مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1223|ئىنكاس: 11

بىز يوقىتىۋاتقان تەبىئىيلىكلەر ۋە قۇربانل [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ۋەتەن  دىگەن  س

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36742
يازما سانى: 670
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3577
تۆھپە نۇمۇرى: 215
توردا: 1192 سائەت
تىزىم: 2011-4-7
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-14 03:09:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    ئەمدىلا ئىككى يېرىم ياشقا كىرگەن بىر بالىنىڭ چاچ بوياش مەلھىمى قاچىلانغان قۇتىنى كۆتۈرۈۋېلىپ مەلھەمنى چېچىغا سۈركەپ قويۇشنى ئۆتۈنۈشى، لەۋ سۇرۇخىنى سۈرۈپ قوي دەپ غەلۋە قىلىشى، قورساقنى كىچىكلىتىپ كۆرسىتىدىغان كالتە ئىشتاننى دادىسىنىڭ ئەمەس، ئانىسىنىڭ كىيىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەلىشى. . . . . . . كىشىلەرنىڭ ھازىر كىچىك بالا قالمىدى دېگەن گېپىنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلىماقتا. بالىلارنىڭ كىچىك تۇرۇپلا گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ قايسىنىڭ قەيەرگە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ئېنىق دەپ بېرەلىشى، ئەر-ئاياللارنىڭ تاشقى كىيىمىدىن تارتىپ ئىچ كىيىمىگىچە پەرق ئېتەلىشى، قارىماققا ئۇلارنىڭ ئەقىللىقلىقىنىڭ ئىپادىسىدەك كۆرۈنىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بالىلارنىڭ بۇ خىل ئىقتىدارىدىن سۆيۈنۈپ، ھازىرقى بالىلار نېمىدېگەن ئەقىللىق دەپ ماختاپ كېتىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇلارنىڭ زەھەرلەنگەنلىكىنى، تەبئىي نەرسىلەرگە قارىغاندا سۈنئىي نەرسىلەرگە بەكرەك ئىنتىلىدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتمەيدۇ.
    ئويلاپ باقساق، نۆۋەتتە مەيلى جىسمىمىزدا بولسۇن، مەيلى روھىمىزدا بولسۇن تەبىئىيلىك دېگەن تولىمۇ ئاز قاپتۇ، ھەتتا بەزىلىرىمىزدە تەبئىيلىكنىڭ ئاسارىتىنىمۇ تاپقىلى بولمايدۇ. قىز-ئاياللارنىڭ پەرداز بۇيۇملىرى ئارقىلىق چىرايلىق بولۇشقا بېرىلىپ، گىرىمسىز تالا-تۈزگە چىقالماسلىقى، سومكىلىرىدىن گىرىم بۇيۇملىرىنى ئايرىماسلىقى، ئاق ئارلاشقا باشلىغان چاچلىرىنى قىزغۇچ، ساغۇچ ۋە قارا بوياقلاردا بويىشى، تورت-پېچىنە، شاكىلاتلارغا ئامراق بولۇشى، ئەرلەرنىڭ غەم-قايغۇدىن قۇتۇلۇش، ھارغىنلىقنى چىقىرىش ئۈچۈن تاماكا، ھاراق ئارقىلىق ئۆزىنى زەئىپلەشتۈرۈشى، ئەر-ئاياللارنىڭ مېھىر-مۇھەببەتنىمۇ تەبئىي يوسۇندا ئەمەس، باشقىچە شەكىلدە ئىپادىلىشى، ئەر-ئاياللارنىڭ بىر-بىرىنىڭ قىلمىشلىرىنى بىلدۈرمەسلىك ئۈچۈن بالىلارنى قالقان قىلىپ، گۇۋاھچىلىققا قويۇپ ئۆز-ئارا ئالداشلىرى، ئەر-ئايالنىڭ تالا-تۈزدىكى، ئىدارىدىكى كىشىلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ھىيلە-مىكىر ئويلاپ شان-شەرەپ، ماختاشقا، نەتىجىگە ئېرىشىش يولىنى تاللىشى، ئۇلارنىڭ بالىلاردا كۆرۈلۋاتقان مەسىلىلەرنى غەيرىي يول ئارقىلىق ھەل قىلىشقا تىرىشىشىنىڭ ھەممىسى سۈنئىيلىك، ساختىلىقتۇر، بۇ خىل مۇھىت ئەلۋەتتە بالىلارغا تەسىر قىلىدۇ.
    پورەكلەپ ئېچىلغان ھەقىقىي گۈل بىلەن ھەل بېرىلگەن سۇلياۋ گۈلنى بىر يەرگە قويۇپ بىرىنى تاللا دېسە، كۆپىنچە ھەقىقىي گۈلنى تاللايدۇ، سۇلياۋ گۈلنى تاللايدىغانلارمۇ كۆرۈلۈشى مۇمكىن. ئەمما، ھەقىقىي گۈلنىڭ كۆڭۈلنى كۆتۈرىدىغان خۇش پۇرىقى بولىدۇ. سۇلياۋ گۈلنىڭ نە پۇرىقى بولسۇن؟
    تەبئىي نەرسىلەردە تەبىئەتنىڭ ھىدى بولىدۇ، تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكى مۇجەسسەملەنگەن بولىدۇ. تەبىئىي ئىشلارغا ئىنسانىي پەزىلەت سىڭگەن، ئۇنىڭدا سەمىمىيلىك، چىنلىق ناخشىسى ياڭرىغان بولىدۇ.
    يېيىش، ئىچىش، گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلار ئىشقىدا ئوت بولۇپ يېنىپ تىرىكچىلىك ۋە خىزمەت قىلىش -ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتىدە بار خۇلقلاردۇر.
    دانالار «ئەخلاق ئادەم زىننىتى» دەيدۇ. ئادەمنىڭ تەبىئىيلىكى گۈزەللىككە، تەربىيۋىلىككە، قايىل قىلارلىققا، سۆيۈملۈكلۈككە ئىگە بولغاندىلا، ئۇ ئادەم ئۈچۈن زىننەت بولىدۇ. بولمىسا نىجاسەتكە ئايلىنىدۇ. ئادەم بۇ دۇنياغا پاكلىق ئىچىدە ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. پاكلىق-ئادەمنىڭ گۈزەللىكى، سۈيۈملۈكلۈكى، تەبئىيلىكلىكىدۇر. يېشى چوڭ بولغانسېرى بۇ تەبئىيلىكنىڭ ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن يوقاش-يوقىماسلىقى ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەردىن قوبۇل قىلغان نەرسىلىرىگە، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى تونۇش دەرىجىسىگە، ئاق-قارىنى پەرق ئېتىش ئېڭىغا باغلىق.
    مىسال:ئانىلارنىڭ پەرداز قىلىپ گۈزەل بولۇشقا ئىنتىلىشى يامان ئىش ئەمەس، ئەمما بالىلارنىڭ ئالدىدا تەپ تارتماستىن يۈز-كۆزلىرىگە بوياقلارنى سۈركەپ، باشقىچە كۆرۈنۈشتە بولۇشى، بالىلارنى خاملىيۇنلارچە ئادەم بولۇشقا باشلىماي قالمايدۇ.
    دادىلارنىڭ پۇرقىرتىپ تاماكا چېكىشى، قاڭسىق ھاراقلارنى ئىچىپ، مەسىت -ئەلەس سۆزلىشى بالىلارنى پۇراقلىق ئىچىملىكلەرگە ئىنتىلدۈرمەي قالمايدۇ.
    ئەر-ئاياللارنىڭ قاراپ تۇرۇپلا بىر-بىرنى ئالداش قىلمىشلىرى بالىلارنى ئۆزىدىن ئۆتكەن سەۋەنلىكلەرگە ئىگە بولماسلىقتەك مەسئۇليەتسىزلەرچە ئىش تۇتۇشقا ئۈندىمەي قالمايدۇ.
    ئىشقىلىپ، چوڭلاردا كۆرۈلۋاتقان ھەربىر غەيرىيلىك بالىلار ئۈچۈن بىر جەلىپكار چېكىملىكتۇر.
    بىزدە «ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چالا قۇيرۇق» دەيدىغان گەپ بار، ئاتا-ئانىلاردىكى، ئۇرۇق-تۇغقانلاردىكى ئاتالمىش ئىلمىيلىشىشلار، زامانىۋىلىشسىش، ئۆزگىچىلىشىش. . . . . بالىلارنىڭ ۋۇجۇدىغا ئۆزلۈكسىز، ئۈنسىز رەۋىشتە سىڭىپ، ئىش-ھەركىتىدە ئەكىس ئېتىدۇ. بالىلار كەلگۈسىنىڭ سۈزۈك ئاسمىنى. ئەگەر چوڭلار يېقىلغۇ قۇرۇلمىسىغا دىققەت قىلماي، ئوچاقنىڭ قەيىرىدىن چاتاق چىقىۋاتقانلىقىغا كۆڭۈل بۆلمەي ئىسسىنىشقىلا ئەھمىيەت بەرسە، بۇ ئاسمان ئىس-تۈتەكلەر دەستىدىن كۆرگىلى بولمايدىغان بولۇپ كېتىدۇ.
    بىز شۇنداق قارايمىز:سۈنئىي نەرسىلەرنى يەپ، سۈنئىي ئىشلار بىلەن شوغۇللانغۇچىلار چىن ھېسىياتتىن، گۈزەل پەزىلەتتىن، ھەقىقىي بەختتىن ئايرىلىپ قالغۇچى بىچارىلەردۇر ھەمدە ئەۋلادلارنىڭ دۈشمىنىدۇر.
    ماشىنىنىڭ پۈتۈنلەي كاردىن چىققىنىغا قارىغاندا، مەلۇم بىر زاپچىسىدىن چىققان چاتاقنى ئوڭلاش ئاسان بولغىنىدەك، بىز تەبئىيلىكىمىزنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ سۇلياۋ ئادەملەرگە ئايلىنىپ كېتىشتىن بۇرۇنراق ئەسلىمىزنى تېپىۋالساق ياخشى بولاتتى!
    بىز ھېلىمۇ تەبىئەتكە قايتىساق، تەبىئەتنى سۆيسەك، تەبئىي ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولساق، ھېسىياتىمىز ساختىلاشمايدۇ. روھىمىز بۇلغانمايدۇ، ئېتىقادىمىز يىگىلىمەيدۇ. بەلكى، ئارزۇ-ئارمانلىرىمىز چېچەكلەيدۇ. ئەۋلادىلىرىمىز چىن تۆمۈر باتۇرغا، سادىر پالۋانغا، نۇزۇگۇمغا، ئاماننىساخانغا ئايلىنالايدۇ. قىسقىسى، پەرزەنتلەر تەرەققىياتىنىڭ بىھۇدە قۇربانلىقىغا ئايلىنىش ھالاكىتىدىن قۇتۇلالايدۇ!

مەنبە: جۇڭگو مىللەتلىرى (2007-يىللىق4-سانى) دىن ئېلىندى.

ئىشككە ئوڭلاپ مىنەلمەي تۇرۇپ، دۇلدۇلغا ئىسىلما ئۆزۈڭنى ئۇرۇپ. ھەر ئىشنىڭ يولى بار ئۆگىنش ئاتلىق، بۇيولسىز زورۇقساڭ تۈگەيسەن قۇرۇپ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2353
يازما سانى: 226
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13728
تۆھپە نۇمۇرى: 322
توردا: 7354 سائەت
تىزىم: 2010-6-9
ئاخىرقى: 2012-2-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-14 03:36:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەركىم بۇ دۇنيادا ئۆزىنىڭ قىلغان ئەمەللىرى بىلەن قىيامەتتە جاۋابىنى بىرىدۇ،

تارىخ ھەممىگە گۇۋاھچى بولۇپ  بىرەلەيدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15932
يازما سانى: 288
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13542
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 488 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-14 03:48:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۈنىمىزدە ئۆزىمىزىنىڭ مىللى خاسلىقىنى، مەدەنىيىتىمىزنى  باللىرىمىزغا سىڭدۇرۈش ئۈچۈن قوللانغان ئۇسۇل چارىلىرىمىز  ئاتالىمىش ئەركىنلىك، دىمكۇراتىيە شۇئارچىلىرى تەرپىدىن قارا قۇيۇق خوراپاتلىق، مەتولۇق ھىساپلىنىدىغان، بۇ خىل ئۇسۇللار ئەكسىنچە باللارنىڭ ئەركىن بۇلۇشىغا ، تەپەككۇر ئىقتىدارىغا چوڭ توسالغۇ بۇلۇپ،  كىين يارىماس، دۆت ئادەم بۇپ قېلىشىنىڭ سەۋەپچىسى قىلىپ كۆرستىلۋاتىدۇ.
دۇنيا رەزىل دەيمىز، ئەمىلىيەتتە دۇنيا رەزىل ئەمەس دۇنيادا ياشاۋاتقان بىز رەزىل

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36104
يازما سانى: 1467
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8893
تۆھپە نۇمۇرى: 164
توردا: 3359 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2011-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-14 07:03:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىلۋىزۇر چىققاندىن بىرى باللىرىمىز كۈندىن كۈنگە «ئەقىللىق»لىشىپ كىتىۋاتقان مۇشۇنداق بىر ۋاقىتتا تۇغۇلغان باللارنىڭ كىچىككىنە تۇرۇپ مۇھاببەتلىششىلىرىگە، جىنسى ئاڭنىڭ قۇرامىغا يەتمەي تۇرۇپ يىتىلىشىگە قاراپ ئادەمنىڭ كىيىنكى ئەۋلاتلارغا نىسبەتەن ھىچقانداق ئۈمۈت قالمىدى دىسەك ئاشۇرۋەتكەنلىك بولماس. بىراق ئۆز خاسلىقىمىزنى ۋە مىللى ئۆرىپ ئادەتلىرىمىزنى خۇراپاتلىق دەپ قاراۋاتقان ئەشۇ ئىنسانلارنىڭ بىركۈنى يىغلاپ قالىدىغانلىقى ھەقىقەت.

ۋاقىت! قەدىمىڭنى

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22604
يازما سانى: 661
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5471
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 4594 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-14 07:11:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمە دىگەن توغرا گەپلەر! مەنمۇ ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇپ ئىشقا بېرىشتىن ئاۋال گىرىم قىلىشنى ئويلىسام شۇنداق بېشىم ئاغىرىيدىغان بولۇپ قالدى!
يۈزىمىزنى پاكىز يۇيۇپلا ئىشقا ماڭساق نىمە دىگەن ياخشى -ھە! ۋاقىتمۇ تىجىلىدۇ، بىچارە يۈزلىرىمىزمۇ ئارام تېپىپ قالاتتى!

ئاپىلىرىمىزنىڭ يۈزىدە قورۇق يوق، بىزنىڭ يۈزىمىزگە پەيدا بولغىلىۋاتىدۇ! بۇلارنىڭ ھەممىسى سۇنئىلىكنى قوغلاشقاننىڭ كاساپىتى! ھەيييييييي!

بەخىت ئۇ ئەتىراپىڭىزدىلا، ئەمما ئۇنى ھېس قىلالىشىڭىزدا!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6379
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5149
تۆھپە نۇمۇرى: 257
توردا: 479 سائەت
تىزىم: 2010-8-14
ئاخىرقى: 2012-1-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-14 07:26:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللە رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم،بۇ ھەقىقەتەن بىر ياخشى گەپ بۇلۇپتۇ...!!!

تالاي يىللار چۈمۆلىگەقۇلداربولدۇق، قۇلدارلىقتىن ئېشىپ ئەمدى ساپان بولدۇق. ۋاي ھالىمىز ئىككى ناننىڭ بىرىنى داپ چالدۇق، داپقا تۈگىدى نان ھەممىسى ئەمدى ئاچ قالدۇق.
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43270
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 209
تۆھپە نۇمۇرى: 1
توردا: 134 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2011-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-14 08:31:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

غەيرەتتىن قالما

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 530
يازما سانى: 889
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1235
تۆھپە نۇمۇرى: 441
توردا: 5642 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-14 08:50:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

6قەۋەتتىكى(bay000011) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالد

مەنمۇ سىزدەك ھىسىياتتا قېرىندىشىم.

دوستقا زار، دۈشمەنگە خار، نامەرىتكە ئىنتىزار بولما..!

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5635
يازما سانى: 521
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7299
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 3199 سائەت
تىزىم: 2010-8-5
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-14 08:59:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزدىكى تەبىئلىكتىن سۆز ئىچىش تولىمۇ تەس.

مەن پەقەت چۇشتىكى ئاققۇ خالاس، ھەرگىز رىئالىق ئەمەس

تۈمەن ئۆركىشى

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5555
يازما سانى: 1660
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14065
تۆھپە نۇمۇرى: 1083
توردا: 9755 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-14 09:32:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىنجاڭ مەدەنىيتى ژورنىلىنىڭ ئەسكەرتىشى بۇيىچە ،ئۇ ژورنالنىڭ ماقالىسىنى تورغا چىقىرىشقا بولمايىتتى ...

ھايات ـ كۆرەش دىمەكتۇر ! غەلبە ئۇيۇشقانلارغا مەنسۇپ ،ئۈمىد بىلەن ياشاڭ .

ئاللاھ &nbs

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37445
يازما سانى: 1105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : -1
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2011-4-13
ئاخىرقى: 2011-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-15 11:25:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتا ئانا بالىنىڭ تۇنجى ئوقۇتقۇچىسى . ئاتا ئانىنىڭ  بۇلۇپمۇ ئانىنىڭ بالىغا بىرىدىغان تەسىرى چوڭ . بىز ئانىلار كىچىك ئىشلاردىمۇ بالىمىزغا ئۈلگە بۇلىشىمىز كىرەك .

قالغان ئۆمرۈمنى ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش بىلەن بىرگە ، يولدىشىمنى رازى قىلىپ . ئۈچ ئوغلۇمنى ئىسلام قائىدىسى بۇيىچە تەربىيلەپ، ئاتا_ئانامنىڭ ئۈمۈدىنى ئاقلىسام دەيمەن . ئۇلۇغ ئاللاھ نىيىتىمگە يەتكۈزگەي.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40939
يازما سانى: 195
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1018
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2044 سائەت
تىزىم: 2011-5-16
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-15 12:05:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چـﻪتئـﻪللىك بىر پىرىنسىپى بار، سـﻪن نېمـﻪ دېسـﻪڭ دەۋەرگىن، ﺋﻪمما مـﻪن ئانچـﻪ قوشۇلۇپ كـﻪتمـﻪسلىكىم مۇمكىن. دەيدىغان!  دېمـﻪكچىمـﻪنكى ؛ خـﻪق بالىلىرىمىزنى نېمـﻪ دېسـﻪ دېسۇن، ئائىلىدە ئۆزىمىز ھـﻪقىقىي يوسۇندا تـﻪربىيلىۋالايلى!

ئىنسان ئاللاھ ئالدىدىلا قۇل، بەندە ئالدىدا ھەممە ئوخشاش...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش