مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 670|ئىنكاس: 0

قۇرئان كەرىمنىڭ سىرلىرى 6 ( تامام )  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىلمىگەننى بىل ،

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4482
يازما سانى: 157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12109
تۆھپە نۇمۇرى: 435
توردا: 923 سائەت
تىزىم: 2010-7-22
ئاخىرقى: 2012-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-12 06:08:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن .

‹‹قۇرئان كەرىم›› نىڭ سىرلىرى
ئۆمەر چېلىك ( تۈركىيە )


تۆتىنچى بۆلۈم
قىيامەت ئالامەتلىرى ۋە 2000 -يىللار

ھەدسىلەردە قىيامەت ئالامەتلىرى

كەمبەغەللەرنىڭ كۆپىيىشى
ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنى تەھلىل قىلغىنىمىزدا ، كەمبەغەللەرنىڭ كۆپىيىشىنىڭ قىيامەتنىڭ بىر ئالامىتى ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز :
” كەمبەغەللەر كۆپىيىدۇ “ (ئۆلۈم- قىيامەت- ئاخىرەت ۋە ئاخىر زامان ئالامەتلىرى، 455 -بەت)
” ئىنسانلاردا بېخىللىق ۋە ئاچكۆزلۈك كۈچىيىدۇ “ (مۇسلىم، ئىمارە، 176 -بەت؛ ئىبنى ماجە، فىتەن، 24 -بەت)
كەمبەغەللەرگە ۋە ماددىي شارائىتى ناچار ئىنسانلارغا ياردەم قولىنى سۇنىدىغان كىشىلەر بۈگۈنكى كۈندە خېلىلا ئازلاپ قالدى . ئىسلامنىڭ بەش پەرزىدىن بىرى بولغان زاكات مەجبۇرىيىتىنى ئورۇنلىغان ئىنسان يوق دېگۈدەك ئازدۇر . بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلا تى خەلقئارا نوپۇس -تەرەققىيات مەھكىمىسىنىڭ يېقىنقى خەۋەرلىرىگە قارىغاندا دۇنيا نوپۇسىنىڭ تۆتتە بىرى يوقسۇللۇقتا ياشىماقتا. ئوخشاشلا بەزى دۆلەتلەردىكى كەمبەغەللەر رايونىغا خەلق تەرىپىدىن كېرەكلىك ياردەم قىلىنمايۋاتىدۇ.
ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىنسانلارنىڭ ئاچ قېلىشى بىر ياقتا تۇرسۇن، ھايۋانلارنىڭ ئاچ قېلىشىغىمۇ چىدىمىغان . مەسىلەن، تۆگىسىنى ئاچ قويغان بىر ئادەمنى ئۇنىڭ قىلغان خاتالىقى تۈپەيلىدىن ئەيىبلىگەن. « قۇرئان كەرىم » مۇ ئىنسان ھاياتىغا ھۆرمەت قىلىنىپلا قالماي ئەمەلىيەتتە پۈتۈن جانلىقلارغا مەرھەمەت قىلىنىشى لازىملىقىنى تەكىتلەيدۇ. مەسىلەن، مۇسۇلمانلار، خرىستىئانلار ۋە يەھۇدىيلار ئۈچۈن پەيغەمبەر ۋە پادىشاھ بولغان ھەزرىتى سۇلەيماننىڭ چۈمۈلىلەرنى يەنچىۋەتمەسلىك ئۈچۈن قوشۇنىنى توختىتىپ تۇرۇشى پۈتۈن جانلىقلارغا بىلدۈرۈلۈشى كېرەك بولغان  مەرھەمەتنىڭ نامايەندىسىدۇر .  « نەمىل » سۈرىسى ( 18 - 19 - ئايەتلەر ) .
[ مەيلى يەر يۈزىدە ماڭىدىغان ھايۋان بولسۇن، مەيلى ئىككى قانىتى بىلەن ئۇچىدىغان ئۇچار قۇش بولسۇن، ھەممىسى سىلەرگە ئوخشاش ئۈممەتلەردۇر (يەنى ئاللاھ تەرىپىدىن يارىتىلغان مەخلۇقاتلاردۇر ) لەۋھۇلمەھپۇزدا ھېچ نەرسىنى چۈشۈرۈپ قويمىدۇق (يەنى ھەممىنى تولۇق پۈتتۈق)، كېيىن ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىدۇ (ئاللاھ ئۇلارنىڭ  ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ ) . ] « ئەنئام » سۈرىسى ، ( 38 -ئايەت ) .
[ دىننى ئىنكار قىلغان ئادەمنى كۆردۈڭمۇ ؟ ئۇ يېتىمنى دۆشكەللەيدىغان ، مىسكىنگە تاماق بېرىشنى تەرغىپ قىلمايدىغان ئادەمدۇر ]  « مائۇن » سۈرىسى ، ( 1 __ 3 - ئايەتلەر ) .

ئېگىز بىنالارنىڭ سېلىنىشى
ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام خەۋەر بەرگەن قىيامەت ئالامەتلىرىدىن بىرسى ئېگىز بىنالارنىڭ سېلىنىشىدۇر.
” ئېگىز-ئېگىز بىنالار سېلىنمىغۇچە... قىيامەت قايىم بولمايدۇ “ . « ئۆلۈم، قىيامەت ۋە تىرىلىش » ( 468 - بەت ) .
”شۇ ھادىسلەر مەيدانغا كەلمىگىچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ . ئېگىز بىنالارنى سېلىشتا ئىنسانلار بىر-بىرى بىلەن بەسلىشىدۇ“. ( بۇخارى، فىتەن، 25 ؛ ئەھمەد بىن ھەنبەل، مۇسنەد، 313\2 )
19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا قەۋەتلىك ئېگىز بىنالار سېلىنىشقا باشلىدى . پولاتنىڭ قۇرۇلۇشلاردا ئىشلىتىلىشى ۋە لېفىتنىڭ كەشپ قىلىنىشى بىلەن تەڭ ئېگىز بىنالار قۇرۇلۇشى ئەۋج ئالدى . ئەمەلىيەتتە ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنى كۆز - كۆز قىلىش ئۈچۈن بىر -بىرى بىلەن رىقابەتكە كىرىشىشى قىيىن ئەھۋالدىكى ئىنسانلارنىڭ ئۇنتۇلۇشىغا زېمىن ھازىرلىماقتا.

قاتناش ۋاسىتىلىرى
كىتابنىڭ ئالدىنقى بۆلۈملىرىدە « قۇرئان كەرىم » نىڭ زامانىۋى قاتناش  ۋاسىتىلىرىغا يىللىرى بىلەن بىللە بېشارەت بەرگەنلىكىنى ئېيتقانىدۇق . پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسلىرىنى تەھلىل قىلغىنىمىزدىمۇ بۇ ۋاسىتىلارنىڭ تىلغا ئېلىنغانلىقىنى كۆرىمىز :
”شۇ ھادىسىلەر مەيدانغا كەلمىگىچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ ... زامان قىسقىرايدۇ ۋە ۋاسىتىلار بىلەن مۇساپىلەر قىسقىرايدۇ “. (بۇخارى، فىتەن، 25 ؛ ئەھمەد بىن ھەنبەل، مۇسنەد، 313\2 )  

ئايلارچە ماڭىدىغان مۇساپىلەرنى بۈگۈنكى كۈندە ئايروپىلان ۋە ئاپتومبىل قاتارلىق تېخنىكىلىق ۋاسىتىلار ئارقىلىق بىر قانچە سائەتتە بېسىپ بولىمىز.
« قۇرئان كەرىم » دىمۇ ئىنسانلار ئۇ دەۋردە خەۋەردار بولمىغان ۋاسىتىلار تىلغا ئېلىنىدۇ:
ئاللاھ ئاتنى، خېچىرنى ۋە ئېشەكنى مىنىشىڭلار ئۈچۈن ۋە زىننەت ئۈچۈن ياراتتى، ئاللاھ يەنە سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنىمۇ يارىتىدۇ . ]  سۈرە « نەھل » ، ( 8 - ئايەت ) .

ھەزرىتى ئىسا ۋە ساختا پەيغەمبەرلەر
خرىستىئانلارنىڭ ھەم مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقادىغا كۆرە ھەزرىتى ئىسا مەسىھ دۇنياغا قايتا كېلىدۇ، بۇ ھادىسە بۈيۈك قىيامەت ئالامەتلىرىدىن بىرىدۇر . بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ھەزرىتى ئىسا ئىسلام دىنىنىڭ ھۆكۈملىرىنى قوبۇل قىلىدۇ . ھەزرىتى ئىسانىڭ كېلىدىغانلىقىغا دائىر بىر مۇنچە ئىشەنچلىك ھەدىس بار . بۇلارنىڭ بەزىلىرى مۇنداق :
” ھاياتىم قولىدا بولغان ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەريەم ئوغلى ئىسانىڭ ئادىل بىر ھاكىم بولۇپ سىلەرنىڭ ئاراڭلارغا چۈشۈشى چوقۇم يېقىندۇر “ (« سەھىەى مۇسلىم » ، 532\6  )
” ئىسا ئادىل بىر ئىمام (رەھبەر ) ۋە ھاكىم (باشقۇرغۇچى ) بولۇپ يەر يۈزىدە قىرىق يىل قالىدۇ  “ ( « قۇرئان ۋە سۈننەتتە قىيامەت ۋە ئاخىرەت » 134 - بەت )   شۈبھىسىزكى ئىسانىڭ (مەسىھنىڭ ) يەر يۈزىگە قايتىشى باشقىچە بىر ھالەتتە بولىدۇ . ئىسانىڭ مۆجىزىلىك ھالدا ئاسماندىن چۈشىدىغانلىقى رىۋايەت قىلىنماقتا، ئەمما تېخى زامانى كەلمىدى. مەسىھ كېلىشتىن ئاۋۋال ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ئويلايدىغان ئىنسانلارنىڭ كۆپىيىشىمۇ قىيامەت ئالامەتلىرىدىندۇر.
”ئوتتۇزغا قەدەر يالغانچى پەيغەمبەر چىقمىغۇچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ . ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ بىلىشىدۇ “.
(تىرمىزى، فىتەن 43، ( 2219 ) ؛ ئەبۇ داۋۇد، مەلاھىم 16 ) تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا ساختا مەسىھ ئېقىملىرى 20 -ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە ناھايىتى كۆپەيگەن.

ئۇچۇرلىشىش تېخنىكىسى
ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىگە قارىغىنىمىزدا ئۇچۇرلىشىش ۋە ئاۋاز ئېلىش تېخنىكىسىغا بېشارەت بېرىلگەنلىكىنى كۆرەلەيمىز :
” كىشىگە ئۆزىنىڭ ئاۋازى ئاڭلانمىغۇچە... قىيامەت قايىم بولمايدۇ “ ( « ئۆلۈم، قىيامەت ۋە تىرىلىش »، 471 - بەت )
بۇرۇنقى دەۋرلەردە ئىنسانلارنىڭ ئۆز ئاۋازىنى خاتىرىلەپ ئاڭلىشى مۇمكىنسىز ئىدى . ئەمما زامانىمىزدا ئاۋاز ئېلىش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئاۋازلار خاتىرىلىنىپ ئاڭلىنىلىدىغان بولدى. تېلېۋىزىيە، رادىئو ۋە كومپيۇتېر قاتارلىق تېخنىكىلىق ئەسلىھەلەرمۇ كىشىنىڭ ئۆز ئاۋازىنى ئاڭلىشىغا ئىمكان ساقلىماقتا.
قىيامەت خەۋەرچىسى بولغان باشقا ھەدىسلەرنىڭ بىر قىسمى شۇلاردۇر : ”شۇ ھادىسىلەر مەيدانغا كەلمىگىچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ ... يەر تەۋرەش كۆپىيىدۇ “ ( رامۇز-ئەل ئەھادىس، 11\476 )
” قىيامەتتىن ئاۋۋال ئىككى بۈيۈك ھادىسە بولىدۇ... ۋە ئاخىرىدا يەر تەۋرەشلىك يىللار بولىدۇ “ (رامۇز-ئەل ئەھادىس، 2\187)
ئامېرىكا خەلقئارا يەر تەۋرەش تەتقىقاتى مەركىزىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، 1999 -يىلدا دۇنيادا مىڭلارچە يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلدى .
« قۇرئان كەرىم »  دىكى 99 -سۈرە بولغان « زەلزەلە »  ( يەر تەۋرەش ) سۈرىسىمۇ چوڭ يەر تەۋرەشلەرنى تىلغا ئالماقتا.
” پاھىشىۋازلىق ئاشكارا بولمىغۇچە... قىيامەت قايىم بولمايدۇ “ ( رامۇز-ئەل ئەھادىس، 91\ 7 )

زامانىمىزدا بەزى تارقىتىش ۋاسىتىلىرىنىڭ نۇرغۇن چىركىنلىك - رەسۋالىقنى ئوچۇقچە كۆرسىتىشى بۇ ھەدىسنىڭ توغرىلىقىنى ئىساپاتلىماقتا.
” چوڭ شەھەرلەر خۇددى تۆنۈگۈن يوقتەكلا ھالاك بولىدۇ “ ( « كىتابۇل بۇرخان فى ئالامەتىل مەھدىييىل ئاخىر زامان » ، 38 - بەت )
2 - دۇنيا ئۇرۇشىدا ئاتوم بومبىسىنىڭ قوللىنىلىشى بىلەن خىرۇسىما ۋە ناگاساكى ئارىلى ۋەيران قىلىنغان . ئوخشاشلا ياۋرۇپادىكى بەزى چوڭ شەھەرلەرمۇ بومبىلانغاندىن كېيىن خارابىلىققا ئايلانغان.
”كىشىنىڭ ئۆز ئانىسىغا قارشى قوپۇشى، دادىسىنى خاپا قىلىشى... ئاجرىشىدىغانلارنىڭ كۆپىيىشى ... قىيامەت ئالامەتلىرىدىندۇر “ (تىرمىزى، فىتەن، 38 ) ئائىلە مۇناسىۋىتى كۈنسېرى تېز زەئىپلەشمەكتە.

” ( ئاخىر زاماندا سىلەردىن ئىلگىرىكى مىللەتلەرنى غېرىچمۇ غېرىچ ، قەدەممۇ قەدەم يەردە ئىزلەيسىلەر، ھەتتا ئۇلار (يەھۇدىي ۋە خرىستىئانلار) كەسلەنچۈكنىڭ تۆشۈكىگە كىرسە، سىلەرمۇ ئارقىسىدىن كىرىسىلەر “ « ئۆلۈم قىيامەت ۋە تىرىلىش » ، ( 470 - بەت )
ھازىر بىز تۇرۇۋاتقان مۇشۇ باسقۇچتا بەزى مۇسۇلمانلار خرىستىئان ۋە يەھۇدىيلارنىڭ ناچار ئادەتلىرىنىمۇ تەقلىد قىلىشماقتا.
” ۋاقىت قىسقىراپ، يىل ئاي، ئاي ھەپتە بولمىغۇچە، ھەپتە كۈن، كۈن سائەت، سائەت بولسا ئوت تۇتاشقىچىلىك بىر ۋاقىت بولمىغۇچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ “ .
” ئىنسانلارغا بىر زامان كېلىدۇكى، جامىلىرىدە توپلىنىپ ناماز قىلىشىدۇ . لېكىن ئارىسىدا مۆمىن(ھەقىقىي ئىمان كەلتۈرگەن مۇسۇلمان) چىقمايدۇ “ .
” ئەرلەر ئاياللارغا ، ئاياللار ئەرلەرگە ئوخشايدۇ... “ .
” ئالىملار ئىلىمنى پەقەت پۇل ئۈچۈن ئۆگەنگەندە ... دىننى بۇ دۇنيالىققا ساتقانلىرىدا... (دىننىڭ) ھۆكمىنى ساتقانلىرىد ا... قىيامەت يېقىنلاشقان بولىدۇ “ .
” ئىنسانلارغا شۇنداق بىر زامان كېلىدۇكى، جازانە يېمىگەن ئادەم قالمايدۇ . ئۇنى يېمىسىمۇ ئۆزىگە جازانىنىڭ توپا-توزانلىرى يۇقىدۇ “. ( رامۇز-ئەل ئەھادىس،503\7 ،360\8 )
”قىيامەتتە ئاخشام -كېچىلەرنىڭ پارچىلىرىدەك مۇرەككەپلىك بولىدۇ . بۇ مۇرەككەپلىك ئىچىدە كىشى ئەتىگىنى مۆمىن بولسا، ئاخشىمى كاپىر بولىدۇ ؛ ئاخشىمى مۆمىن بولسا ئەتىگىنى كاپىر بولىدۇ “ .
”ئىنسانلارغا شۇنداق بىر زامان كېلىدۇكى، دىنىدا سەبرى قىلىش ۋە ئىمان ئىگىسى بولۇش ئالقان ئىچىدە چوغ- ئوت تۇتۇشتىنمۇ تەس بولىدۇ “ .


قۇرئاندىكى بەزى قىيامەت ئالامەتلىرى

داببەتۇل- ئارز
« قۇرئان كەرىم » نىڭ « نەمل » سۈرىسى، 82 -ئايىتىدە داببەتۇل ئارزنىڭ بىر قىيامەت ئىكەنلىكىگە بېشارەت بېرىدۇ.
[ ئۇلار (يەنى كۇففارلار ) غا ئالدىنئالا ئېيتىلغان سۆز ئىشقا ئاشقاندا (يەنى ئازاب ۋە قىيامەت يېقىنلاشقاندا )، ئۇلارغا زېمىندىن داببە (بىر تۈرلۈك ھايۋان) نى چىقىرىمىزكى، ئۇ ئۇلارغا ئىنسانلارنىڭ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىشەنمىگەنلىكىنى سۆزلەيدۇ ]  « نەمل » سۈرىسى، ( 82 -ئايەت ).
داببەتۇل-ئارزنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدە ھەر خىل پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىققان، لېكىن ئۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكى تېخىچە تولۇق ئايدىڭلاشمىدى.
مەشھۇر مۇپەسسىر م. ئەلمالىلى ھەمدى يازىر ئايەتتىكى ”داببە“ سۆزىنىڭ’نەكىرە‘، يەنى ئېنىقسىز ئىسىم سۈپىتىدە قوللىنىلغانلىقىنى ۋە بۇ يۈزدىن كۆپ ھەر خىل مەنىلەردە كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان . بۇنىڭدىن داببەتۇل ئارزنىڭ سمۋوللۇق بىر ئىپادە ئىكەنلىكىنى ئويلاپ يېتەلەيمىز. ”داببە“ سۆزى ” دەبەلەنەن (ھەرىكەت قىلىدىغان ) “ سۆزىدىن تۈرلەنگەن . ”داببە“ سۆزى قۇرئاندىكى پۈتۈن جانلىقلار ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ، پەقەت ھايۋانلار ئۈچۈن ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدۇ . بەزى ئايەتلەردە ئىنسانلار ئۈچۈنمۇ قوللىنىلىدۇ. دەرۋەقە، ھەزرىتى ئەلىمۇ يۇقىرىقى ئايەتنى چۈشەندۈرگەندە شۇ ئىپادىنى قوللانغان : ” ئۇ قۇيرۇقى بار بىر داببە ئەمەس، ساقىلى بولغان بىر داببەدۇر “. بۇنىڭدىن داببەنىڭ بىر ئىنسان بولۇشى مۇمكىنلىكىنىمۇ چۈشىنەلەيمىز. بەزى مەنبەلەردە بولسا داببەتۇل ئارزنىڭ بېشى ئاسمانغا تاقاشقان بىر جانلىق ئىكەنلىكى چۈشەندۈرۈلىدۇ، بۇ پەقەت سمۋوللۇق بىر چۈشەندۈرۈشتۇر.
قۇرئاندىكى « سەبە » سۈرىسىدە، ھەزرىتى سۇلەيماننىڭ ھاسسىسىنى يېگەن ياغاچ قۇرۇتىغىمۇ داببە سۆزى قوللىنىلغان . بۇ ئايەتتىن بەزىلەر داببەتۇل ئارزنىڭ كىچىك بىر جانلىق ئىكەنلىكىنى ۋە ئىنسانلارنى ئىچىدىن يەيدىغان ئەيدىز ۋىرۇسىغا ئوخشاش بىر باكتېرىيە (كېسەللىك ) ئىكەنلىكىنىمۇ ئىلگىرى سۈرگەن، چۈنكى ياغاچ قۇرۇتىمۇ ھاسىنى ئىچىدىن يېگەن . لېكىن بۇ پەقەت بىر تەخمىندۇر .
بىر رىۋايەتتە داببەتۇل-ئارز ھەققىدە مۇنداق دېيىلمەكتە :
(پەيغەمبەر ئەلەيەىسسالام ) : ”داببەنىڭ ئۈچ چىقىشى بار : بىرسى بەزى چۆللەردە چىقىدۇ، كېيىن يوشۇرۇنىدۇ . بىرسى ئەمىرلەر قان تۆككەندە بەزى شەھەرلەردە چىقىدۇ، يەنە يوشۇرۇنىدۇ . كېيىن ئىنسانلار مەسچىتلەرنىڭ ئەڭ شەرەپلىكى، ئەڭ چوڭى ۋە ئەڭ خاسىيەتلىكى ئىچىدە تۇرغاندا يەر يۈزى ئۇلارنى ئۇچۇرتۇشقا باشلايدۇ . شۇ چاغدا خەلق قېچىشىدۇ، مۆمىنلەردىن بىر گۇرۇپ قالىدۇ، بىزنى ئاللاھتىن باشقا ھېچ كىم قۇتقۇزالمايدۇ دېيىشىدۇ . داببە ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چىقىدۇ، يۈزلىرىنى نۇرلۇق يۇلتۇزدەك پارلىتىدۇ . ئاندىن (داببە) ھەرىكەتلىنىدۇ، ئۇنىڭغا ئەگەشكەن يېتىشەلمەيدۇ، ئۇنىڭدىن قاچقان قۇتۇلالمايدۇ. (داببە) بىر ئادەمگە يېتىپ بارىدۇ، ( ئۇ ) ناماز قىلىۋاتقان بولىدۇ، (داببە): خۇدا ھەققى،سەن ناماز ئەھلى ئەمەس دەيدۇ . (داببە ئۇنىڭ ) ياقىسىدىن ئالىدۇ، (ئەگەر ئۇ ) ھەقىقى مۆمىن بولسا يۈزىنى ئاقارتىدۇ، كاپىر بولسا بۇرنىنى يارىدۇ “ دېدى. ”ئۇ ۋاقىتتا ئىنسانلار قانداق بولۇپ كېتىدۇ؟ “ دېدۇق. ”زېمىندا قوشنا، مالدا ئورتاق، سەپەردە دوست بولىدۇ “ دېدى . ( ئىبنۇ جەرىرنىڭ ھۇزەيفە بىن ئەسىدتىن قىلغان رىۋايىتى ) .
كۆرگىنىڭىزدەك، داببەتۇل - ئارزنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدە نۇرغۇن چۈشەنچە بېرىلگەن، ئەمما بۇ يەردە دىققەت قىلىنىشى كېرەك بولغان تېخىمۇ مۇھىم بىر ئالاھىدىلىك بار . دىققەت قىلىنىشى كېرەك بولغان نۇقتا، نۇرغۇن ئىسلام ئالىملىرىنىڭ داببەتۇل ئارزنىڭ چىققانلىقىنى سۆزلىگەنلىكىدۇر . يەنى بۈيۈك قىيامەت ئالامەتلىرىدىن بىرى بولغان داببەتۇل ئارزنىڭ چىقىشى بەزى دىنىي ئالىملارغا رىئاللىق بولۇپ كۆرۈنگەن .

ئاسماندا تۇمان
« قۇرئان كەرىم » نىڭ « دۇخان » سۈرىسىدە بىر تۈتەك قاتلىمىنىڭ ئاسماندا كۆرۈنىدىغانلىقى ئېيتىلماقتا. شۇغىنىسى بۇ تۈتەكنىڭ ئىنسانلارغا ئىزتىراپ بېرىدىغانلىقى ئالدىن بىلدۈرۈلمەكتە. [ ( ئى مۇھەممەد! ) سەن ئاسمان (ھەممە ئادەم) ئوچۇق (كۆرىدىغان)  تۈتۈننى كەلتۈرىدىغان كۈندە (ئۇلارغا بولىدىغان ئازابنى ) كۈتكىن. (ئۇ تۈتۈن )  كىشىلەرنى ئورىۋالىدۇ ، بۇ قاتتىق ئازابتۇر ) ]  « دۇخان » سۈرىسى ،( 10-11- ئايەت ).

بۇ ئايەتلەردىن كېيىن تۈتەكنىڭ يوقىتىلىدىغانلىقى، لېكىن يەنە ئىنسانلارنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقى ئېيتىلماقتا .

يەجۇجى ۋە مەجۈجى
« قۇرئان كەرىم » نىڭ ئىككى يېرىدە يەجۈجى ۋە مەجۈجى ھەققىدە سۆزلەنمەكتە. بۇلارنىڭ ئالدىغا بىر سەد (توسما) قۇرۇلغانلىقى ۋە زامانى كەلگەندە بۇ سەدنىڭ ئېچىلىدىغانلىقى ئېيتىلماقتا. ئاۋۋال « كەھف » سۈرىسىدىكى ئايەتلەرنى نەقىل كەلتۈرىمىز : [ زۇلقەرنەين ئىككى تاغ ئارىسىغا يېتىپ بارغاندا، ئىككى تاغ ئالدىدا ھېچقانداق سۆزنى چۈشەنمەيدىغان (يەنى ئۆزىنىڭ تىلىدىن غەيرىي تىلنى بىلمەيدىغان) بىر قەۋمنى ئۇچراتتى . ئۇلار : ’ ئى زۇلقەرنەين يەجۈج بىلەن مەجۈج يەر يۈزىدە ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلاردۇر، بىز بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بىر توسما سېلىپ بېرىشىڭ ئۈچۈن، ساڭا بىر قىسىم مېلىمىزنى (باجغا ئوخشاش ) تۆلىسەك بولامدۇ ؟ ‘ دېدى . زۇلقەرنەين ئېيتتى : ’ئاللاھنىڭ ماڭا بەرگەن نەرسىلىرى (يەنى كۈچ-قۇۋۋەت ۋە پادىشاھلىق سىلەرنىڭ ماڭا بېرىدىغان مېلىڭلاردىن ) ئارتۇقتۇر، ماڭا ئادەم كۈچى ياردەم قىلىڭلار، ئۇلار بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلارغا مۇستەھكەم بىر توسما سېلىپ بېرەي. ماڭا تۆمۈر پارچىلىرىنى ئېلىپ كېلىڭلار، (تۆمۈر پاچىلىرى دۆۋلىنىپ ) ئىككى تاغنىڭ ئارىسى تەكشى بولغاندا، كۆيۈكلەرنى بېسىڭلار ‘. تۆمۈر پارچىلىرى (قىزىپ) ئوتتەك بولغاندا، ئۇ : ’ماڭا (ئېرىتىلگەن مىسنى ) بېرىڭلار، ئۈستىگە تۆكەي‘ دېدى. ئۇلار (يەنى يەجۈج-مەجۈج) ئۇنىڭ ئۈستىگە چىقىشقىمۇ، ئۇنى تېشىشكىمۇ قادىر بولالمىدى . زۇلقەرنەين ئېيتتى : ’بۇ (يەنى توسمىنىڭ بەرپا قىلىنىشى ) پەرۋەردىگارىمنىڭ نېمىتىدۇر . پەرۋەردىگارىمنىڭ ۋەدىسى ئىشقا ئاشقاندا، بۇ ئۇنى تۈپتۈر قىلىۋېتىدۇ‘. پەرۋەردىگارىمنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر. ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە قىستاڭچىلىقتىن ) كىشىلەرنى بىر -بىرىگە گىرەلەشتۈرىۋېتىمىز، سۈر چېلىنىدۇ ، ئۇلارنى (ھېساب ئۈچۈن) يىغىمىز . « كەھف » سۈرىسى ، ( 93 __ 99 - ئايەتكىچە ) .
بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە يەجۈجى مەجۈجىنىڭ يولى ئېچىلغان زامان ھەر تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىدىغانلىقى « ئەنبىيا » سۈرىسىدە ئېيتىلماقتا :
” يەجۈج – مەجۈج (توسمىسى) ئېچىۋېتىلگەندە، ئۇلار زېمىننىڭ ھەر تۆپىلىكلىرىدىن ئالدىراپ چىقىپ كېلىدۇ، راست ۋەدە (يەنى قىيامەتنىڭ ۋاقتى ) يېقىنلشتى، ئۇ كۈندە كاپىرلارنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ قالىدۇ ، (ئۇلار): ۋاي ئىست ! بۇنىڭدىن بىز غەپلەتتە قېلىپتۇق، بەلكى بىز ئۆزىمىزگە ( زۇلۇم قىلىپتۇق ( دېيىشىدۇ ) “ « ئەنبىيا » سۈرىسى ، ( 96 - 97 -ئايەت ) .
يەجۈج ۋە مەجۈجنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدە نۇرغۇن گەپلەر بولۇنماقتا، لېكىن زادى نېمە ئىكەنلىكى تېخىچە ئېنىق ئەمەس .

مۇقەددەس كىتابلار ۋە 2000 -يىللار
قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى بىلىم ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، پەقەت، قىيامەتنىڭ بەزى ئالامەتلىرىنى، يەنى بېشارەتلىرىنى ئالدىن ئاڭقىرىغىلى بولىدۇ. تەتقىقاتلىرىمىزغا ئاساسەن، بىز ئەمدى تۇتقا قىلىدىغان قىيامەت ئالامەتلىرىنىڭ، يەنى بېشارەتلىرىنىڭ بىز تۇرۇۋاتقان 21 -ئەسىرنىڭ باشلىرىدا رىئاللىققا ئايلىنىدىغانلىقىنى ئويلاپ يەتمەكتىمىز . كىتابى مۇقەددەستىكى بۇ ئالامەتلەر « قۇرئان كەرىم » دىكى مەلۇماتلار بىلەن زىچ باغلانماقتا. يەنى بىزنىڭ ئويىمىزچە بۈگۈن ئوتتۇرا ياشلاردا بولغان ھەر قانداق بىر كىشى ئەمدى بىز گېپىنى قىلغان ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسىگە گۇۋاھ بولالايدۇ . لېكىن بۇ يەردە يەنە دىققەت قىلىنىشى كېرەك بولغان بىر نۇقتا بار ، كىتابى مۇقەددەستىكى نۇرغۇن ئالامەتلەرنىڭ نۇرغۇنى سمۋوللۇقتۇر، يەنى يوشۇرۇن ۋە چۈشىنىش تەس بولغان سموۋۇللار قوللىنىلماقتا. ھەقىقەتەن دىن ئالىملىرىمۇ قىيامەت ئالامەتلىرىنىڭ ئاساسەن سمۋوللۇق ۋە يوشۇرۇن چۈشەنچىلەرگە تولغانلىقىنى ئېيتىشماقتا. ئەسلىدىمۇ « قۇرئان كەرىم » دە ۋە باشقا مۇقەددەس كىتابلاردا قىيامەتنىڭ كۈتۈلمىگەن بىر چاغدا كېلىدىغانلىقى ۋە نۇرغۇن ئىنسانىڭ بۇنى پەرق ئېتەلمەيدىغانلىقى ئوچۇق بىر شەكىلدە ئىپادە قىلىنماقتا. قىيامەت ئالامەتلىرىنىڭ ئاساسەن سموۋۇللۇق، يەنى يوشۇرۇن بىر شەكىلدە بېرىلىشىنىڭ سەۋەبى پۈتۈن دىنلارنىڭ ئاساسىدا مەۋجۇت بولغان ئېتىقاد سىنىقى چۈشەنچىسىدىندۇر . ئېتىقادا سىنىقى — ئىنسانلارنىڭ ياراتقۇچىغا، يەنى ئاللاھقا ھەقىقەتەن ئىمان ئېيتىپ ياكى ئېيتمىغانلىقى ھەققىدە ھاياتى بويىچە سىنىلىشىدۇر .
« قۇرئان كەرىم » دە ئىنسانلارنىڭ ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق دېسىمۇ ھاياتى بويىچە مۈشكۈللەرگە دۇچ كېلىدىغانلىقى ۋە سىناقتىن ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ئىپادە قىلىنىدۇ :
[ ئىنسانلار ئىمان ئېيتتۇق دەپ قويۇش بىلەنلا سىنالماي تەرك ئېتىلىمىز دەپ ئويلامدۇ؟ ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنى بىز ھەقىقەتەن سىنىدۇق، ئاللاھ
(ئىمانىدا) راستچىللارنى چوقۇم بىلىدۇ، (ئىمانىدا) يالغانچىلارنىمۇ چوقۇم  بىلىدۇ ] . « ئەنكەبۇت » سۈرىسى ( 1 __ 3 - ئايەت )
[ ... ئەگەر ئاللاھ خالىسا، ئەلۋەتتە، سىلەرنى بىر ئۈممەت قىلاتتى ( يەنى پۈتۈن ئىنسانلارنى بىر دىندا قىلاتتى ). لېكىن ئاللاھ سىلەرگە بەرگەن شەرىئەتلەر بارىسىدا سىلەرنى سىناش ئۈچۈن (كۆپ ئۈممەت قىلىپ ئايرىدى ). ياخشى ئىشلارغا ئالدىراڭلار ... ] « مائىدە » سۈرىسى ،  ( 48-ئايەت ) .
ئەگەر قىيامەتنىڭ بۈيۈك ئالامەتلىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ۋە قايسى يىللاردا رىئاللىققا ئايلىنىدىغانلىقى ئىنسانلارغا ئوچۇق بىر شەكىلدە ئېيتىلسا ئىدى، ھەر كىم ئاللاھقا ئىمان ئېيتاتتى ۋە ئىمتىھان ئەمەلدىن قالاتتى . شۇڭا « قۇرئان كەرىم »  دىكى ۋە باشقا كىتابلاردىكى قىيامەت ئالامەتلىرى، يەنى  بېشارەتلىرى سىمۋوللۇق ۋە يوشۇرۇندۇر . ئەمدى كىتابى مۇقەددەس (مۇقەددەس كىتابلار، ساماۋى كىتابلار ) دا ئۇچرايدىغان قىيامەت ئالامەتلىرىنى رەت تەرتىپى بويىچە تەھلىل قىلايلى :

ئىسرائىلدە پالاكەت
« قۇرئان كەرىم » دە، ھەدىسلەردە ۋە كىتابى مۇقەددەستە ئىسرائىل ئوغۇللىرىنىڭ بىر قاتار پالاكەتلەرگە ئۇچرايدىغانلىقىغا دائىر بېشارەتلەر بار . كۈنىمىزدە ئىسرائىلدە نۇرغۇن ئېچىنىشلىق ھادىسە مەيدنغا كەلمەكتە، ھالبۇكى بۇ يەردە تېخىمۇ چوڭ پالاكەتلەردىن گەپ ئاچىمىز . بىز ئىگە بولغان بايقاشلارغا ئاساسلىنىپ، ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ ”قىززىق ئاتەش “ دېيىلىدىغان بىر پالاكەتكە دۇچ كېلىدىغانلىقى ۋە ئىسرائىل دۆلىتىنىڭ ئېغىر مۈشكۈلاتلارغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئېيتالايمىز. كىتابى مۇقەددەستە بەزى ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ ئالقانلىرىغا مۆھۈر ئۇرۇلغانلىقى ۋە بۇ پالاكەتتىن قۇتۇلغانلىقى ئېيتىلماقتا : ”... بۇ پەرىشتە قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزغا زىيان يەتكۈزمەك ئۈچۈن ئۆزلىرىگە ھوقۇق بېرىلگەن تۆت پەرىشتىگە قاتتىق ئاۋادا، بىز تەڭرىنىڭ قۇللىرىنى ئالقانلىرىدىن مۆھۈرلىگەنگە قەدەر قۇرۇقۇلۇققا، دېڭىزغا ۋە دەرەخلەرگە زىيان يەتكۈزمەڭلار ! دەپ توۋلىدى . مۆھۈرلەنگەنلەرنىڭ سانىنى ئاڭلىدىم. پۈتۈن ئىسرائىل ئوغۇللىرىدىن 144 مىڭ كىشى مۆھۈرلەنگەنىدى ... “ ( يۇھاننا، ۋەھىي 7-باپ 2،3،4 )
بۇ يەردىكى مۆھۈرلىنىش ھادىسىسى ، ” 144 مىڭ كىشى ...“ دېگەندەك ئىپادىلەر سمۋوللۇق، يەنى مەجازى ئىپادىلەردۇر . ھالبۇكى دىققەت قىلىنىشى كېرەك بولغان نۇقتا — 144 مىڭ كىشىنىڭ پەرىشتىلەر تەرىپىدىن قوغدالغانلىقى ۋە بىخەرتەرلىككە ئېلىنغانلىقىنىڭ مەلۇم بولۇشىدۇر .
ھەدىسلەرگە قارىغىنىمىزدا ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئېغىر مۇشكۇلاتلارغا ئۇچرايدىغانلىقى ئېيتىلىدۇ . مەسىلەن، ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر ھەدىسىدە مۇسۇلمانلار بىلەن يەھۇدىيلار ئۇرۇشمىغۇچە قىيامەتنىڭ قايىم بولمايدىغانلىقى ئېيتىلىدۇ . (بۇخارى، جىھاد 94 ، مەناكىپ 25 ؛ مۇسلىم، فىتەن ، 79 ) پەقەت بۇ يەردە شۇنى ئېيتماق كېرەككى ، ” يەھۇدىيلار قارغىۋېتىلگەن “ دېگەندەك گەپلەرنىڭ ھەممىسى خاتا. ھەقىقەتەن، ئىسلام دىنى ئىرقچىلىقنىڭ ۋە ئىنسان ئايرىمىچىلىقىنىڭ ھەر قاندىقىنى چەكلەيدۇ .

ئاسماندىكى گۈلدۈرماما ۋە چاقماقلار
” پەرىشتىلەر ئىسرىقداننى ئالدى ۋە ئىچىگە تاش سەندەلدىكى ئوتتىن ئوت ئېلىپ تولدۇرۇپ ئوتنى يەر يۈزىگە ئۇچۇرتتى . بۇ چاغدا ئاسمان گۈلدۈرلىدى، ئاۋازلار ئاڭلاندى، چاقماق چېقىلدى ، يەر تەۋرىدى “. ( يۇھاننا، ۋەھىي 8 -باپ 5 )
كىتابى مۇقەددەستىكى بۇ بۆلۈمدە ئوتنىڭ دۇنياغا ئۇچۇرتۇلغانلىقى ۋە ئاسمانغا سوقۇلۇپ گۈلدۈرماما ۋە چاقماق پەيدا قىلغانلىقى ئېيتىلماقتا. يەنى ئوت پارچىلىرىنىڭ ئاتموسفىراغا سوقۇلىدىغانلىقى ناھايىتى ئوچۇق بىر شەكىلدە خەۋەر بېرىلمەكتە . ھەقىقەتەنمۇ ئاتموسفىراغا ئوت ۋە ياكى ئېلېكتىر ئۇچقۇنلىرى سوقۇلغان ئەھۋالدا يۇقىرىدا ئېيتىلغان رىئاكسىيىلەر ئەينەن يۈز بېرىدۇ. يەنە يۇقىرىدىكى بۆلۈمدىن بىر قانچە جۈملە ئاۋۋال ئۇچرايدىغان ” قۇياش ئۇلارنى سوقمايدۇ ، ئوت ئۇلارنى قورۇمايدۇ (كۆيدۈرمەيدۇ) “ جۈملىسىمۇ يوشۇرۇن بېشارەتلەردىن بىرسى بولۇشى مۇمكىن.
« قۇرئان كەرىم » دىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان بېشارەتلەر بار.  ”(قىيامەت كۈنى ) سىلەرگە قىزىق ئوتنىڭ يالقۇنى ۋە تۈتۈنى ئەۋەتىلىدۇ، سىلەر ئۆزەڭلارنى قوغدىيلمايسىلەر . (ئى ئىنسانلار ! جىنلار!) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ (قىيامەت كۈنى پەرىشتىلەرنىڭ چۈشۈشى ئۈچۈن ) ئاسمان يېرىلغان چاغدا ئاسمان (دوزاخنىڭ قىزىقلىقىدىن) قىزىلگۈلدەك، قىزىل چەمدەك بولۇپ قالىدۇ قىزىقلىقىدىن) قىزىلگۈلدەك، قىزىل چەمدەك بولۇپ قالىدۇ “ « رەھمان » سۈرىسى، ( 35 __ 37 - ئايەت )


لېكىن يەنە باشتا ئېيتقىنىمىزدەك ، نۇرغۇن ئادەم بۇ ئالامەتلەر ئەمەلىيەتكە ئايلانغاندا نېمە بولغانلىقىنى ئۇقالمايدۇ . بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ ”ئىمان سىنىقى “ ئىكەنلىكىنى بايا تىلغا ئالدۇق .

يەر يۈزىدە ئاتەش
كىتابى مۇقەددەستە ئۇچرايدىغان يەنە بىر ئالامەت مۇنداق :
” بىرىنجى پەرىشتە نەيچىنى پۈۋلىدى : قان ئارىلاش مۆلدۈ ر ۋە ئوت پەيدا بولۇپ، يەر يۈزىگە ئېتىلدى...“ (يۇھاننا، ۋەھىي 8-باپ 7 ) بۇ ھادىسىدىن كېيىن يەر يۈزىنىڭ بىر قىسمىنىڭ يانغانلىقى ۋە دەرەخ بىلەن يېشىللىقلارنىڭ قاتتىق زىيانغا ئۇچرىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ .
بۇ يەردە يەنە يوشۇرۇن سمۋوللار قوللىنىلماقتا. مەسىلەن، ئاسماندىن مۆلدۈر بىلەن بىرلىكتە قان يېغىشىنىڭ ھېچقانداق ئىمكانى يوقتۇر ۋە بۇ يوشۇرۇن بىر باياندۇر. بىزگە كۆرە بۇ يەردىكى قان ۋە ئوت ئۇرۇشنى سمۋول قىلماقتا . بايىقى چۈشەندۈرۈشلىرىمىزدىمۇ دۆلەتلەرنىڭ گۇرۇھ بولۇپ، زىددىيەتكە چۈشىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدۇق، لېكىن بۇنىڭغا تېخى ۋاقىت بار دەپ ئويلايمىز . كىتابى مۇقەددەسنىڭ باشقا يەرلىرىدىمۇ دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئارا سوقۇشىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنماقتا :
” ئۇرۇش ئاۋازلىرىنى، ئۇرۇش پاراڭلىرىنى ئاڭلايسىلەر . ھەرگىز دەھشەتكە چۆممەڭلار . بۇ ھادىسىلەرنىڭ بولۇشى لازىم، ئەمما تېخى كەلمىدى.چۈنكى مىللەت مىللەتكە قارشى، دۆلەت دۆلەتكە قارشى قوزغىلىدۇ . ھەر يەرلەردە قەھەتچىلىك ۋە يەر تەۋرەشلەر بولىدۇ .بۇلارنىڭ ھەممىسى سانجىقلارنىڭ (قاتتىق ئازابلارنىڭ ) باشلانغۇچىدۇر “. (ماتتا، 24 -باپ 6،7،8 )

دېڭىزغا چۈشكەن مېتورېت
يەنە بىر قىيامەت ئالامىتى، يەنى ئىپادىسى شۇ شەكىلدىدۇر : ”ئىككىنچە پەرىشتە نەيچىنى پۈۋلىدى : يالقۇنجاپ كۆيگەن، تاغدەك يوغان بىر دۆۋە نەرسە دېڭىزغا ئۇچۇرتۇلدى ... “ (يۇھاننا، ۋەھىي 8-باپ 8 ) كۆرگىنىمىزدەك، تاغدەك بىر تاش پارچىسىنىڭ دېڭىزغا ئۇچۇرتىلىدىغانلىقى بايان قىلىنماقتا. ئۇنىڭدىن كېيىن كېمىلەرنىڭ ۋە بېلىقلارنىڭ قاتتىق زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقى بايان قىلىنماقتا. شۇنى تەكرارلايمىز ، بۇ ھادىسىنىڭ ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئالامەتلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا تېخى يىللار بار. يەنە كېلىپ بۇ مېتورېت دۇنيانىڭ ئاخىرلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ، چۈنكى بۇ پالاكەتتىن كېيىن يەنە باشقا ئالامەتلەر بار . يەنى مېتورېت چۈشكەن ھامان پەقەت مەلۇم بىر رايون بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. ئەسلىدە بۇ يەردە يەنە ناھايىتى مۇھىم بىر مەلۇمات بېرىلمەكتە . بۇ مەلۇمات ئاسترونومىيىلىك كۆزىتىشلەر بىلەنمۇ ماس كەلمەكتە . ئالەمدىن كەلگەن مېتورىتلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك سۈركىلىش تۈپەيلىدىن ئاتموسفېرادا كۆيۈپ يوق بولىدۇ ۋە دۇنياغا زىيان بەرمەيدۇ . ئوخشاشلا بۇ يەردە دېيىلگەن ئالامەتتىمۇ، تاش پارچىسىنىڭ يالقۇنجاپ كۆيگەنلىكى ئېيتىلماقتا، ئەمما يوق بولمايدىغانلىقى ۋە دېڭىزغا چۈشىدىغانلىقى قوشۇمچە قىلىنماقتا. دېڭىزغا چۈشكەن يوغان بىر مېتورېت غايەت زور دولقۇنلارنى مەيدانغا كەلتۈرۈشى ۋە بەزى قىرغاقلارنى سۇغا باستۇرۇپ ، جان خەتىرى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
ئالىملار بۇنداق بىر مېتورېتنى تېخى ئېنىقلىيالمىغانلىقىنى ئېيتماقتا. ھالبۇكى ئېنىقلانغان ئەھۋالدىمۇ ئۇنى چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ، چۈنكى بۇنداق بىر مېتورېت زور پاراكەنچىلىك تۇغدۇرىدۇ . « قۇرئان كەرىم » دىمۇ بۇ مېتورېتقا دائىر ئىشارەتلەر بار . بىزنىڭ ئويىمىزچە ، ھەتتا مېتورېت چۈشىدىغان كوردىناتلارمۇ قۇرئاندا يوشۇرۇنغان بولۇپ، بىر تەرىپىدە ئامېرىكا قىتئەسى بولغان ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈش ئېھتىماللىقى چوڭدۇر. ھەقىقەتەنمۇ كىتابى مۇقەددەستە مېتورېت ھەققىدىكى باياندا قوللىنىلغان ”دېڭىزلارنىڭ ئۈچتە بىرى “ ئىپادىسىمۇ يۈز ئۆلچىمى نۇقتىسىدىن كۆپرەك ئاتلانتىك ئوكيانغا ماس كېلىدۇ.
قۇرئاندىكى « تۇر » سۈرىسىدە دېڭىزنىڭ تېشىشى ۋە ئاسماندىن بىر پارچىنىڭ چۈشۈشى بايان قىلىنماقتا : [ ( قىيامەت كۈنى ) ئوت بولۇپ ياندۇرۇلغان دېڭىز بىلەن قەسەمكى ،  پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئازابى چوقۇم يۈز بەرگۈسىدۇر ]  « تۇر » سۈرىسى ( 6-،7-ئايەت )

[ ئەگەر ئۇلار ئاسماننىڭ بىر پارچىسى چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرسە : بۇ توپلاشقان بۇلۇتتۇر دەيدۇ. ئۇلارنى ھالاك قىلىنىدىغان كۈنگىچە تەرك ئەتكىن ] « تۇر » سۈرىسى ( 44-،45-ئايەت )
دىققەت بىلەن تەھلىل قىلىنسا، قۇرئاندىكى ھەمدە كىتابى مۇقەددەستىكى ئىپادىلەر بىر -بىرىگە پاراللېلدۇر . كىتابى مۇقەددەستە ، چۈشىدىغان مېتورېت تاغقا ئوخشىتىلىدۇ، ئوخشاشلا قۇرئاندىكى سۈرىنىڭ ئىسمى بولغان ”تۇر“ سۆزىمۇ تاغ مەنىسىدە كېلىدۇ .

بەزى سۇلارنىڭ زەھەرلىنىشى
”سۇلارنىڭ ئۈچتە بىرى پېلىنگە ئايلاندى، نۇرغۇن ئىنسان سۇلارنىڭ تەسىرى بىلەن ئۆلدى . چۈنكى سۇلار ئاچچىق بولۇپ كەتكەنىدى “. (يۇھاننا، ۋەھىي 8-باپ 11 )
كىتابىي مۇقەددەستىكى بۇ بۆلۈمدە يەنە سمۋوللۇق ئىپادە قىللىنىلماقتا. بۇ يەردىكى ”پېلىن“ بىر يىلتىزنىڭ ئىسمىدۇر ھەم ئاچچىق بىر ئوت-چۆپ تۈرىدۇر. پەقەت سۇلارنىڭ ئاچچىق بولۇپ كېتىشى ھالاكەتلىك بىر قوزغاتقۇچ ئەمەس. ئەمما خىمىيىلىك ۋە بىئولوگىيىلىك ماددىلارنىڭ سۇغا ئارىلىشىشى جان خەتىرى يارىتىدۇ . بۈگۈن بەزى دۆلەتلەر سۇ مەنبەلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ جىددىي تەدبىر قوللىنىشقا باشلىدى . بايا ئېيتقىنىمىزدەك، بۇ ئالامەتنىڭمۇ ئەمەلىيەتكە ئايلىنىشىغا تېخى يىللار بار.
كىتابى مۇقەددەستىكى قىيامەت بايانلىرى بۇ بۆلۈمدىن كېيىنمۇ داۋام قىلىدۇ، شۇغىنىسى سمۋوللۇق، يەنى يوشۇرۇن چۈشەنچىلەر بارغانچە كۆپ بولغىنى ئۈچۈن كېيىنكىلەرنى تەھلىل قىلىشقا ھاجەت يوقلۇقىنى ھېس قىلدۇق.

بەشىنچى بۆلۈم

ئوقۇرمەنلەردىن كەلگەن سوئاللار


بۇ بۆلۈمدە تېمىمىزدىن چىقىپ، ئوقۇرمەنلەردىن ۋە ئەتراپىمىزدىن كەلگەن ھەر خىل سوئاللا رغا جاۋاب بېرىشكە تىرىشىمىز . بايان تېمىمىزنىڭ سىرتىدا بولۇشىغا قارىماي، بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىش لازىملىقىنى ھېس قىلدۇق . چۈنكى نۇرغۇن كىشىنىڭ تۆۋەندىكى سوئاللار ھەققىدە بىلىمىنىڭ يېتەرسىز ئىكەنلىكىنى كۆزلىدۇق . ئەمدى بۇ قىزىقارلىق سوئاللارغا يۈزەكى بىر شەكىلدە جاۋاب بېرىشكە تىرىشىمىز.


1 - سوئال : ئۆلۈمدىن كېيىن تىرىلىش بولىدىغانلىقىغا ۋە روھنىڭ بارلىقىغا دائىر ئىلمىي ئىسپاتلار بارمۇ ؟

جاۋاب:بىلگىنىمىزدەك، ئىسلامىيەت، خرىستىئانلىق ۋە يەھۇدىي ئېتىقادلىرىغا كۆرە روھ ئۆلۈمسىزدۇر ۋە بىر ئۆلۈمدىن كېيىن باشقا بىر ئۆزگىرىشتە ھاياتىنى داۋام ئېتىدۇ . ئۆلۈمدىن كېيىن ھاياتلىقنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى ئېتىقادى قەدىمكى مىسىرلىقلاردا، شامانلاردا، ھىندى ئېتىقادلىرىدا ۋە ئانتىك يۇنان پەلسەپەسىدە ئېتىراپ قىلىنغانىدى. بۈگۈنكى كۈندىمۇ، ئۆلۈمدىن كېيىن روھنىڭ ياشايدىغانلىقىغا دائىر نۇرغۇن ئىلمىي ئىسپاتلار بايقالماقتا. مەسىلەن. ئىنگىلىز ئالىملىرى مېڭە ئىقتىدارلىرىنى يوقاتقان ۋە تىببىي چۈشەنچىدە ئۆلگەن كېسەللەرنىڭ سەزگۈ ھالىنىڭ داۋام قىلغانلىقىنى ۋە بىر تالاي تۇيغۇدا بولغانلىقلىرىنى ئېنىقلىدى.
سوئۇتخامپتون دوختۇرخانىسىدىكى ئالىملار ئېلىپ بارغان بۇ تەتقىقات ئۆلۈمدىن كېيىن ھاياتلىقنىڭ بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەنىدى ۋە نۇرغۇن نوپۇزلۇق مېدىتسىنا ژۇرناللىرىدا چوڭ تەسىر قوزغىغانىدى . كاردىيولوگىيە بۆلۈمىدە ئىشلەيدىغان دوكتور سام كارنىئە ۋە دوكتور پېتېر فېنۋىك ئىسىملىك ئالىملارنىڭ ئۆلۈمنىڭ ئاغزىدىن يانغان 63 كېسەل ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتى ئۆلۈمدىن كېيىن ھاياتلىقنىڭ بارلىقىنى كۆرسەتكەنىدى . ھاياتقا قايتقان بۇ كېسەللەرنىڭ بىر قىسمى پەرقلىق بىر دۇنياغا كەتكەنلىرىنى ۋە پارلاق بىر نۇر ھاۋزىسى كۆرگەنلىكلىرىنى سۆزلىگەن.
ئوخشاشلا گوللاندىيەدىكى 10 دوختۇرخانىدا مۇتەخەسىسلەر تەرىپىدىن 344 نەپەر يۈرەك تىقىلمىسى كېسىلى ئانالىز قىلىندى ۋە ئوخشاش نەتىجىگە ئېرىشىلدى. بۇ كېسەللەر كىلىنكىلىق جەھەتتە ئۆلگەنىدى، تومۇرلىرى سوقمايتتى، نەپەس ئالالمايتتى ۋە مېڭە ئىقتىدارلىرىنى يوقاتقانىدى . ئەمما قوللىنىلغان چارىلەر نەتىجىسىدە ھەممىسى ھاياتلىققا قايتۇرۇلغان . بۇ كېسەللەرنىڭ كۆپ قىسمى ئۆلۈم كەلگەن چاغدا دوختۇرخانىدا بولۇپ ئۆتكەن ھادىسىلەرنى توغرا بىر شەكىلدە ئاڭلاتقان . مەسىلەن، بۇ كېسەللەردىن بىرى ئۆلگەن چاغدا سېستىرا قىلغان ھەر بىر ئىشنى ئۇششاق تەرەپلىرىگىچە تەرىپلىگەن ۋە دېگەنلىرى توغرا چىققان.
لېكىن شۇنىمۇ دەپ قويۇش كېرەككى، بار بولغان ھەممە نەرسىنى كۆزىمىز بىلەن كۆرۈشىمىز مۇمكىن ئەمەس . مەسىلەن، رادىئو دولقۇنلىرى ياكى تېلىۋىزوردىكى كۆرۈنۈشلەر، رەڭلەر ۋە ئاۋازلارنى شەكىللەندۈرىدىغان ماگېنتلىق دولقۇنلار ئۆيلىرىمىزگىچە كەلمەكتە، لېكىن بىز بۇلارنى كۆرەلمەيمىز ۋە ھېس قىلالمايمىز.
روھنىڭ ۋە بىئوئېنىرگىيىنىڭ بارلىقىغا دەلىل سۈپىتىدە كىرلىئان فوتوگرافچىلىقىدەك پاراپىسخولوگىيىلىك تەتقىقاتلارمۇ ئۇنى ئىلگىرى سۈرگەن . بۇ تەتقىقاتلار كۆپرەك بۇرۇنقى سوۋېت ئىتتىپاقىدا ۋە ئۇنىڭ شەرقىدىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان. يۇقىرى دولقۇنلۇق بىر فوتوگراف تېخنىكىسى بولغان كىرلىئان تېخنىكىسى ئارقىلىق جىسىملارنىڭ ئەتراپىدا كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان رەڭلىك چاقناشلار (ئائۇر ا) بولىدىغانلىقى بايقالدى . ئېلىپ بېرىلغان تەجرىبىلەردە، شېخىدىن يۇلۇنغان بىر ياپراقنىڭ ئەتراپىدىكى ئائۇرانىڭ ياپراق قۇرۇغانچە ئازايغانلىقى ئېنىقلانغان . (پاھانتوم لېئاف ئېففېكت)

2 -سوئال : پەيغەمبەرلەر ئۆلۈمنىڭ بىر ئاخىرلىشىش ئەمەسلىكىنى ۋە ئىنسانلارنىڭ تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان مۇجىزىلەرنى كۆرسەتكەنمىدى ؟
جاۋاب : پەيغەمبەرلەر ئۆلۈمدىن كېيىن ھاياتلىق بولىدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم سۆزلىگەن ۋە ھەتتا ئىسپاتلىغان . ئىسلام ئېتىقادىدا ھەم خرىستىئانلىقتا ھەزرىتى ئىسانىڭ مۆجىزىۋى شەكىلدە ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرگەنلىكى مەلۇم .
ھەزرىتى ئىسا ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن كۆپ قېتىم ئىنسانلانىڭ كۆز ئالىدىدا ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرگەن ۋە روھنىڭ بەدەنگە ھاياتلىق بېرەلەيدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن . « قۇرئان كەرىم »  دە بۇ ھادىسە مۇنداق ئۇچرايدۇ :
[ ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئېيتتى : ئى مەريەم ئوغلى ئىسا! ساڭا ۋە سېنىڭ ئاناڭغا بەرگەن نېمىتىمنى ئەسلىگىن، ئەينى زاماندا ساڭا روھۇلقۇدۇس (يەنى جىبرىئىل) بىلەن مەدەت بەردىم، (كىچىكىڭدە) بۆشۈكتە ۋە (پەيغەمبەر بولغان ) ئوتتۇرا ياش ۋاقتىڭدا كىشىلەرگە سۆزلەيتتىڭ، ئەينى زاماندا ساڭا كىتابنى، ھېكمەتنى، تەۋراتنى ۋە ئىنجىلنى ئۆگەتتىم، ئەينى زاماندا مېنىڭ ئىزنىم بىلەن لايدىن قۇشنىڭ شەكلىدە بىر نەرسە ياسايتتىڭ -دە، ئۇنى پۈۋلىسەڭ ئىزنىم بىلەن ئۇچىدىغان قۇش بولاتتى، مېنىڭ ئىزنىم بىلەن تۇغما كورنى، بەرەس كېسىلىنى ساقايتاتتىڭ، ئەينى زاماندا، مېنىڭ ئىزنىم بىلەن ئۆلۈكلەرنى (تىرىلدۈرۈپ قەبرىلىرىدىن ) چىقىراتتىڭ، ئەينى زاماندا بەنى ئىسرائىلنى ساڭا چېقىلىشتىن توستۇم، سەن ئۇلارغا مۆجىزىلەر بىلەن كەلگەن چېغىڭدا ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كاپىرلا ر: بۇ پەقەت روشەن سېھىردۇر دېدى ] « مائىدە » سۈرىسى ، ( 110 - ئايەت )

بۇ ئايەتتە ھەزرىتى ئىسانىڭ تۇغۇلغان ھامان سۆزلىگەنلىكى، كورلانى ساقايتقانلىقى، لايدىن قۇش ياساپ جان كىرگۈزگەنلىكى ۋە ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرگەنلىكى بايان قىلىنماقتا. ئاللاھنىڭ بىر مۆجىزىسى سۈپىتىدە ھەزرىتى ئىسانىڭ خەلقنىڭ كۆز ئالدىدا ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈشى بەدەنگە ھاياتلىق بېرىدىغان ئاساسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنىڭ روھ ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. ھەزرىتى ئىبراھىمنىڭ شۇنىڭغا ئوخشاش بىر مۆجىزە كۆرسەتكەنلىكى قۇرئاندا ئۇچرايدۇ . ھەزرىتى ئىبراھىم ئاللاھتىن ئۆلۈمدىن كېيىن ھاياتلىقنىڭ بولۇش-بولماسلىقىنى ئۆزىگە كۆرسىتىشىنى تىلەيدۇ . ئاللاھ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا تۆت دانە قۇشنى ئۆلتۈرۈشىنى ۋە پارچىلىرىنى باشقا-باشقا يەردىكى تاغلارنىڭ تۆپىسىگە قويۇشىنى ئېيتىدۇ . ئاندىن ئۆلگەن ئۇ قۇشلارنى قىچىرىشنى بۇيرۇيدۇ . پارچىلىرى باشقا-باشقا يەرلەردە بولغان قۇشلار ئۇچۇپ ئىبراھىمنىڭ يېنىغا كېلىدۇ، بۇ قۇشلار ئەسلىدىكى قۇشلار ئىدى، چۈنكى بۇ قۇشلارنىڭ بەلگىسى بار ئىدى .
ئوخشاشلا ھەزىرىتى مۇھەممەد ئەلەيەىسسالام ئەرشىئالاغا ئېلىپ چىقىلغان مىئراج كېچىسىدە پەيغەمبەرلەرنىڭ روھلىرى بىلەن ئۇچراشقان ۋە ئۇلار بىلەن كۆرۈشكەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلۈمدىن كېيىن ھاياتلىقنىڭ بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.


3 - سوئال: ئاللاھ ھەر ۋاقىت، ھەر يەردە مەۋجۇت بولىدىغان ۋە پۈتۈن ئالەمنى كونتروللۇقىدا تۇتۇپ تۇرىدىغان قانداق بىر مەۋجۇتلۇق ؟

جاۋاب: ئالدىنقى بۆلۈملەردە كېلىچەكنىڭ قۇرئاندا بېشارەت بېرىلگەنلىكىنى سان -ساناقسىز مىساللار بىلەن كۆرسەتتۇق . سان -ساناقسىز دەيمىز، چۈنكى بىز كىتابتا بەرگەن مىساللارنىڭ كۆپ قىسمى باشقا ئالىملارنىڭ تەتقىقاتلىرىدىن تاللاپ ئېلىندى، بۇ ناھايىتى روشەن مەلۇماتلاردۇر. مەسىلەن 1400 يىل ئاۋۋال ئىنسانلار 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ بولىدىغانلىقىنى، ئايغا چىقىلىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى، پەقەت ئاللاھ تائالا بىلەتتى ۋە بۇلار « قۇرئان كەرىم » دە يوشۇرۇنغانىدى . چۈنكى ئاللاھ ئۈچۈن كېلەچەك ۋە ئۆتمۈش دېگەن ئۇقۇملار يوق، ئۇ ھەر قانداق بىر يىلدا تۇغۇلمىغان ۋە ئۆلمەيدۇ. ئۇ ھەم ھەر قانداق بىرسى تەرىپىدىن يارىتىلمىغان. ئاللاھ تائالا چەكسىز ۋە ئەبەدىي بىر كۈچكە ئىگە، شۇنداقلا بىزلەرگە ئوخشىمايدۇ . بىز بولساق مۇئەييەن بىر يىلدا تۇغۇلىمىز، چوڭ بولىمىز ۋە ئەجىلىمىز كەلگەندە بۇ دۇنيادىن كۆچىمىز . ئاللاھنىڭ بىزلەردىن پەرقلىق ئىكەنلىكىنى ۋە زامان -ماكان دېگەندەك ئۇقۇملارغا باغلىق ئەمەسلىكىنى بۇنىڭدىن چۈشىنەلەيسىز . زامان ۋە ماكان ئۇقۇملىرىنىمۇ ئەسلىدىلا ئاللاھ ئۆزى ياراتقان .
[ (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، ئۇ — ئاللاھ بىردۇر . ھەممە ئاللاھقا مۇھتاجدۇر. ئاللاھ بالا تاپقانمۇ ئەمەس، تۇغۇلغانمۇ ئەمەس . ھېچ كىشى ئۇنىڭغا تەڭداش بولالمايدۇ . ] « ئىخلاس » سۈرىسى ،( 1 __ 4 - ئايەتلەر )

4 - سوئال : ئىنسانلار ۋە باشقا جانلىقلارنىڭ تاساددىپىي مەيدانغا كېلىپ قېلىشى مۇمكىنمۇ ؟
جاۋاب : ئىنسانلارنىڭ ياكى كىچىك بىر چىۋىننىڭ تاساددىپىي مەيدانغا كېلىشى ئۇ ياقتا تۇرسۇن، بىر يەككە ھۈجەيرىنىڭمۇ تاساددىپىي مەيدانغا كېلىشى مۇمكىن ئەمەس. ھەتتا بىر يەككە ھۈجەيرىنى تەشكىل قىلىدىغان مىڭلارچە پروتېئىن مولېكۇلىسىدىن پەقەت بىر دانىسىنىڭمۇ تاساددىپىي شەكىللىنىش ئېھتىمالى يوقتۇر. ھۈجەيرىلىرىمىزنى تەشكىل قىلىدىغان پروتېئىن مولېكۇللىرى ئامىنو ئاسىتلېرنىڭ تىزىلىشى بىلەن شەكىللىنىدۇ . بۇ ئامىنو ئاسىتلېر تەخمىنەن........... 1.000.000.000.000.000 ( 400 خانىلىق رەقەم ) پەرقلىق شەكىلدە تىزىلالايدۇ . لېكىن بۇ تىزىلىشلاردىن پەقەت بىر دانىسى توغرا پروتېئىننى شەكىللەندۈرىدۇ . باشقا تىزىلىشلار بولسا ئىشقا يارىمايدۇ . يەنى پەقەت بىر دانە پروتېئىن مولېكۇلىسىنىڭ شەكىللىنىش ئېھتىمالى ...1000.000.000.000.000 ( 400 خانىلىق رەقەم )  دىن بىر . تىرىليوندىن بىر ئېھتىمالدىن ھەسسىلەپ تۆۋەن بولغان بۇ ئېھتىمال ماتېماتىكىلىق
ھېسابلاش جەھەتتىن ئىمكانسىز دەپ ئېتىراپ قىلىنماقتا. قىسقىسى، بىر يەككە ھۈجەيرىنى شەكىللەندۈرىدىغان مىڭلارچە پروتېئىندىن بىر دانىسىڭمۇ تاساددىپىي مەيدانغا كېلىش مۇمكىنلىكى يوقتۇر . يەنە كېلىپ پروتېئىن مولېكۇلىسىنىڭ نۇرغۇن تۈرلىرى بار . بۇ پروتېئىن مولېكۇللىرىنىڭ  شەكىللىنىشىنى كونترول قىلىدىغان DNA زەنجىرلىرىنىڭمۇ تاساددىپىي شەكىللىنىش ئېھتىمالى يوق .

ئىنسان ۋۇجۇدىدىكى ھەممە ئەزالار مۆجىزىلىك ئىقتىدارلارغا ئىگە . مەسىلەن، كۆز بىلەن كۆرۈلىدىغان ھەر قانداق بىر كۆرۈنۈشنىڭ مېڭىدە شەكىللىنىشى ئۈچۈن مىليارتلارچە ۋەزىپە ئورۇنلىنىدۇ . كۆزدىكى كۇنۇس شەكىللىك ۋە تاياقچىسىمان ھۈجەيرىلەر كۆزگە كىرگەن نۇرلارنى ئېلىكتىرىك سىگناللارغا ئايلاندۇرۇپ، مېڭىنىڭ ئالاھىدە رايونلىرىغا ئەۋەتىدۇ ۋە كۆرۈنۈشلەر مەيدانغا كېلىدۇ . شۇنداقلا كۆزدە ھۈجەيرىلەرنى باقىدىغان ۋە ھۈجەيرە ئېتىلىشىنى ساقلايدىغان ئاجايىپ بىر يىپ تومۇر بار . يەككە بىر ئىنسان بەدىنىدىكى قان تومۇرلىرىنىڭ (قىلدام تومۇرلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) جەمئىي ئۇزۇنلۇقى 95 مىڭ كىلومېتىردۇر. يەنى بىر ئىنساندا يەر شارى دىئامېتىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقىدىن نەچچە ھەسسە ئۇزۇن بىر تومۇر يىپى باردۇر .
مۇشۇلارغا ئوخشاش يەنە نۇرغۇن مىسال بېرەلەيمىز، چۈنكى ئاللاھ چەكسىز بىر قۇدرەتكە ئىگە. مۇشۇنداق تۇرسىمۇ تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىچىسى ئالىملاردىن بەزىلىرى ئاللاھ كۆز بىلەن كۆرۈلمىگەنلىكى ياكى قول بىلەن تۇتۇلمىغانلىقى ئۈچۈن يارىتىلىش مۆجىزىسىنى ئېتىراپ قىلمايۋاتىدۇ .
بۈگۈن ئالىملار جانسىز ماددىلاردىن جانلىقلارنىڭ شەكىللىنەلمەيدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلماقتا. بۇرۇن لويىس پاستېر قاتارلىق مەشھۇر ئالىملارمۇ بۇنى ئىسپاتلىغان . مەسىلەن، بۇرۇن ياشىغان ئىنسانلار سېسىغان گۆشلەردە پەيدا بولغان قۇرتلارنى ئۆزلىكىدىن شەكىللىنىدۇ دەپ قارايتتى . لېكىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان تەجرىبىلەر نەتىجىسىدە بۇ قۇرتلارنىڭ چىۋىنلار قالدۇرۇپ قويغان تۇخۇملاردىن چىققانلىقى ئايدىڭلاشتى.
ئۇنىڭدىن باشقا، قۇياش سىستېمىسىدا نۇرغۇن سەييارە ۋە سۈنئىي ھەمراھ بولسىمۇ ياشاشقا ئۇيغۇن بىردىنبىر يەر يەر شارىدۇر . ئالىملار باشقا پىلانېتلاردا سۇ ۋە ياكى ئورگانىك مولېكۇلىلەرنى تاپماق ئۈچۈن نۇرغۇن تەتقىقاتلارنى ئېلىپ باردى، لېكىن ئۈمىد قىلغانلىرىنى تاپالمىدى. يەنە كېلىپ، بىز ياشاۋاتقان يەر بولغان دۇنيا ئالەم بوشلۇقىدا سەييارىلەرگە سوقۇلماي يۇقىرى سۈرئەتتە ھەرىكەتلەنمەكتە . ئەگەر يەر شارى بىر ئاز ئاستا ھەرىكەتلەنسە ئىدى، قۇياشنىڭ تارتىش كۈچىگە بەك ئۇچراپ كېتەتتى -دە، ئۇنىڭغا سوقۇلاتتى . ئەگەر يەر شارى بىر ئاز تېز ھەرىكەتلەنسە ئىدى، بۇ چاغدا مەركەزدىن قاچما كۈچنىڭ تەسىرى بىلەن ئور بېتىسىدىن چىقىپ كېتەتتى -دە، يەر يۈزىدە ھاياتلىق بولمايتتى . ئەگەر ئاي يەر شارىغا بىر ئاز يېقىن بولسا يەرنىڭ تارتىش كۈچىگە بەك ئۇچراپ كېتەتتى-دە، يەر شارىغا سوقۇلاتتى.
بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، يەر شارى باشقا پىلانېتلاردىن پەرقلىق ھالدا ناھايىتى ئالاھىدە بىر ئاتموسفېراغا ئىگە . ئاتموسفېرايىمىز پۈتۈن جانلىقلار ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان نۇرلارنى ئۆتكۈزىدۇ، لېكىن ئالەمدىكى زىيانلىق نۇرلارنىڭ ئۆتۈشىنى توسىدۇ؛ شۇنداقلا مېتورېتلارنىڭ يەر يۈزىگە سوقۇلۇشىنىمۇ توسىدۇ. باشقا پىلانېتلارغا بولسا نۇرغۇن مېتورېتلار سۇقۇلماقتا. مەسىلەن ، ئاينىڭ ئۈستىدىكى ناھايىتى چوڭ يانار تاغ ئېغىزلىرى يوغان مېتورېتلارنىڭ سوقۇلۇشى نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن.
ئىنسان تۈرىدە بولغىنىدەك، باشقا جانلىقلاردىمۇ مۇرەككەپ سىستېمىلار مەۋجۇت. مەسىلەن، بىر چۈمۈلىنىڭ مېڭىسىدە 500 مىڭغا يېقىن نېرۋا ھۈجەيرىسى بار . بۇلار ئارقىلىق چۈمۈلە مىليونلارچە سىگنال قوبۇل قىلالايدۇ ۋە ئالاقە قۇرالايدۇ. پاشىدىمۇ ئاۋاز دولقۇنلىرىنىڭ مەيدانىنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان بىر ئەزا بار . يەنى ئەڭ كىچىك جانلىقلاردىمۇ مۇرەككەپ سىستېمىلار مەۋجۇت. شۇڭا ئىنسانلار ئاللاھ ياراتقان ھەر جانلىققا رەھمەت ۋە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك...

5- سوئال: ئىنسانلارنىڭ بىر قىسمى بايلىق، بىر قىسمى بولسا كەمبەغەللىك ئىچىدە ياشايدۇ. ئاللاھ نېمىشقا بۇنى توسمايدۇ ؟
جاۋاب : كەمبەغەللىكنىڭ بايلىقتىن ياخشىراق ئىكەنلىكىنى ھەزرىتى ئىسا شۇ سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىگەن :
” تۆگىنىڭ يىڭنە تۆشۈكىدىن ئۆتۈشى باي ئادەمنىڭ تەڭرى ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتۈشىدىن ئاسانراقتۇر “ (ماركوس، 10 -باپ 25 ) ئاللاھ بايلارغا كۆپرەك ماددىي پايدا بېرىپ ئۇلارنى سىنايدۇ. لېكىن بايلارنىڭ كۆپ قىسمى بۇ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەيدۇ، باشقىلارغا كېرەكلىك ياردىمىنى كۆرسىتەلمەيدۇ . ئەكسىچە يوقسۇل ئىنسانلار باي ئىنسانلارغا قارىغاندا كۆڭلى تېخىمۇ تىنچتۇر . باي ئىنسانلارنىڭ دىققىتىنى تارتمايدىغان ھەر قانداق بىر ئىش يوقسۇل بىر ئىنساننىڭ بەختلىك بولۇشى ئۈچۈن يېتەرلىكتۇر. ئىستاتىستىكىلىق تەتقىقاتلارغا كۆرە، يېزىلاردا ۋە كىرىمى ئاز يەرلەردە ياشىغان ئىنسانلا ر بىر قەدەر خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرمەكتە .
چۈشكۈنلۈك ۋە ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان دۆلەتلەر بولسا كىرىمى يۇقىرى بولغان دۆلەتلەردۇر. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، ئىنسانلارنىڭ جەننەتتىن قوغلىنىپ جاپا- مۇشققەتلەرگە تولغان بىر دۇنياغا يولغا سېلىنغانلىقى قۇرئان قاتارلىق ھەممە مۇقەددەس كىتابلاردا ئېيتىلغان. جەننەتتىن قوغلانغان پەقەت ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن ھاۋۋا ئانا ئەمەس، بەلكى جىمى ئىنسان نەسلىدۇر ۋە ھېساب بېرىدىغانلار يەنە ئىنسانلاردۇر، ئەمما بىزلەر دۇنياغا كەلگەندىن كېيىن بۇلارنى ئېسىمىزدىن چىقىرىپ قويىمىز. خرىستىئانلارنىڭ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى يۇيۇندۇرۇشىنىڭ سەۋەبىمۇ روھ ئالىمىدىن بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىق بىر شەكىلدە تۇغۇلغىنىغا ئىشەنگەنلىكىدۇر . بۇ تېمىنى كېيىنكى مەسىلىدە يەنە سۆزلەيمىز .  ئەمدى پەقەت « قۇرئان كەرىم »  دىكى بەزى  ئايەتلەرنى تەھلىل قىلايلى :
[ ئاللاھ (ئادەم بىلەن ھەۋاغا ئېيتتى : سىلەر ھەممىڭلار جەننەتتىن بەزىڭلار بەزىڭلارغا دۈشمەن بولغان ھالدا چۈشۈڭلار، ئەگەر سىلەرگە مېنىڭ تەرىپىمدىن ھىدايەت كەلسە، كىمكى مېنىڭ ھىدايىتىمىگە ئەگەشسە، ئۇ ئازمايدۇ ۋە  ئاخىرەتتە شەقى بولمايدۇ ] « تاھا » سۈرىسى، ( 123 -ئايەت ) .
كۆرگىنىمىزدەك، بۇ يەردە قوللىنىلغان ”ھەممىڭلار“ سۆزى كۆپلۈك شەكىلدىكى بىر سۆزدۇر ۋە جىمى ئىنسان نەسلىنىڭ جەننەتتىن قوغلانغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە . يەنى ”ئادەم بىلەن ھەۋۋا“ ئۇقۇمى بىرلا ۋاقىتتا ئىنسان نەسلىنى تەمسىل قىلماقتا. باشقا بىر ئايەتتە بولسا :
[ ئاللاھ ئېيتتى: سىلەر بىر-بىرىڭلارغا (يەنى شەيتان ئىنسانغا، ئىنسان شەيتانغا) دۈشمەن بولغان ھالدا چۈشۈڭلار، ئەجىلىڭلار پۈتكەنگە قەدەر يەر يۈزىدە تۇرىسىلەر ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىسىلەر ] « ئەئراف » سۈرىسى ( 24 - ئايەت ) .
بۇ ئايەتتىمۇ ئىنسانلارنىڭ جەننەتتىن قوغلىنىپ دۈشمەنلىك تولغان بىر يەر يۈزىگە پالانغانلىقى ئېيتىلماقتا. بايا دېگىنىمىزدەك، بۇ جازانىڭ مەسئۇلى ئىنسانلاردۇر، ئەمما بىزلەر تۇغۇلۇشتىن ئاۋۋال بىز بار بولغان روھلار ئالىمىنى ئەسلىيەلمەيمىز.

6 - سوئال: يەنى تۇغۇلۇشىمىزدىن ئاۋۋال روھلار ئالىمىدىكى گۇناھلىرىمىز سەۋەبىدىن بۇ دۇنيادا بۇنچىلىك مۇشەققەتلەرگە دۇچ كېلىمىزمۇ؟ ئۇرۇشلار، مېيىپ تۇغۇلۇشلارغا ئوخشاش ئېچىنىشلىق ھادىسىلەرنىڭ سەۋەبىمۇ جەننەتتىن قوغلانغانلىقىمىزدىنمۇ ؟
جاۋاب : ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدە ئاللاھنىڭ بۇ دۇنيادىن ئاۋۋالقى روھلار ئالىمىدە پۈتۈن ئىنسانلارغا ” مەن سىلەرنىڭ رەببىڭلار ئەمەسمىدىم؟ “ دېگەن بىر سوئال سورىغانلىقى ۋە ئىنسانلارنىڭمۇ ” ئەلۋەتتە، رەببىمىزسەن، بىز بۇنىڭغا شاھىد “ دەپ جاۋاب بەرگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. بۇ ھادىسە « ئەئراف » سۈرىسىنىڭ 172 -ئايىتىدىمۇ ئېيتىلىدۇ .  لېكىن بىزلەر ئاللاھقا ۋەدە بەرگەنلىكىمىزنى ئەسلىيەلمەيمىز.
بايا بىز ئۆرنەك بەرگەن ئايەتتە جەننەتتىن قوغلانغان ئىنسانلارنىڭ دۈشمەنلىك تولغان بىر دۇنياغا جازا سۈپىتىدە پالانغانلىقى ئېيتىلىدۇ :
[ ئاللاھ ( ئادەم بىلەن ھەۋاغا ) ئېيتتى : سىلەر ھەممىڭلار جەننەتتىن بەزىڭلار بەزىڭلارغا دۈشمەن بولغان ھالدا چۈشۈڭلار ... ] « تاھا » سۈرىسى، ( 123 - ئايەت ) .

ئايەتتە، ئىنسانلارنى بىر -بىرىگە دۈشمەن قىلغان ئاللاھ ئەمەس، پەقەت دۇنيادا دۈشمەنلىك ۋە رەزىللىكنىڭ بولىدىغانلىقى ئاللاھ تەرىپىدىن ئالدىنئالا بىلدۈرۈلمەكتە. شۇنداقلا ئىنسانلار جەننەتتىن قوغلانغانلىقى ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر جازاغا ئۇچرىتىلغان . ”چەكلەنگەن دەرەخنىڭ مېۋىسى “ ئىپادىسى بولسا بىر سمۋولدۇر . ئەسلىدىمۇ بۇ دەرەخنىڭ يەنە بىر ئىسمى” ياخشى-يامانلىقنى بىلمەك دەرىخى “ دۇر .
باشقا دىنلاردىمۇ ”جەننەتتىن قوغلىنىش “ چۈشەنچىسىنىڭ بارلىقىنى ۋە خرىستىئانلارنىڭ شۇ سەۋەبتىن ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىق تۇغۇلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدۇق. ھەزرىتى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا كەلگەن تەۋراتنىڭ بېشىدىلا جەننەتىن قوغلىنىش گېپى بار. ھەتتا تەۋراتتا پەقەت ئىنسانلارلا ئەمەس، باشقا بەزى جانلىقلارنىڭمۇ جەننەتتىن قوغلانغانلىقى ئۈچۈن بۇ دۇنياغا كەلگەنلىكى بايان قىلىنماقتا. مەسىلەن، يىلانلارنىڭ چوڭ بىر جازاغا ئۇچرىتىلغانلىقى، شۇڭا ئۇنىڭ دۇنيادا ئۆمىلەپ سۆرۈلۈپ يۈرۈيدىغانلىقى ۋە توپا يەيدىغانلىقى ئېيتىلماقتا . (« تەۋرات تەكۋىن » 3 ) .
لېكىن دۇنيادا بولۇۋاتقان پۈتۈن زىيان-زەخمەتلەرنىڭ سەۋەبىنى ”جەننەتتىن قوغلىنىش“ تىن كېلىپ چىققان دەپ ئويلىماسلىقىمىز لازىم . بۇرۇن ئۇرۇشلارنىڭ بولۇشىغا ۋە نۇرغۇن ئىنساننىڭ ئۆلۈشىگە ئىنكاس قايتۇرمىغان دۆلەتلەر بۈگۈن ئۆزلىرىنى ئۇرۇش ئىچىدە تاپتى . ئافرىقىدا ئىنسانلارنىڭ ئاچلىقتىن ئۆلۈشىنى تاماشا قىلغان پۈتۈن دۇنيا پەقەت كۆرۈنۈشكىلا ياردەم قىلىپ قويۇشتى . كوسوۋادىكى ئىنسانلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى دۇنيادىكى پۈتۈن ئىنسانلار يىللارچە تاماش قىلدى ۋە ”ماڭا چېقىلمىغان يىلان تۈمەن مىڭ يىل ياشىسۇن “ چۈشەنچىسى بىلەن ھەرىكەت قىلدى. كۆپىنچىمىز ئاچ -يالىڭاچ ۋە ئىگە -چاقىسىز ئىنسانلار بىلەن ھەر كۈنى ئۇچرىشىمىز، ئەمما ئۇلارغا قاراپمۇ قويماستىن ئۆتۈپ كېتىمىز . قىسقىسى، ھەركىم ” مەن بىر ئادەم نېمە قىلالايمەن؟ !“ دەپ، زېممىسىگە چۈشكەننى ئورۇنلاشتىن قاچىدۇ. ئېنىق ئېيتىش كېرەككى، مۇتلەق كۆپ ساندىكى مۇشۇنداق ئىنسانلاردىن تەشكىل تاپقان دۇنيادا ئۇرۇشلارنىڭ، جىنايەتلەرنىڭ، ئوغرىلىق ۋە باشقا نۇرغۇن رەزىللىكلەرنىڭ بولۇشى ئاللاھنىڭ گۇناھى ئەمەس . ۋاھالەنكى، يەر يۈزىدە ياشاۋاتقان پاك ئىنسانلار ئىنتايىن ئازدۇر.
بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ قانچىلىك يەخشىلىق ۋە يامانلىق قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن بۈيۈك جازا كۈنىنى ئاخىرغا قويغان.
[ زالىملارنىڭ قىلمىشلىرىدىن ئاللاھنى بىخەۋەر دەپ ئويلىمىغىن، ئاللاھ  ئۇلارنى جازالاشنى (شۇ كۈننىڭ دەھشىتىدىن )كۆزلەر چەكچىيىپ قالىدىغان كۈنىگىچە(يەنى قىيامەت كۈنىگىچە ) كېچىكتۈرىدۇ ]  « ئىبراھىم » سۈرىسى، ( 42 - ئايەت ) .

[ ئەگەر ئاللاھ ئىسانلارنى ئۇلارنىڭ زۇلۇمى تۈپەيلىدىن (چاپسان ) جازالايدىغان بولسا، يەر يۈزىدە قىمىرلاپ تۇرىدىغان ھېچبىر جان ئىگىسىنى قويمىغان بولاتتى، لېكىن ئاللاھ ئۇلارنى مۇئەييەن ۋاقىتقىچە تەخىر قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ (ھالاك بولۇش ) ۋاقتى كەلگەندە قىلچە ۋاقىتمۇ كېچىكتۈرۈلمەيدۇ ، (ۋاقتى كەلمىسە ) قىلچە ۋاقىتمۇ ئىلگىرى سۈرۈلمەيدۇ ]  « نەھل » سۈرىسى، ( 61 - ئايەت ) .

7- سوئال: ئاللاھقا دۇئا -تەلەپلەردە بولىمىز، لېكىن ئىستەكلىرىمىزنىڭ بەزىلىرى ئەمەلگە ئاشمايدۇ . ئاللاھ بىزلەرگە قۇلاق سالمامدۇ ؟

جاۋاب :  ياق، ئاللاھ ھەر ئىنساننىڭ سۆزىنى ئاڭلايدۇ ۋە ئەقلىدىن ئۆتكەنلىرىنى بىلىدۇ . ئىنسانلار ئومۇمەن ئۆزلىرىدىن ئاجىز بولغانلارغا ياردەم قىلىشقا ئالدىرىمايدۇ، لېكىن ئۆزلىرىدىن قۇدرەتلىك بولغان ئاللاھتىن ئۈزلۈكسىز بىر نەرسە تىلەيدۇ . ھالبۇكى باشقىلارغا ياردەمچى بولمىغان ئىنسانلارغا ئاللاھمۇ ياردەم قىلمايدۇ. بىز ئىستىگەن ھەر نەرسە رىئاللىققا ئايلىنىدىغان يەر جەننەت ئىدى، ئەمما ئىنسانلار گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن جەننەتتىن قوغلاندى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىنسانلارنىڭ تولىسى ئەڭ كىچىك مۇشكۈلاتلارغا چىدىماي بويۇنتاۋلىق قىلىشىدۇ، مۇش كۈلاتلارغا سەۋر قىلمىغان ئىنسانلار ئاللاھنىڭ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمەيدۇ . ھەزرىتى ئىسا ئەلەيھىسسالامدەك بىر پەيغەمبەرمۇ چۆلدە 40 كۈن ئاچلىقتا سىنالغان . چۆلدىكى شايتان ھەزرىتى ئىسا دۇئا قىلسا تاشلارنىڭ نان  بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان، لېكىن ئىسا ئەلەيھىسسالام بۇنى قوبۇل قىلمىغان ۋە ” تەڭرىنى سىنىيالمايسەن “ دېگەن (ئىنجىل-لۇكا 4). يەنى ئىسا ئەلەيھىسسالامدەك بىر پەيغەمبەرمۇ تاشلارنىڭ نان بولۇشى ئۈچۈن دۇئا قىلمىغان، ئەمما بۈگۈنكى ئىنسانلار دۇئا قىلسا ھەر تۈرلۈك دۇنياۋى ئىستەكلەردە بولىدۇ . ئىستەكلىرى ئەمەلگە ئاشمىسا ئاللاھنى ئۆزلىرىنىڭ دۇئاسىغا قۇلاق سالمىدى دەپ بىلىشىدۇ .
« قۇرئان كەرىم » دە بۇ ھەقتە ئىنسانلارنىڭ نە قەدەر نانكور ئىكەنلىكى ئېنىق ئېيتىلىدۇ :
[ ئەگەر ئىنسانغا بىزنىڭ رەھمىتىمىزنى تېتىسساق خوش بولۇپ كېتىدۇ، ... ئۇلارنىڭ قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن (بېشىغا) بىرەر ھادىسە كەلسە، ئىنسان  تولىمۇ كۇفرانى نېمەت قىلغۇچىدۇر ] « شۇرا » سۈرىسى ، ( 48 -ئايەت ) .



مەزكۇر ئەسەر مۇشۇ يەردە تامام . ھۆرمەتلىك مۆئمىن قېرىنداشلار ئۈچۈن .

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
مەلىكە + 1000 رەھمەت سزگە،يەنە ئەۋەتىڭە.
Uyghun + 100 رەھمەت

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 1100   باھا خاتىرىسى

ھەممىمىز ئىمتىھان مەيدانىدا ، يەنە كېلىپ ئوچۇق ئىمتىھان مەيدانىدا .بىز پەقەت ئوخشىمىغان تەسەۋۋۇردىكى  بىرلا نەتىجىنى كۈتىۋاتىمىز .  ‹‹www.bildur.net››
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش