مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4719|ئىنكاس: 35

زامان ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

دىللار پەقەت ئال

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30340
يازما سانى: 1065
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12042
تۆھپە نۇمۇرى: 3185
توردا: 7509 سائەت
تىزىم: 2011-2-14
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-13 01:02:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    




باش-ئاخىرى يوق خىياللار بىلەن تەستە كۆزۈم ئۇيقۇغا  ئىلىنىپتىكەن، تۇيۇقسىز جاراڭلىغان ئاۋازدىن چۈچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم. ئۇدۇل قوشنامنىڭ ئۆيىدىن ئەنسىز ۋاقىراش -جاقىراشلار،  ئەرنىڭمۇ،  ئايالنىڭمۇ ئاۋازىغا ئوخشىمايدىغان يىغا ئاۋازى ئاڭلاندى. سائىتىمگە قارىسام  سائەت ئىككى بوپتۇ. بىچارە چوكاننىڭ ئېرى يەنە مەس كېلىپ زوتاڭزىلىق قىلىۋېتىپتۇ -دە، ئۇرۇش تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىپ،  چىنە-قاچىلار چېقىلىشقا باشلىدى. ئېرىمنىڭمۇ ئۇيقۇسى بۇزۇلدى بولغاي،  ئېرىنچەكلىك بىلەن ئۈستەل چىرىغىنى ياندۇرۇپ سائىتىگە قارىدى ۋە:
_ تېخى كېچە ئىكەنغۇ؟  نېمە ۋاراڭ-چۇرۇڭ بۇ؟ _دېدى.
_ قوشنىمىز يەنە مەست بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ،  ئايالى بىلەن بەك سوقۇشۇپ كېتىۋاتىدۇ، چىقىپ باقامسىز-يە؟ _دېدىم ئۆتۈنۈش ئاھاڭىدا.
_ساراڭ بولۇپ قالغان ئادەم بارمۇ،  كېچىدە ھاراق ئىچىپ كېلىپ جىدەل چىقارغان ئادەمنىڭ قىدىلىنى ئايرىپ،  قۇلىقىڭىزنى چىڭ يۇپۇرۇپ ئۇخلىڭە،_دېدى-دە، قايتىدىن ئۇيقۇغا كەتتى.
_ ئىككىمىزنىڭ ئوخشىمايدىغان يېرى شۇ ئەمەسمۇ؟  سىز چىڭراق ئورۇنۇپ يېتىڭ،  شامال تېگىپ قالمىسۇن مەن چىقىپ باقاي  _دېدىمدە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۈستۈمگە يېپىنچامنى يېپىنىپ سىرتقا ماڭدىم. ئۇلارنىڭ يا ئەر يا ئايالنىڭ بىرەرسى ئۆزىگە ھاي بېرەي دېمەيتتى. بۇ بىنا ئۆيلەرنىڭ تېمى بەك نېپىز بولغاچقىمۇ،  ئۇلارنىڭ تىللاشقان ئاۋازلىرى ئېنىق ئاڭلىناتتى.
_ ھە، ئۇرە، بۈگۈن يىگەن تاياقلىرىمغا مەن رازى. ..
_مەن چاقاي،  بۈگۈن پۇخادىن چىققىچە ئۇرىشايلى.
ئايال قوشنام چاڭىلداپ سۆزلەۋاتاتتى.
  ئۇلارنىڭ جىدىلى بېسىقىدىغاندەك ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستڭگە ئۇنىڭ ئېرى مەس بولىۋالسا ساراڭنىڭ ئۆزى،  قولىغا نېمە چىقسا شۇنىڭ بىلەن ئۇرىدۇ،  بىچارە چوكان ئەجەپ چىداملىقكەن. بۇنداق ئەرگە نىسبەتەن ئېتىزلىققا تېرىۋالغان مۇھەببەت بولسىمۇ تۈگەر...مەن ئاخىر ئۇلارنىڭ قىيا ئېچىقلىق ئىشىكىنى ئېچىپلا كىردىم. كىرىپلا داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدىم.  كۆز ئالدىمدا بۇ ئۆيدە دائىملىق ئۇرۇشلاردا بولىدىغان كۆرۈنىشلەرنىڭ ئەكسىچە بىر كۆرۈنۈش مېنى دەماللىققا گاڭگىرىتىپ قويدى.  ئايال قوشنام ئۆينىڭ بۇلىڭىدىكى ئەينەك جاھازىدىكى قىممەت باھالىق خىرىستاللىرىنى ئېلىپ يەرگە ئېتىۋاتاتتى. ئېرى ئۇنى توسۇپ بولالماي ئاۋارە  بولىۋاتاتتى.
  _سانىيە نېمە قىلىق بۇ؟ _دېدىم ئۈنلۈك ۋاقىراپ ئۇلار تەڭلا ماڭا قارىدى. ئايال قوشنامنىڭ كۆزلىرى خۇمارلىشىپ،  مەڭزىلىرى قىزىرىپ چىرايلىقلىشىپ قالغان بولۇپ،  يەرنى ئارانلا دەسسەپ تۇرىشىدىن قىيامىغا يەتكەن مەسلىكى چىقىپ تۇراتتى.  ئەر قوشنامغا قاراپ تاسلا قالدىم كۈلىۋەتكىلى،  ئۇنىڭ چاچلىرى چۇۋۇلغان،  يۈزلىرى، بۇيۇنلىرى، بۇيۇنلىرىنىڭ تېرىلىرى تاتىلاشتىن سۇيۇلۇپ،  قىزىل گۆشلىرى كۆرۈنۈپ كۆڭلىكىنىڭ ياقىلىرى يىرتىلغان ھالەتتە تامدەك تاتىرىپ تۇراتتى. قىستاپ كەلگەن كۈلكەمنى تەستە بېسىۋېلىپ سانىيەنىڭ قولىدىكى خرىستالنى ئېلىۋالدىم-دە، ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپ سافادا ئولتۇرغۇزدۇم. ئەر قوشنام مېنى كۆرگەندىن كېيىن سەل ئېسىگە كەلگەندەك بولۇپ ماڭا قاراپ :
  _قارىمامسىز، مۇشۇ چاققىچە تالادا يۈرگىنى ئازدەك يەنە ھاراق ئىچىپ، غەرق مەست كەپتۇ. ھاراقنى نەدە،  كىم بىلەن ئىچتىڭ؟  دېسەم  بىشەملىك قىلىپ قىلغان ئەسكىلىكىنى ئۆزىڭىز كۆردىڭىز مانا!
_ ھە، چىدىمايۋاتامسەن؟  سەن ئىچكەن ھاراقنى مەن ئىچسەم نېمە بوپتۇ؟ _سانىيە ئۆزىنى سافاغا تاشلاپ ئولتۇرۇپ بەخىرامان ھالدا شۇنداق دېدى.
- نەدە كىم بىلەن ئىچتىڭ؟ _ دېدى ئېرى قايتا جانلىنىپ.
  _ بۇنى سوراپ نېمە قىلىسەن؟  سەنمۇ ئون يىلدىن بۇيان بىرەر قېتىم ماڭا  نەدە، كىم بىلەن ھاراق ئىچكىنىڭنى دەپ باققانمۇ؟ _ ئۇ غەزەپلىك كۆزلىرى بىلەن ئېرىگە شۇنداق بىر قادالغاندىن كېيىن،  ماڭا ئۆرۈلۈپ قاراپ خۇمارلاشقان،  كۆزلىرىنى ئاران ئېچىپ قوللىرىمنى تۇتۇپ تۇرۇپ :
  _قاراڭ جېنىم قوشنام،  سىز مېنىڭ ئۆزۈمنىڭ ھەدىسىدەكلا، مۇشۇ ئۆيدە تارتىۋاتقان ھەممە خورلۇقلىرىمنىڭ گۇۋاھچىسىغۇ؟  مەن سىزگە دېمەي كىمگە دەيتتىم؟ بۈگۈن ئاسىيەنىڭ ئۆيىگە بىر نەچچە دوستلار يىغىلىپ قاپتىكەنمىز، دەرتلىرىمىزنى تۆكۈشۈپ ئولتۇرۇپ بىر ئىچىپ باققىمىز كەلدى، باشتا «ڭيلۇڭ»نى ئىچتۇق،  قارىساق ئۇ ئانچە تۇتمىدى،  بىر دوستىمىز «بىراندى» دېگەن ھاراق بەك ياخشى دەپ شۇنى ئېلىپ كىردى، ھاراق دېگەن ھەجەپ ياخشى نەرسىكەن،  ئۇنى ئىچكەندىن كېيىن خۇددى قىز چاغلىرىمىزغا قايتىپ قالغاندەك،  ئۆزۈمىزنى بەختىيار سېزىپ خوشال بولۇپ،  ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئويناپتۇق.  ئەرگە تېگىپ كۈلمىگەن كۆڭلۈم ھاراق ئىچىپ كۈلۈپتۇ. .. توۋا ئەرگە تېگىپ تايىقىنى يەپ،  تىلىنى ئاڭلىغىچە ھاراق ئىچىپ كۆڭلۈمنى خوشال قىلسامچۇ؟ ئىسىت. ..ئىسىت ياشلىقىم ئىسىت ئون يىللىق ئۆمرۈم ھۈ...ھۈ...ھۈ...
  مەن ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىنى سۈرتكەچ :
  _ سىڭلىم سىز پەزىلەتلىك ئىسىل ئايال،  بۇنداق ئىشلار سىزگە ياراشمايدۇ،  بەلكى بۈگۈنكى بۇ قىلمىشلىرىڭىز ئۈچۈن ئەتە تازا پۇشايمان قىلارسىز،  ئايال كىشى دېگەن ئاجىز، ئەر كىشى بىلەن تەڭلىشەلمەيمىز،  بولدى ئەمدى ئارام ئېلىڭ _دېدىم ئۇنى پەسكويغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن.
  _ سىز بىر ئوقۇغان ئايال تۇرۇپمۇ تېخىچە پەزىلەتلىك ئايال، ئەخلاقلىق قىز دېگەن كىتابىي گەپلەرگە ئىشىنىپ يۈرەمسىز؟ ئۇنىڭ خۇمارلىق كۆزلىرى ماڭا مىقتەك قادالدى.
مەن دەماللىققا نېمە دىيىيىشىمنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدىم.
  جېنىم قوشنام ھازىر«قاپاق پۇل ئەمەس باراڭ پۇل» دېگەن سۆزنىڭ بۈگۈنكى جاھاندارچىلىقنىڭ دەستىكى ئىكەنلىكىنى بىلمەمسىز؟ سىز دېگەن ئەخلاقلىق،  ۋىژدانلىق ئاياللار ئائىلىسىدە ئەرنىڭ  تايىقىنى، ئىدارىسىدە ئەر باشلىقىدىن تەنقىنىدى ئاڭلايمىز.  سورۇنلاردا ئىش كۆرمىگەن مەتۇ قاتارىدا بىر بۇلۇڭدا ئولتۇرۇپ، ئېرىمىزنىڭ سەتەڭ خېنىملار بىلەن ئوينىغان تانسىسىنى كۆرۈپ ئولتۇرۇپ يۈرۈكىمىزنى زىدە قىلىمىز. كۆرىۋاتقانسىز،  بۇرۇنلاردا باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ھەر قانداق ئويۇنلارنى قولدىن بەرمەي يامان ناملارغا قالغان،  ئاغزىغا كەلگەننى ئايىماي سۆزلەيدىغان تەتى-پەتىلەر،  ھازىر تاپقىنىنى ئۇچىسىغا كىيىپ،  ئىش كۆرگەن ئايال،  جېنى بار ئايال، ئىسىلزادە خېنىم تۆتنىڭ ئالدى سانىلىپ تۆرنىڭ كاللىسىدا ئولتۇرۇپ،  جاھاننى سوراۋاتىدۇ.  ئۆيىدە ئەرلىرىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىپ تاتلىق ئايال،  ئىدارىدە باشلىقىنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ ئىقتىدارلىق ئايال بولىۋاتىدۇ. مەنمۇ بۈگۈندىن باشلاپ ئاشۇنداق ئەقىللىق ئاياللار قوشونىغا قاتناشتىم،  كۆڭلۈم نېمىدىن خوش بولسا شۇنى قىلىمەن،  ئۇ كەچ سائەت ئوندا كىرسە مەن ئونبىردە كىرىمەن، ئۇ ئاقنى ئىچسە مەن قىزىلنى ئىچىمەن، ئۇ ئۇرسا مەن تاتىلايمەن، تاپقان پۇلۇمغا مودا كىيىملەرنى كىيىپ چىرايلىق ياسىنىمەن.  چىدىسا ئۆي تۇتسۇن چىدىمىسا ئاجراشسۇن،  ئەنە ئىشىك،  قىزىم بىلەن گۈلدەك ياشايمەن. توۋا مەن نەچچە ۋاقتىن بۇ رودىپاينى پىشانەمگە پۈتىۋەتكەندەك ۋاپادار،  پەزىلەتلىك ئايال، مېھرىبان ئانا بولۇش ئۈچۈنلا،  ئون يىل قۇربان بېرىپتىمەن. سىز دەڭە ئون يىل دېگەن ئاز ۋاقىتمۇ؟ بىز ئاياللار قۇربان بېرىشكىلا يارالغانمۇ؟ سۇنىمۇ سىڭگەن يەرگە سېپىش كېرەكقۇ؟ بۇ ئەر بولغان بىلەن ئەركەكمىدى؟ ئىسىت ئون يىللىق ئۆمرۈم،  گۈزەل ياشلىقىم ھۈ...ھۈ...ھۈ... ئۇ ئۆزىنى يەردىكى گىلەمگە ئېتىپلا ھۆكىرەپ يىغلاشقا باشلىدى يىغلاپ بىرازدىن كېيىن يېنىك پۇشۇلداپ ئۇيقۇغا كەتتى.
    ئادەتتە ئېغىر- بېسىق،  كەم سۆز بۇ قوشنامنىڭ مەس ھالەتتە بۇنداق ياراشمىغان قىلىقلارنى قىلىشلىرى كۆزۈمگە سىغمىغان بولسىمۇ،  ئۇنىڭ ھاراق پۇراپ تۇرغان نېپىز لەۋلىرى ئارىسىدىن چىقىۋاتقان سۆزلىرى مېنىڭ ئاياللىق قەلبىمنى تىترەتتى.  كېچە بىر چاققىچە تۈزۈك ئۇخلىيالمىدىم.

مەنبە  زامان  ئاخرىنڭ  ئاياللرى  دىگەن  كىتاپتىن  ئىلندى.

ئاپتۇرى  گۇلباھار  سىدىق  ئابباس،

ئۈلۇمدىن قورۇقمايمەن .ئەمما.گورۇمدە يالغۇزلۇقتىن قاراڭغۇلىقتىن گۇرنىڭ ئازاۋېدىن قورقىمەن

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36104
يازما سانى: 1467
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8893
تۆھپە نۇمۇرى: 164
توردا: 3359 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2011-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-13 01:28:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ ئەسەرنى ئۇقىغان گۈلباھار سىدىق بۇنىڭدا تۇرمۇشىمىزدىكى بەزىبىر ئىللەتلەرنى ئايماي قامچىلغان ئىدى. بولسا ئەسەرنىڭ ئاخىرىنىمۇ يوللاپ بارلىق تورداشلارنى خەۋەردار قىلىشىڭىزنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن. ئەجرىڭىزگە رەھمەت. ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن قېرىندىشىم.

تارازا بارمۇ ؟

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36554
يازما سانى: 2023
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11740
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 4694 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2012-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-13 01:36:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسەرنى يازغۇچىغا  ۋە يوللىغۇچىغا كۆپ رەھمەت

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28343
يازما سانى: 448
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11471
تۆھپە نۇمۇرى: 1750
توردا: 5674 سائەت
تىزىم: 2011-1-30
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-13 01:37:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ كىتاپنى مەنمۇ شۇنداق ياختۇرۇپ ئوقۇغان،سىزنىكىمۇ بۇكىتاپنى ئوقۇغانلىقىڭزدىن تۇلۇمۇ خۇرسەن بولدۇم.مۇشۇ كىتاپتىكى نۇرغۇن ئىشلار مىنى تۈگمەس ئويلارغا سالغان ئىدى.بۇلۇپمۇ‹ئايەمدىكى سېغىنىش›‹كۈيۋاتقان شام›‹ھەسرەتلىك پىچىرلاشلار›‹زامان ئاخىرنىڭ ئاياللىرى›‹يۈرەكتە قالغان ئارمانلار›دىگەندەك ھىكايە-پوۋىستلىرى تۇلۇمۇ كىشىنى ئويغا سالدىكەن.ھەربىرمىز ئويلۇنۇپ ئۆگۈنۈشكە توغرا كىلدىغان ھىكايە-پوۋىستلار.ئەجرىڭزگە تەشەككۈر!!!

ئۇيغۇر،ئۇيغۇر،يەنە سۈيدىغىنىم سەن ئۇيغۇر!!! http://weibo.com/2109745207/profile/ شىنلاڭ مىكرو بىلوگ.

وغۇللارنڭ ئةڭ چو

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31608
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1122
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 207 سائەت
تىزىم: 2011-2-24
ئاخىرقى: 2012-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-13 01:46:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى كىتاپ ئوقۇپ قويۇشقا ئەرزىيدۇ ...... يەنە ياخشى كىتاپلار بولسا ماڭا تەۋسىيە قىلساڭلار......رەخمەت

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 1888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14061
تۆھپە نۇمۇرى: 1443
توردا: 5642 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2012-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-13 01:58:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسەرنى  ئەرلەرمۇ  كۇرگەنمىدۇ  ؟  ئاياللارنىڭ  مۇشۇنداق  بۇلۇپ  كىتشدە ، ئۇزنىڭ  ئازراق  بۇلسىمۇ  مەسئۇليتنىڭ    بارلىغنى  ھىس  قىلغانمىدۇ ؟     ئۇلۇغ  ئاللاھ  ئەر-ئايال  ھەممزنىڭ  كۇڭلىگە  ئنساپ  بەرسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43363
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 64
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 266 سائەت
تىزىم: 2011-6-6
ئاخىرقى: 2011-7-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-13 02:11:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بەك ياخشى كۆرمەن بۇ ئەسەرنى ، نەچچە قېتىم ئۇقۇپ چىققان ئىدىم ھازىرمۇ ئۇقۋاتمەن

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3091
يازما سانى: 1599
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11480
تۆھپە نۇمۇرى: 302
توردا: 2783 سائەت
تىزىم: 2010-7-1
ئاخىرقى: 2012-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-13 03:31:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان ئەسەر ئىكەن،كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 486
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 26427
تۆھپە نۇمۇرى: 264
توردا: 18 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-13 03:35:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

1قەۋەتتىكى(TOGRAKPADIXASI) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس ق

مىنىڭچە توردا ئۇقۇشقا ۋاقتى چىقىقان ئادەمنىڭ  كىتابخانىغا بېرىپ سېتۋېلىشقا ۋاقىتى چىقىپمۇ قالار ..... شۇڭا مىنىڭچە بولغاندا ئەڭ ياخشىسى ، ياقتۇرغان بولسا  سېتۋېلىپ ياكى شۇ كىتاب بارلارنى ئىزدپ تېپىپ ئارىيەت ئېلىپ  ئۇقۇسۇن .
كىتابنىڭمۇ قەدىرى بۇلىدۇ .........

求人不如求己

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38368
يازما سانى: 140
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 716
تۆھپە نۇمۇرى: 1
توردا: 129 سائەت
تىزىم: 2011-4-22
ئاخىرقى: 2011-9-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-13 03:35:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇللانمىڭىزغا تەشەككۈر

ئىزدەنگۈچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38368
يازما سانى: 140
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 716
تۆھپە نۇمۇرى: 1
توردا: 129 سائەت
تىزىم: 2011-4-22
ئاخىرقى: 2011-9-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-13 03:37:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىخىمۇ كۈپ تىمىلارنى يۇللاپ تۇرۇشىڭىزغا تىلەكداشمەن

ئىزدەنگۈچى

نىمە ئۈچۈن ياشىد

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19940
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3051
تۆھپە نۇمۇرى: 212
توردا: 170 سائەت
تىزىم: 2010-12-1
ئاخىرقى: 2011-6-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-13 03:39:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31333
يازما سانى: 341
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4097
تۆھپە نۇمۇرى: 888
توردا: 3775 سائەت
تىزىم: 2011-2-22
ئاخىرقى: 2012-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-13 03:50:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشلىتىدىغان قەۋەت5قەۋەت1670154432بىلەن2011-06-13 01:58 PMيوللانغان :
بۇ ئەسەرنى  ئەرلەرمۇ  كۇرگەنمىدۇ  ؟  ئاياللارنىڭ  مۇشۇنداق  بۇلۇپ  كىتشدە ، ئۇزنىڭ  ئازراق  بۇلسىمۇ  مەسئۇليتنىڭ    بارلىغنى  ھىس  قىلغانمىدۇ ؟     ئۇلۇغ  ئاللاھ  ئەر-ئايال  ھەممزنىڭ  كۇڭلىگە  ئنساپ  بەرسۇن.   
  كۆرگەن، كەمچىلىكلىرىمىزنىڭ كۆپلىكىنى بىلگەن ھالدا كەمچىلىكتىن تېخىمۇ خالى بولۇشقا تىرىشىۋاتىمىزھەم تۆزىتىۋاتىمىز.

ئازاپلىرىم،مېنى

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10299
يازما سانى: 627
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11901
تۆھپە نۇمۇرى: 301
توردا: 8861 سائەت
تىزىم: 2010-9-14
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-14 09:53:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ خېلى ئۇزۇن ھېكايە ئىدى،سىز بەكلا قىسقارتىپ يوللاپسىزمۇ نېمە؟شۇنداقتىمۇ ئەجرىڭىزگە رەھمەت.مېنڭىچە خېلى مۇھىم دەپ قارالغان بەزى مەزمۇنلارنى ،ئەڭ توغرىسى ئاپتورغا ھۆرمەت قىلىپ تۇللۇقى بىلەن يوللاپ قويسىڭىز بولاتتىكەن.

شامال ئېيتىدۇ:ئەقىدەڭنى ماڭا بەر.

دىللار پەقەت ئال

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30340
يازما سانى: 1065
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12042
تۆھپە نۇمۇرى: 3185
توردا: 7509 سائەت
تىزىم: 2011-2-14
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-14 10:12:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشلىتىدىغان قەۋەت12قەۋەتManggu77بىلەن2011-06-13 15:50يوللانغان :

  كۆرگەن، كەمچىلىكلىرىمىزنىڭ كۆپلىكىنى بىلگەن ھالدا كەمچىلىكتىن تېخىمۇ خالى بولۇشقا تىرىشىۋاتىمىزھەم تۆزىتىۋاتىمىز.   

شۇنداق  يوللاپ  قويسام بولغدەك ، لىكىن قانداق يوللاشىنى بىلمەيۋاتىمەن ،ئىنكاس  
شەكلدىمۇ ، ياكى  ئايىرىم تىما  قىلپ يولسام بولارمۇ
دەپ  ئويلاپ قالدىم.

ئۈلۇمدىن قورۇقمايمەن .ئەمما.گورۇمدە يالغۇزلۇقتىن قاراڭغۇلىقتىن گۇرنىڭ ئازاۋېدىن قورقىمەن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش