مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 573|ئىنكاس: 7

ئايرىلىش ئالدىدا ... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىلمىگەننى بىل ،

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4482
يازما سانى: 157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12109
تۆھپە نۇمۇرى: 435
توردا: 923 سائەت
تىزىم: 2010-7-22
ئاخىرقى: 2012-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-15 03:04:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئايرىلىش ئالدىدا .... ( تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇش ھاياتىمنى خاتىرلەيمەن! )

يىغلىما دوستلار ، بۈگۈن ئېيتقانغا ناخشا كۆپ تېخى ،
مىڭ مۇقام ، نەغمە بىلەن تۈزگەنگە سورۇن كۆپ تېخى .
نەۋ قىران لاچىن بولۇپ ئۇچساق سامادا ھۆر كەبى ،
تاڭلا ئۆتمەي كۆپ دىدار تاپقانغا كۈنلەر كۆپ تېخى .
ھەممىمىز ھەر چوققىغا چىقساق جۇلالاپ نۇر چېچىپ ،
كۆكتىكى يۇلتۇز كەبى قىسقانغا كۆزلەر كۆپ تېخى .
ئوت بولۇپ يانغان يۈرەكتە ساۋاقداش دوستلار ئۈچۈن ،
مىڭ مېھىر - سۆيگۈ بىلەن ئاچقانغا قۇچاق كۆپ تېخى .
تەربىيە بەرگەن ماڭا ئۇستاز مۇئەللىم ياخشى قال ،
قايغا بارسام سەن ئۈچۈن تىزارغا دەستەم كۆپ تېخى .
ئۇنتۇلسۇنمۇ نەچچە يىل بىزگە تۆككەن قان-تەر ، بەدەل ،
شۇڭا ھەر قەدەمدە بىر ئەسلەرگە يۈرەك كۆپ تېخى .
تاغدىكى قارغاي كەبى تىك تۇر مۇئەللىم بىر ئۆمۈر ،
مىڭ دۇئا ، رىزاق بىلەن كۆكلەرگە شاخىڭ كۆپ تېخى .
ئېھتىرام ھۆرمەت بىلەن مىڭ مەرتىۋە رەھمەت ساڭا ،
مەن كەبى قوشاق تۈزۈپ كۈيلەرگە ئوغلۇڭ كۆپ تېخى .
ئايرىلىش ئالدىدا دوستلار قۇت - بەخت بىزلەرگە يار ،
بىر كۈنى قۇياش بولۇپ يانسۇن ئۇيغۇر ئوغۇل - قىزى !



مۇنبەردىكى تولۇق ئوتتۇرىدىكى ئۇكىلىرىمغا مۇناسىۋەتلىك يازمىلار مېنى بەكمۇ سۆيۈندۈردى . مېنىڭمۇ تولۇق ئوتتۇرا ھاياتىم بىلەن خۇشلاشقىنىمغا 4 يىلچە بولۇپ قاپتۇ . شۇ چاغلاردا مۇشۇنداق بىر شىئېر يازغىنىم ئېسىمدە ، كەينى دوسكىغا بىر مەزگىل چىقىرىپ قويغان ، ئوقۇش پۈتتۈرۈش سىن تەخسىسىگىمۇ چىقارغان ئىدى ، تېشىمغا چىقارمىغان بىلەن ئىچىمدە كۆپ خۇش بولغان ئىدىم . شۇ چاغدىكى گۈزەل تۇيغۇلىرىمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشقۇم كېلىپ قالدى . ھاياتىمدىكى بارلىق مۇئەللىملەرنى چوڭقۇر سېغىنىش ۋە ھۆرمەت بىلەن ياد ئېتىمەن ! رەھمەت سىلەرگە !!!!

ھەممىمىز ئىمتىھان مەيدانىدا ، يەنە كېلىپ ئوچۇق ئىمتىھان مەيدانىدا .بىز پەقەت ئوخشىمىغان تەسەۋۋۇردىكى  بىرلا نەتىجىنى كۈتىۋاتىمىز .  ‹‹www.bildur.net››

nadan,ga kilin,gan akida ixakk

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4918
يازما سانى: 219
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2677
تۆھپە نۇمۇرى: 655
توردا: 3994 سائەت
تىزىم: 2010-7-27
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-15 12:54:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى ياخشى چىقىپتۇ،ئەينى چاغدىكى ھىسياتىڭىز تۇلۇق ئىپادىلىنىپتۇ.

تارازا بارمۇ ؟

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36554
يازما سانى: 2023
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11740
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 4694 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2012-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-15 02:43:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
20يىل ئىلگىركى كۉنلىرىمنى ئەسلەتتىڭىز

ئاللاھ &nbs

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37445
يازما سانى: 1105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : -1
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2011-4-13
ئاخىرقى: 2011-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-15 02:45:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇلۇقسىزنى پۈتتۈرگەندىكى ساۋاقداشلار يېغىلىشىنى ئەسلەپ قالدىمغۇ مەن .

قالغان ئۆمرۈمنى ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش بىلەن بىرگە ، يولدىشىمنى رازى قىلىپ . ئۈچ ئوغلۇمنى ئىسلام قائىدىسى بۇيىچە تەربىيلەپ، ئاتا_ئانامنىڭ ئۈمۈدىنى ئاقلىسام دەيمەن . ئۇلۇغ ئاللاھ نىيىتىمگە يەتكۈزگەي.

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36104
يازما سانى: 1467
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8893
تۆھپە نۇمۇرى: 164
توردا: 3359 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2011-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-15 03:32:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇلۇقسىزنى پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى ھىسياتىمنى قايتا بىر ئەسلەتكىنىڭىزگە تەشەككۈر.

alla mining birdinbir yardamch

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3770
يازما سانى: 764
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10531
تۆھپە نۇمۇرى: 315
توردا: 5565 سائەت
تىزىم: 2010-7-11
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-16 01:05:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
2004-يىلىنى ئۇنتۇپمۇ كەتتىم مەن.

ئاللاھنىڭ مېنى ئۇيغۇر يارىتىشى مېنى ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا چاقىرغىنىدۇر،مۆمىن بەندە بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئاللاھىمغا قانداقمۇ قارشى چىقالايمەن؟!

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 689
يازما سانى: 703
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12340
تۆھپە نۇمۇرى: 1124
توردا: 4009 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-16 10:18:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىمداش بولۇپ قاپتۇق-ھە بۇرادەر،گەرچە بىر ھەرىپ بىلەن پەرىقلەنسەكمۇ،شېئىرىڭىز بەلەن چىقىپتۇ،

سايرام بويى

ســـــەبــى قــ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43025
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 736
تۆھپە نۇمۇرى: 60
توردا: 883 سائەت
تىزىم: 2011-6-3
ئاخىرقى: 2011-11-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-16 04:33:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىپتۇ  ، مەنمۇ تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەن ۋاقتىمنى ئەسلەتتىڭىز ....

ســـــەبــى شـــۇنچــەســـــەبــى ھـــە ،.............
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش