خىزمەتكە يېڭى چۈشۈپلا بۇنچە قالايمىقانچىلىق بولدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن.. سىڭلىڭىز بولغان ئادەم ئالدىنقى تېمىڭىزدىكى ئېرپانى 0998 كە قارىتىپ ئاقلاپ تۇرۇپ ئوبزور يازارمۇ؟ نېمىشقا شۇ چاغدا بىرەر ئىنكاستا، ماۋۇ مېنىڭ سىڭلىم، مۇنبەر شەخسىي ئۆيىمىز ئەمەس، جىم تۇر دەپ تورداشلارغا بىرە قۇر چۈشەنچە بېرىۋەتمەيسىز؟ يېقىندا ئابدۇكېرەم ئابلىزغا يېزىلغان خەتتىمۇ سىزنىڭ چىرايلىقچە ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن قوللاش ئەھۋالى كۆرۈلدى.. ئەجىبا مۇنبەردىكى سىڭلىڭىز باشقا تېمىلارنى كۆرۈشكە ۋاقتى يوق، يېڭىدىن كىرىپلا مۇنبەرنىڭ ئېپى - سېپىنى بىلۋالغان كونا ئەزالاردەك قىلىدۇ ھە
ھالى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە سىزنىڭ ئىسمىڭىزنى ئاتىماي ،چىرايلىقچە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ قويساق بىزگە ئۆكتە قوپۇپ ،خاتامۇ ،ئانداق مانداق دەمسىز؟ قالغىننى كاللىسى ئوچۇق ،تەپەككۇرى سەگەك تورداشلار بىر نەرسە دىسۇن.
يەنىلا سىزگە ھۆرمەت قىلاي، تېمىڭىزنى چىقىرىپ قويدۇم ئەمسە.