مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 566|ئىنكاس: 2

ئۇيغۇر تىلىدا دائىم قوللىنىدىغان تىنىش بە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15755
يازما سانى: 549
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9231
تۆھپە نۇمۇرى: 722
توردا: 6849 سائەت
تىزىم: 2010-10-30
ئاخىرقى: 2015-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-13 08:10:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار!
  ئۇيغۇر تىلىمىزدا بىز دائىم ئىشلىتىدىغان تىنىش بەلگىلەر خېلى كۆپ بولۇپ مەيلى نېمە يازمايلى بۇ بەلگىلەرنى ئىشلىتىمىز. ئەگەر بۇ بەلگىلەرنى ئىشلەتمەي خەت يازساق ئوقۇغان كىشىگە ياخشى تەسىر بەرمەيدۇ. مىسرانىم تورىدىكى كۆپ قىسىم تورداشلار بۇ بەلگىلەرنى ئىشلەتسىمۇ يەنە بىر قىسىم تورداشلار تىنىش بەلگىلەرنى ئىشلەتمەسلىك، ئىشلەتسىمۇ جايىغا ئىشلەتمەسلىك ئەھۋاللىرى دائىم كۆرۈلۈپ تۇرۇۋاتىدۇ. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن كەڭ تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن بۇ يازمىنى تەييارلىدىم
.
1. چېكىت(.)
1)ئاددىي ھەم مۇرەككەپ بايان جۈملىلەرنىڭ ئاخىرىغا چېكىت قويۇلىدۇ
.مەسىلەن:تىرىشقان كىشى مەنزىلىگە يىتىدۇ. كۆزۈمنىڭ ئىچىگە قارىما، سۇئالىمغا جاۋاپ بەر.
2)    ئۆتۈنۈش، تىلەك، مەسلىھەت مەنىسىدىكى بۇيرۇق جۈملىلەرنىڭ ئاخىرىغا چېكىت قويۇلىدۇ.مەسىلەن:ۋاقىتنى ئۆتكۈزۋەتمەڭ. دوختۇرغا كۆرۈنۈپ بېقىڭ.
3)    قىسقارتىپ يېزىلغان خاس ئىسىملاردىن كېيىن چېكىت قويۇلىدۇ .مەسىلەن:ئا. ئۆتكۈر(ئابۇدېرېھىم ئۆتكۈر)
4)    پىكىرنىڭ رەت تەرتىپىنى بىلدۈرىدىغان قاتار سانلاردىن كېيىن چېكىت قويۇلىدۇ . مەسىلەن:
1.كەڭ قوساق بولۇش.
2.بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەش.
3.ئۆز ئارا يول قويۇش.
2.سۇئال بەلگىسى(؟)
سۇئال مەنىسىدىكى ئاددىي ۋە مۇرەككەپ جۈملىلەدىن كېيىن سۇئال بەلگىسى قويۇلىدۇ. ئەەر مۇرەككەپ سۇئال جۈملە بولسا،تەركىبىدىكى ھەربىر ئاددىي جۈملىنى ئالاھىدە تەكىتلەشكە توغرا كەلسە، ھەربىر سۇئال جۈملىدىن كېيىن سۇئال بەلگىسى قويۇلىدۇ.
مەسىلەن: سىز كىم؟ئۇ ئادەم ئەمەسمىكەن؟ھەممە گەپ سىزنىڭمۇ؟
3.ئۈندەش بەلگىسى(!)
1)    ئۈندەش جۈملىلەرنىڭ ۋە شۇئار ، چاقىرىق مەنىسىدىكى بۇيرۇق جۈملىلەرنىڭ ئاخىرىغا ئۈندەش بەلگىسى قويۇلىدۇ . مەسىلەن:ياشىسۇن خەلق قەھرىمانلىرى!
2)    كۆتۈرەڭگۈ ئاھاڭدا ئېيتىلغان ئىملىق سۆز ۋە قاراتما سۆزلەردىن كېيىن ئۈندەش بەلگىسى قويۇلىدۇ. مەسىلەن:ھوي ئاكا! سىزنى بەك ئىزدەك كەتتىم. نەدە ئىدىڭىز؟
3)    بەزى جۈملىلەردە ئۈندەش ھەم سوراق مەنىسى ئىپادىلىنىدۇ. بۇنداق جۈملىلەرنىڭ ئاخىرىغا ھەر ئىككى بەلگە قاتار قويۇلىدۇ. قايسى مەزمۇن كۈچلۈك بولسا شۇ خاراكتىرنى ئىپادىلىگۈچى بەلگە ئاۋۋال قويۇلىدۇ . مەسىلەن:ۋاي-ۋۇي، نېمە دېگەن گۈزەل جاي بۇ!؟
4.پەش(،)
1)مۇرەككەپ جۈملە تەركىبىدىكى ئاددىي جۈملىلەرنى بىر-بىرىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن: كىم تىرىشچان بولسا، شۇ نەتىجە قازىنىدۇ.
2)جۈملىنىڭ تەڭداش بۆلەكلىرىنىڭ ئارىسىغا پەش قويۇلىدۇ . مەسىلەن:مەن قەلەم، كىتاب، دەپتەر سېتىۋالدىم.
3)جۈملە بىلەن گىرامماتىكىلىق باغلىنىشى يوق سۆز ۋە سۆز بىرىكمىلىرىنى باشقا بۆلەكلەردىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن: ئەخمەت،بۇياققا كىلىڭە.
4)تەڭداش، مۇرەككەپ جۈملە تەركىبىدىكى ئاددىي جۈملىلەر، قارىمۇ قارشى باغلىغۇچىلار، سەۋەب باغلىغۇچىلىرى، كۈچەيتكۈچى باغلىغۇچىلار بىلەن باغلانغان ھەمدە«ھەم»باغلىغۇچىسى تەكرارلانغاندا، ئالدىغا پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:مەن ھەم يوغان،ھەم قىزىل ئالما سېتىۋالدىم.
5.چېكىتلىك پەش(؛)
ئارىلاش مۇرەككەپ جۈملە تەركىبىدىكى مۇرەككەب جۈملە بىلەن ئاددىي جۈملىنى ياكى مۇرەككەپ جۈملىلەرنى بىر-بىرىدىن ئايرىش ئۈچۈن چېكىتلىك پەش قويۇلىدۇ . مەسىلەن:ھاياتلىق بولمىسا،ئۆلۈم بولمايدۇ؛ئۆلۈم بولمىسا ھاياتلىق بولمايدۇ.
6.قوش چېكىت(:)1)
كۆچۈرمە جۈملىنىڭ بېشىدا كەلگەن ئاپتۇر سۆزىدىن كېيىن قوش چېكىت قويۇلىدۇ . مەسىلەن:دادام بىزگە:«قېرىنداشلار مەڭگۈ ئىناق ئۆتۈڭلار»دېگەن.
2)ئومۇملاشتۇرغۇچى سۆز ۋە جۈملىلەردىن كېيىن قوش چېكىت قويۇلىدۇ . مەسىلەن:تىببى  ئىلىم ئىككى نەرسىنى مەخسەت قىلىدۇ: بىرى،كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش،يەنە بىرى، كېسەللىكنى داۋالاش.
3)ئەدەبىي ئەسەرلەردە دىئالوگدىن بۇرۇن كەلگەن ئاپتۇر سۆزىدىن كېيىن قوش چېكىت قويۇلىدۇ . مەسىلەن: ئۇ غەزەپ بىلەن:
-يوقال،كۆزۈمدىن ئىپلاس،-دەپ ۋارقىردى.
7.قوش تىرناق(«»)
1)تىكىست ئىچىدە كەلگەن كۆچۈرمە سۆز ۋە جۈملىلەر ھەمدە كىتاب، گېزىت، ماقالە-ئەسەرلەرنىڭ ناملىرى قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنىپ يېزىلىدۇ
. مەسىلەن: «تارىم ژورنىلى»ئەدەبىي ژورنال.
2)ئەسلى مەنىنىڭ ئەكسىچە مەنىدە ئېيتىلغان سۆزلەرتىرناق ئىچىگە ئېلىدۇ. مەسىلەن: سەن ئىنتايىن«ياخشى»ئادەم.
8.يالاڭ تىرناق(‹ ›)
قوش تىرناق ئىچىگە كەلگەن كىتاب، گېزىت-ژورنال ۋە ئەسەرلەرنىڭ ناملىرى ھەمدە كۆچۈرمە سۆز ۋە جۈملىلەر يالاڭ تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ. مەسىلەن: نەۋائىي:ھەممە پەزىلەتلەر يىغىلسا،«ئىھسان»دېگەن نامغا لايىق بولىدۇ، دېگەن ئىدى.
9.تىرناق( ( ) )
1)    جۈملىدىكى ئىزاھلىغۇچى ۋە ئىزاھ خاراكتىرىدىكى قىستۇرما سۆز، جۈملىلەر تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ.
مەسىلەن: ئوغلۇم بۇمەكتەپتە(3-يىللىقتا)ئوقۇيدۇ.
2)    كۆچۈرۈلگەن ياكى نەقىل ئېلىنغان جۈملىلەرنىڭ ئورنى ياكى ئاپتۇرىنى ئىزاھلاش ئۈچۈن تىرناق قوللىنىلىدۇ. مەسىلەن: «ئانا» نامىلىق شېئىر(ئاپتۇرى بوغدا ئابدۇللا)بەك ياخشى يېزىلغان.
3)    درامما ئەسەرلىرىدە پىرسۇناژلارنىڭ ھىس –تۇيغۇسى، يۈرۈش-تۇرۇشلىرىنى ئىپادىلەيدىغان سۆز-جۈملىلەر تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ . مەسىلەن: ئەمەت :ئەمدى كىلىپ تۇرسام(پىشانىسىنى تۇتۇپ)ماڭا بۇ بالانى تەييار قىلىپ قويدۇڭما(ئۇھ دېگىنىچە ئاستا ئولتۇرۋالىدۇ.)
10.سىزىق(_)
1)جۈملىنىڭ ئىگىسىمۇ خەۋىرىمۇ باش كىلىشتىكى ئىسىم ياكى ئىسىم خاراكتىرلىك سۆزلەردىن بولسا بۇنداق ئىگە بىلەن خەۋەرنىڭ ئوتتۇرسىغا سىزىق قويۇلىدۇ
. مەسىلەن: ۋاقىت _ پۇل دېمەكتۇر. ھايات - كۆرەش دېمەكتۇر.
2)دىئالوگلاردا ھەربىر سۆزلىگۈچىنىڭ سۆزى يېڭى قۇردىن باشلانغاندا ئۇنىڭ ئالدىغا سىزىق قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
_ بۈگۈن نەگە باردىڭ؟
_ گەپ ئاڭلىمايدۇ بۇ بالا.
3)تەڭداش بۆلەكلەردىن كېيىن كەلگەن ئومۇملاشتۇرغۇچى سۆزلەرنىڭ ئالدىغا سىزىق قويۇلىدۇ. مەسىلەن: دۆلىتىمىزدە دېمكوراتتىيە، ھوقۇق، بايلىق _ ھەممىسى خەلققە مەنسۇپ.
4)جۈملە ئىچىدىكى ئىزاھلىغۇچى بۆلەك تىرناق ئىچىگە ئېلىنمىسا،ئىزاھلىغۇچى بىلەن ئىزاھلانغۇچىنىڭ ئوتتۇرسىغا سىزىق قويۇلىدۇ. مەسىلەن: بىزنىڭ سىنىپ _ 1-يىللىق 1- سىنىپ ئەمگەككە قاتناشتى.
5)ئاپتۇر سۆزى بىلەن پىرسۇناژ سۆزى ئارىلاش كەلگەندە بۇلارنى ئايرىپ ئىپادىلەش ئۈچۈن سىزىق قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
_بۈگۈن كەلسەم،_دېدى سەلىمە كۈلگەچ،_باشقا دەيدىغان سۆزىڭىز يوقمۇ؟
6)جۈملىنىڭ ئىگىسىمۇ، خەۋىرىمۇ تەۋەلىك قوشۇمچىلىرى بىلەن تۈرلەنگەن ئىسىم ياكى ئىسىم خاراكتىرىدىكى سۆزلەردىن بولسا ئوتتۇرسىغا سىزىق قويۇلىدۇ. مەسىلەن: زىددىيەتنىڭ كۆرىشى_ شەيئىلەر تەرەققىياتىنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى.
11.سىزىقچە(ـ )
1)جۈپ سۆزلەرنىڭ ئوتتۇرسىغا سىزىقچە قويۇلىدۇ. مەسىلەن: چوڭ ـ كىچىك.ھەق ـ ناھەق.
2)دەرىجە سانلاردىن كىيىن سىزىقچە قويۇلىدۇ . مەسىلەن: 1ـ سىنىپ 6ـ ئورۇن.
3)جۈملە ئاخىرىغا كەلگەن ھە،دە،يۇ،يە،يۈكلىمىلەرنىڭ ئالدىغا سىزىقچە قويۇلىدۇ. مەسىلەن: سىزمۇ كىلىدىكەنسىزـ ھە.
4)سۆزلەرنى بوغۇم بويىچە قۇردىن قۇرغا كۆچۈرگەندە سىزىقچە قويۇلىدۇ. مەسىلەن: كۆڭۈل ـ      باغ ـ
لۈك           لىق
11.كۆپ چېكىت(...)
1)پىكىرنىڭ تولۇق ئاياقلاشمىغانلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن كۆپ چېكىت قويۇلىدۇ
. مەسىلەن: بىز ھەققىدە گەپ قىلىدىغان ۋاقىت كېلىدۇ...
2)سۆزلىگۈچىنىڭ سۆزىدىن قورقۇش،جىددىيلىشىش،دۇدۇقلاش سەۋەبىدىن بولىدىغان ئۆزگىرىشلەرنى ئىپادىلەش ئۈچۈن كۆپ چېكىت قويۇلىدۇ.مەسىلەن: ـ مە...مەن...بۇ ئىشنى...
3)كۆچۈرمە جۈملىلەردە مەلۇم بۆلەكنىڭ تولۇق ئېيتىلماي قالدۇرۇپ قويۇلغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن كۆپ چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن: «كۆرەش قىلىدىكەنمىز قۇربان بىرىشلەر بولىدۇ...»
4)دىئالوگلاردا جاۋابسىز قالدۇرۇلغان ئورۇنلارنى كۆرسىتىش ئۈچۈن كۆپ چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
-ئىسمىڭ نېمە؟
-...



مەنبە: ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكلىرى

خوشامەتتىن سەسكىنىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43320
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3031
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 146 سائەت
تىزىم: 2011-6-6
ئاخىرقى: 2011-8-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-13 12:06:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبەردە  بىر قىسىم تېما، ئىنكاس، يازمىلارنىڭ ئىملا قائىدىسى خاتا يېزىلغان. بولسا ھەممىىمىز ئۆز ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەيلى! خەت يازغاندا خەتنى توغرا، تىنىش بەلگىلىرى جايىدا يېزىشنى ئۆگىنىۋالايلى! مانا ئۇيغۇرتىلىنىڭ تىنىش بەلگىلىرىمۇ مۇنبەرگە يوللىنىپ ياخشى ئىش بولۇپتۇ!

ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن بەندى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1423
يازما سانى: 431
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13052
تۆھپە نۇمۇرى: 500
توردا: 11555 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-13 12:15:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدى بىلەن بۇ تېمىنى يوللىغىنىڭىزغا رەھمەت. لېكىن سىزمۇ بەزى يەرلىرىگە دىققەت قىلالماي قاپسىز. ئادەتتە ئىملا قائىدىسىدە چىكىت ياكى پەشلەردىن كېيىن بىر بوشلۇق كېلىدۇ. سىز قويماپسىز

دۇنيادا ھەممىدىن ھايات قىممەت،
ھاياتتىنمۇ قىممەت مۇھەببەت.
ۋە لېكىن كېچىمەن ھەر ئىككىسىدىن،
ئەركىنلىك، ئازاتلىق ئۈچۈنلا پەقەت.
                                          فېتوفى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش