1998-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، مارادونا مۇخبىرنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرغانلىقى ئۈچۈن ھۆكۈمگە بۇيرۇلغان. مارادونا 1994-يىلى 2-ئايدا يەل مىلتىق بىلەن ئۇنىڭ ئۆيى ئەتراپىدا مارادونانى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن كەلگەن تۆت مۇخبىرنى ئاتقان، ئۇنىڭغا ئىككى يىل 10 ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىپ، كېچىكىپ ئىجرا قىلىنماقچى بولغان. مارادونا 1961-يىلى ئارگېنتىنادا تۇغۇلغان. ئۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-90-يىللىرىدىكى دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ چولپانلارنىڭ بىرى، ئۇ پۇتبۇلچىلىق ھاياتىدا دۇنيا خەلقى ئۈچۈن نۇرغۇن قالتىس مۇسابىقىلەردە ماھارەت كۆرسەتكەن. بىراق 90-يىللاردا ئۇ زەھەر چېكىش، روھلاندۇرۇش دورىسى ئىشلىتىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، پۇتبول سەھنىسىدىن ئايرىلغان. 1997-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى، پۇتبول سەھنىسىدىكى چولپان مارادونا كەسپىي پۇتبول سەھنىسىدىن ئايرىلغانلىقىنى جاكارلىغان. كىشىلەر ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. ئۇ 2010-يىللىق جەنۇبىي ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبۇل مۇسابىقىدا ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ تېرېنېرلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.
1991-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ھىلىتسىن روسىيە فېدېراتسىيەسىىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان. 1931-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى، روسىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ھىلىتسىن سۋېردلوۋسكى شەھىرىدە دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن ھەمدە ئۇ شەھەردە 30 يىل ئىشلىگەن. 1991-يىلى 6-ئايدا ئۇ خەلقنىڭ ئاۋاز قويۇشى بىلەن روسىيە زۇڭتۇڭلىقىغا سايلانغان. 1996-يىلى 7-ئايدا يەنە بىر قېتىم سايلانغان. 1999-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن. ھىلىتسىن زۇڭتۇڭ مەزگىلىدە نۇرغۇن قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان، 2007-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى ۋاپات بولغان.
1985-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، داڭلىق ماتىماتىك خۇا لوگېڭ ۋاپات بولغان. خۇا لوگېڭ جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزاسى، جۇڭگو دېموكراتىك ئىتتىپاقىنىڭ مەشھۇر رەھبىرى، كۆزگە كۆرۈنگە ئالىم، مائارىپشۇناس ۋە جامائەت ئەربابى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 6-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. خۇا لوگېڭ 1910-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى جياڭسۇ ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ 1930-يىلىدىن كېيىن چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدا دەرس ئۆتكەن. 1936-يىلى ئەنگلىيە كامبېرج ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىلىم ئاشۇرغان. 1950-يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدا پىروفېسسور بولغان.
1980-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، نيۇ يوركتا 800 مىڭدىن ئارتۇق ئامما كەڭ كۆلەملىك يادرو ئۇرۇشىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن. تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە بۇ تارىختىن بۇيانقى يادرو قوراللىرىغا قارشى تۇرۇشتىكى كۆلىمى ئەڭ زور بولغان نامايىش ھېسابلىنىدىكەن.
بۈگۈن فىلىپپىنىڭ مۇستەقىللىق كۈنى. فىلىپپىن ئاسىياننىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان. چوڭ كىچىك 7100 دىن ئارتۇق ئارالدىن تۈزۈلگەن تاقىم ئاراللىق دۆلەت. 1522-يىلى ماگېللان تەشكىللىكىدىكى ئەترەت فىلىپپىنگە كەلگەن. 1565-يىلىدىن باشلاپ، فىلىپپىن ئىسپانىيەنىڭ 300 نەچچە يىللىق مۇستەملىكىسىدە بولغان. كېيىن ئامېرىكىنىڭ مۇستەملىكىسىدە بولغان.
مەنبە: جۇڭگۇ ئۇيغۇر رادىئوسى تورى