مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1611|ئىنكاس: 34

قۇرئان كەرىمنىڭ سىرلىرى 4 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىلمىگەننى بىل ،

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4482
يازما سانى: 157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12109
تۆھپە نۇمۇرى: 435
توردا: 923 سائەت
تىزىم: 2010-7-22
ئاخىرقى: 2012-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-10 06:46:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن .

‹‹قۇرئان كەرىم›› نىڭ سىرلىرى
ئۆمەر چېلىك ( تۈركىيە )

ئۈچىنچى بۆلۈم
ئاسترونومىيىدىكى تەرەققىياتلار

سەييارىلەرنىڭ بايقىلىشى

« يۇسۇف » سۈرىسىنىڭ بېشىدىلا ھەزرىتى يۇسۇفنىڭ كىچىك چېغىدا كۆرگەن بىر چۈشى ۋە بۇ چۈشتە ھەزرىتى يۇسۇفنىڭ 11 يۇلتۇز كۆرگەنلىكى سۆزلىنىدۇ.

« قۇرئان كەرىم » نىڭ بېشىدىن ئاخىرىغچە پەقەت « يۇسۇف » سۈرىسىنىڭ 4-ئايىتىدە 11 يۇلتۇز سۆزلىنىدۇ، بۇ سۆزلىنىپ بولغاندىن كېيىنلا 101 – ۋە 105 -ئايەتلەردە دىققىتىمىز ئالەمگە مەركەزلىشىدۇ . ئەمدى بۇ ئايەتلەرنىڭ نومۇرلىرىنى جەملەپ يازايلى : 4 ، 105 ،101

[ ئۆز ۋاقتىدا يۇسۇف ئۆز ئاتىسىغا:’ئى ئاتا! مەن ھەقىقەتەن چۈشۈمدە 11 يۇلتۇزنىڭ ۋە ئاي بىلەن كۈننىڭ ماڭا سەجدە قىلغانلىقىنى كۆردۈم ‘ دېدى ] ( « يۇسۇف »سۈرىسى، 4-ئايەت).

[...ئى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچى زات ! ...] ( « يۇسۇف » سۈرىسى، 101 -ئايەت ).

[ ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ ) نۇرغۇن ئالامەتلىرى باركى، ئۇلار ئۇنىڭ يېنىدىن دىققەت قىلماي ئۆتۈپ كېتىدۇ ] ( « يۇسۇف »سۈرىسى، 105 -ئايەت ).

بۇ يەردىكى 101 – ۋە 105 -ئايەتلەردە ئۇچرايدىغان ”ئاسمانلار“ سۆزى ئالەم بوشلۇقى، ئالەم مەنىسىدە كېلىدۇ ۋە سۈرىنىڭ باشقا ھېچبىر يېرىدە ئۇچرىمايدۇ . ئەرەبچىدىكى”سەما“ سۆزىنىڭ تىلىمىزدىكى مەنىسى”ئاسمان“ دۇر. ئەمما قۇرئاندا ”ئاسمان“ سۆزى بىلەن بىللە ”ئاسمانلار “ سۆزىنىڭمۇ قوللىنىلىشى قىزىقارلىقتۇر . چۈنكى يەر شارى بىرلا ئاسمانغا ئىگە . باشقا مۇقەددەس كىتابلاردىكى ”ئاسمانلار“ سۆزىنى دىنىي ۋە پەننىي ئالىملار ”ئالەم بوشلۇقى، ئالەم“ دەپ چۈشەندۈرگەن.

قۇرئان نازىل قىلىنغان ۋاقىتلاردا تېلېسكوپ كەشپ قىلىنمىغانىدى، كۆزگە كۆرۈنەلەيدىغان پەقەت بەش سەييارىلا بار ئىدى. ھالبۇكى بۈگۈن زامانىۋى ئاسترونومىيە بىلىمى 11 سەييارىنى ئېنىقلىدى . مانا مۇشۇ نۇقتىدا قىزىقارلىق بىر ئەھۋالغا دۇچ كېلىمىز . چۈنكى ئاخىرقى سەييارە پلوتون بايقالغان ۋاقىت موشۇ چاغدا بىزگە نامايەن بولىدۇ . ئېنىقلانغان سەييارىلەرنىڭ ئاخىرقىسى بولغان پلوتوننىڭ بايقىلىشى بىلەن سەييارىلەرنىڭ 11 ئىكەنلىكى يەكۈنلەندى. (ئاي، قۇياش ۋە 9 سەييارە)

« يۇسۇف » سۈرىسىدىكى سۆزلەرنىڭ ئومۇمىي سانى بىلەن ئەمدى ئاچقۇچ ئايەتلەرنىڭ نومۇرلىرىنى جەملەيمىز.

1706 سۆز

« يۇسۇف » سۈرىسىنىڭ ئەرەبچە تېكىستىدە جەمئىي 1706 سۆز بار .

ئەمدى بايا بىز تەھلىل قىلغان ئاچقۇچ ئايەتلەرنىڭ نومۇرلىرىنى يازايلى : 4 – ئايەت: 11 يۇلتۇز سۆزلەنگەن بىردىنبىر ئايەت. 101 – ئايەت: ”ئاسمانلار“ سۆزى بار، ئالەم ھەققىدە سۆزلەنگەن ئايەت. 105 – ئايەت: ”ئاسمانلار“ سۆزى بار، ئالەم ھەققىدە سۆزلەنگەن يەنە بىر ئايەت.

ئەمدى بىز باشقا سۈرىلەردىمۇ قوللانغان قائىدىنى قوللىنايلى، سۆز سانى بىلەن ئايەت نومۇرلىرىنى جەملەيلى .

1706+4+101+105 = 1916

كۆرگىنىمىزدەك، مىلادى 1916 -يىلىغا ئىگە بولدۇق . بۇ ۋاقىتتا ئالىملار 11 – سەييارە بولغان پلوتوننى بايقىغان.

1916-1915- يىللاردا قىلىنغان تەتقىقاتلار نەتىجىسدە پېرسىۋال لوۋېل ۋە ۋىللىئام پىكېرىڭ دېگەن ئىككى ئالىم پلوتوننىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان .

كېيىن 1930 -يىلدا پلوتوننىڭ بارلىقى فوتوگراف بىلەن ئىسپاتلانغان. ئۇ سەييارىگە ئۇنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان پېرسىۋال لوۋېلنىڭ ئىسمىنىڭ باش ھەرپلىرى بىلەن ”پلوتون“ نامى بېرىلگەن.

بۇ يەردە قوشۇمچە بىلىم سۈپىتىدە، كۆپلىگەن قۇرئان تەرجىمىلىرىدە 11 يۇلتۇز دەپ تەرجىمە قىلىنغان بۇ ئىپادە ئۈستىدە توختىلىمىز . 4-ئايەتنىڭ ئەرەبچە ئوقۇلۇشى شۇ شەكىلدە :

” ئىز قالە يۇسۇفۇ لىئەبىيەى يائەبەتىي ئىننىيرەئەيتۇ ئەھەدە ئەسەرە كەۋكەبەن ۋەشەمسە ۋەلقەمەرە رەئەيتۇھۇم لىي ساجىدىين “

بۇ يەردە ئېنىق يېزىلغان ”كەۋكەبەن“ سۆزى تىلىمىزدا ئاساسەن ”يۇلتۇزلار“ دەپ تەرجىمە قىلىنماقتا. لېكىن بۇ يەردە باشقا مۇھىم بىر مەنە ئاتلاپ كېتىلگەن، چۈنكى”يۇلتۇز“ سۆزى قۇرئاندا ئاساسەن ”نەجم – نۇجۇم“ دەپ ئېلىنغان . بۇ ئايەتتىكى ”كەۋكەبەن“ سۆزى ”سەييارىلەر ياكى ئالەم شارلىرى“ مەنىسىدىمۇ كەلمەكتە.

تېلېسكوپنىڭ كەشپ قىلىنىشى
ئەمدى تەھلىل قىلىدىغىنىمىز بايا بىز تەھلىل قىلغان « يۇسۇف » سۈرىسىدىن كېيىنلا نازىل بولغان سۈرە . بۇ ئىككى سۈرىنىڭ ئارقىمۇئارقا كېلىشى قىزىقارلىق. چۈنكى ئالىملار سەييارىلەرنى تېلېسكوپلار ئارقىلىق بايقىغان. « ھىجر » سۈرىسىنىڭ 14 -ئايىتىگىچە ئىلاھىي ئەمىرلەر سۆزلىنىدۇ . پەقەت دەل 14 – ئايەتتە تېما بىردىنلا ئالمىشىپ ئاسمانغا چىقىش ھەققىدە سۆزلىنىدۇ. شۇنداقلا قۇرئاننىڭ بېشىدىن ئاخىرغىچە باشقا ھېچبىر يېرىدە يوق ”تۈركۈم يۇلتۇزلارنى كۈزەتمەك“ سۆزى ئۇچرايدۇ.

[ بىز ئۇلارغا ئاسماندىن بىر ئىشىك ئېچىپ بەرگەن، ئۇلار ئۇنىڭدىن ئاسمانغا ئۆرلەپ (ئالەمى ئەرۋاھى، پەرىشتىلەرنى كۆرگەن تەقدىردىمۇ )، ئۇلار چوقۇم: كۆزلىرىمىز باغلىنىپ قالدى، بەلكى سېھىرلەنگەن قەۋم بولۇپ قالساق كېرەك دېيىشىدۇ . بىز ئاسماندا بۇرۇجلارنى ياراتتۇق ۋە كۈزەتكۈچىلەر ئۈچۈن ئاسماننى (يۇلتۇزلار بىلەن ) بېزىدۇق ] « ھىجر » سۈرىسى ، (14 __ 16 – ئايەتلەر )

كۆرگىنىڭىزدەك، ئارقىمۇئارقا كەلگەن ئايەتلەردە ئاسمانغا ئۆرلەش ۋە ئالەمدىكى يۇلتۇزلارنىڭ كۈزىتىلىشى سۆزلىنىدۇ. بۇنىڭدىن ئاۋۋالقى سەييارىلەر مىسالىدا بىز نومۇرلىرىنى نەقىل ئالغان ئايەتلەر سۈرىنىڭ ئوخشىمىغان يەرلىرىدە ئىدى ۋە بىر -بىرىدىن مۇستەقىل ئىدى. شۇڭا ئايەتنىڭ بىر قانچە پەرقلىق نومۇرىنى نەقىل كەلتۈرگەنىدۇق . لېكىن بۇ يەردە ئايەتلەر ئارقىمۇئارقا كەلمەكتە . مانا مۇشۇ سەۋەب بىلەن پەقەت تېمىنى باشلاتقان 14 -ئايەتنى نەقىل كەلتۈرىمىز.

باشقا سۈرىلەردە قىلغاندەك، بۇ سۈرىدىمۇ جەمئىي سۆز سانىنى ئايەت نومۇرى بىلەن جەملىگىنىمىزدە تۇنجى تېلېسكوپ كەشپ قىلىنغان ۋاقىت 1668- يىل كېلىپ چىقىدۇ.

654 (1) سۆز

14 – ئايەتتە ئاسمانغا ئۆرلەشتىن كېيىنلا ئالەمدىكى يۇلتۇزلارنىڭ كۈزىتىلىشى سۆزلىنىدۇ. ئەمدى ھەر ۋاقىت قىلغىنىمىزدەك، جەمئىي سۆز سانى بىلەن ئايەت نومۇرىنى جەملەيلى.

654+14 (1) = 1668

داڭلىق فىزىكا ئالىمى سىر ئىساك نېۋتون تەرىپىدىن 1668 -يىلدا تۇنجى قېتىم ئەينەكلىك تېلېسكوپنىڭ كەشپ قىلىنىىشى ئاسترونومىيە ئىلمىنىڭ دەۋر بۆلگۈچ نۇقتىلىرىدىن بىرىدۇر . چۈنكى سەييارىلەر ۋە يۇلتۇزلار بۇ تېخنىكىلىق تەرەققىيات نەتىجىسىدە بايقالغان . ئەينەكلىك تېلېسكوپ بىلەن بىللە لوپا ئەينەكلىكلىرىمۇ بار، ئەمما ئاساسلىق قوللىنىلغىنى 1668 -يىلدا كەشپ قىلىنغان ئەينەكلىك تېلېسكوپ . ئەمەلىيەتتە بىز ياشاۋاتقان بۇ تېخنىكىلىق دەۋردىمۇ كۆپىنچە ئەينەكلىك تېلېسكوپ قوللىنىلماقتا.

تۇنجى ئالەم قاتناش ۋاسىتىلىرى
« ئىسرا » سۈرىسى بايا بىز تەھلىل قىلغان ۋە ئاسترونومىيىگە ئالاقىدار مەلۇماتلارغا ئېرىشكەن سۈرىلەردىن ئاۋۋال نازىل بولغان. سۈرىنىڭ ئىسمى بولغان « ئىسرا » سۆزى”كېچە سەپىرى“ دېگەن مەنىدە، شۇنداقلا مىئراج (ئاسمانغا چىقىش ) ھادىسىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك . بۇ ھەقتە بەزىلەر پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئاسمانغا جىسمانەن چىققانلىقى پىكرىنى ئىلگىرى سۈردى، بەزىلەر روھەن چىققانلىقى پىكرىدە چىڭ تۇرۇشتى.

ئەرەبچىدىكى”سەما“ سۆزىنىڭ بىزدىكى مەنىسى ”ئاسمان“. ئاسمان سۆزى خېلى كۆپ يەردە كېلىدۇ . ئەمما قۇرئاند ا ”ئاسمان“ سۆزى بىلەن بىللە ”ئاسمانلار“ سۆزىنىڭمۇ قوللىنىلغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ قىزىقارلىق بىر ئەھۋال ئىكەنلىكىنى بايا دېگەنىدۇق . چۈنكى يەر شارىمىز بىرلا ئاسمانغا ئىگە، ۋاھالەنكى قۇرئان بىردىن كۆپ ئاسماننىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تىلغا ئېلىپ، ئالەمگە دىققىتىمىزنى مەركەزلەشتۈرمەكتە.

”ئاسمانلار“ سۆزىنى دىن ۋە پەن ئالىملىرى ئالەم بوشلۇقى، ئالەم دەپ تەسۋىرلىگەن. بۇرۇنقى زامانلاردا ياشىغان ئىنسانلارمۇ دۇنيانىڭ نېرىسىنى ۋە ئالەم بوشلۇقىنى ”ئاسمانلار“ سۆزى بىلەن ئىپادىلىگەن.

« ئىسرا » سۈرىسىنى تەھلىل قىلغىنىمىزدا ”ئاسمانلار“ سۆزىنىڭ پات -پات قوللىنىلغانلىقىنى كۆرىمىز. جەمئىي 4 ئايەتتە ”ئاسمانلار“ (ئالەم بوشلۇقى،ئالەم) سۆزى ئورۇن ئالغان.

[ يەتتە ئاسمان-زېمىن ۋە ئۇلاردىكى مەخلۇقاتلار ئاللاھنى پاك دەپ بىلىدۇ ... ] ( 4 -ئايەت)

[ پەرۋەردىگارىڭ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى بەندىلىرىنىڭ (ئەھۋالىنى) ھەممىدىن ئوبدان بىلىدۇ ... ] ( 55 – ئايەت )

[ ئاسمانلارنى، زېمىننى ياراتقان ئاللاھنىڭ ئۇلارغا ئوخشاش ئىنسانلارنى يارىتالايدىغانلىقىنى ئۇلار بىلمەمدۇ ؟ ... ] ( 99 – ئايەت )

[ مۇسا: (ئى پىرئەۋىن) بۇلار (يەنى توققۇز مۆجىزە) نى پەقەت ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پەرۋەردىگارى (مېنىڭ راستلىقىمنى ئىسپاتلايدىغان) دەلىل قىلىپ نازىل قىلغانلىقىنى سەن (گەرچە تىلىڭدا ئىقرار قىلمىساڭمۇ دىلىڭدا ئەلۋەتتە ئوبدان بىلىسەن، مەن سېنى ئى پىرئەۋىن، ھالاك بولىدۇ دەپ ئويلايمەن ] ( 102 – ئايەت )

بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە پەقەت 93 -ئايەتتە [ ئاسمانغا چىقماق ] سۆزلىنىدۇ . سۈرىدىكى 93 -ئايەتتە بەزى كىشىلەر پەيغەمبىرىمىزگە ئىشىنەلىشى ئۈچۈن قىزىقارلىق بىر تەكلىپتە بولىدۇ . ئۇلارنى قايىل قىلىشى ئۈچۈن پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئاسمانغا چىقىشى كېرەكلىكىنى دەپ تۇرۇۋالىدۇ.

[ ياكى سېنىڭ ئالتۇندىن ئۆيۈڭ بولسۇن، ياكى سەن (شوتا بىلەن) ئاسمانغا چىققىن، تاكى (ئاللاھ تەرىپىدىن سېنىڭ ئۇنىڭ بەنىدىسى ۋە پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىڭ يېزىلغان ) بىز ئوقۇيالايدىغان بىر كىتابنى ئېلىپ چۈشمىگىچە سېنىڭ ئاسمانغا چىققانلىقىڭىغا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز . ئى مۇھەممەد ! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، ئاللاھ پاكتۇر، مەن پەيغەمبەر ئىنسانمەن (ئاللاھنىڭ ئىزنى بولمىسا ) ھېچ ئادەم بىرەر مۆجىزە كەلتۈرەلمەيدۇ ] ( 93 – ئايەت )

ئەمدى قولىمىزدىكى ئاچقۇچ ئايەتلەرنى خۇلاسە شەكلىدە يازايلى:

102 -،99 -،55 -،44 -= ”ئاسمانلار“ (ئالەم بوشلۇقى، ئالەم )

ئايەتلەردە ”ئاسمانغا چىقماق“= پەقەت 93 -ئايەتتە ئۇچرايدۇ.

مانا بۇ ئايەت نومۇرلىرىنى سۆز سانى بىلەن جەملىگىنىمىزدە تۇنجى ئالەم قاتناش قورالى ياسالغان 1956 -يىل كېلىپ چىقىدۇ.

1563 سۆز

بۇ سۈرىدە جەمئىي 1563 سۆز بار.

1563 نى يۇقىرىدىكى ئايەت نومۇرلىرى بىلەن جەملىگىنىمىزدە 1956 يىلغا ئىگە بولىمىز.

1563+44+55+99+102+93=1956

1956 – يىل ئىنسانلارنىڭ ئالەمدىن خەۋەرسىز ياشىغان ئاخىرقى يىلى . بۇ يىلدىن كېيىنلا بۈگۈنگىچە نۇرغۇن ئالەم قاتناش قوراللىرى قويۇپ بېرىلدى . بۇ جەھەتتە ئامېرىكا ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى تۇنجى قەدەمنى باستى .

ئۈچىنچى بۆلۈم
ئىلمىي مۆجىزىلەر


ھازىرغىچە بەرگەن مىساللىرىمىزنىڭ ھەممىسىدە سان ۋە تارىخنى تۇتقا قىلدۇق. بۇ بۆلۈمدە قۇرئاندىكى زامانىۋى بىلىملەرگە ئۇيغۇن ئىپادىلەرنىڭ بىر قىسمىنى تەھلىل قىلىمىز . بۇ بۆلۈمنى تەييارلاش داۋامىدا قۇرئان مۆجىزىلىرىنى تېما قىلغان بەزى مەنبەلەردىن نەقىل ئالدۇق .

ئالەمنىڭ پەيدا بولۇشى
ئالەمنىڭ چەكسىزلىكى، ئەزەلدىن بار ئىكەنلىكى ۋە ئەبەدىي مەۋجۇت بولىدىغانلىقىدەك كۆزقاراش 20 -ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ھۆكۈمران ئىدى. ”تۇرغۇن ئالەم مودېلى “ نامى بېرىلگەن بۇ چۈشەنچىگە كۆرە، ئالەم ئۈچۈن ھەر قانداق ئىپتىدا (باشلىنىش)، ئىنتىھا (ئاخىرلىشىش) مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. ماتېرىيالىستىك پەلىسەپىنىڭمۇ ئاساسىنى تەشكىل قىلغان بۇ كۆزقاراش ئالەمنى مۇقىم ۋە ئۆزگەرمەس ماددىلارنىڭ گەۋدىسى دەپ قاراش بىلەن بىر ۋاقىتتا بىر ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىنىمۇ ئىنكار قىلىدۇ . ھالبۇكى 20 -ئەسىردە تەرەققىي قىلغان پەن -تېخنىكا ماتېرىيالىستلارغا ئورۇن ساقلاۋاتقان ”تۇرغۇن ئالەم مودېلى“ دېگەندەك ساددا چۈشەنچىلەرنى ئاغدۇرۇۋەتتى.

21 – ئەسرىنىڭ باشلىرىدا ئالەمنىڭ بىر باشلانغۇچى بارلىقى، يوقلۇقتىن بۈيۈك بىر پارتلاش بىلەن بارلىققا كەلگەنلىكى زامانىۋى فىزىكا تەرىپىدىن نۇرغۇن تەجرىبە، كۆزىتىش ۋە ھېسابلاش ئارقىلىق ئىسپاتلىنىۋاتىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا، ئالەمنىڭ ماتېرىيالىستلارنىڭ دېگىنىدەك مۇقىم، تۇرغۇن ئەمەسلىكى، دەل ئەكسىچە، ئۈزلۈكسىز بىر ھەرىكەت ۋە ئۆزگىرىش ئىچىدە ئىكەنلىكى، كېڭەيگەنلىكىمۇ ئىسپاتلاندى . بۈگۈن بۇ ئەمەلىيەت پۈتۈن ئىلىم دۇنياسى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنماقتا.

« قۇرئان كەرىم » دە ئالەمنىڭ پەيدا بولۇشى مۇنداق چۈشەندۈرۈلىدۇ: [ئاسمانلارنى ۋە يەرنى يوقتىن بار قىلغان ئۇدۇر ... ] « ئەنئام » سۈرىسى، ( 101 -ئايەت)

قۇرئاندا بېرىلگەن بۇ ئۇچۇر زامانىۋى بىلىم بايقاشلىرى بىلەن دەل ماس كېلىدۇ. باشتا دېگىنىمىزدەك، ئىستروفىزىكا ئېرىشكەن ئېنىق نەتىجە شۇكى، پۈتكۈل ئالەم ماكان ۋە زامان بىلەن بىرلىكتە بىر نۆل (يوقلۇق) ۋاقىتتا بۈيۈك بىر پارتلاش بىلەن بارلىققا كەلگەن . ”بۈيۈك پارتلاش “ ئەسلى نامى بىلەن ”بىگ باڭ“ تىئورمىسى دېيىلىدۇ، بۇ تىئورما پۈتكۈل ئالەمنىڭ تەخمىنەن 15 مىليارد يىل ئاۋۋال بىر نۇقتىنىڭ پارتىلىشى بىلەن يوقلۇقتىن بارلىققا كەلگىنىنى ئىسپاتلىغان.

”بىگ باڭ “ دىن ئاۋۋال ماددا دەيدىغان بىر نەرسە يوق . ماددا، ئېنىرگىيە، ھەتتا زامانمۇ بولمىغان ، تامامەن مېتافىزىك دەپ تونۇلىدىغان بىر يوقلۇقتا ماددا، ئېنىرگىيە ۋە زامان بىر ئاندا (تۇيۇقسىز) يارىتىلغان. زامانىۋى فىزىكا ئوتتۇرىغا قويغان بۇ بۈيۈك ھەقىقەت قۇرئاندا بىزگە 1400 يىل ئاۋۋال خەۋەر بېرىلگەن.

ئالەمنىڭ ئاخىرلىشىشى ۋە بىگ كرۇنچ
يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك، ئالەمنىڭ شەكىللىنىشى ”بىگ باڭ “ دېيىلگەن بۈيۈك بىر پارتلاش بىلەن باشلانغان ۋە شۇ زاماندىن بېرى ئالەم كېڭەيمەكتە . ئالىملار ئالەم جىسمى يېتەرلىك مىقتارغا كەلگەندە تارتىش كۈچى سەۋەبى بىلەن بۇ كېڭىيىشنىڭ توختايدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئالەمنىڭ ئۆز ئىچىگە چۆكۈشى ھەم كىچىكلىشىنىڭ باشلىنىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى، كىچىكلىگەن ئالەمنىڭمۇ ئەڭ ئاخىرىد ا ”بىگ كرۇنچ“ دېيىلگەن ناھايىتى يۇقىرى بىر ھارارەت ۋە سىقىلىش بىلەن تۈگەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە . بۇ، بىز بىلىدىغان پۈتكۈل ھاياتلىقنىڭ يوقۇلۇشىنىمۇ چۈشەندۈرىدۇ.

”بىگ كرۇنچ“ دەپ ئىپادىلەنگەن بۇ ئىلمىي نەزەرىيۋى چۈشەنچە قۇرئاندا مۇنداق بېشارەت بېرىلمەكتە: [ ئۇ كۈندە ئاسماننى (پۈتۈكچى ) نەرسە يېزىلغان قەغەزنى يۆگىگەندەك يۆگەيمىز. مەخلۇقاتلارنى دەسلەپتە قانداق ياراتقان بولساق، شۇ ھالىتىدە ئەسلىگە قايتۇرىمىز . (بۇ ) بىز ئۈستىمىزگە ئالغان ۋەدىدۇر، (ئۇنى ) چوقۇم ئىشقا ئاشۇرىمىز ] « ئەنبىيا »سۈرىسى،( 104 -ئايەت).

يەنە بىر ئايەتتە بولسا ئاسمانلارنىڭ بۇ ھالىتى مۇنداق تەرىپلەنمەكتە:

[ ئۇلار ئاللاھنى ھەقىقىي رەۋىشتە تونۇمىدى. قىيامەت كۈنى زېمىن پۈتۈنلەي ئاللاھنىڭ چاڭگىلىدا بولىدۇ، ئاسمانلار ئاللاھنىڭ ئوڭ قولىدا قاتلىنىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار ) نىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر ۋە ئۈستۈندۇر ] « زۇمەر » سۈرىسى،( 67 -ئايەت).

”بىگ كرۇنچ “ نەزەرىيىسىگە كۆرە، ئالەم باشتا كېڭەيگىنىدەك ئاۋۋال ئاستا، ئەمما بارغانسېرى تېز كىچىكلەشكە باشلايدۇ . بۇ جەرياندا ئالەم چەكسىز قايناق، چەكسىز ھارارەتلىك ۋە چەكسىز كىچىك بىر نۇقتا ھالىغا كېلىدۇ . تەرىپلەنگەن بۇ ئىلمىي نەزەرىيە قۇرئان ئايەتلىرى بىلەن ماس كېلىدۇ . (ئەڭ توغرىسىنى ئاللاھ بىلىدۇ).

قىززىق تۇماندىن يارىتىلىش
بۈگۈن ئالىملار يۇلتۇزلارنىڭ تۇماندىن قىززىق گاز بۇلۇتىدىن شەكىللەنگەنلىكىنى كۆزىتەلىمەكتە . قىززىق گاز توپلىمىدىن شەكىللىنىش ئوخشاشلا ئالەمنىڭ يارىتىلىشى ئۈچۈنمۇ كېرەكلىك . قۇرئاندىمۇ ئالەمنىڭ يارىتىلىشى بۇ ئىلمىي بايقاشلارنى تەستىقلايدىغان تەرزدە تەرىپلەنگەن:

[ ئۇ زېمىننىڭ ئۈستىدە نۇرغۇن تاغلارنى ياراتتى، زېمىننى بەرىكەتلىك قىلدى، ئەھلى زېمىننىڭ رىزقىنى بەلگىلىدى، (زېمىننى يارىتىش بىلەن ئاھالىسىنىڭ رىزقىنى بەلگىلەشنى كەم -زىيادىسىز) باراۋەر تۆت كۈندە(تاماملىدى)، (زېمىننىڭ ۋە ئۇنىڭدىكى نەرسىلەرنىڭ يارىتىلىش مۇددىتىنى )سورىغۇچىلار ئۈچۈن (بۇ جاۋابتۇر). ئاندىن ئۇ ئاسماننى (يارىتىشقا)يۈزلەندى، ھالبۇكى، ئۇ تۇمان ھالىتىدە ئىدى، ئاسمان بىلەن زېمىنغا:’ئىختىيارىي ياكى ئىختىيارسىز ھالدا كېلىڭلار (يەنى ئەمرىمنى قوبۇل قىلىڭلار) ‘ دېدى. ئىككىلىسى’ئىختىيارىي كەلدۇق ‘ دېدى ] « فۇسسىلەت » سۈرىسى ( 10 ، 11 – ئايەتلەر )

يۇقىرىدىكى ئايەتتە ئۇچرايدىغان ”تۇمان“ سۆزى ئەرەبچىدە ”دۇخانۇن“ دېيىلىدۇ. بۇ سۆز ئالەمدىكى قىززىق بىر تۇماننى تەرىپلىمەكتە . قاتتىق ماددىلارغا باغلىنىشلىق ئۇچۇچان پارچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، قىززىق گاز ھالىتىدە بىر يىغىندا بولغان بۇ تۇمان شەكلى ئايەتتە ئۇچرايدىغان سۆز بىلەن تولۇق تەرىپلەنمەكتە. كۆرۈلگىنىدەك، قۇرئاندا ئالەمنىڭ بۇ باسقۇچتىكى ھالىتىنى تەرىپلىگەن ئەڭ ئۇيغۇن سۆز قوللىنىلغان. ئالىملار بولسا ئالەمنىڭ تۇمان ھالىتىدىكى قىززىق بىر گاز يىغىنىدىسىدىن شەكىللەنگەنلىكىنى 20 -ئەسىردە بايقىغان.

ئالەمنىڭ يارىتىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك بۇنداق بىر ئۇچۇرنىڭ قۇرئاندا بىلدۈرۈرۈلۈشى شەك -شۈبھىسىزكى قۇرئاننىڭ ئىلمىي ساھەدىكى بىر مۆجىزىسىدۇر.

ئاسمانلار بىلەن يەرنىڭ بىر-بىرىدىن ئايرىلىشى
ئاسمانلارنىڭ يارىتىلىشى ھەققىدە قۇرئاندا يەنە بىر ئايەت مۇنداق ئۇچۇر بېرىدۇ:

[ كاپىرلار بىلمەمدۇكى، ئاسمانلار بىلەن زېمىن بىر -بىرىگە تۇتاش ئىدى، ئۇلارنى ئايرىۋەتتۇق، ھەممە جانلىق مەۋجۇداتنى سۇدىن ياراتتۇق، ئۇلار (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە) ئىشەنمەمدۇ ؟ ] « ئەنبىيا » سۈرىسى، ( 30 -ئايەت).

ئايەتنىڭ ”بىر-بىرىگە تۇتاش “ دەپ تەرجىمە قىلىنغان ”راتك “ سۆزى ئەرەبچە لۇغەتلەردە ”بىر-بىرى بىلەن كىرىشىپ كەتكەن، ئايرىلماس، قوشۇلۇپ كەتكەن“ دېگەن مەنىدە. يەنى پۈتۈن بىر ماددىنى تەشكىل قىلغان ئىككى ماددىنى تولۇق ئىپادىلىمەك ئۈچۈن بۇ سۆز قوللىنىلىدۇ . ئايەتتە ئۇچرايدىغان ”ئايرىۋەتتۇق“ دېگەن سۆز ئەرەبچىدە ”فاتك“ پېئىلى بولۇپ، بۇ پېئىل تۇتاش بىر نەرسىنى يېرىپ، پارچىلاپ چىقىش دېگەن مەنىدە كېلىدۇ . مەسىلەن، ئۇرۇقنىڭ تۇپراق تىن بىخلىنىپ چىقىشى ئەرەبچىدە مۇشۇ پېئىل بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

ئەمدى ئايەتكە يەنە قارايلى . ئايەتتە ئاسمانلار بىلەن زېمىننىڭ بىر -بىرىگە تۇتاش، يەنى ”راتك“ بىر ھالدا ئىكەنلىكى سۆزلىنىدۇ . ئارقىدىن بۇ ئىككىسى”فاتك“ پېئىلى بىلەن ئايرىلىدۇ . يەنى بىرى يەنە بىرىنى يېرىپ چىقىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ ”بىگ باڭ “ نىڭ تۇنجى ھالىتىنى ئويلىغىنىمىزدا، ئالەمنىڭ پۈتكۈل ماددىسىنىڭ بىرلا نۇقتىدا يىغىلغانلىقىنى كۆرىمىز . باشقىچە ئېيتقاندا، ھەممە نەرسە، ھەتتا تېخى يارىتىلىمىغان ”ئاسمانلار بىلەن زېمىن “ مۇ مۇشۇ نۇقتىنىڭ ئىچىدە بىر -بىرى بىلەن كىرىشىپ كەتكەن، ئايرىلماس ھالەتتە تۇرغان بولىدۇ. ئارقىدىن بۇ نۇقتا شىددەتلىك بىر پارتلاش بىلەن يېرىلىپ ئايرىلغان.

ئالەمدىكى مۇكەممەل تەڭپۇڭلۇق
[ ئاللاھ يەتتە ئاسماننى بىرىنى بىرىنىڭ ئۈستىگە قىلىپ ياراتتى، مېھرىبان ئاللاھنىڭ يارىتىشىدا ھېچ نۇقساننى كۆرمەيسەن ، سەن (ئاسمانلارغا) تەكرار قاراپ باققىنكى، بىرەر يوچۇقنى كۆرەمسەن، ئاندىن سەن يەنە ئىككى قېتىم قارىغىن. كۆزۈڭ (ئاسمانلاردا بىرەر نۇقساننى تېپىشتىن) ئۈمىد ئۈزگەن ۋە تالغان ھالدا قايتىدۇ ] << مۈلك >> سۈرىسى ، ( 3 ،4 – ئايەتلەر ) .

ئالەمدىكى مىلياردلارچە يۇلتۇز ۋە سامان يولى مۇكەممەل بىر ئۇيغۇنلۇق ئىچىدە ئۆزلىرىگە بېكىتىلگەن ئوربېتالىرىدا ھەرىكەتلىنىدۇ . يۇلتۇزلار، پىلانېتالار ۋە سۈنئىي ھەمراھلارمۇ ئۆز ئەتراپىدا ھەم باغلىنىشىلىق سىستېمىلىرىدا بىرلىكتە ئايلىنىدۇ. ھەتتا بەزىدە ئىچىدە 200 – 300 مىليارد يۇلتۇزلار بولغان يۇلتۇزلا ر توپى بىر -بىرىنىڭ ئىچىدىن ئۆتۈپ كېتىدۇ . بۇ ئۆتۈشتە ئالەمدىكى بۈيۈك تەڭپۇڭلۇقنى بۇزىدىغان ھەر قانداق بىر سوقۇلۇش يۈز بەرمەيدۇ.

ئالەمدىكى تېزلىك ئۇقۇمى دۇنيادىكى تېزلىك ئۆلچىمى بىلەن سېلىشتۇرۇلغاندا ئىگىلىنىشى تەس مىقتاردىدۇر. مىلياردلارچە، ترىليونلارچە توننا ئېغىرلىقىدىكى يۇلتۇزلار، پىلانېتالار ۋە سانلىق قىممەتلىرىنى پەقەت ماتېماتىكلار بىلەلەيدىغان چوڭلۇقتىكى يۇلتۇزلار توپى ۋە يۇلتۇزلار توپىنىڭمۇ يىغىندىسى ئالەم ئىچىدە پەۋقۇلئاددە بىر سۈرئەتتە ھەرىكەتلىنىدۇ. مەسىلەن، يەر شارى سائىتىگە 1670 كىلومېتېر تېزلىكتە ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىدۇ. بۈگۈن ئەڭ تېز ئوقنىڭ سائىتىگە 1800 كىلومېتېرلىق ئوتتۇرىچە سۈرئەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئويلىساق، دۇنيانىڭ غايەت زورلۇقىغا قارىماي سۈرئىتىنىڭ نە قەدەر تېز ئىكەنلىكى بىلىنىدۇ.

يەر شارىنىڭ قۇياش ئەتراپىدىكى تېزلىكى بولسا ئوق تېز لىكىنىڭ 60 ھەسسىسىگە يېقىندۇر : سائىتىگە 108 مىڭ كىلومېتىر . (مۇشۇنداق يۇقىرى سۈرئەتتە يول قاتلايدىغان بىر قاتناش قۇرالى ياسىلالىسا ئىدى، يەر شارى ئەتراپىنى 22 دەقىقىدە ئايلىنىپ بولاتتى). بىز بەرگەن بۇ سانلار پەقەت يەر شارى ئۈچۈندۇر. قۇياش سىستېمىنىڭ بولسا تېخىمۇ ئاجايىپ . بۇ سىستېمىنىڭ سۈرئىتى ئەقىل يەتمىگۈدەك دەرىجىدە تېز . ئالەمدىكى سىستېمىلار قانچە چوڭ بولغانچە سۈرئىتى شۇنچە ئاشىدۇ. قۇياش سىستېمىنىڭ سامان يولى مەركىزى ئەتراپىدىكى ئايلىنىش سۈرئىتى سائىتىگە دەل 720 مىڭ كىلومېتىر. 200 مىلياردقا يېقىن يۇلتۇزلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان”سامان يولى توپى “نىڭ ئالەم ئىچىدىكى تېزلىكى بولسا سائىتىگە 950مىڭ كىلومېتىر.

شەك-شۈبھىسىزكى، بۇنداق مۇرەككەپ ۋە تېز ھالەتتىكى سىستېما ئىچىدە بۈيۈك بالا -قازالارنىڭ شەكىللىنىش ئېھتىمالى ئىنتايىن چوڭ . ئەمما بۇنداق ئەھۋال يۈز بەرمەيدۇ، بىزمۇ ھاياتىمىزنى خاتىرجەملىك ئىچىدە ئۆتكۈزىمىز. چۈنكى ئالەمدىكى ھەممە نەرسە ئاللاھ ئورۇنلاشتۇرغان مۇكەممەل تەڭپۇڭلۇققا ئاساسەن رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ . مانا مۇشۇ سەۋەبتىن ئايەتتە بىلدۈرۈلگەندەك، پۈتۈن بۇ سىستېما ئىچىدە ”ھېچبىر نۇقسان “ يوق .

قۇياشنىڭ ھەرىكەت يۆنىلىشى
قۇرئاندا قۇياش ۋە ئاي توغرۇلۇق سۆزلەنگەندە ھەر بىرىنىڭ مۇقىم بىر ئوربېتىسى بارلىقى تەكىتلىنىدۇ : [ ئاللاھ كېچىنى ۋە كۈندۈزنى، كۈننى ھەم ئاينى ياراتتى . ئۇلارنىڭ ھەر بىرى (ئۆزىگە خاس ) پەلەكتە سەيىر قىلىدۇ ] (« ئەنبىيا » سۈرىسى، 33 -ئايەت).

يۇقىرىدىكى ئايەتتە ئۇچرايدىغان ”سەيىر قىلماق“ سۆزى ئەرەبچىدە ”ساباھا“ دېيىلىدۇ ۋە قۇياشنىڭ ئالەمدىكى ھەرىكىتىنى چۈشەندۈرۈشتە قوللىنىلىدۇ. بۇ سۆز قۇياش ئالەمدە ھەرىكەت قىلغاندا كونترولسىز ئەمەسلىكى، ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىشى، ئايلانغاندا بىر يولنى بويلىشى مەنىسىدىدۇر . قۇياشنىڭ مۇستەھكەم بولمىغان ئېنىق بىر ئوربىېتىدا يۈرۈۋاتقانلىقى يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق بىلدۈرۈلمەكتە :
[ كۈن بەلگىلەنگەن جايغا قاراپ سەيىر قىلىدۇ، بۇ، غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھنىڭ ئالدىنئالا بەلگىلىگەن ئىشىدۇر ] (« ياسىن » سۈرىسى، -38 ئايەت) .

قۇرئاندا بىلدۈرۈلگە ن بۇ ھەقىقەتلەر پەقەت زامانىمىزدا ئاسترونومىيىلىك كۆزىتىش ئارقىلىق چۈشەندۈرۈلدى. ئاسترونوملارنىڭ قارىشىچە، قۇياش، ”سولار ئاپېكس “ نامى بېرىلگەن بىر ئوربېتانى بويلاپ ۋېگا يۇلتۇزى يۆنۈلۈشىدە سائىتىگە 720 مىڭ كىلومتېرلىق يۇقىرى تېزلىكتە ھەرىكەتلەنمەكتە. بۇ ئاددىي ھېساب بىلەن قۇياشنىڭ كۈندە 17 مىليون 280 مىڭ كىلومېتىر يۈرگىنىنى كۆرسىتىدۇ . قۇياش بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭ تارتىش كۈچى سىستېمى ئىچىدىكى بارلىق پىلانېتالار ۋە سۈنئىي ھەمراھلارمۇ شۇ مۇساپىنى باسىدۇ.

دۇنيانىڭ يۇمىلاقلىقى
[ ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق ئاساسىدا ياراتتى. ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزگە ئورايدۇ ۋە كۈندۈزنى كېچىگە ئورايدۇ ... ] ( « زۇمەر » سۈرىسى، -5 ئايەت).

قۇرئاننىڭ ئالەمنى تونۇشتۇرىدىغان ئايەتلىرىدە قوللىنىلغان ئىپادىلەر دىققەتنى تولىمۇ جەلپ قىلىدۇ . يۇقىرىدىكى ئايەتتە ”ئورىماق “ دەپ تەرجىمە قىلىنغان ئەرەبچە سۆز ”تەكۋىر“ دۇر. بۇ سۆزنىڭ ئۇيغۇرچە مەنىسى ”يۇمىلاق بىر نەرسىنىڭ ئۈستىگە بىر نەرسە ئورىماق “ تۇر. (مەسىلەن، ئەرەبچە لۇغەتلەردە ”باشقا سەللە ئوراش “ دېگەندەك يۇمىلاق نەرسە مەنىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پېئىللار ئۈچۈن بۇ سۆز قوللىنىلىدۇ ) . ئايەتتە كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ بىر -بىرىنىڭ ئۈستىنى ئورىشى (تەكۋىر ئېتىشى ) ھەققىدە بېرىلگەن ئۇچۇر يەنە دۇنيانىڭ شەكلى ھەققىدە ئېنىق بىر ئۇچۇرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالماقتا. پەقەت ۋە پەقەت دۇنيا يۇمىلاق بولغاندا بۇ ئايەتتە ئىپادىلەنگەن پېئىل راست بولغان بولىدۇ . يەنى 7-ئەسىردە نازىل بولغان قۇرئاندا دۇنيانىڭ يۇمىلاق ئىكەنلىكىگە بېشارەت بېرىلگەن.
ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، ئۇ دەۋردىكى ئاسترونومىيىلىك چۈشەنچىدە يەر شارى باشقىچە پەرەز قىلىناتتى . ئۇ دەۋردە يەر شارى تۈز بىر تەكشىلىك دەپ چۈشىنىلەتتى ۋە بارلىق ھېساب ۋە چۈشەندۈرۈشلەرمۇ شۇنىڭغا قارىتا بولاتتى. ھالبۇكى قۇرئان ئاللاھنىڭ سۆزى بولغانلىقتىن، ئالەمنى تەرىپلىگەندە مۇمكىنقەدەر ئەڭ ياخشى چۈشەندۈرگۈچى سۆزلەر قوللىنىلغان . بىز تېخى يېقىنقى ئەسىردە بىلگەن بۇ بىلىملەر قۇرئان ئايەتلىرىدە 1400 يىل ئاۋۋال خەۋەر بېرىلمەكتە.

ئاتموسفىرا قاتلاملىرى
ئاسماننىڭ يەتتە قەۋەتلىك تۈزۈلگەنلىكى قۇرئان ئايەتلىرىدە ئالەم ھەققىدە بېرىلگەن ئۇچۇرلاردىن بىرىدۇر.
[ ئاللاھ يەر يۈزىدىكى ھەممە نەرسىلەرنى سىلەر (نىڭ پايدىلىنىشىڭلار ) ئۈچۈن ياراتتى، ئاندىن ئاسماننى يارىتىشقا يۈزلىنىپ، ئۇنى قۇسۇرسىز يەتتە ئاسمان قىلىپ تاماملىدى . ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر ] (« بەقەرە »سۈرىسى، 29 -ئايەت) .

[ ئاندىن ئۇ ئاسماننى (يارىتىشقا) يۈزلەندى، ھالبۇكى، ئۇ تۇمان ھالىتىدە ئىدى... ئاللاھ يەتتە ئاسماننى ئىككى كۈندە ياراتتى . ھەر ئاسماننىڭ ئىشىنى ئۆزىگە بىلدۈردى (يەنى ھەر ئاسماننىڭ ئېھتىياجلىق ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى ) ... ] ( « فۇسسىلەت » سۈرىسى، 12 -،11-ئايەت )
يەتتە ئاسمان سۆزى ئالەمنى ئىپادىلەش ئۈچۈن قوللىنىلغىنىدەك، دۇنيا ئاسمىنىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈنمۇ قوللىنىلىدۇ . يەنى مەزكۇر سۆزنىڭ بۇ مەنىسىدىن ئاسماننىڭ يەتتە قاتلامدىن تۈزۈلگەنلىك يەكۈنى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. بۈگۈن دۇنيا ئاتموسفىراسىنىڭ ھەقىقەتەن ئۈستى -ئۈستىگە تىزىلغان پەرقلىق قاتلاملاردىن شەكىللەنگەنلىكى بىلىنمەكتە . خېمىيىلىك تەركىپ ۋە ياكى ھاۋا ئىسسىقلىقى ئۆلچەم قىلىنىپ ئېلىپ بېرىلغان ئېنىقلاشلاردا دۇنيا ئاتموسفىراسى يەتتە قاتلام دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى . بۈگۈن 48 سائەتلىك ھاۋا رايى تەخمىنلىرىدە قوللىنىلىۋاتقان ۋە “ Limited Fine Mesh Model “ دەپ ئاتىلىدىغان ئاتموسفىرا مودېلىغا ئاساسلانغاندىمۇ ئاتموسفىرا يەتتە قاتلامدۇر. زامانىۋى مېترولوگىيە چۈشەندۈرۈشلىرىگە ئاساسلانغاندا ئاتموسفىرانىڭ يەتتە قاتلىمى شۇ شەكىلدە رەتكە تۇرغۇزۇلماقتا :
1 – تروموسفىرا، 2- ستراموسفىرا، 3- مېزوسفىرا، 4- تېرموسفىرا، 5 -ئېكزوسفىرا، 6- ئىيونموسفىرا، 7- ماگنېتموسفىرا

بىخەتەر ئۆگزە
قۇرئاندا ئاللاھ ئاسماننىڭ ئىنتايىن مۇھىم بىر ئالاھىدىلىكىنى ئېيتىدۇ : [ ئاسماننى بىز بىخەتەرئۆگزە قىلدۇق، ھالبۇكى، ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار ) ئاسماندىكى (كۈن، ئاي، يۇلتۇزلارغا ئوخشاش ئاللاھنىڭ بارلىقىنى ۋە ئۇنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان ) ئالامەتلەردىن غەپلەتتىدۇر ] (« ئەنبىيا » سۈرىسى، -32 ئايەت).

ئاسماننىڭ ئايەتتە بىلدۈرۈلگەن بۇ ئالاھىدىلىكى 20 – ئەسىردىكى ئىلمىي تەتقىقاتلار ئارقىلىق ئىسپاتلاندى. دۇنيانى تولۇق چۆرىدىگەن ئاتموسفىرا ھاياتلىقنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن ئىنتايىن زور ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلايدۇ . يەر شارىغا ئۇدۇل يېقىنلىشىپ كەلگەن چوڭ-كىچىك نۇرغۇن مېتورىتنى ئېرىتىپ يوق قىلىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ يەر يۈزىگە چۈشۈپ جانلىقلارغا زور زىيان يەتكۈزۈشىنى توسىدۇ.
ئاتموسفىرا يەنە ئالەمدىن كەلگەن ۋە جانلىقلار ئۈچۈن زىيانلىق نۇرلارنى سۈزىدۇ. ئاتموسفىرانىڭ بۇ ئالاھىدىلىكىنىڭ ئەڭ ئاجايىپ يېرى شۇكى، ئاتموسفىرا پەقەت زىيانسىز مىقتاردىكى نۇرلارنى، يەنى كۆرۈنىدىغان نۇر، ئىنفىرا قىزىل نۇر ۋە راد ىئو دولقۇنلىرىنى ئۆتكۈزىدۇ . بۇلارنىڭ ھەممىسى ھاياتلىق ئۈچۈن زۆرۈر نۇرلاردۇر . مەسىلەن، ئاتموسفىرا تەرىپىدىن بەلگىلىك مىقتاردا ئۆتۈشىگە رۇخسەت بېرىلگەن ئۇلترا بىنەپشە نۇرلار ئۆسۈملۈكلەرنىڭ فوتوسېنتېز رولى ۋە بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن جانلىقلارنىڭ ھايات قېلىشى نۇقتىسىدىن غايەت چوڭ رول ئوينايدۇ. قۇياش تەرىپىدىن چېچىلغان شىددەتلىك ئۇلترابىنەپشە نۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى ئاتموسفىرانىڭ ئوزون قاتلىمىدا سۈزۈلىدۇ ۋە دۇنيا يۈزىگە ھاياتلىق ئۈچۈن كېرەكلىك ئاز بىر قىسمى يېتىپ كېلىدۇ.
ئاتموسفىرانىڭ قوغداش ئالاھىدىلىكى بۇنىڭ بىلەنلا قالمايدۇ . ئالەمنىڭ تەخمىنەن نۆلدىن تۆۋەن 270 دەرىجىلىك ئۈششۈتكۈچى سوغۇقىدىن يەر شارى يەنە ئاتموسفىرا ئارقىلىق ساقلىنىدۇ.
دۇنيانى زىيانلىق تەسىرلەردىن ساقلايدىغان يالغۇز ئاتموسفىرالا ئەمەس.
ئاتموسفىرا بىلەن بىللە ”ۋان ئاللەن بەلباغلىرى“ دېيىلىدىغان، يەر شارىنىڭ ماگنېت مەيدانىدىن مەنبەلەنگەن بىر قاتلاممۇ پىلانېتامىزغا كەلگەن زىيانلىق نۇرلارغا قارشى بىر قالقان ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. قۇياشتىن ۋە باشقا يۇلتۇزلاردىن داۋاملىق چېچىلىدىغان بۇ نۇرلار ئىنسانلار ئۈچۈن ھالاكەت ئېلىپ كېلىدىغان كۈچكە ئىگە . بولۇپمۇ قۇياشتا پات -پات مەيدانغا كېلىدىغان ۋە ”چاقناش“ نامى بېرىلگەن ئېنىرگىيە پارتلاشلىرى ئەگەر ۋان ئاللەن بەلباغلىرى بولمىسا دۇنيادىكى پۈتكۈل ھاياتلىقنى يوق قىلالايدۇ. ۋان ئاللەن بەلباغلىرىنىڭ ھاياتىمىزدىكى مۇھىملىقىنى دوكتور ھۇگ روس مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ : يەر شارى قۇياش سىستېمىسىدىكى پىلانېتالار ئارىسىدا ئەڭ يۇقىرى زىچلىققا ئىگە. يەرشارىدىكى بۇ چوڭ نېكىل-تۆمۈر يادروسى چوڭ بىر ماگنېتلىق مەيدانغا مەسئۇل . بۇ ماگنېت مەيدانى ۋان ئاللەن رادىياتسىيىسىنىڭ قوغدىغۇچى قاتلىمىنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ . بۇ قاتلام يەر يۈزىنى رادىئاتسىيە بومباردىمانىدىن قوغدايدۇ . ئەگەر بۇ قوغدىغۇچى قاتلام بولمىسا ئىدى، دۇنيادا ھاياتلىق مەۋجۇت بولمايتتى. ماگنېت مەيدانى بولغان ۋە قىيالىق يەرلەردىن شەكىللەنگەن يەنە بىر پىلانېتا مېركۇرىدۇر . لېكىن مېركۇرىنىڭ ماگنېت مەيدانى كۈچى يەر شارىنىڭكىدىن 100 ھەسسە ئاز. ۋان-ئاللەن رادىئاتسىيە قورۇغۇچى قاتلىمى يەر شارىغىلا خاس.

ئۆتكەن يىللاردا ئىنىقلانغان (قۇياشتىكى) بىر پارتلاشتا چىققان ئېنىرگىيەنىڭ (ياپونىيەدىكى) خىرۇسما ئارىلىغا ئېتىلغان ئاتوم بومبىسىدەك 100 مىليارد ئاتوم بومبىسىغا تەڭ ئىكەنلىكى ھېسابلاندى . پارتلاشتىن 58 سائەت كېيىن كومپاسنىڭ سىترېلكىلىرىدا زىيادە ھەرىكەتلەر كۆرۈلگەن . دۇنيا ئاتموسفىراسىنىڭ 250 كىلومېتىر ئۈستىدە ئىسسىقلىق بىراقلا ئۆرلەپ 2500 سېلسىيە گردۇسقا چىققان. قىسقىسى يەر شارى ئۈستىدە ئۇنى ئوراپ تۇرغان ۋە تاشقى خەۋپ -خەتەردىن قوغدايدىغان مۇكەممەل بىر سىستېما خىزمەت قىلىدۇ . دۇنيانى ئورىغان ئاسماننىڭ بۇ قوغدىغۇچى قالقانلىق ئالاھىدىلىكىنى ئاللاھ ئەسىرلەر ئاۋۋال قۇرئاندا بىزگە بىلدۈرگەن.

قايتۇرغۇچى ئاسمان
« قۇرئان كەرىم » دە « تارىق » سۈرىسىنىڭ 11 -ئايىتىدە ئاسماننىڭ قايتۇرغۇچى ئالاھىدىلىكى مۇنداق تىلغا ئېلىنىدۇ :
[ قايتۇرۇشچان ئاسمان بىلەن قەسەمكى ] (« تارىق »سۈرىسى، 11 – ئايەت)

قۇرئان تەرجىمىلىرىدە ”قايتۇرۇشچان“ دەپ تەرجىمە قىلىنغان ”رەجى “ سۆزى ”كەينىگە چۆرىگەن ياكى قايتۇرغان “ مەنىسىدە كېلىدۇ. مەلۇم بولغىنىدەك، دۇنيانى ئورىغان ئاتموسفىرا بەك چوڭ قاتلامدىن تەشكىل تاپىدۇ . ھەر قاتلامنىڭ جانلىقلارغا پايدىلىق مۇھىم بىر ۋەزىپىسى بار . تەھلىل قىلىنغىنىدا، ھەر قاتلامنىڭ ئۆزىگە يېتىپ كەلگەن ماددا ياكى نۇرلارنى ئالەمگە ياكى يەر يۈزىگە قايتۇرىدىغان ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بارلىقى مەلۇم بولغان . بۇ يەردە ئاتموسفىرا قاتلاملىرىنىڭ قايتۇرغۇچى ئالاھىدىلىكىنى بىر قانچە مىسال بىلەن تەھلىل قىلايلى.
مەسىلەن، 15-13 كىلومېتىر ئېگىزلىكتىكى ئاتموسفىرا قاتلىمى يەر يۈزىدىن ئۆرلىگەن سۇ ھورلىرىنىڭ زىچلىشىپ يامغۇر بولۇپ يەرگە قايتىشىنى ساقلايدۇ. 25 كىلومېتىر ئېگىزلىكتىكى سىتراتوسفىرانىڭ ئاستىنقى قاتلىمى بولغان ئوزونوسفىرا ئالەمدىن كەلگەن رادىئاسيون ۋە ئۇلتىرابىنەپشە نۇرلارنى چېچىپ ئۇنىڭ يەر يۈزىگە يېتىپ كەلمەستىنلا ئالەمگە قايتۇرۇلۇشىنى ساقلايدۇ. ئىئونوسفىرا قاتلىمى يەر يۈزىدىن تارقىتىلغان رادىئو دولقۇنلىرىنى بىر سۈنئىي ھەمراھقا ئوخشاش يەر يۈزىنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىغا قايتۇرۇپ، سىمسىز تېلېفون، رادىئو ۋە تېلىۋىزىيە تارقىتىشلىرىنىڭ ئۇزاق مۇساپىلەردىمۇ قوبۇللىنالىشىنى ساقلايدۇ. ماگنېتوسفىرا قاتلىمى بولسا قۇياشتىن ۋە باشقا يۇلتۇزلاردىن تارقالغان زىيانلىق رادىئوئاكتىپ پارچىلارنى يەر يۈزىگە بارغۇزماستىن ئالەمگە قايتۇرىدۇ.
ئاسمان قاتلاملىرىنىڭ تېخى يېقىنقى زاماندا بايقالغان بۇ ئالاھىدىلىكىنىڭ ئەسىرلەر ئاۋۋال قۇرئاندا بىلدۈرۈلۈشى قۇرئاننىڭ ئاللاھنىڭ سۆزى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىماقتا.

يەر قاتلاملىرى
قۇرئاندا يەرگە مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلاردىن بىرى يەرنىڭ ئاسمانغا ئوخشاش يەتتە قات ئىكەنلىكىدۇر.
[ ئاللاھ يەتتە ئاسماننى ياراتتى، زېمىننىمۇ ئاسمانلارغا ئوخشاش (يەنى يەتتە قىلىپ) ياراتتى، ئاللاھنىڭ ئەمرى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا جارى بولۇپ تۇرىدۇ ، (سىلەرگە بۇنى بىلدۈرۈشۈم ) ئاللاھنىڭ ھەممىگە قادىر ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللاھنىڭ ھەممە نەرسىنى تولۇق بىلىدىغانلىقىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر ] ( « تەلاق » سۈرىسى، 12 -ئايەت).
يۇقىرىقى ئايەتتە ئالاھىدە بېرىلگەن بۇ مەلۇماتقا ئىلمىي مەنبەلەردە ئورۇن بېرىلمەكتە ۋە يەرنىڭ يەتتە قاتلامدىن شەكىللەنگەنلىكى چۈشەندۈرۈلمەكتە .
ئالىملار رەتكە تۇرغۇزغان بۇ قاتلاملار مۇنداق :
: 1 -قات : لىتوسفېرا (سۇ) ؛ 2-قات : لىتوسفېرا (قۇرۇقلۇق)؛ 3 – قات : ئاستېنوسفېرا؛ 4 – قات : ئۈست پوستلاق؛ 5- قات : ئاست پوستلاق؛ 6- قات : تاشقى يادرو : 7 – قات :ئىچكى يادرو.

پەقەت 20 -ئەسىردىكى تېخنىكا بىلەن ئېنىقلانغان يەر قاتلاملىرى بىلەن ئاسماننىڭ ئوخشاش يەتتە قاتلام ئىكەنلكىنىڭ قۇرئاندا بىلدۈرۈلۈشى، شەك – شۈبھىسىزكى، قۇرئاننىڭ ناھايىتى كۆپ ئىلمىي مۆجىزىلىرىدىن بىرىدۇر.

تاغلارنىڭ ۋەزىپىسى
قۇرئاندا تاغلارنىڭ مۇھىم بىر گىئولوگىيىلىك رولى ئالاھىدە ئېيتىلماقتا : [ يەر تەۋرەپ ئۇلارنىڭ خاتىرجەمسىز بولماسلىقى ئۈچۈن، بىز زېمىندا تاغلارنى ياراتتۇق، ئۇلارنى (سەپەردە ) كۆزلىگەن مەقسەتلىرىگە يېتىۋالسۇن دەپ، تاغلاردا كەڭ يوللارنى ياراتتۇق ] (« ئەنبىيا » سۈرىسى، 31 -ئايەت).
دىققەت قىلىنسا، ئايەتتە تاغلارنىڭ يەر تەۋرەشنىڭ ئالدىنى ئالغۇچى ئالاھىدىلىكى بارلىقى خەۋەر بېرىلمەكتە . قۇرئان نازىل بولغان دەۋردە ھېچبىر ئىنسان تەرىپىدىن بىلىنمىگەن بۇ ھەقىقەت ھازىر زامانىۋى گىئولوگىيىلىك بايقاشلار نەتىجىسىدە ئاشكارىلاندى. بۇرۇندىنلا تاغلار پەقەت يەر يۈزىدىكى ئېگىزلىكلەر دەپ قارىلاتتى. لېكىن ئالىملار تاغلارنىڭ پەقەت تەكشىلىكتىكى ئېگىزلىكلەر ئەمەسلىكىنى، ”تاغ يىلتىزى“ نامى بېرىلگەن قىسىملىرىنىڭ قايسى زامانلاردۇر ئۆز ئېگىزلىكىدىن 10 – 15 ھەسسىگىچە يەر ئاستىغا ئۇدۇل سوزۇلغانلىقىنى بايقىدى. بۇ ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن تاغلار خۇددى بىر مىقنىڭ ياكى قۇزۇقنىڭ چېدىرنى يەرگە چىڭ باغلىشىغا ئوخشاش بىر رولغا ئىگە . مەسىلەن، چوققىسى يەر يۈزىدىن 9 كىلومېتىر ئېگىز بولغان ھىمالايا تېغىنىڭ 125 كىلومېتىردىن ئۇزۇن يىلتىزى بار .

يەنە ھازىرمۇ ئامېرىكا پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ باشلىقى بولغان فرانىك پرېسنىڭ دۇنيا مىقياسىدا ناھايىتى كۆپ ئۇنىۋېرستېتتا دەرسلىك قىلىنىپ ئوقۇتۇلىدىغان « دۇنيا » ناملىق كىتابىدا تاغلارنىڭ قۇزۇق شەكلىدە ئىكەنلىكى ۋە يەرگە قېقىلغاندەك تۇرىدىغانلىقى ئىپادىلەنمەكتە. باشقا قۇرئان ئايەتلىرىدە بولسا تاغلارنىڭ شۇ رولى ”قوزۇق“ قا ئوخشىتىلىپ مۇنداق بېشارەت بېرىلىدۇ : [ زېمىننىڭ ئۈستىدە مۇقىملىشىشىڭلار ۋە كەڭ تۈلەڭلىكلەردە ( زىرائەت تېرىپ پايدىلىنىشىڭلار ئۈچۈن ) زېمىننى بىسات قىلىمىدۇقمۇ؟ (زېمىننىڭ تەۋرەپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ) تاغلارنى قوزۇق قىلمىدۇقمۇ؟ ] ( « نەبە »سۈرىسى، 6-7-ئايەت )

يەنە بىر باشقا ئايەتتە ئاللاھ [ تاغلارنى (زېمىندا) مۇقىم قىلدى ] (« نازىئات »سۈرىسى، 32 -ئايەت) دەپ بىلدۈرمەكتە. بۇ ئايەتتە ئۇچرايدىغان ”ئەرسايھا“ سۆزى ”يىلتىزلىق قىلدى، مۇقىم قىلدى، تۆمۈرلىدى، يەرگە قاقتى “ مەنىسىدە كەلمەكتە . بۇ ئالاھىدىلىكلىرى ئارقىلىق تاغلار يەر قاتلاملىرىنىڭ تۇتىشىش نۇقتىلىرىدا يەر يۈزى ۋە يەر ئاستىغا ئۇدۇل سوزۇلۇپ بۇ قاتلاملارنى بىر – بىرىگە مىقلايدۇ. مۇشۇنداق قىلىپ يەر پوستىنى مۇستەھكەملەپ، ئۇنىڭ ماگما قاتلىمى ئۈستىدە ياكى ئۆز قاتلاملىرى ئارىسىدا قېيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . قىسقىسى، تاغلارنى تاختايلارنى مۇقىم تۇتاشتۇرۇپ تۇرغان مىقلارغا ئوخشىتالايمىز. بۈگۈن بىلىمىزكى، يەرنىڭ تاش جىنسلىق سىرتقى قاتلىمى چۆكۈپ (چوڭقۇر قېيىپ ) يېرىلغان ھەمدە ئېرىگەن ماگما ئۈستىدە پارچىلانغان . يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقى ئەتراپىدىكى ئايلىنىش تېزلىكى ناھايىتى يۇقىرى بولغانلىقتىن، ئەگەر تاغلارنىڭ مۇقىملاشتۇرغۇچى تەسىرى بولمىسا ئۇ پارچىلار ھەرىكەت ھالىتىدە بولاتتى. بۇنداق ئەھۋالدا يەر يۈزىدە تۇپراق بىرىكەلمەيتتى، تۇپراقتا ھېچ سۇ زاپىسى بولمايتتى، ھېچبىر ئۆسۈملۈك بىخ چىقىرالمايتتى، ھېچبىر يول، ئۆي قۇرۇلۇشى قىلغىلى بولمايتتى؛ قىسقىسى دۇنيادا ھاياتلىق مەۋجۇت بولالمايتتى . مۇشۇ سەۋەب بىلەن تاغلار ئاللاھنىڭ بىر رەھمىتى سۈپىتىدە مىخلارغا ئوخشاش ۋەزىپە ئۆتەپ، قىتئەسىمان يىغىندىلارنى ئوكيان قاتلاملىرىغا ئۇدۇل تۇتاشتۇرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى توختىتىدۇ.
كۆرۈلگىنىدەك، تاغلارنىڭ زامانىۋى گىئولوگىيىلىك ۋە يەر تەۋرەش تەتقىقاتلىرى نەتىجىسىدە بايقالغان ناھايىتى چوڭ بىر ھاياتىي رولى ئەسىرلەر ئاۋۋال نازىل بولغان « قۇرئان كەرىم » دە ئاللاھنىڭ يارىتىشىدىكى يۈكسەك ھېكمەتكە بىر ئۆرنەك سۈپىتىدە بېرىلگەن. يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دېيىلگەن :
[ ... يەر تەۋرەپ سىلەرنى خاتىرجەمسىز قىلمىسۇن دەپ، يەردە تاغلارنى ئورناتتى ...] ( « لوقمان » سۈرىسى، 10 -ئايەت).

تاغلارنىڭ ھەرىكەتلىنىشى
تاغلارنىڭ كۆرۈنۈشتىكىدەك تۇرغۇن ئەمەسلىكى، داۋاملىق ھەرىكەت ھالىتىدە بولىدىغانلىقى بىرئايەتتە مۇنداق بىلدۈرۈلمەكتە :
[ تاغلارنى تۇرغۇن ھالەتتە گۇمان قىلىسەن، ھالبۇكى، ئۇلار بۇلۇتتەك چۆگىلەپ تۇرىدۇ ... ] تاغلارنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئۇلار جايلاشقان يەر پوستىنىڭ ھەرىكىتىدىن كېلىدۇ. يەر پوستى ئۆزىدىن تېخىمۇ زىچ بولغان پوستلاق قاتلىمى ئۈستىدە خۇددى سۇ ئۈزۈۋاتقاندەك ھەرىكەتلىنىدۇ.20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان گىئولوگىيىلىك تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە بايقالغان يەر پوستىنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئىلمىي مەنبەلەردە مۇنداق چۈشەندۈرۈلمەكتە : يەر پوستى ۋە ئۈست پوستلاقتىن تەشكىل تاپقان 100 كىلومېتىر قېلىنلىقتىكى يەر يۈزى ”قاتلام“ نامى بېرىلگەن پارچىلاردىن شەكىللەنگەن.”قاتلام بىلىمى“ نامى بېرىلگەن تىئورمىغا ئاساسلانغاندا، بۇ قاتلاملار قىتئەلەرنى ۋە ئوكيان تېگىنىمۇ بىللە يۆتكەپ يەر شارىدا ھەرىكەتلىنىدۇ… قىتئەلەر ھەرىكىتىنىڭ يىلدا 1 بىلەن 5 سانتېمېتېر ئەتراپىدا ئىكەنلىكى ھېسابلاندى . قاتلاملار بۇ شەكىلدە ھەرىكەتلەنگەنچە دۇنيا جۇغراپىيىسىدە ئۆزگىرىشلەر مەيدانغا كېلىدۇ . مەسىلەن، ئاتلانتىك ئوكيان ھەر يىلى بىر ئاز كېڭەيمەكتە. بۇ يەردە دېمەكچى بولغان يەنە بىر مۇھىم نۇقتا شۇ : ئاللاھ ئايەتتە تاغلارنىڭ ھەرىكىتىنى ”يۆتكەلمەك، سىلجىماق“ دەپ بىلدۈرگەن. دەرۋەقە ئالىملارنىڭ بۈگۈن بۇ ھەرىكەت ئۈچۈن قوللانغان ئىنگىلىزچە ئاتالغۇمۇ يەنى ”قىتئەلەر يۆتكىلىشى“ دۇر. ”Continetal Drift“

ۋاقىتنىڭ نىسپىيلىكى
ۋاقىتنىڭ نىسبىيلىكى بۈگۈن ئىلمىي بىر ھەقىقەتتۇر . لېكىن بۇ ھەقىقەت ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئېينىشتىيىننىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيىسى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇ چاغقا قەدەر ئىنسانلار ۋاقىتنىڭ نىسبىي بىر ئۇقۇم ئىكەنلىكىنى، ماكانغا بېقىپ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى . ئەمما مەشھۇر ئالىم ئېينىشتىيىن نىسبىيلىك نەزەرىيىسى ئارقىلىق ۋاقىتنىڭ ھەجىم ۋە تېزلىككە باغلىق بىر ئۇقۇم ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى . ئىنسانىيەت تارىخىدا ھېچكىم بۇ مەسىلىنى ئوچۇق دېيەلمىگەنىدى.
بىرلا ئىستىسنا بار : قۇرئاندا زاماننىڭ نىسپىي ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان مەلۇماتلار بېرىلگەن. بۇ ھەقتىكى ئايەتلەرنى مۇنداق رەتكە تۇرغۇزالايمىز :
[ ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدىكى بىر كۈن سىلەر سانايدىغان مىڭ يىلچىلىكتۇر ...] ( « ھەج » سۈرىسى، 47 -ئايەت) .

[ ئاللاھ ئاسماندىن زېمىنغىچە بولغان (مەخلۇقاتنىڭ)ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىپ تۇرىدۇ، ئاندىن ئۇ ئىشلار ئۇزۇنلۇقى سىلەر ساناۋاتقان مىڭ يىلدەك كېلىدىغان بىر كۈندە ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ئۆرلەيدۇ ] (« سەجدە »سۈرىسى، -5 ئايەت).

[ پەرىشتىلەر ۋە روھ (يەنى جىبرىئىل) ئاللاھقا شۇنداق بىر كۈندە ئۆرلەيدۇكى، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 50 مىڭ يىل كېلىدۇ ] (« مائارىج » سۈرىسى، 4-ئايەت) .
610 – يىلدا نازىل قىلىنىشقا باشلىغان قۇرئاندا ۋاقىتنىڭ نىسپىيلىكىنىڭ مۇنداق ئوچۇق بىر شەكىلدە بايان قىلىنىشى ئۇنىڭ ئىلاھى بىر كىتاب ئىكەنلىكىنىڭ يەنە بىر دەلىلىدۇر.

يارىتىلىشتىكى جۈپلۈكلەر
[ ئاللاھ (پۈتۈن ئەيب -نۇقسانلاردىن ) پاكتۇر، ئۇ پۈتۈن شەيئىلەرنى جۇپ ياراتتى. زېمىندىن ئۈنۈپ چىقىدىغان نەرسىلەرنىڭ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ۋە ئۇلار بىلمەيدىغان نەرسىلەر (يەنى ئاجايىپ مەخلۇقاتلار ) نىڭ ھەممىسىنىڭ جۇپتى بار ] (« ياسىن » سۈرىسى، 36 -ئايەت).
ئەركەك – چىشىلىق ”جۈپلۈك“ ئۇقۇمىنىڭ بىر تەڭدىشى بولۇش بىلەن بىرگە، ئايەتتە دېيىلگەن ”ئۇلار بىلمەيدىغان نەرسىلەر “ سۆزى تېخىمۇ كەڭ چۈشەنچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالماقتا. ھەقىقەتەن بىز بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئايەت بېشارەت بەرگەن چۈشەنچىلەردىن بىرىگە دۇچ كەلمەكتىمىز . ماددىنىڭ جۈپلەر ھالىتىدە يارىتىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىنگىلىز ئالىمى پائۇل دىراچ 1933-يىلى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن . ”پارىتە “ نامى بېرىلگەن بۇ بايقاش ماددىنىڭ ئانتى (قارشى)- ماددا دېيىلىدىغان بىر جۈپتى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئانتى ماددا ماددىنىڭ ئەكسى خۇسۇسىيەتلىرىگە ئىگە. مەسىلەن، ماددىنىڭ ئەكسىچە ئانتىماددىنىڭ ئېلىكترونلىرى مۇسبەت، پروتونلىرى مەنفىدۇر. بۇ ئەمەلىيەت بىر ئىلمىي ماتېرىيالدا مۇنداق ئىپادىلەنمەكتە :
”ھەر بىر كىچىك پارچىنىڭ زىت ھالدا بىر ئانتى پارچىسى بار . (ئۇلارنىڭ) تەرتىپسىزلىك مۇناسىۋىتى بىزگە بۇ جۈپلەرنىڭ بار بولۇشى ۋە يوق بولۇشىنىڭ ھەر يەردە، ھەر چاغدا ئوخشاش ۋاقىتتا شەكىللەنگەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە “ .
يارىتىلىشتىكى جۈپلۈكلەرگە يەنە بىر ئۆرنەك — ئۆسۈملۈكلەردۇر.
بوتانىكىچىلار ئۆسۈملۈكلەردە جىنس ئايرىمىسىنىڭ بارلىقىنى پەقەت 100 يىل ئاۋۋال بايقىيالىدى. ھالبۇكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ جۈپلۈكلەر ھالىتىدە يارىتىلغانلىقى « قۇرئان كەرىم » دە 1400 يىل ئىلگىرى تۆۋەندىكى ئايەتلەردە ئوچۇق بىلدۈرۈلگەن :
[ ئاللاھ ئاسمانلارنى تۈۋرۈكسىز ياراتتىكى، سىلەر ئۇنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىسىلەر، يەر تەۋرەپ سىلەرنى خاتىرجەم قىلمىسۇن دەپ، يەردە تاغلارنى ئورناتتى، زېمىندا تۈرلۈك جاندارلارنى تاراتتى، بۇلۇتتىن يامغۇر سۈيىنى چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن زېمىندا تۈرلۈك پايدىلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردۇق ] (« لوقمان » سۈرىسى، 10 -ئايەت) .

[ ئۇ زېمىننى سىلەرگە بىسات قىلىپ بەردى، سىلەر ئۈچۈن نۇرغۇن يوللارنى ئېچىپ بەردى، بۇ لۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردى ] ( « تاھا » سۈرىسى، 53 -ئايەت ) .


ئاخىرى داۋاملىق يوللىنىدۇ ...

ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىياخشى باھا مۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
UYGURUGLI + 100 داۋامىنى تىزراق يۇللى.
مەلىكە + 1000 داۋامىنى ساقلايمەن، كۆپ تەشەككۈر
Uyghun + 30 ئاخىرغىچا

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 1030  مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

ھەممىمىز ئىمتىھان مەيدانىدا ، يەنە كېلىپ ئوچۇق ئىمتىھان مەيدانىدا .بىز پەقەت ئوخشىمىغان تەسەۋۋۇردىكى  بىرلا نەتىجىنى كۈتىۋاتىمىز .  ‹‹www.bildur.net››

ئىملاغا دىققەت ق

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6279
يازما سانى: 804
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 10220
تۆھپە نۇمۇرى: 800
توردا: 5353 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-10 07:57:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇرئاننى تەپەككۇر قىلىپ ئوقۇيدىغان بولساق نۇرغۇن سىرلارنى يەشكىلى بولىدىكەن، نۇرغۇن تۈگۈنلەرنى يەشكىىل بولىدىكەن، يۇقىرىقى قۇرلارنى ئوقۇپ بۇ توغرىسىدىكى چۈشەنچەمنىڭ ئانچە چوڭقۇر ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدىم، مانا بۇ قۇرئاننى قارىسىغىلا ئوقۇغاننىڭ «پايدىسى»

ئۈستۈنلۈك ئىزدىسەڭ ئاللا يېتەر، دەلىل ئىزدىسەڭ قۇرئان يېتەر. دوست ئىزدىسەڭ رەسۇلۇللا يېتەر، شەرەپ ئىزدىسەڭ ئىسلامىيەت يېتەر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43637
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 819
تۆھپە نۇمۇرى: 50
توردا: 1359 سائەت
تىزىم: 2011-6-8
ئاخىرقى: 2012-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-10 08:02:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلۋىلىشقا تىگىشلىك تىما ئىكەن . ئەجرىڭىزگە تەشەككۇر .

بۆرىنىڭ خىرىس قىلغىنىدىن،تۈلكىنىڭ ھىجايغىنى يامان!

ئۇيغۇر قىزلىرى پ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38587
يازما سانى: 133
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 706
تۆھپە نۇمۇرى: 106
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2011-4-24
ئاخىرقى: 2012-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-10 08:13:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۇنيادىكى ئەڭ مۇقەددەس موجىزىلەر دىسە بۇلدىغان موجىزىكەن رەھمەت سىزگە.

سەن ئەزرائېلنى ئۇنتۇپ قالغان بىلەن ،ئەزرائېل سىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43021
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 35
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 197 سائەت
تىزىم: 2011-6-3
ئاخىرقى: 2011-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-10 09:33:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۆۋە قىلايلى

دىنىمنىڭ ئۇستۇن

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34992
يازما سانى: 282
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2400
تۆھپە نۇمۇرى: 118
توردا: 3667 سائەت
تىزىم: 2011-3-23
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-10 10:42:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەنمۇ بىباھا ئەڭگۇشتەر بۇ ...
قانچە قىتىملاپ ئوقۇساممۇ قانمايمەن

دىنىمنىڭ ئۇستۇنلىكى  -مىنىڭ شان-شەرپىم

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14887
يازما سانى: 1584
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5697
تۆھپە نۇمۇرى: 974
توردا: 6944 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2012-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-10 10:42:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقۇغۇچىلا  بۇتېمىنى  تۆرگە ئولتاغۇزۇپ قويامسىلە ياكى  مەن  ياردەم قىلامدىم   

ﺍﷲ  رەھمەت قىلسۇن  دوستۇم   رەھمەت

گۇنا   قىلىپ  ھالى قالمىغاندا ئاندىن تۆۋەقىلدۇ  

ھەجەپ بىر ئېيتىلغانگەپكەن بۇ  ھەي ........

غەلبە ئۈچۈن چەكك

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3227
يازما سانى: 1502
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12976
تۆھپە نۇمۇرى: 452
توردا: 9741 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2012-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-10 11:11:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئىلگىرى بىر قېتىم ئوقۇغۇن ئىدىم ھەم ھەيران قالغان ،مۆجىزە دىگەن بەك جىقكەن قۇرئانى كېرەمدە

مايكول سىكوفيوت
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43270
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 209
تۆھپە نۇمۇرى: 1
توردا: 134 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2011-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-10 11:34:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئۇزنىڭ خاتالىغى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34113
يازما سانى: 178
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1735
تۆھپە نۇمۇرى: 150
توردا: 293 سائەت
تىزىم: 2011-3-16
ئاخىرقى: 2011-11-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-10 11:52:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىما ئىگسىگە كۇپتىن كۇپ رەخمەت نادىر تىما  پايدىلىنىش قىمىت كۇپكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30183
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1352
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 227 سائەت
تىزىم: 2011-2-13
ئاخىرقى: 2011-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-11 12:08:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھە قىقەتەن ئىسىل تىمىكەن رەخمەت سىزگە؟ئاللاھ قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىگەي

مەن گۇلگە ئامراق

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33575
يازما سانى: 482
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6943
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 2236 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-11 12:08:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ داۋاملق ئوقۇۋاتىمەن،ئىسىل بىلىملەركەن بىلىشىمىزگە، ئويلىشىمىزغا ت گىشلىك!رەخمەت سىزگە داۋامىنى داۋاملىق يوللىغايسز!

تۇرمۇش ئەتتىرگۇلزارلىق ئەمەس!

ئېي!مۇسۇلمان قېر

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43844
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 242
تۆھپە نۇمۇرى: 4
توردا: 34 سائەت
تىزىم: 2011-6-9
ئاخىرقى: 2011-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-11 12:27:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت  سىزگە   

جەننەت ئانىلارن

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40389
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 231
تۆھپە نۇمۇرى: 3
توردا: 104 سائەت
تىزىم: 2011-5-11
ئاخىرقى: 2011-6-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-11 07:58:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇئەلەيكۇم قىرىندىشىم،ھەقىقەتەن ياخشى تىما يوللاپسىز،ئەجىرىڭىزنى
ئاللاھ بەرسۇن.نۇرغۇن بىلىملەرنى بىلىۋالدۇق.

دىللار ئاللاھنى يات ئتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ.

ياردەم مەزمۇنى

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40834
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 217
تۆھپە نۇمۇرى: 49
توردا: 237 سائەت
تىزىم: 2011-5-15
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-5 11:09:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلۋىلىشقا تىگىشلىك تىما ئىكەن . ئەجرىڭىزگە تەشەككۇر

سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش