مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4320|ئىنكاس: 55

ئۇنتۇلغان چولپان-جۈرئەت ئوبۇلقاسىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6636
يازما سانى: 211
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6332
تۆھپە نۇمۇرى: 368
توردا: 5358 سائەت
تىزىم: 2010-8-17
ئاخىرقى: 2012-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-12 11:36:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

جۈرئەت ئوبۇلقاسىم دېگەن بۇ ئىسىم «جىننېس دۇنيا رېكورتى» بىلەن زىچ باغلانغان، شۇ سەۋەبلەرگە كۆرە ئاۋۋال «جىننېس دۇنيا رېكورتى» ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشنى لايىق تاپتۇق.

«جىننېس دۇنيا رېكورتى» دېگەن نېمە؟
جىننېس (Guinness 吉尼斯) ئەسلىدە بىر پىۋا زاۋۇتىنىڭ نامى ئىدى. «جىننېس دۇنيا رېكورتى» ناھايىتى تاسادىپىي بىر پۇرسەتتە بارلىققا كەلگەن. بىر كۈنى زاۋۇت دىرېكتورى Beaver چوشقا ئوۋلاۋېتىپ، ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان بىر قۇشنى كۆرۈپ قالىدۇ. كۆپچىلىك بۇ قۇشنى «ياۋروپادىكى ئەڭ تېز ئۇچىدىغان قۇشمۇ ئەمەسمۇ» دېگەن مەسىلىدە مۇنازىرىلىشىپ قالىدۇ. لېكىن، ئىلگىرى بۇ ھەقتە ھېچقانداق خاتىرە قالدۇرۇلمىغاچقا، بىردەكلىككە كېلەلمەيدۇ.

Beaver ئىشتىن ۋاز كەچمەيدۇ. 1954-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۇ قوشكېزەك ئىنىسى بىلەن بىرلىكتە «دۇنيادىكى ئەڭ» نى خاتىرىلەيدىغان شىركەت «جىننېس شىركىتى» نى قۇرۇپ چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ خىزمەت رەسمىي باشلىنىپ كېتىدۇ.

1955-يىلى 8-ئاينىڭ 7-كۈنى «جىننېس دۇنيا رېكورتى» قامۇسىنىڭ تۇنجى سانى نەشردىن چىقىدۇ. «جىننېس دۇنيا رېكورتى» دۇنيا رېكورتلىرى ئىچىدىكى باشلامچىلىق ئورنى بىلەن، دۇنياغا بىر خىل قىزىقىش ۋە ئەسەبىيلىك ئېلىپ كېلىدۇ.

«جىننېس دۇنيا رېكورتى» قامۇسى ھەر يىلى بىر سان نەشىر قىلىنىپ، شۇ يىل ئىچىدىكى «دۇنيادىكى ئەڭ» لەرنى خاتىرىلەيدۇ.

«جىننېس دۇنيا رېكورتى» قامۇسى 198 بەتلىك كىتابچە بولۇپ، دائىرىسى تەنتەربىيە، پەن-تېخنىكا، سودا، قۇرۇلۇش، تەبىئەت قاتارلىق 12 ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىنگلىز، فرانسۇز، نېمىس، ياپون تىللىرىدا نەشىر قىلىنىدۇ.

جۈرئەت ئوبۇلقاسىم كىم؟
جۈرئەت ئوبۇلقاسىم 1971-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلدى. ئوتتۇرا مەكتەپنى تۈگەتكەندىن كېيىن، شىنجاڭ ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردە سودا بىلەن شۇغۇللاندى. بۇ جەرياندا ھالال قان-تەرىگە تايىنىپ ئاز-تولا ئىقتىساد توپلىدى.

1997-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى ئادىل ھوشۇر چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ سەنشيا بوغۇزىغا تارتىلغان سۇ يۈزىدىن 402 مېتىر ئېگىزلىكتىكى 640.7 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى پولات ئارغامچىدىن 13 مىنۇت 48 سېكۇنتتا ئۆتۈپ، ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى كوچرەين 1995-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى بۇ يەردە ياراتقان 53 مىنۇت 10 سېكۇنتتا ئۆتۈشتەك «دۇنيا جىننېس رېكورتى» نى بۇزۇپ تاشلاپ يېڭى رېكورتنى ياراتقاندىن كېيىن، جۈرئەتتە «پەلەك شاھى» ئادىل ھوشۇرغا نىسبەتەن ھۆرمەت تۇيغۇسى قوزغالدى. ئۇنىڭدىمۇ مەلۇم بىر تۈردە «جىننېس دۇنيا رېكورتى» يارىتىپ، ۋەتەن-خەلققە شەرەپ كەلتۈرۈش ئىستىكى پەيدا بولدى. ئۇ موتسىكلىت مىنىشكە ھەۋەس قىلغاچقا موتسىكلىت مىنىشنىڭ مەلۇم ھالقىسىدا جىننېس رېكورتى ياراتماقچى بولۇپ، «شاڭخەي دۇنيا جىننېس رېكورتى» باش شتابى (قىسمەت قىستۇرمىسى: ئەپسۇس، «جىننېس دۇنيا رېكورتى» باش شتابى شاڭخەيدە ئەمەس، لوندوندا . «جىننېس دۇنيا رېكورتى» نىڭ خەنزۇچە نامى 吉尼斯世界纪录، ئاۋۇ شاڭخەيدىكى جىننېس رېكورتىنىڭ خەنزۇچە نامى 上海大世界基尼纪录) دىكى خادىملارنىڭ مەسلىھەتى بويىچە موتسىكلىت بىلەن جۇڭگونى ئايلىنىپ چىقماقچى بولدى.

جىننېس رېكورتى يارىتىش يولىدا
شۇنداق قىلىپ، جۈرئەت زاۋۇتقا ئۆزى بۇيرۇتۇپ ياساتقان «يېڭى قىتئە 新大洲» ماركىلىق موتسىكلىت بىلەن «جىننېس دۇنيا رېكورتى» يارىتىش سەپىرىگە ئاتلاندى.

ئۇ 1998-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى خەينەن ئۆلكىسىنىڭ خەيكۇ شەھىرىدىن يولغا چىقىپ، 2000-يىلى سائەت نۆلدىن نۆل مىنۇت ئۆتكەندە يەنە شۇ باشلىنىش نۇقتىسى بولغان خەيكۇ شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ، يېڭى ئەسىردىكى تۇنجى «جىننېس دۇنيا رېكورتى» نى ياراتتى.

بۇ جەرياندا ئۇ 436 كۈن يول يۈردى، مەملىكىتىمىزدىكى 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە 312 ناھىيە (شەھەر) نى ئايلىنىپ، 73 مىڭ كىلومېتىر مۇساپىنى باستى.

بۇ جەرياندا ئۇ 260 مىڭ يۈەنگە (بۇنى 1998-2000-يىللاردىكى ئىقتىساد قارىشى بىلەن ھەزىم قىلىڭ) يېقىن چىقىم قىلدى. بۇنىڭ 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇقراقىنى ئۆزى چىقاردى، 80 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلنى جەمئىيەتتىكى ئاق كۆڭۈل كىشىلەر ياردەم قىلدى. 70 مىڭ يۈەندەك پۇلنى قەرز ئالدى. دىلشات، ئابلىمىت ھاجىم قاتارلىق بىر قىسىم تىجارەتچىلەر 5000 يۈەندىن 10 مىڭ يۈەنگىچە ياردەم قىلدى.

بۇ جەرياندا ئۇ ئادەمزات ئاياغ باسمىغان چۆللەردە يۈردى، ئاي نۇرى باغاشلىغان دالىلاردا تۈنىدى. كۈنلەپ-كۈنلەپ ئاچ قالدى. بۆرىلەرگە ئۇچراپ، قېچىپ قۇتۇلدى. ئىشقىلىپ ئادەمم ئىشەنگۈسىز جاپالارنى ئۇ ئۆزى يالغۇز باشتىن كەچۈردى.

بۇ جەرياندا ئۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ مېھرىبانلىقىغا، جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقلىرىنىڭ قىزغىن ياردىمىگە ئېرىشتى. ئەپسۇس، ئۇ جىننېس رېكورتىنى ياراتقان كۈنى يېنىدا تىيىن پۇل يوق ھالەتتە سىرتتا تۈنىدى. ئايالىغا تېلېفون قىلىپ، مۇھەببەتلىك بىر-ئىككى ئېغىز گەپكە ئېرىشەلمىدى.

جىننېس رېكورتىغا ئاتلىنىشتىن بۇرۇنقى بويى 180 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى 76 كىلوگرام كېلىدىغان، يۈز مىڭ يۈەنلەپ پۇل تاپقان بۇ يىگىت رېكورت يارىتىلغان كۈنى 54 كىلوگرام كېلىدىغان، جاپادىن مۈكچەيگەن، نەچچە يۈز مىڭ يۈەننى گەدىنىگە ئارتىۋالغان 29 ياشلىق جاپاكەشكە ئايلىنىپ قالدى.

خۇلاسە
1997-يىلى ئادىل ھوشۇر جىننېس رېكورتىنى يېڭىلىغاندىن بۇيان، نۇرغۇن ئوت يۈرەك ئوغۇل-قىزلىرىمىز بۇ يولغا كىردى. لېكىن، ئادىل ھوشۇردىن باشقىلار بۇ يولدا ئاساسەن ئۈزۈپ چىقالمىدى. ئادىل ھوشۇر ھېلىھەم دۆلەتنىڭ، خەلقىمىزنىڭ ھۆرمەت تۆرىدە ياشاۋاتقىنى بىلەن، باشقىلار ئۈن-تىنسىز «يوقاپ» كەتتى.

يازمىمىزنىڭ باش قەھرىمانى جۈرئەت ئوبۇلقاسىم باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان بىر يولنى تاللىغان ئىدى. ئۇنىڭ تاللىغان يولى ھەقىقەتەن جاپالىق، ناھايىتى كۆپ ۋاقىت (436 كۈن سەپەر قىلىش ئاز ۋاقىت ئەمەس)، ئىقتىساد سەرپ قىلىدىغان يول ئىدى. ئاقىۋەت، جۈرئەت ئۆزىنىڭ ھەقىقىي يىگىتلىكىنى نامايان قىلدى. ئەپسۇس، «جىننېس دۇنيا رېكورتى» ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ بەدەل تۆلىگەن بۇ يىگىت بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۇنتۇلۇپ كەتتى.
ئۈچ كۈن ئاۋۋال ئۈرۈمچى شەھەرلىك 19-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئالدىدا ماشىنا ساقلاۋېتىپ جۈرئەت ئوبۇلقاسىمنى كۆرۈپ قالدىم. ئەھۋاللاشماقچى بولۇپ ئۇ تەرەپكە ماڭدىم-يۇ، ئۇنىڭغا قايتىدىن بىر قاراپ نىيىتىمدىن ياندىم. چۈنكى، ئۇنىڭ 40 ياشقا كىرە-كىرمەي تاقىرلىشىپ كەتكەن باشلىرى، مۇڭ باسقان چىرايى ماڭا ئۈنسىز خىتاب قىلىۋاتاتتى: «ھېسسىياتقا تايىنىپ، قىزىققانلىق بىلەن ئىش قىلماڭلار» …

راست، «جىننېس دۇنيا رېكورتى» جۈرئەت ئوبۇلقاسىمنى «يەپ كەتتى». جۈرئەت ئۇبۇلقاسىملا ئەمەس، «جىننېس رېكورتى» ئۈچۈن ئاتالمىش «شاڭخەي دۇنيا جىننېس رېكورتى» باش شتابىغا پۇل تۆلىگەن، ئاللىقانداق يېڭىلىقلار ئۈچۈن ۋاقتىنى، ئىقتسادىنى، جېنىنى دوغا تىككەن تالاي ئوت يۈرەكلەر «يىيىلىپ كەتتى».

ئەپسۇس، «جىننېس دۇنيا رېكورتى» شىتابى شاڭخەيدە ئەمەس، لوندوندا ئىدى.

ئەپسۇس، «جىننېس دۇنيا رېكورتى» باش شتابىنىڭ جۇڭگودىكى تارمىقى شاڭخەيدە ئەمەس، لياۋنىڭدا ئىدى.

ئەپسۇس، «جىننېس دۇنيا رېكورتى» بىز بىلىدىغان «ئولىمپىك» تەك دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس باھادىرلارنىلا ئەمەس، دۇنيادىكى «ئەڭ چوڭ بۇرۇت رېكورتى»، «ئەڭ يۇقىرى ئاۋازدىكى كېكىرىش رېكورتى»، «ئەڭ يىراققا سىيىش رېكورتى» دېگەندەك بىمەنە ئىشلارنىمۇ خاتىرىلەيتتى.

ئەپسۇس…

ئەسلى مەنبە:http://www.qismet.me/juret_obulqasim.html#comment-2830

http://honzada.blogbus.com/

mazargojam

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5146
يازما سانى: 2167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23898
تۆھپە نۇمۇرى: 3095
توردا: 6114 سائەت
تىزىم: 2010-7-30
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-12 12:35:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹جېنىس دۇنيا رېكورتى››ھەققىدە چۈشەنچەم ئايدىڭلاشتى.تېمىڭىزغا رەھمەت.بىراق،‹‹ۈچ كۈن ئاۋۋال ئۈرۈمچى شەھەرلىك 19-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئالدىدا ماشىنا ساقلاۋېتىپ جۈرئەت ئوبۇلقاسىمنى كۆرۈپ قالدىم. ئەھۋاللاشماقچى بولۇپ ئۇ تەرەپكە ماڭدىم-يۇ، ئۇنىڭغا قايتىدىن بىر قاراپ نىيىتىمدىن ياندىم. چۈنكى، ئۇنىڭ 40 ياشقا كىرە-كىرمەي تاقىرلىشىپ كەتكەن باشلىرى، مۇڭ باسقان چىرايى ماڭا ئۈنسىز خىتاب قىلىۋاتاتتى: «ھېسسىياتقا تايىنىپ، قىزىققانلىق بىلەن ئىش قىلماڭلار» … bc بۇ قۇرلارنى ئوقۇپ كۆڭلۈم بەكمۇ يېرىم بولدى.NyB$S  
0~P]Fw^w

ئادەم بولماق تەس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43923
يازما سانى: 322
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1711
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 3676 سائەت
تىزىم: 2011-6-10
ئاخىرقى: 2012-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-12 12:46:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تېخى جىننىس رىكورتى ياراتسا باي بولۇپ كېتىدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن ،ئۇنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ كۆڭلۈم ھەجەپ يېرىم بولدى

ﺋﻮﯞﭼﻨﯔ ﺋﻮﻗﻴﺎﺳﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، كيكنڭ ﺧﯘﺩﺍﺳﻰ ﻳﻮﻗﻤﻜﻪﻥ

سەھرايى-تارىم

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2051
يازما سانى: 442
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8418
تۆھپە نۇمۇرى: 713
توردا: 3100 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-12 01:03:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بۇ نەرسە بىز خەقتە نىمانچە قىستۇ؟؟؟؟؟

ئاتايمۇ؟~~~ دىدى خوجىنىياز پالگان...
   ئات~~~~~ دىدى تۆمۈر خەلپە...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8501
يازما سانى: 409
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6118
تۆھپە نۇمۇرى: 745
توردا: 634 سائەت
تىزىم: 2010-8-30
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-12 01:12:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىمىنى چوققىلاپ قويسا بولغۇدەك~~~~~~~~~~!بىزمۇ بولسا  ئۇنى تونۇيلى~~~~~~~~~~~~~~~!

مىسرانىم بىزگە يولباش، بىز بىر

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9113
يازما سانى: 90
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4529
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 7753 سائەت
تىزىم: 2010-9-4
ئاخىرقى: 2012-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-12 01:19:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نېمە دېيىشىمنى بىلەلمىدىم .ئىشقىلىپ ئېچىنغان يۇرەكلەر يىغلىمىسۇن.

باشقىلار سۇدا ئۈزۇپ ئاسماندا ئۇچىۋاتىدۇ، مەن تېخى يالاڭئاياغ تىكەن دەسسەپ يۇرۇپتىمەن!!!

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14887
يازما سانى: 1691
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 132
تۆھپە نۇمۇرى: 974
توردا: 7076 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-12 01:29:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن مۇ  ئەمدى ئاڭلاۋاتىمەن  تېما ئېگىسىگە رەھمەت [s:15] [s:15]

سۈكۈت  !


      تازا دەگەندەك ياخشى چارە ئەمەس  ........

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16159
يازما سانى: 842
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4542
تۆھپە نۇمۇرى: 625
توردا: 7148 سائەت
تىزىم: 2010-11-3
ئاخىرقى: 2012-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-12 01:30:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بىر ژورنالدا جۈرئەت ئوبۇلقاسىمنىڭ سەپەردىكى كەچۈرمىشلىرى بايان قىلىنغان بىرماقالنى كۈرگەنتىم .
ئىچكى مۇڭغۇلغا كەلگەندە بىردەرياغا دۇچكىلىپ موتونى چۇۋۇپ دەريادىن ئۆتكۈزۈپ ،  قۇراشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن ئەمدە مېڭىشىغا بىرتوپ بۆرىنىڭ قورشاۋىغا ئۇچراپ قېلىپ يايلاقتا يېرىم سائەتتەك قوغلايدۇ .
ئاخىرىدا بۆرىدىن قۇتۇلۇپ، موتونى توختىتىپ تەكشۇرۇپ بېقىش ئۈچۈن چاقىغان بىرنى تەپسە چاق ئېتىلىپ كىتىدۇ .
ئاباينىڭ ياقى شۇنچە بۆرە قوغلىسا ئېتىلمىغان چاق ، بىرتىپەك بىلەن ئېتىلىپ كىتىدۇ .
تەلەي دىگەن شۇدە .................

                                                               قىزلار كىرمەڭلار   

ھاياتلىكتىكى ئازاپ ئازاپ ئەمەس

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28022
يازما سانى: 557
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4938
تۆھپە نۇمۇرى: 308
توردا: 1419 سائەت
تىزىم: 2011-1-27
ئاخىرقى: 2012-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-12 01:34:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىڭىزنى ئۇقېۋېتىپ روھىم باشقىلا چۇشۇپ كۆڭلىم شۇنداق يېرىم بولدى ،،[s:3]

ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخىنى ئۇنتۇش ئاسىيلىقتۇر . دىلىڭدا ئىمان يوق. پەخەس بول ساڭا ھەر-ھەر جايدا قاپقان قۇرۇقلۇق.

ئىناق،ئصتتصپاق

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3750
يازما سانى: 1031
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12095
تۆھپە نۇمۇرى: 511
توردا: 268 سائەت
تىزىم: 2010-7-11
ئاخىرقى: 2012-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-12 01:34:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تورداش چۈشەنچە بەرگىنىڭىزگە رەھمەت.

ئۇيغۇر كەلگۈسى ئۈچۈن قانۇن،بىلىم ئۆگىنىش كېرەك. ياخشىنى بىرى تارقاتسا،ئىغۋانى مىڭى تارقىتىدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش