مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 968|ئىنكاس: 11

چەرچەن زاغۇنلۇق قەدىمقى قەبرىستانلىقى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

نېمىلەرنى ئويلا

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11976
يازما سانى: 739
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16174
تۆھپە نۇمۇرى: 3127
توردا: 349 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-12 05:09:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


زاغۇنلۇق قەبرىستانلىقىدىن چىققان بوۋاق جەسىتى

80-يىللاردىن باشلانغان چەرچەن ناھيىسى تەۋەسىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىق نۇقتىلىرىنى قايتىدىن بېكىتىش ئارخېئولوگىيىلىك چارلاپ تەكشۈرۈش-قېزىش ئىشلىرىدا بىر قىسىم نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، قەدىمقى چەرچەننىڭ قۇم ئاستىدا كۆمۈلۈپ ياتقان قەدىمقى مەدەنىيىتى قىسمەن بولسىمۇ خەلقى ئالەمگە ئاشكارا بولدى.
زاغۇنلۇق قەدىمقى قەبرىستانلىقى-ناھىيىمىزنىڭ توغراقلىق يېزىسىدىكى زاغۇنلۇق كەنتىنىڭ ئىككى كىلومېتىر غەربىگە، يەنى بوستانلىقنىڭ ياقىسىدىكى قۇملۇققا جايلاشقان. ئورنى چەرچەن ناھىيە بازىرىغا ئالتە كىلومېتىر، چەرچەن دەرياسىدىن غەربكە ئون كىلومېتىر كېلىدىغان تۈپۈلۈككە جايلاشقان. قەبرىستانلىقنىڭ شەرقى قەدىمىي دەريا ئېقىنىغا يېقىن بولغاچقا ئەتراپتىكى يەر يۈزىدىن بىر قەدەر ئېگىز، چەرچەنلىكلەر بۇ جاينى «تۇزلۇققاش» دەپ ئاتايدۇ. قەبرىلەر تۆپۈلۈكنىڭ ئۈستىگە جايلاشقان بولۇپ، شالاڭ، زىچلىقى تەكشى ئەمەس. كۆلىمى تەخمىنەن 35 مىڭ كۋادرات مېتىر كېلىدۇ.
بىر قىسىم مەلۇماتلاردىن قارىغاندا ئىلگىرى زاغۇنلۇق كەنتى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى قەبرىلەر توپىنى بەزى ئادەملەرنىڭ ئىزچىل تۈردە ئوغۇرلۇقچە قېزىش ئەھۋاللىرى داۋاملىق يۈز بېرىپ كەلگەن. قەبرىلەر توپى داۋاملىق ئوغرىلىنىشقا دۇچ كەلگەچكە ناھايىتى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. تارىخىي مەلۇماتلار ۋە بىر قىسىم ئېكىسپىدىتچىلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا ھازىرقى زاغۇنلۇق دېيىلىۋاتقان بۇ جايدىن تەخمىنەن بىر كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى «لەلىلىك» (لەمپىلىك دەپمۇ ئاتىلىدۇ) دەپ ئاتىلىۋاتقان جايدا روشەن ھالدا قەدىمقى ئولتۇراق ئۆي، مۇنار، شەھەر سېپىللىرى بار بولۇپ، كۆجۈم شەھەر مەنزىرىسىنى قىياس قىلىشقا بولىدىكەندۇق. ئەپسۇسكى، ئۇزاق تارىخقا ئىگە بۇ قەدىمى شەھەر ئورنى نامەلۇم «بايلىق قازغۇچىلار» نىڭ زور كۆلەملىك قالايمىقان قېزىشى، تەبىئىي ئاپەت يەنى قۇم بوران ئاپىتى تۈپەيلىدىن يىلمۇ-يىل بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش خەۋىپىگە دۇچ كەلگەن. يەرلىك ئاھالىلارنىڭ ئېيتىشىچە: زاغۇنلۇق قەدىمقى قەبرىستانلىقى ۋە لەلىلىك خارابىسىدا ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ئەڭ زور بولغان بۇزغۇنچىلىق خاراكتىردىكى قەدىمقى قەبرە ۋە ئۆي-ئىمارەتلەرنى بۇزۇپ ئېسىل بويۇملارنى ئوغۇرلاش قىلمىشى 1947-يىللىرى يۈز بەرگەن بولۇپ، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ «بايلىق ئىزدەش» تەتۈر تەشۋىقاتى تۈپەيلىدىن پۈتۈن ناھىيە خەلقى قوزغىلىپ، زاغۇنلۇق قەبرىستانلىققا كۆچۈپ چىقىپ، ئىزچىل تۈردە قەبرە قېزىش، بۇزۇش، كولاش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارغان. بۇ قېتىملىق بالايى ئاپەتلىك بۇزغۇنچىلىق ھەركىتىدە نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى بېجىرىم ساقلانغان پۈتكۈل قەبرىلەر ئاساسى جەھەتتىن ئېچىۋېتىلىگەن، جەسەتلەر پارچە-پارچە قىلىۋىتىلگەن، قىممەتلىك ساپال قاچىلار چېقىۋىتىلگەن، باشقا قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىق بويۇملىرى قالايمىقان بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان. بۇزۇش، كولاش ئىشلىرى ئەۋجىگە كۆتۈرۈلگەن. بۇ قېتىمقى زور كۆلەملىك بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتى 3-4 ئاي داۋاملاشقان. ئۇندىن باشقا يەرلىك ئاھالىلارنىڭ داۋاملىق تۈردە بۇ رايوندىكى خارابىلار ۋە قەبرىلەرنىڭ ئۇستىدىكى يۇلغۇنلارنى چېپىش، تۇز كولاش. قەدىمقى ئولتۇراق ئۆي ئورونلىرىنى قالايمىقان كولاش، تاملىرىنى يىقىتىش، قەبرىلەرگە يېپىلغان ياغاچلارنى ئوغۇرلاش، قەبرە ئۈستىگە ياپقان قۇمۇش-يىكەنلەرنى ئېلىپ كېتىپ ئوغۇت ئورنىدا ئىشلىتىش، قەبرىلەرنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ جەسەتلەرنى پارچىلاش، ھەر خىل ساپال قاچىلارنى ئۇرۇپ چېقىش، ئېسىل مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلش قاتارلىق ئىشلىرى ئىزچىل داۋاملاشقان، قەبرىلەر بۇزۇپ تاشلانغان. 1985-يىلدىن بۇيانقى ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش مەلۇماتىدىن قارىغاندا، بۇ رايوندىكى قەبرىلەرنىڭ %95 دىن ئارتۇقراقى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان.
1985-يىلدىن 1996-يىلغىچە بۇ رايوندىكى ئارخېئولوگىيىلىك چارلاپ تەكشۈرۈش-قۇتقۇزۇش خارەكتىرلىك قېزىش جەريانىدا ئىلگىرى كىشىلەر تەرىپىدىن زور دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان بولسىمۇ، قەبرە شەكلى دەپ پەرەز قىلىنغان 169 قەبرە قېزىلىپ، ئۇنىڭدىكى ساقلىنىپ قالغان ئاز بىر قىسىم ھەمدەپنە بۇيۇملار قۇتقۇزىۋېلىندى.
قەبرىلەر ۋە دەپنە ئادەتلىرى
1.قەبرىلەرنىڭ تۈزۈلۈشـى-قەبرىلەر ئۈستىدە قەبرە دۆۋىسى يوق بولۇپ، قەبرىلەر ئۇزۇنچاق چاسا شەكىللىك، تىك ئازگاللىق، لاپاسلىق قەبرىلەرنى ئاساس قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاخىرقى ئىككى خىل شەكىلدىكىسى تىپىك قەبرىلەر ھېسابلىنىدۇ.
2.دەپنە ئادىتى-جەسەتلەرنى يالغۇز دەپنە قىلىش، ئىككىدىن بەشكىچە ئادەمنى بىللە دەپنە قىلىش، بىر قەبرىگە كۆپ قېتىم دەپنە قىلىش، جەسەتنىڭ پۇت-قوللىرىنى پارچىلاپ دەپنە قىلىش ئادەتلىرى بار. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى جەسەتلەرنى بىللە دەپنە قىلىش ئادىتىدە ياش قۇرامىغا يەتكەنلەرنى بىللە دەپنە قىلىش ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ. كىچىك بالىنىڭ جەسىتىنى بىللە دەپنە قىلىش ئادىتىمۇ ئۇچرايدۇ. لېكىن ئاساسى ئورۇندا تۇرمايدۇ. قۇرامىغا يەتكەنلەر بىللە دەپنە قىلىنغان قەبرىلەرگە بىر ئەر جەسىتى بىلەن بىر نەچچە ئايالنىڭ جەسىتى بىللە دەپنە قىلىنغان. بىر ئەر جەسىتى بىلەن ئىككى ئايال جەسىتى ياكى ئۈچ ئايال جەسىتى قويۇلغانلىرىمۇ مەۋجۈت. بىراق ئىككى ئەر جەسىتى بىلەن ئۇچ ئايال جەسىتى قويۇلغانلىرىمۇ ئۇچرايدۇ. جەسەتلەر كۆپ قېتىمدا دەپنە قىلىنغان قەبرىلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە قۇرامىغا يەتكەنلەرنى بىللە دەپنە قىلغان بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم قەبرىلەردە كىچىك بالىنى دەپنە قىلغان ئەھۋاللارمۇ بايقالدى. قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ جەسىتى ئىچىدە ئەر ئايال جەسەتلىرى بار. ئەر-ئايال جەسەتلىرىنى بىر قەبرىگە كۆپ قېتىمدا دەپنە قىلىش ئەھۋاللىرىدىن قارىغاندا، بۇ رايوندا ئەر-خوتۇننى بىللە دەپنە قىلىش ياكى قانداشلىق مۇناسىۋەت بويىچە جەمەتىنى ئاساس قىلىپ بىر قەبرىگە كۆپ قېتىمدا دەپنە قىلىش ئادىتى كەڭ تارقالغان دېيىشكە بولىدۇ.
3.دەپنە شەكلـى-جەسەتنى ئوڭدىسىغا قىلىپ، پۇتىنى تىزىدىن يۇقىرىغا ئىگىپ، ئىككى قولىنى ئىگىپ، قورسىقىغا قويۇپ ياتقۇزۇشتىن ئىبارەت. بۇخىل دەپنە قىلىش ئۇسۇلى ئاساسىي نىسبەتنى ئىگەللەيدۇ. بەزى جەسەتلەرنىڭ پۇتى سول تەرەپكە ياكى ئوڭ تەرەپكە ئىگىلگەن ھالەتتە بولۇپ، ئۇلار دەپنە قىلىنغاندىن كېيىن سىقىلىپ شەكلى ئۆزگىرىشتىن شەكىللەنگەن. ئۇندىن باشقا گەۋدىسى ئېڭىشتۇرۇلگەن ھالدا دەپنە قىلىنغان بىر جەسەت ۋە كىچىك بالىنىڭ پۇت قوللىرىنى پارچىلاپ دەپنە قىلغان بىر قەبرە بايقالدى. بۇلار ئالاھىدە ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ. ئۇندىن باشقا ئوڭدىسىغا تۈز ياتقۇزۇلۇپ، ئىككى قولىنى قورسىقىغا قويغان ۋە جەسەت ئوڭدىسىغا قىلىنىپ، پۇتى ئىگىلگەن، ئىككى قولى بەدىنىنىڭ ئىككى تەرىپىگە قويۇلغان ھالەتتە دەپنە قىلىنغان ئەھۋاللارمۇ بايقالدى. بۇلار نورمال دەپنە شەكلىدۇر. بۇ مەزگىلدىكى جەسەتلەرنىڭ بېشىنىڭ يۆلىنىشى تەرتىپى ئېنىق ئەمەس. ھەر خىل يۆلىنىشتىكىلەر بار. كۆپلىگەن قەبرىلەردە مەخسۇس قويۇلغان ھەمدەپنە بۇيۇملىرى يوق. بىراق كىگىز بىر قەدەر كۆپرەك كۆرۈلدى. بەزى جەسەتلەرنىڭ ئاستىغا يۇڭ ئەدىيال سېلىنغان، بەزىلىرىنىڭ ئاستىغا قوي تېرىسى سېلىنغان ياكى قۇمۇش، دەرەخ شاخلىرى يېيىلغان. ئۇندىن باشقا نۇرغۇن جەسەتلەرنىڭ پۇت بۇغۇمى ئاستىدىن ياغاچ تېرەك بايقالدى. بۇ بىر خىل ئالاھىدە ئەھۋال بولۇپ، تەتقىق قىلىپ كۆرۇشكە ئەرزىيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە بىر قەبرىدىن يېرىم يۇمىلاق شەكىللىك ياغاچ جەسەت ساندۇقى يەنە بىر قەبرىدىن ئىنچىكىرەك كەلگەن يۇمىلاق ياغاچلارنى چېتىپ ياسىغان تاۋۇت بايقالدى. جەسەتلەرگە چاپان ئىشتان كىيگۈزۈلگەن، بەزىلىرىنىڭ بېشىدا بۆكى بار، يۈزى نىقاپلانغان، ئاغزى سۇقىچاق ئالتۇن ياپىراق بىلەن يېپىلغان. بەزى جەسەتلەرنىڭ يۈزىگە رەڭلىك بوياقلار بىلەن گىرىم قىلىنغان (بۇ بەلكىم ئومۇميۇزلۈك ئادەت بولسا كېرەك).
4.ھەمدەپنە بۇيۇملار-قەبرىلەردە يىمەكلىكلەرنى بىللە قويۇش ئادىتى مەۋجۇت بولۇپ، ئاساسلىقى قوينىڭ قۇۋرۇغىسى كۆپرەك. ئاشلىقتىن قىلىنغان يېمەكلىكلەر بىر قەدەر ئاز. ئۇندىن باشقا ئۆلگۈچىگە قۇربانلىق قىلىپ كۆمۈش ئادىتىمۇ مەۋجۈت بولغان، ئاساسلىقى قوينىڭ بېشى ۋە تارغاق سۆڭىكى، كالا مۈڭگۈزى، ئاتنىڭ بېشى، چىش ئاستىدىكى جاغ سۆڭىكى، تۈلكىنىڭ پۇتى قاتارلىقلار قېزىۋېلىندى. ئۇندىن باشقا قەبرىلەردىكى ھەمدەپنە بۇيۇملەردە ياغاچ بۇيۇملار بىلەن ساپال قاچىلار ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ياغاچ بۇيۇملاردىن ياغاچ ئورچۇق، تارغاق قاتارلىقلار. ساپال قاچىلاردىن ساپال ئاياق، ھەر خىل شەكىلدىكى كومزەك قاتارلىقلار. ئۇلاردىن قالسا، سۆڭەك بۇيۇملار بولۇپ، بۇلار مۈڭگۈز جام، مۈڭگۈز قۇشۇق ۋە سۆڭەك تارغاق قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. مىس بۇيۇملار ناھايىتى ئاز قېزىۋىلىندى. ئۇلار ئاساسلىق پىچاق، زىننەت بۇيۇملىرىدىن ئىبارەت. تۆمۈر بۇيۇملار نىسبەتەن كۆپرەك بايقالدى. بىراق ئۇلارنىڭ ساقلىنىشى ياخشى ئەمەس، ئېغىر دەرىجىدە داتلاشقان. پەقەت تۆمۈر پىچاقنىڭلا شەكلىنى پەرق ئەتكىلى بولىدۇ. قەبرىلەرنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ئاساسلىقى ئاياللارغا ئۇرچۇق ھەمدەپنە بۇيۇمى قىلىنغان. ئەر جەسەتلەرگە ئىگەر، قامچا ۋە بىلەي تاش ھەمدەپنە بۇيۇمى قىلىنغان. كىچىك بالىلارعا مۈڭگۇز جام ھەمدەپنە بۇيۇمى قىلىنغان.
ئاخىرىدا شۇنى قەيت قىلىپ ئۆتۈشكە بولىدۇكى، چەرچەن زاغۇنلۇق قەبرىستانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان بۇيۇملەر تارىخىنىڭ ئۇزۇنلىقى، ساقلىنىشنىڭ پۇختىلىقى، سانىنىڭ كۆپلىكى، تەتقىقات قىممىتىنىڭ يۇقىرىلىقى، ئۆزگىچە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى بىلەن بىزنى تارىم ئويمانلىقىدىكى (چەرچەندىكى) قەدىمقى زامانلاردا ياشىغان ئاھالىلەرنىڭ ئىتنىك تەركىبى ۋە ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىيىتى، ئىقتىسادى جەھەتلەردىكى تەتقىقاتلاردا مول ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.


ئاپتورى: تۇرسۇنجان ئابابەكرى

مەنبە؛جۇڭگۇ ئۇيغۇر رادىئوسى تورى

قاراڭغۇ زۇلمەتنى قاغىغاندىن كۆرە بىرەر چىراق ياققىنىڭ تۈزۈك

(ئارمانغا چۇشلۇق

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3580
يازما سانى: 649
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11035
تۆھپە نۇمۇرى: 548
توردا: 3163 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2014-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-12 05:24:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەۋرە توغۇرلۇق خىلى كوپ مەزمۇنلارنى بىلىۋالدىم .

ب

"/ئارتۇق گەپ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15156
يازما سانى: 1888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13101
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 3897 سائەت
تىزىم: 2010-10-25
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-12 05:42:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزلۈك ئېڭىنىڭ كەمچىل بولۇشى خەلىقىمىزنىڭ بىقۇۋۇللىقىنىڭ بىۋاستە سەۋەبى بولسا كېرەك، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكىدە زاغۇنلۇق قەبرىستانلىقىدىن تېپىلغان مەدەنى يادىكارلىقلار تونۇشتۇرلغان «زاغۇنلۇق قەدىمى قەبرىستانلىقى» ناملىق ماقالە خەلىقىمىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيەت ئىزناسىدىن خەۋەر بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما بىر تۈركۈم نا ئەھلى قۇلاق موللىرىمىزنىڭ شۇ تېپىلغان قەدىمى جەسەتلەرنىڭ ئىگىلىرى ھايات ۋاختىدا بەش نامازمىكەن؟ دەپ سورىغانلىقىنى بۈگۈنكى دەۋر نۇقتىسىدىن قانداق چۈشەندۈرۈشنىمۇ بىلمىگەن ئىدىم.

باتۇر بىر ئۆلىدۇ، قورقۇنچاق مىڭ.....!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30177
يازما سانى: 771
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8259
تۆھپە نۇمۇرى: 560
توردا: 4412 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2013-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-12 05:50:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ دەرىسنى ئۆتكەن ۋاقتىمدا «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»نىڭ 98-يىللىق  سانىدىكى رەسىملىرى ۋە بىرلگەن ماقالىدىن پايدىلىنىپ ئۆتكەن ئىدىم....

كىتابخانا -ئۆزىڭىزنى ئىزدەپ بارىدىغان جاي!!

ماڭا يۇكسەك ئىرادە ھەمراھ.....

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37344
يازما سانى: 1185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9129
تۆھپە نۇمۇرى: 837
توردا: 4036 سائەت
تىزىم: 2011-4-12
ئاخىرقى: 2014-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-12 05:58:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشىمۇ سىز تىما ئىگىسى...؟بىزنىڭ چەرچەننى چۇشەندۇرۇپ ئوتكىنىڭىزگە،كوپ رەخمەت.....

ئىسىڭىزدە بولسۇن،ھەربىر كۈن ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ گۈزەل كۈندۇر.!!!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15527
يازما سانى: 1240
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13428
تۆھپە نۇمۇرى: 353
توردا: 5931 سائەت
تىزىم: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-12 07:10:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شوپۇرجان ئەپەندىم ، بىر -بىرىدىن ئەھمىيەتلىك مەزمۇنلارنى يوللاپسىز!
بولسا يەنە داۋاملىق يوللاڭ بىز ئوقۇپ ھارمايمىز جۇمۇ!رەخمەت سىزگە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42915
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3009
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 918 سائەت
تىزىم: 2011-6-2
ئاخىرقى: 2011-6-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-12 07:53:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن چەرچەن مۇزىيىدا ساقلانغان قەدىمىي جەسەتلەرنى كۆرگەن ئىدىم، بۇ جەسەتلەرنىڭ بەدەن قۇرۇلىشى ھازىرقىدىن خىلىلا پەرىقلىنىدىكەن، ئۇلار بويى ئىگىزكەن، ھازىر ئۇنداق ئىگىز ئادەملەر بەك ئاز ئۇچرايدۇ، بىراق لەئىلىك خارابىسىنى تېخى كۆرۈپ باقمىدىم.

گۈلۈم---ظاتظال!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6620
يازما سانى: 523
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 12531
تۆھپە نۇمۇرى: 887
توردا: 2122 سائەت
تىزىم: 2010-8-17
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-12 11:51:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تصما ظصگسنث ظةجرصگة كأپ رةهمةت، مةن چةرچةنگة بارغاندا بذنداق قةبرة بارلصقصنص بصلمةپتصكةنمةن.ياكص باشقصلار كأرسصتةي دصمةپتذ دصسة تازصمذ بصر....
مةن ظصككص يصل ظالدصدا تولذقسزنصث ظةدةبصيات دةرصسص ظأتكةندصلا ظاندصن بذ هةقتة خةإةردار بولغان ظصكةنمةن. شؤ إاقصتتا چةرچةن تورصغا كصرصپ تةپسصلصي ظةهإاللارنص بصلگةن ظصدصم. مةزكذر تصما بذ جةهةتتة تصخصمذ ياخشص چذشةنچصگة ظصگة قصلدص. هارمصغايسصز.

ھەر بىر خەت ، ھەر جۈملىدە ھەقىقەت بار!

مەن باشقىلارنىڭ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40588
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3295
تۆھپە نۇمۇرى: 240
توردا: 603 سائەت
تىزىم: 2011-5-13
ئاخىرقى: 2012-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-20 12:09:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر!مەن مۇشۇنداق ئارخولۇگىيلىك تىمىلارغا بەك قىزقىمەن!رەھمەت!ساقلىۋالدىم!

مەن باشقىلارنىڭ مېنى كۆرۈمسىز دىيشىدىن ئەمەس،ئەخلاقسىز دىيشىدىن ئەڭ قورقىمەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43410
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3015
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 349 سائەت
تىزىم: 2011-6-6
ئاخىرقى: 2011-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-20 02:36:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە ياخشى تىما يوللاپسىز ،يۇرتۇمەا كەپ كالغاندەك بولدۇم.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش