مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1078|ئىنكاس: 12

قۇرئان كەرىمنىڭ سىرلىرى 5 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىلمىگەننى بىل ،

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4482
يازما سانى: 157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12109
تۆھپە نۇمۇرى: 435
توردا: 923 سائەت
تىزىم: 2010-7-22
ئاخىرقى: 2012-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-11 05:04:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن .

‹‹قۇرئان كەرىم›› نىڭ سىرلىرى
ئۆمەر چېلىك ( تۈركىيە )

بۇلۇتلارنىڭ ئېغىرلىقى
بۇلۇتلارنىڭ ئېغىرلىق مىقتارى ناھايىتى ھەيران قالارلىق رەقەملەرگە يېتىدۇ. مەسىلەن، شىۋىرغانلىق توپ بۇلۇتتا 300 مىڭ توننا ئېغىرلىققا يېتىدىغان سۇ يىغىلىدۇ.
ئاسماندا 300 مىڭ توننىلىق بىر دۆۋە نەرسە تۇرالايدىغان بىر جازىنىڭ “ قۇرۇلۇشى “ ھەقىقەتەن ھەيران قالارلىق بىر ئەھۋالدۇر. قۇرئاندىكى يەنە بەزى ئايەتلەردە بۇلۇتلارنىڭ ئېغىرلىقى شۇنداق بايان قىلىنماقتا : [ ئاللاھنىڭ رەھمىتى (يەنى يامغۇر) مەيدانغا كېلىش ئالدىدا، ئاللاھ  بېشارەتچى قىلىپ شاماللارنى ئەۋەتىدۇ، شاماللار ئېغىر بۇلۇتلارنى كۆتۈرگەن چاغدا، ئۇلارنى ئۆلۈك (يەنى قاغجىراپ ياتقان گىياھسىز ) جايلارغا سۈرىمىز ، ئۇنىڭدىن يامغۇر ياغدۇرۇپ تۈرلۈك -تۈرلۈك مېۋىلەرنى چىقىرىمىز، ئىبرەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن (زېمىندىن مېۋىلەرنى چىقارغاندەك، قىيامەتتە ) ئۆلۈكلەرنى قەبرىلىرىدىن چىقىرىمىز ] « ئەئراف » سۈرىسى، ( 57 –ئايەت ) .  [ ئاللاھ (چاقماقتىن) قورقۇتۇش، (يامغۇرغا) ئۈمىد تۇغدۇرۇش  ئۈچۈن، سىلەرگە چاقماقنى كۆرسىتىدۇ ، (قۇدرىتى بىلەن ) قويۇق بۇلۇتلارنى پەيدا قىلىدۇ ] « رەئد » سۈرىسى (  12 –ئايەت ) .
ئەلۋەتتە، قۇرئان نازىل قىلىنغان دەۋردە ئىنسانلارنىڭ بۇلۇتلارنىڭ ئېغىرلىقىغا مۇناسىۋەتلىك بىلىمگە ئىگە بولۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى . « قۇرئان كەرىم » ئايەتلىرىدە ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان ۋە يېقىنقى زامانلاردا تېپىلغان بۇ بىلىم قۇرئاننىڭ ئاللاھنىڭ كالامى ئىكەنلىكىنىڭ يەنە بىر ئىسپاتىدۇر.

يامغۇرنىڭ شەكىللىنىشى
يامغۇرنىڭ قانداق شەكىللىنىدىغانلىقى ئىنسانلارغا ئۇزۇن ۋاقىت بىر سىر ئىدى. پەقەت ھاۋا رادارلىرى كەشپ قىلىنغاندىن كېيىن يامغۇرنىڭ قايسى باسقۇچلاردىن ئۆتۈپ شەكىللىنىدىغانلىقى ئېنىقلاندى . بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا يامغۇر ئۈچ باسقۇچتىن ئۆتۈپ شەكىللىنىدۇ : ئاۋۋال شامال ۋاسىتىسى بىلەن يامغۇرنىڭ ”خۇرۇچى“ ھاۋاغا ئايلىنىدۇ . ئارقىدىن بۇلۇتلار مەيدانغا كېلىدۇ ۋە ئەڭ ئاخىرىدا يامغۇر تامچىلىرى پەيدا بولىدۇ. قۇرئاندا يامغۇرنىڭ پەيدا بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلاردا بولسا، دەل ئاشۇ جەريانلار سۆزلەنمەكتە . بىر ئايەتتە بۇ شەكىللىنىش ھەققىدە مۇنداق بىر مەلۇمات بېرىلگەن :
[ ئاللاھ شاماللارنى ئەۋەتىپ بۇلۇتنى قوزغايدۇ، ئاندىن ئۇنى ئاسماندا خالىغىنى بويىچە تارقىتىدۇ، (گاھى) ئۇنى تارقاق پارچىلارغا بۆلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يامغۇرنىڭ بۇلۇتنىڭ ئارىسىدىن چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن، ئاللاھ يامغۇرنى خالىغان بەندىلىرىنىڭ ئۈستىگە ياغدۇرغان چاغدا، ئۇلار دەرھال خۇشال بولۇپ كېتىدۇ ] « رۇم » سۈرىسى، ( 48 –ئايەت ) .

ئەمدى ئايەتتە دېيىلگەن ئۈچ باسقۇچنى ئىلمىي تەھلىل قىلايلى:
1. باسقۇچ: ئاللاھ شاماللارنى ئەۋەتىدۇ…
ئوكيانلاردىكى بۇژغۇنلاشتىن شەكىللەنگەن بىھېساب ھاۋا كۆپۈكلىرى ئۈزلۈكسىز پەيدا بولىدۇ ۋە سۇ زەررىچىلىرى داۋاملىق ھاۋاغا ئۆرلەيدۇ . تۇزغا باي بۇ زەررىچىلەر بىر ئازدىن كېيىن شامالدا يۆتكىلىدۇ ۋە ئاتموسفىرادا ئۇدۇل يۇقىرىلاپ ماڭىدۇ . ”ئائېروسول“ نامى ب ېرىلگەن بۇ ئۇششاق پارچىلار ”سۇ توزىقى“ نامى بېرىلگەن بىر مېخانىزىم ئارقىلىق يەنە دېڭىزلاردىن ئۆرلىگەن سۇ ھورلىرىنى ئۆز ئەتراپىغا كىچىك تامچىلار ھالىتىدە توپلاپ بۇلۇت تامچىلىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
2. ئاندىن ئۇنى (بۇلۇتنى) ئاسماندا خالىغىنى بويىچە تارقىتىدۇ، (گاھى) ئۇنى تارقاق پارچىلارغا بۆلىدۇ… تۇز كىرىستاللىرىنىڭ ياكى ھاۋادىكى توزان زەررىچىلىرىنىڭ ئەتراپىدا زىچلاشقان ھورلار ئارقىلىق بۇلۇتلار شەكىللىنىدۇ . بۇلارنىڭ ئىچىدىكى سۇ تامچىلىرى ناھايىتى كىچىك ( 0.01 بىلەن 0.02 مىللىمېتىر چامىسىدا) بولغاچقا ھاۋادا ئېسىقلىق قالىدۇ ھەم ئاسمانغا يېيىلىدۇ . شۇنداق قىلىپ ئاسمان بۇلۇتلار بىلەن قاپلىنىدۇ.
3. شۇنىڭ بىلەن يامغۇرنىڭ بۇلۇتنىڭ ئارىسىدىن چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن…
تۇز كرىستاللىرىنىڭ ۋە توزان زەررىچىلىرىنىڭ ئەتراپىغا توپلاشقان ئۇششاق سۇلار خېلىلا كۆپىيىپ يامغۇر تامچىلىر ىنى شەكىللەندۈرىدۇ . بۇنىڭ بىلەن ھاۋادىن تېخىمۇ ئېغىر بىر ھالغا كەلگەن تامچىلار بۇلۇتتىن ئايرىلىپ يامغۇر بولۇپ يەرگە چۈشۈشكە باشلايدۇ . كۆرۈلگىنىدەك، يامغۇرنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ھەر بىر باسقۇچ قۇرئان ئايەتلىرىدە بىلدۈرۈلمەكتە . يەنە كېلىپ بۇ باسقۇچلار توغرا رەت تەرتىپى بىلەن چۈشەندۈرۈلگەن. دۇنيادىكى نۇرغۇن تەبىئىي ھادىسىلەرنى شەرھلىگىنىدەك ، بۇنىمۇ ئاللاھ تائالا ئەڭ توغرا شەرھلىمەكتە . يەنە كېلىپ بۇ چۈشەنچىلەر بۇنىڭ بايقىلىشىدىن ئەسىرلەر ئاۋۋال قۇرئاندا ئىنسانلارغا بىلدۈرۈلگەن.

رىئاكسىيەلەشتۈرگۈچى شاماللار
قۇرئاننىڭ بىر ئايىتىدە شاماللارنىڭ كاتالىزاتورلۇق خۇسۇسىيىتى ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە يامغۇرنىڭ شەكىللەنگەنلىكى مۇنداق تىلغا ئېلىنماقتا :
[ بىز يامغۇرنى ھەيدەيدىغان شاماللارنى ئەۋەتتۇق، بىز بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ سىلەرنى سۇغاردۇق  ... ] « ھىجر » سۈرىسى ، ( 22 –ئايەت ) .

ئايەتتە يامغۇرنىڭ شەكىللىنىشىدىكى تۇنجى باسقۇچنىڭ شاماللار ئىكەنلىكى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنماقتا. ھالبۇكى، 20 -ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە شامال بىلەن يامغۇرنىڭ يېغىشى ئارىسىدىكى بىردىنبىر مۇناسىۋەت شامالنىڭ بۇلۇتلارنى يۆتكىشى دەپ بىلىنەتتى . زامانىۋى مېترولوگىيىلىك بايقاشلا ر بولسا شاماللارنىڭ يامغۇرنىڭ شەكىللىنىشىدە “ رىئاكسىيەلەشتۈرگۈچى “ رول ئوينايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. شاماللارنىڭ بۇ رىئاكسىيەلەشتۈرگۈچى خۇسۇسىيىتى بايا دېگىنىمىزدەك مۇنداق ئەمەلىيلىشىدۇ : ئوكيانلارنىڭ ۋە دېڭىزلارنىڭ ئۈستىدە بۇژغۇنلاش سەۋەبىدىن ھەر ۋاقىت بىھېساپ ھاۋا كۆپۈكلىرى شەكىللىنىدۇ . بۇ كۆپۈكلەر چاچرىغاندا مىللىمېتىرنىڭ 100 دىن بىرى چامىسىدىكى مىڭلارچە ئۇششاق پارچىلىرىنى ھاۋاغا ئۇچۇرتىدۇ. ”ئائېروسول“ نامى بېرىلگەن بۇ ئۇششاق پارچىلار شاماللار ئارقىلىق قۇرۇقلۇقتىن كەلگەن چاڭ -توزانلار بىلەن ئارىلىشىپ ئاتموسفېرانىڭ ئۈستى قاتلاملىرىغا يۆتكىلىدۇ . شاماللار ئېگىزلىككە ئاشۇنداق يۆتكىگەن ئۇششاق پارچىلار ئۇ يەردە ھورلار بىلەن ئۇچرىشىدۇ . ھورلارمۇ ئۇ ئۇششاق پارچىلارنىڭ ئەتراپىغا توپلىشىپ قويۇقلىشىدۇ ۋە سۇ تامچىلىرىغا ئايلىنىدۇ . بۇ سۇ تامچىلىرى ئاۋۋال بىر يەرگە كېلىپ بۇلۇتلارنى شەكىللەندۈرىدۇ، بىر ئازدىن كېيىن يامغۇر بولۇپ يەرگە چۈشىدۇ . كۆرۈلگىنىدەك، شاماللار ھاۋادا ئەركىن يۈرگەن ھورلارنى دېڭىزدىن يۆتكىگەن ئۇششاق پارچىلار بىلەن رىئاكسىيەلەشتۈرىدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق يامغۇر بۇلۇتلىرىنىڭ شەكىللىنىشىنى ساقلايدۇ. ئەگەر شاماللارنىڭ بۇ خۇسۇسىيىتى بولمىسا يۈكسەك ئاتموسفىرادىكى سۇ تامچىلىرى ھېچ ۋاقىتتا شەكىللەنمەيتتى ۋە يامغۇر دېگەن بىر نەرسىمۇ بولمايتتى.
بۇ يەردە مۇھىم بولغان نۇقتا شاماللارنىڭ يامغۇرنىڭ شەكىللىنىشىدىكى بۇ جاپالىق ۋەزىپىسىنىڭ ئەسىرلەر ئاۋۋال، ئىنسانلار تەبىئەت ھادىسىلىرى ھەققىدە ھېچنېمە بىلمەيدىغان بىر دەۋردە قۇرئاندا بىلدۈرۈلۈشىدۇر.

تۇپراقنىڭ جانلىنىپ كۆپۈشى
[... سەن زېمىننى قاقاس كۆرىسەن، ئۇنىڭغا بىز يامغۇر ياغدۇرساق، ئۇ  جانلىنىدۇ ۋە كۆپىشىدۇ، تۈرلۈك چىرايلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈرۈپ بېرىدۇ . ]
« ھەج » سۈرىسى،( 5-ئايەت ) .
يۇقىرىدىكى ئايەتتە ”جانلىنىدۇ“ دەپ تەرجىمە قىلىنغان سۆزنىڭ ئەرەبچىسى ”ئىھتەززەت“ تۇر ۋە بۇ سۆز ”ھەرىكەتكە ئۆتىدۇ، جانلىنىدۇ، تىترەيدۇ، تىپىرلايدۇ، قىمىرلايدۇ، ئۆسۈملۈكنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشى ۋە ئۇزىرىشى“ مەنىلىرىدە كېلىدۇ . “ كۆپۈشىدۇ “ دەپ تەرجىمە قىلىنغان “ رەبەت “ سۆزى بولسا ”كۆپىيىدۇ، جىقلايدۇ، كۆپىدۇ، يوغىنايدۇ، تەرەققىي قىلىدۇ، ئۆسۈملۈكنىڭ ئېگىزلىشى، ئوزۇقلۇق ساقلىشى، چوڭلىماق، ئىچى ھاۋاغا تولماق“ مەنىلىرىدە كېلىدۇ . ئايەتتە ئۇچرايدىغان بۇ سۆزلەر يامغۇر ئەسناسىدا تۇپراقنىڭ مالىكۇلىلار تۈزۈلۈشىدىكى ئۆزگىرىشلىرىنى ئەڭ ئۇيغۇن سۆزلەر بىلەن تەرىپلىمەكتە. 1827 – يىلىدا بروۋن ئىسىملىك بىر ئىنگىلىز ئالىم يامغۇر تامچىلىرى تۇپراققا چۈشكەندە تۇپراق مالىكۇلىلىرىدا بىر خىل سىلكىنىش ۋە جانلىنىش پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بايقىغان . تۇپراق پەرقلىق مېتال ئېلېمېنت تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل مالىكۇلىلارنى ئۆزىگە سىغدۇرىدۇ . يامغۇر تۇپراقنىڭ قېتىدىكى مېتال ئېلېمېنتلىرىنىڭ ئىئونلىشىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. (ئىئون مۇسبەت ياكى مەنفى ئېلېكتىرلىك ئاتوملارغا بېرىلگەن ئورتاق نامدۇر . ئىئونلىشىش بىتەرەپ ئاتوملارغا، مالىكۇلىلارغا ۋە باشقا ئىئونلارغا ئېلېكتروننىڭ قوشۇلۇشى ياكى كېمەيتىلىشى يولى بىلەن شەكىللىنىدۇ .) يامغۇر ياغقاندا مانا بۇ ئىئونىك مالىكۇلىلار تەۋرىنىپ جانلىنىدۇ . ھەر تەرەپتىن كەلگەن سۇ تامچىلىرى بۇ مالىكۇلىلارغا سوقۇلغاندا ئۇلارمۇ سۇنى سۈمۈرىۋالىدۇ ۋە مۇشۇنداق قىلىپ مىقتارى كۆپىيىدۇ . بۇ تامچىلار سۇغا تويغاندا تۇپراق قېتىدىكى سۇنىڭ مىنېرال ئامبىرىغا ئايلىنىدۇ . ئۆسۈملۈكلەر سۇ ئېھتىياجلىرىنى ئىككى -ئۈچ ئاي ئۈچۈن بۇ ئامباردىن ئالىدۇ . ئەگەر بۇ ئامبارلار شەكىللەنمىسە ئىدى، سۇ تۇپراق چوڭقۇرلۇقلىرىغا سىڭىپ كېتىپ، ئۆسۈملۈكلەر بىر ھەپتە ئىچىدە ئۆلەتتى.

دېڭىزلارنىڭ بىر-بىرىگە ئارىلاشماسلىقى
دېڭىزنىڭ تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن يېقىندا ئېنىقلانغان بىر ئالاھىدىلىكى قۇرئاننىڭ  « رەھمان » سۈرىسىدە مۇنداق بىلدۈرۈلىدۇ :
[ ئۇ ئىككى دېڭىزنى (بىرى تاتلىق، بىرى ئاچچىق ) ئاققۇزدى، ئۇلار ئۇچرىشىدۇ ؛ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا توسما بولۇپ، بىر -بىرىگە قوشۇلۇپ كەتمەيدۇ ] « رەھمان » سۈرىسى، ( 19 -20 –ئايەت ) .
بىر-بىرىگە ئېچىلغان، لېكىن سۇلىرى بىر -بىرىگە قەتئىي قوشۇلمايدىغان دېڭىزلارنىڭ ئايەتتە بىلدۈرۈلگەن بۇ ئالاھىدىلىكى ئوكيان ئالىملىرى تەرىپىدىن يېقىنقى مەزگىلدىلا بايقالدى.”تەكشى يۈزلۈك قارشىلىق كۈچى“ نامى بېرىلگەن فىزىكىلىق بىر كۈچ سەۋەبىدىن قوشنا دېڭىزلار سۇلىرىنىڭ ئارىلىشىپ كەتمەسلىكى مەيدانغا كېلىدۇ . دېڭىزلارنىڭ پەرقلىق زىچلىقلىرىدىن كېلىدىغان تەكشى يۈزلۈك قارشىلىق كۈچى سۇلارنىڭ بىر -بىرىگە ئارىلىشىشىنى خۇددى بىر تامدەك توسۇپ تۇرىدۇ. ئەلۋەتتە، ئىنسانلارنىڭ فىزىكىدىن، تەكشى يۈزلۈك قارشىلىق كۈچىدىن، ئوكيان بىلىملىرىدىن خەۋىرى بولمىغان بىر دەۋردە بۇ ئەمەلىيەتنىڭ قۇرئاندا بىلدۈرۈلۈشى ئاجايىپ قىزىقارلىق بىر ئەھۋالدۇر.

ئىنساننىڭ تۇغۇلۇشى
قۇرئاندا ئىنسانلار ئىمان ئېيتىشقا چاقىرىلغاندا ھەر تۈرلۈك تېمىلار سۆزلىنىدۇ. ئاللاھ بەزىدە ئاسمانلارنى، بەزىدە يەر يۈزىنى، بەزەن ھايۋانلارنى ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى ئىنسانغا دەلىل قىلىپ كۆرسىتىدۇ . يەنە نۇرغۇن ئايەتتە ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ بىۋاسىتە يارىتىلىشىغا بىر قاراپ بېقىشى نەسىھەت قىلىنىدۇ. ئىنساننىڭ دۇنياغا قانداق كەلگەنلىكى، قايسى باسقۇچىلاردىن ئۆتكەنلىكى ۋە ئاساسىي ماددىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى پات -پات ئەسلىتىلىدۇ . مەسىلەن، تۆۋەندىكى ئايەتلەردە شۇنداق دېيىلمەكتە : [ ( ئىنسانلار ! ) سىلەرنى بىز ياراتتۇق، سىلەر قايتا تىرىلىشكە ئىشەنمەمسىلەر؟ سىلەر (ئاياللارنىڭ بەچچىدانىغا) تۆكۈلگەن مەنىنى دەپ بېقىڭلارچۇ؟ ئۇنى سىلەر (ئىنسان قىلىپ ) يارىتامسىلەر؟ ياكى بىز (ئىنسان قىلىپ) يارىتامدۇق ؟ ]  « ۋاقىئە » سۈرىسى،( 57  — 59 -ئايەت ) .

ئىنساننىڭ يارىتىلىشىدىكى مۆجىزىلىك تەرەپلەر يەنە نۇرغۇن ئايەتتە ئالاھىدە بايان قىلىنىدۇ. ھالبۇكى بۇ ئالاھىدە بايانلار ئارىسىدا شۇنداق مەلۇماتلار باركى، بۇلار 7-ئەسىردە ياشىغان ئىنسانلار ئەسلا بىلمەيدىغان ئىنچكە تەرەپلەردۇر. مانا بۇلاردىن بەزىلىرى :
1) ئىنسان مەنىي سويۇقلۇقىنىڭ ھەممىسىدىن ئەمەس، ئەكسىچە ناھايىتى كىچىك بىر پارچىسىدىن (ئۇرۇقتىن) يارىتىلىدۇ.
2) بوۋاقنىڭ جىنسىنى ئەر كىشى بەلگىلەيدۇ.
3) ئىنسان ھامىلىسى ئانىنىڭ بالىياتقۇسىغا خۇددى بىر سۈلۈكتەك چاپلىشىدۇ.
4) ئىنسان ئانا بالىياتقۇسىدا ئۈچ قاراڭغۇ بۆلەكتە تەرەققىي قىلىدۇ.

يۇقىرىدا رەتكە تۇرۇغۇزۇلغان بىلىملەر قۇرئان نازىل قىلىنغان دەۋردە بىلىنىشى مۇمكىن بولمىغان ۋە كۆزىتىلەلمەيدىغان ئىنچكە تەرەپلەردۇر . بۇلارنىڭ بايقىلىشى پەقەت 20 -ئەسىر تېخنىكىسىنىڭ قوللىنىلىشى بىلەن مۇمكىن بولدى. ئەمدى بۇ بىلىملەرنى رەت تەرتىپى بويىچە تەھلىل قىلايلى :

مەنىيدىن بىر تامچە
ئۇرۇقلار تۇخۇمغا ئۇلاشقىچە ئانىنىڭ ۋۇجۇدىدا بىر جەرياننى باشتىن كەچۈرىدۇ. بۇ جەرياندا 250 مىليون ئۇرۇقتىن پەقەت مىڭدەك ئۇرۇق تۇخۇمغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇلىشالايدۇ . بەش مىنۇتتىن كېيىن ئاخىرلىشىدىغان بۇ رىقابەت نەتىجىسىدە يېرىم تۇز دانىسى چوڭلۇقىدىكى تۇخۇم ئۇرۇقتىن پەقەت بىرنىلا قوبۇل قىلىدۇ . يەنى ئىنساننىڭ ئۆزى مەنىنىڭ ھەممىسى ئەمەس، ئۇنىڭدىن كىچىك بىر پارچىدۇر. قۇرئاندا بۇ ھەقىقەت « قىيامەت » سۈرىسىدىكى ئايەتلەردە مۇنداق چۈشەندۈرۈلگەن : [ ئىنسان ئۆزىنى بىكار قويۇپ بېرىلىدۇ (يەنى شەرىئەت ئىشلىرىغا تەكلىپ قىلىنماي، مەيلىگە قويىۋېتىلگەن ھايۋانغا ئوخشاش ) دەپ ئويلامدۇ؟ ئۇ بەچچىدانلارغا) تۆكۈلىدىغان بىر (ئاجىز مەنىي) ئەمەسمىدى ؟ ) « قىيامەت » سۈرىسى، ( 36-37 -ئايەت ).
دىققەت قىلىنسا، قۇرئاندا ئىنساننىڭ مەنىنىڭ ھەممىسىدىن ئەمەس، ئۇنىڭ ئىچىدىن ئېلىنغان كىچىك بىر پارچىدىن شەكىللەنگەنلىكى خەۋەر بېرىلمەكتە. بۇ ئايەتتىكى ئالاھىدە باياننىڭ پەقەت زامانىۋى ئالىملار تەرىپىدىن بايقالغان بىر ھەقىقەتنى چۈشەندۈرۈشى قۇرئاننىڭ ئاللاھنىڭ سۆزى ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر.

مەنىيدىكى تەركىب
مەنىي دېيىلىدىغان، ئۇرۇقلارنى پەرۋىش قىلىدىغان ھەم توشۇيدىغان سۇيۇقلۇق پەقەت ئۇرۇقتىنلا ئەمەس، بەلكى بىرى -بىرىدىن پەرقلىق سويۇقلۇقلارنىڭ ئارىلاشمىسىدىن شەكىللىنىدۇ . بۇ سۇيۇقلۇقلارنىڭ ئۇرۇقلارغا كېرەكلىك ئېنىرگىيىنى تەمىنلەيدىغان شېكەرنى ھازىرلاش، بەز (يەنى بەدەندىن ئاجرىتىلغان سويۇقلۇق ) ئالاھىدىلىكى بىلەن بالىياتقۇ ئېغىزىدىكى كىسلاتالىق تەركىبلەرنى بىتەرەپ قىلىش (يەنى كىسلا تالىق ياكى ئىشقارلىق تەسىرى بولمىغان ھالغا كەلتۈرۈش —ت )، ئۇرۇق ھەرىكەت قىلىدىغان سىلىق (ئېقىشچان) مۇھىت يارىتىش قاتارلىق ۋەزىپىلىرى بار.
قۇرئاندا مەنى ھەققىدە سۆزلەنگەندە زامانىۋى بىلىم ئوتتۇرىغا قويغان بۇ ئەمەلىيەتمۇ بېشارەت بېرىلمەكتە، شۇنداقلا مەنى ئارىلاشما بىر سۇيۇقلۇق سۈپىتىدە تەرىپلەنمەكتە : [ شۈبھىسىزكى، بىز ئىنساننى ئارىلاشما مەنىي (يەنى ئەر بىلەن ئايالنىڭ مەنىيسى) دىن ياراتتۇق، ئۇنى بىز (شەرىئەت تەكلىپلىرى بىلەن) سىنايمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى بىز (ئۇنى نازىل قىلغان ئايەتلىرىمىزنى ئاڭلىسۇن، كائناتنىڭ ياراتقۇچىسىنىڭ بىرلىكىگە دالالەت قىلىدىغان دەلىللەرنى كۆرسۈن دەپ) ئاڭلايدىغان، كۆرىدىغان قىلىپ ياراتتۇق . « ئىنسان » سۈرىسى، ( 2 - ئايەت .)

باشقا ئايەتلەردىمۇ يەنە مەنىنىڭ ئارىلاشما ئىكەنلىكىگە بېشارەت بېرىلىدۇ، ئىنساننىڭ بۇ ئارىلاشمىنىڭ ئۆزىدىن يارىتىلغانلىقى ئالاھىدە ئېيتىلىدۇ :
[ ئۇ ھەممە نەرسىنى چىرايلىق (يەنى ھېكمىتىگە مۇۋاپىق، جايىدا) ياراتتى . دەسلەپتە ئىساننى (يەنى ئىنسانلارنىڭ ئاتىسى ئادەم ئەلەيەىسسالامنى ) لايدىن ياراتتى. ئاندىن ئۇنىڭ نەسلىنى ئەرزىمەس سۇنىڭ جەۋھىرى (يەنى مەنىي) دىن ياراتتى . ]  « سەجدە » سۈرىسى ( 7 – 8- ئايەت ).
بۇ يەردە ”جەۋھەر“ دەپ تەرجىمە قىلىنغان ئەرەبچە ”سۇلالە “ سۆزى جەۋھەر ياكى بىر نەرسىنىڭ ئەڭ ياخشى قىسمى دېگەنلىكتۇر . قانداق شەكىلدە ئېلىنسا ئېلنسۇن، ”بىر پۈتۈننىڭ بىر قىسمى “ مەنىسىدە كېلىدۇ . بۇ ئەھۋال قۇرئاننىڭ ئىنساننىڭ يارىتىلىشىنى ئەڭ ئىنچكە تەرەپلەرگىچە بىلىدىغان ئاللاھنىڭ سۆزى ئىكەنلىكىنى ئوچۇق كۆرسەتمەكتە.

بوۋاقنىڭ جىنسى
يېقىن بىر زامانلارغىچە ئىنسانلار بالىنىڭ جىنسى ئانا ھۈجەيرىلىرى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ دەپ قارايتتى؛ ياكى ھېچ بولمىغاندا ئانا ۋە ئاتىدىن كەلگەن ھۈجەيرىلەر بىرلىكتە جىنس ئايرىمىسىنى بەلگىلەيدۇ دەپ ئويلايتتى . لېكىن قۇرئاندا بۇ ھەقتە باشقىچە بىر مەلۇمات بېرىلگەن، ئەركەك ۋە چىشىلىكنىڭ ”بالىياتقۇغا تۆكۈلگەن مەنىدىن“ يارىتىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن : [ ئاللاھ بىر جۈپنى — ئەركەك بىلەن چىشىنى ياراتتى . ئېتىلىپ چىققان مەنىدىن ( ياراتتى ) ] « نەجم » سۈرىسى ، ( 45 – 46 -ئايەت ) .
[ ئۇ (بەچچىدانلارغا) تۆكۈلىدىغان (ئاجىز مەنى ) ئەمەسمىدى؟ ئاندىن ئۇ  لەختە قان (ھامىلە) بولدى، ئاندىن ئاللاھ ئۇنى چىرايلىق شەكىلدە ياراتتى . ئۇ مەنىدىن ئەر -ئايال (ئىككى تىپنى ) ياراتتى ] « قىيامەت » سۈرىسى،  ( 37 — 39 -ئايەتلەر ) .

قۇرئاندا بېرىلگەن بۇ مەلۇماتنىڭ توغرىلىقى گېن ۋە مىكروبىئولوگىيىلىك بىلىملەرنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن بىرلىكتە ئىلمىي ھالدا ئىسپاتلاندى . جىنسنىڭ پۈتۈنلەي ئەردىن كەلگەن ئۇرۇق ھۈجەيرىلىرى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغانلىقى، ئايالنىڭ بولسا بۇ ئىشتا ھىچبىر رولىنىڭ بولمايدىغانلىقى ئايان بولدى .
جىنسنى بەلگىلەيدىغان ئامىل خروموسوملاردۇر . ئىنساننىڭ تۈزۈلۈشىنى بەلگىلەيدىغان 46 خروموسومدىن ئىككى دانىسى ”جىنس خروموسومى “ دەپ دەپ ئاتىلىدۇ.  بۇ ئىككى خروموسوم ئەردە XY ،  ئايالدا بولسا  XX دەپ ئىپادىلىنىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى خروموسوملارنىڭ بۇ ئىككى ھەرپكە ئوخشىغانلىقىدۇر . Y خروموسوم ئەرلىك ، X خروموسوم بولسا ئاياللىق گېنلىرىنى توشۇيدۇ .
بىر ئىنساننىڭ شەكىللىنىشى ئەر ۋە ئايالدا جۈپ ھالدا ئورون ئالغان بۇ خروموسوملارنىڭ بىرەر دانىسىنىڭ بىرلەشمىسى بىلەن باشلىنىدۇ . ئايالدا تۇخۇملاش جەريانىدا ئىككىگە ئايرىلغان جىنس ھۈجەيرىسىنىڭ ھەر ئىككى پارچىسى X خروموسومى توشۇيدۇ . ھالبۇكى ئەردە ئىككىگە ئايرىلغان جىنس ھۈجەيرىسى Y ۋە X  خروموسوملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى پەرقلىق ئۇرۇقنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ .ئايالدىكى X خروموسومى ئەگەر ئەردىكى X خروموسومىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇرۇق بىلەن بىرلەشسە، توغۇلىدىغان بالا قىز بولىدۇ .
ئەگەر Y خروموسومىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇرۇق بىلەن بىرلەشسە، بۇ قېتىم توغۇلىدىغان بالا ئوغۇل بولىدۇ . يەنى توغۇلىدىغان بالىنىڭ جىنسى ئەردىكى خروموسوملاردىن قايسىسىنىڭ ئايالنىڭ تۇخۇمى بىلەن بىرلىشىدىغانلىقىغا باغلىق.

شۈبھىسىزكى، گېن ئىلمى مەيدانغا كەلگەنگە قەدەر، يەنى 20 – ئەسىرگىچە بۇلارنىڭ ھېچبىرى مەلۇم ئەمەس ئىدى . بەلكى نۇرغۇن ئۆرپ – ئادەتلەردە توغۇلىدىغان بالىنىڭ جىنسىنىڭ ئايالنىڭ بەدىنى تەرىپىدىن بەلگىنلىدىغانلىق قارىشى كەڭ تارقالغانىدى . شۇڭا ھەتتا قىز تۇغقان ئاياللار ئەيىپلىنەتتى . ھالبۇكى قۇرئاندا گېنلارنىڭ بايقىلىشىدىن 14 ئەسىر ئاۋۋال ئىنسانلارغا بۇ باتىل قاراشلارنى ئىنكار قىلىدىغان بىر بىلىم بېرىلگەن، جىنىس ئايرىمىسىنىڭ يىلتىزى ئايالدا ئەمەس، ئەردىن كېلىدىغان مەنىدە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن .

بالىياتقۇغا ئېسىلىپ تۇرىدىغان” ئەلەق“
قۇرئاننىڭ ئىنساننىڭ شەكىللىنىشى ھەققىدە بەرگەن بىلىملىرىنى داۋاملىق تەھلىل قىلغىنىمىزدا يەنە ناھايىتى مۇھىم بەزى ئىلمىي مۆجىزىلەر بىلەن ئۇچرىشىمىز. ئەردىن كەلگەن ئۇرۇق ۋە ئايالدىكى تۇخۇم بىرلەشكەندە تۇغۇلىدىغان بوۋاقنىڭ تۇنجى ۋۇجۇدىمۇ شەكىللىنىپ بولىدۇ. بىئولوگىيىدە”زىگوت“ (ھامىلە) دەپ چۈشەندۈرۈلىدىغان بۇ يەككە ھۈجەيرە ھېچبىر زامان ئۆلمەي، بۆلۈنۈپ كۆپىيىدۇ ۋە بار ا-بارا كىچىك بىر ”گۆش پارچىسى “ ھالىتىگە كېلىدۇ.
لېكىن زىگوتنىڭ بۇ چوڭىيىشى بوشلۇقتا ئەمەلگە ئاشمايدۇ، بالىياتقۇ دىۋارىغا ئېسىلىپ تۇرىدۇ، ئۆسۈش ئارقىلىق تۇپراققا ئورناشقان يىلتىزلارغا ئوخشاش يېپىشىپ تۇرىدۇ. بۇ باغ ئارقىلىق ھامىلە ئۆزىنىڭ چوڭىيىشى ئۈچۈن ئانىنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئۆزىگە ئېھتىياجلىق ماددىلارنى ئالىدۇ. مانا بۇ يەردە قۇرئاننىڭ ناھايىتى مۇھىم بىر مۆجىزىسى كۆرۈلمەكتە . ئاللاھ قۇرئاندا، ئانىنىڭ بالىياتقۇسىغا تۇتىشىپ تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان زىگوت ھەققىدە سۆزلىگەندە” ئەلەق“ سۆزىنى قوللانماقتا .
[ ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن، ئۇ ئىنساننى ئەلەق (لەختە قان) دىن ياراتتى. ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر ] « ئەلەق » سۈرىسى، ( 3 ، 1-ئايەت ) .  ”ئەلەق“ سۆزىنىڭ ئەرەبچىدىكى  مەنىسى ”بىر يەرگە ئېسىلىپ تۇرىدىغان نەرسە“ دېگەنلىكتۇر.

سۆڭەكلەرنىڭ مۇسكۇل بىلەن قاپلىنىشى
ئىنساننىڭ ئانا بالىياتقۇسىدىكى شەكىللىنىش باسقۇچلىرى قۇرئان ئايەتلىرىدە بېرىلگەن يەنە بىر مۇھىم مەلۇماتتۇر . ئايەتلەردە بالىياتقۇدا ئاۋۋال سۆڭەكلەرنىڭ شەكىللىنىدىغانلىقى، ئاندىن مۇسكۇللار پەيدا بولۇپ بۇ سۆڭەكلەرنى قاپلايدىغانلىقى مۇنداق خەۋەر بېرىلمەكتە :
[ ئاندىن ئابىمەنىنى لەختە قانغا ئايلاندۇردۇق، ئاندىن لەختە قاننى پارچە  گۆشكە ئايلاندۇردۇق، ئاندىن پارچە گۆشنى سۆڭەككە ئايلاندۇردۇق، ئاندىن سۆڭەككە گۆش قوندۇردۇق، ئاندىن ئۇنى (جان كىرگۈزۈپ ) باشقا مەخلۇققا ئايلاندۇردۇق، ئەڭ ماھىر ياراتقۇچى ئاللاھ (ھېكمەت ۋە قۇدرەت جەھەتتىن  ئۇلۇغدۇر ) ] « مۆئمىنۇن » سۈرىسى، ( 14 -ئايەت ) .

بالىنىڭ بالىياتقۇدىكى تەرەققىياتىنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم ھامىلىشۇناسلىق دېيىلىدۇ . ھامىلىشۇناسلىق ساھەسىدە يېقىنقى زامانلارغىچە سۆڭەكلەر بىلەن مۇسكۇللار بىللە مەيدانغا كېلىپ تەرەققىي قىلىدۇ دەپ قارالغان. پەقەت راۋاجلانغان تېخنىكا ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان، تېخىمۇ ئىلغار مىكروسكوپ بىلەن قىلىنغان ئانالىزلار قۇرئاندا بىلدۈرۈلگەنلەرنىڭ تولۇق توغرا ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇ ئىنچكە ئانالىزلار بالىياتقۇدا دەل ئايەتلەردە تەرىپلەنگىنىدەك بىر تەرەققىياتنىڭ ئەمەلىيلىشىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. ئاۋۋال ھامىلىدىكى كۆمۈرچەك توقۇلمىسى سۆڭەكلىشىدۇ . ئاندىن مۇسكۇل ھۈجەيرىلىرى سۆڭەكلەرنىڭ ئەتراپىدىكى توقۇلمىدىن تاللىنىپ بىر يەرگە كېلىدۇ ۋە بۇ سۆڭەكلەرنى قاپلايدۇ. بۇ ئەھۋال Developing Human ( تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىنسان )  ناملىق بىر ئىلمىي دوكلاتتا مۇنداق دېيىلمەكتە : ” 6 – ھەپتىدە كۆمۈرچەكلىشىشنىڭ داۋامى سۈپىتىدە تۇنجى  سۆڭەكلىشىش كىچىك كۆۋرۈكسىمان سۆڭەكتە مەيدانغا كېلىدۇ؛ 7 – ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا ئۇزۇن سۆڭەكلەردىمۇ سۆڭەكلىشىش باشلىنىدۇ . سۆڭەكلەر داۋاملىق شەكىللىنىۋاتقاندا مۇسكۇل ھۈجەيرىلىرى سۆڭەكنى ئورىغان توقۇلمىدىن تاللىنىپ مۇسكۇل يىغىندىسىنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ . مۇسكۇل توقۇلمىسى بۇ شەكىلدە سۆڭ ەك ئەتراپىدا ئالدى ۋە ئارقا مۇسكۇل گۇرۇپپىلىرىغا ئايرىلىدۇ “ . قىسقىسى، ئىنساننىڭ قۇرئاندا تەرىپلەنگەن شەكىللىنىش باسقۇچلىرى زامانىۋى ھامىلىشۇناسلىق بايقاشلىرى بىلەن دەل ماس كېلىدۇ.

بوۋاقنىڭ بالىياتقۇدىكى ئۈچ قاراڭغۇلۇق باسقۇچى
قۇرئاندا ئىنساننىڭ ئانا بالىياتقۇسىدا ئۈچ باسقۇچلۇق بىر يارىتىلىش بىلەن يارىتىلغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە : [ ... ئاللاھ سىلەرنى ئاناڭلارنىڭ قارنىدا بىر ھالەتتىن يەنە بىر ھالەتكە تەرەققىي قىلدۇرۇپ (يەنى ئابىمەنىي، ئاندىن لەختە قان، ئاندىن پارچە گۆش باسقۇچلىرىغا بۆلۈپ )، ئۈچ قاراڭغۇلۇق (يەنى بالا ھەمراھىنىڭ پەردىسى، بەچچىدان ۋە ئانىنىڭ قورسىقى ) ئىچىدە يارىتىدۇ، ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، پادىشالىق ئاللاھقا خاستۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. قانداقمۇ (ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشتىن ئۇنىڭدىن غەيرىيگە چوقۇنۇشقا) بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر ؟ ] « زۇمەر » سۈرىسى، ( 6-ئايەت ) .
يۇقىرىدىكى ئايەتتە ”ئۈچ قاراڭغۇلۇق ئىچىدە “ دەپ تەرجىمە قىلىنغان ئەرەبچە ”فى زۇلۇماتىن سەلاسىن “ ئىپادىسى ھامىلىنىڭ تەرەققىياتى جەريانىدا ھامىلە تۇرىدىغان ئۈچ قاراڭغۇلۇق بۆلۈمنى كۆرسەتمەكتە. بۇ بۆلۈم رەت تەرتىپى بويىچە: 1) قورساق قاراڭغۇلۇقى؛ 2) بالىياتقۇ قاراڭغۇلۇقى؛ 3) ھامىلە قېپى قاراڭغۇلىقىدۇر.
كۆرۈلگىنىدەك، بۈگۈن زامانىۋى بىئولوگىيە بوۋاقنىڭ ھامىلە تەرەققىياتىنىڭ يۇقىرىدىكى ئايەتتە بىلدۈرۈلگەن شەكىلدە، ئۈچ پەرقلىق قاراڭغۇلۇق بۆلۈمدە ئەمەلىيلىشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى . ئۇنىڭدىن باشقا ھامىلىشۇناسلىق ساھەسىدىكى تەرەققىياتلار بۇ بۆلۈملەرنىڭ ئۈچ قاتلامدىن شەكىللەنگەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە . قورساق تېمى ئۈچ قەۋەتتىن شەكىللىنىدۇ : سىرتقى مۇسكۇل قەۋىتى، ئىچ مۇسكۇل قەۋىتى، چاپراس مۇسكۇللار. بالىياتقۇ تېمىمۇ ئوخشاشلا ئۈچ قەۋەتتىن تۈزۈلىدۇ: ئېپىمېترىئۇم، مىيومېترىئۇم ۋە ئېندومېترىئۇم .
ھامىلىنى ئورىغان بالىياتقۇ قېپىمۇ ئوخشاشلا ئۈچ قەۋەتتىن تۈزۈلىدۇ . ئامنىيون (بالىياتقۇدا ئۈچ ئايلىقتىن كېيىنكى ھامىلىنى ئورىغان ئەڭ ئىچكى يۇمران قەۋەت)، كوريون (ھامىلىنى ئورىغان ئوتتۇرا قەۋەت ) ۋە دېسىدۇئا (ھامىلىنى ئورىغان سىرتقى قەۋەت) .
ئايەتتە يەنە ئىنساننىڭ بالىياتقۇدا بىر ھالەتتىن يەنە بىر ھالەتكە ئۆزگىرىدىغان ئۈچ ئايرىم باسقۇچتا بارلىققا كېلىدىغانلىقىغا بېشارەت بېرىلمەكتە. ھەقىقەتەن بۈگۈن زامانىۋى بىئولوگىيە بوۋاقنىڭ ئانا قورسىقىدىكى ھامىلە تەرەققىياتىنىڭ پەرقلىق ئۈچ باسقۇچتا بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى . بۈگۈن مېدىتسىنا فاكۇلتېتلىرىدە دەرس كىتابى قىلىنىپ ئۆتۈلىدىغان پۈتۈن ھامىلىشۇناسلىق كىتابلىرىدا بۇ تېما ئەڭ ئاساسىي بىلىملەر ئارىسىدىن ئورۇن ئالماقتا. مەسىلەن، ھامىلۇشۇناسلىق ھەققىدە مۇراجىئەت قىلىنىدىغان ئاساسلىق كىتابلاردىن بىرى بولغان «Basic Human Embryology » ( ئىنسان ھامىلىشۇناسلىقىدىن ئاساس ) ناملىق كىتابتا بۇ ئەمەلىيەت مۇنداق ئىپادىلەنمەكتە: بالىياتقۇدىكى ھايات ئۈچ باسقۇچتىن شەكىللىنىدۇ؛ پرېمبرىيونىك ( تۇنجى 5،2 ھەپتە )، ئېمبرىيونىك ( 8-ھەپتىنىڭ ئاخىرىغىچە) ۋە فەتال ( 8 – ھەپتىدىن تۇغۇلۇشقىچە ) . بۇ باسقۇچلار بوۋاقنىڭ پەرقلىق تەرەققىيات باسقۇچلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئۈچ تەرەققىيات باسقۇچىنىڭ ئايرىم ئالاھىدىلىكلىرى قىسقىچە مۇنداق : پرېمبرىيونىك باسقۇچ : بۇ تۇنجى باسقۇچتا ھامىلە ھۈجەيرىسى بۆلۈنۈپ كۆپىيىدۇ، بىر ھۈجەيرە يىغىندىسى ھالىغا كەلگەندىن كېيىن ئۆزىنى بالىياتقۇ تېمىغا كۆمىدۇ . ھۈجەيرىلەر داۋاملىق كۆپەيگەندە ئۈچ قەۋەت ھالىتىدە تەشكىللىنىدۇ. ئېمبرىيونىك باسقۇچ : ئىككىنچى باسقۇچ 5 ھەپتە داۋاملىشىدۇ ، مۇشۇ ۋاقىتتا ”جانلىق ھامىلە “ دەپ ئاتىلىدۇ . بۇ باسقۇچ تا ھۈجەيرە قەۋەتلىرىدىن بەدەننىڭ ئاساسلىق ئورگان ۋە سىستېمىلىرى مەيدانغا كېلىدۇ. فەتال باسقۇچ : بۇ باسقۇچقا كىرگەندە ھامىلە ”تۆرەلمە“ دەپ ئاتىلىدۇ . بۇ باسقۇچ ھامىلدارلىقنىڭ 8-ھەپتىسىدىن ئېتىبارەن باشلىنىدۇ ۋە تۇغۇتقىچە داۋاملىشىدۇ. بۇ باسقۇچنىڭ ئاۋۋالقى باسقۇچلاردىن پەرقلىنىدىغان ئالاھىدىلىكى شۇكى، تۆرەلمنىڭ يۈزى، قوللىرى ۋە پۇتلىرى ئېنىق بىر ئىنسان كۆرۈنۈشىگە ئىگە بولىدۇ . دەسلەپكى باسقۇچتا ھامىلىنىڭ بويى 3 سانېتمىتىر بولۇشىغا قارىماي پۈتۈن ئورگانلىرى بارلىققا كېلىپ بولىدۇ . بۇ باسقۇچ 30 ھەپتىگىچە بولىدۇ ۋە تەرەققىيات تۇغۇت ھەپتىسىگىچە داۋاملىشىدۇ. ئانا بالىياتقۇسىدىكى تەرەققىياتقا مۇناسىۋەتلىك بۇ بىلىملەرگە ئىنسانلار پەقەت زامانىۋى تېخنىكىلىق سايمانلار بىلەن ئېلىپ بېرىلغان كۆزىتىشلەر ئارقىلىق ئىگە بولدى . ئەمما مەلۇم بولغىنىدەك، بۇ بىلىملەرمۇ باشقا نۇرغۇن ئىلمىي ھەقىقەتكە ئوخشاش مۆجىزىۋى ھالدا قۇرئان ئايەتلىرىدە تىلغا ئېلىنغان.

ئىنساننىڭ سۇدىن يارىتىلىشى
[ ئاللاھ ھەر بىر جاندارنى سۇدىن ياراتتى، ئۇلارنىڭ بەزىسى قورسىقى بىلەن ماڭىدۇ، بەزىسى ئىككى پۇتى بىلەن ماڭىدۇ، بەزىسى تۆت ئايىغى بىلەن ماڭىدۇ، ئاللاھ خالىغان مەخلۇقاتلارنى يارىتىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر ]  سۈرە « نۇر » ، ( 45 – ئايەت ) .
[ كاپىرلار بىلمەمدۇكى، ئاسمانلار بىلەن زېمىن بىر -بىرىگە تۇتاش ئىدى ، ئۇلارنى ئايرىۋەتتۇق، ھەممە جانلىق مەۋجۇداتنى سۇدىن ياراتتۇق، ئۇلار (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە) ئىشەنمەمدۇ ؟ ]  سۈرە « ئەنبىيا » ، ( 30 – ئايەت ) .
[  ئاللاھ ئىنساننى بىر سۇدىن (ئابىمەنىيدىن) ياراتتى، ئۇنى بالىلار نىسبەت بېرىلىدىغان ئەر ۋە قۇدا-باجىلىق پەيدا قىلىدىغان ئايال (دىن ئىبارەت ) ئىككى خىل قىلىپ ياراتتى، پەرۋەردىگارىڭ ھەممىگە قادىردۇر . ]  « فۇرقان ») سۈرىسى، ( 54 -ئايەت ) .
جانلىقلارنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدىكى ئايەتلەرگە قارىغىنىمىزدا بۇ يارىتىلىشنىڭ مۆجىزىلىك شەكىلدە ئىكەنلىكىنى روشەن كۆرىمىز. بۇ مۆجىزىۋى يارىتىلىش شەكىللىرىدىن بىرى جانلىقلارنىڭ سۇدىن يارىتىلىشىدۇر. خېلى كۆپ ئايەتتە ئوچۇق دېيىلگەن بۇ بىلىمگە ئىنسانلارنىڭ ئېرىشىشى ئەسىرلەردىن كېيىن مىكروسكوپنىڭ كەشپ قىلىنىشى ئارقىلىق مۇمكىن بولدى. بۈگۈن ئەڭ ئاساسلىق ئېنسىكلوپېدىيەلەردە ”سۇ جانلىق ماددىلاردىكى ئەڭ چوڭ ئېلېمنېت (ئۇنسۇر). جانلىق ئورگانىزىملارنىڭ ئېغىرلىقىنىڭ يۈزدە 50 – 90 پىرسەنتى سۇدۇر “  ئىپادىلىرى ئور ۇن ئالماقتا. يەنە پۈتۈن بىئولوگىيە كىتابلىرىدا سۆزلىنىدىغان ئۆلچەملىك بىر ھايۋان ھۈجەيرىسىنىڭ سىتوپلازمىسى (ھۈجەيرىنىڭ ئاساسلىق ماددىسى ) مۇ يۈزدە 80 پىرسەنت سۇدىن شەكىللىنىدۇ . سىتوپلازمىنىڭ ئانالىز قىلىنىپ ئىلمىي خاتىرىلەرگە يېزىلىشى قۇرئاننىڭ نازىل قىلىنىشىدىن ئەسىرلەر كېيىن ئەمەلگە ئاشتى . شۇڭا بۈگۈن بىلىم دۇنياسى ئېتىراپ قىلغان بۇ ئەمەلىيەتنىڭ قۇرئان نازىل قىلىنغان دەۋردە مەلۇم بولۇشى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس ئىدى . شۇنداقتىمۇ ئىنسانلارنىڭ ئۇنى بايقىشىدىن 14 ئەسىر ئاۋۋال قۇرئاندا بۇ بىلىم ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان .

لايدىن يارىتىلىش
ئاللاھ قۇرئاندا ئىنساننىڭ يارىتىلىشىنىڭ مۆجىزىۋى بىر شەكىلدە ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بېرىدۇ . تۇنجى ئىنسان ئاللاھنىڭ لاينى شەكىللەندۈرۈپ ئىنسان بەدىنى ھالىتىگە كەلتۈرۈشى ۋە ئارقىدىن بۇ بەدەنگە روھ كىرگۈزۈشى بىلەن يارىتىلغان. [ ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ پەرىشتىلەرگە ئېيتتى : مەن ھەقىقەتەن لايدىن بىر ئادەم يارىتىمەن ئۇنى مەن راۋرۇس ياراتقان (يەنى ئۇنى يارىتىپ سۈرەتكە كىرگۈزۈپ، ئەزالىرىنى تولۇق، مۇكەممەل ئىنسان ھالىتىگە كەلتۈرگەن ) ۋە  ئۇنىڭغا جان كىرگۈزگەن ۋاقتىمدا ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار ]  سۈرە « ساد » ( 71-72 – ئايەت ) .

[ ئۇلاردىن (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچىلاردىن) سوراپ باققىن! ئۇلارنى يارىتىش قىيىنمۇ؟ بىز ھەقىقەتەن ئۇلارنى (يەنى ئۇلارنىڭ ئەسلى بولغان ئادەمنى ) يېپىشقاق لايدىن ياراتتۇق ]  سۈرە « ساففات » ( 11 – ئايەت ) .
بۈگۈن ئىنسان توقۇلمىلىرى تەتقىق قىلىنغىنىدا يەردىكى نۇرغۇن ئېلېمېنتنىڭ ئىنساننىڭ توقۇلمىلىرىدىمۇ بار ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ . جانلىق توقۇلمىلارنىڭ يۈزدە 95 پىرسەنتى كاربون، ھىدروگېن، ئوكسېگىن، نىتروگېن، پوسپور ۋە گۈڭگۈرتتىن تۈزۈلىدۇ ۋە جانلىق توقۇلمىلاردا جەمئىي 26 ئېلېمنېت بار بولىدۇ. قۇرئاننىڭ باشقا بىر ئايىتىدە شۇنداق دېيىلمەكتە : [ بىز ھەقىقەتەن ئىنساننى لاينىڭ جەۋھىرىدىن ياراتتۇق ] سۈرە « مۆئمىنۇن »  ( 12 – ئايەت ) .
ئايەتتە ”جەۋھەر“ دەپ تەرجىمە قىلىنغان ”سۇلالە“ سۆزى ” ئۈلگە، يادرو، خۇلاسە، ئاساس“ دېگەندەك مەنىلەردە كېلىدۇ. مەلۇم بولغىنىدەك، قۇرئاندا 14 ئەسىر ئاۋۋال بىلدۈرۈلگەن بىلىملەر زامانىۋى بىلىمنىڭ بىزگە ئېيتقانلىرىنى — ئىنساننىڭ يارىتىلىشىدىكى ماددا بىلەن تۇپراق تەركىبىدىكى ئاساسلىق ئېلېمنېتلارنىڭ ئورتاق ئىكەنلىكىدەك پاكىتنى تەستىقلىماقتا.

ئىنسانلاردىكى ئورگانلارنىڭ تەرەققىيات تەرتىپى
] ئاللاھ سىلەر ئۈچۈن قۇلاقلارنى، كۆزلەرنى ۋە دىللارنى ياراتتى، سىلەر ناھايىتى ئاز شۈكۈر قىلىسىلەر [  سۈرە « مۆئمىنۇن » ( 78 - ئايەت )
ئاللاھ سىلەرنى ئاناڭلارنىڭ قارنىدىن ھېچ نەرسىنى بىلمەيدىغان ھالىتىڭلار بىلەن چىقاردى، ئاللاھ سىلەرگە شۈكۈر قىلسۇن دەپ قۇلاق، كۆز ۋە يۈرەكلەرنى ئاتا قىلدى ]  سۈرە « نەھل » ( 78 – ئايەت ) .
[ (ئى مۇھەممەد !) ئېيتقىنكى، ئېيتىپ بېقىڭلاچۇ، ئەگەر ئاللاھ سىلەرنىڭ  قۇلىقىڭلارنى گاس، كۆزۈڭلارنى كور قىلىپ قويسا، دىللىرىڭلارنى پېچەتلىۋەتسە (يەنى سىلەرنى ھېچ نەرسىنى چۈشەنمەيدىغان قىلىپ قويسا )  ئۇلارنى ئاللاھتىن باشقا يەنە قايسى ئىلاھ ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ ؟ ... ]
سۈرە « ئەنئام » ( 46 – ئايەت ) .

شۈبھىسىزكى بىز ئىنساننى ئارىلاشما مەنىي (يەنى ئەر بىلەن ئايالنىڭ مەنىيسى) دىن ياراتتۇق، ئۇنى بىز (شەرىئەت تەكلىپلىرى بىلەن) سىنايمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى بىز (ئۇنى نازىل قىلغان ئايەتلىرىمىزنى ئاڭلىسۇن، كائىناتنىڭ ياراتقۇچىسىنىڭ بىرلىكىگە دالالەت قىلىدىغان دەلىللەرنى كۆرسۈن دەپ) ئاڭلايدىغان، كۆرىدىغان قىلىپ ياراتتۇق . ]   سۈرە « ئىنسان » ( 2- ئايەت ) .

يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە ئاللاھ تائالا ئىنسانغا بەخش ئەتكەن بىر تۈركۈم سەزگۈ ئەزالار بايان قىلىنماقتا. دىققەت قىلىنسا، قۇرئاندا بۇ سەزگۈ ئەزالار ئېنىق بىر تەرتىپ بويىچە بايان قىلىنماقتا: ئاڭلاش، كۆرۈش، ھېس قىلىش ۋە چۈشىنىش .
ھامىلىشۇناس دوكتور كېئىت مورې Journal of Islamic Medical Association دا نەشر قىلىنغان بىر ماقالىسىدە تەرەققىيات جەريانىدا ھامىلىنىڭ ئىچ قۇلاقلىرىنىڭ تۇنجى ھالىتى نامايەن بولغاندىن كېيىن كۆزىنىڭ شەكىلىنىشكە باشلايدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ؛ ھېس قىلىش ۋە چۈشىنىش مەركىزى بولغان مېڭىنىڭ بولسا قۇلاق ۋە كۆزنىڭ ئارقىسىدىن تەرەققىي قىلىشقا باشلايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئانا قورسىقىدىكى بالا تۆرەلمە ھالىتىكى چاغدا ھامىلدارلىقنىڭ يىگىرمە ئىككىنچى كۈنىدىكىدەك بالدۇر بىر باسقۇچتا قۇلاقلىرى تەرەققىي قىلىدۇ ۋە ھامىلدارلىقنىڭ تۆتىنجى ئېيىدا قۇلاق پۈتۈنلەي فونكىسيونلۇق (يەنى ئىشلەيدىغان، رولى بار ) ھالغا كېلىدۇ . شۇنىڭدىن كېيىن تۆرەلمە ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى ئاۋازلارنى ئاڭلىيالايدۇ . شۇنداق قىلىپ يېڭى تۇغۇلغان بىر بوۋاق ئۈچۈن ئاڭلاش سەزگۈسى باشقا ھاياتىي ئىقتىدارلاردىن ئاۋۋال شەكىللىنىدۇ. قۇرئان ئايەتلىرىدىكى باش رەت – تەرتىپ بۇ جەھەتتىن دىققىتىمىزنى تارتىدۇ.

سۈتنىڭ شەكىللىنىشى
[چاھارپايلاردا سىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن بىر ئىبرەت بار . سىلەرنى چاھارپايلارنىڭ قارنىدىكى ماياق تېزەكتىن ۋە قاندىن ئايرىلىپ چىققان پاكىز ۋە تەملىك سۈت بىلەن سۇغىرىمىز ]  سۈرە « نەھل » , ( 66 – ئايەت )
ۋۇجۇدنىڭ بېقىلىشىنى ساقلايدىغان ئاساسىي ماددىلار ھەزىم قىلىش سىستېمىسىكى خېمىيىلىك ئۆزگۈرۈشلەر نەتىجىسىدە شەكىللىنىدۇ . ھەزىم قىلىنغان بۇ ئوزۇقلۇق ماددىلىرى كېيىن ئۈچەي دىۋارىدىكى قان ئايلىنىش سىستېمىسىغا ئۆتىدۇ . شۇنداق قىلىپ بۇ ئوزۇقلۇقلار قان ئايلىنىش ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا ئەۋەتىلىدۇ. سۈت سۇيۇقلۇقىمۇ باشقا ۋۇجۇد توقۇلمىلىرىغا ئوخشاش قان يولى بىلەن ئۆزلىرىگە ئېلىپ كېلىنگەن ھەزىم بولغان ئوزۇقلۇقلار ئارقىلىق بېقىلىدۇ . شۇڭا ئوزۇقلۇقلارنىڭ توپلىنىپ يەتكۈزۈلۈشىدە قان ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ . بۇ باسقۇچلاردىن كېيىن سۈت سۈت بەزلىرى تەرىپىدىن ئاجرىتىلىدۇ، ھەزىم بولغان ئوزۇقلۇقنىڭ قان ئايلىنىش ئارقىلىق توشۇلۇشى نەتىجىسىدە شەكىللەنگەنلىكتىن سۈتنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولىدۇ . شۇنداق قىلىپ ئىنسانلار بىۋاسىتە ئىستېمال قىلالمايدىغان قاندىن، قالغان يېرىمى بولسا ھەزىم بولغان ئوزۇقلۇقتىن تەركىپ تاپقان ھالدا ئوزوقلۇق سۈت ئىشلەپچىقىلىدۇ.

مەلۇم بولغىنىدەك ، « نەھل » سۈرىسىنىڭ 66 -ئايىتىدە سۈتنىڭ بىئولوگىيىلىك تۈزۈلۈشىگە مۇناسىۋەتلىك بايانلار زامانىمىز بىلىملىرى ئوتتۇرىغا قويغان مەلۇماتلارغا ناھايىتى ماس كېلىدۇ . سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىدىغان ئىختىساسلىقلارنى كېرەك قىلىدىغان بۇنداق بىر بىلىمنىڭ قۇرئان نازىل قىلىنغان دەۋرلەردە ئىنسانلارغا مەلۇم بولۇشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى ناھايىتى روشەندۇر .

بارماق ئىزىدىكى كىملىك
قۇرئاندا ئىنسانلارنى قايتا تىرىلدۈرۈشنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن ناھايىتى ئاسان ئىكەنلىكى بايان قىلىنغاندا ئىنسانلارنىڭ بارماقلىرى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان :
[  ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئۇنىڭ سۆڭەكلىرىنى جەم قىلىمىز )، ئۇنىڭ (ئەڭ ئىنچكە، ئەڭ نازۇك بولغان )بارماقلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيمىز ]  سۈرە « قىيامەت » ( 4 – ئايەت ).
ئايەتتە بارماق ئۇچىنىڭ تەكىتلىنىشى ناھايىتى ھېكمەتلىكتۇر . چۈنكى بارماق ئىىزىدىكى شەكىللەر ۋە ئىنچكە تەرەپلەر تامامەن شۇ كىشىگە خاستۇر . شۇئان دۇنيادا ياشاۋاتقان ۋە تارىختا ياشىغان پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ بارماق تۈزۈلۈشىگە ئىگە DNA ئىزى بىر -بىرىدىن پەرقلىقتۇر . تېخى ئوخشاش بىر تۇخۇمدىن بولغان قوشكېزەكلەرمۇ پەرقلىق بارماق ئىزىغا ئىگە . بارماق ئىزى تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرى ھامىلىدە ئاخىرقى شەكلىنى ئالىدۇ، بىرەر يوقالماس يارا بولۇپ قالمىسىلا ئۇ شەكىل ئۇنىڭدا ئۆمۈر بويى مۇقىم قالىدۇ. مانا مۇشۇ سەۋەبتىن بارماق ئىزى ھەر كىمنىڭ ئۆزىگە خاس ناھايىتى مۇھىم بىر ”كىملىك“ ھېسابلانماقتا، بارماق ئىزى بىلىمى بولسا ئىنسانلارغا مەلۇم بولغان بىردىنبىر ئۆزگەرمەس ۋە يېڭىلىشماس كىملىك ئېنىقلاش ئۇسۇلى بولۇپ قوللىنىلماقتا.
شۇنىسى مۇھىمكى، بارماق ئىزى خۇسۇسىيىتى پەقەت 19 -ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا توغرا بايقالدى . ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىنسانلار بارماق ئىزىنى ھېچبىر خۇسۇسىيىتى ۋە مەنىسى يوق سىزىقلار دەپ بىلگەن . ئەمما قۇرئاندا ئۇ دەۋردە بىرسىنىڭ دىققىتىنىمۇ تارتمىغان بارماق ئىزلىرى تەكىتلەنمەكتە ھەمدە بۇ ئىزلارنىڭ زامانىمىزدا تونۇلغان مۇھىملىقى كىشىنى قىزىقتۇرماقتا.

چىشى ھەسەل ھەرىسى
[ پەرۋەردىگارىڭ ھەسەل ھەرىسىگە بىلدۈردى : تاغلارغا، دەرەخلەرگە ۋە (كىشىلەرنىڭ ھەسەل ھەرىلىرى ئۈچۈن ) ياسىغان ئۆيلىرىگە ئۇۋا تۈزگىن . ئاندىن كېيىن تۈرلۈك مېۋىلەر(يەنى گۈل-چېچەكلەر) دىن يېگىن، پەرۋەردىگارىڭنىڭ يوللىرىغا ئىتائەتمەنلىك بىلەن كىرگىن . ئۇنىڭ (يەنى ھەسەل ھەرىسىنىڭ) قارنىدىن ئىنسانلارغا شىپا بولىدىغان خىلمۇ خىل رەڭلىك ئىچىملىك (يەنى ھەسەل) چىقىدۇ. بۇنىڭدا (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ چوڭلۇقىنى) پىكىر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئىبرەت بار . سۈرە « نەھىل » ( 68 - 69 - ئايەت ) .

ھەربىر ھەرە ناھايىتى نۇرغۇن ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدىغان ھەرە توپىنىڭ ئارىسىدا ئەركەك ھەرە مۇستەسنادۇر. ئەركەك ھەرە ھەرە ئۇۋىسىنى قوغدىمايدۇ، ئوزۇقلۇق يىغمايدۇ، كۆنەگە ياساشقا ياكى ھەسەل چىقىرىشقا قاتناشمايدۇ. ئەركەك ھەرىنىڭ بىردىنبىر قىلىدىغان ئىشى چىشى ھەرە تۆللەشتۇر. جۈپلىشىش ئەزايىنى دېمىگەندە ئەركەك ھەرىدە باشقا ھەرىلەردىكى خۇسۇسىيەتلەرنىڭ ھېچقايسىسى بولمىغاچقا ئۇنىڭ چىشى ھەرە تۆللىمەكتىن باشقا ئىشلارنى قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس . ھەرە توپىنىڭ پۈتۈن يۈكىنى زېممىسىگە ئالغان ئىشچى ھەرىلەر ”خانقىز“ ھەرىلەرگە ئوخشاش چىشى جىنسلىق بولسىمۇ تۇخۇمدانلىرى تەرەققىي قىلمىغان بولىدۇ، يەنى تۇغماس چىقىدۇ. ئەمما ئۇلار ئۇۋىنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش، قۇرت ھەرىلەر ۋە بالىلىرىنى بېقىش، چىشى ھەرە ۋە ئەركەك ھەرىنى بېقىش، ھەسەل چىقىرىش، كۆنەگە ياساش ۋە ئۇنى رېمونت قىلىش، ئۇۋىنى ھاۋالاندۇرۇش، ئۇۋىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ھەسەل جەۋھىرى، گۈل چېڭى، سۇ، قىيام دېگەندەك ماددىلارنى توپلاش ۋە زاپاس ساقلاش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ.
ئەرەبچىدە پېئىللارنىڭ ئىككى خىل قوللىنىلىش شەكلى بار، بۇنىڭدىن ئىگىنىڭ ئەركەك ياكى چىشى ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ . يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە ھەرە ئۈچۈن قوللىنىلغان پېئىللار ھەقىقەتەن پېئىلنىڭ ئايال سىغىسى شەكلىدە قوللىنىلغان. شۇنداق قىلىپ قۇرئاندا، ھەسەل چىقىرىش ئۈچۈن ئىشلەيدىغان ھەرىلەرنىڭ چىشى ئىكەنلىكى بېشارەت بېرىلمەكتە. ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، ھەرىلەرگە مۇناسىۋەتلىك بۇ پاكىتنىڭ بۇنىڭدىن1400 يىل ئىلگىرى مەلۇم بولۇشى مۇمكىن ئەمەس . ئەمما ئاللاھ تائالا بۇ پاكىتنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ قۇرئاننىڭ يەنە بىر مۆجىزىسىنى بىزگە كۆرسەتمەكتە.

ئۇيقۇدا قۇلاقلارنىڭ سەگەك بولۇشى
[ شۇنداق قىلىپ غاردا ئۇزۇن يىللار ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىغا ئۇردۇق ( قاتتىق بىر ئۇيقۇ بەردۇق ) سۈرە « كەھىف » ، ( 11 - ئايەت ) .
( ئۇيغۇرچە  « قۇرئان كەرىم » دە : [ ئۇلارنى بىز غاردا ئۇزۇن يىللار  ئۇخلىتىپ قويدۇق ] دەپ تەرجىمە قىلىنغان )  يۇقىرىدىكى ئايەتتە ئۇچرايدىغان ”قۇلاقلىرىغا ئۇردۇق “ سۆزىنىڭ ئەرەبچىسى ”دارابە“ پېئىلىدۇر. ئەرەبچىدە بۇ پېئىل ”ئۇلارنى ئۇخلاتتۇق “ دېگەن مەجازىي مەنىدە كەلمەكتە. يەنە ”دارابە“ سۆزى قۇلاق بىلەن بىللە قوللىنىلغاندا ”قۇلاق ئاڭلىشىنىڭ توسۇلۇشى“ مەنىسىدە كەلمەكتە. ئايەتتە پەقەت ئاڭلاش سەزگۈسىنىڭ ئۇيقۇ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىلىشىدە ئەسلىدە بۇنىڭدا ناھايىتى مۇھىم بىر مەلۇمات بار . ئالىملارنى بايقاشلىرىغا قارىغاندا، قۇلاق ئىنسان ئۇخلاۋاتقاندا بىردىنبىر سەگەك تۇرىدىغان سەزگۈ ئەزادۇر . ئويغىنىش ئۈچۈن سائەت سىگنالىغا ئېھتىياجىمىز يوقلۇقىنىڭ سەۋەبى مۇشۇ. ئاللاھنىڭ كەھف ئەھلىگە مۇناسىۋەتلىك ھالدا قوللانغان ”قۇلاقلىرىغا ئۇردۇق “ ئىپادىسىنىڭ ھېكمىتى ئايەتتە ئۇلارنىڭ ئاڭلاش سەزگۈلىرىنىڭ ئېتىلگەنلىكىگە، شۇڭا ئۇلارنىڭ
ئۇزۇن يىللار ئويغانماي ئۇخلاپ كەتكەنلىكىگە ئىشارەت بولۇشى ئېھتىمال.

زامانىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرى
[ ئاللاھ ئاتنى، خېچىرنى ۋە ئېشەكنى مىنىشىڭلار ئۈچۈن ۋە زىننەت ئۈچۈن ياراتتى، ئاللاھ يەنە سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنىمۇ يارىتىدۇ ] سۈرە « نەھل »  ( 8 – ئايەت ) يۇقىرىدىكى ئايەتتە قاتناش ۋاسىتىلىرى دەپ ھېسابلانغان ھايۋانلاردىن باشقا، ئىنسانلار بىلمەيدىغان قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭمۇ مەيدانغا كېلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنماقتا.

ئېگىزلىك ئارتقانچە كۆكرەكنىڭ تارىيىشى
ئىنسان ياشاش ئۈچۈن ئوكسىگېن ۋە ھاۋا بېسىمىغا ئېھتىياجلىقتۇر. نەپەسلىنىشىمىز ھاۋادىكى ئوكسېگىننىڭ ئۆپكىمىزدىكى ھاۋا پۈۋەكچىلىرىگە كىرىشى بىلەن مۇمكىن بولىدۇ . ئەمما ئېگىزلىكلەرگە چىققانچە يەر شارى ئاتموسفېراسى شالاڭلاشقانلىقتىن ئاتموسفېرا بېسىمى ھەمدە بۇنىڭ سەۋەبىدىن قان ئايلىنىشىغا كىرىدىغان ئوكسېگىن مىقتارى تۆۋەنلەيدۇ . نەتىجىدە نەپەس ئالماق قىيىنلىشىدۇ . ئۆپكىنىڭ ھاۋا پۈۋەكچىلىرى تارىيىپ پۈرۈلگەندە كۆكرەك بوغۇلىدۇ ۋە ئادەم نەپەس ئالالمىغاندەك بولىدۇ. ئەگەر قاندىكى ئوكسېگىن بەدەننىڭ ئېھتىياجىدىن ئاز بولسا بەدەندە بىر يۈرۈش بىئاراملىق پەيدا بولىدۇ . زىيادە ھارغىنلىق، باش ئاغرىش، باش قېيىش، قۇسقۇسى كېلىش، ئوي -پىكىرى چېچىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر يۈز بېرىدۇ . تېخىمۇ ئېگىزلىككە چىققانچە ئىنسان ئۈچۈن نەپەس ئالماق ئىمكانسىز ھالغا كېلىدۇ. شۇڭا بىزنىڭ بۇنداق بىر ئېگىزلىكتە ياشىيالىشىمىز ئۈچۈن ئوكسېگىن ياردىمىگە ۋە ئالاھىدە كىيىملەرگە ئېھتىياجىمىز تۇغۇلىدۇ.
دېڭىز يۈزىدىن 5000 – 7500  مېتېر ئېگىزلىكتە بولغان بىر كىشى نەپەس ئېلىشنىڭ تەسلىكىدىن ھۇشسىزلىنىپ چالا ئۆلۈك بولۇپ قالىدۇ . شۇڭا ئايروپىلانلاردا نەپەس ئېلىش ئۈچۈن ئوكسېگىن ئەسلىھەلىرى بولىدۇ .
ئايروپىلانلار دېڭىز يۈزىدىن 9000 – 10000 مېتېر ئېگىزلىكتە ئۇچقاندا  ئىچىدە ھاۋا بېسىمىنى تەڭشەيدىغان ئالاھىدە سىستېمىلار بولىدۇ. ”ئانوكسىيا“ دېيىلىدىغان بىئاراملىق بەدەن توقۇلمىلىرىغا ئوكسېگىن بارماسلىقتىن بولىدۇ . بۇ ئوكسېگىن كەملىكى 3000 – 4500 مېتىر ئېگىزلىكتە مەيدانغا كېلىدۇ . بەزى ئىنسانلار بۇنداق شارائىتتا ھۇش -كاللىسىنى يوقىتىدۇ ، پەقەت دەرھال ئوكسېگىن ياردىمى بېرىلگەندە ئاندىن ھاياتى قۇتقۇزىۋېلىنىدۇ .

تۆۋەندىكى ئايەتتىكى ئوخشىتىشتا بۇ فىزىكىلىق پاكىتقا — ئېگىزلىكنىڭ ئارتىشى بىلەن كۆكرەكتە مەيدانغا كېلىدىغان ئۆزگىرىشكە مۇنداق بېشارەت بېرىلمەكتە :
[ ئاللاھ كىمنى ھىدايەت قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭ كۆكسىنى ئىسلام ئۈچۈن ئاچىدۇ (يەنى ئۇنىڭ قەلبىنى ئىمانغا كېڭەيتىپ بېرىدۇ )، ئاللاھ كىمنى ئازدۇرماقچى بولسا، ئۇنىڭ كۆكسىنى شۇنچە تارايتىۋېتىدۇكى، (ئىمان ئېيتىش) ئۇنىڭغا گويا ئاسمانغا چىقىش تەك قىيىن تۇيۇلىدۇ، ئىمان ئېيتمىغانلارنى ئاللاھ مۇشۇنداق ئازابلايدۇ ] سۈرە « ئەنئام » ( 125 -ئايەت ) .



شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر كىتابنىڭ ئۈچۈنچى بۆلۈمى مۇشۇ يەردە تامام . ئاخىرى داۋاملىق يوللىنىدۇ ….

ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
Uyghun + 30 تەشەككۇر
قىزغىن + 600
YuqunAdam + 100 ئېسىل ئەسەر بوپتۇ.رەھمەت!

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 730   باھا خاتىرىسى

ھەممىمىز ئىمتىھان مەيدانىدا ، يەنە كېلىپ ئوچۇق ئىمتىھان مەيدانىدا .بىز پەقەت ئوخشىمىغان تەسەۋۋۇردىكى  بىرلا نەتىجىنى كۈتىۋاتىمىز .  ‹‹www.bildur.net››

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14887
يازما سانى: 1584
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5697
تۆھپە نۇمۇرى: 974
توردا: 6944 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2012-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-11 05:53:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى  داۋاملىق كۇتىمەن   
ﺍﷲ ئەجرىڭىز نى بەرسۇن

گۇنا   قىلىپ  ھالى قالمىغاندا ئاندىن تۆۋەقىلدۇ  

ھەجەپ بىر ئېيتىلغانگەپكەن بۇ  ھەي ........

ياردەم مەزمۇنى

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40834
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 217
تۆھپە نۇمۇرى: 49
توردا: 237 سائەت
تىزىم: 2011-5-15
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-11 06:36:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ﺍداۋامىنى  داۋاملىق كۇتىمەن........?

سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !

كۆكلەي دىسەڭ ئۇي

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41437
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 62
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 104 سائەت
تىزىم: 2011-5-20
ئاخىرقى: 2011-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-11 07:28:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى كۆرۈشكە تەشنامەن .

ئۆزۈڭنى بىل ، ئۆزگىنى قوي .

غەلبە ئۈچۈن چەكك

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3227
يازما سانى: 1502
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12976
تۆھپە نۇمۇرى: 452
توردا: 9741 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2012-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-11 08:52:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ھەممە بۆلىكىنى ساقلىۋالدىم،داۋامىغا يەنە تەشنامەن

مايكول سىكوفيوت

كىيىنكى بىكەت ـ›

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38943
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1495
تۆھپە نۇمۇرى: 151
توردا: 258 سائەت
تىزىم: 2011-4-27
ئاخىرقى: 2011-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-11 09:31:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ 5-جىسمىكەن-ھە؟  بۇ تىمىنىڭ 1-قىسمىدىن تارتىپ تاپقىلى بولامدۇ؟

ئېزىڭدىن تىكەن ئۈنسە، ئەۋلادىڭنىڭ پۇتى يارا بولۇر!

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8367
يازما سانى: 583
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9606
تۆھپە نۇمۇرى: 450
توردا: 926 سائەت
تىزىم: 2010-8-29
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-11 10:28:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى كۈتىمەن

سەن ماڭانىمەتىل

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10198
يازما سانى: 307
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22256
تۆھپە نۇمۇرى: 269
توردا: 6620 سائەت
تىزىم: 2010-9-13
ئاخىرقى: 2012-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-11 11:23:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى كۈتىمەن

سەن ماڭانىمەتىلىسەڭ اللەساڭا شۇنىڭ ئىككى ھەسسىنى بەرسۇن.ياخشىلىق ياكى يامانلىق بولسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44035
يازما سانى: 117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 905
تۆھپە نۇمۇرى: 60
توردا: 4314 سائەت
تىزىم: 2011-6-11
ئاخىرقى: 2012-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-12 07:43:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداش، كۆپ جاپا تارتىپسىز، ئەجرىڭىزنى ئاللاھ ئىگەم ئۈزى بەرگەي! بۇ ماقالىدىن قۇرئاننىڭ مەڭگۈلۈك مۈجىزە ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالىمىز.

مەن قۇرئان ۋە ھەدىسلەرنى ئوقۇسام، دائىم ئاللاھ نىمە ئۈچۈن بىزنى مۇشۇنداق ئىشلارغا بويرىغاندۇ دەپ سۇئال قويىمەن ۋە شۇ ئەمەللەرنى بىجا كەلتۈرەلىسەم، نەتىجىسى ناھايىتى غەلبىلىك بولىدۇ، ئەلھەمدۇلىللاھ.
ئەمما بىر سۇئالىم بار ئىدى، ئەگەر بىلسىڭىز، ياردەم قىلىپ ئايدىلاشتۇرۇپ بەرگەن بولسىڭىز؟!

دىنىزاۋۇرلارنىڭ ياشاپ ئۆتكەنلىكى ئىلىم پەن دۇنياسىدا ئىسپاتلىنىپ بولدى، بۇنى دىنىمىزدا قانداق چۈشەنچە بېرىدىغاندۇ؟

بۇ توغرىلىق توردىن ئىزدەپ باقتىم، ئەمما قانائەلىنەرلىك جاۋاپ تاپالمىدىم.ئەمما بۇ ھەرگىزمۇ مېنىڭ ئىتىقادىمنى سۇسلاشتۇرالمايدۇ. ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھ، ھەمىمىزنىڭ ئىمانىنى مۇستەھكەم قىلغايسەن، ئامىن!

مېنىڭ بارلىقىم ئ

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40676
يازما سانى: 601
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6667
تۆھپە نۇمۇرى: 110
توردا: 1059 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2012-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-12 10:43:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممە يوللىنىپ بولغاندا ئاندىن بىراقلا ئىنكاس يازاي !

سۆزلىرىمنى چۈشەنمىسىڭىز چاپسانلا ئىنكار قىلماڭ . بىر بۇلۇڭغا قويۇڭكى ، بىر ۋاقىتلاردا پايدىسى تىگىدۇ !

ana bolgum bar

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29052
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2303
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 2246 سائەت
تىزىم: 2011-2-4
ئاخىرقى: 2012-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-12 12:50:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ئەجرىىڭىزنى بەرسۇن !

ئاللاھ دىن بىسوراق قىل تەۋرىمەيدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43244
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 711 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2011-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-12 01:56:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەخمەت قـلسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25477
يازما سانى: 225
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3096
تۆھپە نۇمۇرى: 200
توردا: 60 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2012-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-14 12:06:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز بىلەن قىلچىمۇ مۇناسىۋىتى يوق دىنىزاۋۇرنى نىمە قىلارسىز ...................

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش