تەرخەمەك جۇڭگۇ تىبابىتىدە ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەنلەرنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ .ھۆل ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش،قوقاق سەۋەبىدىن ئاغزى قۇرۇپ تۇرىدىغان ،يۇتقۇنچىقى ئاغرىيدىغان ياكى كۆزلىرى قىزىرىپ بىئارام بولۇپ كېتىۋاتقانلار تەرخەمەك يىسە ،كېسىلى شىپا تاپىدۇ .
تەرخەمەكلەرنىڭ يۇقىرقىلاردىن باشقا قان يېغىنى تۇۋەنلىتىش ئۇنۇمىمۇ بار .بۇلۇپمۇ تەرخەمەك پىلىكى تۇمۇرلارنى بىۋاستە كېڭەيتىپ ،توسالغۇلارنى ئاجىزلاشتۇرۇپ ،قاننىڭ يۇرەكتىن چىقىش مىقتارىنى ئازلىتالايدۇ .شۇڭا قان بېسىمى يۇقىرلار ياكى قان يېغى كۆپلەر ئانچە -مۇنچە تەرخەمەك پىلىكىنى قاينىتىپ چاي ئورنىدا ئىچسە ،ناھايتى ئوبدان ئۇنۇمىنى كۆرىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا تەرخەمەكتىكى سىلليۇلوزانىڭ مىقتارى كۆپ ،سۇپۇتى ياخشى ،ئۇچەينىڭ لۆمىلدىشىنى كۇچەيتىپ ،ئۇچەيدىكى چىرىگەن يىمەكلىكلەر ۋە ماددا ئالمىشىش ھاسىل بولغان كىرەكسىز ماددىلارنىڭ ھەيدىلىشىدە ياخشى رول ئوينايدۇ.جۇڭيى تىۋىپلىرىنىڭ سۆزى بۇيىچە ئېتقاندا ،ئۇچەي ۋە ئاشقازاندىكى <<ھۆل ئىسسىق >>نى ھەيدەيدۇ .جۇڭيى تىۋىپلىرى :<< ئادەمنىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەن ياكى ئادەمگە ئىسسىق ئۇتۇپ قاغاندا ،ئىچى سۇرىدىغان ئىشلار پات- يات يۇز بىرىپ قالىدۇ،بۇ<<ئىسسىقتىن ئىچى سۇرۇش >>دەپ ئاتىلىدۇ،بۇنداق چاغدا 2-3 ئۇچ كۇن تەرخەمەك يەپ بەرسە ،ئاشقازان -ئۇچەيدە ھۆل ئىسسىقتىن ھاسىل بولغان توكسىن ھەيدىلىپ ئىچ سۇرۇش توختايدۇ ،دەپ قارىلىدۇ .ئەمما ،تەرخەمەك تەبى سوغۇق بوغاچقا ،سوغۇقتىن ئىچى سۇرىگەنلەر يىسە ،ئاشقازان بۇزۇلىدۇ ۋە ئىچ سۇرۇش كۇچىيىپ كىتىدۇ.
تەرخەمەكنىڭ ئىسسىقنى ھەيدەش رولى ھۆسىن تۇزەشكىمۇ يارايدۇ.يېقىنقى زامان ئىلىم-پەن تەتقىقاتلىرىدىن قارىغاندا ،يىڭى تەرخەمەكتىكى تەرخەمەك فىرمىنتى بەدەننىڭ ماددا ئالمىشىشىنى ئۇنۇملۇك ئىلگىرى سۇرۇپ ،تىرىدىكى قىلدام تۇمۇرلارنى كېڭەيتىدىكەن.
بۇنىڭ بىلەن قىلدام تۇمۇرلاردىكى قان ئايلىنىش ئىلگىرى سۇرۇلۇپ،ھۆسىن ئېچىلىدىكەن ،تىرە ئالمىشىدىكەن،تىرە ئاسىرىلىدىكەن..شۇڭا يېڭى تەرخەمەكنى يۇيۇپ،ئوتتۇرسىدىكى لەشسىمان ئېتى ۋەئۇرۇقنى ئېلىۋەتكەندىن كىيىن قالغىنىنى ئېزىپ سۇيىنى چىقىرىپ يۇز يۇسا ،تىرە ئۇزۇقلىنىدۇ،سىلىقلىنىدۇ،پارقىرايدۇ،قورۇقلار ئازىيىدۇ.سۇيى چىقىرلىپ بولۇنغان تەرخەمەك سۈيىنى چاچقا سۈرسە ،چاچ پارقىرىيدۇ ھەم يۇمشايدۇ .يۇقۇرقىلاردىن باشقا ،تەرخەمەك ئۇرۇقلاش ،كېلىشكەن تەن ھالىتىنى ساقلاپ قېلىشتىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ ،چۈنكى ،تەرخەمەكتە تارترۇنىك كىسلاتا دەپ ئاتىلىدىغان تەركىپ بولۇپ ،بۇ ماددا شېكەر تۈرىدىكى ماددىلارنىڭ ياغقا ئايلىنىشىنى توسالايدۇ .تەرخمەك ھۆسۈن گۈزەللەشتۈرىدىغان كۆڭۈلدىكىدەك تەبىئىي يىمەكلىك ھىساپلىنىدۇ .
مەنبە :
http://www.hosnigul.com/UY/UY/Bs ... on=Ye&ID=97