مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 8606|ئىنكاس: 104

سەھرادىكى جەننەت-سەھرا بازىرى  (سۈرەتلىك ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41067
يازما سانى: 491
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 8227
تۆھپە نۇمۇرى: 1188
توردا: 1614 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2015-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-14 01:59:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سەھرادىكى جەننەت-سەھرا بازىرى  (سۈرەتلىك )
سەھرا ،خۇددى ماي بۇياق رەسىمدەك سېنى جەلىپ قىلىدۇ، يىراقتىكى دۆۋلىشىپ تۇرغان ئاپئاق بۇلۇتلارغىچە سۇزۇلغان دېھقان ئېتىزىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى سەھرانىڭ چىغىر يۇلىدا ئاستا ماڭغىنىڭدا، سېنى يول بۇيىدىكى ھەرخىل ياۋا گۈللەر ئۈستىدە ئۇسۇل ئويناۋاتقان رەڭداركىپىنەكلەر قارشى ئالىدۇ، ئۇتەرىپىگە كۆزيەتكۈسىز ئېتىزلىقتىكى جۈپ-جۈپ بۇلۇپ ناخشىلارنى توۋلاپ ئەمگەك قىلىۋاتقان دېھقان ياشلارنىڭ ئۇپىراپ پارقىراپ كەتكەن كەتمىنىنىڭ بىسى قۇياش نۇرىدا « يالىت-يۇلىت» قىلىپ چاقنايدۇ. چىغىريولنىڭ يەنە بىرتەرىپىگە كۆزيەتمەيدۇ، چىغىريول ئەگرى-بۈگرى سۇزۇلۇپ يىراقتىكى ئۇپۇقتا غايىپ بۇلىدۇ. شۇتاپتا چىغىريولنى بويلاپ ئالدى تەرەپتىن بىرئىشەك ھارۋىسى پەيدا بولدى. سەن ھاياجان بىلەن قۇلۇڭنى كۈزۈڭگە سايىۋەن قىلىپ قارىدىڭ، ئىشەك ھارۋىسى ئاخىرى ئالدىڭدىن ئۆتتى. ئىشەكنى يىتىلەپ كەلگەن سەھرا قىزى- ئون سەككىزلەرنىڭ قارىسىنى ئالغان، دېڭىزرەك گارمۇن يۇپكىسى ئۇشۇقىغىچە كەلگەن قىز، كۈزىگىچە چۈشۈرۋالغان دېڭىزرەڭ گازياغلىقىنى سەل كۈتۈرۈپ،ئوڭ قۇلىنى كۆكسىگە ئېلىپ ساڭا ھېيىقىپقىنا سالام قىلدى.قىزنىڭ مەڭزى ئانارنىڭ دانىسىنى ئەسلەتتى. «ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام سىڭلىم، سەپەر قاياققا» دەيسەن قىزنىڭ ھۈركىگەن كىيىكتەك ئىپپەت-ھايالىق كۆزلىرىگە قاراپ. « بازارغا،ئاكا» دەيدۇقىز. سەن شۇندىلا سەھرانىڭ بازىرىنى ئەسكە ئالىسەن.«سەھرانىڭ بازىرى قانداقراق كىنە؟ »دەيسەن قىزىقىپ.« راسىت، بىللە كۈرۈپ كېلەيلىمۇ؟،قېنى، بۇ «پاپىدا» غاچقىۋېلىڭ»  دەيدۇقىز. سەن سەھرانىڭ بازىرىدىن تۈۋەندىكى مەنزىرىلەرنى: سەھرادىكى ساپدىل، ئاددى كەلگەن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىڭنى كۈرۈپ، سەھرانى كۆرمەي ئۈتۈپ كەتكەن ئۆمرىڭگە ئېچىنىسەن. سەھرادىن كۈرۈدىغىنىڭ بۇلا ئەمەس، بۇيەردىن سەن ئەرلەردىكى ئاقكۈڭۈل- دوستانىلىقنى، مەرت-مەردانىلىقنى، ئۇچۇق-يۇرۇقلۇقنى، نامراتلىق ئىچىدىكى سېخىلىقنى كۆرسەڭ، ئاياللاردىكى گىرىمسىز تەبىئى گۈزەللىكنى، شەرمى-ھايانى، ئىپپەت-نۇمۇسنى، ساددىلىق ئىچىدىكى ئەقىل-پاراسەتنى كۈرىسەن. بۇيەردە كاززاپ- مۇتىھەم يىگىتلەر يوق، ئۇيەر-بۇيىرىنى ئۇچۇق قۇيىدىغان كىيىملەرنى كىيىشكە ئامراق قىز-چوكانلاريوق، ھالال كۈچى تۇرۇپ، بىراۋغا تەمەگەرلىك بىلەن باقىدىغان بۇۋاي-مۇمايلارنى كۆرمەيسەن. ھەئە ، سەھرا سېنىڭ ۋە مېنىڭ ئانام،  چۈنكى سەھرا ئانىغا ئوخشاش مېھنىتى كەڭرى، بەقۇۋۋەت. سەھرا ھەممىمىزنىڭ دادىسى، چۈنكى بىزنى سەھرا بېقىپ چوڭ قىلدى. سەھرانىڭ ھەربىر تال گىياھسى بىرتۇتىيا، ھەربىر چىمدىم تۇپىسى ئىپارئەنبەر، ھەربىرتېمىم سۈيى شىپائى زەم-زەم. سەھرانى كۆر، سەھرانى بىل، سەھرانى سۆي، سەھراغاكۆي .
مەنبە: ئۈزۈم  .   (سۈرەتلەرنى ئىنتىرنېت تورىدىن يىغىلدى)
توۋا،تۇخۇنىڭ چىشى يوق ئىكەن.

بىزنى «قوشماق سىكىلەك» دىيىشىدۇمەھەللىدىكىلەرمۇ قىزىق خەق جۇمۇ.

مۇزاي، قۇلىڭىڭنى سۇزاي.

بۇبازار بازار بولغان كۈنى مەن خۇرجۇننى مۈرەمگە سېلىپ، نېمە ئۈچۈندۇر خوشلىقتىن بىركۈن كەچكىچە بازار ئايلانغانىدىم. يىگىتلىك دېگەن ئەجەپ-ھە.

بىركويچەنلىك لەڭپۇڭ ئىچمىسىڭىز بازارغا كەلگەندەك بولمايسىز.

ئون سەككىزگە كىرگەن قىزنىڭ خىيال قۇشلىرى نەلەردە قانات قېقىپ يۈرۈيدىكىن؟ئاستاگەپ قىلىڭ، قىزنى ھۈركۈتۈپ قويمايلى.

چوڭ بولسام ماشىنا ئېلىپ ھەيدەيمەن، ئەمما ھازىرچە ئىشەككە مىنىپ تۇراي.

تىجارەتتىن بەختىنى تاپقان بىرجۈپ قىز-يىگىتنىڭ كۆزلىرى شۇتاپتا نېمىگىدۇر تىكىلگەن ئىدى، ئۇلار نېمىنى كۆردىكىنە؟

ئەر: ياش چاغلىرىمىز ئىدى،بۇخۇتۇن مېنىڭ كەتمىنىمگە ئاشىق بولغان. ئايال: بۇئادەم مېنىڭ كەشتەتىكىش ھۈنىرىمگە ئاشىق بولغان. ياشچاغلار قالتىس-ھە.

نامرات بولساممۇ كۆڭلۈم توق.

داداڭ بازار، ئاناڭ بازار. ئەركەك پاقلاننىڭ گۈشىدە ئەتكەن كاۋاپتىن بىرزىخ قۇيايمۇ؟

سەھراقىزى، ئۈزۈڭ ئوماق بىرگۈل، قېنى دەپ باقە، بۇئىقلىمدا ئۇيغۇرقىزىدىنمۇ گۈزەل قىز بارمىكىنە؟ ياق، بىزخەقنىڭ باللىرى شۇنداق چىرايلىق.

بۇيەر بىزئۈچۈن جەننەت، بۇيەر بىزنى بېقىپ چوڭ قىلدى، يەنە ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ رىزقىنى كەڭرى قىلماقتا.

ئىھ،سەھرا، سىنىڭ قوينۇڭدا ئەۋلاتمۇئەۋلات ياشاپ كەلدۇق. قۇزام، سەھرادا تۇغۇلغىنىڭ ئۈچۈن پەخىرلەن. سەھراقىزلىرى-ئۇ پانىدىكى ھۆرپەرىلەر.

ئىسىمىم ئىپارقىز، پايپاق كىيمىگەن پۇتۇمغىلا قارىۋالماڭ، ئېتىزدىن كىرگەن ئادەم شۇنداق بۇلىدۇ. بۇئېتىزدىن چىققان ئاشلىق سىلەر شەھەرلىكلەرنى باقىدۇ.

تارىخ، سەن ئەجداتنى ئەۋلاتقا ئۇلايسەن، بۇۋاي ئەجدات، نەۋرە ئەۋلات ئەمەسمۇ. نەۋرە بۇۋايدىن ئەجداتلىرى توغرىسىدا نۇرغۇن رىۋايەتلەرنى ئاڭلىدى،ئەجداتلىرىنىڭ سەلتەنەتىدىن ھەيران قالدى. بۇۋاي، ئەجدانىڭ توغرىسىدابىلگىنىڭنى نەۋرەڭدىن ئايىما، بولمىسا نەۋرەڭ ئەڭ بىچارە ئادەم بوپ قالىدۇ.

شارائىت شۇنداق بولغاندىكىن، ھويلىمىزدىكى قېرى ئۈژمەئاستىغىلا داستىخان سالدىم.

بۇۋاينىڭ جىڭلاۋاتقىنى ئادالەت،ئادىللىق، بۇۋاينىڭ قۇلىدىكىسى ھەق-ناھەقنىڭ تارازىسى، ئۇ تارىخنىڭ نۇرغۇن سىناقلىرىدىن ئۆتكەن نەرسە.

تۇرباسۈيى دەمسىز؟ بىزنىڭ سەھرادا ئۇ نېمە قىلسۇن. ماۋۇ سۇنى بىلمەيدىكەنسىز-دە. قۇدۇقتىن چىقىدىغىنى ئەجداتلارنى ئەقىل-پاراسىتى، زەم-زەم سۇنىڭ ئۈزى بۇ. بىز نەچچەئەۋلات مۇشۇ قۇدۇقتىن سۇئىچىپ كەلدۇق، بۇنى ھىساپلاپ باقماپتىمىز.

بۇقىزلار نېمەئۈچۈندۇر ئاپتۇرنىڭ كۈزىگە شۇنداق گۈزەل،شۇقەدەر ئوماق كۈرۈنىدۇ. ئۇلارنىڭ خىزمەت ئورنى يوق ئەمما ئۇلار بايلىققا قۇل ئەمەس، ئۇلار ئېتىزدا ئەرلەرگە ئوخشاش ئشىلەيدۇ، ئەمما ئۇلارغۇنچىدەك زىبا، ئۇلارنىڭ ياشلىقى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، ئەمما ئۇلار ياشلىقتىكى قۇلاق كەستى ھىسياتقا مالاي ئەمەس، ئۇلار شۇنداق شەرمى ھايالىق، ئىپپەت-غۇرۇرلۇق. ئۇلار ھەقىقى ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ۋەكىلى. ئىمان-ئىتىقات ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ بايلىقى.

تۇرمۇشنىڭ ئىس-بۇسلىرى دېھقان ئاياللىرىنىڭ تەبىئى ھۆسنىنى ئەسلا بۇزالمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ھالال بىلەن سىزگەنىمە تەييارلايدۇ.

دېھقاننىڭ قۇلىدىن چىقىدىغىنى يالغۇز بۇ لا ئەمەس، يەنە ھالا-مېھنەت ۋەپاكىزيىمەكلىك.چۈنكى دېھقاننىڭ نېمىتىدە شەك يوق.

بۇۋاي تارىخنىڭ شاھىدى، ئۇ كۈزىدىكى ئەينەك بىلەن جاھاندىكى ھەممە ئىشنى- ھالال بىلەن ھارامنى، پاكىز بىلەن پاسىقنى، ھەق ۋە ناھەقنى... ھەممە نەرسىنى ئۇچۇق كۈرۈپ تۇرغۇچىدۇر. ئويلاپ بېقىڭچۇ، بۇجاھاننىڭ سورىقى يوقمۇ؟ بىركۈنلەردە سىز بۇجاھاننىڭ ئىشلىرى ئۈچۈن جاۋاپ بىرىدىغان يەرنىڭ بارلىقىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ. مانا بۇ بۇۋاينىڭ سىزگە دېمەكچى بولغىنى. توغرىمۇ؟

ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرى ئارسال بولدى، يىگىت ھۈنىرىنىڭ مېغىزىنى چاقتى. شۇنىڭ ئۈچۈن قىز بۇيىگىتكە ئاشىق، چۈنكى يىگىت يىگىتتەك ياشىماقچى ئىدى.

قىزنىڭ قۇلىدىكى كونا ژورناللارغا قىز خېرىدارلارغا لازا يۆگەت بىرەتتى. قىز ئختىيارسىزلا بۇ كونا ژورنالغا بىرىلىپ كەتتى. ئۇكونا ژورنالدىن يېڭى بىلىم ئۈگەنمەكچى، قىزنىڭ قەلبى بىلىمگە تەشنائىدى، ئەمما تۇرمۇشنىڭ ئېغىر ھارۋىسى قىزنى بالدۇرلا بىلىم يۇرتىدىن مەھرۇم قىلدى.

بۇنى ئۈزۈم دېدىڭىزما؟ ياق، شەھەرلىكلەر قىزىق ئىكەنسىلە، بۇ جەننەتتىن چىققان ئۈنچۈ-مارجان، بىز سەھرالىقلارنىڭ ھويلىمز ھامان ئۈزۈم بارىڭى بىلەن يېپىلىدۇ. مۇماينىڭ گەپلىرى قىزىق.

بۇخۇراز نەچچەئون مىڭ يىل ئىلگىرىكى دىنازاۋۇر دەمدۇ، سانتازاۋۇر دەمدۇ، شۇنداق بىرجانلىقنىڭ ئەۋلاتى. ئۇنى ئاددىلا بىر ئۆي قۇشى دېمەڭ. ئۇ تاڭدىن خەۋەربىرىدۇ، ئۇبىركۈننىڭ خەيىرلىك باشلىنىشىنى تىلەيدۇ، ئۇ بىز سەھرالىقلارغا نەچچە ئەسىر ھەمراھ بولدىكىنە؟

ئاھ دېھقان، سەن ھەقىقى مېھنەت يارىتىسەنۇ، قىلچىلىكمۇ لەززەت تاما قىلمايسەن، سەن شۇنچەسەۋرچان ھەم يۇۋاش. سېنىڭ ئىككى قۇلۇڭ بۇزىمىننى بۈگۈنكىدەك جەننەت كەبى ياشارتىۋەتتى ئەمما ئۈزۈڭ يەنەشۇ كونا ماتا دائەتكەن يىرتىق كىيىم بىلەن. ھەي مېھنەتكەش ئىنسان، شۇڭا ئۇلۇق سەن.

بىزبىرئائىلە ئۈچ ئادەم ئەتىگەن تاڭ بىلەن تەڭ بازارغا كەلگەن، سودىمىز ياخشى بولدى،ھەراسىت، بۇ ئوتياشلارنى ھويلىمىزغا تېرىپ قويغان، كىم بىلسۇن مانا بازارغا ياراپ قالسا بۇلىدۇ.

ئايال بۈگۈن نېمەئۈچۈن بازارغا كېچىكىپ قالدىكىنە؟ ئىشەك تەخىيىگە تارتىشىپ يول ئاۋۇتمىدىمۇ، ياكى مۇنۇ شاكىچىك قەغىش قىلىپ خاپا قىلغانمىدۇ؟ ياق، ئەتىگەن شودۇيجاڭ دەرۋازا قاقتى، كوللىكتىپ ئەمگەكنىڭ گېپىنى قىلىپ، چىقالمىساڭ جەرىمانە دېدى، جەرىمانىگە پۇل نەدە؟ ئەربولغان ئادەم ئوت-كاۋاپ قىزىپ يېتىپ قالغاندىكىن ئايال ئوپچى ئەمگەككە چىقتى. مۇنۇ كۆكتاتنى سېتىپ، تىۋىپتىن دۇرا ئالىدىغان ئىشمۇ بار تېخى، بالىنىڭ قەغىلىشىلىرىنى كىلەرھەپتى بىرنىمە دەرمىز.

يېزىلىقلارغا نېمە بولدىكىن، ھەممىسى شەھەرلىكلەرنى دوراپ قاپلىق تاماكا چىكىدىغان بۇلىۋالدى، موخوركا ئالىدىغانلارنىڭ تايىنى يوق، بۇۋاينى شۇڭا ئۇيقۇ باستى. بۇۋاينىڭ ياش چاغلىرىدا موخوركىنىڭ تازا ئاچچىقىنى چىكەتتى، بولمىسا خۇمارى بېسىلمايتى. بۇكەمنىڭ ياشلىرىزە، دەپ قۇيىدۇ بۇۋاي كۈلۈپ .

مەكىت ناھيىسىنىڭ يېڭى بازىرى ھەپتىنىڭ يەكشەنبەكۈنى قىزىيدۇ، تەرەپ-تەرەپتىن كەلگەن دېھقانلار ھەپتىلىك سودىسىنى قىلىپ بۇلۇپ، ئاشپۇزۇللاردىن چىكىسىدىن تەرچىقىرىپ ئولتۇرۇپ غىزالىنالمىسا بازارغاكەلگەندەك بولمايدۇ. بۇمۇدۇلانلىقلارنىڭ بازارمەدەنىيىتىنىڭ بىرقىسىمى.

رەڭدار ئۆي جازىللىرى سەھرالىقلارنىڭ ساددا رەسساملىق سەنئىتىنىڭ دالالىتى، ئۆي-ئۆيلەردە بۇھۈنەر كۆزلەرنى قاماشتۇرىدۇ. ئۇنىڭدا سىزىلغىنى دېھقان ئۈزى ئىشلەپچىقارغان قۇغۇن-تاۋۇز، سەي-كۆكتاتلىرى، بۇيەنە دېھقانلارنىڭ تەبىئەتنى ئۇلۇقلاش ئېڭى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

بازاركۈنى سەھەردىلائاشپۇزۇللاردىن «ئاللاھۇئەكبەر،ئاللاھۇئەكبەر...» دېگەن سادا بازارنى بىرئالىدۇ، سىزبۇنى چۈشۈنەرسىز؟

يىگىتنىڭ كۈتۈرۋالغىنى بىرئائىلىنىڭ يۈكى، يۈك يىگىتنىڭ قەددىنى پۈكەلمەيدۇ، چېھرىنى تۇمانغا يەم قىلىپ بىرەلمەيدۇ. يىگىت ھامان خۇشال، چۈنكى ئۇنىڭ يۈرىكىدىكى يۈكسەك ئىمان-ئىتىقاتى ئۇنىڭغاشۈكىر-قانائەت ئاتاقىلغان.

بۈگۈن سەھرابازىرىغا بىر سېرىگەركەلدى،يېزىلقىلار ئۇنىڭ ماھارىتىدىن ھەيران قالدى. «توۋا، بۇئادەمنى» دىيىشتى ئاياللار.

قىزلارنىڭ يۈزىدەك چىرايلىق بۇيىمەكلىك پەقەت بىزنىڭ چىۋەرقۇلىمىزدىنلا پىشىپ چىقىدۇ، سەھرادا ئاتامىراس سامسىپەزلەربار. كىچىك چاغلىرىمىزدا «موللاقباينىڭ سامىسىسى» دەپ كارامەت نامى بارئىدى. سەھرالىقلار ئۆيدە قالغان باللىرىغا مۇشۇ سامسىلاردىن بىرنەچچىنى ئېلىۋالىدۇ، بولمىسا بالىلار چوڭلارنىڭ قۇلىغا قاراپ قالىدۇ-دە.

قىز ئەتىگەندىلا «ياش-ئۆسمۈلەر سارىيى» غائەمەس، بەلكى بازارغا بارىدىغان ئىشەك ھارۋىسىغا چىقىۋالدى، بۈگۈن دادىسىغا كۆكتات سېتىشىپ بىرىدۇ. دادىسى كۆكتات ساتقان پۇلغا قىزغا چىرايلىق بىر قەلەم قۇتىسى ئېلىپ بەرمەكچى بولغان، سىنىپتا ھەممىسىنىڭ بار، پەقەت مۇشۇ قىزنىڭلا يوق، كىچىك بالىنىڭ كۆڭلى تېخى بەك نازۇك-دە. قىزشۇنىڭ ئۈچۈن خۇشال.دېھقان بالىسى بۇلۇش شۇنداق تەس، ئەمما شۇنداق كۈڭۈللۈك، قىزنىڭ ھەرگىزمۇ دېھقان بالىسى بولغىنىدىن ئۆكۈنگەن ئەمەس. قارىڭە، قىزنىڭ ئوماق ۋە سەبى چېھرىگە، كىشىنىڭ شۇنداق ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدۇ. ئۇنىڭ كۆزلىرى شۇتاپتا نېمىگە تىكىلدىكىنە؟ ھەئە، قىزنىڭ كۈزى بەختكە، خۇشال ئەتىگە، مېرى ئىسسىق دېھقان تۇرمۇشىغا تىكىلگەن ئىدى.

شۇنداق، سەھرالىقلار سىزگە قاراۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن نېمىنى ھېس قىلدىڭىز؟ ياكى ھېچنىمىنى ئويلىمايلا ئۈتۈپ كەتمەكچىمۇسىز؟ ياق، ئۇلارنىڭ كۈتۈرۋالغىنى دەررە-دەررە سامساق ئەمەس، مۇشتۇمدەك بالىلارنىڭ زىممىسىگە چۈشكەن بىرئائىلىنىڭ ئېغىر يۈكى، ئۇلار كىچىك تۇرۇپلا تۇرمۇشنىڭ ئېغىر ھارۋىسىنى كاداڭلاردا سۆرەشكە باشلىدى، چۈنكى زىممىسىدە ئېغىر بىر يۈك بارئىدى.

قىزىل گۈلۈم، كەل، پۇرىۋالاي. ياق، ساڭادەيدىغان يەنە بىرئېغىزلا سۈزۈممۇ بار، تىكەنلىرىڭگە دەپ قوي، بىچارە دېھقانلارنىڭ قوللىرىغا سانچىلمىسۇن، دېھقانلارنىڭ قۇلى يارلانمىسۇن، دىلى يارلانمىسۇ. شۇنداق قىل.

كىچىك ۋاقتىمدا بازارقىزىپ كىتىپتۇ دېسە، بازارغا بارسام تەرلەپ كىتىمەن، كىيىمىمنى سېلىۋەي دەپتىكەنمەن. بازارنىڭ سوغۇقى بەك يامان.

پاقلان نەرقىگە چىقمىدىمۇ؟ نېمەئۈچۈن دېھقانغا كەلگەندە ئوڭ كەلمەيدۇ؟ مانا بۇ بىزنىڭ ئاچچىق بىلەن دەيدىغىنىمىز. ئەمما دېھقانلار ئۇنداق رەنجىپمۇ كەتمەيدۇ، ئۇلار شۇنداق شۈكرى-قانائەتچان، بۇبازار نەرقىگە چىقمىسا، كىلەر بازار يەنە بار ئەمەسمۇ، دەپ كۈلۈپلا قۇيىدۇ بۇخەق.

ھالا مېھنەت بىلەن پاك ياشاپ كەلگەن بۇ قىزغا ئاشىق بولدۇم، چۈنكى قىزدىن ئۆزكۈچىگە تايىنىپ ياشاشتەك غۇرۇر-ۋىژداننى كۆرگەن ئىدىم، قىزنىڭ ساددا كيىملىرىگە تىكىلدىم، چۈنكى قىز «مەيدىسى ئۇچۇق، كىندىكى ئۇچۇق، يۇتىسى ئۇچۇق» ھاياسىز ياسىنىشتىن يىراق ئىدى، قىزنىڭ سەبى چېھرىگە تىكىلدىم، قىزنىڭ چېھرىدە ساددا جىلۋىلا بارئىدىكى، قىز سۈنئى كۈلكىدىن مۇستەسنائىدى، قىزدىن بىرخىل ساددىلىق ئىچىدىكى تەبىئى گۈزەللىك، ئىمان-ئىتىقات، ھالال پەزىلەت، چىۋەر ھەركەت ... چىقىپ تۇراتتى. قىزنىڭ قۇلىدىكى زىختا كۈيىۋاتقىنى مېنىڭ قىزغا ئاشىق بولغان يۈرۈكۈم، يۈرۈكۈم پىژىلداپ كۆيمەكتە.

ئايال لاۋىلداپ تۇرغان تۇنۇرغا ئىڭىشتى، ئايالنىڭ تۇنۇردىن ئالغىنى ھالال مېھنەت، تېتىملىق قۇۋۋەت، چەكسىز بەرىكەت. سەھرالىقلارغا خاس چىداملىق. مۇشۇھۈنەر بىلەن ئايال ئېيىغا نەچچە يۈزسوم تاپىدۇ. ئەمما بىرسوملىق گىرىم بۇيىمى ئالالمايدۇ، ئەرزان ۋە ئاددى بىلەيزۈك سېلىپ، شۇنىڭدىن ئالەمچە خۇشاللىققا چۈمىدۇ. شەھەردىكى «رەڭلىك ئولتۇرۇش» لاردىن بىخەۋەر، شەھەردىكى ھەرخىل« قاتارچاي» لارغا ھەۋەس قىلمايدۇ، بەزى شەھەرچوكانلىرىنىڭ  ھاراق-شاراپ ئىچىپ، مەسىت-ئەلەس بۇلۇپ، نەلەردىدۇر رەسۋابۇلۇپ يۈرگىنىنى ئاڭلىسا، ياقىسىنى تۇتۇپ، « راستمۇ-يالغانمۇ؟» دەپ ھەرگىز ئىشەنمەيدۇ.

مۇماينى بۈگۈن ئېغىر غەم باستى، مۇماينىڭ تازا تاۋۇ يوق بولغاچقا، تۇقاچ سۇپۇنلارنى بالدۇرراق سېتىپ، تىۋىپكە كۈرۈنۈشنى كۆڭلىگە پۈككەن ئىدى، كىم بىلسۇن، بۈگۈنكى كىشىلەر بۇ تۇقاچ سۇپۇنلارنى ئالمايتى. بۇسۇپۇنلارئەسلى شۇنداق تەبىئى بۇلۇپ، ھېچقانداق خېمىيىۋى تەركىپ قۇشۇلمىغان، پۈتۈنلەي يەرلىك ئۇسۇل بىلەنلا تەييارلانغان ئىدى. ھازىرقى كىشىلەر تەبىئى نەرسە بىلەن خۇشى يوق، سۈنئى نەرسىگە ئامراق مىكىنە؟ شۇڭىمۇ ئۇلارغا سۈنئى خۇي-مىجەزلەر سىڭىپ كىتىۋاتامدىكىنە؟ مۇماي چۇڭقۇر ئويغا چۈمگەنىدى.

ھەي ئۆچكەم، سەن ئەجەپ بەختلىك-دە، مەكتەپلەرگە كېچىكىپ قېلىشتىن ئەنسىرىمەيسەن، تۈگۈمەس تاپشۇرۇقلارنى ئىشلەيمەن دەپ جىن چىرىقى ئاستىدا بۇرنۇڭنى ئىسلاپ ئولتۇرمايسەن. مۇھىمى بالىلار بايرىمىدا مۇئەللىم يېڭى كىيىم ئالىسىلەر، دەۋاتىدۇ، سېنى سېتىپ، پۇلىنى مەكتەپكە ئۆتكۈزمەكچىمەن، بولمىسا يېڭى كىيىمنى قانداق ئالىمەن. ئەمما ساڭا يەنە شۇنداق چىدىمايمەن، چۈنكى سەن ئوغلاق ۋاقتىڭدىن تارتىپلا ئىككىمىز شۇنداق ئىجىل ئاداش ئىدۇق.

ئىشەك، نەچچە ئەسىردىن بىرى بىزگە ھەمراھ بولدىكىنە بۇجانلىق، ئېتىزلىققا ئۇغۇت ئېچىققاندا ئىشەك بار، بازارغا ماڭغاندا ئىشەك بار. يەنە ئاچچىقىمىز كەلسە زىخلاپ، ئاغزىمىزنى بۇزۇپ تىللايمىز... ئىشەك نېمە ئۈچۈن شۇنداق يارىلىپ قالغان بولغىيدى؟

دېھقاننىڭ ئېتىزغاتېرىغىنى مېھنەت، ئېتىزدىن ئالغىنى بەخت، ئۇلار ھامان مېھنەت ۋە بەخـت ئىچىدە ياشىغۇچىلار. ئەگەر سىز دېھقاننى ئۇلۇقلاشنى بىلسىڭىز، ئۇلارنىڭ مۇنۇ ئىسسىقتا سېتىلماي تۇرغان قۇغۇن-تاۋۇزلىرىدىن سېتىۋېلىڭ، سىزئۈچۈن بىرتال تاۋۇز ھېچنېمەئەمەس، ئەمما دېھقان ئۈچۈن چوڭ ئىش.

دېھقاننىڭ چېھرىدىكى كۈلكە، ئالەمنى نۇرلاندۇرىدۇ. دېھقاننىڭ كۈلكىسىسىز بۇئالەم قاراڭغۇ. بىز دېھقانغا ئازاربەرمەيلى، ئۇلارنى خارلىساق ئۈزىمىز قاراڭغۇدا قالىمىز.

ئىشەك بازىرى قىزىپ كەتكەنىدى. ئىشەك،بۇئاددى ھەم جاپاكەش مەخلۇق چەتئەللىكلەرنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلدى،ئۇلار ئىشەك بىلەن خاتىرە سۈرىتىگە چۈشتى، بەلكى ئىشەك ئۈزىنىڭ ئۇزۇن قۇلاقلىرى، ياشاڭغۇراپ تۇرغان كۆزلىرى بىلەن ئۇلارنى تەسىرلەندۈرگەندۇ.

ئاھ ئۇيغۇر باللىرى، سېنىڭ بەختىڭ ئالەمنىڭ بەختى، سىنىڭ كەلگۈسىڭ ئەلەمنىڭ كېلەچىكى. ئوماق بالىلار پەقەت بىزنىڭ ئىچىمىزدىنلا تېپىلدۇ، تۈرۈك قەۋىمىنىڭ ئىرسىيىتى سېنى ئالەمگە تەۋەللۇت قىلدى، ساڭا ياراتقان ئىگىسى ئىمان ۋە ئىنساپ ئاتاقىلسۇن.ساڭا كۆزتەگمىسۇن.ئاناڭ نېمىشقا كۆزمونچاق ئېسىپ قويمىدىكىنە؟

بۇۋايلار ،پەرىشتەسۈپەت بۇۋايلار، ھاياتنىڭ ئېغىر ھارۋىسى سېنى بۈگۈن يەنە بازارغا ئېلىپ كەلدى، بولمىسا، سېنىڭ ھېلىقى ئامراق نەۋرەڭ قۇچىقىڭدا سېنىڭ كۈمۈش مەشۇتتەك ساقىللىرىڭنى ئويناڭ سەن ئېيتىپ بەرگەن « چىن تۈمۈر باتۇر» نىڭ چۈچىكىنى ئاڭلايتى ئەمەسمۇ؟

بۇئۇغۇل مۇماينىڭ نەۋرىسى ئىكەن، دەۋاتقانسىز؟ سىزمۇ خاتالىشىدىكەنسىز-دە. بۇلار ئانا-بالا ئىككىيلەن، ئۇلار بۈگۈن بازارغا كەلدى. شۇنداق، ئايالنى قىرىق ياشلارغا كىرمەي تۇرۇپلا ئېتىز-ئېرىقنىڭ تۈگۈمەس جاپالىرى ماناشۇنداق « مۇماي» قىلىۋەتتى. ئۇلارمۇ چىرايلىق بۇلۇشقا لايىق ئىدى، ئۇلار ئۈزى بۇگۈزەل دۇنيانى ياراتتى-يۇ، ئەممە يۈزلىرىنى شامال يالاپ، ئاپتاپتا كۈيۈپ مىس چىراي بوپكەتتى.

قىزلار نېمىگە قارايدىكىنە؟ ئۇلارنىڭ نۇرلۇق چېھرى تۇتۇلۇپ قاپتۇ، ئۇلار چۇقۇم قونچاق غەلىۋىسى قىلغىلى تۇردى. قىزلارنىڭ ئانىسى خامان ئېلىپ بۇلالمىدى تېخى، شۇڭا ئۇلارغا ۋاقتىنچە قونچاق ئېلىپ بىرەلمەيدۇ.

تۇخۇمچى ئايال، ئۈزى يىمەي-كىيمەي يىغقان تۇخۇملىرىنى سەھرانىڭ كالتە بازىرىدا پۇل قىلماقچى،ئەلبەتتە مېھنەت قىلىپ تۇتۇپ كېلىۋاتقان ئۈيى ۋە باللىرى ئۈچۈن-دە. ئۇلار ھامان شۇنداق ئۈزىنى ئويلىمايتى.

يەنەشۇئوماق قىزلار،خۇددى پارلاپ چىققان يېڭى قۇياشنىڭ ئۈزى، خۇددى ئاسماندىن چۈشكەن ھۆر-پەرىلەرنىڭ سەردارى.

ئۇلاغ بازىرى يېڭىبازارنىڭ بىربۈرجىكىگە جايلاشقان بىلەن، شۇتاپتا ئوتتەك قىزىپ كەتكەنىدى.ئايال شۇنچە ئولتۇردى، ئەمما خېرىدارلار ئايال بىلەن سودىلىششىتىن يالتىيىپلا تۇراتتى. ئايال ئۆزقۇلى بىلەن قۇناق بىرىپ بېقىپ كېلىۋاتقان بۇ ئۇلاغلارنى سېتىشقا ئەسلا قيمايتى، ئەمما ئەترەتنىڭ جەرىمانىسىنى بەرمەي قۇتۇلۇش مۇمكىنمۇ؟

ئانا نېمە كرىۋاتىدىكىن، قۇچاقتىكى بالا بۇلاردىن بىخەۋەر. مانا ھايات، قۇچاقتىكى بالا چوڭ بولغاندا بۇگۈنكى بۇ بازار كۈنىنى ئىسىگە ئالالماسلىقى چۇقۇم.

تۇنۇردىن پىشىپ چىققىنى ئەجىر-مېھنەت، ھالال تەربەدىلىگە كەلگەن نىمەت. ئەمما تۇنۇردا كۆيگىنى نەچچە ئەسىردىن بۇيان جاپا-مۇشەققەتكە كۆنگەن يۈرەك، ئاققىنى ئاچچىق تەر.

فوتوئاپاراتىنىڭ ئۈزىگە توغرىلانغىنىنى كۆرگەن قىزنىڭ بىرئاز نارازىلىقى قوزغالدى. شۇئەمەسمۇ، سىزنىڭ ئاپارات بىلەن تارتىۋالىغىنىڭىز قىزنىڭ گۈزەل سىماسىلا ئەمەس. قىزداۋراڭسىز ياشاشنى ئەڭ ئەۋزەل بىلەتتى.

كەچ بازارمۇ سەھرالىقلارنىڭ خۇشاللىقى، ئۇلار كەچ بازار بىلەن ئۈزىنىڭ بۈگۈنكى بىركۈنلۈك ئەجىرىنى خۇلاسىلايدۇ. ئەمما ئاۋۇ قىز ئۆيدە مۇئەللىم بەرگەن تاپشۇرۇقلارنى ئىشلىسە بۇلاتتى.

كىچىك پەرىشتەم، قۇلاق سال، سەن مۇشۇ بازاردىكى پۈتۈن گۈزەللىكنىڭ مۇجەسسەملىشىشى، سەن مۇشۇ بازاردىكى ئىمان-ئىتىقاتلىق قېرىنداشلىرىڭنىڭ سىموۋلى، سېنى ئىپپەت-دىيانەتلىك باققان ئاناڭغا رەھمەت، ساڭائىمان- ئىتىقات يەتكۈزگەن داداڭغا رەھمەت. ساغلام چوڭ بولغىن پەرىشتەم.

بۇيىل قاپاق پۇل بولدى. شەھەرلىكلەرنىڭ« قاپاق پۇل ئەمەس، باراڭ پۇل» دېگەنلىرى بىكار بولدى. ھاياتتىكى نۇرغۇن نەرسىلەر شۇنداق ئۆزگۈرۈپ تۇرىدۇ. مۇنۇ ساددا سەھراقىزنىڭ كېلەچىكىمۇ ئاتا-ئانىسىنىڭكىگە قارىغاندا ئۆزگۈرەرمۇ؟

ھايات ھارۋىسى قېرى-ياش دېمەيدىكەن. غۇنانداك ئۇغۇلدىن ئۈچى، ساھىپجامالدەك قىزدىن ئىككىنى باققانىدىم، ئاخىردا يەنە ئۈزۈم يالغۇز قاپتىكەن، قىز-ئۇغۇللىرىم ئۆيلۈك0ئۇچاقلىق بۇلۇپلا مەندەك بىر قېرىنىڭ بۇجاھاندا بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالدى.

سەھرا بازىرىنى كۆرگەن ھەربىر كىشىنىڭ يۈرىكىگە بىرئوت تۇتىشىدۇ. سەھرا بىزنىڭ تۈۋرۈكىمىز، ئۇيەردە بىزنىڭ كىندىك قېنىمىز تۈكۈلگەن بىرتۇپراق بار. ئۇيەردە ھېچبىرمېھنەتسىز ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزبار.ئۇيەردە كۆك ئاسمان ۋە يىشىل دالابار،ئۇيەر پەرىشتىلەر ماكانى.


ھازىرغىچە 10 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
kvlkez + 100
esil@yasha + 1
kulpat + 11
yaprah0999 + 100 قېرىندىشىم ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت.
sahipjamal + 100 بەك ئىسىل تىما ئىكەن ئەجرىڭىز گەرەخم
پالۋان + 200 نادىر
SaN_Siz + 50 ساقلاپ قۇيۇشقا ئەرزۈگۈدەك رەسسملەر...
ishench + 12
زامانى + 555 مۇقەددەس جەننەت ماكانىمىز ھە
kasami + 55 بەك ئىسىل ئىكەن.

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 1184   باھا خاتىرىسى

9-bulak بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-14 03:01:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئاللاھ &nbs

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37445
يازما سانى: 1535
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3000
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2011-4-13
ئاخىرقى: 2011-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-14 03:22:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ رەسىملەرنىڭ ئارىسىغا  بىزنىڭ يورتلارمۇ كىرىۋاپتۇ . نىمىدىگەن تەبىئي مەنزىرلەر بۇ .

قالغان ئۆمرۈمنى ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش بىلەن بىرگە ، يولدىشىمنى رازى قىلىپ . ئۈچ ئوغلۇمنى ئىسلام قائىدىسى بۇيىچە تەربىيلەپ، ئاتا_ئانامنىڭ ئۈمۈدىنى ئاقلىسام دەيمەن . ئۇلۇغ ئاللاھ نىيىتىمگە يەتكۈزگەي.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8610
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8197
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 7313 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2013-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-14 03:35:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى  يوللاپسز   رەخمەت  بەك تەسىرلىك چىقىپتۇ  

ىقىقىقىقىق

http://www.dolanlik.com

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7539
يازما سانى: 773
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11720
تۆھپە نۇمۇرى: 1085
توردا: 11506 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2015-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-14 07:03:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت.

سەھرايى-تارىم

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2051
يازما سانى: 557
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11459
تۆھپە نۇمۇرى: 803
توردا: 3125 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-14 07:32:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماۋۇ سۈرەتكە خاتا چۈشەنچە بېرىپسىز.
بۇ كېريە ناھيىسىنىڭ دەريا بويى يېزىسى،ئۇلار ھويلىدا ئەمەس بەلكى ئۆينىڭ ئىچىدە كۆمەچ كۆمىۋاتىدۇ.....ئۇ يەردە ئۈژمە يوق بەلكى توغراق ،يۇلغۇن ۋە ئۇيغۇرلا بار


ئاتايمۇ؟~~~ دىدى خوجىنىياز پالگان...
   ئات~~~~~ دىدى تۆمۈر خەلپە...

ئەقلىمىزنى ھىسياتىمىزنىڭ ئۈستى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36742
يازما سانى: 779
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6719
تۆھپە نۇمۇرى: 305
توردا: 1252 سائەت
تىزىم: 2011-4-7
ئاخىرقى: 2015-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-14 07:51:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي بۇنداق تەبئىي مەنزىرىلەر قالمىدىدە ھازىر. بىز نىڭ كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدىكى بازارغا ئوخشايدىكەن.

ئەقلىمىزنى ھىسياتىمىزنىڭ ئۈتىگە قويايلى!ياراتقۇچىمىزمۇ ئەقىل قاچىلىنىدىغان بىشىمىزنى ھىسيات قاچىلىنىدىغان يۈرەكنىڭ ئۈستىگە ياراتقان. ئىشەككە ئوڭلاپ مىنەلمەيتۇرۇپ، دۇلدۇلغا ئىسىلما ئۆزەڭنى ئۇرۇپ. ھەرئىشنىڭ يولى بار ئۈگىنىش ئاتلىق، بۇيولسىز زورۇقساڭ تۈگەيس

ئولۇمنى ھەر ۋاقى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30695
يازما سانى: 1006
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9269
تۆھپە نۇمۇرى: 2308
توردا: 2122 سائەت
تىزىم: 2011-2-17
ئاخىرقى: 2014-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-14 08:38:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ئىسىل بىر تىما يوللاپسېز ..........ئەجرىڭىزگە رەھمەت....................

تۈلكىلەرگە قارا

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11678
يازما سانى: 4466
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 84598
تۆھپە نۇمۇرى: 1745
توردا: 9973 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-14 08:39:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ ئەسەرنى نادىرلەشنى كۈچلۈك تەۋىسسىيە قىلىمەن! يوللىغۇچىغا ئالاھىدە رەھمەت!

شەرەپتۇر مەن ئۈچۈن قاقشال دەرەخ بوپ،ئەلنىڭ ئوچىقىدا تاراسلاپ كۆيۈش!پۇراقسىز ، چىرايلىق غۇنچىسىز گۈلدىن،خۇشپۇراق،كۈلگۈنچەك ياپىراقنى سۆيۈش!!
9-bulak بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-14 08:45:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش