. ئۇ تېخى ئانچە-مۇنچە دۇكاندىكى ئىغىر يىنىڭ ئىشلارغا قارشىپمۇ بىرەتتى. بىز خۇددى ئاكا-سىڭلاردەك بولۇپ قالغان ئىدۇق. بەزىدە ئايالىنىڭ ئۆزىنى ئىككى بالىسى بىلەن قالدۇرۇپ تاشلاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ زارلاپ بېرەتتى. مەنمۇ سىزنىڭ باشقىلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچىراپ تۈرمىگە كىرىپ كەتكەنلىكىڭنى، پات ئارىدا قايتىپ كىلدىغانلىقىنڭنى سۆزلەپ بېرەتتىم....................
بىر كۈنى كەچقۇرۇن تاماق ئېتۋاتاتتىم، تۇيۇقسىز ئىشىك چىكىلدى، شۇنداق ئچىپ قارىسام ھېلقى ئادەمكەن. سەل ھەيران بولۇپ:
-كىلىپ قاپسىز بىرەر ئىشىڭىز بارمىدى؟-دىدىم مەن ئۇنىڭ قانداق بولۇپ ئۆيۈمنى تىپىپ كەلگەنلىكىگە ھەيران بولۇپ،
-ھە، سىز تىلغۇن قىلدىڭىز؟ ئالسام گەپ قىلمايسىز؟ شۇنىڭ بىلەن بىرەر ئش بولۇپ قالغان چېغى دەپ باشقىلاردىن ئۆيىڭىزنى سوراپ مىڭ تەسلىكىتە..............
دەرھال تىلغۇننى قويغان ئۈستەلگە قارىدىم. دەرۋەقە تىلغۇن قىزىمىزنىڭ قۇلىدا ئىدى. ئۇ ئويناپ نۇمۇر بېسىلىپ كەتكەن چىغى دىدىم مەن، ئۇنى ئۆيگە تەكلىپ قىلغاچ، مېنىڭ شۇ قېتىملىق ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن ئۇنى تاماققا تۇتۇپ قېلىشىم تۇرمۇشۇمنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋىتىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم.................
مەن ئەتىسى تۇغما ھالەتتە ئورنۇمدىن تۇرۇپلا ئۆزەمنى ئېگىز يار لېۋىدىن يانار تاغ ۋولقانلىرىغا تاشلاندەك ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتىم، بۇ يىغىدىن قاچانلاردا توختىغىنىمنى بىلمەيمەن، كاللام شۇنداق ئېغىر، ھىچ ئويلاپمۇ نىمە ئىشلانىڭ، پەقەت ئۇنىڭغا چاي قۇيغۇنۇم ئۆزۈممۇ ئاشخانىدىن چىقىپ بىر پىيالە چاي ئىچكىنىم ئىسىمدە، قانداق ھالەتتە بولغىنىنى ئەسكە ئالالمىدىم، باشقىسىنى ساڭا دىيىشكە تىلىم بارمايدۇ، بۇ ئىش ئېنىقكى ئاشخانا ئۆيگە چىقىپ كەتكىنىمدە چېيىمغا مەس قىلىش دۇرىسى سېلىپ قويغانلىقى  ئېنىق ئىدى. خۇددى بىرسى ناھايتى ماھىرلىق بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان ئۇيۇندەكلا. مەن بۇ چاغدا سەندىنلا ئەمەس ھەممىدىن ۋاز كىچىش قارارىغا كەلدىم، بىراق يەنىلا قىزىمىزنى ئويلاپ قالدىم ئۇنى بولسىمۇ ئاللانىڭ قۇدرىتى بىلەن ئۆزىنىڭ دۇنياغا كىلىشىگە سەۋەپ بولغان مىھرىبان دادىسىنى كۈرۈشىنى، مەن ئاتا قىلالمىغان خوشاللىقلارنى داۋام قىلىشىنى ئويلاپ يەنلا ئىپلاس تىنىمنى كۆتۈرۈپ ياشاشقا مەجبۇرى بولدۇم.......... ئارىدىن نەچچە يىللار ئۆتۈپ كەتتى. شۇنىڭدىن كىيىن داۋاملىق تىزلا زۇكام بولۇپ قالدىغان، قىزىپ قالدىغان بىر خىل كىسەل ماڭا چاپلاشتى، مەن دوختۇرخانىغا بىرىپ تەكشۈرتكىمدە ئاللبۇرۇن «ئەيدىز»دىن ئىبارەت بۇ نىجىس كېسەل مېنىڭ تۇمۇر-تۇمۇرلىرىىمدىن ماكان تۇتۇپ، بىر مۇدىھىش دۇنيا قۇچاق ئېچىپ تىنىمسىز مېنى چاقىرماقتا ئىدى. مېنىڭ تۆككەن ياشلىرىم نەچچەرەت ياستۇقىمنى ھۆل قىلۋەتتى بىراق ماڭا راستىنلا بۇنىڭدىن ئۆزگىراق بىر تاللاش يولى قالمىغان ئىدى. مەن بۇ چاغدا ھاياتتىنمۇ ۋاز كەچكەن ئىدىم. بەلكىم «تىرىك مۇردا» دىگەن مەندەكلەرنى كۆرسەتسە كېرەك، پەقەت قىزىمنى ساڭا ئۆز قۇلۇم بىلەن ساق-سالامەت تاپشۇرۇپ بېرىش ئۈچۈنلا ياشاپ كەلدىم. بۇ كۈلپەتلەرنى ھىچكىمگە ئېيتقۇم يوق ئىدى، چۈنكى بەزى ئىشلار شۇ بەندىنىڭ بېشىغا كەلمىگندىكىن توغرا قۇبۇل قىلالىشى ناتايىن لىكىن سېنى بولسىمۇ مېنى توغرا چۈشىنىپ قالسۇن دەپ ئويلىدىم ھەم شۇنداق قىلالايدىغانلىقىڭغا ئىشىنىمەن. ساڭا ئاخىردا بىر ئۆتۈنۈشۇم قىزىمىزدا ھىچقانداق گۈناھ يوق، ئۇ ھېچنىمىنى بىلمەيدۇ؟ شۇڭا ئۇنىڭغا بولغان ئاتىلىق بۇرچۇڭنى ياخشى ئادا قىلغىن، ئەگەر سەن ۋە ئاتا-ئاناڭدا يەنە گۇمان بولۇپ قالسا بالىنىڭ  DNI نى تەكشۇرسەڭمۇ بولىدۇ؟ مەن ھەرگىز باشقىچە ئويدا بولمايمەن. سەن بۇ خەتنى قۇلۇڭغا ئالغىنىڭدا مەن ئاللبۇرۇن مەينەت جىسمىمنى سەن ساقلاپ قويغان ھېلقى «ئانار شەربىتى بوتۇلكىغا تەييارلانغان زەھەر» ئارقىلىق پانى ئالەمگە يولغا سېلىپ بولغان بولىمەن. سەن خېتىمنى ئوقۇپ قايتىپ كەلمە، قىزىمىزنىڭ يۈرىكىدە زىدە قالمىسۇن...............ئۇلۇغ ئاللا مەن كۆرگەن كۈننى قىزىمغا ۋە بارلىق بەندىلىرىگە كۆرسەتمىگەي.........مەن تىرىشىپ توپلىغان بارلىق پۇل-مال دۇنيالىرىمنى(ئۇنچە كۆپ بولمىسىمۇ) ئاتا-ئانىلارسىز قالغان نارسىىدىلەرگە ئاتىۋاتتىم. قىزىمغان پەقەت سەندەك مىھرىبان دادىسدىن باشقا ھىچنىمە قالدۇرمىدىم. بوپتىمۇ؟!......  ھەراست ھېلقى ئادەممۇ ئۆلدى بۇ "ئانار شەربىتى " بوتۇلكىسىدىكى زەھەر بىلەن، جەريانىنى دىگۈم يوق. سەنمۇ سورىما، ھېچكىمدە قىساسىم قالمىدى، مۇنداق دىسەم قىساس ئۈچۈنلا قىپتۇ دىمە، ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ  داۋاملىق تۈردە ئاجىز خانىم-قىزلىرىمىزغا ئىبلىس قۇلىنى سۇنىشىدىن، ئۇلارنىمۇ بۇلغاپ جەمئىيەتنى يەنىمۇ مەينەتلەشتۇرۋېتىشىگە كۆڭلۈم يول قويمىدى ، گەرچە يەنە بىر رەت "گۇناھ"قا پاتقان بولساممۇ،  پەقەت ئاللا ئىگەمگىلا بىردىغان سورىقىم بار!
شەپقەت بىلەمسەن ھايات شۇنداق سېھىرلىك. ئۇ بەزىدە ئادەمنىڭ گۈزەل، ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئۆزگەرتىۋېتەلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئادەملەر بەخىت، تەلەي، ئامەت دىگەنلارگە قىززىقىدۇ، ئىنتىلىدۇ. ئۇنىڭ قىسمەتلىرى نىمانچە سېرلىق- ھە! مۇشۇ ئۈلۈم ئالدىدا كەچمىشلىرىمنى ئويلىسام بەزىدە ئىچ-ئىچىمدىن قېنىپ كۈلگۈم كېلىدۇ، بەزىدە بەزىدە توختامىسز بولاق سۈيىدەك بولدۇقلاپ تېشىپ يېغلىغۇم كىلىدۇ. ھاياتىمدا سېنى ئۇچۇرتۇشۇم مەن ئۈچۈن ئەڭ زور بەخىت، بېشىمغا كەلگەن ئاشۇ كۈلپەتلەرمۇ ئۆز نۆۋىتىدە بىرخىل تۇرمۇش سىنىقى بولسا كېرەك، مەن بۇ سىناقتىن ئۆتەلمىگەن بىر ئىنسان خالاس........ھايات ئەنە شۇنداق چۈشىنىكسىز نەرسە، ئۇنىڭ ئىنساننى بەزىدە كۈلدۈرۈپ، بەزىدە يېغلىتىشى بەلكىم ئۇنىڭ مەنتىقىسىدۇر، مېنى بەخىتنىڭ ئىللىق قۇچىقىدا ئەللەيلىتىپ شىرىن«چۈش» لەر بىلەن كۈلدۈرۈپ خوشاللىق دەرياللىرىدا يايرىتىپ، خۇشپۇراق گۈللەردەك ياشناتقان چاغلىرىدا ئۇنىڭدىن ئاجايىپ رازى بولدۇم، سۈيۈندۈم. ھايات نېمىدىگەن شىرىن، كىشلىك دۇنيا، تۇرمۇش نېمىدىگەن گۈزەل!-دەپ بار ئاۋازىم بىلەن ۋاقىرغۇم كەلدى. تۇرۇپلا مېنى ھەسرەت نادامەتنىڭ چوڭقۇر پاتقاقلىرىغا پاتقۇرۇپ، ئازاپ-ئوقۇبەت دېڭىزىغا تاشلىغان چاغلىرىدا ئەتراپىمدىكى قېرىداشلىرىمنىڭ «پۇل»ئۈچۈن قىلغان، ئادىمىلىك مىزانىدىن چەتنەپ تۇيۇق يولغا قاراپ ماڭغىنىنى كۆرگىنىمدە، ئاشۇ ئىس-تۈتەكلەرگە ئۆزىنى ئاتقىنىنى كۆرگىنىمدە ئۇنىڭدىن زارلاندىم. ھايات نېمىدىگەن قورقۇنۇچلۇق دەپ ئاھ، ئۇرۇپ ئۇمىدسىزلەندىم.
مۇشۇ تەرىقىدە خېلى كۆپ يىللار ئۆتۈپ كېتىپتۇ، ئەمدىلەتتىن ئەقلىمنى تېپىپ ئەتراپقا نەزەر تاشلىغىنىمدا بۇ قاراشلىرىم خاتا بولۇپ چىقىتى. ئەسلىدە ھايات قورقۇنچلۇق ئەمەس، بەلكى ھاياتتىكى كىشلەر قورقۇنچلۇق ئىكەن.........مەنمۇ شۇ ھاياتتىكى رەزىللكلەر ئارىسىدا ياشاۋاتقان بىر پارزىت.... ھاياتقا ئىنتىلىش ئىنساننىڭ تەبىئىتى، لىكىن ھاياتقا ئىنتىلدىم دەپ ئەخلاق ئۆلچىمىدىن چەتنەپ ياشاشنىڭ ئۆزى بىر نۇمۇس، ھاياتنى سۆيگەن، ئۇنىڭغا ئىنتىلگەن كىشى چۇقۇم ھەرقانداق شەيئىگە ئەقىل كۆزى بىلەن قارىشى، ئادىل مۇئامىلە قىلىشى لازىم، ھايات ئۇنىڭغا شۇنداق پۇرسەتلەرنى بەرگەن ئىكەن، ئۆز خاتالىقىنى تۇنۇغان ھامان ۋاقتىدا تۈزۈتىشكە جۈرئەت قىلىشى زۆرۈر............... شەپقەت تولىمۇ ئەپسۇس ماڭا بىرىلگەن پۇرسەت ئاخرەتلىك يول ئىكەن بۇ زېمىنغا دەسەپ يۈرۈشكە ۋىجدانىم پەقەتلا يول قويمىدى. بەلكىم تۇپراقمۇ مېنى ئۆز قوينىغا ئالماسلىقى مۇمكىن...................سۆزلىسەم ساڭا دەيدىغان گەپلىرىم تۈگەيدىغاندەك ئەمەس........ ئاللاھ ئىگەم ياراتقان بەندىلىرنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ ئاتا قىلغاي..........
لىكىن ئىشەنگنىكى؛ دۇنيادا ھەممە نەرسە ساختا بولسىمۇ ئىككى نەرسە ھەقىقى، بىرى ئىككىمىزنىڭ بىر-بىرىمىزگە بولغان مۇھەببىتىمىز، يەنە بىرى نارىسىدە ئۇماق قىزىمىز.....، دەپ سېنى مەڭگۈ سۆيۈپ قالغۇچى ...........

                                                                                        : (پەرىشتەڭ)

خاتىمە



.......................................................

-قىزىم، بۇنى نىمىشقا بۇرۇن بەرمىدىڭ؟
-ئاپام، پويىزدىن چۈشكەندە بە.......، بولمىسا داداڭ يەنجىپ قالىدۇ دىگەن.................
-جۈر ئاناڭنىڭ يېنىغا قايتىمىز!...........................
- دادا خاپا بويۇپ قايدىڭىزما! يىغلاپسىزغۇ؟!...............................


2011-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى(ئاقسۇ)  

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكەن!

بۇكۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتەر.!

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8726
يازما سانى: 862
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19811
تۆھپە نۇمۇرى: 2018
توردا: 6190 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-16 01:12:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايتى ياخشى يېزىپسىىز....ھەقىقى ئىبرەت ئالغۇدەك ئەسەركەن بۇ.  نىمىشقا مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيىتىگە يوللىمىغانسىز بۇ ياخشى ئەسەرنى؟؟؟؟
ياخشى ئىجادى ئەسەرلىرىڭىزنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىىغا تىلەكداشمەن...
    سىزگە سەمىىمى بىر تەكلىپ،ئۇيغۇرتىلى خەت ئىملاسىغا دىققەت قىلغان بولسىڭىز؟؟؟   

ئۇيغۇرۇم``````````

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15105
يازما سانى: 124
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5297
تۆھپە نۇمۇرى: 309
توردا: 985 سائەت
تىزىم: 2010-10-24
ئاخىرقى: 2012-2-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-16 01:24:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك تەسىرلىككەن ... نېمە دېيىشىمنى بىلەلمىدىم ~~~

سۇلتان بولۇپ خان ئۆتكەن ، ئۇيغۇرۇمسەن جاھاندا ئالەم شاھىت بولغانتى ، سەن تارىخنى يازغاندا.

ئەسلىمە كىشىدە خ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3481
يازما سانى: 328
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5152
تۆھپە نۇمۇرى: 319
توردا: 316 سائەت
تىزىم: 2010-7-6
ئاخىرقى: 2012-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-16 01:26:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇلۇپمۇ ئاخېرى تەسېرلىك چىقىپتۇ،،،،قايتا بىر تەھرىرلەپ باقسىڭىز قانداق!

مەدىنىيەت قۇبۇل قىلدۇق دەپ ،ئەسلىدىكى ئېسىل ئەخلاقىمىزدىن،ئېسىل تۇرمۇش ئۇسۇللۇرىمىزدىن يىراقلىشىۋاتقانلىقىمىز ھېچقايسىمىزغا سىر ئەمەس.                  شەربەتى

يۇرتۇم 0997گە چەكس

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35801
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 252
تۆھپە نۇمۇرى: 9
توردا: 137 سائەت
تىزىم: 2011-3-30
ئاخىرقى: 2011-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-16 01:38:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ ئەسەرنىڭ ئاخىرنى ئوقۇرمەنلارنىڭ ئويلىنىشقغا قالدۇردۇم، يەنە بىر سەۋەپ بۇ بىر ھەقىقى ۋەقە ئىدى. بەك تەستە مۇشۇنداق يازغان. بۇ ئەسىرىم ھازىر ئاۋازلىق ئەسەر قىلىپ ئىشلنۋاتىدۇ، رەھمەت سىلەرگە!!!

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكەن!

تارازا بارمۇ ؟

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36554
يازما سانى: 2023
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11740
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 4694 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2012-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-16 03:21:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
、ئوقۇپ كۅز تالدى
چۉشۉرۉۋالدىم ، ئاپتۇرعا رەحمەت

ئازاپلىرىم،مېنى

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10299
يازما سانى: 627
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11901
تۆھپە نۇمۇرى: 301
توردا: 8861 سائەت
تىزىم: 2010-9-14
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-16 10:19:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنكاس بىلەن ساقلىۋېلىپ ئوقاي،ئەجرىڭىزگە رەھمەت..باشتىكى بىر بۆلەكنى ئوقۇپ بولدۇم،ئىملا خاتالىقىنى تۈزىتىپ قۇيارسىز....

شامال ئېيتىدۇ:ئەقىدەڭنى ماڭا بەر.

sanga karap kuliman

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12846
يازما سانى: 913
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20745
تۆھپە نۇمۇرى: 310
توردا: 4641 سائەت
تىزىم: 2010-10-5
ئاخىرقى: 2012-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-16 11:00:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى چىقىپتۇ ،لىكىن پەرىشتىنى ئۇنداق ئۇسۇل ئارقىلىق ئۆلتۈرمەسلىگىڭىز كېرەك ئىدى ،بولسا شەپقەت بىلەن پەرىشتە قايتىدىن جەم بولغان ،بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرگەن بولسا نىمە دىگەن ياخشى بۇلاتتى ھە !!!
تەسىرلەندىم شۇ قىزنىڭ پەزىلىتىدىن ،لىكىن يەنە ئىچىم ئاچچىق بۇلۇپ قالدى !

نادان جاھىللار بىلەن مۇنازىرلەشمە !!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27897
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3589
تۆھپە نۇمۇرى: 221
توردا: 1699 سائەت
تىزىم: 2011-1-26
ئاخىرقى: 2012-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-16 01:12:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يىزىپسىز ،،،،،،،ھەي ئىسىت !!!
لىكىن پەرىشتەگە ئىچىم ئاغرىپ قالدى ،شۇنداق بەختىلىك كۇنلەرنىڭ كەينىدىن ئارقىمۇ -ئارقا كەلگەن كىلىشمەسلىكلەر ئاخىرى ئۇ قىزنى ئۆلۇم يولىنى تاللاشقا بۇيرۇپتۇ ........دۇنيادا شەپقەت بىلەن پەرىشتەمنىڭكىدەك پاك مۇھەببەتنى تاپماق ئاسان ئەمەس ،،،لىكىن پەرشىتەگىمۇ ئۆزىنى ئۆلتۇرۋالماقتىن باشقا يول يوقتە---؟؟؟؟
بەك ياخشى كۆردۇم بۇ پوۋسىتنى يەنە بولسا يوللاپ تۇرارسىز ،،،،رەھمەت سىزگە !!!!!

سىزگە ساتقىنلىق قىلغان ئادەمنى ئۇچراتقاندا ئۇنىڭغا كۇلۇمسىرەڭ !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43410
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 349 سائەت
تىزىم: 2011-6-6
ئاخىرقى: 2011-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-16 01:12:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27744
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2003
تۆھپە نۇمۇرى: 200
توردا: 109 سائەت
تىزىم: 2011-1-25
ئاخىرقى: 2012-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-16 02:36:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن  تەسىرلىك  چىقىپتۇ ،لېكىن  بەزى يەرلىرىنى ئۆزۈم  باغلاشتۇرۇپ  ئوقۇشقا مەجبۇر  بولدۇم

كۆڭۈل يېتىشسىلا ھەممە يېتىشىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44418
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 308 سائەت
تىزىم: 2011-6-15
ئاخىرقى: 2011-7-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-16 02:49:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىپسىز                  قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن

زامان ساڭا باقمى

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8692
يازما سانى: 527
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5485
تۆھپە نۇمۇرى: 315
توردا: 3463 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-16 05:21:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قايتا بىر تەھرىرلەپ چىقسا بىر نادىر ئەسەر بولغۇدەك!!! يەنە شۇ پاجىئە بىلەن ئاياغلاشقان تۇرمۇش

دۇنياغا قارىسام كۈلگۈم كېلىدۇ دەرت ئەلەم ئىچىدە ئۆلگۈم كېلىدۇ بىراۋدىن كەلمىگەچ قىلچىلىك شەپقەت تەنھا جىمجىت يۈرگۈم كېلىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40939
يازما سانى: 195
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1018
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2044 سائەت
تىزىم: 2011-5-16
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-16 05:53:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشلىتىدىغان قەۋەت4قەۋەتزىرەكبىلەن2011-06-16 01:38يوللانغان :
مەن بۇ ئەسەرنىڭ ئاخىرنى ئوقۇرمەنلارنىڭ ئويلىنىشقغا قالدۇردۇم، يەنە بىر سەۋەپ بۇ بىر ھەقىقى ۋەقە ئىدى. بەك تەستە مۇشۇنداق يازغان. بۇ ئەسىرىم ھازىر ئاۋازلىق ئەسەر قىلىپ ئىشلنۋاتىدۇ، رەھمەت سىلەرگە!!!
ﺋﻪﺳـﻪر ئىسمى بولماپتۇ، چۈنكى پـﻪرىشتـﻪ ئىنسان ﺋﻪﻣﻪس . ئۇ ئۆلمـﻪيدۇ!

ئىنسان ئاللاھ ئالدىدىلا قۇل، بەندە ئالدىدا ھەممە ئوخشاش...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33311
يازما سانى: 129
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1488
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 594 سائەت
تىزىم: 2011-3-10
ئاخىرقى: 2011-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-16 06:26:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكلا تەسىرلىك يىزىپسىز ،رەخمەت سىز گە

ئاغرىنمايمەن ھەم پۇشايمان قىلمايمەن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش